ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 0

كىنومەشھۇر تارىخى سەيلىگاھتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

112

تېما

133

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ياخشى بولسۇن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
3033 سەر
تۆھپە
2298 سەر
تىللا
1645 دانە
جەۋھەر
0 دانە
QQ
ئۇيغۇر
مەشھۇر تارىخى سەيلىگاھ

( ]: |3 I) U; ]/ m
) R: N; z; o% J$ p' ][يەكەن ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقى
/ D9 S0 u$ t$ n: d! ~
! B% {  e: ^. g
; m# J- v5 P% X' l! E
6 i% L1 M) A4 o" Nنۇرمۇھەممەد ئايۇپ
7 P* c0 {. w5 Z/ X6 _- Y; ?( R1 ?* i( w5 U8 I) V9 r  b
      ئالتۇن مازار - يەكەن بازار گورباغ مەھەللە كومتىتى دائىرسىگە (يەكەن كونا شەھەرنىڭ غەرىپ تەرپىگە) جايلاشقان. شەرقى ئالتۇن مەسچىتكە، جەنۇبى  ئالتۇنلۇق ساياھەت مەيدانى ئارقىلىق گورباغ مىللى ئۆرپە ئادەت كوچىسىغا، شەرىق تەرىپى كىچىك ئالتۇن كۆلگە، شىمالى تەرپى مىرزا مۇھەممەد بايىس ھاكىم مازىرى ئارقىلىق چىلتەن مازىرىغا تۇتۇشىدۇ.
) U/ T' s/ ~7 \# N3 @     مازارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
( T3 g) H) E# C+ P: I     ئالتۇن مازار مىلادىنىڭ 1533 - يىلى ياركەنىت سەئىدىيە  دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدىخاننىڭ مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن قەدىمى مازار بولۇپ، دەھمى شاھان (پادىشاھلار قەبرىستانلىقى)، ئالتۇنلىرىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.2 [5 M, K8 e( p8 W
     بۇ مازارغا يەنە سۇلتان سەئىدىخاننىڭ ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان ئابدۇرىشتخان، ئابدۇكېرەمخان قاتارلىق ئون نەچچە پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى ھەم مەشھۇر مۇقامشۇناس شائىرە خانىش ئاماننىساخان، قەدىرخانلار دەپنە قىلىنغان. شۇنداقلا 17- ئەسىردە ياركەنىتتە باش كۆتۈرگەن  تەسەۋۇپنىڭ قارا تەقىيلىك مەزھىبىنىڭ باشچىسى پەرغانىلىق چوڭ ئىشان خوجا ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال خوجا قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بۇ مازار دائىرسىگە دەپنە قىلىنغان.
7 a5 L5 `9 o' l5 m. d, Q     بۇ مازارغا دەپنە قىلىنغان سۇلتان ئابدۇرىشىتخان، ئامانىساخان ۋە قىدىرخانلار 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەكەندە ياشاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئابدۇرىشىتخان «دىۋان رەشىدى»، «غەزەليات رەشىدى»، «سالاتنامە» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. خانىش ئاماننىساخان «دىۋان نەفىسى»،«ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) «شۇرۇھۇل قۇلۇپ» (قەلىبلەر كىڭىشى) قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»( خۇشاللىق قوزغاش) ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغان. ئاماننىساخان ئۇستازى قىدىرخان بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقامنى رەتلەپ ھازىرقى ئەۋلاتلارغىچە يېتىپ كېلىشكە زور تۆھپە قوشقان.0 i. L7 k( u' M: d! s
     ئالتۇن نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ھەرخىل قىياس ۋە تارىخى پاكىتلار* O$ [# ?- J- u4 j6 i
     ئەمدى بۇ  مازارنىڭ ‹‹ئالتۇن مازار›› دەپ ئاتىلىشىدا  مۇنداق بىرقانچە خىل قىياسلار بار.  L1 _- Y/ r# q1 ]! n
     بۇنىڭ بىرى: ماڭغۇللاردا ئالتۇن ئۇرىقى دەيدىغان بىر ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسى بار بولۇپ، سۇلتان سەئەتخان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ يەتتىنجى، سەككىزىنچى ئەۋلاتىلرىغا توغرا قىلىدۇ، تۇغلۇق تۆمۈر بولسا چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتايخاننىڭ  يەتتىنجى ئەۋلادى بولۇپ مۇشۇ ئەۋلات، ئۇرۇقداشلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن ئالتۇن دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن دەيدىغان قاراشلارمۇ بار.
( ]) l$ B: e& Y4 O4 v     ئىككىنچىدىن: مەيلى ماڭغۇللاردا بولسۇن، ۋەياكى باشقا تۈركى مىللەتلىرى بولسۇن، ئاتا بوۋىسىنىڭ مىيىتىنى، مىيىت قويۇلغان تۇپراقنى ئەزىزلەپ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بولغان‹‹ئالتۇن››نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن، شۇ ۋەجدىن ‹‹ئالتۇن›› ئىسمى بىلەن ئاتالغان دەيدىغان قاراشلار بار.
6 k7 }% O: B( |; R3 r9 M3 L     ئۈچۈنچىدىن: تارىخى مەنبەلەردە مەلۇم بولۇشچە 1514 - يىلى سۇلتان سەئىدىخان ياركەنىت پادىشاھى مىرزا ئابابەكرىنى ئاغدۇرۇپ ھېسابسىز ئالتۇن ۋە مال - ۋارانلارنى ئولجا ئېلىپ ئۆزى ياركەنىت سەئىدىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ تەخىتتە ئولتۇرغان. غەزىنىدىكى ئالتۇننىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن دۆلەت خەلقتىن يەتتە يىلغىچە باج سىلىقنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن  سۇلتان سەئىدخان ئالتۇن پادىشاھ دەپ نام ئالغان دەيدىغان قاراشلار بار.$ f  ^: ?- a  a, @0 ]5 p1 W' Q$ C
     بۇنىڭدا يەنىلا بىز ئىككىنچى خىل قارشنى سەل ئەقىلغە مۇۋاپىق دەدپ ئىيتالايمىز. چۈنكى دەھمى شاھان (پادىشاھلار قەبرىستانلىقى)، ئالتۇنلىرىم دىگەن سۆز كۆپرەك ئوموملاشقان بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈردىن تارتىپ ئىسمائىلخان شاھقا قەدەر بولغان نەچچە ئەۋلات موڭغۇل خانلىرى ئۇلۇق بوۋىسى شاھىن شاھ تۇغلۇق تۆمۈردىن تارتىپ ئسىلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن دىننى چۆرىدىگەن يەرلىك ئاۋامنىڭ ئۆرپە ئادىتىنى سىتىخىيىلىك ھالدا قوبۇل قىلىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مازارنى يۇقۇرىدا قەيىت قىلىنغاندەك ماڭغۇللارنىڭ ئالتۇن ئۇرقىدىن بولغىنى ئۈچۈن شۇنداق دىيىلگەن دىيشىنىڭ ئاساسى يوق دىيىشىمىزدە تارىخ بىلگۈچىلەرنىڭ ھەمىمىسىگە ئايدىڭ بولغىنىدەك چىڭگىزخاننىڭ نەسەبى ئالتۇن ئۇرىقىدىن بولمىغانلىقىدىن ئۇنىڭ قاغان بولۇشىنى قوللىمىغانلار چىقىپ تۇرغان. شۇنداق بولغانىكەن تۇغلۇق تۆمۈرمۇ ئالتۇن ئۇرقىدىن بولىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەپ ئەللىرىدىكى بىرقىسىم تۈرۈك، ئۇيغۇر، ئۆزبىك ۋە ئەرەپ پارىس مىللەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆز قەۋمى، ئاتا- ئەجدادى ھوقوق تۇتۇپ يۇرۇت سورىغان شاھ، شاھىن شاھلىرىنىڭ تەۋەرۈك تۇپرىقىنى ئالتۇن ‹‹دەھمى شاھان›› دەپ ئاتايدىغانلىق مۈمكىنچىلىكى ھەممىدىن ئەمىلىيەتكە يىقىنلىشىدۇ. موغۇل سۇلتانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈردىن تارتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سۇلتان سەئىتخانغا كەلگەندە تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى پۈتۈنلەي  ئىسلاملىشىپ بولغاندىن سىرىت ئۆزىنىڭ  موڭغۇل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان، ھەتتا ئىسىم قويۇش، تۇي تۈكۈن، نەزىرـ چىراق، مۇراسىم، كىيىم- كىچەك، ئولتۇراقلىشىش،... جەھەتلەردە ئۇيغۇرلاشقان.شۇنىڭ بىلەن بۇ مازار ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ رەسمى قائىدى بويىچە دەھمى شاھان‹‹ ئالتۇنلۇق›› دەپ ئاتالغان، ھەم  مازارنىڭ  ئەتراپىدىكى مەھەللىلەر بىلەن بىرقىسىم بەلگە خاراكتىرلىك ئەسلىھەلەرنىڭ ئىسمىمۇ ئالتۇن نامى بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن: ئالتۇن مازار، ئالتۇن مەسچىت، ئالتۇن دەرۋازا، ئالتۇن مەدرىس، ئالتۇن كۆل دىگەندەك ناملار بىرىلگەن. سۇلتان ئابدۇرىشىتخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كىيىن  مازارنىڭ غەربىگە بىر مەسچىت، مازارنىڭ جەنۇبىغا بىر مەدرىس، مەسچىت يىنىغا بىر كۆل كولاتقۇزغان. مەدرىس ئىچىدە يەنە ناھايىتى كاتتا بىر كۈتۈخانا بولغان. مىرزا ئابابەكرى دەۋرىدە سوقۇلغان شەھەر سىلىپىلىنىڭ شىمالى تەرىپىگە شەھەرگە كىرىپ چىقىش ئۈچۈن بىر دەرۋازا قويۇلغان بولۇپ بۇ دەرۋازىمۇ ئالتۇن دەرۋازا دەپ ئاتالغان.
2 v6 ?2 n9 _8 j! V5 `     ئالتۇن مازار ۋە مەسچىت مەدرىسلەرنىڭ تارىختىكى كەچمىشلىرى! N. n5 P- a* _- {- }
     ئالتۇن مەسچىت بىلەن ئالتۇن مەدرىسكە ئەينى يىلى تەخىت تارتىۋىلىش غەرىزىدە جۇڭغارلارنى باشلاپ كەلگەن ئاق تەقىيەلىكلەر مەزھىپىنىڭ خوجىسى ھىدايتۇللا ئىشان ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، مەدرىس ۋە مەسچىت ئىچىدىكى نەچچە مىڭ مۇسۇلماننى كۆيدۈرۈۋەتكەن. مەسچىت شۇنىڭ بىلەن قايتا رىمونت قىلىنغان بولسىمۇ مەدرىس بىلەن كۈتۈپخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمىغان، جۇڭخۇا مىنگۇ دەرۋىگە كەلگەندە مازارنىڭ جەنۇبىغا بىر مەكتەپ سىلىنغان بولۇپ مەكتەپ ئىسمىمۇ ئالتۇن مەكتەپ دەپ ئاتالغان.) E" H* a. r9 S7 u8 v8 Y
      1961 ــ يىلى شەھەردىن خاڭدى بازىرىنىڭ چىنىبىغىغا بىنەم ئىچىش ئۈچۈن چىققان كىشلەرگە كولانغان گەمە ئۆينىڭ ئۈستىنى يىپىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۈنەكخانىلارنىڭ ئۈستى ئىچىۋىتىلگەن. كىيىن يەنە ئىككىنچى قىتىم رىمونت قىلىنغان. ئۇندىن كىيىن 1980 ـــ يىللاردا يەنە بىر قىتىم كەڭ كۆلەمدە رىمونت قىلىنىپ گۈل نەقىشلىرى بىلەن رەڭ بوياقلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا  يىقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن ماگىزىن دىگەندەكلەرگە ئوخشاش ئالتۇن نامىمۇ كۆپۈيۈپ بارماقتا.- H/ e9 K+ R( e: J* F! K
      ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىنىڭ جايلىىشىش ئەھۋالى" I" i( @$ `# a
     ئالتۇن مازار تۆت ئەتراپىدىكى ئايلانما يولدىن بىر مېتىر ئىگىزلىكتى سۇپا شەكلىدە كۆتۈرۈپ ياسالغان، كۆلىمى ئۈچ مىڭ كۇۋادىرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، مازارنىڭ غەرىپ تەرپى ياغاچ پەنجىرلەر بىلەن، قالغان ئۈچ تەرپى خىش بىلەن دائىرگە ئېلىنغان، مازار دائىرسىگە بىر گۈمبەز ۋە 45 قەبىرە خىش كاھىش بىلەن رەتلىك ياسالغان بولۇپ، ئاز بىر قىسىم قەبرىلەر ساقلانغاندىن باشقا كۆپ قىسىم قەبىرلەرنىڭ ئېزى قالغان. قەبىرە ۋە دائىرە تاملىرىغا گەج ئويما نەقىشلەر ۋە بىغىشلىما خەتلەر ئويۇلغان ۋە گۇللۇك خىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن. 1936 - يىللىرى قەبىرلەرنى ئېچىپ بىر قىسىم قەبرە تاشلىرى بىلەن بەزى تارىخى ماتىرياللار ئوغۇرلاپ كېتىلگەن. مازار ئەتراپىدىكى ياغاچ پەنجىرلەر بولسا «مەدەنيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە بۇزۇۋېتىلگەن.) M" `  ?& Q! D7 R' X3 n
     ئالتۇن مازارنىڭ ئاستى كىمىر شەكلىدە شەمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، شەمە ئاستىدا 20 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا، كەڭلىكى بىر يىرىم مىتىر، ئىگىزلىكى بىر يىرىم مىتىر كەلگۈدەك تار كارىدۇر بولۇپ،  شەمە يولىنىڭ قاپ ئوتۇرسى ئىككى تەرەپكە يەنە بىر يول ياسالغان، ئىككى شەمىنىڭ كىسىشكەن نوقتىسىغا سۇلتان سەئىدخاننىڭ مىيىتى قويۇلغان، شەمە كارىدورنىڭ ئىككى تەرەپكە كىچىك- كىچىك كىمىر، شەمىلەر ياسالغان بولۇپ، ھەربىر شەمىگە بىردىن شاھنىڭ مىيىتى قويۇلغان. بۇيەرگە دەپنە قىلىنغان خانلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم ئۇرۇق- تۇققانلاردىن مۇھەممەد ئىمىن باھادىرخانغا قەدەر نەچچە ئون كىشىنىڭ  مىيىتى دەپنە قىلىنغان. 1992 - يىلى بۇ قەبرىستانلىق ئومومى يۈزلۈك بىر قىتىم قىدىرىپ تەكشۈرۈلۈپ چىرىمەي ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم ئۇستىخانلارنى دۆلەتلىك گىئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىغا ئىبەرتىپ بىز پارچە سۆڭەكنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەقەت 30 ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ داس سۆڭىكى ئىكەنلىكى دەللىلنىپ خانىش ئاماننىساخاننىڭ مىيىتىنىڭ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ ئىنىق پاكىتلىق ماتىرىيالغا ئىگە بولغان. مىيىتلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىسلام قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىنغىنى، ھەمدەپنە بۇيۇملىرى يوق  بولغانلىقى سەۋەپلىك تىخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ.# G: n7 Z4 w5 d  E1 u
      بۇ مازارنىڭ شەرقى تەرىپىدە يەنە مۇشۇ خانلار قەبرىستانلىقى دەۋرىدىن خىلى بۇرۇن بەرپا قىلىنغان بىر قەبرىستانلىق بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا بۇ مازار مىرزا ئابابەكرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يەكەندە شاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان شاھ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۈمكىن دەيدىغان قارشالارمۇ بار. ئەگەر پۇرسىتى كىلىپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلسا غەربى يۇرۇتتا ھاكىمىيەت بىشىدا تۇرغان ئۇيغۇر خانلىرى ھەققىدە يەنىمۇ مۇھىم ماتىرىيالغا ئىگە بولغىلى بولىشى مۈمكىن.
/ O8 p  O& L' t  ?% q     ئالتۇن مازارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى، ياسىلىش شەكلى ۋە نەقىش بىزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىي مىراس بولۇپ 1988ــ يىلى يەكەن ناھىيلىك پاتكوم خەلق ھۆكۈمىتى مۇقامشۇناش خانىش ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسىنى رىمونت قىلىش، ياساش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە مۇراجەتمامە تارقىتىپ ئىئانە توپلىدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى يەكەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىزمىتىدىن سۆيۈنۈپ ئۆزىىڭ ‹‹خانىش ئاماننىساخان›› دىگەن كىتاۋىنىڭ قەلەم ھەققىنى يەكەنگە ئىبەرتىپ بەردى، ھەم ئاتايەن يەكەنگە كىلىپ مەقبەرىگە ئۇل تاش بىسىپ بەردى. 1990 - يىلى 12 - ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكىمتى بۇ مازارنى ئاپتونۇم رايون بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتكەن. 1992 - يىلى 9 - ئايدا خانىش ئامانىساخاننىڭ مەقبەرىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەيكىلى يەكەن شەھىرىدە قەد كۆتەردى. مەملىكەتلىك  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تۆمۈر داۋامەت ئاتايەن كىلىپ مەقبەرە بىلەن ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
5 s. N5 F- R9 r. w: {. ^0 L ئالتۇن مازار ۋە مەسچىتنىڭ تەتقىقات قىممىتى3 w* O0 j" [' C6 {& n* t' h* o; G6 [
بىرىنچىدىن: بۇ ئالتۇن مازار تارىختا نامى مەشھۇر بولغان سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ بىردىن - بىر خاقانلارنىڭ مازارلىقى بولۇپ، بۇ مازار ئالدى بىلەن تارىختا ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر، مۇڭغۇللار تارىخى ۋە سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ تارىختىكى گۈللىنىش، خاراپلىشىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.- q5 n: H2 \' z
ئىككىنچىدىن. ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئىشلىرى، ئادەتلىرى ۋە قائىدە يوسۇنلىرىنى، يەرلىك كولاش، كىمىر، شەمى ياساش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
" p7 O; ^/ b/ z  z ئۈچۈنچىدىن: بىناكارلىق، نەققاشلىق، گەجخاھلىق، كاھىشچىلىق، رەڭ بوياقچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىكنى تەتققىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە." p1 U2 q( b! \: ^# ^* j
تۆتىنچىدىن: ساياھەت، مەدەنىيەت، سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.0 h' ^5 _4 l  A$ u9 r8 t
گەرچە بۇ‹‹ئالتۇن››نامىنىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە ئالتە يۈز يىلغا يىقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئەزەلدىن ئەجدادىنىڭ ئۇلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن يەكەن ئۇيغۇرلىرى تارىختىكى ئۇيغۇر خانلىقى قۇرغان ئەجدادىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ شانلىق مەدەنىيەتنى ھازىر ئۈچۈن، ئۇلۇق جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇۇرش ئۈچۈن ئالتۇن نامىنى ساقلاپ تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن  ئالتۇن مەكتەپ،ئالتۇن ماگىزىن، سۈبھى ئالتۇن  سودا سارىيى، سۈبھى ئالتۇن مىھمان سارىيى،ئالتۇن يولى دىگەندەكلەرگە ئوخشاش ئالتۇن نامىمۇ كۆپۈيۈپ بارماقتا.
' R( ~& N4 Z. C; m8 [! a! E2 L
) ~+ X/ x- {7 a7 Z# b( ^$ d7 i3 S9 I$ L/ Z
4 Y0 s) I) H$ ?- u9 V
1- سۈرەت:  يەكەن ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقى
3 ?8 F8 {6 C# ~3 f% v) Z# |
" w# `, o  R. K: s9 E9 D/ t2 o: j7 e+ m* L

2 p4 D  c  D! s+ I8 R0 _" Q2 h/ F2- سۈرەت: سۇلتان سەئىدخاننىڭ قەبرىگاھى$ C# B& t8 Z7 A3 D% C; T6 M* A

. i0 f( X! F3 e1 k4 F- }* X- I/ x8 d* a
- F9 `3 E& G7 K6 a, g4 T" `9 i
3- سۈرەت: سۇلتان ئابدۇرىشىدخان بىلەن خانىش ئاماننىساخان ۋە ئۇلارنىڭ  قەبرىسى& U$ d; H3 H7 S9 l# R
8 @7 `% O  F4 ]) v: t1 o1 L3 {! @  \

" i; O) W  U& r* J+ r
# P9 s& F5 j9 {8 B: P) C& ?- b4- سۈرەت: شائىر، مۇزكانت، ئەدىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتىچىسى قەدىرخان يەركەندى نىڭ قەبرىسى
  ?, [# O" c' s- }, q( U7 b4 t7 g
7 o3 ^. P6 m6 _" r5 F
" a/ `% G4 `2 g4 {% S( _% E' g, {. N8 p( S% E/ Z+ c8 z4 T
5- سۈرەت: سۇلتان سەئىتخاننى مەركەز قىلغان نەچچە ئەۋلات ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ قەبرىگاھلىرى: P# A& g1 D3 x9 t# v8 x1 @
) O2 Q+ A3 {) L4 `

+ C9 _+ U, C' K1 c7 |! r0 X0 A8 ?
) }7 T1 a5 ^4 }6- سۈرەت: كۆك كاھىشلىق كونا گۈمبەز مازارنىڭ ئەتىكاپخانىسى$ s. y3 `% n  {5 q2 B
& @7 T' I1 O$ b( m

, r$ c/ H- }2 V- E/ J# u/ @
" S( D* e: H, E4 w& n7- سۈرەت: مازارنىڭ تىلاۋاتخانىسى# @  g( V; q; i; F- e

7 T* [. U1 U; T. U6 h/ {% u' u  v( a% t) e; W7 e

, {% n6 @3 ]3 W, v+ n' ]8- سۈرەت:  يىڭىدىن ياسالغان ئالتۇنلۇق مەيدان
7 [  z1 |% c6 i
9 M' @6 X; ]- H: Y
9 ~' M4 f4 E( Z% X) I$ M; D! L6 h* O3 f8 i5 b6 ]( K
9- سۈرەت: قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرلگەن شائىرە، خانىش ئامانىنىساخاننىڭ مەقبەرىسى
5 p: ]0 J$ K. `3 h' f
4 ?+ l& F! i- h
; R, M5 T$ Q" Y, v0 {: Q
4 u2 N: z3 K  a5 G& J3 ]10- سۈرەت: يىڭىدىن رىمونت قىلىنغان ئالتۇن مەسچىت; `- w( E) s& ?: y# C

6 A  r3 {# w& X% Y7 A% L: G" l
2 ~& k: S: V  ^
" V" ?* n( u+ A, W0 c" r; A4 x11- سۈرەت: ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى قەدىمى مازارلىق
, F+ l& f4 o2 }
! }! ^7 f( k5 c* E+ {2 [
6 q- r8 V+ V! Q2 r/ `
" V5 j9 ^* Z* R3 p. [( C12- سۈرەت: ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىنىڭ شىمال تەرىپى
' P9 g8 R' @4 A6 W5 M# E8 ~) `' Y# Q 4 _  f! @" I  r+ W* l  W8 f
- B& s4 P; S9 Y6 H8 G% H5 b2 N! ^. B

% r1 ]& a2 v4 h13- سۈرەت: ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىنىڭ غەرىپ تەرىپى5 B& r2 {8 Z( G. g4 R; a1 {

" ~- M  k) s/ h' e# Z7 k
* j1 Q( A" J" y4 h9 J: M+ P3 G0 a9 u( H- K: |" [* U1 @  j; M
14-سۈرەت: ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىنىڭ جەنۇپ تەرىپى
( Z# k- J* T9 W* @0 G
2 t; ^* u; I- d( r: k' B' n& U; J2 t# m: w: B9 I0 x

5 w, ]% }( ?8 S) F15- سۈرەت: مازارنىڭ تىلاۋاتخانىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى  }$ |1 q- T2 y' ~( ^: I& O& Y* U6 e! L5 w
نۇمۇھەممەد ئايۇپ فوتوسى5 \  j/ d3 T4 c( f( D
   ئاپتۇر: يەكەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ.7 R( c& G0 o2 x  D8 t
2014.2.105 }9 q6 z/ g( |
مەنبەسى:uy.ts.cn
ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +6 تىللا +10 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
ISLAM88 + 6 + 10 + 4

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
بلوگيوللاشئالبومقوشۇشھەمبەھرخاتىرەئاڭلىتىش -------------------------------------------------------------------------------- شەخسىي ماتېرىيال ت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗