خەۋەر«ئۆزبېك مىللىتى» نىڭ پەيدا بولىشى2 f: ~- u* ]3 ?6 G4 m
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
; [# Y& a0 L, U, h$ {, O
* y" d6 H/ Y5 J# s" R مەن بەزىلەرنىڭ ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلىرىغا رەددىيە بېرىش ۋە تورداشلارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بۇ ئىزدىنىش نەتىجەمنى مۇشۇ يەرگە يوللىدىم.قېنى دېققىتىڭىز ماقالىدە بولسۇن:
% `- A4 s( O k, S0 v" Z8 q# Z" [$ c' @4 x0 x5 S6 U6 s% o% c
ئۆزبېك دېگەن نام مىلادى 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرغا چىقتى.مىلادى 1224-يىلى چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى ئىككىنچى ئوغلى چاغىتايغا بۆلۈپ بەردى.ئېدىل(ۋولگا)دەريا ۋادىلىرى،جەنۇبى روسىيە تۈزلەڭلىكىنى ئاساس قىلغان «دەشتى قىپچاق» رايۇنى ھەم چاغىتاي ئولۇسىنىڭ شىمالىدىكى ئېرتىش دەرياسى،بالقاش كۆلىنىڭ شىمالى،سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى قاتارلىق جايلارنى چوڭ ئوغلى جوجىخانغا بۆلۈپ بەردى.شۇ يىلى جوجىخان ۋاپات بولۇپ،بۇ زېمىنغا جوجىخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخان ئىگە بولدى.قىپچاق خانلىقىنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ كۈچلۈك بىر تارمىقى بولغان قىپچاق ۋە باشقا تۈركى قەبىلىلەردىن ئىبارەت ئىدى.پەقەت ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرلا چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى __ موڭغۇللار ئىدى.خۇددى مەركىزى ئاسىيادا چاغىتاينىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، جوجىخاننىڭ ئەۋلاتلىرىمۇ قىپچاقلىشىپ كەتتى. 1256-يىلى باتۇخان ۋاپات بولدى.باتۇخاننىڭ ئوردا،شايبانى ۋە بۆرىكە(بېركە) قاتارلىق ئۈچ ئىنىسى بولۇپ 1257-يىلى بۆرىكە قىپچاق خانلىقىنىڭ تەختىگە چىقتى.1260-يىللىرى ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت دېنى قىلىپ بېكىتتى.مىلادى 1266-يىلى باتۇخاننىڭ غەيرى مۇسۇلمان ئوغلى مەنگۈ تۆمۈر ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، قىپچاق خانلىقىدىكى باتۇخاننىڭ ئىنىلىرى ئوردا ، شايبانى ۋە بۆرىكە تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت بىر بىرىگە قارشى ئۈچ زور گوروھنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى.مىلادى 1312-يىلى مەنگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۆزبېكخان (توغرۇلچە «خاننىڭ ئوغلى »دىگەن مەنىدە) تەختكە چىقىپ، ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزدى.ئىسلام دېنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ،نامىنى مۇھەممەت ئۆزبېكخان دەپ ئۆزگەرتتى.ئۇ تۈركى قەبىلىلەر،تۈركلەشكەن موڭغۇللار ۋە نوغايلار (تاتارلارنىڭ ئەجداتلىرى)دىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقى تەۋەسىدىكى مۇھىم رايۇن ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتتى،بۇ قوشۇنلار ئەينى زاماندا «ئۆزبېك قوشۇنى» دەپ ئاتالدى.بۇ قوشۇن چىققان زېمىندا ياشىغۇچىلارمۇ باشقىلار تىلىدا «ئۆزبېكى» ،«ئاۋۇزبېكى» (پارىسچە بۇزۇلۇپ ئېيتىلىشى) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى.3 W! E; T8 E5 M4 D) ^
مىلادى 1500-يىللىرى مۇھەممەت شايبانىخان(جوجىخاننىڭ ئوغلى باتۇخاننىڭ ئىنىسى شايبانىخاننىڭ ئەۋلادى) سەمەرقەند شەھىرىنى قولىغا ئېلىپ،ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەمىر سۇلتان ئەلىنى ئۆلتۈردى،ۋە ئۇنىڭ تەختىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى«ئۆزبېكخان» دەپ ئاتىدى.مۇھەممەت شايبانىخان ئۆلگەندىن كېيىن، مىلادى 1511-يىللىرى ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا خىۋە خانلىقى مەيدانغا كەلدى.1563-يىلى مۇھەممەت شايبانىخاننىڭ ئەۋلادى ئابدۇللاخان بۇخارا خانلىقىنى قۇردى. مىلادى 1709 -يىلى مۇھەممەت شايبانىخاننىڭ ماۋرەئۇننەھر رايۇنىدىكى ھۆكۈمرانلىقى تولۇق ئاياغلىشىپ،بۇرۇنقى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى شاھرۇخخان قوقان خانلىقىنى قۇردى. يۇقىرقى خىۋە،بوخارا ۋە قوقاندىن ئىبارەت ئۈچ خانلىق ئۇزاق مۇددەت بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇردى.بۇ ئۈچ خانلىقنىڭ ئاساسى ئاھالىىسى يەنىلا ئاتالمىش«ئۆزبېكلەر» بولۇپ،كېيىنچە بۇلار ئالاھىدە كۈچلۈك بىر مىللەت سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى①. كارل ماركىسمۇ دۇنيا تارىخى بىلىملىرى ئاساسىدا مۇنداق يازغان ئىدى: « ئۆزبېكلەر قىپچاق خانلىقىدىكى تۈركلەر بولۇپ 1305-يىلى باش كۆتۈرگەن ،خان ئىسمى ‹ئۆزبېك›،1305-يىلى تۇغۇلغان»②»
8 ^! y2 V5 J7 {9 T! @4 h3 a دېمەك ئۆزبېكلەر ئەسلى تۈرك قەۋمىدىن بولۇپ،ئەينى دەۋردىكى خارەزم،تاشكەنت،پەرغانە، بوخارا (سامانىلار دەۋرىدە مەدەنىيەت ئوچىقى بولغان) ، سەمەرقەند (تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە مەدەنىيەت ئوچىقى بولغان) قاتارلىق جايلاردا ياشىغان مۇسۇلمان تۈركلىرى ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللارنىڭ ئومۇمى نامى ئۇلارنى ئىستىلا قىلغان ھۆكۈمران «ئۆزبېكخان» دېگەن كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان.
9 ~; a# D! O5 V ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئالمىشىش تەرتىۋى مۇنداق بولغان:( k0 f9 D: |' L* y
جوجىخان(چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى) --- باتۇخان(جوجىخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى)---بۆرىكە(باتۇخاننىڭ ئىنىسى)---مەنگۈ تۆمۈر(باتۇخاننىڭ غەيرى مۇسۇلمان ئوغلى)---ئۆزبېكخان(مەنگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى)
& y7 P" C* u% z0 W; h: q& q4 g1 N4 r
4 ]+ Z( M! h) t, q- p4 g2008-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى يېزىلدى.
/ R9 e3 W0 o2 |( X: a* N, ]__________________6 O* E+ U" a |( q# h( E3 q. n& r
پايدىلانغان ماتىرياللار:' W+ ?8 z- H; M' S8 V3 G/ ^
①ئەنىۋەر بايتۇر،خەيرنىسا سىدىق،«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 1087 ~ 1088-بەتلەر،مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991-يىل 11-ئاي+ t0 ~4 C; [* B
②ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» 250 –بەت،شىنجاڭ خەلق چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |