ئۇيغۇر
/ r* O7 c7 Q" H2 ^ k8 T |9 Z
$ |, m4 q( ^4 I5 L Zپەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى خاماسنىڭ چەتئەلدە سەرگەردان بولۇۋاتقان سىياسى رەھبىرى مەشئال، خاماس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 7-دېكابىر كۈنى غەززەدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، 45 يىل مابەينىدە، غەززەگە تۇنجى قېتىم قەدەم باسقان.
% ~ t L8 J5 o$ r$ zمەشئال بىر قېتىم گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، پەلەستىنلىكلەر قەلبىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان مەشھۇر شەخس.2 n% k9 k8 V$ f9 k0 u
% ]" i. m% j, {
مەشئال 1956-يىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللاھنىڭ شىمالىدىكى بىر كەنتتە دۇنياغا كەلگەن، 1967-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن چەتئەلگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ 1971-يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە كىرگەن، 1996-يىلى خاماس سىياسى بىيۇروسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىسرائىلىيە موساد (Mossad)(ئىزاھات-ئىسرائىلىيىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى)نىڭ جاسۇسلىرى بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەقسىدى ئىشقا ئاشمىغانلىقتىن، مەشئال بىراقلا داڭق چىقارغان. 1997-يىلى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى موسادقا مەشئالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. شۇ يىلى 25-سىنتەبېر، موسادنىڭ ئىككى جاسۇسى مەشئالنىڭ ئىئوردانىيە پايتەختى ئەمماندىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا زەھەر سېلىۋەتكەن. ېكىن بۇ جاسۇسلار ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قېچىپ كېتەلمەي، مەشئالىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. مەرھۇم ئىئوردانىيە پادىشاھى ھۈسەيىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىسرائىلىيە باش مىنىستېرى نېتانياخۇدىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى بىرىشكە قىستىغان. نېتانياخۇ دەسلەپتە پادىشاھ ھۈسەيىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان، لېكىن ۋەقە تەرەققىياتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزدېنتى كلىنتون بۇ ۋەقەگە قول تىقىپ، نېتانياخۇدىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىئوردانىيىگە تاپشۇرۇپ بىرىشكە دەۋەت قىلغان. ئارقىدىن، موسادنىڭ رەھبىرى داننى.ياتوم(Danny Yatom) زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىئوردانىيىگە ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسرگە چۈشكەن ئىككى جاسۇسنى قويۇپ بەرگۈزۈش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ مەنىۋى داھىيسى ئەھمەد.ياسىن(Ahmed Yassin)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاماس ئەزالىرىنى قويۇپ بىرىشكە ماقۇل بولغان.; f S" i' K! F- D6 \: [% b
مەشئالنىڭ بۇ قېتملىق زىيارىتىگە، غەززە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. خاماسنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە مەشئالنىڭ غەززەگە كەلگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى قەتلىئام قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىخەتەرلىك قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئىنتايىن مەخپى تۇتقان، خاماس يەنە قول ئاستىدىكى قۇراللىق مەزھەپ قەسەم بىرىگادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز ئادەمنى، مەشئال كۆزدىن كەچۈرىدىغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرغان. پەلەستىن مىللى ئازادلىق تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى مەشئالنىڭ زىيارىتى، پەلەستىن ئىچكى قىسىمىدىكى سىياسى يارىشىشقا پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەشئال خاماس سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن، لېكىن پەلەستىنلىك تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ غەززەنى زىيارەت قىلىشى، قارارىنى ئۆزگەرتىشىدىن دېرەك بىرىدىغان بولۇپ، ئۇ غەززەدىكى خاماس رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى پەسەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەشئالنىڭ بۇ قېتملىق زىيارىتىنىڭ مەقسىتى، مىسىر، قاتار ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ كىلەر قېتىملىق خاماس ئىچكى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئىكەن. ۈنكى مەشئال مۆتىدىلپەرەس بولغاچقا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى پەلەستىن مىللى ھوقۇقلۇق ئورگىنى ۋە غەززەدىكى قۇراللىق مەزھەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن. ئىسرائىلىيە تەرەپ مەشئالنىڭ زىيارىتىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدىكى بىر باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ ھەرقانداق رەھبىرىگە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتارمىش.ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |