مائارىپ
: i: c$ h+ p, Gرىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كۆپ زامان ئىلگىرى خوتەن دىيارىنىڭ چەت ياقىسىدا بىر بەگلىك ئۆتكەن ئىكەن. بۇ بەگلىكنىڭ بېگى يۇرتنى ناھايىتى ئادىل سورايدىكەن. شۇڭا بۇ يۇرتتىكىلەر باياشات، خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم ياشايدىكەن. بۇ يۇرتتا گۈلخان ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇ بەگنىڭ ئادىل، خەلقپەرۋەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، بىر كۈنى 40 چارەك ئۇندا خېمىر، 40 قوينىڭ گۆشىدە قىيما تەييارلاپ، 40 كۈن ھەپىلىشىپ بىر كۆمەچ پىشۇرۇپتۇ - دە، ئۇنى بەگكە تارتۇقلاش ئۈچۈن، 40 ئاتقا ئارتىپ بەگنىڭ قورۇسى ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. بىراق، كۆمەچ بەگنىڭ دەرۋازىسىدىن پاتماپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەگ كۆمەچنى دەرۋازا ئالدىدىلا ئاۋامغا تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. كۆمەچنى يېگەنلەر كۈچ - قۇدرەتكە تولۇپتۇ - دە، يۇرتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ۋە باشقا ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆمەچنىڭ داڭقى چىقىپ، ھېلىغىچە خوتەن خەلقى ئەتىۋارلاپ يەيدىغان تائامغا ئايلىنىپتۇ.
# Z* j( \& y) E& c6 ^3 t+ k8 ^
* ^. \+ s/ p! R9 x A# Y+ u7 p" `3 T! T x( D5 q
مەنبەسى: نۇر تورى ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |