مائارىپ
شورلۇق يەر
6 [6 B( s7 ], l# L- N4 U
( T+ y( B3 y j: x0 U5 x(ھېكايە)
1 ~# T$ P0 C" @3 Yتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار! w7 Q. \+ V' ?, @
ئۇ، بۇ يەردىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى. ئۇنىڭ يېرىنىڭ ئەتراپىدا يەنە باشقا يەرلەرمۇ بار، لېكىن بۇ يەرلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىككى پارچە شورلۇق يېرىچىلىك قىممەتلىك ئەمەس. ئۇنىڭ يېرىدىن پاختىدەك ئاپئاق شور ئۆرلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما، ئۇ بۇ يېرىدىن زادى مېھرىنى ئۈزەلمىدى. ئۇ بۇ يېرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شېھىتلىككە ئۈنگەن قۇمۇشلارغا ئوت قويىۋەتكەن دەسلەپكى يىلى باھاردا ئۇنىڭ بۇ يېرىگە چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بىرسىمۇ ئۈنمىدى. شۇ يىلى ئۇنىڭ يېرىنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ بۇغدايلىرى تازا ئوخشىغانىدى بولمىسا، شۇڭا ئۇ بۇ يېرىنى تاشلاپ باشقا جايدىن يەر ئېچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ يېرىدىن زادى مېھرىنى ئۈزەلمىدى./ T4 C( z7 W3 _
دېمىسىمۇ بۇ ئىككى پارچە يەرنى ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا، بەلكىم ئۇ تۇغۇلماستا، ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى ئاچقان. ئۇ چاغلاردا بۇ يەرنىڭ ئەتراپى قاقاس تىكەنلىك، جەزىرە يەرلەر ئىدى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ دېيىشىچە بوۋىسى بۇ يەرنىڭ قېشىدىنلا ئېقىپ ئۆتىدىغان كىچىككىنە بۇلاق سۈيىنىڭ بىكارغا ئېقىپ تىكەنلىك جەزىرىگە سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئۆكۈنگەن، شۇڭا مۇشۇ يەرنى ئېچىپ، بۇلاق سۈيىنى باشلاپ بۇ يەرنى تېرىغانىكەن. كېيىن دادىسى ۋە مەھەللىدىكى باشقا كىشىلەر بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئېچىپ ئۇنىڭ سۈيىنى ئۇلغايتقان ۋە ئۇنىڭ يېرىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن يەرلەرنى ئاچقان. كېيىنچە بۇ بۇلاق سۈيى يىراقتىن، ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر جايدىن باشلاپ كېلىنگەن كەتمەننىڭ دەستىسىچىلىك كىچىككىنە بىر ئېرىق سۇغا قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئۇلغايدى.
' o h5 ~8 {; `7 Z1 L4 { ھەيران قالارلىق بىر ئىش شۇكى، يىراقتىن باشلاپ كېلىنگەن كەتمەننىڭ دەستىسىچىلىك سۇ بۇلاق سۈيىگە قوشۇلىدىغان قېرى توغراقنىڭ تۈۋىگە كەلگە ندە تېخىمۇ ئۇلغۇيۇپ، ئېرىقنىڭ ئاخىرى كىچىكرەك بىر ئۆستەڭ بولۇپ ئاقاتتى. بوۋىسىنىڭ ۋاقتىدا بۇ يەر ئىككى پارچە كېگىزنىڭ ئورنىچىلىك كېلەركەنمىشكەن. دادىسى بۇ يەرنى تېخىمۇ كېڭەيتىپتۇ، ئۇنىڭ داسىسى ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ۋەسىيەت قىلىپ:«ئوغلۇم بۇ يەنى قەدىرلە، بۇ يەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمە، قىشمۇ-ياز سۇسىز قويما، مۇشۇ يەر بىزنى ساقلاپ كەلگەن، سەن بۇ يەرنى قەدىرلىسەڭ يەر ساڭا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ھەر كۈنى مۇشۇ يەرنىڭ توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ ئېغىزىڭغا سال، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولىدۇ»دېگەنىدى.
+ B- T9 e0 y3 @3 Z ئۇ ھەركۈنى سەھەردە بۇ يەرگە كېلەتتى ۋە دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بۇ يەردىن بىر چىمدىم توپىنى ئېلىپ ئېغىزىغا سالاتتى، ئۇچاغلاردا بۇ يەر ئۇنداق شورلۇق ئەمەس ئىدى، بۇ يەرنىڭ توپىسىمۇ شۇنداق مىزىلىك تېتىيتتى. ئەمما شۇ چاغلاردا بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يەكتەك چاپاننىڭ ئورنىچىلىك جايدا بىر شېھىتلىك بار ئىدى. دادىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە، بۇ شېھىتلىكتە بۇرۇنقى زامانلاردىكى ئۇرۇشلاردا قازا تاپقان تۆت ئادەمنىڭ جەسىتى بار ئىكەن، بۇ گەپنى ئۇنىڭ دادىسىغا ئۇنىڭ بوۋىسى دەپ بەرگەن ئىكەن. بۇ شېھىتلىكتىن ھەر يىلى باھاردا غۇچچىدە قومۇش كۆكلەپ چىقاتتى، ئەمما ھېچكىم بۇ قومۇشلارنى ئورىۋالمايتتى. قومۇشلار ئۆسۈپ ئادەم بويىدىن ئىگىزرەك بولغاندا ئاپئاق چېچەكلەيتتى ۋە قومۇش پۆپۈگى ئاستا-ئاستا تۇزۇپ، قومۇشلار قۇرۇپ، شامالنىڭ زەربىسىدە سۇنۇپ يىقىلاتتى. ياندۇرقى يىلى باھاردا يىقىلغان قومۇشلارنىڭ ئورنىدىن يەنە كۆپكۆك قومۇش مايسىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلايتتى. شۇنداق قىلىپ قومۇشلار بۈكلىشىپ، دۆۋىلىنىپ ئاخشاملىرى قاپقارا دىۋىدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، بۇ يەرنى ھەر يىلى تېرىيتتى.
. A' {7 n# A& b s9 _, g' f/ w2 a5 O N بىر يىلى ئۇ نېمىنى ئويلىدىكىن تاڭ، يېرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شېھىتلىككە ئاتاپ نەزىر قىلدى، شېھىتلىكنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزى بىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن شېھىتلىكتىكى بۈكلىشىپ كەتكەن قومۇشلارغا ئوت قويدى. قومۇشلار كۆيۈپ بولغاندا قومۇشلارنىڭ ھۆل كۆتەكلىرىدىن چىقىۋاتقان ئىس ئۇنىڭ كۆزلىرىگە كىرىپ كەتكەنمۇ قانداق، ئۇنىڭ كۆزلىردىن بىر كۈن كەچكىچە ياش ئاقتى. ئەتىسى ئۇ، قومۇشلارنىڭ كۆتىگىنى چېپىپ، قومۇشلارنىڭ تۈۋىگە دۆۋىلىشىپ قالغان توپىلارنى بۇلاق سۈيىدە ئاياغ تەرەپكە ئېقىتىۋەتتى، بۇ شېھىتلىكنىڭ ئورنىدىن ئادەمنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر ھازىرقىدەك تۈپتۈز يەرگە ئايلاندى. بىراق ئۇنىڭ كۆزىگە بۇ يەر كۈندىن-قۈنگە كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ خوشال ئىدى. ئۇ بۇ يېرىگە سۇ باشلاپ ئەتىسى ئەتىگەن يېرىدىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ ئېغىزىغا سالدى، ئەمما بۈگۈن بۇ توپا كۈندىكىدەك تەملىك ئەمەس، تۇزلۇق، ئاچچىق تېتىپ ئۇنى كەچكىچە ئۇسساتتى. كېيىن ئۇ بۇ يەرنىڭ توپىسىنى تېتىپ باقماس بولۇپ قالدى.
; U+ g4 i5 B% t7 I+ X5 x0 ^" X ئۇ يىلى باھاردا، ئۇ يېرىگە ئۇرۇق چاچقىلى كەلگەندە بۇ ئىككى پارچە يەرنىڭ ھەممىسىدىن ئاپئاق پاختىدەك شور ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ئاپئاق شورنى قىرىپ ئېلىۋېتىپ، يەرنى ئاغدۇرۇپ ئۇرۇق چاچتى، ئەمما خېلى كۈنلەردىن كېيىنمۇ، بەلكى ئۇ باشقىلاردىن بۇرۇنراق ئۇرۇق چاچقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ بىرسىمۇ ئۈنمىدى. ئۇ يەردىن يەنە شور ئۆرلەپ تۇراتتى. ئۇ ئاپئاق شورلارنى يەنە قىرىپ ئېلىۋېتىپ، يەرگە سۇباشلاپ يەنە ئۇرۇق چاچتى، يەنە بىر تالمۇ ئۇرۇق ئۈنمىدى. ئۇنىڭ يېرىنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرنىڭ بۇغدايلىرى تازا ئوخشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېرىدىن يەنىلا ئاپئاق شور ئۆرلەپ تۇرىۋەردى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، بۇ يېرىدىن زادى مېھىرىنى ئۈزەلمىدى." {8 X: ]( I. E; A, ]4 ^& e! z, E
ئۇ ھەر كۈنى يېرىنىڭ قېشىغا كېلەتتى. ئەمدىلىكتە ئۇ، بۇ يېرىنىڭ بىر چىمدىم توپىسىنى ئېلىپ ئېغىزىغا سېلىشتىن قورقاتتى، توغرىسى ئۇ، يېرىنىڭ توپىسىنىڭ يەنىلا ئاچچىق، تۇزلۇق تېتىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. ئەمما ئۇ يېرىنىڭ توپىسىنىڭ ئاۋالقى تەمىنى سېغىنغان ئىدى. بىراق ئۇ يېرىنىڭ نېمە ئۈچۈن شورلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ يېرىدىن ھەر كۈنى پاختىدەك ئۆرلەپ تۇرىدىغان ئاپئاق شورنى يوقىتالمىدى. ئەمما ئۇ بۇ يېرىدىن زادى مېھىرىنى ئۈزەلمىدى. يەردىن شور ئۆرلەپ تۇرسىمۇ، ئۇ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بۇ يەرنى سۇسىز قويمىدى، يەر بىر نەچچە يىل تېرىلمىدى. بۇ يىل باھاردا ئۇ، يېرىدىكى ئاپئاق شورلارنى قىرىپ ئېلىۋېتىپ، يەرگە سۇ باشلاپ ئۇرۇق چاچتى، ئەتىسى ئۇ يېرىنىڭ قېشىغا بارغاندا ھېلىقى شېھىتلىكنىڭ ئورنىدىن غۇچچىدە قومۇش ئۈنۈپ چىققانلىقنى كۆردى. ئۇ يېرىدىن بىر چىمدىم توپىنى ئېلىپ ئېغىزىغا سالدى، توپا ئاۋالقىدەكلا تەملىك ۋە مىزىلىك تېتىدى.
/ y7 w8 J) _/ U/ z! U3 F مەنبەسى: بەگيار بىلوگىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |