يانفۇن
خوتەن قاشتېشىنى بىلەمسىز؟ 5 @/ x- _" o1 U: J$ u! m! e* @2 w
( l5 E# E( I# v- d( Y) ` q خوتەن قاشتېشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى كوزىر مەھسۇلات سۈپىتىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتماقتا. ئەمما خوتەن قاشتېشىغا تەقلىد قىلىنىپ، «خوتەن قاشتېشى» دەپ سېتىلىۋاتقان يالغان قاشتېشى بۇيۇملىرى خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكتە. مەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ساياھەت كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، بىر مەزگىل ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش جەريانىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، خوتەن قاشتېشىغا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى، تەقلىد قىلىنغان قاشتېشىنى سېتىۋېلىپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنى ئىشەنچلىك قاشتېشى بازارلىرىغا باشلاپ باراتتىم. ساياھەتچىلەر بىلەن قاشتېشى بازىرىغا كۆپ قېتىم بېرىش جەريانىدا، بىر چوڭ قاشتېشى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، مال ساتقۇچىلىرى بىلەن يېقىن دوست بولۇپ قالدىم ھەم ۋاقتىم بولسىلا، بۇ شىركەتكە كېلىپ، ئېسىل خوتەن قاشتاشلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم، يېڭى كەلگەن ماللارنىڭ باھاسىنى ئىگىلىدىم. خوتەن قاشتېشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ساياھەتچىلەرگە مۇكەممەل تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، شىركەت خادىملىرى بىلەن نەچچە ئاي خوتەن قاشتېشى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، قاشتېشىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىدىم.
. J3 D. w0 m* a$ }1 O
+ D' T* p6 C+ P; P ئېلىمىزدە قاشتېشى چوڭ جەھەتتىن قاتتىق قاشتېشى ۋە يۇمشاق قاشتېشى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قاتتىق قاشتېشى بېرمىنىڭ قاشتېشىنى، يۇمشاق قاشتېشى خوتەننىڭ قاشتېشىنى كۆرسىتىدۇ. (بۇ يەردىكى «يۇمشاق» دېگەن سۆز خوتەن قاشتېشىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئېسىللىقى، سىپتىلىقى، جۇلالىقلىقى، رەڭدارلىقى، ئىللىقلىقىغا قارىتىلغان). كىچىك جەھەتتىن، شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشى، شەنشىنىڭ لەنتيەن قاشتېشى، خېنەننىڭ نەنياڭ قاشتېشى، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن قاشتېشى، لياۋنىڭنىڭ شيۇەن قاشتېشىدىن ئىبارەت تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. خوتەن قاشتېشى تاغ قاشتېشى، تاغ ئېقىن قاشتېشى، سۇ قاشتېشىغا بۆلۈنىدۇ. تاغ قاشتېشى تاغدىن قېزىۋېلىنغان تاش بولۇپ، شەكلى ناھايىتى چوڭ، ئۇنى پارچىلاش ئارقىلىق ھەرخىل قاشتېشى بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ. بۇنداق قاشتېشى سەل قوپال، ئىچىدە تاغ جىنىسلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن شەكىللەنگەن باشقا ئېلېمېنېتلار بولغاچقا، رەڭگى سۈزۈك ئەمەس، بازار باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ؛ تاغ ئېقىن قاشتېشى تاغ بىلەن تاغ ئېقىنى ئارىسىدىكى جايلاردىن قېزىۋېلىنغان تاش بولۇپ، ئادەتتە تاغ قاشتېشىدەك بەك چوڭ بولمايدۇ، سەل سىلىق، پارقىراق، سۈزۈك كېلىدۇ، بازار باھاسى تاغ قاشتېشىنىڭكىدىن يۇقىرىراق؛ سۇ قاشتېشى دەريادىن قېزىۋېلىنغان تاش بولۇپ، بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇر سۈيىنىڭ ئېقىتىشى بىلەن تاغدىن دۇملاپ دەرياغا چۆكۈشتىن ھاسىل بولغان تاش، شەكلى كىچىك، دۇملاش، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش جەريانىدا سىلىقلاشقان، رەڭگى سۈزۈك، خوتەن قاشتېشى ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك تاش ھېسابلىنىدۇ.+ D2 E# r4 f( V+ j- d/ D ^0 p
4 x: z' l& W* H7 R9 ]) ` قاشتېشى ماي قاشتېشى، ئاق قاشتېشى، سېرىق قاشتېشى، كۆك قاشتېشى، قارا قاشتېشىدىن ئىبارەت تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ تەركىبى ترېمولىت بولۇپ، دانچىسى ئىنتايىن ئۇششاق، كۆپىنچىسى كىگىزسىمان قۇرۇلمىلىق ھالەتتە بولىدۇ. خوتەن قاشتېشى تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، سۈپىتىنىڭ ئېسىللىقى بىلەن جۇڭگودا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قاشتېشىنىڭ يەنە شىپالىق رولىمۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدىمۇ دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن ھەم ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سۈپەتلىك قاشتېشى تالقىنى ئىچسە، شىپا تاپىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.4 y% H* R/ [- I4 k6 ^' ~! P
4 ]2 Y, w+ s) O% K$ {& m$ G لېكىن، بەزى قاشتېشى سودىگەرلىرى تەقلىد قىلىپ ياسالغان قاشتېشى بۇيۇملارنى خوتەن قاشتېشى دەپ سېتىپ كىشىلەرنى ئالدىماقتا. خوتەن قاشتېشىغا تەقلىد قىلىنغان تاشلار ئۈچ خىل بولۇپ، بىرى، كۋارتىسىت، رەڭگى ئاق، بىر قاراشقا خوتەننىڭ ئاق قاشتېشىغا ئوخشايدۇ، ئەينەكتەك پارقىراقلىققا ئىگە، ئاسان چېقىلىدۇ، ئىچىدە نۇرغۇن ئارىلاشما ماددىلار بولۇپ سۈزۈك ئەمەس؛ ئىككىنچىسى، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئاق قاشتېشى، ئۇ مەر - مەر تاشنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئارىلاشما ماددىلار ئاز، سۈزۈك، رەڭگى ئاق، قاتتىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، پىچاق بىلەن قىرسا قىرىلىدۇ، بۇنداق قاشتېشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، ئەسلىي باھاسى بەكلا ئەرزان؛ ئۈچىنچىسى، ئەينەك ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق خوتەن قاشتېشىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان تاش بولۇپ، بەك پارقىراق، ئەينەككە ئوخشايدۇ، قۇياش نۇرى ئاستىدا ياكى قولچىراغ ئارقىلىق كۆرگەندە، ئىچىدە نۇرغۇنلىغان پۈۋەكچە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل يالغان قاشتېشىنى خوتەن قاشتېشىدىن ئەينەككە سۈركەش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. خوتەن قاشتېشىنى ئەينەككە سۈركىگەندە، ئەينەكتە ئىز قىلىپ، قاشتېشى ھېچقانداق زەخىمگە ئۇچرىمايدۇ؛ يەنە بىر خىل پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى مىنېرال تەركىبىنى كۆزىتىش بولۇپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ تەركىبىدىكى ترېمولىت دانچىسى ئۇششاق، كۆپىنچىسى كىگىزسىمان قۇرۇلمىلىق ھالەتتە بولۇپ، قۇياش نۇرى، كىچىك قولچىراغ بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، كۋارتىسنىڭ بولسا ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئارىلاشما ماددا ھالىتىدە بولۇپ، كىگىزسىمان ھالەت بولمايدۇ، ئافغانىستان، پاكىستان قاشتېشى سۈزۈك بولۇپ، كىگىزسىمان ھالەت يوق، ئەينەك ماتېرىياللىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قاشتېشىمۇ كىگىزسىمان ھالەتتە بولماي، ئۇششاق پۈۋەكچە ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خوتەن قاشتېشى دەپ سېتىلىۋاتقان چىڭخەي قاشتېشى بىلەن رۇسىيە قاشتېشىنى پەرقلەندۈرۈشتە، چىڭخەي قاشتېشىنىڭ رەڭگى كۆكۈش بولۇپ، چىڭخەي قاشتېشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەتكەنسېرى، رەڭگى خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ، سىلىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، سەل قوپال، كۈن نۇرىدا كۆرگەندە ئىچىدە سىزىقچىسىمان ھالەت كۆرۈنىدۇ، خوتەن قاشتېشى بولسا، ئاقراق، سۈزۈك، سېلىق بولۇپ، بۇ قاشتاشتىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەتكەنسېرى پارقىرايدۇ؛ رۇسىيە قاشتېشى بولسا، بەك ئاق بولۇپ، پارقىراق ئەمەس، ئاپتاپتا ئۇزاق مۇددەت تۇرسا، ئىنچىكە يېرىقچىلار ھاسىل بولىدۇ، ئىچىدىكى ھېچقانداق ئارىلاشما ماددىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. خوتەن قاشتېشى بولسا پارقىراق، مايلىق كۆرۈنىدۇ، ئاپتاپتا ئۇزاق مۇددەت تۇرسىمۇ، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شۇڭا قاشتېشى سېتىۋالىدىغانلار ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن، قاشتېشىنىڭ سىلىق، سىپتا، سۈزۈك، مايلىق، جۇلالىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك." x% R" m, t7 ~9 h2 _* w" S: w
( N; H" M2 |$ p6 E# _" v5 p
+ x1 z% j# F `+ s- z/ @4 n مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |