3d
- g7 J* u: T8 y' v( ھېكايە )
/ z$ s4 L# v6 |( K, p) W$ ~* M2 I
روشەنگۈل ئابدۇراخمان3 R3 h% q! U( @& w* |9 g. m
2 ^# Z s% q! F بالىلىق چاغلىرىم. دادام بەزى كۈنلىرى ئىشتىن يېنىپ، توخۇ گۆشى، ماروژنى، گازىر – پۇرچاق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىپ، ‹‹ قوزىلىرىمغا قۇرۇق قول كەلگىم كەلمىدى، تاماقتىن كېيىن بۆلۈپ بېرىڭلا ئانىسى ›› دەپ ئانامغا بېرەتتى. بىز خۇشاللىقىمىزدىن سەكرىشىپ كېتەتتۇق. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، داستىخانغا قايتا ئولىشاتتۇق – دە، دادام ئېلىپ كەلگەن ‹‹ئولجا››نى بۆلۈشۈپ تېلېۋىزور كۆرگەچ مەززە قىلىشاتتۇق. ‹‹ئولجا›› دادام بىلەن ئانامنىڭ يانچۇقىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ گاھىدا كۆپ، گاھىدا ئاز بولاتتى. ئاز چاغلاردا دادام چاقچاق ئارىلاش ‹‹بالىلىرىم، پادىشاھچە تەقسىم قىلايمۇ، پۇقراچىمۇ؟›› دەپ سورايتتى. چوڭلىرىمىز ‹‹ پۇقراچە ›› دەپ ۋارقىرايتتۇق، چۈنكى دادام بىزگە ئەپەندىمنىڭ چۆچىكىدىكى پادىشاھچە تەقسىمات بىلەن پۇقراچە تەقسىماتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تالاي قېتىم سۆزلەپ بەرگەنىدى. پادىشاھچە تەقسىمات قىلغاندا پادىشاھنىڭ ‹‹ئولجا››نىڭ چوڭىنى يەيدىغانلىقىنى، پۇقرانىڭ كىچىكىنى يەيدىغانلىقىنى بىلەتتۇق، شۇڭا ھېچقايسىمىز بۇ تەقسىماتتىمۇ ‹‹پۇقرا›› بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتۇق.
6 i' ^1 ~/ R2 r6 v! y$ F& f7 Z B" W, ]
8 c G8 U$ V# E" Y# X- K; V بۈگۈنمۇ دادام ئادىتى بويىچە قولىدىكى ‹‹ئولجا››نى ئانامغا تۇتقۇزدى – دە، بىزگە قاراپ:
+ ]* [% X1 u% |8 z7 q9 R* W. @1 y8 S! M* a) m6 @3 l4 i8 p, R! ^
— سىلەرگە توخۇ گۆشى ئالغاچ كەلدىم، تاماقتىن كېيىن يەڭلار، – دېدى.: T- x3 v: y: S/ O3 v2 }
+ Z- |" m* K6 C7 z. d2 c7 l
‹‹ توخۇ؟! نېمىدىگەن ياخشى. دادام بۈگۈن چوقۇم مېنى كۆزدە تۇتقان گەپ...›› توخۇ گۆشىگە ئامراقلىقىمدىن بولسا كېرەك، قاچامدىكى ئۈگرىنى پۈۋلەپ ھاپىلا – شاپىلا ئىچتىم – دە، توخۇ گۆشىنى يېيىشكە ئالدىرىدىم. شۇڭىمىكىن، خىيالىمدا توخۇنى بۆلۈشكە باشلىدىم.& r8 s- e2 f1 a( O
3 v9 ^! z+ m- {" ]- @: q1 w توخۇ بىر، بىز يەتتە، قانداق بۆلۈش كېرەك؟ ھە تاپتىم، توخۇنىڭ تۆت پاچىقىنى تۆت چوڭ بالا يەيلى، ھەي، توخۇنىڭ قانچە پۇتى بار بولغىيتى؟ تۆتمۇ؟ ئىككىمۇ؟ ھەر قانچە ئويلاپمۇ ئىككى پۇتلۇق توخۇنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم، قوشنىمىزنىڭ توخۇسىنىڭ تۆت پۇتلۇق ماڭغان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتاتتى، خاتا ئەمەس، تۆت پۇتى بار، تۆت پۇتىنى بۆلۈپ بولدۇم، ئىككى قانىتىنى ئانام بىلەن دادام يېسۇن، باشقا ئەزالىرىنى ئانام كىچىك سىڭلىمغا چايناپ يېگۈزۈپ قويسۇن، چۈنكى سىڭلىم توخۇ گۆشىنى تۇتۇپ يېيەلمەيدۇ. مانا مېنىڭ نەزەرىمدىكى پۇقراچە تەقسىمات پۈتكەن ئىدى، ئەمدى توخۇ گۆشىنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتاتتىم، ئاخىرى توخۇ گۆشى داستىخانغا چىقتى، دادام پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى پارچىلاشقا تەييارلاندى، دادام توخۇ گۆشىنى قولىغا ئېلىۋېدى، توخۇنىڭ ئىككى پۇتى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى، ‹‹ ھەي، توخۇنىڭ قالغان ئىككى پۇتى قېنى؟ ›› ھەيران قالغانلىقىمدىن بولسا كېرەك ئاۋازىم سىرتىغا چىقىپ كېتىپتۇ، دادام دەرھال ماڭا قاراپ ھەيرانلىق ئىلكىدە: 0 h$ w9 D; Y" M, P& o
+ z9 O& ^- z) j9 a; t3 o3 [
— قىزىم، توخۇنىڭ نەچچە پۇتى بار؟ – دەپ سورىدى.
( f, S9 b3 E, H0 v: b4 M' x' y
6 @ e/ e; o; m+ {% Y3 A, x Q — تۆتقۇ؟ گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقماي قالدى، كاللامدا تۆت پۇتلۇق توخۇ بىلەن ئىككى پۇتلۇق توخۇ قاتتىق كۈرەش قىلىۋاتاتتى، قايسسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايۋاتاتتىم.
: b: V2 {/ \3 ~! O8 X! @6 T3 H
! \$ W/ Y7 a0 |" b- t; F — تېز بېرىپ ‹‹ئېلىپبە››رىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ، توخۇنىڭ زادى قانچە پۇتى بارلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن نېسىۋىڭىزنى يەڭ!
' V) n8 H& K3 u3 s& b! z# B0 Y; ]9 J6 Y2 n. q
توخۇ گۆشى يېيىشكە ئالدىرىغىنىمدىنمۇ ياكى كاللامدىكى سوئالغا جاۋاب تاپماقچى بولدۇممۇ، ئەيتاۋۇر چاقماق تېزلىكىدە رەسىملىك ‹‹ئېلىپبە››رىمنى تاپتىم – دە، ئۇنىڭدىكى ئىككى پۇتلۇق خورازنىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇ خوراز بويۇنلىرىنى سوزۇپ ‹‹ قى، قى، قىق، ئوبدان كۆرۈۋال جۇمۇ، مېنىڭ ئىككى پۇتۇم بار ›› دەپ مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك غادىيىپ تۇراتتى.+ R; Y" h& }5 i
7 J/ g# a% o: Y+ e) R' j- l' g
— ئىككى پۇتى باركەن دادا، دېدىم مەن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە قايىل بولمىغاندەك. 4 @# J: m# g/ v7 C
4 t2 K3 W0 e2 Y' i$ E i! b
— ھە، ئەمدى نېسىۋىڭىزنى يەڭ، – دېدى دادام ماڭا توخۇ پاچىقىنى سۇنۇپ.
& `) y. S$ Z! a0 T9 j" A6 q, C
! I3 U5 s) x1 H5 Z, ?2 I مەن توخۇنىڭ ئىككىلا پۇتى تۇرسا دادام قانداق تەقسىم قىلغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ، ھەممەيلەننىڭ نېسىۋىسىگە سەپسالدىم، ئىككى پاچاقنى ئاكام ئىككىمىزگە، ئىككى قاناتنى ئىككى چوڭ سىڭلىمغا بېرىپتۇ، توخۇنىڭ داق سۆڭىكى ئارىسىدىكى گۆشلەرنى بولسا ئانام تىتىپ ئېلىپ، ئاللىبۇرۇن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن كىچىك سىڭلىمغا ئېلىپ قويۇپتۇ.
. x _/ ~% v# {& Y& f4 o# ~7 t. A+ d- J. E7 x
— سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلەرچۇ؟ – دېدىم مەن دادام بىلەن ئانامنىڭ ئالدىدىكى توخۇ بوينىغا قاراپ.) ]3 H6 Y8 y4 @" I' U D; c
0 J8 O3 ?! h* S4 N% \( B, X
— بىزنىڭ قورسىقىمىز توق بالام، يەنە كېلىپ داداڭ ئىككىمىز توخۇ بوينىغا ئامراق، شۇنداقمۇ دادىسى، – دېدى ئانام دادامغا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ.
/ Y+ x6 c( T* [1 c' D; v1 L+ `# y Q. W5 P* G0 W
توخۇ پاچىقىنى يەۋاتاتتىم، كاللامدا يەنە شۇ تۆت پۇتلۇق توخۇ بىلەن ئىككى پۇتلۇق توخۇ سوقۇشۇۋاتاتتى. دادام بىلەن ئانامنىڭ توخۇ بوينى يېگەنلىكىگە قاراپ توخۇنىڭ ئىككى پۇتلۇق بولۇپ قالغىنىغا ئاچچىقلاپمۇ يۈردۈم.- N" R/ ?" g& S1 y! Q2 E; Q; w m
7 d. x% \$ Z1 f0 N
يىللار ئۆتتى، ھەممىمىز چوڭ بولۇپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھەر يەر، ھەر يەرگە كەتتۇق، ئانام بىلەن دادام يالغۇز قالدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا – ئانامنى كۆرگىلى يۇرتۇمغا باردىم، ئاتا – ئانام بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇردۇم، داستىخاندا يەنە بىر توخۇ گۆشى بار ئىدى، بۇ قېتىم بۇ توخۇ گۆشىنى مەن كەچلىك بازاردىن ئېلىپ كەلگەنىدىم، دادام يەنە توخۇ گۆشىنى ئېلىپلا ماڭا قاراپ: # x8 B, o, J9 o
* r0 w, _: g4 } — قىزىم، توخۇنىڭ قانچە پۇتى بار؟ – دەپ، سورىدى – دە، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئاتا – ئانا بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ھەر بىر قىلىق، ھەر بىر گەپ – سۆزىنى ئۇنتۇمايدۇ دېسە، ئىشەنمەپتىكەنمەن. دادامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا توخۇ گۆشىنى پارچىلىغاندىكى نۇرلۇق چىرايىنى يول – يول قورۇقلار باسقانىدى. داستىخىنىمىزمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى، چۈنكى بۇ قېتىم داستىخاندا دادام، ئانام ئۈچىمىزلا بار ئىدۇق، ئادەم ئاز، توخۇ گۆشى كۆپ ئىدى، دادام توخۇ پاچىقىدىن بىرنى سۇندۇرۇپ ئانامغا سۇندى:
`" |- d0 |5 M1 L9 e# S& G8 f4 y4 D7 U# M4 p& U
— سىلە، توخۇ پاچىقىغا ئامراق ئىدىڭلا، بۇنى سىلى يەڭلا، – دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ‹‹ئانام توخۇ بوينىغا ئامراق ئىدىغۇ؟›› دېگەن خىيال كاللامغا كەلدى. " O: L6 s: B6 `
/ q! b' |3 [; o* b5 Z4 B
— ھەي بالام، ئانىڭىز ئەسلىي توخۇ پاچىقىغا ئامراق ئىدى، ئەينى چاغلاردا سىلەرنى يېسۇن، خۇش بولسۇن دەپ، مەن توخۇ بوينىغا ئامراق دەپ قويغان، – دەپ چۈشەنچە بەردى دادام خۇددى مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلگەندەكلا. 3 `6 j+ g# L( W+ @" X+ P9 J/ W
/ g9 T! y+ M/ f# L$ M: s
توخۇ گۆشى كۈلكە – چاقچاقلار بىلەن ئازراق يېيىلدى. چۈنكى دادام بىلەن ئانام يەنە باشقا بالىلىرىغا قىسىنغاچقا گېلىدىن ئۆتمىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتىكى توخۇ گۆشىنى تالىشىپ يەيدىغان، سەبىي، شوخ چاغلىرىمنى ئەسلەپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. ' q5 B+ a( P1 S
* z- K6 j( g' u7 ?. j! m
مانا ھازىر ھەممە ئۆزگەردى، بىز چوڭ بولدۇق، ئاتا – ئانىمىز قېرىدى، ئىقتىسادىمىز ياخشىلىنىپ، بىر توخۇنىڭ ئورنىغا 100 توخۇ ئېلىپ يېگۈدەك بولدۇق، تېخنىكا تەرەققىي قىلدى، ئەگەر لازىم بولسا تۆت پۇتلۇق توخۇ ئەمەس، ئالتە پۇتلۇق توخۇنىمۇ تەتقىق قىلىپ چىقىرالىغۇدەك بولدۇق، بالىلىرىمىز توخۇ گۆشىنى تالىشىپ يېيىش ئەمەس، كەينىدىن مانى يەڭ بالام، دەپ قوغلىساقمۇ يېمىگۈدەك بولدى... لېكىن، ئەپسۇس، ئەينى چاغدىكى ‹‹ بىرنېمە تاپساق تەڭ يەيلى ›› دەپ ناخشا توۋلاپ، بىر داستىخانغا جەم بولۇپ تاماق يەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ قايتا جەم بولمىقى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتاتتى.
7 ]2 P3 {, U5 w; Rمەنبەسى:nur.cnئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |