ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2499|ئىنكاس: 1

ئۆلۈم ئالدىدىكى نىدالۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

يانفۇن
ئۆلۈم ئالدىدىكى نىدا

* d7 {# n+ e8 C# ~; |
! \  Y, Y2 i! G$ H- `( V3 u
ھىكايە* {  B8 H! M; V% q! U0 x
! _7 b0 [4 v+ @: H. X
  ئابدۇساتتار تەۋەككۇل  

" F1 u9 z9 I/ B1 r( R! z. }! k  `
نىمە سەۋەپتىندۇر ئايالىم-گۈلشەن يېقىندىن بېرى غەيرى مىجەزلىك بولۇپ قالدى.ئۇ ئەمدى ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلگەندە دائىم قاپىقى تۈرۈلگەن،غەمكىن ھالدا كىلىدىغان بولۇپ قالدى. مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ بۇ چىرايىغا نەزەر سېلىپ قويمىغان ئىكەنمەن. كىيىن گۈلشەن ئۆيدە قىلىدىغان ئىش-كۈشلىرىدىمۇ غەيرى خۇي-پەيلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇۋالدى. ھەر كۈنى بىرەر چىنىنىڭ «ئىھتىياتسىزلىق »تىن چېقىلىپ كىتىشى سەۋىبىدىن ئۆيىمىزدە چىنە-قاچىلار بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ چاغدا مەن تاقەت قىلالماي گۈلشەندىن سوراشقا مەجبۇر بولدۇم:
" ?9 ~! U) R, Y: Y; U! c2 @2 D* p0 S; B' c3 {( j% x% d
-گۈلشەن، يېقىندىن بېرى مىجەزىڭ بۆلەكچىلا ئۆزگىرىپ قالغىلى تۇردى،ساڭا زادى نىمە بولدى؟،-دەپ سورىدۇممەن بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ." {3 B: t8 V: U4 Q" i  `1 m

/ L  A+ o6 I: R- y3 Lلىكىن ئۇ مېنىڭ سۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ بېشىنى ساڭگىلاتتى. مەنمۇ يەنە ئارتۇقچە گەپ قىلماي، ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. بۈگۈن سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كىچىچە كۆرگەن چۈشۈمدىن ھەيران قالدىم. كىچىدە كۆرگەن چۈشۈمدە ئاق خالات، ئاق پوسما كېيگەن بىر ئايال ئىككى يېنىدا ئىككى بالىنى يېتىلەپ، دەرۋازام ئالدىدا پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ، ھەيران بولغىدەكمەن ھەم ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغۇدەكمەن.ئۇ ئەمدىلا مېڭىشىغا كۈچلۈك بىر بوران كىلىپ، ئۇنى غايىپ قىلغۇدەك، مەنمۇ ئەندىكىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. قارىسام ئۆي ئىچىنى گۇگۇم قاراڭغۇسى قاپلىغان ئىدى. مەن ئىلگىرىمۇ بۇ ئاق خالاتلىق خوتۇننى پات-پات چۈشۈمدە كۆرۈپ تۇراتتىم. بۇ خوتۇننى قەيەردە بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن،
+ y8 h( e! T9 [; ~
4 N0 @' I4 |# j# d$ Kلىكىن ئېسىمگە ئالالمىدىم. بۇ خوتۇن زادى كىم بولغىيتى؟
3 M8 w6 D9 h$ s0 w& ~
6 N; [4 f* {8 k5 Q7 pشۇ كۈنى شەمبە بولۇپ، گۈلشەن ئۆيگە ناھايىتى كەچ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆيگە كەچ كىلىدىغان ۋاقتى كۆپۈيىۋاتاتتى. : T- T( a7 `  I+ C

* c. I  S% A3 K& y; @$ @5 n-گۈلشەن بۈگۈن كەچ كەلدىڭىزغۇ؟،-دىدىممەن مۇلايىملىق بىلەن،-نۇربىيە باياتىندىن بېرى «ئاپام شۇ چاققىچە نىمىشقا كەلمەيدۇ؟» دەپ يىغلاپ، ئاخىرى ئۇخلاپ قالدى.
3 ]! y5 x. T1 n% h* ]
$ ?6 }) X# R0 L2 ]2 _: B2 o0 l& V) l* j-دائىم شۇ گەپنىلا قىلىدىكەنسىز،-دىدى ئۇ قولىدىكى سومكىنى زەردە بىلەن كىرىسلونىڭ ئۈستىگە تاشلاپ،-تويغا بارغان ئادەم قايتىپ كىلىدىغان ۋاختىنى بەلگىلىيەلايدىغاندەك،- ئۇقاپىقىنى تۈرۈپ كىرىسلودا ئولتۇردى. , F: C  y9 w( Z9 J% R
. r; I5 n: h* z
-ھەر قانچە ئاچچىقىڭ بولسىمۇ ئۇنداق قىلماسلىغىڭ كىرەك،-دىدىممەن كەسكىن قىلىپ،-ساڭا زادى نىمە بولدى؟/ w% C/ v- W  ?+ i2 j7 P

( {( }' Q/ \3 _3 Kبىرەر يەردە قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتتىڭمۇ-يا؟/ N6 T5 \. N6 d' U5 X
! W7 P8 o' G5 U5 P& a
-بولدى، تەنە گېپىڭىزنى قويىڭە!ئەگەر مېنىڭ ئۆيدىكى ھوقۇقۇم شۇنچىلىك بولىدىغان بولسا، ئىككىمىز ئاجرىشىپ كىتەيلى. بۇنداق بۇرۇختۇم تۇرمۇشتىن خۇيمۇ تويدۇم. 8 t7 u: e. x1 D  K2 p2 ~8 u9 I% a

1 `  j! w0 G7 o( B; \تۇيۇقسىز «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم-دە، ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ كىلىپ، گۈلشەننى بىر تەستەك سېلىۋەتتىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭۈل ئاياپ گەپ قىلمىسا ھەددىدىن ئېشىۋاتقىنىنى قارا بۇنىڭ.
; Z1 j! O; }$ ~: x& k1 M
4 H' x7 m9 H, n% m$ b' }9 |ئاشۇ بىر تەستەكتىن كىيىن ئۇ ئىچكىرى ئۆيگە كىرىۋىلىپ، كارۋاتتا دۈم يېتىۋىلىپ يىغلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ، مېنىڭمۇ ئىچىم سىرىلدى. ھەي، بىكاردىن-بىكار ئۇرۇپ سالدىم.بىز توي قىلغاندىن بېرى ھىچ قايسىمىز بىر –بىرىمىزگە دىل ئازاۋى قىلىشمىغانتۇققۇ؟
- n! E6 _% j. Y7 r8 u% l) ^- S! i
$ O9 c- `) c6 A# \9 gئىلگىرى مەن ھەر دائىم سىرىتتا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ، ئۆيگە خامۇش ھالدا قايتىپ كەلگىنىمدە، گۈلشەننىڭ ئالدىمغا بىر تەخسە تاماق قويغان ۋاختىدىكى تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان گۈزەل جامالىنى كۆرۈش بىلەنلا كۆڭلۈمدىكى خاپىلىقلىرىم نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كىتەتتى. يىگىتلىك چاغلىرىمدا ئۇنىڭ بۇلاقتەك ئويناپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرى،شامالدا يەلپۈنۈپ ئارقىسىغا تاشلىنىپ تۇرغان قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى مېنى ھەقىقىتەنمۇ تەلپۈندۈرگەن.ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن بولسا، ئاشۇنداق بىر تەڭداشسىز ساھىپجامالنىڭ ئېرى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم. ئەنە شۇ پەخىرلىك خوتۇنۇم مانا ئەمدى مەن بىلەن ئاجرىشىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.
7 R0 j5 G- c/ B- R
' E/ x/ Q0 y% r: x* a7 tئۇنىڭغا زادى نىمە تەسىر قىلغاندۇ؟مېنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەتقىقات ماقالىللىرىمنى ئاققا كۆچۈرۈشتىن زىرىكتىمۇ-يا؟بولمىسا ئۇ ئىلگىرى مېنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىمغا قىزىق ىپ مەن بىلەن توي قىلغان. مېنىڭ مۇئاۋىن پىراپپىسورلىققا كۆتۈرىلىشىمدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ تۆھپىسى بار ئەمەسمۇ؟ بۇ زادى نىمە ئىش؟ئەتىسى گۈلشەن مەكتەپكە كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. ئاڭلىسام مەكتەپتىن بىر ياتاق ئېلىپ، شۇ يەردە يېتىۋىتىپتۇ. مەن بىر نەچچە قىتىم ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىشكە ئادەم ئىبەرتكەن بولساممۇ لىكىن بۇنىڭ قىلچە نەتىجىسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە گۈلشەن مەن ئىبەرتكەن ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ مەن بىلەن قەتئى ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.چۆچەكلەردە ئېيتىلىۋاتقاندەك، سىرلىق ئىشلار بولىۋاتىدىغۇ بۇ يەردە؟7-8 يىللىق تۇرمۇشىمىزنى بۇزساق قانداق بولىدۇ؟ ۋاقىت ئۆتمەكتە. تومۇز ئىسسىقى ئۆتۈپ، غۇر-غۇر شامال ئەتراپتىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ غازاڭلىرىنى شىلدىرلىتىپ تۆكمەكتە. شۇ تاپتا ئۆزەمنىڭمۇ ھاياتىمنىڭ ئىللىق تومۇز پەسلى ئاخىرلىشىپ، كۈز پەسلىگە يېقىنلاپ كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلماقتىمەن. ۋاقىت ئۆتمەكتە.بىر قانچە قىتىملىق سۈلھىنىڭ نەتىجىسى بولمىدى. ئەمدى يەنە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە بولمايتى.
  Y# f5 R1 B2 o0 X5 Z. }. U6 p* i& k# P9 v1 F; K
-ئۇنىڭ تەلىپىنى قەتئى ئورۇنداش قارارىغا كەلدىم،-دىدىممەن ئارىلىقتا تولا يول مېڭىپ كەشىنىڭ پاشنىسى قالمىغان ئادىمىگە تاپىلاپ،-ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن قىزىم-نۇربىيەنىڭ باشقا ئۆگەي دادىنىڭ قولىدا خارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزەم بېقىپ چوڭ قىلىمەن. - L7 |3 u+ s& g+ a% M$ O# b

$ x  F1 _# c' a; Pھېلىقى ئادەم بۇ خەۋەرنى گۈلشەنگە يەتكۈزۈپتۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا رەسمى كىلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن ئاھالە كومىتىتىغا بارىدىغان بىر پەيىتنى تاللاپ، ئىككىمىز ئەتتىگەندە ئاپتۇبۇس ئالدىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق.
! [( \8 @4 p  {, L: ~8 @
: E3 n5 X$ _3 Y4 lشۇ كۈنى مەن ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نۇربىيىگە ئەتىگەنلىك تاماقنى يېگۈزۈپ،ئۇنى يەسلىگە  ئەكىلىپ قويۇپ،4 V% T7 t* z$ @! d0 y

& ]6 i9 h+ Q9 o( wرايۇنلۇق ئاھالىلار كومىتىتىغا بارىدىغان يول ئاپتۇۋۇزىنىڭ بىكىتى ئالدىغا كىلىپ تۇردۇم. گۈلشەنمۇ بۇ يەردە ھازىر بولۇپ تۇراتتى. مەن 7-8 يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يۈز خاتىرسى بىلەن ئۇنىڭدىن تىنىچ-ئامانلىق سورىدۇم. ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى.
9 m; |, ^. H% a' Y" H* j1 x. d) B# {. c! N& o. l( g8 T
بۇ يەردىن رايۇنلۇق ئاھالىلار كومىتىتىغا ئىككى كىلومىتىرچە ئارىلىق بولۇپ، بۇ يولدا ھەر يېرىم سائەتتەبىر ئاپتۇۋۇز كىلەتتى. شۇڭا بىر ئاز كۈتۈشكە توغرا كىلەتتى. شۇنداق تۇرغاندا ئاپتۇۋۇز ساقلاپ تۇرغان يولۇچىلار ئارىسىدا بېشىغا كونا سەرپۇش تۇماق كەيگەن،ئۇچىسىغا ئۇ يەر بۇ يەرلىرى يىرتىلىپ كەتكەن ئەسكى چىپەرتقۇت يەكتەك،پۇتىغا يىرتىق چۇخەي كىيىپ، مۆرىسىگە ئەسكى بىر خالتا ئاسقان كىرلىشىپ كەتكەن قوللىرىغا يوغان بىر تاياقنى تۇتىۋالغان 12-13 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا پەيدا بولدى-دە، كىشىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ، سەدىقە سورىدى. بەزىلەر ئۇنىڭغا پۇل بەردى. بەزىلەرنىڭ كارى بولمىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا بەش مولۇق پۇلدىن بىرنى بەردىم. ئۇ مۆلدۈرلەپ تۇرغان سەبىي كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،مەندىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاندىن مېنىڭ يېنىمدا تۇرغان گۈلشەنگە قول ئۇزاتتى. گۈلشەن بىكەتنىڭ ئاخىرقى چېتىدە تۇراتتى.ئۇ بالىنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ، توپتەك تۇرۇپ قالدى. ھېلىقى تىلەمچى بالىمۇ بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قالغانىدى. ئەجىبا بۇ بالا گۈلشەننىڭ تۇغقىنى بولمىسا، نىمىشقا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايدىكىنە؟گۈلشەن بالىنى ئىشارەت قىلىپ، ئىككى قەدەم ئارقىغا چىكىندى. مەنمۇ ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ، ئۇلارغا يېقىنلاشتىم. گۈلشەننىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۇنتۇغان ھالدا سورىغان سۇئاللىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
3 C$ ^8 m- t  E) N2 J; ]2 S. y- Q3 @6 H, k" ?8 F3 t
-ئۇكام، سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ يوقمۇ؟
2 `* U8 E2 W+ b: S0 @! J3 d, P% \. `
-مېنىڭ چوڭ كادىر دادام بار ئىكەن،-دىدى بالا بۇرنىنى شۇلدۇقلىتىپ تۇرۇپ،-مەن كىچىك ۋاختىمدا ئانامنى قويىۋىتىپ، مېنى چوڭ دادامنىڭ قېشىدا قويۇپ، يىراق بىر يەرگە كىتىپتىكەن. كىيىن ئاناممۇ باشقا يىراق يەرگە ئەرگە تىگىپ كىتىپتۇ. چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام بىر يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كىتىپ، مېنى باقىدىغان ئادەم يوق، ئىلاجىسىز نان تىلىدىم. 9 e1 S% a* }3 J. |3 W" n

3 y: F! ^" t: {' N$ }* \-ئاتا-ئاناڭ سېنى يوقلاپ كەلمىدىمۇ؟-دىدى گۈلشەن كۆزلىرىدىن لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى تۆكمەسلىككە تىرشىپ.
, @$ E- K  C) y  \0 U7 [3 N! U& d! w7 G. x- k
-بۇ يەردىكى كىشىلەردىن ئاڭلىسام،دادامنىڭ مەنسىپى تېخىمۇ يوغىناپتۇ. بىراق ئۇ مېنى ئىزلەپ كەلمىدى،- بالىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش لىغىرلىدى،-ئەگەر دادام مېنى ئەپكەتكەن بولسا، مەنمۇ بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم،-بالا گۈلشەن تەڭلىگەن بىر يۇەنلىك پۇلنى ئالغاندىن كىيىن،- خۇدائۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلار،ئاچا،-دىدى-دە، بىكەتتىن يىراقلىشىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. گۈلشەن ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغىنىچە، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئاپتۇۋۇز كەلدى.مەن گۈلشەنگە ۋاقىردىم:-گۈلشەن، يۈر!ئاپتۇۋۇز كەلدى. بىراق ئۇ مىدىرلاپمۇ قويماي، كۆزىنى بىر نوختىغا تىكىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قولتۇقىدىن سۆرىدىم. ئۇ چۈچۈپ ئۆزىگە كەلگەندە باشقا يولۇچىلار ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ بولغان ئىدى. بىراق گۈلشەن ئاپتۇۋۇزغا چىقماي، ماڭا قاراپ:5 i# `$ X) [- r  x
# g0 {8 _: X1 p. c& @" e" t. o( P
-يۈرۈڭ، ئۆيگە كىتەيلى،-دىدى-دە،كەينىگە يېنىپ پىيادە مېڭىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي، ئىلاجىسىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ كەتتىم. بىزنىڭ ئاپتۇۋۇزغا چىقىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىپ تۇرغان شوپۇرمۇ سالپىيىپ، رولىنى قايرىپ ئاپتۇۋۇزنى ھەيدەپ مېڭىپ كەتتى.
5 m8 Z. Y3 Y3 R. C* ]% I- |& w) ~9 B- ^' y/ p4 s
گۈلشەن كىچىچە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتى. ئۇ بەلكىم ئىلگىركى قىلغان ئىشلىرىدىن پۇشايمان قىلغان بولسا كىرەك.
+ d# ~5 b3 X; R: t  I" P4 s9 ?' c/ J% j" ^
بولدى، يىغلىمىغىن،-دىدىم مەن،- ئۆزەڭنى بېسىۋال.
: `& \" ]7 |% X8 T! j  e6 p' a5 y- N4 B4 c* N* V0 U% p$ t# e
-مېنى كەچۈرۈڭ، سۇلتان،-دىدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ،-مەن ئەقلىمدىن ئېزىپ، بەخىتلىك ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلغىلى،قىزىم-نۇربىيەنى يىتىم قىلغىلى تاس قاپتىمەن،-ھېلىقى كىچىك تىلەمچى بالىنىڭ سەرگۈزەشتسى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ ئەگەر ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتسەك، نۇربىيەنىڭمۇ ئىگە-چاقىسىز قىلىپ، كوچىغا چىقىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى. مەن گۈلشەننىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلىۋاتقان ئېغىر تىنىقلىرىدىن ئۆزەمنى گويا جۇدالىق ھىجرانىدىن بەخىت ۋىسالىغا يەتكەندەك ھىس قىلدىم، بىراق قايتىدىن ئىرىشكەن بۇ بەخىت ۋىسالى ئۇزۇن داۋاملىشالمىدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتىمىكىن،بىلمەيمەن، تۈن كىچىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم. ئۈستۈمدە بىر نەرسە تارتىشقاندەك بولدى. كۆزۈمنى ئېچىپ قاراپ، كۆز ئالدىمدىكى دەھشەتلىك ئىشلاردىن چۈچۈپ ئەتراپىمغا قارىدىم. ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولۋىدىم، مېنىڭ ئۈچ يېرىمدىن كارۋات بىلەن قوشۇپ، ئارغامچىدا باغلىۋەتكەچكە، قىمىرلىيالمىدىم. دەل شۇ چاغدا بەد-بەشرە بىر مەخلۇق كۆزلىرىدىن قان تىمىپ تۇرغان ھالدا بىر دانە قانلىق خەنجەرنى ماڭا تەڭلەپ تۇراتتى.
  i. `& A; c& D; N* g' ?; `. c9 [8 L6 E! l% T
-مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ،بۇنداق زورلۇق قىلىشقا پىتىنغان قانداق ئادەمسەن؟،-دەپ سورىدىم مەن پۈتۈن كۈچۈمنى ئاغزىمغا يىغىپ.
% N- g& i4 b8 N9 ?) V. O1 Z% H, C9 H; h' q& i8 {3 O. C: _
-مەن بۇ دۇنيانىڭ ئەزرائىلى،-دىدى ئەمدى ئۇمۇ تىترەك ئاۋازدا
+ S! B) m8 D1 p8 w9 i+ ?
! c" m/ q: i) j7 \& H9 W4 M' v8 Jگەپ قىلىۋاتاتتى. ; a2 g; ~( ^9 a1 ?& q/ x

3 {: j& C1 B% z, g* ?-خوتۇنۇمنى ئۆلتۈرۈشكە قانداق پىتىندىڭ؟،-دەپ سورىدىم مەن يەنە.
, C5 P" j7 N3 {6 d) Y+ a, U- W5 Y  s( _/ ^% j+ D
-ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ۋەيران قىلىپ،بۇ دۇنيادا ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلدى، شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈردۈم. ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى. ' \, i" a. ~/ ]4 X5 C* G
6 M8 @& H( R$ \/ w7 q
شۇ تاپتا مەندە دەھشەت قورقۇنۇچلۇق ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى زادى قالمىغان ئىدى. قورىققىنىمدىن ئۇ ئادەمخور جاللاتنى ئالداپ، ئۇنى نىيتىدىن ياندۇرىدىغان سۆزلەر زادى يادىمغا كەلمەيۋاتاتتى. ئاھ خۇدا!مەن مۇشۇ پىتىم بۇ دۇنيادىن كىتەرمەنمۇ؟مېنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-غايىللىرىم بار ئىدىغۇ؟ تەتقىقات ماقالىللىرىمدىن بىر نەچچىسى تېخى تولۇق پۈتمىگەن ئەمەسمىدى؟ 1 r0 H+ z, l1 Q- z! r7 s# ~

( A3 `" i# N; \0 w9 c! A8 l-ئەگەر بىزنى ئۆلتۈرۋەتسەڭ، سېنىمۇ قانۇن ھامان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ،-دىدىم مەن بۇ گەپنى ئارانلا ئويلۇنۇپ،- مەن ئاللىقاچان ئۆلگەن ئادەم.بۈگۈن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇدۇنياغا سەپەر قىلىىمەن،-ئۇ خەنجەرنى يوتقانغا سۈركىۋىتىپ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى،- سېنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا شۇنى سەمىڭگە سېلىپ قويايكى، قىزىڭ سېنىڭ نامۇ-نىشانىڭنىڭ ئىزناسى سۈپىتىدە تىرىك قالىدۇ. بۈگۈن پەقەت ئۈچەيلەنلا مەھشەرگاھدا كۆرشىمىز،-مەن بىر نەرسە دەي دىگۈچە، ئۇ خەنجەرنى ئىگىز كۆتەردى. مەن شۇ سىكۇنىتتا پانىي دۇنياغا شۇنداق خىتاپ قىلدىم:ئەي رەزىللك،پەسكەشلىك بىلەن تولغان پانىي دۇنيا.مېنى بۈگۈن ئۆز قوينىڭدىن قوغلىماقچى بولىۋاتىسەن، لەنەت ساڭا، يۈزمىڭ لەنەت!ئەي كۆيۈمچان، ئەل-يۇرۇت، قەۋىم-قېرىنداشلىرىم، بۇ قانلىق پاجەئەنىڭ شاھىدى بولغان قىزىمغا ئوبدانراق قاراپ قويۇڭلار، ئۇمۇ كەلگۈسىدە مانا بۇ ئەقىلسىز ئانىسىغا ئوخشاش ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ چوڭقۇر پاتقىقىغا پېتىپ قالمىسۇن!رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار

0

تېما

1

يازما

26

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
20 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-25 23:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗