ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2323|ئىنكاس: 1

ناخشا پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلارنى زىيارەتmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

يانفۇن پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلارنى زىيارەت  * Y1 V: }$ o* [# w3 Q
   «يەر شارى ۋاقىت» گېزىتى مۇخبىرى جۇ روڭ+ k- ?% j- d6 G3 z" a* k% V
               پاكىستاننىڭ شىمالىدا تەخمىنەن 800دەك جۇڭگولۇق بار، پاكىستاندىكى بىر سىياسىيوننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، شىمالدىكى 2 مىليون نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %26ى جۇڭگولۇقلار بىلەن قانداش ياكى ئۇلارنىڭ جۇڭگودا تۇغقانلىرى بار ئىكەن، شۇڭا مەيلى جۇغراپىيە جەھەتتىن ياكى ھېسسىيات جەھەتتىن بولسۇن، بۇ جاي پاكىستاننىڭ جۇڭگوغا ئەڭ يېقىن رايونى ھېسابلىنىدۇ.* e0 x8 x- k6 X4 C2 {
مەن ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۈچلۈك ھېس قىلدىم. بۇ جۇڭگولۇقلار ئۆز ۋەتىنى−جۇڭگونى قىزغىن سۆيىدىكەن ھەم پاكىستاننىمۇ قىزغىن سۆيىدىكەن؛ ۋەتەنگە تەلپۈنىدىكەن ھەم پاكىستان جەمئىيىتىگە ئۆزلىشىشكىمۇ ئىنتىلىدىكەن. ئۇلار چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ئارىسىدا ئانچە باي ھېسابلانمىسمۇ، ۋەتەنگە قايتىش ئېڭى ئىنتايىن ئېنىق ئىكەن. ئۇلار ئاق كۆڭۈلۈكلىكى، تۈزلۈكى، سودىدىكى سەمىمىيلىكى ۋە دانالىقى بىلەن پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان.: Y9 D& {. A- l- n4 Q
«جۇڭگولۇقلار»: H( Q" R4 u/ G2 O$ M6 W- k
   شىمالغا يېقىن گىلگىت پاكىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەردە پاكىستاندىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى يوق دېيەرلىك. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تاجىكلار «جۇڭگولۇقلار» دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شۇ جايدا سالاھىيىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتىمۇ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىق قىلىپ «جۇڭگو» دەپ ئىزاھلايدىكەن.' b( H" `0 B. F4 C
77 ياشلىق ئەكبەرخان مەن زىيارەت قىلغان يېشى ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى كۆچمەنلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭدىن ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىگە كەلگەنلەر بولۇپ، ئادەتتە ھىندىستاندا تىجارەت قىلىدۇ، ئۆتەڭلەردە تۇرىدۇ؛ يەنە بىر تۈركۈمى ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەردۇر. قاتناش راۋان بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتا ھەجگە بېرىشقا بىر يىل ۋاقىت كېتەتتى، نۇرغۇن كىشى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
# p! S1 F2 N; N/ m2 w         نۇرغۇن كىشى جۇڭگو بىلەن تىجارەت قىلىدىكەن
4 u1 `9 f1 h8 B5 f8 lجۇڭگولۇق ئۇيغۇرلار پاكىستاننىڭ شىمالىدا ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئىنتايىن ئىناۋەت تاپقان. ئۇلارنىڭ كۆپى شۇ جايدا سودا قىلىدۇ، گىلگىت شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپى شىنجاڭدىن مال كىرگۈزىدۇ ياكى جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى ۋە ھۈنەر-سەنئىتىنى گىلگىتقا ئېلىپ كېلىدۇ.
% i9 M# ~% d$ e- N. Y1 K2 d2 Fمەن ئۇيغۇر چىش دوختۇرى مۇھەممەد ئەلىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ كۈيئوغلى ئەنۋەرجان بىلەن بىللە شىپاخانا ئېچىپ، كۈنىگە 10-15 كېسەل كۆرىدىكەن، ئۇ چىش دوختۇرىلىق تېخنىكىسىنى جۇڭگودا ئۆگەنگەن، چىش داۋالايدىغان ئەسۋابلىرىنىمۇ ئۈرۈمچىدىن ئەكەلتۈرگەن، ئۇ ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن دائىم شىنجاڭغا بېرىپ تۇرىدىكەن.
; Z& {4 w. \6 h$ X- o+ Vنۇر مۇھەممەدجان پېنسىيىگە چىققان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بولۇپ، 1952-يىلى تاغلاردىن ئاتلىق ھالقىپ گىلگىتقا كەلگەنىكەن. ئۇ شۇ جايدا ناھايىتى ئىناۋەت تاپقان بولۇپ، شىماللىقلار ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن. قاراقۇرۇم تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن ئۇ 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە شىمالدا  ئاپتوبۇس بىلەن جۇڭگوغا يولۇچى توشۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر كىشى ئىكەن. ئۇ ھازىر ئۇزۇن يوللۇق ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، يەتتە ئاپتوبۇسى بار ئىكەن، يەنە دائىم قىيىنچىلىققا يولۇققان كىشىلەرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ تۇرغۇزىدىكەن، شۇڭا جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.4 V9 A: f- d8 N  e8 P7 ^+ a
جۇڭگولۇق ئۇيغۇر، مەشھۇر فوتوگراف كېرىمجان پاكىستان فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، سۈرەتخانا ئېچىپتۇ، سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەررەپ ۋە سابىق زۇڭلى بەنەزىر بۇتتونى سۈرەتكە تارتقان ئىكەن. 55 ياشلىق ئەكبەر سەيىد ئابدۇل جەففار شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن بولۇپ، خەنزۇچىنى ئازراق بىلىدىكەن. ئۇ 1967-يىلى ئاتا-ئانىسى، سىڭلىسى بىلەن گىلگىتقا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئۇ بۇ يەردە فارفور خىش بۇيۇملار تىجارىتى قىلىدىكەن، تۆت ئوغلى سودىگەر بولۇپ، ئىككى ئوغلى سائەت سودىسى قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ توققۇز جايدا دۇكىنى بار بولۇپ، شۋېتسارىيە سائىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى ئىكەن.
2 P: Y9 ?' l& D' m0 {شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونىدىكى سودا-تىجارىتى شۇ جاينىڭ سودا تور-نۇقتىلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ.
7 T, A8 \  o. |& C4 }( lشۇ جايدىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ۋە تاجىكلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ، شۇنداقلا پاكىستاننىڭ شىمالىدىكىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈل، تۈز مىللىي خاراكتېرىنىمۇ قوبۇل قىلىپتۇ. ئۇلار پاكىستان دۆلەت تەۋەلىكىدە بولسىمۇ، جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن، ھەتتا مېھمان كۈتكەندە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا ۋە تائاملىرىمۇ تامامەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.$ I% M6 Z* j4 Q( I) I, U- `
بايا تىلغا ئالغان ئەكبەر: مېنىڭ قەشقەردە تۇغقانلىرىم بار، خوتۇنۇمنىڭمۇ يېڭىساردا تۇغقانلىرى بار، دېدى.2 V2 l& l6 \) W; _! j: _3 S
   ئەخەتجان ئاكا-ئۇكا تۆت ئائىلىلىك بىللە تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىر ئىنىسى شۇ جايدىن پاكىستانلىققا ئۆلەنگەندىن باشقا، قالغان ئۈچ قېرىنداش شۇ جايدىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇر قىزلارغا ئۆيلەنگەن. 38 ياشلىق تاھىرجان مۇنداق دېدى: پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچىنى بىلمەيدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ تىلىنىلا بىلىدۇ. لېكىن بالىلىرىمىز ئاتا-بوۋىسىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ خوتەن دېگەن يېرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگولۇقلار ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».
9 |/ K/ ^: t7 {+ H; }: uكېرىمجان ئەپەندى: يۇرتۇم شىنجاڭدا، دېدى. ئۇ پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىنى ھەم جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىكەن. جۇڭگونىڭ پاكىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن يۇقىرى، بىزمۇ جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتىمىز».( n2 P3 D' [% S7 H, h. ?6 v
                ۋەتەن ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى
7 y5 S. ]* c: p- y9 h- i% |ۋەتەن شۇ يەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگو تاشيول-كۆۋرۈك گۇرۇھىغا پاكىستاننىڭ شىمالىدا قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىپ ياسىغاندا شۇ يەردىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى ھاۋالە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەلچىخانا يەنە شىمالىي رايوندىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالايىتەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى.+ {4 H9 j/ V8 ~' e0 d* Q
شىمالدىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇل ئەزىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن بىزنىڭ مۇھاجىر ۋە جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلدى، بىزنىڭمۇ تەۋەلىك تۇيغۇمىز ۋە ۋەتەن ئېڭىمىز كۇچەيدى، بولۇپمۇ ئەلچىخانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز قويۇق، ئەلچىخانا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىلىدۇ، بىز شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، جۇڭگو باش ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بولغاچقا، جەمئىيىتىمىزمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
1 X0 }; F9 S6 m$ D6 T! L(«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن) چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-12 23:53:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗