بىر يىل بۇرۇن رەپقەت غازى بىلەن بىرمۇنچە مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدىم. ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك يازمىلارنى يوللىغان. بۇ قېتىم ئاشۇ سۆھبەت مەزمۇنىنى ئىجادىيەت تور بېتىدە ئېلان قىلىش مەقسىتىدە رەپقەت غازىغا قايتۇردۇم، ئۇ كۆرۈپ تۈزىتىپ ماڭا ئەۋەتمەكچى. ھازىر كەلگىنى تۆۋەندىكى تېما. قالغانلىرى كەلگەندە موشۇ تور بەتتە بۆلەكلەر بويىچە ئېلان قىلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ ماقالىدىكى ئۈچ پارچە جەدۋەل نورمال كۆرۈنمىدى، لېكىن قىياس بىلەن مەزمۇنىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئەگەر خەتلەر نورمال كۆرۈنمىسە، تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، بەتنى قايتا ئېچىڭ:
http://www.anatilim.com/unicode.exe
ياكى بۇ يەردىن ياردەمگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن:
http://www.anatilim.com/soft
_______
يۈسۈپئېلى ياسىن: غەربنىڭ فىلملىرى ئۇرۇش ۋە تېنچلىق، زوراۋانلىق ۋە ھەققانىيەت، جىنسىيەت ۋە مۇھەببەت... تېمىلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ. مەيلى قايسى تېمىدا بولمىسۇن، ھامىنى مۇھەببەت كۆرۈنۈشلىرى، سۆيۈشكەن ياكى باشقا كۆرۈنۈشلەر چىقىدۇ. ئۇ راستىنلا شۇ چەتئەل جەمىيىتىنىڭ رىئال تۇرمۇشىمۇ؟ سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەنلەر ئاساسىدا غەرب جەمىيىتىنىڭ ئەخلاق مەسلىسى ھەققىدە توختىلىپ باققان بولسىڭىز.
رەپقەت غازى:
جىنسىيەت ۋە مۇھەببەت
ياۋروپالىقلارنىڭ مۇھەببەت، جىنسىيەت ۋە ئەخلاق مەسلىسىگە ئاددىيلا ھە ياكى ياق دەپ جاۋاپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ لىبرال جىنسىيەت قارىشى، ئەركىن مۇھەببەتلىشىشى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىكى يول قويۇش پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشتە ئۇلارنىڭ تارىخىي، ئىجتمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.
يۇننان ئەپسانىلىرىنى ئاساس قىلغان قەدىمقى ياكى ئوتۇرا ئەسىردىكى ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسساملىق ئەسەرلىرىدە بولسۇن ئىلاھلار، پەرىشتىلەر ـــ مەسىلەن «ۋىناسنىڭ توغۇلىشى»، «ئۇخلاۋاتقان فاۋۇن» (Faun ــ يېرىم ئادەم، يېرىم ئىلاھ چارۋىچىلىق ئىلاھى) دېگەندەك رەسىملەردە ئۇلار يالىڭاچ، ئىتايىن گۆزەل تەسۋىرلەنگەن. رەسىملەرلا ئەمەس، ھەتتا بۇنداق يالىڭاچ ھەيكەلتاراشلىق ئەسەرلىرى چېركاۋلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. چۈنكى قەدىمقى يۇننانلىقلار، رىملىقلار ئادەم بەدىنىنى ئەڭ گۆزەل نەرسە دەپ تونۇغان ۋە بونىڭدىن سۆيۈنگەن. ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان بۇ خىل تونۇشى ۋە گۆزەللىك قارىشى ئۇلارنىڭ بۆگۈنكى كۈندىكى جىنسىيەتكە بولغان ئوچۇق، تۈز، رىئال مۇئامىلىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان.
ھەرقايسى جەمىيەتتىكى جىنسىيەت مىزانى ئۇزۇن مەزگىل جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئۆز-ئارا ۋە كەڭ دائىردىكى ئىجتىمائىي مۇددىئالارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەنئەنە، قانۇن ۋە باشقا نۇرغۇن مىزانلار بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. مەلۇم خىل جىنسىيەت مىزانى مۇئەييەن جەميەتكە نىسبەتەن ئەمەلىي ۋە ساغلام بولسىىمۇ، لېكىن باشقىلار ئۇنى شاللاق ۋە چىرىك ھىساپلىشى مۈمكىن. قىسقىچە ئېيتقاندا، جىنسىيەت مەسلىسىدە كىشىلەرنىڭ «تەبىئى» دەپ ئېيتقىنى ئەمىليەتتە پەقەتلا ئادەتتىن ئىبارەت. مەلۇم جەمىيەتتىكى ئادەملەر ئىندىۋىدۇئاللىق جەھەتتىن مەيلى قانچىلىك پەرقلەنمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ئاساسىدا شەكللىنىدۇ. راھەتپەرەس، تەخىرچان مەدەنىيەت تىپىدىكى كۆپ سانلىق ئادەملەر شادىمان،شەھۋەتپەرەس كېلىدۇ؛ پروتانچىلىق (پروتېستان دىنىدىكى پاكلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى مەزھەپ) ۋە تەقۋەدارلىق مەدەنىيىتىدىكىلەر ئىزتىراپچىل ۋە نومۇسچان كېلىدۇ. ئالدىنقىسى جىنسىيەتنى خوشاللىقنىڭ مەنبەسى دەپ مەدھىيلەيدۇ؛ كېيىنكىلىرى بولسا ئۇنى نومۇسنىڭ مەنبەسى ھىساپلاپ قارشى تۇرىدۇ ۋە يوشۇرىدۇ.
ياۋروپانىڭ مۇھەببەت ۋە جىنسىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ناھايىتى ئېگىز-پەس بولغان. ھومېر دەۋرىدىكى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 1300-1450 يىللار) ئاياللار يۈكسەك ئەركىن بولغان ۋە مۇئەييەن ھالدا ئەرلەرگىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن، لېكىن پەزىلىتىى ساقلىغان. كېيىنچە گىرىكلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئاياللار بىكارتەلەتكە ئايلانغان ۋە ئۆزىلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى يوقاتقان. قەدىمقى گىرىتسىيىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ئالىي دەرىجىلىك پاھىشلەر ۋە كاتتا ئەمەلدارلارنىڭ ئاشنىلىرى خوتۇنلار ۋە «پەزىلەتلىك» ئاياللاردىن يوقۇرى كۆرۈلگەن. گىرىك ئەرلىرى ساداقەتمەن مۇھەببەتكە ئىنتىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا سوۋغا-سالام ۋە ھىيلە-مىكىر بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان. ناۋادا گىرىك ئەرلىرى بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ئۆزلىرىنى كېسەل بولدۇم دەپ قارىغان. ئۇلار ھىچقاچان مۇھەببەتنى نىكاھ بىلەن چېتىپ ئويلىمىغان. ئۇنى يا ۋاقىتسىز سولۇيدىغان كۆڭۈل خوشى ياكى بولمىسا خۇدا بەرگەن تۈگىمەس بەخىتسىزلىك دەپ ئىشەنگەن. ئۆز ئاياللىرىنى ئائىلىدىن خەۋەر ئالغۇچى ۋە ئانا دەپلا قارىغان، لېكىن مەھبۇبى ھىساپلىمىغان. قەدىمقى گىرىكلەردە ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى، جۈملىدىن گىرىكچە paiderastia (ئۇغۇللار مۇھەببىتى) دەپ ئاتالغان ئىجتمائىي ئورنى يوقۇرى بولغان ئەرلەر بىلەن قانۇن يېشىغا توشمىغان ئوغۇللار (يەنى 12ياشتىن 20 ياشقىچە بولغانلار) ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئەۋج ئالغان. بۇ مۇناسىۋەت سىياسىيونلار، پەيلاسوپ، ھەربى ئەمەلدارلار ۋە باشقا يوقۇرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدا مودا بولغان. (لېكىن ئىككى بالاغەتكە يەتكەن ئەرنىڭ مۇناسىۋىتى قانۇنسىز بولۇپ، نومۇس ھىساپلانغان.) ئۇلار بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئىجتمائىي ۋە تەلىم-تەربىيە قائىدە-يۇسۇنى سۈپىتىدە كۆرگەن. ئەرلەر چىرايلىق غۇلامىلىرىغا گىمنازىيۇم① دا ئۇرۇش تېخنىكىسى، تەنھەركەت، پەلسەپە ئۈگەتكەن. بۇ ئوغۇللار بولسا ئۆز گۆزەللىگى بىلەن ئۇلارنى مەپتۇن قىلىپ كۆڭلىنى ئاچقان. ئارمىيىدە ھەتتا ئالاھىدە زەربىدار قىسىم بولۇپ، بۇ قىسىمدىكىلەر ئۆز غۇلاملىرىغا جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىتىپ ئۇرۇشقا چىققان. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ غۇلاملىرىنى ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەمرىيىنىڭ يېنىدا بولىشى جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارالغان. تارىخچى ھېرودوتۇس گىرىكلەر پارىسلارغا paiderastia نى ئۆگەتتى دەپ يازىدۇ. پلاتون دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنى مەدھىيلىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرىدىكى «قانۇنلار» دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى «تەبىئەتكە زىت» دېگەن. يۇنان ئەپسانىلىرىدا 50 نەچچە يەردە زېئوس، ئاپوللو، ھېركۇلېس، ھېرمېس قاتارلىق ئىلاھلارنىڭ ئوغۇللار بىلەن بولغان مۇھەببىتى ۋە دىئانا دېگەن ئىلاھەنىڭ ئاياللار بىلەن بولغان مۇھەببىتى ھىكايە قىلىنىدۇ. يەنە لېسبوس ئارىلىدىكى ساپفو (Sappho) دېگەن شائىرە 12 مىڭ مىسرالىق شېئىر يېزىپ ئۆزىنىڭ ئاياللارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى كۈيلىگەن.
گىرىكلارغا ئوخشىمىغان ھالدا قەدىمقى رىملىقلار جىنسىيەتكە پەلسەپىۋىلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى پەرۋاسىز قاراشقا مايىل بولغان. بالا چۈشۈرۈش، توغۇتتىن ساقلىنىش ئومۇمىيۈزلۈك بولغان. بوۋاقلار دائىم ئەخلەتكە ئوخشاش تاشلىۋېتىلگەن. ئىمپراتور ئاۋگۇستۇس ھۆكۈمەت كۈچى، قانۇن ئارقىلىق ئائىلە بىرلىكى ۋە جىنسىيەت «ئەخلاقى» بەرپا قىلماقچى بولسىمۇ، بۇلار ئىشقا ئاشمىغان. مىلادى 100-يىلىدىن باشلاپ خىرىستىئان دىنى تارقىلىشقا باشلىغان. خىرىستىئانلار رىم ئىمپراتورلىقىدىكى بارلىق رەزىللىكلەرنى جىنسىي ئالاقە ۋە خوشاللىقتىن كۆرگەن. لېكىن چەت-ياقىلىلاردا يەنىلا گورۇپپا بويىچە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئادىتى ساقلانغان. خىرىستىئان دىنىنىڭ كېڭىيىشى مەدەنىيەت، مۇھەببەت ۋە شات-خوراملىقنى زىمىستانغا باشلىغان. مىلاى 6-ئەسىرگە كەلگەندە رىم خارابىلىشىپ بىر مىليون نوپۇس 50 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. خىرىستىئان دىنى جىنسىيەتنى غەيرى رومانتىك، قوپال، سەت قىلىق دەپ قارىغان. مۇقەددەس يېرومې (Jerome ـــ ئىنجىلنى ئىبرايچىدىن گىرىكچىگە، لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغۇچى) ھەتتا ئۆز ئايالىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كېتىشنىمۇ گۇناھلىق قىلمىش ـــ بۇزۇقچىلىق دەپ جاكارلىغان. غۆنېسساڭس② دەۋرىنىڭ ئالدىغا يەنى دانتېنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە شائىرلار مۇھەببەت توي قىلغانلار ئوتتۇرسىدا مەۋجۈت بولمايدۇ دەپ قارىغان. بۇ شائىرلار خانىملىرىدىن ئۆزلىرىگە ھەرقانداق بىر تەرىزدىكى شەھۋانىي كۈيۈمچانلىق ئاتا قىلماسلىقنى ئۆتۈنگەن. 1122-يىلى فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە خانىشى ئېلانور مەدەنىي سوت مەھكىمىسىگە ئاساس سالغان ۋە مۇھەببەت سوتى ئاچقان. بۇ سوت مەھكىمىسى مۇھەببەتنىڭ بىر تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت بولىشىنى، مۇھەببەتتە ئىككى تەرەپ ھىسياتىنىڭ ئۆز-ئارا رول ئوينىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. 12-ئەسىرگە نىسبەتەن بۇ رادىكال ئىديە بولغان. لېكىن بۇ سوت مەھكىمىسى يەنە مۇھەببەت نىكاھ ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئىشقىۋازلىقتىلا مەۋجۈت دەپ قارىغان. مەيلى قانداق بولمىسۇن بۇ ھۆرمەت ۋە ھەۋەس بىلەن يوغۇرۇلغان ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئاساسىدىكى مۇھەببەت قارىشى ئىنقىلاپ خاراكتىرلىق ئۇقۇم بولغان. ئىنگىلىيە پادىشاھى ھېنرىⅧ مۇھەببەت بىلەن نىكاھنى بىرلەشتۈگەن تۇنجى بۆيۈك شەخس بولغان. (ئۇ تۇنجى ئايالى ــ ئىسپانىيە مەلىكىسى كاترىنانى قويۇپ بېرىپ، ئاننې بولېينغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن پاپا كلېمېنتⅧ بىلەن ئۇزاق كۆرەش قىلغان ۋە ئاخىرىدا ۋاتىكاندىن يۈز ئۆرۈپ، 1534-يىلى ئەنگىلىيە دىنىي جەميىتىنى ۋتىكاننىڭ كونتروللىغىدىن ئايرىپ مۇستەققىل قىلغان.) مەدىنيەت ئويغىنىش دەۋرى ئۆزىنىڭ ئىستېتىك ئەكس سادالىرى بىلەن جىنسىيەتنى دىنىي جەمىيەت قارىغاندىكىدەك گۇناھلىق ياكى ئادەمنى سەسكىندۈرىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىدىن قۇتقۇزغان. يوقۇرى تەبىقىدىكىلەر جىنسىي ئالاقىنى مۇھەببەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن. دوكتۇر مارتىن-لۇتېر (1483-1546) كاتولىك پەرىزچىلىك (asceticism) ىگە قارشى ھالدا ھەرقانداق بىر خوشاللىقتىن لەززەتلىنىش گۇناھلىق ئەمەس دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ رىم بىلەن كۆرەش قىلىپ تەنھالىقنى شەيتاننىڭ ياراتمىشى، پاستورلار توي قىلسا بولىدۇ دېگەن. ئۇ نىكاھنى دىنىي مۇراسسىم ئەمەس، بەلكى خەلق ئارىسىدىكى ئىش دەپ ئېلان قىلغان. 1532-يىلى ئۇ ھەتتا ئەيسا خىرىستوس ئىنساننىڭ تەبىئىتى ھەققىدە تولۇق تەجرىبىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن مەرى مەگدالىن (Mary Magdalene – ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگشكۈچىلىرى ئىچىدىكى بىر ئايال) ۋە باشقا ئاياللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىشى مۈمكىن دېگەن. ئۇ جىنسىي ھاياججان بولسا تەبىي ۋە كونترول قىلغۇسىزدۇر دېگەن ۋە رىمدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ توي قىلغان. لۇتېرنىڭ رېفورماتسىيىسى تېزلا شىمالىي ياۋروپاغا تارقالغان.
18-ئەسىرگە يەنى مەرىپەتچىلەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ھىسسىي مۇھەببەت يوقۇرى تەبىقە ۋە زىيالىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە روسسو يوقۇرى تەبىقىدىن ئەستايدىللىقنى تەلەپ قىلغان. كۈلكە ۋە چاقچاق مودىدىن قالغان. ئاياللارنىڭ ئاددىي-ساددا، كەمتەرلىكىنى تەكىتلىگەن. زىيالىلار بارا-بارا جىنسىيەتكە، شاد-خوراملىققا قارشى يول تۇتۇشقا باشلىغان. ئىممانۇئىل كانت 80 يېشىدا يۈزى ئېچىلمىغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن. نازۇكلۇق، غەمكىنلىك ۋە كۆز-يېشىنى ئوچۇق نامايەن قىلىش لاتاپەت ھىساپلانغان. ئاياللاردا ھەشقىپەچەكتەك ئەۋرىشىم خاراكتېر تەرەققىي قىلغان: ئاياللار ئاددىي-ساددا، پەزىلەتلىك، سۈيۈملۈك بولىشى؛ ئۇلار ئاجىز ۋە تەشۋىشچان بولغاچ كۈچلۈك ئەرلەر تەرپىدىن كونترول قىلنىشى كېرەك دەپ قارالغان. 20-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە زامانىۋى جەمىيەتنىڭ مۇھەببەت نۇسخىلىرى ئامېركىچە شەكىل تەرپىدىن ئىگەللەنگەن. چۈنكى نۇرغۇن ئادەملەر جىنسىي ئالاقە سەمىمىي دوستلۇق ۋە ئائىلە فۇنكىتسىيىسى بىلەن بىرلەشكەن رومانتىك مۇھەببەت ئۇسلۇبىغا جەلىپكار بولغان. جىنسىي ئازادلىق جىنسىي خوشاللىققا ئېرىشىشنى كۈنسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكى بېرتراند روسسېل قاتارلىق زىيالىلار تەرپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىى كېيىن ئەركىن مۇھەببەت ۋە ئوچۇق نىكاھ (ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارلاشمايدىغان، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە جىنسىي تۇرمۇشتىمۇ جۆرىسىدىن تامامەن مۇستەسنا ھالدا ئەركىن بولغان نىكاھ كېلىشىمى) ئاجرىشىش ۋە قايتا توي قىلىشتىن بولغان كۆپ نىكاھلىق ھالەت بىلەن باراۋەر تەرەققى قىلغان. جىنسىي ھوزۇرلىنىش كىشلىك ھوقۇق دەپ ئېتراپ قىلىنغان.
قەدىمقى گىرىكلار ۋە رىملىقلار ئۈچۈن يالىڭاچ بەدەن غەيرى نەرسە بولمىغان. ئولۇمىپىيا تېغىدا، گىمنازىيومدا ئاتلېتكىچىلار يالىڭاچ مەشق قىلغان. ئولۇمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى يالىڭاچ ماھارەت كۆرسەتكەن. يالىڭاچ بەدەننىڭ گۆزەللىكى ۋە شەھۋەت مەشىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مايلاش بىلەن كۆككە كۆتۈرۈلگەن. زەيتۇن مېيىغا كەتكەن خىراجەت گىمنازىيومنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىمى بولغان. ئاممىۋى ۋە شەخسىي تۇرالغۇ جايلار ئەر ۋە ئايالنىڭ يالىڭاچ ھەيكىلى، رەسىمىلىرى بىلەن بىزەلگەن. يالىڭاچلىقنىڭ شەھۋەت خاھىشى ئاشكارا ئېتراپ قىلىنغان. مۇنداقچە ئۇلار ئادەم بەدىنى ۋە جىنسىيەتنى ئاشكارا ۋە خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. ئوتتۇرا ئەسىردە يالىڭاچلىق ئەخلاقىي مەسىلە بولمىغان. پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى بىر ئۆيدە، ھەتتا بىر كارۋاتتا يالىڭاچ ئۇخلىغان. بەزى مېھمانخانا، كارۋان سارايلاردا ئەر-ئاياللار بىر ئۆيدە ياتقان. (بۇ خىل ئەھۋال ياۋروپادا بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەۋجۈت. مەن لۇكسېمبۇرگ، ستوكھولم ۋە بارسېلونا شەھەرلىرىدە بۇ خىل مېھمانمانخانىدا تۈنىگەن.) بەزى بايراملاردا گۆزەل قىزلار يالىڭاچ پاراتتىن ئۆتكەن. ( بۇ ئادەت لاتىنلارنىڭ كارنىۋال بايرىمىدا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.) 16-17 ئەسىرلەردە يوقۇرى تەبىقىنىڭ باش كۆتىرىشىگە ئەگىشىپ يالىڭاچلىق شەھۋانىيلىق دەپ قارالغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە پۈتۈن جەمىيەت ئادەم بەدىنىنىڭ جىنسىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك فۇنكىتسىيىسىگە تاشقىرى سەزگۈر بولغان. يەنى ئادەم بەدىنى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن تېما بولغان.③ لېكىن 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە جىنسىي ئاقارتىش ھەركىتى قوزغولۇپ شەھۋانىيلىق، گورۇپپا بويىچە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەۋج ئالغان. گېرمانىيىنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى يوشكا فىشېر (Joschka Fischer) مۇ بۇ ئېقىمنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىر توپ قىز-ئوغۇللار بىلەن قىپ-يالىڭاچ ئۇخلاۋاتقان سۈرىتى يېقىندا گېرمانىيىدە گېزىتقا بېسىلغان.
بۆگۈنكى كۈندە غەرپتە ئاشكارا سۆيۈشۈش ئەخلاقىي مەسىلە ئەمەس. سۆيۈشۈشكىلا ئەمەس، بېرلىننىڭ تىرگارتېىن(Tiergarten) ياكى مىيۇنخېندىكى ئېنگلىز باغچىسى دېگەن ئورمانلىق ئوچۇق باغچىلاردا يازدا قىپ-يالىڭاچ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقانلارغىمۇ ھىچكىم ھەيران قالمايدۇ. يەنە فىرانسۇزلار ئەتىسى بىراۋ ئىشىكىنى چەكسە قىپ-يالىڭاچلا ئىشىكىنى ئاچىدۇ دىيىلىدۇ. گېرمانىيەدە پاھىشلەرنىڭ قانۇنىي ئورنى ئېتراپ قىلىنىدۇ. پاھىشلىك باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندۇ ۋە قوغدىلىندۇ. ئۇلارمۇ باج تاپشۇرىدۇ ۋە كېيىن پېنسىيىە نەپىقىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەگەر بىرەر خېرىدار دېيىشكەن بويىچە پۇل بەرمىسە پاھىشلەر ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مەن بېرلىندا ساقچىلارنىڭ پاھىشىلەرنىڭ يېنىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان پالەچ موماي (ئۇ چاقلىق ھارۋىدا ئىدى)نى كەتكۈزۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. پاھىشىلىك قانۇنىي، تىلەمچىلىك قىلىش قانۇنسىز. (چۈنكى پىرىنسىپ جەھەتتىن گېرمانىيىدە تىلەمچىلەر مەۋجۈت ئەمەس.) پورنو (Porno ـــ سېرىق) فىلملەرنى ئۈن-سىن دۇكانلىرىدىن ئارىيەتكە ئېلىش، سېتۋېلىشقا بولىدۇ. كەچ سائەت 8 دىن كېيىن، بولۇپمۇ يېرىم كېچىدە بەزى قاناللاردا پاھىشلەرنىڭ ئېلانلىرى بېرىلىپ تۇرىدۇ. تېلېۋىزوردا شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەر چىقىپ تۇرىدۇ. (بەزى مەخسۇس شەھۋانىي، سېرىق فىلىملەر قويۇلدىغان قاناللار بولۇپ، ئۇلارغا ئايرىم ھەق تۆلىگەندىن كېيىنلا ئېچۋېتىلدۇ.) لېكىن بۇ فىلىملەر قويۇلۇشتىن ئىلگىرى 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ كۆرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدۇ. ئەنگىلىيىدە يېقىندا ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پاھىشلىك قىلىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىشقا يول قويۇلدى. تېلېۋىزوردا پاھىشلەرنىڭ ئېلانلىرى گېرمانىيىدىكىدەك كۆپ ۋە قىپ-يالىڭاچ ئەمەس. بەزى فىلىملەر قويۇلىشتىن بورۇن « بۇ فىلىمدە قاتتىق تىل (strong language ــ يەنى ئەپسانە تىل)، زوراۋانلىق ۋە شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەر بار. 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈشى چەكلىندۇ» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىمۇ قانۇنلۇق. ھەتتا ئەنگىلىيىدە يېقىندا ئىككى كىچىك قىز (ئاپىسىنىڭ ھاراقكەشلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قابىليەتسىز دەپ قاراپ) بىئولوگىيىلىك دادىسىغا ئەمەس، بەلكى ئاپىسىنىڭ بورۇنقى ئايال جۆرىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا بۇيرۇپ بېرىلدى. ھەم ئاپىسىنىڭ ئۇ جۆرىسىنىڭ بۇ بالىلارغا قاراش مەسئۇليىتى بار دەپ قارالدى.
نىكاھسىز بىللە تۇرۇش ۋە نىكاھسىز بالا توغۇشلار غەرىپتە ئەخلاقىي مەسىلە ئەمەس. ئەنگلىيى دۆلەتلىك سىتاتىستكا ئىدارىسىنىڭ سىتاتىستكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيىدىكى نىكاھسىز توغۇلغانلارنىڭ سانى 1980-يىلدىكىگە قارىغاندا 2004-يىلى %12 ئۆرلەپ %42 كە يەتكەن. بۇنىڭلىق بىلەن ئەنگىلىيە نىكاھسىز توغۇلغانلارنىڭ نىسبىتى جەھەتتە پاۋروپادا شىۋىتسىيە، دانىيە ۋە فرانسىيىنىڭ كەينىدە يەنى 4-ئورۇندا تۇرغان. بەچچىۋازلار مۇھەببىتى قانۇن تەرپىدىن ئالاھىدە قوغدىلىدۇ. يېقىندا ئەنگلىيىدىكى ئىككى بەچچىۋاز ئايال پروفېسسورلار كىشلىك ھوقۇقنى تۇتقا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئادەتتىكى ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش ئېتراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن سوت مەھكىمىسى بۇنى رەت قىلدى. «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 2006-يىلى 7-سېنتەبىر سانىدىكى «ئەنگلىيە قانداق قىلىپ خىرىستىئانلىقىنى جىنايەتكە ئاغدۇرىۋاتىدۇ؟» دېگەن خەۋەردە دىيىلىشچە، ستېفېن گرېن دېگەن ئادەم تەھدىت، ھاقارەت، غورۇرغا تېگىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە شۇنداق ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىدىن ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئەمىليەتتە ئۇنىڭ قىلمىشى بولسا پەقەت تېنچ ئۇسۇلدا ئىنجىلدىكى «گۇناھلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈڭلار، ئاندىن خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ» دېگەندەك بەچچىۋازلىقنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلار بېسىلغان ۋەرەقىلەرنى كاردىف شەھىرىدىكى بەچچىۋازلار توپىغا تارقاتقانلىقى ئىكەن.
مەيلى گېرمانىيە ياكى ئەنگلىيىدە بولسۇن نورمالدا بىر ياتاقتا قىز-ئوغۇل بىرگە تۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئىككى قىز ياكى ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرگە تۇرۇشى ئاڭلىماققا ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ (ئوخشاش جىنسىلىق مۇھەببەتلەر بولمىسىمۇ.) مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن ياكى يىراق بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىر قىز بىر ئوغۇل بىرگە تورۇش تەبىي ھادىسە دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن لوندوندىكى مەن ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ بىر ئېغىزىدا تىل مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغان بىرازىلىيىلىك ئالھاندىرو بىلەن ئارگېنتىنالىق قىز سابىنە ئۇچ ئاي بىللە تۇردى. مەن ئۇلارغا ئەگەر زۆرۈر بولسا يان ئۆيدىكى قوش كىشلىك كاۋاتنى ئىشلىتىشنى ئېيتسام، سابىنە: «ياق، ھازىرچە لازىم ئەمەس. بىز پەقەت دوست» دېدى. ئالھاندىرونىڭ دىيىشچە ئۇلار بىر جۈپلەر ئەمەسكەن. پەقەت ئۆي ئىزدەۋېتىپ تونۇشۇپ قېلىپ، ئەرزان ئولتۇرۇش ئۈچۈن بىرگە تۇرۇشقا كېلىشىپتىكەن. (ھەر ئىككىلىسى يالغۇز ئولتۇرۇشقا چىقىنالماي.) يەنە بىر ئۆيدە سلوۋاكىيىلىك قىز لۇسىيە ئوغۇل دوستى بىلەن بىر يىل تۇردى. كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتتى. ئوغۇل دوستى ياتاقتىن كۆچتى. مەن لۇسىيەدىن قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. (ئۇ چوڭراق ئۆي بولغاچقا ئىككى ئادەمگە ئىجارىگە بېرىلەتتى. ئەنسىرگىنىم لۇسىيە يالغۇز تۇرسا ھەپتىلىك 105 پوند④ ئىجارە ئۇنىڭغا ئېغىر كېلەتتى. ئۇ يا بىر ئادەم تېپىشى يا ئۆيدىن كۆچىشى كېرەل ئىدى.) ئۇ «ئەنسىرمە، بىر ئوغۇل دوستۇم كېلىدۇ. ئۇ ياخشى بالا» دېدى.( لۇسىيە بۇ يېڭى دوستى بىلەن تاكى مەن ئەنگىلىيدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۇ ئۆيدە بىرگە ئولتۇردى.) لېكىن مارىئان دېگەن بۇ بالا دەم ئېلىشقا كەتسە لۇسىيە باشقا بىر بالا بىلەن كېلىدۇ. ياكى بەزىدە لكۇسىيە دەم ئېلىشقا كەتسە، مارىئان باشقا قىز بىلەن كېلىدۇ. مارىئانمۇ نۇرغۇن قېتىم ماڭا ئۇنىڭ لۇسىيە بىلەن پەقەتلا دوستلىقىنى تەكىتلىدى. بىر قېتىم بېرلىندىكى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى Sängerschaft Borussia (بېرلىن ناخشىچىلار جەمىيىتى ـــ بىر خىل غەيرى رەسمىي ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى) دا پىۋە ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئۈچ-تۆت قىزمۇ بار ئىدى. ئۇلار ھە دېگەندىلا جىنسىيەت توغرىسىدا پاراڭلاشتى. مەن ئۇلارنىڭ قىپ-يالىڭاچ سۆز ئىشلىتىشلىرىدىن ئوڭايسىزلىنىپ، ئۇلاردىن جىنسىي ئالاقىنى بىلدۈرىدىغان ficken دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، باشقىچىرەك، سىلىقراق گەپ بىلەنئىپادە قىلسىمۇ بولىدىغانلىقنى ئېيتىۋدىم، ئوغۇللار ئانچە ئىنكاس قايتۇرمىدى، لېكىن قىزلار قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ مېنى زاڭلىق قىلىشتى. «جىنسىي ئالاقىنى ئۇ سۆزدىن باشقا يەنە نىمىلەر بىلەن ئىپادىلىگىلى بولسۇن؟ ئەمىليەتتە نەق توغرىسى شۇ تۇرسا؟» دەپ ياندۇرۇپ سۇئال قويۇشتى. يەنە بىر قېتىمدا بىز ئالتەيلەن بىر كىنايپە (Kneipe ــ پىۋىخانا) غا باردۇق. ئۇيەردە مانۇئېل دېگەننىڭ قىز دوستى فغانتسىسكامۇ بىللە ئىدى. بىز پىۋە ئىچىشۋاتقاندا، ئۇ قىز سول تەرپىدىكى مانۇئېلنىڭ ئاغىنىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ جىنىسي تۇرمۇش فانتازىيىلىرى توغرىلىق مۇڭدىشىپ ئولتۇردى. لېكىن بۇنىڭغا ھىچكىم پەرۋا قىلىپ كەتمىدى.
ھاللې شەھىرىدە تۇرغان مەزگىلىمدە گېزىتتە مۇنداق بىر خەۋەر بېرىلدى. ئىسپانىيىنىڭ بىر دىرامما ئۆمىكى شتۇتگارت شەھىرىگە ئويۇن قويغىلى كېلىپتۇ. دراممىدا قىزلىقىنى بۇزۇش كۆرىنىشى باركەن. بۇنى سەھنىدە ئەينەن ئورۇنلايدىكەن. گەرچە ئۇ ئۆمەك ئېلانىدا بۇنى ئوچۇق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن دىراممىنى كۆرگىلى كەلگەن بەزى مويسىپىتلار ئويۇننىڭ يېرىمىدا خاپىلاپ قايتىپ كېتىپتۇ. يەنە 2002-يىلى گېرمانىيىنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا پارىژدىكى ئاممىۋى كۇلۇبلارنىڭ سەھنىلىرىدە جىنسىيى ئالاقە قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر ئەر ۋە بىر ئايال توغرىسىدىكى زىيارەتنى بەردى. زىيارەتتە ئۇ ئەر ئۆز خىزمىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 2001-يىلى پارىژدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىسى، تەھرىر كاترىن مىللې (Catherine Millet) دېگەن ئايال «كاترىن مىللېنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى» دېگەن ئۆزىنىڭ ياشلىق مەزگىللىرىدىكى )يەنى 60-يىللاردىكى) چەكلىمسىز ـــ رېستۇران، كۇلۇب، باغچا، ماشىنا، ھاجەتخانىلاردا؛ پارىژدىكى زىيالىلاردىن تارتىپ قارا ماشىنا شوپۇرى، ئافرىقىلىق سەرگەردانلار بىلەن بولغىچە بولغان جىنسىي تۇرمۇشى سەمىميلىك ۋە يۈكسەك بەددىيلىك بىلەن يېزىلغان بىئوگرافىيىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتاپ كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ يوقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن. (شۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا فرانسىيىدە 300،000 نۇسخا سېتىلغان.)
ئومۇمەن، بۈگۈنكى كۈندە غەرپلىكلەر جىنسىيەتنى كىشلىك تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر بىر قىسمى دەپ ئاشكارا ئېتراپ قىلىدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ. One night stand (بىر كېچىلىك تۈنەك ـــ قەھۋەخانا، كۇلۇب ياكى ئولتۇرۇشلاردا تونۇشۇپ، بىر كېچىنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ ئەتىسىگە خوش دەپلا ئايرىلىپ كېتىدىغان مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ) مەيلى گېرمانىيە ياكى ئەنگىلىيدىكى يالغۇز ياشلار ئارىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. يەنە group sex (ئوپچە جىنسىي ئالاقە قىلىش) ۋە orgy (چەكلىمىسىز ئەيش-ئىشرەتلىك ئولتۇرۇش. ئۇ ئەسلى قەدىمقى گىرىك ياكى رىملىقلارنىڭ ئىلاھلارنىڭ شەنىگە ئۆتكۈزىدىغان مۇراسسمى بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇراسسمىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، شاراپ ئىچىپ، ئوپچە قىنسىي ئالاقە قىلىشقان) لارمۇ يات ئۇقۇم ئەمەس.
Euro RSCH Worldwide دېگەن بازار ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇدىكى 10،000 ئادەم بىلەن ئۇلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەنگلىيىدىكى يالغۇز ئەر، يالغۇز ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەڭ يەڭگىلتەك ئىكەن. %17 جۇڭگۇلۇق، %30 فرانسۇزلارغا سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن ئوندىن ئالتە (%59) ئەنگلىيىلىك 30 ياشتىن ھالقىغاندىن ئادەمنىڭ يالغۇز مەزگىللىرىدە (يەنى توي قىلمىغان ياكى بىرسى بىلەن مۇقىم بىللە ياشىمىغان ئەھۋالدا) 10 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاشنىسى بولسا بولىۋېرىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇ «10 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق» دېگەن سۇئالغا كەلگەندە ئامېركىلىقلار ئەنگلىيىلىكلەرگە يېقىن بولۇپ، %52 ئامېركىلىق بۇ قوش رەقەملىك ساننى قوبۇل قىىدىكەن.⑤
باربارا ھۇبېرمان مۇنداق دەيدۇ. «ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ teenager (20 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەر) نىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىديىسى ناھايىتى ئەركىن-ئازادە، ئۇ چەكلەنگەن تېما ئەمەس. ئۇلار ئامېرىكا جەميىتىدىكىگە ئوخشاش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ھەركىتىگە ئەخلاقىي نوقتىدىن قارىمايدۇ. ئۇلار بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ئالاقىسى مەۋجۈت بولۇشى كېرەكمۇ-يوقمۇ دېگەن تېما ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلماستىن، بەلكى قانداق قىلىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى مۈمكىن قەدەر تەلىم-تەربىيىگە، بىخىەتەرلىككە ئىگە قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشىدۇ.»⑥
كالىفونىيە ئەرۋىن (California-Irvine) ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، روسىيە قاتارلىق 24 دۆلەتتىكى 33590 ئادەم ئۈستىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان. بۇ ئادەملەردىن نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتى توغرىلىق تۆت خىل سۇئال سورالغان. بۇ سۇئاللار: «بىر ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش خاتامۇ-ئەمەىسمۇ؟»، «ئەگەر ئۇلار ئۆسمۈر، مۇنداقچە 16 ياشتىن تۆۋەن بولسىچۇ؟»، «ئەگەر توي قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالى ياكى ئېرىدىن باشقا ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسىچۇ؟»، «ئەگەر ئوخشاش جىنسلىق ئىككى ئادەم جىنسىي ئالاقىدە بولسىچۇ؟» دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ جاۋاپلىرى مۇنداق تۆت خىل كاتىگورىيەگە ئايرىلغان: «دائىم خاتا»، «دائىم دېگۈدەك خاتا»،«پەقەت بەزىدە خاتا»، «ھىچقاچان خاتا ئەمەس.» بۇ تۆت خىل جاۋاپ كاتېگورىيىلىرىنىڭ پىرسەنتلىك نىسبىتى دۆلەتلەر بويىچە تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك. (بۇ يەردە ئانچە مۇھىم دەپ قارالمىغان بەش دۆلەت ۋە رايون چىقىرۋېتىلدى.)
دۆلەتلەر بويىچە نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان قاراش (پىرسەنت
1. تويدىن بۇرنقى جىنسىي مۇناسىۋەت خاتامۇ؟
دۆلەتلەر دائىم دائىم دېگۈدەك پەقەت بەزىدە ھىچقاچان
ئامېرىكا 29 12 18 41
كانادا 12 5 15 69
ئاۋسترالىيە 13 8 19 59
يېڭى زىلاندىيە 19 6 14 62
روسىيە 13 12 18 75
ۋىنگىرىيە 13 10 17 54
سلوۋاكىيە 3 3 12 82
پولشا 18 9 13 60
چېخ 5 6 20 68
ئاستىريە 4 8 19 69
ئىتالىيە 19 7 15 59
ئىسپانىيە 20 8 9 63
گېرمانيە (شەرق) 2 1 10 87
گېرمانىيە (غەرب) 12 3 14 79
گوللاندىيە 7 3 13 77
نورۋېگىيە 7 3 13 77
شىۋىتسىيە 4 2 5 89
ئەنگلىيە 19 5 14 70
ئىرلاندىيە 35 8 15 61
ئوتتۇرچە 17 7 15 61
2. 16 ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى خاتامۇ؟
دۆلەتلەر دائىم دائىم دېگۈدەك پەقەت بەزىدە ھىچقاچان
ئامېرىكا 71 16 9 4
كانادا 55 20 16 9
ئاسترالىيە 61 20 10 9
يېڭى زىلاندىيە 71 18 8 4
روسىيە 45 30 14 11
ۋىنگىرىيە 50 26 17 7
سلوۋاكىيە 44 27 23 6
پولشا 77 14 4 4
چېخ 59 21 12 8
ئاۋستىريە 36 38 18 8
ئىتالىيە 58 19 14 9
ئىسپانىيە 59 18 9 14
گېرمانيە (شەرق) 27 22 34 16
گېرمانىيە (غەرب) 34 24 29 13
گوللاندىيە 45 24 25 6
نورۋېگىيە 55 24 15 6
شىۋىتسىيە 32 28 22 17
ئەنگلىيە 67 21 9 3
ئىرلاندىيە 84 9 6 1
ئوتتۇرچە 58 21 14 7
3. نىكاھ ئىچىدە جۆرىسىدىن باشقا ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش خاتامۇ؟
دۆلەتلەر دائىم دائىم دېگۈدەك پەقەت بەزىدە ھىچقاچان
ئامېرىكا 80 14 4 2
كانادا 68 19 10 2
ئاسترالىيە 59 24 10 7
يېڭى زىلاندىيە 75 17 6 1
روسىيە 36 26 21 17
ۋىنگىرىيە 62 20 15 3
سلوۋاكىيە 57 27 13 3
پولشا 74 14 7 5
چېخ 43 26 21 9
ئاۋستىريە 67 28 3 2
ئىتالىيە 67 13 15 5
ئىسپانىيە 76 13 7 5
گېرمانيە (شەرق) 60 23 13 4
گېرمانىيە (غەرب) 55 27 13 4
گوللاندىيە 63 24 11 2
نورۋېگىيە 70 25 5 1
شىۋىتسىيە 68 26 5 1
ئەنگلىيە 67 23 8 2
ئىرلاندىيە 80 13 5 2
ئوتتۇرچە 66 21 9 4
4. ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى خاتامۇ؟
دۆلەتلەر دائىم دائىم دېگۈدەك پەقەت بەزىدە ھىچقاچان
ئامېرىكا 70 4 7 19
كانادا 39 5 10 46
ئاسترالىيە 55 8 10 27
يېڭى زىلاندىيە 56 5 8 3
روسىيە 57 17 7 19
ۋىنگىرىيە 83 8 5 4
سلوۋاكىيە 70 13 9 8
پولشا 77 6 4 14
چېخ 29 12 21 39
ئاۋستىريە 52 18 15 15
ئىتالىيە 67 7 7 19
ئىسپانىيە 45 7 6 42
گېرمانيە (شەرق) 51 9 10 30
گېرمانىيە (غەرب) 42 10 14 33
گوللاندىيە 19 4 12 65
نورۋېگىيە 47 6 11 37
شىۋىتسىيە 56 6 6 32
ئەنگلىيە 58 6 10 26
ئىرلاندىيە 71 6 6 17
ئوتتۇرچە 59 9 9 24
24 دۆلەتتىكى %61 ئادەم تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي ئالاقىنى ھىچقاچان خاتا ئەمەس دەپ قارىغان. %58 ئادەم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشىنى زادىلا خاتا دەپ قارىغان. بۇ 24 دۆلەت ئىچىدە پەقەت گېرمانىيىدىلا %4 ئادەم توي قىلغانلارنىڭ ئۆز جۆرىسىدىن باشقا ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولىشىنى خاتا دەپ قارىمىغان. %59 ئادەم ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى زادى خاتا دېگەن. بۇنىڭغا قارشى تەخمىنەن %24 ئادەم ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىنى زادى خاتا ئەمەس دەپ قارىغان. گوللاندىيىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەم ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورمال دەپ قارىغان. ئىسپانىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، كانادا، نورۋېگىيەدە خېلى كۆپ ساندىكىلەر ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە گوللاندىيىدىكىگە ئوخشاشلا تەخىرچانلىق پوزىتسىيىسىدە بولغان. خۇلاسىلەپ ئيتقاندا تەرەققىي قىلغان ئەللەردە تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەت كەڭ دائىرىدە ئېتراپ قىلىنغان. لېكىن بۇ خىل قوبۇل قىلىش تويدىن بۇرۇنقى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە نىكاھ ئىچىدە تۇرۇپ جورىسىدىن باشقا ئادەم بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
گېرمانىيە، ئاۋىسترىيە، شىۋىتسىيە، سلوۋاكىيىلىكلەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى ۋە تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەتكە يۇقۇرى دەرىجىدە يول قويغان. (يەنى بۇ دۆلەتلەردىكى %38 ئادەملا بۇنى دائىم خاتا دېگەن. 24 دۆلەتتىكى ئوتتۇرچە دائىم خاتا دىگۈچىلەر بولسا %58 نى ئىگەللىگەن.) جىنسىي كونسېرۋاتىپ تىپىدىكىلەر ئىرلاندىيە (ھەم شىمالىي ئىرلاندىيە)، پولشا، ئامېركىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار بارلىق نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا نىسبەتەن كۈچلۈك چەتكە قېقىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئومۇمەن يوقۇرقى ستاتىستكا جىسنىيەت قارىشىنىڭ پەقەتلا يول قويۇلدىغان ياكى يول قويۇلمايدىغان تىپتىكى دەپ ئايرىشتىن كۆپ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يوقۇردىكى دۆلەتلەر نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەت، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى، نىكاھ ئىچىدىكى جۆرىسىدىن باشقىلار بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى قارىشى ھەققىدە ناھايىتى مۇرەككەپ ھالدا ئۆز-ئارا باغلانغان. ئامېركىلىقلار ياۋروپالىقلارنىڭ نىكاھتىن بورۇنقى ۋە نىكاھ ئىچىدىكى جۆرىسىدىن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قارىتا تەخىرچانلىق پوزىتسىيىسىگە قارشى ھالدا جىنسىيەت كونسېرۋاتىزىمىغا مەنسۇپ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا نىكاھ ئىچىدە جۆرىسىدىن باشقىلار بىلەن جىسنىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى كۆپ سانلىقلار ئىنكار قىلغان.⑦
تسېتتېربېرگ (Zetterberg) نىڭ 1969-يىلى ئېلان قىلىشچە، %90 شىۋىتسىيىلىك ئىككى تەرەپ ياخشى كۆرۈشسە نىكاھتىن بورۇن بىللى بولسا بولىۋېرىدۇ دەپ قارىغان. %70 ئەرلەر ۋە %40 ئاياللار ھەتتا ياخشى كۆرۈشمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشچە پەقەت %2 ئادەملا تويدىن بۇرۇن جىنسىي ئالاقىدە بولمىغان. رېيس (Reiss) شىۋىتسىيىنىڭ غەيرى سېكاندىناۋىيە غەرپ دۆلەتلىرى ۋە بولۇپمۇ ئامېركىدىن بولغان پەرقىنى دىندارلىقنىڭ ئاجىز بولىشى، جىنسىي پەرق رولىغا بولغان يۈكسەك يۇقۇرى دەرىجىدىكى باراۋەرلىك قارىشى، جىنسىيەتكە قارىتا كەڭ دائىردىكى ناتۇرالىزىمىلىق قاراش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن دەپ ھىساپلايدۇ. لېكىن بۇلار جىنسىيەت ئەمىليىتىدە چەكتىن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. گەرچە شىۋىتسىيىلىكلەر نىكاھ ئىچىدە جۆرىسىدىن باشقىلار بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتكە بەكرەك تەخىرچان پوزىتسىيە تۇتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمىليەتتىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت نىسبىتى بۇ خىل مۇناسىۋەتنى قوبۇل قىلىشى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ئامېركىلقلانىڭ ئەمىليىتىدىكى نىسبەتتىن تۆۋەن تۇرىدىكەن. ئامېركىلىقلانىڭ دىندارلىق ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن قوبۇل قىلىشىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئەمىكليەتتىكى نىكاھ ئىچىدە تۇرۇپ جۆرىسىدىن سىرت باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش نىسبىتى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.⑧
1992-يىلدىكى بىر بىر راي سىناشقا ئاساسلانغاندا غەربىي ياۋروپادىكى 18-24 ياش ئىچىدىكىلەرنىڭ %87 ى تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي ئالاقىنى ھىچقانداق خاتا ئەمەس دەپ قارىغان. 1994-يىلدىكى يەنە بىر راي سىناشقا قارىغاندا، زىيارەت قىلىنغان 19000 ئادەم ئىچىدە پەقەت %5 ئەر ۋە %6 ئاياللارلا نىكاھتىن بۇرۇنقى جىىنسىي مۇناسىۋەتنى خاتا دېگەن. «نىكاھ ۋە جىنسىيەتكە بولغان قاراش: جۇڭگۇ بىلەن ئەنگلىيىنىڭ جىنس ۋە مەدەنىيەت پەرقى توغرىسىدىكى راي سىناش» دېگەن دوكلاد ئەنگلىيە چېستېر (Chester) ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 338 ئوقۇغۇچى ۋە بېيجىڭدىكى ئۇچ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى 555 ئۇقۇغۇچى ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنى ئاساس قىلغان. بۇ قېتىمقى راي سىناشتىن قارىغاندا ئەنگلىيىدىكى %81 ئەر، %84.5 ئاياللار نىكاھتىن بۇرۇنقى مۇناسىۋەتنى زادىلا خاتا ئەمەس دەپ قارايدىكەن. كۆپ قىسىم ئەنگلىيىلىك ئوقۇغۇچىلار (%85.2 ئوغۇل، %91.3 قىزلار) «نىكاھتىن بۇرۇن جىىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزگەن بىر جۈپلەر توي قىلىشى كېرەك» دېگەن قاراشقا قوشۇلمىغان. يېرىمدىن ئارتۇق ئەنگلىيىلىك ئوقۇغۇچىلار (%54 ئوغۇل، %50.6 قىزلار) جۆرىسىنىڭ بۇرۇنقى جىنسىي سەرگۈزەشتىلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قارىشى نىكاھ ئىچىدە جۆرىسىدىن سىرت باشقىلار بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت قارىشىغا چېتىلمايدىكەن.بۇ خىل سېلىشتۇرما 1992-يىلدىكى راي سىناشتا مۇنداق دوكلاد قىلىنغان: كۆپ سانلىقلار (%83) توي قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ جۆرىسىدىن باشقا ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى «دائىم» ياكى «دائىم دىگۈدەك» خاتا دەپ قارىغان. بۇ قېتىمقى راي سىناشمۇ بۇنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، %87.1 ئوغۇللار، %94.3 قىزلار نىكاھ ئىچىدە ئاشنا تۇتۇشقا قارشى تۇرغان. ئەنگلىيىدىكى ئەرلەرگە (%34.9) قارىغاندا كۆپ قىسىم ئاياللار (%75.9) ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىگە يول قويۇلىشى كېرەك دەپ تونۇيدىكەن. %88.4 ئوغۇل ۋە %83.3 قىز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى جىنسىي ئالاقە يېشىنى مەلۇم قىلغان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرچە تۇنجى جىنسىي ئالاقە قىلغاندىكى يېشى ئوغۇللارنىڭ 16.6 ياش، قىزلارنىڭ 16.7 ياش بولغان.⑨
مۇشۇ مەسلىنى ئويلىنىش جەريانىدا مەن لوندوندىكى 23 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزدىن يۇقارقى سۇئالنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى. «راست، ھوللىۋۇد كىنولىرىدىكى مۇھەببەت، شەھۋەت كۆرۈنۈشلىرى چىن. ئۇ غەپلىكلەرنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشى. مەسىلەن مەن بۇرۇن تۇرغان يەردىكى خوشنام دائىم ئولتۇرۇش قىلاتتى. ئاندىن ئولتۇرۇشقا ئاغىنىلىرى باشلاپ كەلگەن بىرەرى بىلەن بىر كېچىنى ئۆتكۈزەتتى. كېيىنكى قېتىمدا يەنە باشقىسىنى قوندۇرۇپ قالاتتى. شۇ سەۋەپلىك بىز ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن. يەنە بىر قېتىم لوندون كۆۋرۈكىدە مەكتەپكە كېتۋاتسام بىر ئىنگلىز ئالدىمغا كېلىپ كەچتە قەھۋەخانىغا تەكلىپ قىلدى. لېكىن ئۇلار نىكاھقا ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇنلا جىنسىي تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت جەھەتلەردە پىشىپ يېتىلگەن بولغاچقا ئاچكزلۈك قىلمايدۇ. مەسلەن ئۇلار Engagement ring (چاي ئىچۈرۈلگەندە ئۆز-ئارا سېلىپ قويىدىغان ئۈزۈك) نى ھەر ۋاقىت تاقايدۇ. بۇ گەرچە ئاددىي بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ سىموۋۇلى. يەنە بىرى بۇ ئارقىلىق باشقىلارمۇ ئۇنىڭ چاي ئىچۈرۈلگەنلىكى ياكى توي قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. چاي ئىچۈرۈلگەن ياك توي قىلغان ئادەمگە ئالدىراپ بىرسى ماڭا دېگەندەك چاي ئىچىپ كەلسەك دېمەيدۇ. لېكىن بىزدە تويدا ھەرقانچە قىممەت، ئېغىر ئۈزۈك سالغان بىلەن كىم ئۇنى چۈشۈرمەي تاقايدۇ؟ ھىچكىم. تۈركلەرمۇ بىزگە ئوخشاش. مېل دېگەن تۈرك بالا قىبرىزغا بېرىپ چاي ئىچۈرۈلۈپ كەلدى. چېنى ئۈزۈگۈڭ دەپ سورىسام، مانا دەپ بوينىغا ئېسۋالغان زەنجىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ چاي ئىچۈرۈش ئۈزۈگىنى قولىغا تاقىماي، بوينىدىكى زەنجىرگە ئېسۋاپتۇ. سىزچە ياۋروپالىقلار شۇنداق قىلارمۇ؟»
ئومۇمەن ئېيتقاندا غەرپنىڭ، جۈملىدىن غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ مۇھەببەتنى شەرتسىز يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشىغا، جىنسىي تۇرمۇشتا ئەركىن، ئوچۇق بولىشىغا، نىكاھ ئىچىدىكىلەرنىڭ جۆرىسىنى بۇ جەھەتتە ئالدىشىنىڭ زۆرۈرىيەتسىزلىكىگە ـــ نىكاھقا بولغان سەمىمىي پوزىتسىيىسىگە ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىق مەركەز قىلىنغان جەمىيەت قۇرۇلمىسى، ھىيۇمەنىزىملىق ئەخلاق قارىشى ۋە ئوبرازلىق، رىئال/ ماددىي بولغان ئىستېتىك ئىديىسى قاتارلىق ئىچكى سەۋەپلەردىن سىرت، بۇ جەمىيەتلەردىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى مۇستەقىللىق ۋە ئولتۇراق ئۆي، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش، مائارىپ، بالىلار پاراۋانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەر مۇئەييەن تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولىشى كېرەك.
زوراۋانلىق ۋە جىنايەت
گېرمانىيىدە ساقچىلار قەرەللىك چارلايدۇ. بازار مەيدانىدا بىرەرسى مەست بولۇپ قالسا ئۆيىگە كېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ۋارقىراپ-جاقىرغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. خوشنىسى كەچ سائەت 8دىن كېيىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلشا ساقچى چاقىرىدىغان ئىش ئومۇمىيۈزلۈك. ئەنگلىيىدە بۇ ئەھۋالدا ساقچى چاقىرىلسىمۇ، لېكىن ساقچىنىڭ كېلىشىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەنگلىيىدە بالىلار ھەددىدىن-زىيادە ئەركىن قويۇۋېتىلگەن. ئۇلار ھىچنېمىدىن تارتىمايدۇ. يەنە شىمالىي ئىرلاندىيىدە 13 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى سومكىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرغان. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئەمدى شۇنداق قىلساڭ سېنى مەكتەپتىن سىرتقا چۆرىۋېتىمەن دېگەن. ئۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىىسىنى تەھدىت سالدى، تىللىدى دەپ ئەرز قىلغان. نەتىجىدە سوت ئۇ 20 نەچچە يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا خىزمىتىدىن توختۇتۇش قازاسى بەرگەن ۋە 500 پوند جەرىمانە قويغان.( بەلكى شۇ سەۋەپلىك ئەنگلىيىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچتا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالايدىغانلار ئاز بولغاچقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئاۋىسترالىيدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ياللاپ ئىشلىتىدۇ ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچتا ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلارنى مەيلى چەتئەللىك بولسۇن ھەقسىز ئوقۇتىدۇ ۋە قەرز بېرىپ تۇرىدۇ.)
ئەنگلىيىدە ئوغۇرلۇق يامان. BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيىدە يىلدا 100 laptop (قولدا كۆتۈرۋالدىغان كومپيوتېر) ئوغۇرلىنىدىكەن. بۇنى مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېترو گېزىتىنىڭ دىيىشچە، ئۇچ بالا چېركاۋغا كىرىپ ئىبادەت قىلۋاتقان ئاياللارنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ قاچقان. لېكىن پاستور ئىبادەتنى قويۇپ، ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇۋالغان. يەنە پوچتا ئىشەنچسىز. ھە دېسە خەت-پوسۇلكىلار يۈتۈپ تۇرىدۇ. پادىشاھلىق پوچتا مەسئۇليەتنى ئانچە ئۈستىگە ئالمايدۇ. ياكى ئۇلار بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەۋا-دەستۇر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىشلەر پۇل ئاپتوماتىدىن پۇل ئالغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ. بىراۋنىڭ ھىساۋاتىدىن (تور ئارقىلىق) پۇل ئوغۇرلايدىغان ئىشلار خېلى بار.
ئەخلاق
نېمىسلار 18 ياشقا توشقان ھامان ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئايرىم تۇرىدۇ. ھەتتا ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرى 18 گە توشقان ھامان ئەمدى مۇستەقىل ئادەم بولدۇڭ، ئايرىم ياشا دەپ ئۇلارنى كۆچۈرۋېتىدۇ. ئۆيدىن كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن چوڭلارنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ بىللە تۇرۇشنى ئۇلار نومۇسلۇق ئىش بىلىدۇ. مەسىلەن، بېرلىندىكى ناخىشىچىلار كۇلۇبىدا تۇرغان ۋاقىتىمدا مىخائىل دېگەن ئوقۇغۇچى ئوقۇشنى ئۈزۈپ قويدى. ئاندىن ئۇ بىنادىن كۆچتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ سورىغانلارغا «ئاۋال مىلاد بايرىمىنى چوڭلارنىڭ يېنىغا ېرىپ ئۆتكۈزۈپ، بىر-ئىككى ئاي ئارام ئېلىپ، ئاندىن بىر ئش قىلىمەن» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى گېپىنىڭ ئۇرامىدىن، ئۇ چوڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇشىنى مىلاد بايرىمىنى باھانە قىلىپ چۈشەندۈرگەندى.
نېمىس تىلى ئوقۇتقۇچىلىق دەرسىدە مۇئەللىم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ، بىزدىن ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسىمىزنى سورىدى. ئانىتا دېگەن گېرمانىيىلىك قىز فرانسىيىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدىكى بالىلارغا نېمىس تىلىدىن دەرس بېرىپتۇ. ئۇ كەسپىنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەم بۇ بالىلارغا ئامراق ئىكەن. بالىلارنىڭ ئۇنىڭسىز ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىشلىرى تەسكەن. لېكىن دەل ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپتۇ. ئۆگەي دادىسى بولسا جەنۇبىي گېرمانىيىدە ئىكەن. مۇئەللىمنىڭ سورىغان سۇئالى بولسا: بۇ ئەھۋالدا ئانىتا ئۆيگە قايتىپ ئاپىسىغا قارىشى كېرەكمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلىرىغا داۋاملىق نېمىس تىلى تەكرار قىلىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟ (ئەگەر ئانتا بۇ ۋاقىتتا مەكتەپتىن كەتسە ئىشتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.) بۇ سۇئال ماڭا شۇنچە بىمەنە تۇيۇلدى. مەن ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۇئالىنى چۈشەنمىدىممۇ قانداق؟ ئۇ زادى نېمە دىمەكچى دەپ ئويلىدىم. بىر روس قىز ۋە يەنە بىر نېمىس قىز ئانىتا يەنىلا مەكتەپتە قېلىشى كېرەك، چۈنكى بالىلارنىڭ ئىمتىھانىسى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىتا بۇ ۋاقىتتا كەتسە خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن نەتىجە قازىنىش مۇھىم دېدى. مەن بۇنىڭ ھىچ ئىككىلەنگۈچىلىكى يوق ئىش ئىكەنلىكىنى، ئانىتانىڭ دەرھال گېرمانىيىگە قايتىپ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۆرۈرۈلىكىنى، خىزمەتنى بولسا قانداقلا بولمىسۇن يەنە تېپىۋالالايدىغانلىقنى ئېيتتىم. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭغىمۇ ھەيران بولمىدى ۋە «ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە بولغان مۇئامىلىسى ئوخشىمايدۇ» دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۆزەمنىڭ يەنىلا ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. نېمىسلار ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىگە قايتماسلىق قىلچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت مۇھىم. ( بۇنداق بولۇشنىڭ يوقۇرقى ئەھۋالدىكى سەۋەبى: گېرمانىيىدە ھەممە ئادەم سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان. ئاغرىق بولسا سوغۇرتا شىركىتى تولۇق كۆتىرىدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، دوختۇرخانىغا بارغاندا پەقەت سوغۇرتا كارتىسىنى كۆرسىتىپ قويسىلا بولىدۇ. قالدى ئىشلانىڭ ھەممىسىنى دوختۇرخانا بىلەن سوغۇرتا شىركىتى سۆزلىشىۋالىدۇ. يەنە بىرى چوڭلار پېنسىيىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالمىغۇدەك بولسا ساناتورىيىگە بارىدۇ. ئىقتىسادىي ياخشىلار چېركاۋنىڭ ياكى باشقا شەخسىي ساناتورىيىلەرگە بارىدۇ. ياخشى ئەمەسلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ساناتورىيىلىرىگە بارىدۇ. بۇلارمۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن شەخسەن ئۆزلىرى خەۋەر ئالماسلىقىنىڭ سەۋەبى. يەنە بىرى نېمىسلار كۈندىلىك خىزمەتكە خۇددىي ئۇرۇشقا ئوخشاش جىددىي مۇئامىلە قىلىدۇ.)
تارىخچى غاينھات زىدە (Reinhard Sieder) نىڭ قارىشىچە (1997) گېرمانىيە ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىمايدىكەن. ئاتا-ئانىغا قارىتا مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولۇپمۇ قىزلاردا ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيە ياكى ئاۋىستىريىدە پەزىلەتلىك ۋە سۈيۈملۈك «ياخشى» قىز ئاپا ياكى دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بولۇپ، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاتا-ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئەڭ ياخشى سوغۇرتا شىركىتىنى تېپىشقىلا تىرشىدىكەن.
نېمىسلار ھىتلېر⑩ ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى تىلغان ئېلىشتىن، مېھمان كەلگەندە ئۆيدە پىۋا بولماسلىقىدىن، چوڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بىللە تۇرۇشتىن نومۇس قىلىدۇ.
مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە گېرمانىيە، ئەنگلىيىدە ئادەملەر باشقىلارنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ غەرپ جەميىتىدىكى ئەخلاقى مىزاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى بولىشى كېرەك. ئادەملەرنىڭ تاشقىي قىياپىتى، شەخسىي تۇرمۇش ئادىتى، ئۇسۇلى؛ ئائىلە، خىزمەت، ئىقتىسادىي ئەھۋالى باشقىلارنىڭ قىزقىدىغان ياكى باھا بېرىدىغان ئوبىكتى ئەمەس. لېكىن بۇ جەمىيەتتىكىلەر ھۆكۈمەت ئورۇندىكىلەرگە نىسبەتەن ئەخلاقىي جەھەتتىن بەك سەزگۈر. مەسىلەن گېرمانىينىڭ سابىق كانتىسلېرى گېھاغت شغۆدە (Gerhard Schröder) ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن موسكىۋادىكى بىر نېفىت شىركىتىدە ۋە شىۋىتسارىيىدىكى يەنە بىر شىركەتتە ئىش تاپقان. بۇ توغرىلىق مارتىن-لۇتېر ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى تونۇشۇم دوكتۇر ئولىۋەر « Unmoralish» (ئەخلاقسىز) دېدى. ئۇ كانتىسلېر سىياسى سەھنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئالدى-كەينىگە قارمىاي پۇل تېپىشقا چۈشۈپ كەتتى. ئەلۋەتتە ئۇ ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان ۋاقىتتا بۇ شىركەتلەر بىلەن ئالاقىسى بولغان بولىشى كېرەك. بۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئەۋزەللىكىنى سۈيىستىمال قلغانلىق. بۇ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ دېدى. 2006-يىلى ئاپرىلدا ئەنگلىيە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى جون پرېسكوت (John Prescott) نىڭ ئۆزىنىڭ سابىق كاتىپى ترېيسى تېمپىل بىلەن بولغان رومانتىك كەچۈرمىشلىرى ھازىر خىزمەتسىز بولغان ئۇ كاتىپ تەرپىدىن ئوتتۇرغا يېيىلدى. گېزىتتە ھەتتا ئۇدا ئىككى ھەپتە دېگۈدەك بۇ توغرىلىق ئۈزۈلمەي خەۋەر بېرىلدى. ئۇ خەۋەرلەردە مۇئاۋىن باش ۋەزىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا، ئەنگلىيىلىكلەر ئالاھىدە چوڭ كۆرىدىغان ئۆتكەن ئەسىردىكى گېنېرال كرۇمۋېلنىڭ قاراپ تۇرغان ماي بوياق رېسمى ئالدىدا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان جاگۇئار ماركىلىق ماشنىسىنىڭ ئىچىدە ۋە خىزمىتىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلگەن داچىسىدا خىزمەت ۋاقتىدا كاتىپى بىلەن ئەيش-ئىشرەت قىلغانلىقى يېزىلغان. لېكىن «كۈندىلىك تېز پوچتا» گېزىتىنىڭ 4-مايدىكى سانىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىكىلەر جون پرېسكوتنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىشى بىزنى قىزىقتۇرمايدۇ، لېكىن مەسلە مۇئاۋىن باش ۋەزىر ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنغان ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقالمىدى، ئۆزىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلاندى، ھۆكۈمەت ماشىنسىنى شەخسىي كۆڭۈل ئېچىشىغا ئىشلەتتى، ئۆزى Council Tax (شەخسىي ئۆيلەردىن ئېلىندىغان ھۆكۈمەت بېجى) قا مەسئۇل بولۇپ تۇرۇپ، 1997-يىلدىن ھازىرغىچىلىك ئۆزىنىڭ ئۈچ ئۆيىگە بۇ باجنى تۆلىمىدى دەپ ئەيىپلىدى. يەنە گلازگوۋ شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن بوشىتىلىپ سوتقا تارتىلىپ جازالانغانلىقىنى، بۇ دېموكراتىك دۆلەتتە قانۇن ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن جون پرېسكوتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا سوتقا تارتىلىشى، ھەتتا جون پرېسكوتقا (ئۇنىڭ مەسئۇليىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چىقىش قىلىپ) تېخىمۇ قاتتىق جازا بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① گىرىكچە gymnosيالىڭاچ دېگەن مەنىدە بولۇپ، gymnasium ــ يالىڭاچ ھالدا بەدەن چېنىقتۇرىدىغان زال ياكى مەيدان دېگەن مەنىدە.
② غۆنېسساڭس (renaissance-فرانسۇزچە قايتا توغۇلۇش دىگەن مەنىدە.) - 14-ئەسىردىن باشلانغان ياۋروپادىكى مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قايتا گۈللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇيغۇرچىدە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنشى دەپ ئېلىنغان. ئەمىليەتتە ئۇ نوقۇل ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مەدەنىيەتنىڭ ئويغۇنىشى. شوڭا مەن بۇ يەردە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغۇنىشى دەپ ئەمەس، بەلكى بۇ دەۋرنى كۆرسىتىدىغان ياۋروپادا بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ بويىچە غۆنېسساڭس دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
③ ئېرۋىن ج. ھەبېرلىننىڭ «جىنسىيەت ئاتلىسى» دېگەن كىتاۋىنىڭ 1985-يىلى بېرلىندا نەشىر قىلىنغان، نېمىسچە 2-نۇسخىسىغا قارالسۇن.
④ پوند ((Pound - ئەنگىليىنىڭ پۇل بىرلىكى. بۇ ئىلگىركى ئۇيغۇرچە ماتىرياللاردا فوندستېرلىڭ دەپ ئېلىنغان، لېكىن ئەنگىليىلىكلەر ئۆز پۇلىنى پوند دەپ ئاتايدۇ. ئەسلى ئىنگلىزچە ئوقۇلىشىغا يېقىن بولىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇلىشىدىكى قولايلىقنى كۆزدە تۇتۇپ پوند دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
⑤ جۇڭگۇ «خەلق گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە تور بەت نۇسخىسىنىڭ (2006-يىلى10-سېنتەبىردىكى) «ھەممىدىن كىم شاللاق» دېگەن خەۋىرىدىن.
http://www.chinadaily.com.cn/english غا قارالسۇن.
⑥ بابارا ھۇبېرمان ــ ۋاشىنگىتون ياشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەلىم-تەربىيە مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش ئورنىنىڭ مۇدىرى.
http://goeurope.about.com/cs/sex/a/euro_sexuality.htm غا قارالسۇن.
⑦ ئېرىك د. ۋىدمېر، يۇدىس ترىس، روبېرت نيۇكوملارنىڭ «24 دۆلەتتىكىلەرنىڭ نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت قارىشى» دېگەن ماقالسى، «جىنسىيەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1998-يىلى نويابىردىكى سانىغا قارالسۇن.
⑧مارتىن س. ۋاينبېرگ، ئىلسا لوتتېس، فرانسېس م. شېيۋېرنىڭ «جىنسىيەتكە يول قويۇش قارىشىنىڭ ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت باغلىنىشى» دېگەن ماقالىسى، «جىنسىيەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2000-يىلى فېۋرالدىكى سانىغا قارالسۇن.
⑨لۇئىز ت. ھىگگىنس، جېڭمۇ، لىئۇ يالى، سۈن چۈنخۇيلار ماقالىسى، «جىنسىيەتنىڭ رولى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىلى فېۋرالدىكى سانىغا قارالسۇن.
⑩ ھىتلېر (Hitler) - بۇ ئۇيغۇرچىدا گىتلېر دەپ ئېلىنىپ كەلگەن. بۇ سۆزىنىڭ ئەسلى نېمىسچە يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇز قىلىنىشغا ئاساسەن مەن ھىتلېر دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.