يانفۇن
ئاخبارات تارماقلىرى پىسخىكىلىق تەسىر كۆرسىتىش مۇتەخەسسىسلىرىنى جاسۇسلۇققا قوبۇل قىلغان؛ ئامېرىكا گېنىرالى جۇڭگونىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى يۇشۇرۇن پىلانلىغان؛ سىياسىئىونلار «زامان ئاخىر پاناھگاھى»نى يۇشۇرۇن سالدۇرغان؛ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا يەتتە مىنۇتتا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك دېگەندەك كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ ۋەقەلەر قانداقتۇر ھوللىۋود فىلىملىرىدىكى ۋەقەلىكلەر بولماستىن، بەلكى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلانغان نۇرغۇن ھۆججەتلەر كىشىلەر ئالدىدا تەدرىجى نامايان بولۇشقا باشلىدى.
+ K' l0 z4 ^9 {9 ]$ e l جۇڭگونىڭ يادرو سىنىقىنى توسۇدىغان «B پىلان»
4 T* x1 L! Z0 R4 [ ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى. ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار زېھنىنى ئىشقا سېلىپ، جۇڭگونىڭ يادرو پىلانىنى توسۇماقچى بولدى.
- d" f! g+ R% e0 ` ئەينى چاغدىكى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماكسىۋېل تايلېر1963-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى يادرو سىنىقى بازىسىغا يۇشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش، بۇ ھەرىكەتنى بومباردىمانچى ئايروپىلان ياكى گومىنداڭنىڭ 100 ئەسكىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىسىمى ئورۇنداش مەزمۇنىدىكى ئالاھىدە ئۇرۇش پىلانى- «B پىلان» نى تۈزدى.2 R& G9 I0 r, f
خام خىيال بىلەن تولغان «B پىلان» ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 1964-يىلى 16-ئۆكتەبىر جۇڭگو تۇنچى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ماكسىۋېل تايلېرنىڭ «B پىلان»ى تەلتۆكۈس بەربات بولدى.
" Z1 S4 z# t$ p, U پىسخىكىلىق تەسىر كۆرستىش قىسىمى' w5 S/ I7 N; A# E% O! ~
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، سىتانفۇرد تەتقىقاتخانىسىدا «كاۋاپدان ئۇچقۇنى» ناملىق يۇشۇرۇن ھەرىكەتنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. كىشىلەر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاتالمىش «پىسخىك تەسىر كۆرسىتىش پىشۋالىرى»نى توپلاپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى يېراقتىن رازۋېتكا قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاندا-ساندا بىلدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى: بىز «پىسخىكىلىق تەسىر كۆرسىتىش پىشىۋالىرى»نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تەسىر كۆرستىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھېچقانداق ئاخبارات بىلەن تەمىنلىمىدۇق، دېدى. بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يەنە كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى. % ]3 z7 U/ Q1 Q: g; |
20 يىلدىن كېيىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەت ستانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىشنى يىراقتىن ئۆلچىيەلەيديغان رادارنى مەخپىي تەتقىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ خىل رادارغا قوللىنىلغان مىكرو دولقۇن چاستوتىسى دەل ئاتالمىش مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئەسلىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ «پىسخىكىلىق تەسىر كۆرستىش قىسىمى»دىن ئىبارەت قىزىق ئويۇننى ئوينىشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى «ك گ ب» نىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ، مۇتلەق مەخپىي بولغان رادار تەتقىقات پىلانىنى يۇشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
" U* o) I g* h, P كۆك جەۋزا يۇلتۇزى پىلانى4 `3 x( `' Y8 L( ?
ھەممىگە مەلۇمكى، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ جەۋزا يۇلتۇزى «ئادەملىك ئالەم قاتنىشى پىلانى» «مېرىكۇرىي»ئادەملىك ئوربېتىدا ئۇچۇش پىلانىدىن كېيىن يولغا قويغان يەنە بىر ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تۈرى ھېسابلىناتتى.
+ R5 j, q t9 b' n' _ كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغىنى، ئەينى چاغدا يەنە «يېشىل جەۋزا يۇلتۇزى پىلانى»تەڭلا يولغا قويۇلغان ئىدى. بۇ پىلان بويىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوربىتىدا ئۇچۇش پىلانىدىن پايدىلىنىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ، ئالەم رازۋېتكا ئەسكىرى قىلماقچى بولدى. دەسلەپتە ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ناھايىتى قىزىققان. مەخىپىي ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېركا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ پىلان ئۈچۈن ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىغا 100 مىليون دوللار ئاجىرىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ھەربىي دائىرىلەر ھەرىكەت پىلانىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇ ئىشتىن ۋاز كەچكەن. ئاخىرىدا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ كغچلۈك قارشى تۇرىشى بىلەن « يېشىل جەۋزا يۇلتۇزى »پىلانى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.8 L; z) M4 r" Z7 l9 m# u' o+ p" z
زامان ئاخىر مېھمانسارىيى
9 E4 Z$ ~% L$ {: L- C! L6 U `# C ۋاشىنگتوندا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە «زامان ئاخىر مېھمانسارىيى» ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقالغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، بۇ «زامان ئاخىر مېھمانسارىيى» ۋاشىنگتوندىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇلۇڭ-پۇشقاققا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادا يادرو ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇنى ئاخىرىقى پاناھگاھ قىلماقچى بولغان.
) t6 v. Q8 _' a2 b+ w/ \9 m* | ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەينى چاغدا پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بەرگەندە، مۇشۇنداق ئەسلىھەنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭ ھەقىقىي نامىنىڭ «ۋېرگې تېغى» دەپ ئاتىلىدىغانىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭ كونكېرت ئورنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولغاچقا ئاشكارىلىمىغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ۋېرزگې تېغى»نىڭ ئورنىنى ئاشكارىلىدى. ئەسلىدە بۇ سىرلىق پاناھگاھ ۋاشىنگتوندىن 75 كلومېتىر يىراقلىقتىكى بېررىۋولېرغا جايلاشقان ئىكەن. «ۋېرگې تېغى» ھازىر ئامېرىكا قوشما ئىشتات جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلدى.
6 ]0 _- [. E8 R. c* {; e سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يادرو پارتلاش ۋەقەسى
/ m3 F. n4 w& V) m5 I% ^- v سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى 1948-يىلى جەنۇبىي ئۇرال تېغىنىڭ مېيلاك رايونىدىكى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانىدا پلوتونېي رېئاكتورى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقەدە چىققان رادىئاتسىيەلىك توزانلار دۇنيادا ھازىرغىچە قىلىنغان 500 قېتىمدىن كۆپرەك يەر ئاستى يادرو سىنىقى، چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋەقەسى ۋە ئەنگلىيە ۋىندسكال يادرو ۋەقەسىدە پەيدا بولغان رادىئاتسىيەلىك ماددا يىغىندىسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. جامائەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتى ئەڭ مۇھىم خەۋەر ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىش ئورگىنى-«تېخنىكىدىن پايدىلىنىش مەركىزى» بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ قېتىمقى پارتلاشنى تەكشۈرۈپ چىققان. قىزىق يېرى شۇكى نېمە سەۋەبتىنكىن، ئامېرىكىلىقلارمۇ بۇ مەخپىيەتلىكنى 50 يىل ساقلىغان. ' \+ a/ c' p0 A' S
زامان ئاخىر بولۇشتىن ئىلگىرىكى يەتتە مىنۇت T O% @+ H" g" A9 p( A
ئەگەر شۇم خەۋەرنى باشلىقىڭىزغا يەتكۈزمەكچى بولسىڭىز 1979-يىلى ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتى چېيېننې تېغى ئالەم قاتنىشى مۇداپىئە ئۇرۇشى مەركىزىدە يۈز بەرگەن كومىدىيەلىك ۋەقەنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. شۇ كۇنى ئۇرۇش مەركىزىدىكى راداردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2200 باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ ئامېرىكىغا ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىگە ئاساسەن، زۇڭتۇڭ كات بۇنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرمەكچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارار قىلىشىغا يەتتە مىنۇتلا بار ئىدى. بەختكە يارىشا، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن دېجۇرنى ئوفېتسېر بۇنىڭ ئورۇنسىز ساراسىمە، ئىكەنلىكىنى بايقىدى. قايسى بىپەرۋا ئوفىتسېر قانداقتۇر مەشق قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ماگنتلىق لېنتىنى قويۇپ بېرىش ئۈسكىنىسىگە سېلىپ قويغان بولۇپ، راداردا كۆرۈنگەن باشقۇرىلىدىغان بومبىلار پەقەت تەقلىدى سىگنال ئىدى.
& q0 L8 Y+ _* I4 j; Z. i7 }/ c7 E شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى مەشق مەركىزىنى دەرھال ئۇرۇش مەركىزىدىن ئايرىۋەتتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۆزىتىش ئۈسكىنىسىدىن مەلۇم ۋاقىتتا بىرەر غەلىتە چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.& Y( x, K$ w- t, P( c
موسكۋادىكى «ئەرۋاھ قىسىم»
% B0 L# X4 X2 e5 k F+ ] ئامېرىكا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىق ھەربىي ھازىرلىق قۇرلۇشى قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەممە يەردە تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ھەربىي ساھەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندىن كېيىن، كىشىلەر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى «ئەرۋاھ قىسىم» بىلەن بەسلەشكەنلىكىنى بايقىدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلانغان ھۆججىتلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئەندىشىگە سالغان ۋە چۆچۈتكەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى قوراللىرى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەھلىلچىلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان «T _72» بەلگىلىك تانكىسىنى ئەڭ يېڭى تىپتىكى « T_80 » بەلگىلىك تانكا دەپ خاتا پەرەز قىلغان. 2001-يىلى ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى گېنىرال ھان بىگلې مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئامالسىز: 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ قىسىملىرىنى بىزدەك كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىمىگەن، دەپ ئېتىراپ قىلغان. رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |