ماۋزۇسى: تالانتلىق ئوسۇرۇقچى چىڭقاقىنى زىيارەت
yantak
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 638
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 19
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-25
ھالىتى: توردا يوق
تالانتلىق ئوسۇرۇقچى چىڭقاقىنى زىيارەت

(ئېلاندىن كېيىن ھەيۋەتلىك پروگرامما تېمىسى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن رىياسەتچى بەلگىلىمە بويىچە ئىككى قولىنى كىرىشتۈرۈپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ، بۇ ئارىدا قانچە قېتىم ھىجىيىش، قانچە قېتىم بېشىنى لىڭشىتىش بېكىتىلىپ بولغان بولىدۇ)
ﻫۆرمەتلىك كۆرۈرمەن دوستلار، ﻫەممىمىزگە مەلۇمكى، ئوسۇرۇق ئىنسان ﻫاياتىدىكى ئىنتايىن مۇﻫىم ئىشلارنىڭ بىرى، قەدىمقى ئەقىللىق ئاتا-بۇۋىلىرىمىز "ئوسۇرۇق چىقمىسا تىنىق توختاپ قالىدۇ" دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئوسۇرۇقنىڭ ئەﻫمىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئۇنى مۇۋاپىق ۋە راۋان چىقىرىشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۇيغۇر ئوسۇرۇق چىقىرىش مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش ﻫەققىدە ئۈزلۈكسىز تۆﻫپە قوشماقتا. مەملىكەتلىك 3- دەرىجىلىك ئوسۇرۇق چىقىرىش ماﻫىرى، مىللىتىمىزنىڭ پەخرى، ياش ئوسۇرۇقچى ﻫەپىرە ﻫەمىن چىڭقاقى مانا شۇلارنىڭ بىرىدۇر. تۆۋەندە بىز ﻫەپىرە ﻫەمىدىن چىڭقاقى ﻫەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىمنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
-  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ﻫەپىرە ﻫەدە.
-  ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
-  سىز دىيارىمىزغا تونۇشلۇق، ئەل سۆيگەن ياش ئوسۇرۇقچىلارنىڭ بىرى، سىز قانداق بولۇپ بۇ كەسىپكە قىزىقىپ قالغان ئىدىڭىز؟
-  مەن ئەقلىمگە كەلسەم بوۋام مەﻫەللىمىزدىكى داڭلىق ئوسۇرۇقچىلاردىن ئىكەن، كېيىن دادام شەﻫەرلىك ئوسۇرۇق ئۆمىكىدە داڭلىق ئوسۇرۇقچى بولۇپ ئىشلەپ، شۇ يەردىن پىنسىيىگە چۈشتى. مەن كىچىكىمدىن مانا موشۇنداق قويۇق ئوسۇرۇق پۇرىقىغا تويۇنغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بولغاچقا، مەندە ئوسۇرۇققا نىسبەتەن تەبئىي بىر خىل قىزىقىش يېتىلگەن ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا مەن مىللىتىمنىڭ ئوسۇرۇقلىرىنى ئاسمانغا چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش، خەلقىم ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئوسۇرۇقلارنى تەقدىم قىلىش ئىرادىسى بىلەن ئەخلەت كەسپىي ئىنىستىتۇتىنىڭ چىقىرىندا فاكولتېتى ئوسۇرۇق كەسپىگە ئىمتىﻬان بەردىم. بۇ كەسىپكە بولغان قىزغىن ئىشتىياقىم بىلەن ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوسۇرۇق ئانسامبىلىدا ئوسۇرۇق يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن.
(ئېكراندا چىڭقاقىنىڭ بەزى ﻫاياتى كۆرۈنۈشلىرى، كۆرۈنۈش تېپىلمىسا رەڭسىز سۈرەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ، ياندىن ماختالما بايان بېرىلىدۇ.)
-  سىزنىڭ "چىڭقىلىش ۋە تولغىنىش ئارقىلىق ئوسۇرۇق چىقىرىش ئۇسۇلى" ناملىق ئوسۇرۇق ئىجادىيىتىڭىز خەلقىمىزنىڭ ئۇسۇرۇق مەدەنىيىتىگە زور تۆﻫپە قوشۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە، سىز بۇ ئىجادىيىتڭىز ﻫەققىدە توختىلىپ باقامسىز؟
-  بولىدۇ. 2002- يىلى مەن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇۋاتقاندا، ماشىنىدا كېتىۋېتىپ يول بويىدا بىر كىچىك بالىنىڭ ئوسۇرۇق چىقىرىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇ بالىنىڭ ئىشتىنى سەل تار بولغاچقا، ئوسۇرۇشتا كۆپ قىينىلىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ كۆرۈنۈش مېنى خېلى بىر كەمگىچە چۇڭقۇر ئويغا سالدى. مەن بىر نەچچە يىللىق چۇڭقۇر تەتقىقات ۋە جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىشتان تار كەپ قالغان ئەﻫۋال ئاستىدا چىڭقىلىش ۋە تولغىنىش ئارقىلىق ئوسۇرۇق چىقىرىش ناملىق ئەسىرىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ﻫالدا پۈتتۈرۈپ چىقتىم. بۇ ئەسىرىم 9- نۆۋەتلىك "داپتىكى ماياق" نامىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش مۇسابىقىسىدا مۇنەۋۋەر چىقرىندا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خەلقىممۇ ياقتۇرۇپ كۆردى، شۇندىلا مەن ئۆزۈمنىڭ چەككەن جاپالىرىمنىڭ ﻫاردۇقى چىققاندەك بولۇپ قالدىم.
(ئېكراندا شۇ ئەسەردىن ئارىيە كۆرۈنىدۇ)
-  ﻫەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. ﻫەپىرە ﻫەدە، ئاڭلىسام يۇقىرىقى ئەسىرىڭىزدىن باشقا يەنە بىرمۇنچە ئەسەرلىرىڭىز مەملىكەت ۋە رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا سىزنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى قايسى؟
-  مەن 1999- يىلى ئوسۇرۇق ساﻫەسىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ماﻫارىتىمنى ئۈزلۈكسىز چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئوسۇرۇق ئىشلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىدا بىر كىشلىك ﻫەسسەمنى قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم. خەلقىمنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، 2001-يىلى شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوسۇرۇق ماﻫارەت كۆرىكىدە "تولغىنىش ۋە تەۋرىنىش" ناملىق ئوسۇرۇق ئەسرىم رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا، 2002- يىلى لىياۋنىڭدىكى ساياﻫەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئورۇندىغان "زوڭزىيىپ يەل چىقىرىش" ناملىق ئەسىرىم 1- دەرىجىلىك مۇپاكاتقا، 2005- يىلى كۇبانىڭ ﻫاۋانادا ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك ئوسۇرۇق فىستىۋالىدا "ئۇيغۇر ئوسۇرۇقلىرى" ناملىق ئەسىرىم كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرەكلىرىدە ﻫەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلدىم. بۇنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغىنى، ﻫاۋانا سەﻫنىسىدە پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر ئوسۇرۇقلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم بەدىلىگە بېرىلگەن مۇپاكات بولدى. مەن ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان كەسىپداشلىرىمغا ئۇيغۇر ئوسۇرۇقلىرىنى تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدىم.
(ئېكراندا چىڭقاقىنىڭ ۋەكىللىك ئوسۇرۇقلىرىدىن ئارىيە ۋە ﻫاۋانادىكى مۇپاكاتلاش كۆرۈنۈشىنىڭ سۈرەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ)
-  ﻫەپىرە ﻫەدە، سىز بىر تەرەپتىن ئوسۇرۇق تەتقىقاتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئويۇن قويۇش، ئوسۇرۇق يېتەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەنسىز، دائىم سىرتلارغا چىقىپ ئويۇن قويىدىكەنسىز، بۇ بىر ئايال ئۈچۈن ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى قوللاپ كېلىۋاتامدۇ؟
-  ئەگەر ئائىلەمدىكىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى بولمىغان بولسا، بولۇپمۇ يولدىشىم قامىجاننىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، مەن بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى. قامىجان ئۆزىمۇ چىقىرىندا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، مېنى كەسپىي ۋە تۇرمۇش جەﻫەتتىن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. سىرتلارغا ئويۇن قويغىلى چىقىپ كەتسەك، بەزىدە ئايلاپ ئۆيگە قايتالماي قالىمەن، بۇنداق چاغلاردا ئائىلىنىڭ ﻫەممە يۈكى قامىجانغا يۈكلىنىپ قالىدۇ، ئۇ بالىلارغا تاماق ئېتىپ، مەكتەپكە يولغا سېلىپ، مېنى خاتىرجەم ئوسۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، مەن موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەسىپتىكى قابىل ئۇستازىم، ئائىلىدىكى كۈيۈمچان ﻫەمراﻫىم قامىجانغا چىن دىلىمدىن رەﻫمەت ئېيتىمەن!
-  ﻫەپىرە ﻫەدە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ﻫاياتىڭىزدا قانداق ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭىز بار؟ موشۇ ﻫەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
-  بۇنىڭدىن كېينىن مەن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاپ، پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ئوسۇرۇق ساﻫەسىدىكى خەلقئارانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئوسۇرۇق چىقىرش سەنئىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. بىر نەچچە يىل تەييارلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇكەممەل بىر ئوسۇرۇق كېچىلىكى ئۆتكۈزگۈم، موشۇ ساﻫەدە ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ ئۇيغۇر ئوسۇرۇق سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققۇم بار.
-  رەﻫمەت سىزگە! ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىڭىزنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.
-  سىزگىمۇ رەﻫمەت.
ﻫۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر، پروگراممىزنىڭ "قەدەم" سەﻫىپىسىدە سىلەرگە ئۇيغۇر تۈكۈرۈش سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ يولدا دادىل بىر قەدەمنى باسقان تالانتلىق ياش تۈكۈرۈش ماﻫىرى سانىجان ﻫەققىدىكى زىيارىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
-  سانىجان ياخشىمۇ سىز!
-  ياخشى.
-  سىز يېقىندا ئورۇندىغان "چاچرىغان يۈرەك" ناملىق تۈكۈرۈك ياشلارنىڭ قىزغىن ئالىقىشىغا ئېرىشمەكتە. سىز قانداق بولۇپ پلاستىنكا چىقىرىش خىيالىغا كەلگەن، موشۇ ﻫەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
-  .....
-  .....

ئۈستىگە قايتىش
QaraOt
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 634
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 32
يازما: 27
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-24
ھالىتى: توردا يوق
ھەجىۋى ئەسەر ... ياخشى سۆكۈپسىز .

ئۈستىگە قايتىش
ilterish
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8


ئۆمۈرلۈك شەرەپ   ئىلغار باشقۇرغۇچى   تەشۋىقات ئەلچىسى  
رەت نۇمۇرى: 84
نادىرلىرى: 10
جۇغلانما : 1387
يازما: 132
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ئورنى: شىنجاڭ-قەشقەر
ھالىتى: توردا يوق
[s:56] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76] [s:76]





كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
ئۈستىگە قايتىش
aypalta
ئالى ئەزا
Rank: 4


ئىجاتچان ئەزا   ئالاھىدە تۆھپە  
رەت نۇمۇرى: 140
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 789
يازما: 142
كۆرۈش ھوقوقى: 50
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
كۈندە كۆرىمىزغۇ بۇنداق مەخسۇس فېلىملەرنى...قالتىس يېزىپسىز....

ئۈستىگە قايتىش
QaraTun
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 318
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 93
يازما: 43
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-19
ھالىتى: توردا يوق
[s:67]
كارامەت ئەسەر بوپتۇ بۇ، بۈگۈنكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۆھبەت پروگراممىلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىگە بېرىلگەن ھەقىقىي باھا بوپتۇ، قېلىپلىشىپ قالغان سۆھبەت ئەندىزىسى، نەدە نامى چىقمىغان يوقىلاڭ ئادەملەرنى يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن، يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن چاك باسماس سۆھبەت قۇرۇپ، خەلقنى كىچىك بالىنىڭ ئېغىزىغا ئىمزەك سالغاندەك ئالداپ كېلىۋاتىدۇ...........
بىزنىڭ رىياسەتچىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبەت ئۇسۇلى قېلىپتا قۇيغاندەكلا، ھېچقانداق ئۆزگىچىلىك يوق، سۆھبەتلەرمۇ تايىنلىق. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇنداقلا ئىچىكىرىدىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان ۋە ئادەمگە نەپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئېسىل پروگراممىلىرى بار، ياخشىسىنى قىلالمىغاندىكىن شۇنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ بىزنى ئەڭ يېڭى ۋە نۇقتىلىق، نەپ يەتكۈدەك نەسىلەر بىلەن خەۋەر قىلسا بولىدىغۇ!؟
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھازىر ھەر يىلى رىياسەتچى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانلار ئوبدان بىلىدۇ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە تاللانغانلارنىڭ ھېچقايسىسى نان قېپى ئەمەس.
....................
بۇ ئەسەرنى يازغان يانتاق ئەپەندىگە رەھمەت، خېلى قورساق كۆپۈكۈم بېسىلىپ قالدى، داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز. [s:38]





[glow=255,red,1] نېمە دېيىشىم بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز![/glow]
ئۈستىگە قايتىش
hellolife
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى: 18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
بىزنىڭ XJTV ۋە ئۇنىڭ رىياسەتچىلىرىنى سۆكۈش ھوقۇقىمىز بار. چۈنكى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ ئورۇن ۋە شۇ يەردىكى كىشىلەر بىز تۆلىگەن باج بىلەن جان بېقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار دائىم «بىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىڭلار» دەپ تۇرىدۇ. پىكىر دېگەن مانا شۇ!
ئېسىمدە قېلىشىچە، كىشىنى ئەڭ جانلاندۇرغان پروگراممىلار ئىچىدە «كۆڭۈلدىكى سۆز» ۋە «مەدەنىيەت بوستانى» بار ئىدى. باشقا بەزىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇلار ھەقىقەتەن ياخشى، لېكىن كۆزىمىزنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ بىرخىللا قېلىپتا كېتىۋاتقان بۇ سەھىپىلەرمۇ ئانچە تېتىماس بوپ قالدى. ئۈمىد غەنى قىززىقچىلىق قىلدىم دەپ خەقنىمۇ ئۆزىنىمۇ ماز قىلىدىغان بەزى قىلىقلىرىنى تېخى تاشلىغىنى يوق. ئۆتكەندە بىر بۇرادىرىمىز «ئۇنىڭ يېقىنراق، ئوڭراق بىرەر ئاغىنىسىمۇ يوقمىدۇ؟ نېمىشقا بۇ گەپنى يۈزىگە سالمايدىغاندۇ؟» دەپ قالدى. مەسىلەن خوتەن قەغىزى ئۇستىسى توختى باقىنى زىيارەت قىلغاندا قىززىقچىلىق قىلدىم دەپ «سىزنى ئامېرىكىغا باردى دەپ ئاڭلىدىمغۇ؟ ئامېرىكا دېگەن قەشقەردىكەن شۇنداقمۇ؟» دېدى. (بەلكىم قەشقەر دېگەندۇ ياكى باشقا بىر يەرنى، ئىشقىلىپ جۇڭگونىڭ بىر يېرىنى دېدى) بۇنداق بىر سۇئال ئەقلى-ھۇشى جايىدا توختى باقى ئاكىغا قىلىنغان بىر ھاقارەتلا بولۇپ قالماستىن، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا موشۇ پروگراممىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان نەچچە مىليون ئادەمنى ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر XJTV قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆرۈنىدىكەن. «ئۈمىد غەنى غۇلجىلىق بولغاچقا، زادى قىززىقچىلىق قىلمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلىۋالىدىغان ئوخشايدۇ» دېدى ئۇ بۇرادەر.
«مەدەنىيەت بوستانى» نىڭ رىياسەتچىسى خەۋەر دىكلاماتسىيە قىلىشتىن يېتىشىپ چىققان. لېكىن بۇ كىشىنىڭ خەۋەر ئوقۇمىغىنىمۇ نەچچە يىل بولدى، لېكىن نېمىشقا يەنىلا كىتاب ئوقۇغاندەك سۇئال سوراشلىرى، سۇئال قېلىپلىرى تا ھازىرغىچە ئۆزگەرمەيدىغاندۇ؟
XJVTنىڭ كوزۇر پروگراممىلىرىدىن بولغان يۇقىرىقى ئىككى پروگراممىدا يۇقىرىقىدەك تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە ئەڭ ئەجەللىك بىر مەسىلە شۇكى، «مەدەنىيەت بوستانى» توختىماي، تىنىمسىز ھالدا ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە ئۆزىنى بېغىشلىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردىكى گۈل-چېچەك مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇق مەدەنىيىتى.... دېگەندەك. مەن ئۆزۈم ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل ئۆتمۈشنى ئەسلەش بىلەن مەغۇل بولغان، مورگاننىڭ «قەدىمقى جەمئىيەت نەقەدەر بەرنا» دېگەن تېرمىنلىرىغا ھەۋەس قىلىپ ياشاپ يۈرگەن ئادەم بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنكى «قەدىمقى جەمئىيەت چۈشى» دىن ئويغانغاندىن كېيىن بۇنداق «مەدەنىيەت» لەرنىڭ زادى نېمە زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى چورتلا بىلەلمەي قالدىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى ئىككى پروگرامما، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت بوستانى» مۇنداق قېلىپتا ئېلىپ بېرىلىدۇ:
ئالما ھەققىدە سۆھبەت
بۇ سۆھبەتتە بىر رىياسەتچى، بىر ئالمىچى، بىر ئالما تەتقىقاتچىسى، بىر ئىقتىسادشۇناس ياكى باشقا بىر «شۇناس» بولىدۇ.
رىياسەتچى ئالما سۆھبىتىنىڭ باشلىنىش سۆزىنى قىلىدۇ.
ئاندىن «ئالاھىدە مېھمان» لارنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئالما تەتقىقاتچىسى ئالمىنىڭ تارىخىنى سۆزلەيدۇ.
«شۇناس» ئالمىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ياكى خەلقئارادىكى ئورنىنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئالمىچى ئۆزىنىڭ ئالما سېتىشقا كىرىشىش تارىخىنى مۇۋەپپەقىيىتىنى سۆزلەيدۇ.
ئالما ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالما مەدەنىيەت تارىخنى سۆزلەيدۇ.
ئالمىچى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى بىرەر تەسىرلىك ئىشلىرىنى سۆزلەيدۇ.
«شۇناس» بۇ ئالمىچىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى مەلۇم بىر «ئىلىم» غا سېلىپ تەبىرلەپ، قېلىپلاشتۇرىدۇ.
ئالما تەتقىقاتچىسى نۆۋەتتە ئالمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئەھۋالىنى دەيدۇ.
«شۇناس» ئالمىچىلىق بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆزلەيدۇ.
تاماشىبىنلار گەپ قىستۇرىدۇ، بۇ گەپلەر ئاساسلىقى ئالمىچىلىقتا ساقلانغان ئىللەتلەر، كۆرەش نىشانى بولىدۇ.
ئاندىن ئالىم-ئۆلىمالار سۆزلەيدۇ.
لېكىن تېما تازا قىزىق نۇقتىغا كەلگەندە، پارتىيە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت توشىدۇ، مانا بۇ «ئالمىنىڭ تارىخى» دىن ئىبارەت تېتىقسىز ئىلمىيلىككە بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىقنىڭ بنەتىجىسىدۇر، شۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتىن «شۇنداق بىر ئالاھىدە خۇلاسسىگە كەلدۇقكى» بولىدۇ. تۈگەيدۇ.
مېنىڭچە بۇنداق بىر قېلىپنى بىرنەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. .ئاتارىن قېتىپ ئولتۇرۇپ تەرتىپ بويىچە تونۇشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. بۇنداق تونۇشتۇرۇشلار ئېكراندا يېزىق شەكلىدە چىقسىمۇ، گەپنى ئالمىنىڭ تارىخى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالما تېرىش جەريانى ھەققىدە توختالغاندىن كۆرە، گەپنى ئۇدۇللا باشلىسىمۇ ياكى «ئاڭلىسام سىز موشۇ سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاتايىن خوتەندىن بىر كىچىك ماشىنىدا كەپسىز، نەچچە پۇل كەتتى؟ سىزنىڭچە بىرنەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ شۇنچە يىراقتىن بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە قاتنىشىشقا ئەرزىمدۇ؟ سىز بىر سودىگەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭدىن قانداق بىر قىممەتكە ئېرىشەلەيسىز؟» دەپ باشلىسىمۇ ياكى «چاپىنىڭىز بەكلا يارىشىپتۇ، سىز دائىملا موشۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرەمسىز؟» دەپ باشلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ئىنتايىن سۈرلۈك. ....
«قاراتۈن» CCTV ھەققىدە ئازراق سۆزلەپتۇ. CCTV ئەمەس، نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ تۈرلۈك پروگراممىلىرى تولىمۇ جانلىق بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن مەن ئالدىنقى كۈنى يېرىم كېچىدە مەلۇم بىر ئۆلكىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «ئەر-خوتۇنلارنىڭ سىرى» دېگەن بىر پروگراممىنى كۆردۈم. بىر مياۋزۇ ئەر سىرتتا سودىگەر ئىكەن، ئايالى 10 نەچچە ياش كىچىك ئىكەن. ئۇ بىر مىليۇن خەجلەپ 20 نەچچە مياۋزۇنى تەشكىللەپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تەبرىكلەش، پارتىيىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بېيجىڭغا پىيادە بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن. خوتۇن قوشۇلمايدىكەن. خوتۇن «بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق، پايدا يارىتالمايدۇ، بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيەتسىز» دەپ تۇرۇۋالدى، رىياسەتچى چۈشەندۈردى. كېيىن ئايال يۇمشىدى، ئاندىن ئايال دەرت تۆكتى، ئېرى سىرتتا ئىشلەيدىكەن، ئارا كۈندە ئالتە كېتىم تالادا يۈرىدىكەن، تېل قىلمايدىكەن... دېگەندەك. رىياسەتچى ئەرگە ئايالغا كۆيۈنۈش، ئايالنىڭ ئېھتىياجى دېگەنلەرنى سۆزلىدى. ئۇ قايىل بولدى، ئىككەيلەن بالىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى....
بۇ جەريانلار تەبئىي بولدى، تەسىرلىك بولدى، سۆز تېكىستى يوق، قېلىپى يوق، ئۆز ئېقىشى بىلەن راۋاجلاندى.
گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا XJTV نىڭ نۇرغۇن پروگراممىلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرىدا «يانتاق» زاڭلىق قىلغان سەنئەتچىنى، يېڭى ناخشىچىنى تونۇشتۇرىدىغان بىرنەچچە پروگراممىلارنىڭ نەچچە يىللىق نەچچە مىڭ سائەتلىك توپلىمىنى يىغسىمۇ، توختىگۈل رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان تاماق ئېتىش پروگراممىسىغا يەتمەيدۇ. يەنى، «تائام مەدەنىيىتى» دېگەن پروگراممىنىڭ پەقەت 20 مىنۇتلۇق بىرلا سانى ھېلىقى پروگراممىلارنىڭ 20 مىليون مىنۇتلۇق 10 يىللىق سانىدىن ئەھمىيەتلىكرەك! بۇ پروگراممىدىن ھېچ بولمىغاندا خوتۇنلار تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. لېكىن ھەپىرەنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى، ئۇنىڭ ئائىلە تارىخى، سامىجاننىڭ يېڭى پلاستىنكا چىقىرىشى، «جاپالىق ئىزدىنىش» دېگەنلەرنىڭ بىزگە نېمە ئەھميىتى بار؟ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار دېيىلسە، موشۇ كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر، ئاشنا-ئاداشلىرىدىن ئىبارەت 20 گە يەتمىگەن ئادەم ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك! بۇ 20-30 ئادەمنى دەپ پۈتۈن سۈرۈك ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنى ئاۋارە قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ئىش!
ئەگەر مېنىڭ قولۇمدىن جانلىق پروگراممىلارنى قوشۇش، ھازىرقى بارىنى جانلاندۇرۇش كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، »ئىقتىساد مۇنبىرى» بىلەن «قانۇن ۋە پۇقرا» دەك ئەھمىيەتلىك پروگراممىلارنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقان بولاتتىم.
مەن پارتىيىنىڭ «ئالما سۆھبىتى» دە باشقا سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قېلىپ بەلگىلىگەنلىكىگە ئىشەنسەممۇ، لېكىن شەكلىگە قېلىپ بەلگىلىگىنىگە ئىشىنەلمەيمەن. بۇ پەقەتلا بىر توپ نان قېپىلارنىڭ ئىشى.......

ئۈستىگە قايتىش
QaraTun
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 318
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 93
يازما: 43
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-19
ھالىتى: توردا يوق
مانا سالام ھايات ئەپەندى ئوبدان گەپ قىپتۇ، «بىزگە......كېرەك» دەيدىغان دانالار ئەمدى تۈزۈك گەپتىن بىرنى قىلىپ، «بىزگە تالانتلىق ئوسۇرۇقچى چىڭقاقى كېرەك ئەمەس» دەپ باقسا بولمامدۇ؟
تور ئۆزى ئاممىباب نەرسە، ئاشۇ ئاتالمىش داڭلىق رىياسەتچىلىرىمىز ۋە پروگرامما رىژىسسورلىرىمىز مۇشۇنداق ئاممىباب تور مۇھىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك، ئاخباراتنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى ئاممىغا يېقىنلىشىشتۇر. ئەگەر مەن ئاشۇ رىياسەتچىلەرنىڭ دوستى ياكى تونۇشى بولۇپ قالغان بولسام، سەمىمىي نىيەت بىلەن بۇ ئەسەر ۋە ئوبزورلارنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويغان بۇلاتتىم.





[glow=255,red,1] نېمە دېيىشىم بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز![/glow]
ئۈستىگە قايتىش
Oghuz-han
ئەزا
Rank: 2


ئىجاتچان ئەزا   ئالاھىدە تۆھپە  
رەت نۇمۇرى: 393
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 199
يازما: 71
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-7-19
ھالىتى: توردا يوق
يانتاق ئەپەندىم، ھارمىغايسىز، ھەقىقەتەنمۇ كۆڭلۈمدىكىدەك يېزىپسىز.
يېقىنقى مەزگىللەردە يامراپ كىتۋاتقان، بارغانسىرى لاۋزىلىشىپ كىتۋاتقان رىياسەتچىلىك، پوقنىمۇ ھالۋا قىلىپ، تېزەكنىمۇ گۈھەر قىلىپ كۆرسىتىشكە بەكەرەك چىققاپ كىتۋاتقان، نەدىكى توڭ سويمىلارنى ماختاپ، پۈۋلەپ قىلمىغان قىلىق تاپالمىغانلارنى مانا مۇشۇنداق چىڭقاق ئۇسرۇقچىلارغا ئوخشۇتۇش ناھايىتىمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلەش بولۇپتۇ. نىمىكەن ئۇ «خەلق ياقتۇرغان بىرنىمە، خەلق سۆيگەن نىمە» دىگەنلەر. رىياسەتچىلەرنىڭ ئاغزى شۇنچىلىك يوغىناپ، خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلىگۈدەك دەرىجىگە يىتىپتىمۇ؟ بۇ ھوقوقنى كىم بەردى ئۇلارغا. ياكى ئۇلار شۇ توغرۇلۇق تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانمۇ. بىرئاز بولسىمۇ خىجىل بولۇشنى بىلەيلى، ما ئېغىزىمىز ئازىراق بولسىمۇ ئۇيالسۇن.





ئىلىم - پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش دەخلىسىزدۇر!
ئۈستىگە قايتىش
afiyfiy
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 233
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 79
يازما: 40
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-12
ھالىتى: توردا يوق
بىز باشقا قوشنا دۆلەتلەردە تۇرۇپ ئۇيغۇر قاناللىرىنى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە كۆرىمىز ... گاھىدا ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرىنى ئاڭلاپ ئەركىن دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە گەپ تېپىپ بېرىشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىپمۇ قالىمىز ....





ھەقىقەتنىڭ نوپۇزى بولسۇن ...
ئۈستىگە قايتىش
manggutash
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 539
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-7
ھالىتى: توردا يوق
ھازىر باشلىق بولۇش، باي بولۇش ۋە  تەتقىقاتچى  بولۇش  بەك تەس ەمەس،  ەقلىنى يوقاتسىلد بولدى





ۋەتەن
ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-5 00:06
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى