ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1972|ئىنكاس: 2

كىنوتىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

خەۋەر
تىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەيمىز!

4 F3 t4 K& m& L1 T
  w( w0 I- k1 ?5 \2 J
سىز كالكوت تىلى (kalkoti) دەپ ئاڭلىغانمۇ؟  ئۇ بولسا پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى بىر كىچىك كەنىتتىكى 4000 غا يېقىن كەنىت ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىلدۇر، 2011-يىلى «ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» نى ئىشلىگەندە بۇ تىلنى خىرسقا دۇچ كەلگەن تىل قاتارىغا كىرگۈزدى. پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 خىل تىل ئىچىدە، %96 تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4 ىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ 6000 خىل تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىنكەن. مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا ( Irina Bokova) ئۆزىنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» گە ئاتاپ ئېلان قىلغان تەبرىك خېتىدە مۇنداق يازدى : « تىل دېمەك بىز ئىنسانلار ئۆزىمىز دىگەنلىكتۇر، تىلنى قوغداش، ئۆزىمىزنى قوغداش دىمەكلىكتۇر.»
, x% l# j! E! M% b: m) r 20120221135651.jpg
) S- X2 c0 f+ Q6 T1 w
& o/ _0 m. O, q2 B/ E, e( n+ I  دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر.
+ W6 T+ Z5 R  h8 z0 E0 Q" Q4 r  ئىرىنا بوكوۋا تەبرىك خېتىدە يەنە مۇنداق دېدى: «كۆپ خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشى بىزنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا پايدىلىق، ئەقەللىيسى بىر تىلغا بولغان ھۆرمەت شۇ تىللىق كىشى بىلەن ھەقىقىي دىئالوگ قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر....تىلنىڭ كۆپ خىللىقى بىزنىڭ ئورتاق مىراسىمىزدۇر. ئۇ بىر خىل ئىنتايىن ئاجىز مىراس....كۆپ خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشى بىر خىل ھاياتى كۈچكە تولغان بايلىق، بىز ئۇنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلدۇرايلى.»
+ F' ]( w* x  q% G        بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان خەلق تىلنىڭ تەرەققىياتقىلا ئەمەس، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا يول قويۇش ئاساسىدىكى بىلىملىك جەمئىيەت قۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رولىنى تونۇپ يەتتى. بۇ يىلقى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تىمىسى:  مائارىپتا كۆپ خىل تىلغا ئورۇن بېرەيلى!
/ G5 D1 {" ^5 p: @; H% V8 B* M# F. h(运用多种言语,促进全纳教育)(Multilingualism for inclusive education). بالىلارنىڭ ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق تەربىيىلىنىشى ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئانا تىل ۋە باشقا كۆپ خىل تىلدىكى تەربىيە بولسا كەمسىتىشنى تۈگىتىش، كەڭ قورساق بولۇش ھەمدە ھەممە كىشىنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق مەسىلىدۇر.$ C9 i; s* t# z7 v" U/ `8 V" ]5 c0 b
        تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت ئۆز-ئارا ماسلىشىش، مانا بۇلار ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت مەزمۇنىدۇر. كورىيەدە، جىجۇ ئارىلىدىكى 济洲语 تىل   2010-يىلى «ب د ت  مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار خەرىتىسى» دە«ئەڭ خەتەرلىك تىل» قاتارىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن، كورىيە ھۆكۈمىتى دەرھال بۇ ئارالدىكى خەلقنىڭ تىلىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. سولۇمىن تاقىم ئاراللىرىدا، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى نۆۋەتتە شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ياردەملىشىپ ماروۋو تىلى (Marovo) دا مۇھىت ھەققىدىكى ئېنىسكىلوپېدىيىلىك كىتابنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى، ۋە شۇ ئارقىلىق بۇ تىلنى ساقلاپ قېلىش ۋە شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى. نىكاراگۇادا، مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى شۇ جايدىكى ۋە ئەسلى ئاھالىلەر ئارىسىدىكى بىلىم-ئۇچۇر سىستېمىسى تەتقىقات تۈرى بىلەن بوساۋاس جانلىقلار توپىنى قوغداش رايونى ماياڭنا (Mayangna ) دىكى ئەسلىدىكى ئاھالىلەر بىرلىشىپ، ماياڭنا تىلى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نورۋېگىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىر توم ئىككى قىسىملىق ماياڭنا تىلى دەرسلىكى تۈزىدى، كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان تونۇشىنى ئاساس قىلدى. نۆۋەتتە، بىر بۆلۈك ماياڭنا تىلىنى قوغدىغۇچىلار مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماياڭنا تىلى ئوقۇتۇش قوللانمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈردى، ۋە پۈتۈن بوساۋاس جانلىقلار توپىنى قوغداش رايونىدىكى كەنىت يېزىلارغىچە دەرسخانىلاردا دەرس قىلىپ ئۆتمەكتە.' @+ M7 N/ i$ t% |6 i' G
----------------------------------
9 Z3 c% }4 K2 z! D4 M) }- H! Pمەنبە:ب د ت مائارىپ پەن -مەدەنىيەت كومىتېتى تور بېكىتى0 n) @# T6 z1 v9 S6 Y! ]8 G
تەرجىمىدە: كروران

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-21 19:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل
+ ?$ q* h5 V, x3 q" k+ Z, i" U6 I: B9 J* B

) Z/ p* ]1 {# u1 t8 R) |! k* hقۇتلۇق شەۋقىي
8 I, R2 {- Q  ~/ _! [3 u  ^: w0 C5 t5 g2 V: c
' T8 h+ V- S2 j2 d( w. j
  ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،2 V. f# f; o$ H( j
   ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.& p3 ^/ i0 ]( X
) T0 v/ X" @; s* k' m/ g
  بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكا يۇ – ئافرىقىدا،
( E. W& H7 U) h8 l   سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
- K. {9 E! t9 e8 s: v, A
7 B& ^" U9 L$ J& y5 Q0 V. T, _# ^. n, [  ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،1 C' }/ @4 `, m, x- [
   سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-21 19:58:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ ناخشا كەتتى...........
: j/ b/ ~& r2 s& U9 O
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗