يانفۇن
يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى:
$ p. u* m. b! P5 R% ]( s: x& e$ o8 ?% T
گۆشلۈك، مايلىق تاماقلارنى دائىم كۆپ ئىستېمال قىلىش،ھەرىكەت قىلماسلىق، ئاخشىمى تاماق يەپلا ئۇخلاش، خىلىتلار تەمپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبلىرىدىن قاندىكى ماي پارچىلانماي، يىگەن ئوزۇقلۇقلار ئاسانلا مايغا ئۆزگىرىپ، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش، زىيادە سېمىزلىك، قان تۇمۇرلار توسۇلۇش، قان بېسىم ئۆرلەش، يۈرەك چوڭىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كلىنىكىدا كۆپىنچە باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، پۇت-قوللار قولىشىش، زېھنى چېچىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
% o3 e& |0 ]4 \+ v5 ?/ W
; i; Q/ g" W; Y7 F7 j0 A يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پىرىنسىپى:
# D. f5 Q% H, A+ J8 s7 y& ~0 x/ G9 F- T# w* K! s$ ~
لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئېنىرگىيىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش مىقدارىنى چەكلەپ، مايلارنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى زور دەرىجىدە كونترول قىلىش كېرەك. توسالغۇلارنى ئېچىپ، ماينى ئېرىتىدىغان يېمەكلىكلەردىن چىلان، ئەينۇلا، شاپتۇل قېقى، سايىكە ئۈزۈم، ئالما ۋە تەركىبىدە ۋىتامىنC مول بولغان يېڭى كۆكتاتلار، ئاشلىقلاردىن قۇناق، گۈرۈچ، تېرىق، بۇغداي، يېشىل پۇرچاق، نوقۇت قاتارلىقلارنى ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
, D0 H2 W# m( L9 e V% m2 m8 h2 i. e5 u3 o% m \) F s
يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان رىتسىپلار:
! {1 o4 f a& \
2 ]. w3 n9 g( g* A) x 1. قارا بۇغداي ئېشى: قارا بۇغداي ئېشى 100گرام، ياڭاق مېغىزى 50 گرام كاللەك بەسەي20 گرام، چىلان15دانە، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا. قارا بۇغداينى بىر كېچە سۇغا چىلاپ، ئاندىن ياڭاق مېغىزى، چىلاننى پاكىز تازىلاپ، يۇقىرىقى سۇغا بىر سائەت چىلاپ، كاللەك بەسەي بىلەن يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئاۋۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن سۇس ئوتتا ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، ئاخىرىدا قارا شېكەرنى سېلىپ ئاش تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.& B9 R# K( w% g7 @# k
6 o; E1 i( c. l# z 2. تەرخەمەك سالات: تەرخەمەك200گرام،تۇز10گرام، كۈنجۈت مېيى 2گرام، ئاچچىقسۇ100مىللىلېتىر. تەرخەمەكنى پاكىز تازىلاپ، كىچىك قىلىپ توغراپ، تۇز بىلەن ئاچچىقسۇنى تەڭشەپ، ئۇنىڭغا تەرخەمەكنى سېلىپ 30مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ، ئۈستىگە كۈنجۈت مېيىنى قوشۇپ تەييارلاپ، ناشتىدا نان بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنىدۇ.1 Y7 n, x$ g e9 P' d& w4 H2 \( H- [( \
1 d8 p# u6 [8 Y4 s) A* {8 E$ O* J8 S
3. راھەت ئىچىملىكى: سوقا چىلان، شاپتۇل قېقى، يۇمغاقسۈت30گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا چىلاپ، تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ، سۈيى كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.5 T/ O" T1 O3 L5 n
! H# @9 A& [9 q u( M( Y, Q' ?( j# l 4. چىلانما: ئاچچىقسۇ20مىللىلېتىر، جاڭيۇ10مىللىلېتىر، خام خاسىڭ مېغىزى، قارا شېكەر 10گرامدىن، سامساق 5گرام.خۇرۇچلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن جاڭيۇغا چىلاپ، ئون كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
! n5 u' w' R1 r9 N( ~! X
% R2 M2 q9 R2 y( a! d 5. ماي چۈشۈرۈش ئىچىملىكى: سايىكە ئۈزۈم15گرام، زىرىق15گرام، نۇقۇت40گرام، چىلان30گرام، شاپتۇل قېقى30گرام. ئاۋۋال نۇقۇتنى پوستىدىن ئايرىپ، قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىۋېلىپ، زىرىق، چىلان قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى قوشۇپ بىرگە قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە3~4قېتىم، كۈندە بىر قېتىم ئىسسىق-سوغۇق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
9 E) k2 w) B+ ~
A' p& b8 F I6. سۈتلۈك ئۇماچ: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، قازان قاينىغاندىن كېيىن 500گرام قۇناق ئۇنىنى بىر تەرەپتىن قۇچۇپ تۇرۇپ سېلىپ ئارلاشتۇرىلىدۇ، مونەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. پىشقاندىن كېيىن قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ 15مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ، ئاندىن ئالدىن قاينىتىلغان بىر لېتىر سۈتنى ئۈستىگە قويۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر ۋاق يەپ بېرىلىدۇ.% Z: v" d* e' X
- Y& n+ ]( v1 {7 y3 {
7. قۇناق يارمىسى ئېشى: قۇناق يارمىسى بىر كىلوگرام، مايسىز قوي گۆشى 300 گرام،چامغۇر، كاۋا ھەر بىرى 200گرامدىن، پىياز، شوخلا، تۇز، پالەك مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش ۋە كۆكتاتلارنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ پۇشۇرۇپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئوتنى سۇسلىتىپ، يارمىنى ئاز ئازدىن سېلىپ قاينىتىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، 15مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پۇشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئاساسىي تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
5 {( E2 V4 x0 @( {! x' P4 F+ w i2 r% X8 f
يېمەك-ئىچمەك پەرھىز ى:: P1 q, t7 R7 b* J3 D! h% x
, ~- x; k. |4 U; O% u/ X4 P
سېمىز گۆش، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇم سېرىقى، سېرىقماي، قوي يېغى قاتارلىق ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.- u. ^! n2 j' h. M9 P* G2 q
( j! M& X1 Q0 U! j, P(ئۇيغۇر تىبابېتى ئوزۇقلىق ئىلمى دەرسلىك كىتابىدىن پايدىلاندى)
2 g6 d6 H8 g# ^' K% e, r" Eئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |