مائارىپ
مەن بىر نەپەر ياش ئۇيغۇر يىگىتى بولىمەن،مەن ئۆز يۇرتۇمنى سۆيىمەن.مىنىڭ يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈم،خۇددى مۇز تاغقا ئوخشاش ئۇلۇغۋار سۆيگۈ؛مىنىڭ يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈم،خۇددى تارىم دەرياسى بويىدا بوۋام دۇتار چېلىپ بەرگەنگە ئوخشاش ئۇزاق سۆيگۈ؛مىنىڭ يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈم،خۇددى ئۆزەمنىڭ سۆيۈملۈك مۇھەببىتىم بىلەن ئۈزۈمزارلىقتا سەيلە قىلغانغا ئوخشاش گۈزەل سۆيگۈ.مىنىڭ يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈم،خۇددى مومام ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرگەنگە ئوخشاش پاك سۆيگۈ؛مىنىڭ يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈم،خۇددى ھەرقايسى مىللەت قېرىنداشلار بىرلىكتە ياشاش جەريانىدا بىر-بىرىمىزگە بولغان مەھلىيا سۆيگۈ؛ مانا بۇ يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈم.
2 M) G- o1 q( C7 j. E+ Lياق،ياق،يەنە نۇرغۇنلىغان يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.مەن ئۇنى يۇلتۇز نۇرىغا ئوخشىتىمەن،بىلىم ئېلىش يولىدا ماڭا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ مەن ئۇنى قاناتقا ئوخشىتىمەن، تۇرمۇشتا كۆرەش قىلىش جەريانىدا ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ؛مەن ئۇنى تايانچىغا ئوخشىتىمەن، بىپايان زېمىندا ماڭغاندا ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ؛مەن يۇرتۇمغا بولغان سۆيگۈمنى يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ۋە مەدھىيىلەشكە ئىشلىتىمەن. ھەردائىم ئۆزۈمگە بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
* j+ P) ]' Y: w! rرەزىل كىشىلەر كەلدى، رەزىل سۈيىقەستىلىرى بىلەن يېنىمىزدا پەيدا بولدى.ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى ئەيىبلەپ ‹‹يۈزۈڭنى ئورۇۋال، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد!›› ئۇ ئانامغا ۋارقىراپ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە ئەۋەتمە،بىلىم بالاڭغا ھىچ نېمە بېرەلمەيدۇ!››ئۇ قېرىنداشلىرىمنى ئازدۇرۇپ‹‹قېنىڭنى چاچ ،بۇنىڭ ھەممىسى شەرەپدۇر!››دەپ رەزىل سۈيىقەستىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.
" `8 `. u: R H5 t* B. kئاشۇ گۈزەل قىزلار گۈزەل رۇخسارىنى ۋە سۇمبۇل چاچلىرىڭلارنى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ،ئاشۇ بىچارە قېرىنداشلارمۇ مەڭگۈ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
; U) k+ S: M$ r& M# S/ m) Pمىنىڭ سۆيگۈم قايغۇلاردىن غالىب كېلىدۇ،مىنىڭ سۆيگۈم مىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم.مەن ئۇ رەزىل كىشىنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ،قېرىنداشلىرىمغا دۇنيانىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى دەپ بېرىمەن؛مەن بىلىم قورالىنى قۇلغا ئىلىپ ئەخلاق تەلىماتىنى قوغدايمەن.مەن ئۆز قان تەرىم بىلەن يۇرتۇمنىڭ گۈزەل شانلىق ھالىتىنى ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. / A& \% |" ~- W. j- N4 X4 }& l
بىزگە نىسبەتەن يۇرت نەقەدەر بىباھا،توپىلاڭچىلارنىڭ غالجىرلىشىغا يول قويمايمىز؛بىزگە نىسبەتەن دۆلەت نەقەدەر بىباھا،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ئارزۇلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانغا ئوخشاش بولىمىز.+ J% J" z8 s( m" n
قېرىنداشلىرىم!!!رەزىل كىشىلەرنى تونۇپ يېتەيلى،ئۇلار تېگىشلىك جازاسىنى يەيدۇ!!!ياشلىق باھارىمىز بىلەن شىنجاڭنى گۈللەندۈرەيلى!
9 v, F& F0 d5 ]2 f7 a t* | _8 ^" U; I1 }; v7 O" z @
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |