ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 483|ئىنكاس: 0

كىنوھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

112

تېما

133

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ياخشى بولسۇن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
3033 سەر
تۆھپە
2298 سەر
تىللا
1645 دانە
جەۋھەر
0 دانە
QQ
ئۇيغۇر    1. ھامىلىدار ئاياللار سەيلە قىلىپ بەرسە پايدىلىق. بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىز بولغاچقا، كۈن بويى ئۆيدىن چىقمايدۇ، ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بويىدىن ئاجراپ كېتىش خاھىشى بار بەزى ئاياللاردىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مەلۇم ۋاقىت سەيلە قىلىشنى تاكى بۇنى بالا تۇغۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، تۇغۇتقا پايدىلىق.
. E) f" i* \" m- a
1 i5 F6 o: [" |0 a/ P* b    2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر، سىنك تولۇقلاش زۆرۈر. تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنى بىرىكتۈرۈشكە زۆرۈر ماددا. تۆمۈر يېتىشمىسە، ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ. سىنك ھامىلىنىڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسىي زۆرۈر ئېلېمېنت. ئادەتتە تۆمۈر بىلەن سىنكنى بىللە تولۇقلىغاندا، سىنكنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا تۆمۈر تەركىبلىك يېمەكلىكلەر بىلەن سىنك تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئايرىم ئىستېمال قىلىش لازىم.
( q& p; r2 L$ i$ e- U    3. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە زىيانلىق. ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئېغىزى قۇرۇغاندەك ھېس قىلىپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرى سوغۇق نەرسىلەرنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە، ئاشقازان – ئۈچەي قان تومۇرلىرى تۇيۇقسىز تارىيىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچ سۈرۈش، ھەتتا ئاشقازان تارىيىش، قورساق قاتتىق ئاغرىشقا سەۋەب بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ھامىلىگىمۇ پايدىسىز بولۇپ، ھامىلە تىنچسىزلىنىدۇ، بۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.' M) k" S9 f, Y3 G9 P
    4. ھامىلىدار ئاياللار يەلقازان تامىقى ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. يەلقازان تامىقى يېيىشتە كىشىلەر ھەمىشە گۆش پارچىلىرى، كۆكتاتلارنى قايناۋاتقان شورپىغا چىلاپ ئېلىپلا يەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا گۆش، كۆكتات تەركىبىدىكى پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بالا ھەمرىيىدىن  ئۆتۈپ ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھامىلە ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالىدۇ ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھەر خىل غەيرىيلىكلەر كۆرۈلىدۇ.
4 \1 U. R" T6 x4 c4 O  M    5. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى ئىچسە زىيانلىق. كولا ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن كۆپ بولۇپ، ھامىلىگە ناچار رېئاكسىيىلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ھامىلە كوففېئىنغا سەزگۈر كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى كۆپ ئىچسە، كوففېئىن ھامىلە قېنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تېنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىپ غەيرىي يېتىلىشىنى، مەسىلەن: پۇت – قول بارماقلىرى ئاز بولۇشنى، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
. v. x) H  t  c( m& U    6. ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. ئادەمگىياھ قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئېسىل ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئۇنى ئۇزاققىچە، كۆپ ئىستېمال قىلسا، سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىم كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىنسىي يول قاناپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلىنىڭ ئادەمگىياھقا چىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.  
! V% G9 H  W6 X$ e' C7 ^: Iمەنبەسى:ئۇۇيغۇر تىبابەتچىلىكىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
بلوگيوللاشئالبومقوشۇشھەمبەھرخاتىرەئاڭلىتىش -------------------------------------------------------------------------------- شەخسىي ماتېرىيال ت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗