مائارىپ
5 b$ L- C) Q, b2 y) dجوڭگۇ كوماندىسىدىن مەيدانغا چىققان ئاساسلىق ماھىرلار(20-نومۇر مىر ئەخمەتجان)
4 G* X7 l% T) u3 A6 L" ~5 r0 X, cسوخو تەنتەربىيسى خەۋىرى،28-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15 دە،2013- يىللىق ئاسىياياشلار لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانما كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىلەر باشلاندى.بۈگۈن جوڭگۇ كوماندىسى گۇرۇپىدىكى ئۈچۈنچى رەقىبى كامبودژا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. دۆلەت ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان پەخىرلىك پۇتبولچىمىز مىر ئەخمەتجان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مىر ئەخمەتجان كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدا كوماندىنىڭ ھوجۇم ۋە موداپىئەسىنى تەشكىللەشتەك موھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.مىر ئەخمەتجاننىڭ تەشكىللشى بىلەن مۇسابىقە باشلىنىپ ھەدىگەندىلا جوڭگۇ كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 27 مىنۇت بولغاندا،جۇڭگو كوماندىسى بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىر ئەخمەتجان بۇ ئىختىيارى توپنى بىۋاسىتە قاپقىغا قارىتىپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ،كوماندا ئەزالىرىغا تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى.1-0 ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلگەندىن كىيىن. جۇڭگو كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلار تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ،ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئاخىرىدا 3-0 نەتىجە بىلەن كامبودژا كوماندىسىنى يەڭدى.جۇڭگو كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن،ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىپ،گۇرۇپپىدا 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.0 s; p: @! L; O6 ?' t A% L
22 ياشلىقلار ئاسىيا لوڭقىسى-ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ يىل يېڭىدىن تەسىس قىلغان مۇسابىقە بولۇپ،مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىلار بىۋاسىتە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 2013-يىللىق ئاسىيا 22 ياشلىقلار لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ،جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىسىدە،چاۋشيەن،تايلاند،جۇڭگو شياڭگاڭ،كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. بولۇپ،گۇرۇپپىدا 1-ۋە 2-بولغان كوماندا كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
5 K+ M, U9 }- D7 ~2 C+ Cنۇر تورىدىن ئېلىندى چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |