مائارىپ
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيدىغان ھەر 4 جۇڭگولۇقنىڭ بىرى ئوقۇشتىن چېكىنىدۇ
6 a5 H/ S2 f; t( X; Z6 S8 P5 y1 L& l9 T
ئامېرىكا Ivy بىرلەشمە مەكتىپىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خارۋارد ئونىۋېرسىتېتى، يالى ئونىۋېرسىتېتى، كورنېل ئونىۋېرسىتېتى، كۇلۇمبىيە ئونىۋېرسىتېتى قاتارلىق 14 داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتى %25 ئىكەن.2 S! Q1 B: V: A
بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، «جۇڭگو بىلەن غەرب مائارىپ تۈزۈلمىسى، تىل مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل مائارىپىغا ماسلىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، پەقەت ماسلىشىش ۋاقتىدا ئوخشىماسلىق بار» ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا، ئۇ يەنە مەيلى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولسۇن، ھەممىسى چەتئەلنىڭ ئۆگىنىش شەكلىگە ماسلىشالمىغانلىقتىن، ئۆگىنىشتە يېتىشەلمەي، "چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا مەغلۇپ بولۇش" ھادىسسى كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.2 P- Y b& t: @$ s5 i1 C) \
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى بىر خەلقئارا مائارىپ ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تاللاش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ، خارۋارد، يالې، كامبىرىج قاتارلىق ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئەنئەنىۋى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن باشقا يەنە، كەسىپ جەھەتتە مۇئەييەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان داڭلىق ئونۋېرسىتىتلارغىمۇ كىشىلەر دىققەت قىلىشقا باشلىغان. مۇتەخەسىسلەر: «ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ئىلگىرى، ئاۋۋال چەتئەل مائارىپىنىڭ كىرىش ئاسان، چىقىش تەسلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، داڭلىق ئونىۋېرسىتېتقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ بولغانلىق، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ» دەپ تەكلىپ بەرگەن.
2 l1 V1 z& E' l7 O6 g' _بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يېرىم يىلدىكى دۆلىتىگە قايتۇرۇش ئەھۋالىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، چەتئەلدە خىزمەت ئىزدەشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ چەتئەلنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى. ئۇنىڭدىن قالسا، كەسپىي ئېھتىياجى ئاز ياكى تويۇنغان، شۇنداقلا مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقە ئىقتىدارىمۇ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا %38.9 ۋە 33.6% نى ئىگىلەيدىكەن.9 G* {) j% k0 u7 T
چەتئەلدە ئوقۇش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئوقۇغۇچىلار كەسىپ تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەمىشە سىستېمىلىق، ئىلىمىي ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن چەتئەللەردە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشنىڭ تەس بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چەتئەلدە ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار تىل ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىتىغا كۆنەلمىگەنلىكتىن، چەتئەللەردە خىزمەت تېپىشى تېخىمۇ تەسلەشكەن.( D/ R$ {$ o) N+ s5 k7 y
مەنبە:http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201401/t20140125_732629.htmlچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |