يانفۇن
ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تور ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە بولىدۇ! e/ T0 V" G+ U+ G
% s& }1 a4 `7 l: S* n9 \$ C9 `جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
( r" m7 D) c$ d, O
) k: I) h, ]7 j0 ^9 r* d7 ?مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي مەكتەپلەر ھازىر قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىشنى باشلىغان، ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ ياكى ئۆز جايىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ، قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشنى تەكشۈرتسە بولىدىكەن.5 t) t% H: V) o' a4 ]
+ w( [! }# X7 x
ئىگىلىنىشچە، 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى سائەت 19 (بېيجىڭ ۋاقتى) غىچە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 59 مىڭ 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھازىرغىچە ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلاردىن كەلگەن 20 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان، 3000دىن ئارتۇق مەسلىھەت سوراپ كەلگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىنى كۈتۈۋالغان.& t: x9 X# x5 s- j( J& o9 S
i/ _! p+ m* V" S. l* U0 F) e% U
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىدىن سۈرۈشتەقىلسا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بېكىتكەن تور بېكەتلىرىدىن كۆرسە بولىدىكەن. ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار قانۇنسىز قىلمىشلارغا يولۇققاندا ياكى ساختا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى (8758128 – 0991)غا تېلېفون بەرسە بولىدىكەن.دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |