بۇ مەزمون 6 - قەۋەتتىكى ghalip نىڭ 2007-12-25 22:08 دە يوللىغان يازمىسى“”:
راسىت،تارىختىن ساۋاق ئالغاندىلا تارىخ ئۆگۈنۈشنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ.بىزنىڭ شۇ ئەجداتلىرىمىز نېمىشقا مۇڭغۇللارغا بېقىنىپ،قېرىنداشلىرىمىزنى قىردى؟بۇ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ساۋاق ئېلىش مېنىڭچە ھەر بىر ئەقىللىق ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى!
غالىپ ئەپەندىم، ئەجداتلىرىمىز نىمىشقا موڭغۇللارغا بىقىنىپ قېرىنداشلىرىمىزنى قىردى دىگەن سۆزىڭىز مۇۋاپىق ئەمەستەك قلىدۇ. ئەينى ۋاقتتىكى ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارتىكىن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ يىتىپ، ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بىلەن چىڭگىزخان بىلەن بىرلەشكەن. شۇنىڭدىن كىيىن تاكى ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان زامانىسىدا 2- دەرىجىلىك ئىمتىيازلىق كىشىلەرگە ئايلانغان. ئەگەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قارىشى تۇرسا ئۇنى يىڭىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىر كەلكۈن. شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشتىن قىچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا قان تۈكۈلۈش تېخىمۇ زور بولىدۇ. ھەم يۈرتلار ئاياق ئاستى قىلىنىپ خەلق ئازاپ ئوقىبەت تارتىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە ئۆز قىرىنداشلىرىمىز دىگىنىڭىزنى ئويلىساق بىرى دىننىي، بىرى مىللىي ھىسىيات بىلەن باغلانغانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئەقىل ھامان ھىسىياتتىن غالىپ كىلىشى كېرەك. دىمەك، ئەينى چاغدىكى تاللاش ناھايىتىمۇ توغرا چىقىرىلغان. سىياسەت ھەم ھەربىي ئىشلارغا ھىسىيات ئارلاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ.