مائارىپ
1938 -يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى لى ھاكىم بىر قېتىملىق يىغىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىۋېتىپ ، جۇۋاۋا مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىكەن . ئۇ يىغىندا : " ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئەزەلدىن ئىجىل - ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن . ئۇنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ ، مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان تۈگمە تامىقىنى " جۇۋاۋا" دەپ ئاتايدۇ . بۇ سۆز خەنزۇچىدىن قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى < چوشقىنىڭ بالىسى > دېگەنلىك . يەنى جۇۋاۋا چوشقا بالىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تۈگۈلۈپ ياتقىنىغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن ، شۇنداق ئىسىم قويۇلغان . ئۇيغۇرلار ئادەتتە چوشقا گۆشى يېمىسىمۇ ، ئەمما ھوزۇرلىنىپ يەيدىغان تامىقىنى خەنزۇلار ياخشى كۆرىدىغان چوشقىنىڭ ئۇماق پاقلىنىغا ئوخشىتىپ ، شۇنداق ئاتىغان . بۇ ئەمەلىيەتتە خەنزۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىك بولماي نېمە ؟ "دېگەن ئىكەن . لى ھاكىمنىڭ بۇ سۆزى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ جەمئىيەتتە ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغان . كۆپلىگەن كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز ئەۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شېڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ماڭا ( ئىبراھىم مۇتىئىينى كۆرسىتىدۇ .) ئىككى خەنزۇ كادىرنى قوشۇپ ، خوتەنگە بېرىپ " لى ھاكىم ۋەقەسى " نى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى . بىز خوتەنگە بېرىپ ، ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئەرزىدە ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئەينەن دوكلات قىلدۇق . ئۇزۇن ئۆتمەي ، ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن لى ھاكىم ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاندى .، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ ، تۈرمىگە قامىلىپ ، شۇ يەردە ئۆلگەن ئىدى . دېمەك ، لى ھاكىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلايمەن دەپ ، تارىخقا ، ئىلىمگە زىت ھالدا يالغان گەپ قىلغان ، ئامما ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان .
1 J, Z0 Y/ U' ` M; Q# C ( مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردە شەھەر قۇۋۇقلىرىغا چازا قۇرۇپ ، ئۆزىنى "ئۇيغۇر" دېمىگەنلەرنى شەھەرگە كىرگۈزمىگەن .) k# [9 R9 w* B! a, S
مەنبە : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2011- يىل 1- سانىدىكى غەيرەتجان ئوسماننىڭ " ئۇستاز ئىبراھىم مۇتىئىينى ئەسلەيمەن " ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى . ئەبەي تارىم .
1 ]6 a! t) y# P: l" `
6 t8 _* y7 r8 Z6 W" aمەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرىچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |