ئۇيغۇر
يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىمىيە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش لازىم؟- {4 A6 w. C6 E$ d: }' d6 y' {3 }
يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئوقۇتۇشى-ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە رۇئايە قىلغان شەرت ئاستىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى، بۇ ئارقىلىق ئالدىن بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتۇشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىلەن ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ بىر قانچە يىللىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن:
& Q( a! T( R$ n: E1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكىتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.8 i$ X/ [, h$ X0 a6 \- Z
ئېينىشتىيىن «قىزىقىش-ئەڭ ياخشى ئۇستاز» دەپ توغرا ئېيىتقان. قىزىقىش-بىلىم ئېلىش ئىستىكىنىڭ غايەت زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىختىرا قىلىشنىڭ بۇلىقىدۇر. قىزىقشنى يېتىلدۈرۈش يېتەكلەش ئارقىلىق بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا تەرەققىياتقا قاراپ يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىسىز بولغان ئامىللارنى دەل ۋاقىتىدا چىقىرىپ تاشلاپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى جەريانىدىكى توسالغۇلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغۇتۇپ، ئۇلارنى ئاكتىپ ئۆگىنىش قىلىدىغان قىلىش لازىم.
1 j5 R( @) i: f* m+ D% j) [تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خىمىيە بىلەن ئەمدىلا ئوچراشقان بولغاچقا، باشلىنشىدا ئۇلار خىمىيەگە خېلى بەك قىزىقىدۇ، بولۇپمۇ، خىمىيەلىك تەجرىبىلەر ئۇلارغا ناھايىتى قىزىقارلىق، مەنىلىك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، خىمىيەلىك ئاتالغۇلار، ئېلىمېنىتلار بەلگىسى ۋە ئاساسى ئۇقۇملارنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، ناھايىتى ئابىستىراكىت، ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان، ئەمەلىي قىممىتى يوقتەك ھېس قىلىپ، خىمىيەنى «ئىككىنچى چەتئەل تىلى» ياكى خىمىيە بىرخىل ئۆلۈك ھالدا يادلاپ ئۆگىنىدىغان پەنكەنغۇ دەپ قارايدۇ.- T) L j$ b# b" x1 [8 z) `8 P) g
ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغۇتۇش ۋە داۋاملىق تۈردە ساقلاپ قېلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە بىلىملىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى تىلەش، ئوقۇغۇچىلاردا ئەسلىدە بار بولغان ئەمما ۋاقىتلىق بولغان قىزىقىشىنى مۇقۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى دەرسلىك كىتاپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا «دالتۇننىڭ يېقىنقى زامان ئاتۇم تەلىماتى»نى ۋۇجۇتقا چىقىرىش جەريانى، «كىيۇرى خانىمنىڭ ھاياتىدا ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى» ، جوڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندىكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان قەغەز ياساش، مىلتىق دورىسى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالىملىرىنىڭ خىميەنىڭ سىرىنى ئېچىشتىكى ئىش-ئىزلىرى،خىمىيەنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە تۇرمۇش بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مول ماتېرىياللار ئاساسىدا خىمىيە تارىخى تەربيسى بىرىشى، خىميەنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەكىللنىش جەريانىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلار خىمىيەلىك ئاتالغۇلارنىڭ خەلقئارالىق ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى، ئېلمېنىت بەلگىسى قاتارلىقلارنىڭ ماددىلارنىڭ تەركىبى، تۈزۈلۈشى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئالماشتۇرۇش قۇرالى ئىكەنلىكى تونۇپ يېتىپ، خىمىيەلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ بىلىملەرنىڭ ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقى سىتىخىيىلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.( G: v8 g0 |7 o
2. تىرشىپ كۆپ خىل مەسىلە مۇھىتى يارىتىش لازىم.: _2 c& w8 n" L; S
خىمىيە دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا مۇۋاپىق پەيتتە، ماس ھالدىكى مەسىلە مۇھىتى يارىتىپ، سۇئاللارنى لايىقىدا لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىنىڭ لايىھەلىگەن سۇئال مۇھىتىدا ئۈزلۈكسىز ئىزىدىنىش پائالىيىتىگە يېتەكلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم ۋە ھېسياتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسى لىنىيەنىڭ قوزغۇتۇشى ئاستىدا پۈتكۈل ئۆگىنىش جەريانىغا قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى ھېسسىياتنىڭ رولى ئاسىتدا تېخىمۇ ياخشى ئىگەللەتكىلى ۋە ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى قۇزغۇلۇپ، يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاكتىپلىقى ئاشىدۇ، شۇندىلا خىمىيەلىك مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىش جەريانىدا يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىدۇ./ ]6 u/ N& R4 Y1 ?1 f2 |
ئوقۇتقۇچى مەسىلە مۇھىتى ياراتقاندا، «ئۆلچەم»نىڭ تەلىپى، ئۆزىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئىگەللەش ئەھۋالى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي بىلىش سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتملىقى بولغان ھالدا، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان سۇئاللارنى لايىھەلەپ، كۆپ نۇقتىدىن ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلە تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش ئارقلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشى لازىم. مەسىلەن: ئوقۇتۇش جەريانىدا «قويۇق سۇلفات كېسلاتانى سۇيۇلدۇرۇش» نى ئوقۇتقان ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلاردىن سۇنى سولفات كسلاتاغا تېمىتىمىزمۇ ياكى سولفات كىسلاتاغا سۇنى تېمىتېمىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز دېگەندەك سۇئاللار ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. «مىتاللارنىڭ ئاكتىپلىق قاتارى»نى ئوقۇتقاندا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا جوڭگۇنىڭ قەدىمكى دەرۋردىكى «مىس تاۋلاش» تېخنىكىسى، 19-ئەسىردە ئاليۇمىن مىتالىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر قىسىم مىتاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەكلى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋۋال تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى مۇھاكىمە، مۇزاكىرە قىلىشقا ۋە سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە تەشكىللەشكە بولىدۇ. مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىر قسىم مەسىللىلەرنى بايقايدۇ ۋە سۇئال ئوتتۇرىغا قويىدۇ: نېمە ئۈچۈن ئاليۇمىننىڭ بايقىلىشى مىسنىڭ بايقىلىشىدىن بۇنچە كېيىن؟ نېمە ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر قىسىم مىتاللار ئاددى ماددا ھالىتىدەمەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كۆپ قىسىم مىتاللار بولسا ئاددى ماددا ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ؟ سۇئالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانى بارغانسىرى چۇڭقۇرلىشىدۇ.. E1 }1 s8 T7 `8 R; t
3. تەجرىبىلىك ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.4 M, `, k2 o6 O; S
خىمىيە ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇتقۇچى شارائىت يارىتىپ ئامال بار ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك قول سېلىپ تەجرىبە ئىشلەش مەشغۇلاتىغا قاتناشتۇرۇشى، تەجرىبنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشى جەريانىدىكى رولىنى ياخشى جاري قىلدۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە لايىھەسىنى ياخشىلاشقا، لايىھىلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم.
* f9 q9 n+ J# k8 n8 a Kمەسىلەن: « كاربۇن (IV) ئوكسىدنىڭ تەجرىبەخانىدىكى ئېلىنىشى» نى ئوقۇتقاندا، ئاۋال تۆۋەندىكى سۇئاللار ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىزدىنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەشكە بولىدۇ:7 d8 J3 B: W* C* ]" V
1) ئۈچ تال پروبىركىغا تۆۋەندىكى ئۈچ گورۇپپا ماددىلار قاچىلانغان. ① مەرمەر تاش بىلەن سۇيۇق تۇز كىسلاتا؛ ② مەرمەر تاش بىلەن سۇيۇق سولفات كىسلاتا؛ ③ شۇلتا بىلەن سۇيۇق تۇز كىسلاتا. تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا سىزنڭچە قايسى گورۇپىپىدىكى ماددىلار تەجرىبەخانىدا كاربۇن (IV) ئوكسىد ئېلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىكەن؟ 2 s% Y7 l6 b4 {' ?
2) ئەگەر تەجرىبەخانا شارائىتىدا كۆپرەك كاربۇن (IV) ئوكسىد گازى ئېلىشقا توغرا كەلسە، قانداق قۇرۇلمىنى تاللايمىز؟ كېرەكلىك بولغان ئۈسكىنىلەرنىڭ قانداق رولى بار؟
, p/ q* e, D9 `4 Q- B3) قۇرۇلمنىڭ ھىملىقى قانداق تەكشۈرىلىدۇ؟ گاز ھاسىل قىلغۇچى قۇرۇلمىغا قانداق دورىلارنى سالىمىز؟ دورىلارنى سالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشمىز كېرەك؟ 8 u9 j0 [, l: Z* w$ N( a1 _
4) قانداق قىلغاندا بىر قەدەر ساپ بولغان گاز يىغىۋېلىشقا بولىدۇ؟ گازنى قانداق يىغىۋالالايمىز؟ ئەگەر رىئاكسىيەنى توختىتىشقا توغرا كەلسە قانداق مەشغۇلات قىلىمىز؟ مەشغۇلات جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ 9 h3 W$ k* p# m* {# w9 ?/ S- J
ھەر بىر گورۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان ئەسۋاپلارنى تارقىتىپ بېرىشكە بولىدۇ. 0 w+ J/ f$ O8 X% B4 c3 Q
ئوقۇغۇچىلار گورۇپپا بويىچە ھەرخىل قۇرۇلمىلارنى لايىھەلەپ چىقىدۇ. بۇچاغدا ھەر بىر گورۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى ياسىغان قۇرۇلمىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىك تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە يېتەكلەش ھەمدە مۇۋاپىق تۈردە كۆرسەتمە بېرىپ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە ئىشلەش تەپەككۇر يولى ۋە ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەپ چىقىشقا يېتەكلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل سۇئاللارنىڭ ھەل قىلىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى يېتەكلىگۈچى ۋە قاتناشقۇچى بولۇپ، مەسىلە تەھلىل قىلىش، ئانالىز قىلىش، يەكۈن چىقىرىشنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاماملاپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىنىڭ سوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ، ھەم بىلىمىنى موللاشتۇرىدۇ، ھەم قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى، ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، نەتىجىدە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
: S* V v; ~# @2 m+ `) ^7 t4. ئاز، ساز سۆزلەپ، ماھىرلىق بىلەن مەشقلەندۈرۈش لازىم.
/ ~* c4 ]9 A1 r1 t, |. G+ Uئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ئەنئەنىۋىي سۇئال دېڭىزى تاكتىكىسىنى چۆرۈپ تاشلىشى لازىم. «ئاز، ساز سۆزلەش» ھەرگىزمۇ گەپنى ئاز قىلىڭ دېگەنلىك بولماستىن، ئۇ، تاللىغان تېما ۋەكىل خاراكتېرلىككە ئىگە بولۇش، قىيىنلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، ھەم بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش ھەم «ئىككى باش» قا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دېگەنلىكتۇر. ماھىرلىق بىلەن مەشىقلەندرۈش-ھەل قىلغۇچ بىلىملەرنى مەشق قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. قاراتمىلقى كۈچلۈك بولغان تىپىك مەسىلىلەرنى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش جەريانىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش لازىم.
: d8 C O* W. ]0 ~, S- B/ L( y5. ئوقۇتۇشتىن كېيىن چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.- T: b$ }. y2 F" \1 @
1) ئوقۇتۇش چوڭقۇرلقىغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بېرىش9 f \$ U+ f) }% G: v8 e) \
بىرقەدەر قىيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن بىلىم نۇقتىلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، دەرستىن سىرتقى تەكرارغىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئازادە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالمايلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ بىلىم نۇقتىلىرىنى قيىن ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇشنىڭ چوڭقۇرلىقىنى مۇۋاپىق تۈردە ئىگەللىشى لازىم.
) i v3 B, i5 b% A$ G; p2) ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بېرىش لازىم.
9 {3 N% ^7 ?4 Q. Eھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولىسىمۇ، ئوقۇتقۇچى يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تولۇق چۈشىنىشىنى ئاشۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى لازىم. مەسىلەن: «مۇلىكۇللا، ئاتۇم» نى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، دەرسلىكتىكى سۆزلەيدىغان مەزمۇن بىر قەدەر غۇۋا، ئابىستىراكىت بولغاچقا، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ بىلىمنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا چۈشۈنۈش ناھايىتى قىيندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق مەسلىلەرگە يولۇققاندا ئوقۇتقۇچى مېسال كەلتۈرۈش، رەسىم سىزىش ۋە كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش قۇراللىرى پايدىلىنىش قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى جانلىق قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇلىكۇللا، ئاتوم ئۇقۇمىنى چۈشىنىشى ۋە ئەستە ساقلىشىغا يارىدەم بېرىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارمۇ بىلىمنى ئاسان قۇبۇل قىلىۋاللايدۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ ئازادىلىك بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالايدۇ ۋە يۇقىرى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.8 O0 w+ n; |- C" _4 [
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق، مەشقى ۋە ئىنتىھان قەغەزلىرىگە قارىتا تەھلىل ئېلىپ بېرىش., n8 r! F5 t, R1 c, ^# h+ P2 S' b/ M
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق، مەشق ۋە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئاسان خاتالىشىدىغان تەرەپلەرگە قارىتا ئىككىلەمچى چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەقسەتلىك، قانۇنىيەتلىك ھالدا خۇلاسە قىلىشقا يېتەكلەپ، خاتالىق يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبىنى خۇلاسىلەش چىقىش لازىم. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش مەسىلە ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسلىلەرگە يولۇققاندا بۇنداق مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئوڭايلا توغرا ھەل قىلالايدۇ.
/ h6 n2 K4 X9 ~2 a" M# Uيىغىنچاقلىغاندا، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتۇشتىن ئۈزلۈكسىز تۈردە خۇلاسە چىقىرىپ ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىنى ۋە دەرسخانا مەشىقىنى ئەلالاشتۇرۇشتۇرۇش لازىم. تەجرىبىلىك، ئىلىكتېرلىك ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك خىمىيە پائالىيەت دەرسنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى چىن كۆڭلىدىن ھېس قىلدۇرۇپ، «مەجبۇرىلاش خاراكتىرىدىكى» ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى «ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىغۇچى» بولدىغان ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ." o8 A8 P8 s& f; O
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |