ماۋزۇسى: ئەلى غۇجاخۇن:«بېكخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ»
aypalta
ئالى ئەزا
Rank: 4


ئىجاتچان ئەزا   ئالاھىدە تۆھپە  
رەت نۇمۇرى: 140
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 789
يازما: 142
كۆرۈش ھوقوقى: 50
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
ئەلى غۇجاخۇن:«بېكخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ»

«بېكخام مۇھىممۇ ، ئىشەكمۇ»



ئەلى غۇجاخۇن




ئىلاۋە: ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سەمىمىيلىك بىلەن سېلىپ قويىدىغان تەرەپ، مېنىڭ يالقۇن ئەپەندى بىلەن ھېچقانداق ئۆچ- ئاداۋىتىم مەنپەئەت- توقۇنۇشۇم يوق،بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئەركىن،باراۋەر سۆھبەتلىشىپمۇ تۇرىمىز.مېنىڭچە،يالقۇن ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدە نامۇۋاپىق دەپ قارىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاچقىلا بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى.بۇمۇ يالقۇن ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدە شەپە بېرىپ ئۆتكەن ئۆز خەلقى ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن دوستلۇقنىڭ ئىككىسىدىن بىرنى تاللا دېسە دوستلۇقنى قايرىپ قويۇپ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى تاللا،دىگەن چۈشەنچە سەۋەبى بىلەنلا بولدى، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوغاققان ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولىشىنى سورايمەن.


  يېقىندا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژۇرنىلىنڭ2008-يىللق 1- سانغا بېسىلغان يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ھوشۇر قارىغا قارىتا يېزىلمىغان «ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت›› ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئەزەلدىن ئىشەكنىڭ «چاپچىپ تۇرىدىغان ››لىقىنى كۆرمىگەچكە ياكى بىلمىگەچكە، ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن تەسىراتىم يالقۇن روزى ئەپەندى ماقالىسىنى سەل ئالدىراپ-سالدىراپ سەل پىششىقلىمايلا يېزىپ سالدىمۇ نېمە؟ دېگەن خىيال بولدى ئارقىدىنلا «ئادەمگە نىسبەتەن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلىغۇدەك ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت›› دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ، ئاپتۇر «ئادەم ئۆزىگە نورغۇن كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشىنى كۈتۈشى كېرەك ياكى ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجە ئۇتۇقلارغا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشنى ئۈمۈت قىلىش لازىم» دېگەن پىكىردىمۇ قانداق؟ ئەسلىدە ئالىيجاناپ كىشىلەر باشقىلاردىن ھەسەتنى ئەمەس، ھەۋەسنىلا؛ كۆرەلمەسلىكىنى ئەمەس، ياخشى تىلەكنىلا كۈتىشى كېرەك ئېدىغۇ! دوستى ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەتلىرىدىن بەخت ھېس قىلىش قانداق ئشتۇ! بۇ قانداق پىسخىكىلىق ھالەتتۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئەسەرنىڭ باشلىنىش قىسمىدىلا ئۇچرىغان بۇ مەسىلىلەردىن بۇ ئەسەردىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى مەسىلىسىدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم -دە، بۇ ماقالە توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.
  يالقۇن ئەپەندى ماقالىنىڭ دەسلىپىدىلا ھوشۇر قارىي ۋە ئۇ ۋەكىل بولىۋاتقان سەنئەتتىن «ئالاھىدە ھوزۇر» ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئاندىن «مىللىي كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى مىللىي ئادەت نۇقتىسىدىن كىيىش بىلەن مىللىي ئاڭ نۇقتىسىدىن كىيىش پەرقلىنىدۇ»، «ھە دېگەندىلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا چەكتىن ئاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن باشقىلارنى باشقا ئېلىۋېلىش – غورۇرى پۈچەكلىكنىڭ ئىپادىسى» دېگەندەك ،كۆرۈنۈشتە توغرىدەك كۆرىنىدىغان، ماھىيەتتە ئۇقۇملىرى قالايمىقان قىلىۋېتىلگەن، مىللىي ئادەت، مىللىي ئاڭ، ھۆرمەت ھېسسىياتى ۋە غورۇر دېگەندەك سۆزلەر بىر –بىرىگە مەجبۇرى ھالدا قارمۇ – قارشى قويۇلغان مۇھاكىمىلەر ئۇچرايدۇ. ماقالىدىكى مەركىزى پىكىرنى يانداش مۇھاكىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، بۇ نۇقتىلار ھەققىدە توختالمىدىم. پەقەت ماقالىدىكى كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قانچە ناتوغرا قاراشلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقساق، بۇ «ئوچۇق خەت»تە دوستلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.يالقۇن ئەپەندى قايسى بىر ئاپتورنىڭ «... ۋەتىنىدىن ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە دوستلۇقنىڭ تۇز ھۆرمىتىنى ساقلىغان» دېگەن سۆزنى تۇتىۋېلىپ، دوستقا ئىشەنمەسلىك، دوستىن ھەزەر ئەيلەش تەربىيىسىنى ئىشلەيدۇ. ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا»، «بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ئىككى كۆزى جاڭگالدا» (بۇ تەمسىل ئەمەلىيەتتە نوقۇل دوستلۇققا قارىتىلمىغان، ئەسلىدە بۇ ئورۇندا مىسالغا ئېلىشمۇ توغرا ئەمەس) دېگەن ماقال – تەمسىلەرنى دوستقا ئىشەنمەسلىككە سۇيئىستىمال قىلىدۇ. قانداق دوستقا، قانداق ئەھۋالدا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنماستىن ، ئايرىلمىلىق خاراكتېرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئومۇملۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىش تازا توغرا بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ ماقال- تەمسىللەر كونكرېتنى جۈملە شارائىتىدا، كونكرېت يولۇققان ئەھۋالغا قارىتا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇق خاراكتېرىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان ماقال – تەمسىللەردىن ئەمەس، بىر ئايرىما
ھادىسىدىن ئومۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇش نۆۋەتتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلىق، كونكرېت دائىرىلىك، روشەن پاكىتلىق سۆز قىلىشقا ئادەتلىنىش بىزنىڭ ھېسسىياتچان مىجەزىمىزنى تەڭشەپ سالماق، تەمكىن، سوغۇققان پىكىر قىلىدىغان، ئوبىكتىپ باھا بېرىدىغان خاراكتېرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئايرىم شارائىتتا ئېيتىلىدىغان «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا» دېگەن ھۆكۈمنى پۈتكۈل دوستلۇق رىشتىسىگە ئىشەنمەسلىك «سەپسەتە»سىگە دەلىل – ئاساس قىلىۋالساق، ئاپتۇر ئۆزى دەۋاتقان «توغرا قىممەت قارشى»غا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىمىز-دە، دوستلۇق مەسىلىسى ئىنسانلار ھەزەر ئەيلەيدىغان قاباھەتلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «دوستلىرىڭ يوق باغدىن، دوستلىرىڭ بار تاغ ياخشى»، «دوستى بارنىڭ بەختى بار»، «دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت»، «دوستقا ئىناق بول، دۈشمەندىن يىراق» دېگەندەك ئومۇمىي خاراكتېرلىك يەكۈنلەرگە قارشى چىقىپ مات بولۇپ قالىمىز.
  ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە ئوخشاشلا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك بىر ئايرىم ھادىسىدىن ئومۇمىيىلىق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇشتەك لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان. ئايرىملىقتىن ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈن چىقىرىشتا بىر تۈردىكى بىر قانچىلىغان ئايرىم ھۆكۈملەردىن ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان بىر توغرا يەكۈن چىقىرىلىدۇ. ھوشۇر قارىينىڭ ئېشەك مىنىپ ئېلانغا چىقىشىغا قارىتا، بىلىشىمچە، ئۇنداق كۆپ كىشى «ئات مىنىپ ئېكرانغا چىقىشى كېرەك ئىدى» دەپ خۇلاسە چىقىرىشمىدى. ئاز بىر قىسىم ئادەملەر دېسىمۇ دېگەندۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ئىززىتىگە چېقىلمىغان ئاساستىكى ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن كېلىپ چىققان تېخىمۇ ئالىيجانابلىققا، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئەقلىگە ئۇيغۇن، يەنە كېلىپ ساغلام ئىنسانىي تۇيغۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تۇتىۋېلىپ باشقىلارنى زۆرۈرىيىتى يوق مۇھاكىمىگە باشلىساق، ھەرگىز توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئات تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ قولغا كۆندۈرگەن ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزدە مەدەنىيەت مەنىسى نۇقتىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدۇ. تۈرك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئات بىزگە تولىمۇ يېقىن تۇرىدۇ ھەم ئىجابىي ئوبراز بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. «ئەر قانىتى - ئات»، «ئات ئورنىغا ئىشەك باغلىما»، «ئاتلىق - قاناتلىق» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىنىمۇ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ھالدا كلاسسىك ھېكىمەتلىرىمىزدە بولسۇن ياكى ماقال – تەمسىللىرىمىزدە بولسۇن ئېشەك ئوبرازى دېگۈدەك سەلبىي مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. «ئاتنىڭ تەپكىنى ئار ئەمەس، ئېشەكنىڭ تەپكىنى ئار»، «ئېشەك شەيتاننى كۆرسە ھاڭرايدۇ، خوراز پەرىشتىنى كۆرسە چىللايدۇ»، «ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار»، «ئالتۇندىن ھەل بەرسە، كېسەكتۇر كېسەك، تاۋاردىن تون كەيسە، ئىشەكتۇر ئىشەك» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان» دىمۇ «ئوتتۇراھال، ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» (31-سۈرە، 19- ئايەت) دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە يۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ئېشەك ئاۋازى بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن ئاۋازدا، مۇلايىملىق بىلەن گەپ – سۆز قىلىشقا چاقىرغان. ئېشەكنى ۋاستە قىلىپ سەلبىي مەنىدە ئوخشىتىش ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە جايدا ئۇچرايدۇ. دېمەك، ئېشەك ئوبرازى خەلقىمىز مىللىي ئېڭىدا مۇقىم بىر سەلبىي مەنىگە ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
  مېنىڭچە، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئاتقا قارىغاندا ئېشەكتىن سۆيۈنۈش ھېسىياتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئاپتورنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ «ھوشۇر قارى ئەپەندى، مەن سىزنىڭ ئېكراندا ئېشەك مىنگەن قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس كىيىنگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن ئاشۇ ئوبرازىڭىزنى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى› دەپ قارايمەن» دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىپ قويىشى ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ خىيالىمىزدا ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ قىسمەن كۆرۈنىشىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقامدۇ قانداق:
  ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى =«ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى»= «سەنئەت مىللەتنىڭ بارلىقى».
ئىلگىرى يالقۇن ئەپەندى «سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئەمەس بەلكى بايلىقى» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە بولسا ھوشۇر قارى ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان سەنئەتنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» دەپ ئېيتقان. ئەجەبا، بۇ ، سەنئەتنى مىللەتنىڭ بارلىقى دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئىپادىدىن قانچە گۇمانلىناي دېسەممۇ پاكىتلار، يالقۇن ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى گەپلىرى، لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلى قاتارلىقلار بۇ ئىپادىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىم بىر ھادىسىدىن ئومۇملۇق كۈچىگە ئىگە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويۇش مەسىلىسى، ئاپتورنىڭ ئېنىق پىكىر ئىزچىللىقىنىڭ بولماسلىق مەسىلىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» نى ئوپۇل – تۇپۇل پاكىتسىز، مۇلاھىزسىز ھالدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش مەسىلىسى قاتارلىق خاتالىقلار يۈز بېرىپ، ئاپتورغا نېمە دەپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەيدىغان ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
  «بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» مەسىلىسى مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە مىللىي كىملىك بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ۋە تۇرمۇش شەكلى، تىلى، ئەخلاقى، ئىجتىمائىي قىممەت ھۆكۈملىرى ۋە پرىنسىپلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈنلۈك. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھوشۇر قارىنىڭ ئىشەكلىك كۆرۈنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىنى پەقەتلا يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ.
«سىلەرچە، بىزگە بىكخام مۇھىممۇ، ئىشەكمۇ؟» بۇ مەسىلە ئادەمنى تېخىمۇ مۇلاھىزە قىلغىلى بولمايدىغان مۇھىتقا باشلاپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ پىكىر قىلىپ كۆرسەك، ئادەتتە، سېلىشتۇرما تەھلىللەردە بىر تۈردىكى مەسىلىلەر سېلىشتۇرىلىدۇ. ھەتتا بىر تۈردىكى مەسىلە ۋە شەيئىلەر ئىچىدىمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىرى بار. مەسىلەن، «ئۈزۈم مۇھىممۇ، ئالمىمۇ؟»، «پىرىزدىت مۇھىممۇ، كان ئىشچىسىمۇ؟» ئەگەر سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە، قانداق ئەھۋالدا ۋە قانداق شارائىتتا، نېمىگە ئىشلىتىپ، قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقارغاندا ئاندىن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى ۋە ياكى باشقا مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.  
  «سېلىشتۇرما تەتقىقات خەلقئارادا ئاللىقاچان ئىلىم سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (Comparativemethod) ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئاساسى ئۇسۇل. ئۇ دەسلەپتە كلاسىك تەدرىجى تەرەققىيات ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ھېسابلىناتتى. ئۇلار بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاشمىغان ساھەدە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلمىسىنى دەللىلىگەن ھەم ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى كۈزەتكەن. سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئۈچ قەدەم باسقۇچ بويىچە بولىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ياكى شەيئىنى تېپىپ چىقىش، ئىككىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرش مەقسىتىگە ئاساسەن ئوخشاش ھادىسە ياكى شەيئىلەرنى گۇرۇپپىلاپ مۇلاھىزە قىلىش، ئۈچىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ تەتقىقات مەقسىدى ۋە تېپىغا ئاساسەن تارىخى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (historialcomparison) ۋە تىپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (typelogicalcomparison) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئوبىكىتقا قاراپ قوش تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش دېگەن تۈرلەرگىمۇ بۆلىنىدۇ» )مەنبە: www.face21cn.cnتورى( گەرچە يالقۇن ئەپەندىنىڭ سېلىشتۇرما مۇلاھىزىسىنى تەتقىقات دەپ ئېيتالمىساقمۇ، يۇقۇرقى پاكىتقا ئاساسلانغاندا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق «بېخكام مۇھىممۇ ياكى ئىشەكمۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش ئىلمى بولمىغان سۇئالغا ئىلمىي بولمىغان جاۋاب ئىزدەش بىمەنە ھەركىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاۋۋال سېلىشتۇرۇش مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئاندىن سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچى ئىلمىي بولغانمۇ يوق، دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر. بۇ يەردە شەرت، مەقسەت، نىشان، چىقىش نۇقتىسى بىئېنىق ئەھۋالدا سۇئال سوراش بىلەن جاۋاب ئىزدەش ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەجبۇرى سېلىشتۇرغاندا كۈچىدىن پايدىلىنىش ۋە قاتناشقا قولايلىق بولۇشتا، ئەلۋەتتە، بېكخامنى مىنگىلى ۋە ھارۋىغا قاتقىلى بولمايدۇ. ئېشەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. پۇتبول تېپىش ماھارىتى ۋە بۇ ماھارىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن نوپۇزى ۋە ئابرويى، ياشلارغا بولغان تەسىرى، ئىلھام بېرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە، ئېشەك تولىمۇ ئارقىدا تۇرىدۇ. ياكى سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق، بېكخام مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلە ئۇنى قەستەن مۇرەككەپ كۆرسىتىشنىڭمۇ ھېچ ئەھمىيىتى يوق. «بېكخام خەلقىمىزگە ۋە ۋەتىنىمىزگە نېمە ئىش قىلىپ بەرگەن؟... ئېشەك كۈندىلىك ھاياتتا بارلىق ھايۋاننى بېسىپ چۈشىدىغان تۆھپىسى بىلەن مىسىلسىز رول ئويناپ كەلدى» . ماقالىدە ئېيتىلغان بۇ يەكۈنلەرنىڭ تىرەش نۇقتىسىنىڭ پەقەتلا يوق بولىشىغا قارىماي، ماھىيەتكە نەزەر سالماي ھادىسىگە، شورپىسىغا قارىماي كۆپىكىگە قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان ئاددىي پىكىرلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى تەبئىي. بىراق سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچىنىڭ مۇھىم ئۈچ باسقۇچنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان «ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى تېپىپ چىقىش» قەدىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقلا بۇنداق مۇھاكىمىنىڭ گۆدەكلەرنىڭ تاللاش تارتىشىغىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
  نەتىجىدە، «يېزا – بازاردىن ئىبارەت ‹گۇمانتار مەنزىرە› » ئاستىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان «مىسىلسىز رول» ئوينايدىغان «سۆيۈملۈك» ئېشەك بىلەن بىكخامنى سېلىشتۇرۇشنىڭ گويا مارس بىلەن بېلىقنى، لاي ھەيكەل بىلەن مائارىپ گېزىتىنى سېلىشتۇرۇشتەكلا بىمەنە ئىش ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ. ئەگەر ئېشەكنى تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ھالدا سىمۋوللۇق مەنىدىن ھالقىپ تۇرۇپ بىكخام بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئېشەك ياكى ئېشەكلەر «قەۋمى» يارتىلىشىدىنلا ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ نېمىس دېھقانلىرىغىمۇ، ئىندىئان پادىچىلىرىغىمۇ، يەھۇدى دىن تارقاتقۇچىلىرىغىمۇ «غەرەزسىز» ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇر ئۈچۈنلا قۇربان بەرگىنى يوق. بېكخام بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇق تەبئىي ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز مىليۇن دوللارلىق غەللىسىگە تايىنىپ نۇرغۇن خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. (ئۇ خەيرى – ساخاۋەت تۈرىدىكى ئېلانلارغا چىقىپ، 2002 - يىلى 8 - ئايدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ۋېلىس بىلەن جېشكانى ئۆيىگە قايتشقا تېلۋىزوردا دالالەت قىلدى. 2007 - يىلى 5 - ئايدا يۈتۈپ كەتكەن 3 ياشلىق ئەنگىلىيىلىك قىزچاق مادېلىن ماككىننى كىشىلەرنىڭ تېپىشىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تېلۋىزور سۆزى قىلدى. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول مەكتەپلىرنى قۇردى. تېخى 2008 - يىلى 1 –ئاينىڭ 30 - كۈنى بىرازىلىيەنىڭ ناتار شەھىرىدە 10 مىڭ كىشلىك بىر پۇتبول مەيدانى، 8 پۇتبول مەشىق مەيدانى، بىر قانچە گۈلف توپ، تېننىس توپ مەيدانلىرى، تۇلۇق مەشىق ئەسلىھەلىرى بولغان «بېكخام تەنتەربىيە دۇنياسى»نى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە بەرپا قىلغان پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.) ئۇ ئۆزىنىڭ توپ ئويناشتىكى ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبۇل قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە تېگىشلىك پايدا يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە ساغلام قىزىقىش پەيدا بولۇشىغا ۋاستىلىق تۈردە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىر خىرىستىيان ئىكەنلىكى، قۇلاق – بۇرۇنلىرىغا تۆمۈر – تەسەك ئېسىۋالىدىغانلىقى، تېرىسىگە بىر نېمىلەرنى چېكىۋالىدىغانلىقىغا تەنقىدى قارشىمىز، پەرزەنتىلىرىمىزنى بۇنداق ئىشلارغا ئەگەشمەسلىكىگە ئۈندەش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ئەگەر يالقۇن ئەپەندى ئېيتقاندەك دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا بوكس شاھى تايسۇن، مەشھۇر يازغۇچى بالزاك، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى ماندىلا، داڭلىق رويال ماھىرى رىچارد كىلايدورمان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ، ئىشكەككىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلاردىن ئېشەك مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى ئىشەككىمۇ تەڭ قىلماسلىققا ھەققىمىز يوق.
  پۈتكۈل ماقالىدە «ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان خىرىستىيانلارنى يېروسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن مۇناخ پىيەرلەمت» نىڭ خائىن ئېشىكى ئاپتور قەلىمى ئاستىدا نۇر چېچىپ چاقنايدۇ. بىر ئادەمنى بولسا ئاپتور ئىشەككىمۇ تەڭ قىلمايدۇ ئاپتور «ئېشەك قەسىدىسى»نى يېزىۋاتقاندا ھاياجانلانغان ھالدا «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!» دېگەن مىللىتىمىزنىڭ خاس چۈشەنچىلىرىگە ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە قىلچە ئۇيغۇن بولمىغان ، يات، غەلىتە جاكارنى جاكالايدۇ. ۋە «بۇنىڭ نېمىسى خاتا؟» دەپ تەئەججۇبلۇق سۇئال تاشلايدۇ. «ئۆرگىلەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!، ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!، دەپ پەخىرلەنسەك بولىۋېرىدۇ» دەيدۇ. ئەسلىدە ئېشەكتىن ئىبارەت بۇ مەخلۇق خۇددى ئاپتور ماقالىسىدە ئېسىمىزگە سالغۇدەك «جاپاكەش بولغاچقا كۆپتۇر خىزمىتى، ھاياسىز بولغاچقا يوقتۇر ئىززىتى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللىقاچان قىممەت قارشىمىزدا مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىپ بولغان ھايۋان ئىدى. ئۇنىڭ «ھاياسىزلىقى» ، سەت ھاڭراپ كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغانلىقى، نېمە ئىشقا سالسا، شۇنى قىلىدىغان قۇل مىجەز ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا ۋە يەنە بىر قىسىم يېزا بالىلىرىنىڭ قىلىقسىز ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەلگەچكىلا ، «ياخشى ئوقۇ داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما» دېگەندەك ھېكىمەتلەرنىڭ تەركىبىدىن سەلبىي مەنىدىكى ئورۇننى ئالغان. ھوشۇر قارىنىڭ «كېۋەز گۈلى» ماركىلىق خىمىيۋى ئوغۇتى ئېلانىغا چىقىشتىكى مەقسىدىمۇ ئېشەكنى ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، «كېۋەز گۈلى» خىمىيۋى ئوغۇتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىنلا ئىبارەت. ئېلاندا ئېشەككە باھامۇ بېرەلمىگەن، چۆكۈرۈلمىگەن ياكى كۆپتۈرۈلمىگەن.شۇڭا ئاپتورنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېلاندىكى بىر ناخشىچىنىڭ ئېشەك مىنىپ چىققان كۆرۈنىشىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت» دەپ پەخىرلىنىشى سەل بىمەنىلىك بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشەك ئاللىقاچان خەلقىمىز قەلبىدە «تۆھپىسى» بىلەن «قىلىقسىزلىقى» ئېنىق ئايرىلىپ، تۆھپىسىگە قارىغاندا «قىلىقسىزلىقى»نىڭ بېسىپ كېتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان، «ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال» ھايۋان. شۇنداق بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان بۇنداق ھاقارەتلىك «دوست»تىن يىراق تۇرىشىمىز تولىمۇ ئەۋزەل بولسا كېرەك.
يەنە بىر گەپ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئېشەكنى دۆتلۈكنىڭ، قۇل مىجەزلىكنىڭ، ھاياسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە چۈشەنگىنى ۋە ئەسەرلىرىدە سەلبىي مەنىدە ئىشلەتكىنى بىلەن ھەرگىز قۇتىنىدىكى ئېشىكىنى كۈندە دۇمبىلاپ، ئاچ قويۇپ، ئۆچلۈك قىلمايدۇ. شۇڭا ئاپتور ئېشەكنىڭ ياكى ئېشەكلەر قەۋمىنىڭ تەكلىماكاندىكى تەقدىردىن ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار يەنىلا ئۆز «ھۇجرا» لىرىدا ئېشەكلەر ئېرىششىگە تېگىشلىك «بەختلىق تۇرمۇش»تىن بەھرىمان بولىۋېرىدۇ. بىز ماقالىدە ئاپتورنىڭ «ئەي ئوغۇل، بىلىم ئۆگەنگىن! نادانلىق نومۇستۇر، بۇ نومۇسسىنى كۆتۈرۈشكە پەقەت ئېشەكلا رازى بولىدۇ» دېگەن ھېكىمەتكە قارىتا «روشەنكى، بۇ ئېشەككە ئۇۋال قىلغانلىق، ئېشەك بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ ياشاپ، باشقا ھايۋانلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىۋالغان ئەھۋالىنى بىرەر كىشى كۆرگىنى يوق!» دەپ كايىشىغا قاراپ، يالقۇن ئەپەندىدە ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق سۆز جۈملىلەرنى چۈشىنىشىدە پىسخىكىلىق توسالغۇ بارمۇ قانداق؟ دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قالىمىز. بۇ رېتورىك خىتاپتا، ئېشەك بىر ۋەكىللىك ئوخشىتىش ھالىتىدە دۆت، نادان كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە مەزكۇر جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى مەجبۇرى بۇرمىلاپ چۈشىنىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. ئېشەك بىر ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يولۋاس بىلەن ياكى بىر شاتۇتى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىدا بولسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆتلۈك، نادانلىق ۋە قىلىقسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە ئېشەكنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ پارلاق توتېمى قىلىۋېلىش قەستىدە بولىۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرىدۇ. تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ئادەمگە قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا ئوخشاش رول ئويناۋاتقان بىر ھايۋان «ئەپەندى» بولمىش ئىشەكنى ئۇلۇغلاشتەك خاتا قىممەت قارشىنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. بېكخامدىن ئىبارەت ياشلارغا توپ ئويناش ماھارىتى بىلەن ئۈلگە بولىۋاتقان، ئۇلارغا يوشۇرۇن ئىلھام بېرىۋاتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارغا تەنتەربىيە مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىپ، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئىنساننى بىر ئېنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر بىلەن كارى يوقلىقى سەۋەبىدىن بىر ئېشەككە تەڭ قىلمايدۇ. بېكخامنىڭ بىر ئىنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىگىنى، شۇڭا ئۇنى ئېشەكتىنمۇ تۆۋەن كۆرۈش كېرەكلىكتەك ھېسسىياتنى يالقۇن ئەپەندىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى دەپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، باشقا مىللەتلەرنى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار روھىنى، مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشنى ماھىيەت قىلغان بۇنداق مىللەتپەرۋەرلىك پەقەت ئېرىقچىلىقىنى ۋە رادىكال قاراشلارنى مەزمۇن قىلغان پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس بۇلۇپ چىقىدۇ. بۇنداق قاراش ۋە پىكىر ئۇيغۇرلارنى زاماننىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىپ تېز ئىلگىرلىشىدىن، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىزگە بولغان ياخشى تەسىرىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۆز خەلقىنىڭ كۇلتۈرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار تەركىبلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. ھەرگىز باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلغار روھىنى چۆكۈرۈش بەدىلىگە قولغا كەلمەيدۇ.
  شۇنداق قىلىپ ئاپتۇر ماقالىسىدە «بېكخامدىن ئېشەك مۇھىم» دېگەن خەتەرلىك سېگنالنى بېرىدۇ. شۇنى بىلىش لازىمكى، خەلقىمىز ئىلھام – مەدەتكە، يېتەكلەشكە، توغرا ھاياتى قىممەت ئۆلچەملىرىگە مۇھتاج. ھەرگىزمۇ روھىنى چۆكىرىدىغان، مىللىي تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان خاتا تەلقىنلەرىگە مۇھتاج ئەمەس.ئاپتۇر بۇ گېپى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقتىمىكى، بۇ سۆز ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ غۇبارسىز قەلىبلەرنى «ئادەمدىن ھايۋان مۇھىم» دېگەن خاتا، بىمەنە قىممەت قارشى بىلەن تۇيۇق يولغا باشلىغىنى بولۇپ قالامدۇ – قانداق؟!
ئاخىرىدا ئاپتورغا دەيدىغىنىم، يالقۇن ئەپەندى بۇنداق سۆز ئوينىتىش تۈسىنى ئالغان، ئاۋامنى قايمۇقتۇرىدىغان ئاتالمىش «چوڭقۇر» مۇلاھىزىلەرنى قويۇپ، مەۋجۈت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، مىللىي كىرزسىلار ھەققىدە ئويلىنىپ، شۇلار ھەققىدە پىشقان، توغرا مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا كۈچىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىمىنى، نېمىنى دوست تۇتۇش مەسىلىسىنى يەنىلا تارىخنىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتى ئاستا- ئاستا ھەل قىلىسا دەيمەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
تىل – ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى  


ئەسكەرتىش: بۇ يازما «گۈلىستان ئۇيغۇر سالونى» دىن ئېلىپ كېلىندى:
http://www.gulistan.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=8549

ئۈستىگە قايتىش
ijadiyet
مۇنبەر قۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


ئۆمۈرلۈك شەرەپ  
رەت نۇمۇرى: 86
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 1907
يازما: 41
كۆرۈش ھوقوقى: 200
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
بۇ ياما تۈنۈگۈن «گۈلىستان» دا ئېلان قىلىنغانىدى.يالقۇن روزىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى كۈچلۈك تەسىرى ۋە بۇ تەسىرنى يوقىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،شۇنداقلا ، بۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىلەرنىڭ يالقۇن روزىدەك بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن قەغەزلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى كىچىكلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ،ئەلى غوجاخۇننىڭ بۇ ماقالىسىنى مۇنبىرىمىزگىمۇ يوللاپ قويدۇق.





راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
ئۈستىگە قايتىش
ijadiyet
مۇنبەر قۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


ئۆمۈرلۈك شەرەپ  
رەت نۇمۇرى: 86
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 1907
يازما: 41
كۆرۈش ھوقوقى: 200
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
مەن 2007-يىلى 8-ئايدا مورى ناھىيىسىدە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلنەغمە سەنئىتىنى قېزىش-رەتلەش خىزمىتى بىلەن بىر ئاي تۇردۇم.خىزمەت ئاخىرلاشقاندا،ناھىيىنىڭ قازاق ھاكىمى بىزنى كۈتىۋېلىپ زىياپەت بەردى. پاراڭ داۋامىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا دائىر پاراڭلار بولۇندى.سورۇندىكىلەرنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ ئىدى.سورۇن ناھايىتى دوستانە ۋە ئېھتىياتچان كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتاتتى.چۈنكى،بىز مېھمان ئىدۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن،ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ھەم ئېرىشكەن ئىدۇق(چۈنكى بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق ئىدى).پاراڭ تازا قىزىۋاتقان ئارىلىقتا قازاق ھاكىم : "يېقىندا سىلەر ئۇيغۇرلاردا "ئاق بوز ئاتىم" دەپ بىر ناخشا چىقىپتۇ،ئات دېگەن قازاققا خاس نەرسە،قازاق دېگەن ئات ئۈستىدىكى مىللەت،ئات-قازاقنىڭ قانىتى.سىلەر مېنىڭچە "ئاق بوز ئېشىكىم" دەپ ناخشا ئېيتقان بولساڭلار مۇۋاپىق بولاتتى." دېدى.بۇنداق گەپنىڭ چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، بەزىلەر بۇ گەپكە دىققەت قىلمىدى.مەن ئىنكاس قايتۇراي دەپ بولغۇچە،ئوبلاستتىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر رەھبەر گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى.لېكىن،شۇ قازاقنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن ئېيتقان ئاشۇ بىر جۈملە سۆزى ماڭا بىر ئۆمۈر قورساق كۆپۈكى بولۇپ قالدى.

مېنىڭچە،بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.ئەلى ئەپەندىم،سىزنىڭ گېپىڭىز ئورۇنلۇق.يالقۇن ئەپەندىم بەلكىم غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش ئارقىلىق داھىي بولماقچى بولسا كېرەك.ئۇيغۇر بىلىم ساھەسىدە بۇنداق سەتچىلىك بۇرۇن بولغان،بۇندىن كېيىنمۇ بولىدۇ.بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى يېڭىشىمىز كېرەك ئوخشايدۇ.





راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
ئۈستىگە قايتىش
toghrul
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 951
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 14
يازما: 8
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
ئىجادىيەتتكى رەسسام ،توردا رەسىم كىرگۈزەلەيدىغانلار، كىرىشتۇرەلەيدىغانلاردىن ،بىكھام ،ئىشەك ،يالقۇن روزى ،ھوشۇر قارىلارنى يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن رەسىم قىلىپ كىرىشتۇرەليدىغانلار بارمىدۇ ؟
مەسلەن : يالقۇن روزى ئىشەكنىڭ بويننى قۇچاغلاپ تۇرسۇن ( يالقۇن روزى ئۆزى دىدىغۇ ، ئىشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دەپ . ئۇ كىشىمۇ ئۇيغۇر بولغاندىكىن خاپا بولمايدۇ )
ھوشۇر قارىي كىۋەز گۈلى ماركىلىق ئوغۇتنى دولىسدا كۆتۈرۈپ يالقۇن روزىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالسۇن ( ھوشۇر قارىي ئىشەكنى مۇھەبەت بىلەن قۇچاغلاپ تۇرغان يالقۇن روزىغا چوقۇم ھەيران قالىدۇ يالقۇن روزىغا نىمە بولغاندۇ .... )
بىكھام ئۆزىنى كاچاتلاپ تۇرسۇن( بىكھام يالقۇن روزىننىڭ نەزىردە ئىشەكچىلىكمۇ بولالمىدى . ئۇ نىمىشقا ئۆزىنى كاچاتلمىغدەك )
دىگەندەك مەزمۇندا بولسا بولىدۇ . بۇ مېنىڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇرۇم . قولدىن كىلدىغانلار باشقىچرەك لاھىيلىسمۇ بولىۋىردۇ .
بۇ رەسىم پۇتسە چوقۇم قاتتىق داغدۇغا قوزغايدۇ !
مۇنازىرە ئەنە شۇ چاغدا قىززىيدۇ .
قېنى بارمۇ ؟!

ئۈستىگە قايتىش
toghrul
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 951
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 14
يازما: 8
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى
سىزدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن يەرلەر ئىششەك بار . بىز سىزگە چەكلىك ھىسداشلىق قىلىمىز .چەكسىز ئەمەس ! يالقۇن روزىنىڭ ''ئەدبىياتتكى ئازغۇن روھ '' دىگەن ماقالىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن سىزمۇ '' سەل قىسىۋالدىڭىز '' يالقۇن روزى ئۇ ماقالىسىنى ئىلان قىلىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنڭ ھىچقانداق ئاۋازىنى ئاڭلىغلى بولمايتى . ئىلان قىلغان 90% ئەسەرلىرىڭىزدىن خىرىستىيانلارنىڭ كىرسىتىلا چىقىپ تۇراتتى . يالقۇن روزى مانا شۇنىڭدىن پايدىللىنىپ كەتتى . ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمان دەپ قارايدىكەنسىز بۇندىن كىيىن بۇ نۇختىدا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ . قاراڭ بىقىڭ ھازىر سىزگە سىز بەك كۇچاپ كەتكەن خىرىستانلار ئەمەس ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھىسداشلىق قىلىۋاتىدۇ .قوغداۋاتىدۇ .
بەزى چاغدا سىزمۇ يالقۇن روزىدىنمۇ ئۆتە ئىنكارچى .سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىمۇ ئۇيغۇر يازغۇچى -شائىرلىرنىڭ ھىچقانداق ئەسىرى'' بولمايدۇ '' ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجىسى نۆل . مېنىڭچە يالقۇن روزىنىڭ ،باتۇر روزىنىڭ '' ئوغىرلىقىدىنمۇ '' سىزنىڭ ئىنكارچىلقىڭىز خەتەرلىك !
سىزچەئۇيغۇر يىڭى شېرىيتنى قوزغىغانلارمۇ ''دۇنياۋى ئالدامچى'' . بىراق شۇ ''دۇنياۋى ئالدامچىلار '' سىزنىڭ ياخشى گىپىڭزنى قىلدىكەن .ھۆرمەت قىلدىكەن . ئىتپاقلقنى كۆزدە تۇتۇپ يول قويدىكەن .
ھە دىسە باشقىلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلار مەتبۇھاتنى كونتۇرۇل قىلىۋاغاچقا مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئىلان قىلىنمايۋاتىدۇ دەپ ئاغرىنماي ، مەن قايسى جەھەتتىن باشقىلارغا قۇيرۇق تۇتقۇزۇپ قويدۇم، مەندىمۇ ئاز تولا ئۆتۈپ كەتتىمۇ قانداق دىگەننمۇ ئويلاپ قويۇڭ . سىزنىڭمۇ خاتالقىلىرىڭىزنى ئويلۇنۇشقا تېخى پۇرسەت بار .
سىزنىڭ تاھىر ھامۇتتىن ئۈگۈنشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .  ئۇ مەسسىلگە ئوبۇكتىپ ۋە لىللا نۇختىدىن باھا بېرىدىكەن.

ئۈستىگە قايتىش
toghrul
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 951
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 14
يازما: 8
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى
ئىجادىيەت ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى قەۋەتتكى ئىنكاسىدىن سىزمۇ بىر ئۈلۈش ئېلىپ قويۇڭ . ئۇ ئىنكاسىنى سىزگە قاراتمىغان بولسىمۇ مەن يۇقارقى ئىنكاستا پەرھات تۇرسۇننڭمۇ بىر كىشلىك نىسىۋىسى بار دەپ ئويلايمەن .
.

ئۈستىگە قايتىش
toghrul
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 951
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 14
يازما: 8
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-31588-fpage--toread--page-2.html
سىز ھازىر ھەرقايسى تور بەتلىردە مۇراجەت قىلغان ئۇلۇنۇشقا كىرسەم مەن قالدۇرغان يۇقارقى ئۇلۇنۇشتا سىزنىڭمۇ باشقىلارنى يۇرۇكىنى ئەلگەك قىلىۋەتكۇدەك ،پاسكىنا ،سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلغان بىر تىمىڭىز تۇرۇدۇ . تورداشلار ئوقۇپ باقسۇن دەپ مەنمۇ ئۇلۇنۇش قىلىپ قويدۇم .كۆرۈپ بىقىڭلار بالىلار .
شۇڭا سىزگە چەكلىك ھىسداشلىق قىلدىغان كىشىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .[s:59]

ئۈستىگە قايتىش
ablimet0908
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 313
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 66
يازما: 9
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-17
ئورنى: ئاتۇش
ھالىتى: توردا يوق
تاپانچا كۆتۇرىۋالغان يىگىت، قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ قالدىمۇ -نېمە ؟ ئېلى غوجىنىڭ ئاۋۇ تېمىسىدە گەپ بولغىنى تۇزۇك . تولا تۇخۇمدىن تۇك ئۇندۇرمەي كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ ! پەرھاتقا سىز تەھدىت سېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىپ قوياۋاتىسىز ... مەن شۇنداق ھېس قىلدىم .





ساق باش باش ئەمەس
ئۈستىگە قايتىش
hellolife
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى: 18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
كوچا ئاپتوبۇسىدا كېتىۋېتىپ بىرەيلەننىڭ "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىدىكى يالقۇن روزى ئىمزاسىدىكى "ﻫوشۇر قارىيغا ئوچۇق خەت" دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. گەپنىڭ بېشى "كېۋەز گۈلى" ماركىلىق ئوغۇت، ئېشەك... ﻫەققىدە ئىكەن. مەن يالقۇن روزىغا، ﻫوشۇر قارىيغا، شۇنداقلا ئېشەككە ئانچە قىزىقمىساممۇ، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئوغۇت ۋە ئۇ ئېلانغا قىزىقىشىم بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئاتايىن بەش كويغا "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ بېقىشقا خوشياقمىدى. كېيىن بىر سورۇندا موشۇ ﻫەقتە گەپ بولۇنىۋىدى، بىربۇرادەردىن "ئۇ ماقالىدا زادى نېمە دېمەكچىكەن؟" دەپ سورىسام، ئۇ "تېتىقسىز گەپلەركەن" دەپ جاۋاب بەردى. كۆزى ئوچۇق بۇ بۇرادەرنىڭ يەكۈنى مېنىڭچە توغرا ئىدى. بۈگۈن "ئىجادىيەت" مۇنبىرىدە پەيدا بولغان بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ژۇرنالنى خىزمەتدىشىمدىن ئارىيەت ئېلىپ، ماڭا مۇناسىۋەتسىز بىر يىغىندا ئولتۇرۇپ، قىلىدىغان ئىش تاپالماي، ئۇ ماقالىنى زۇلۇم بىلەن ئوقۇدۇم ۋە بۇ ئىنكاسنى يازدىم.
ئۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى بىلەن كېيىنكى يېرىمىنىڭ زادى قانداق باغلىنىشلىقى بارلىقى ﻫەققىدە ئويلىنىش خوشياقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ماقالىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ھەققىدە باشقىچە پىكرىم يوق، كېيىنكى يېرىمىنىڭ قىممىتى ﻫەققىدە ئويلاندىم. ئۇنداقتا بۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى يېرىمىنىڭ زادى كىمگە نىسبەتەن قىممىتى بار؟ ئۇنىڭ ئەڭ زور مۇمكىنچىلىكتىكى ئىجابىي قىمىتى مېنىڭچە يەنىلا "جۇڭگو ئېشەكچىلىك بازىسى" بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان يوپۇرغا ناﻫىيىسىدىكى بەزىلەر، بولۇپمۇ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ياكى بىرەر يېزىنىڭ شۇجىسىغا نىسبەتەن ئاز-تولا قىممىتى بولۇشى مۇمكىن. خەنزۇلاردا ياكى باشقىلاردا بارمىكىن تاڭ، لېكىن ئۇيغۇردا تېخى ئېشەكنى ماختاپ بۇنچە كۈچىگەن، ﻫېلى ئۆتمۈشتىن، ﻫېلى بۈگۈندىن، ﻫېلى ماقال-تەمسىل، ﻫېكمەتلەرنى قاساپ، نەقىل ئېلىپ يېزىلغان بۇنداق بىر ماقالە كۆرۈلمىگەن بولسا كېرەك. شۇڭا يوپۇرغا ناﻫىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەﻫبەرلەر ئېشەك بېقىشقا، ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش، سۈتىنى ئىچش ئۈچۈن پىششىقلاشقا بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم دېﻬقانلارغا ئىدىۋىي تەربىيە خىزمىتى ئىشلەشتە، مانا موشۇنداق ئېشەككە مەدﻫىيە ئوقۇلغان ماقالىنى تەشۋىقات ماتېرىيالى قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
بەزىدە "نېمىشقا بىزنىڭ بەزى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز تۇرۇپ-تۇرۇپلا پارتىيىنىڭ بىزگە پايدىلىق گەپلىرىنىمۇ ئەستايىدىل ئاڭلاپ قويمايدىغاندۇ" دەپ ئويلاپ قالىمەن. دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى نەچچە مىڭ سىياسيۇن، نەچچە مىڭ ئالىم-ئۆلىما نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ، دۇنيانى مۆلچەرلەپ، خەلقئارادىن ئۈلگە ئېلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. ئاپتونوم رايونمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ ﻫۆججەت چىقىرىدۇ. مانا موشۇلارنىڭ ئارىسىدا "ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىش"، "تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش" (بۇنىڭ ئەسلىسى "مىڭ يىلدا بىر قولغا كېلىدىغان....")، "يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش"، "ﻫاللىق سەۋىيىگە يۈرۈش قىلىش"، "قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى شاللاش"... دېگەندەك ئىنتايىن مۇﻫىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئاۋامغۇ "قۇرۇق شۇئارغۇ" دېسۇن، لېكىن نېمىشقا بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز، تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمىز ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئاممىنى توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىگە يېتەكلەپ، زامانىۋىي، مەدەنىي، ﻫاللىق سەۋىيىگە يېتىشتە ئۇيغۇرنىڭمۇ ﻫوقۇقى بارلىقى، ئۇيغۇرنىڭمۇ پۇرسىتى بارلىقىنى سىڭىشلىك قىلىپ يەتكۈزمەيدىغاندۇ؟...يازىدىغانلار مانا موشۇنداق نەق مەنپىئەتلىك مەزمۇنلارنى يازغىنى ساۋاپ. مېنىڭچە ئەخمەتجان ئىسمايىل مانا موشۇنداق يازغۇچى.
دېيىلىۋاتقان بۇ "قۇرۇق شۇئار"لار بىزنىڭ تەقدىرىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. خۇددى "غەربكە ساياﻫەت" فىلىمىدە "ئەۋلىيا ئەزەم، ئەرشتىكى بىركۈن پەرشتىكى بىر يىلغا تەڭ، سىلە بۇ يەردە كاپشىپ ئولتۇرىۋەرگەن بىلەن، ئۇستازلىرى ئۇ جىن بىلەن توي قىلىپلا قالماي، يەنە بالا راﻫىپمۇ تۇغۇلۇپ بولىدۇ" دېيىلگەندەك، بىز بۇ يەردە ﻫېلى ئېشەكنى، ﻫېلى دوپپىنى، ﻫېلى كەمچەتنى، ﻫېلى ساپان-بوقۇسىنى، ﻫېلى گۈل-چېچەك مەدەنىيىتى، ئات مەدەنىيىتى... دېگەنلەرنى كۈچەپ سۆزلىگەن بىلەن، جاﻫاننىڭ تەرەققىياتى كېتىۋېرىدۇ، بۇرۇنقى يەر ئىگىلىرى مانا ئەمدى دېﻬقانغا مەدىكار بولۇۋاتىدۇ، بەگ-بوجاڭ، زەردارنىڭ بالىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە چۈشۈپ قالدى. شىنجاڭدا ئۆزگىرىش چوڭ! نەق-نەق مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. نەق تېمىلار ئۈستىگە مۇزاكىرە قىلىدىغان، ئىشلەيدىغان چاغ كەلدى! (ئاللىقاچان كەلگەن!) ئۆتكەندە بىر سورۇندا "شىنجاڭدىكى ئون چوڭ باينىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق" دېسەم، بىرنەچچەيلەن:" ۋاي ئۇكام، سىز قاچانقى گەپنى قىلىۋاتىسىز، 100نىڭ ئىچىدىمۇ يوق!" دەپ رەدىيە بەردى. يول يوقمۇ؟ بار، تار بولسىمۇ بار! لېكىن بۇنداق بىر پاجىئەنىڭ بىر ئۇچى بىر يەرگە تاقاشسا ، يەنە بىر ئۇچى مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا، بولۇپمۇ ئاۋامنى باشلايدىغان سەركىلەرگە - سىياسيۇن، كارخانىچى ۋە زىيالىيلارغا تاقىشىدۇ.
كىچىكىمىزدە 10 كويغا تېرە ئېلىپ 15 كويغا ساتىدىغانلار يۇرتنىڭ بايلىرى ﻫېسابلىناتتى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى ئېلىپ، بۇنى سېتىپ بېيىش يولى بىلەن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. بىل گايتىسنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بايلىق ئورنىدا تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەنئەنىۋىي سودىگەرچىلىك بىلەن ئەڭ كاتتىسى بولىدىغان دەۋرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، شىنجاڭ دېﻬقانلىرى، بولۇپمۇ زىيالىيلار ئەمدى ئېشەكنى، بوقۇسىنى، كەتمەن، ساپاننى مەدﻫىيلەپ يۈرمەسلىكى كېرەك. گەپنى قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە قىلغاندا، ئەتىدىن كەچكىچە دېﻬقاننى مەدﻫىيلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بەك كاتتا ئىش ئەمەس! يىراقنى قويۇپ نەق يېقىنغا قارىساق، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىكىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بەزى تەرەپلەردە دۇنياۋىي سەۋىيىنى ياراتتى. 1- دىۋىزىيە يىللاردىن بېرى زىرائەتلەرگە ئايروپلان بىلەن دورا چېچىۋاتىدۇ، ﻫەتتا بىڭتۈەندە ئەڭ قالاق سانالغان 3- دىۋىزىيىمۇ ئايروپلان ئىشلىتىۋاتىدۇ. يۇپۇق ئاستىدىن سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغۇرۇش، دانىچىلاپ تېرىش، كومپۇتېردا تەدبىر بەلگىلەپ ئوغۇتلاش، سۇغىرىش... قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئومۇملىشىۋاتىدۇ، بىڭتۈەن دېﻬقانلىرى (توغرىسى "ئىشچى ۋە دېﻬقان ئىشچى")غا نەپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇنداق چوڭ پەرقتىن ئاتالمىش ئېشەك سۆيەر كىشىلەر قاتتىق چۈچۈشى كېرەك! بۇنداق تېز تەرەققىيات سىزنى سىز مەدﻫىيلىگەن شۇ ئېشەك ۋە كەتمەنگە چىڭ يېپىشتۇرۇپ قويىدۇ ﻫەتتا مىنگۈدەك ئېشىكى، تۇتقۇدەك كەتمىنى يوق ﻫالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ﻫەر يىلى 9- ئايلاردىكى تارقىتىش ۋاستىلىرىغا دىققەت قىلسىڭىز، بىزنىڭ دېﻬقانلىرىمىزنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ بىڭتۈەنگە پاختا تەرگىلى كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، دېمەك، دېﻬقان دېﻬقانغا مەدىكار بولدى. نېمىشقا؟ چۈنكى بىڭتۈەن دېﻬقانلىرى ئات-ئېشەكنى دوست، كەتمەن- ساپاننى قورال دەپ بىلىدىغان دەۋردىن ئۆتۈپ كەتتى، ماشىنىلاشقان زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى كېڭەيتىپ ﻫوسۇلنى كۆپەيتتى، پاختا يىغىۋېلىشتا ئادەم كۈچى يېتىشمىدى، لېكىن يەرلىكتىكى دېﻬقانلار يەنىلا شۇ ئېشەكتىن قۇتۇلالمىغاچقا، مەدىكارچىلىق قىلىشقا توغرا كەلدى. ئشەك ئۇيغۇرنىڭ دوستى ئەمەس! ئېشەك قالاق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسىنىڭ ۋەكىلى! ئۇيغۇر دېﻬقانلىرى بۇنداق قالاق ۋاسىتىدىن، قاتناش قورالىدىن ئۈزۈل-كېسىل خوشلىشىشى كېرەك. بۇ زاماننىڭ، دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ، شۇنداقلا مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنىڭ تەلىپى! بۇنداق قالاق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى بىلەن خوشلىشىشنىڭ كويىدا بولماي، ئۇنى دوست تۇتۇپ زادى نەگە بارماقچى؟ ئۆتمۈشكىما؟ بىرقىسىم قەلەمكەشلەر ﻫە دېسىلا كونا جەندىلەرگە، جاﻫالەتلىك ئۆتمۈشكە (بۇ "ئۆتمۈش"تە 500-1000 يىل كۆزدە تۇتۇلغان) ئېسىلىۋېلىپ زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟! ﻫەتتا تىل-يېزىق ساﻫەسىدە ئۆتمۈشكە، بولۇپمۇ جاﻫالەتلىك چاغاتاي تىلى دەۋرىگە قايتىش تەرەپدارلىرى باش كۆتۈرۈپ قالدى. (بۇ ﻫەقتىكى تەپسىلاتقا قىزىقسىز بۇ يەرگە قاراڭ " http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/ShowPost.asp?id=654"، "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" قاتارلىق مەتبۇئاتلار پات-پات شۇ تەرىقىدە دۇمباق چېلىۋاتىدۇ (ئاتالغۇ ئىشلىتىشلىرىگە قاراڭ). ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كەينىگە سانىغاندا 500 يىل ئىچىدە، ﻫەتتا مىڭ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ تىلغا ئالغۇدەك قانداق نەتىجىسى بولدى؟ شۇنچە لەززەت بىلەن ئەسلىگۈدەك زادى نېمە بار؟ بۇنى ئەستايىدىل ئويلاش كېرەك. ﻫاقارەتكە تولغان بۇ تارىخنى سېغىنىش - جاﻫالەت ۋە قۇللۇقنى چىللاشتىن ئىبارەت. "ئۆتمۈشى يوق مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ" دېگەندەك گەپلەرنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، بۇرۇن بولغان بولسا ﻫازىر يوق.
بىر قىسىم قەلەمكەشلەرنىڭ يازمىلىرىنى، قىلىقلىرىنى كۆرسەم ئويلاپ قالىمەن: بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز نېمىشقا زامانىۋىيلىشىش ئالدىا ﻫە دېسىلا كەينىگە داجىپ يۈرىدۇ؟ ﻫە دېسىلا ئۆتمۈشكە قىيالمايدۇ؟ 65- يىلى سىياسىي بۇيرۇق بىلەن لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچتۇق، 78- يىلى يەنە نېمىشقا كەينىگە يېنىپ كونا يېزىققا كۆچۈپ يۈرىمىز؟ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش خاتا ئىدى، ئۇنىڭ خاتالىقى مەجبۇرىيلىقىدا، لېكىن كونا يېزىققا كۆچۈش تېخىمۇ خاتا! ئۇنىڭ خاتالىقى ئىختىيارلىق بىلەن بولدى. ئاڭلىسام، شۇ چاغدا ئامىنە غاپپار قاتارلىقلار "يولداشلار، ئەمدى كەينىمىزگە يانمايلى، لاتىن يېزىقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا پايدىلىق" دېگەن بولسىمۇ، بىرمۇنچە پېشقەدەم زىيالىيلار "كېيىنكى ئەۋلادلار ئاتا-بۇۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوقۇيالمايدۇ" دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئەرز قىلىپ تۇرۇۋالغان. (ئەلۋەتتە، بۇ يەردە باشقا سىياسىي سەۋەبلەرمۇ بار. شۇنداقلا شەخسەن مەن ﻫازىر يېزىق كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىشمۇ ئەخمىقانە بىر ئىش، دەپ قارايمەن). سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ باقسىڭىز، ئاتا-بۇۋىلىرىمىز بىزگە ئوقۇپ تۈگىتەلمىگۈدەك ئۇنچە جىق مۇﻫىم نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداقتۇر كونا يېزىقنى بىلىش، ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىش بىلەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭ مىراسلىرىنى ئوقۇغىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن يەنە بىر تىل-يېزىق ئۆگەنگەنچىلىك باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
مانا موشۇنداق قېيىداشتىن كېلىپ چىققان تەتۈرلۈك، بىنورمال پسخىك ﻫالەت بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى دائىملا كەينىگە سۆرەپ يۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە «بىزگە ئۇ لازىم ئەمەس» دېگەندەك چوڭ گەپلەر بىلەن كىشىلەرگە يول كۆرسىتىپ يۈرگەن بىر زىيالىي زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىشتەك ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە تەخرسىز ۋەزىپىنى زېممىسىگە ئالغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە زەﻫەرلىك ئىدىيە تارقىتىپ، "بىزگە ئېشەك مۇﻫىم" دەپ يۈرسە، يەنە تېخى خۇددى ئەلى خوجاخۇن ئېيتقاندەك، مەنتىقىسىز پىكىرلەر بىلەن ئېشەك بىلەن بېكخامنى سېلىشتۇرۇپ پىكىر قىلسا، نېمانچە تەتۈرلۈك ۋە ئۆز بېشىمچىلىق-بۇ!؟
نېمىشقا بىزدىن بىرمۇنچە ئادەملەر ﻫە دېسلا ئىنسانىيەتكە قارشى مۇقام توۋلاپ يۈرىدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر ﻫە دېسىلا زامانىۋىيلىشىشنى تىللايدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر ﻫە دېسىلا ئىنسانيەتنىڭ دۈشمىنى گىتلىرنى ماختايدۇ؟ بۇنداق سورۇندا بىرەركىم نېمىشقا ئۇنىڭ چىشىغا ئۇرمايدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر بىن لادىن، سادام، ئۆمەردەك تروررچىلارنى، جاﻫالەت كاتتىباشلىرى، مۇستەبىت، قانخورلارنى ماختايدۇ؟! نېمىشقا بەزىلەر ﻫە دېسىلا "ئەنئەنە، ئەخلاق، مەدەنىيەت" دەپ توۋلايدۇ-يۇ، زادى قايسى ئەنئەنىگە، مەدەنىيەتكە، ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىش، قايسىنى تاشلاش مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرماستىن، تەتۈرىسىگە شۇئار توۋلاپ، ۋارسلىق قىلساق خاتالىشىدىغان، زۇلۇم چېكىدىغان ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەتكە، ماﻫىيەتسىز، شەكىل جەﻫەتتىلا كۆرۈنىدىغان بىر قىسىم ئەخلاق ئېلېمېنىتلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؟ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقنى ئەخلاقسىزلىق دەپ سۆكمەيدۇ-يۇ، نېمىشقا بىركىمگە سالام قىلماسلىق، كىيم-كېچەكتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاغزى ئېچىلسىلا ئەخلاقسىزلىققا چىقىرىپ سۆكىدۇ؟!...
موشۇلارنى ئويلىسام تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ "يېڭىلگەن ئەسكەر يۇلغۇن، يانتاقنى سېپىل بىلىپ، بۇ يەرنى چىڭ ساقلىسام ﻫېچ نېمە بولمايمەن دەپ قارىغاندەك...." دېگەن ئوخشىتىشى ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۆتمۈشكە قايتىش مۇمكىن ئەمەس! ئۆتمۈشنى ياكى ﻫازىرقى ﻫالەتنى ساقلاش بىزنى ﻫالاكەتكە باشلايدۇ! نۇرغۇن ئىشلار ئېقىنغا قارشى قېيىق ﻫەيدىگەنگە ئوخشايدۇ، سىز تۇرۇپلا قالسىڭىز سۇ سىزنى كەينىگە ئاقتۇرىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا ۋە جۇڭگودىكى مىللەتلەردىن ئالاﻫىدە پەرقىلىنىدىغان مەلۇم خىل خاسىيىتى يوق، يەنى، ئۆزىچە كۈچىنى كۆرسىتىپلا، شۇ مىللەتنى يوقاتماي ساقلايدىغان خاسىيەت يوق. دۇنياۋىي يۈزلىنىش، مەملىكەت ئىچىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئەگىشىش، يېتىشىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئېتىقاد ۋە تەرەققىياتلا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. گەپنى ئىنتايىن قوپال قىلغاندا پاكىز ئېتىقاد ۋە بۇ ئېتىقاد ئاساسىدىكى ئىش-ئەمەل ساقلىنىپ، قالغىنى يوقاپ كەتسە، بولۇپمۇ شەكلەن نەرسىلەر يوقاپ كەتسە مەيلى، مەسىلەن، دوپپا-تۇماق، شېئىر-قوشاق، كەتمەن-بوقۇسا، ئات-ئېشەك... دېگەندەك. "مەيلى" دەيدىغانغا مېنىڭمۇ ﻫەققىم يوق! دۇنياۋىي يۈزلىنىش، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات ئۇنى يوقىتىدۇ ۋە يوقاۋاتىدۇ! تىركەشكەن بىكار.
گەپ موشۇ يەرگە كەلگەندە، بۇنداق گەپلەرنى يېزىشتىنمۇ مۇﻫىم ئىش - بىر كىشلىك تۇرمۇش مەسىلىسى مېنى ئالدىراتتى. شۇڭا گەپنى يىغاي، يالقۇن روزى ماقالىسىدىكى مەنتىقىسىزلىقلار ۋە خاتالىقلار ﻫەققىدە ئەلى خوجاخۇن ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپتۇ. باشقا پىكىرلەرنى كېيىن دېيىشەرمىز.

ئۈستىگە قايتىش
kelechek
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8



ئىلغار باشقۇرغۇچى  
رەت نۇمۇرى: 94
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1209
يازما: 28
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
باشقۇرغۇچىلارغا:
بۇ تېمىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ئىجادىيەت، كېلەچەك ۋە ئىلتەرىش قاتارلىق ئۈچ كىشىدە بولىدۇ، باشقىلار خالىغانچە تەھرىرلىسە، ئۆچۈرسە بولمايدۇ. جىددىي ئىشلار بولسا يۇقىرىقى ئۈچ كىشىگە خەۋەر قىلىڭ.

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:52
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى