مائارىپ
ئاي ئوتتۇرىسىدا؛قەمەرىيە كالىندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئادەم تېنىدىكى سۇيۇقلۇققا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئادەم تنىنىڭ %60تىن كۆپرەكى سۇيۇقلۇقتىن تەركىب تاپقان بولغاچقا،ئاي ئوتتۇرىسىدا ئادەمنىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ،قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى-تاشقى بېسىمنىڭ پەرقى چوڭىيپ كېتىدۇ-دە،مېڭە قان تومۇرلىرىدا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
( Y6 ]( o- A7 ?0 y9 ?+ mئەتىگەن سائەت ئالتىدىن توققۇزغىچە؛بۇ ۋاقىتتا قان نىسبەتەن ئاستا ئاقىدۇ،قان ېسىمى،بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغدا بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاچقا،قاننىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولۇپ،قان تومۇردا ئاسانلا نۆكچە ھاسىل بولىدۇ-دە،قان ئازلىقتىن بولغان سەكتە يۈز بېرىدۇ.شۇڭا،ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقىدادا سۇ ياكى سۈت ئورندىن تۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقىداردا سۇ ياكى سۈت ئىچىپ بەرسە،مەلۇم دەرىجىدە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.2 O% S7 P! R$ [; a: G4 }! w
تاقامتىن كېيىنكى بىر سائەتتە؛غىزالىنىش قان بېسىمنىڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.قان بېسىمى 4.0-2.7پاسكالغا تۆۋەنلەپ قاننىڭ ئېقىشى ئاسىتىلاپ،قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنشىنى تېزلىتىپ،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى مېڭە تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ،شۇڭا غىزالانغاندا،يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش،تويۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
0 S' v+ X; z: rچوڭ تەرەت قىلىغاندا؛زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ چوڭ تەرەت قىلىغاندا،قورساققا بولغان بېسىم ئاشىدۇ-دە،قان بېسىم بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ،بولۇپمۇ قەۋزىيەت بارلار ئىنجىقلىغاندا بەك كۈچەپ كەتسە ياكى ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە،پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار،قان تومۇرلار تاريىپ،مېڭىگە بارىدىغان قان كۆپىيىپ كېتىپ،مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا،يۇقىرى قان بېسىم بارلار يېرىك تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ،چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلىشى كېرەك.) U, U: u/ i8 T3 z! _
يۇيۇنغاندا؛يۇيۇنغاندا سوغۇق ياكى ئىسسىق سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قان بېسىمدا ئاسانلا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،مېڭە،يۈرەك قان تومۇرلىرىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.6 s' B; u2 l- R' D C
زىيادە ھاياجانلانغاندا؛ئادەم غەزەپلەنگەندە،قايغۇرغاندا،قورققاندا ياكى زىيادە خۇشال بولغاندا،قان بېسىم بىراقلا ئۆرلەپ،خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
" S% K, R3 h! l' ~تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەندە؛بەدەن سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا،بۆرەك بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ،قان تومۇرلار تارىيىپ،قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىدۇ.
: ] t: s0 `2 iئەر-ئايال بىلەن بولغاندا؛ئەر-ئايال بىللە بولغاندا،كەيپىيات جىددىيلىشىپ،يۈرەك سوقۇش تېزلەشكەچكە،قان بېسىممۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلايدۇ.' g$ ~/ M/ n4 R! r2 f
مەنبە؛(ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش)ناملىق كىتابتىن ئېلىندىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |