ماۋزۇسى: ئادىل تۇنىياز: ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا (English
aypalta
ئالى ئەزا
Rank: 4


ئىجاتچان ئەزا   ئالاھىدە تۆھپە  
رەت نۇمۇرى: 140
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 789
يازما: 142
كۆرۈش ھوقوقى: 50
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
ئادىل تۇنىياز: ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا (English

ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا

ئادىل تۇنىياز

بازارنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ،
يات ئادەم ياتنى ئۆز بىلىدۇ،
كوچا ئەمەس سامانيولى بۇ
تىرىكنى قىچقارساڭ ئۆلۈك كىلىدۇ.

دۈشمىنىم بەزدى، غېرىپلىق ئەزدى،
قولۇڭنى بەر، ئەي ياقا يۇرتلۇق.
يوقتىن كەلگەن يوققا قايتارمىز،
يوقاتقىنىمىز بولىدۇ قۇتلۇق.
ئۇيغۇر بولۇپ چىقتىم چەتئەلگە
ئۆتتى گويا بىر كۈندە يۈز يىل.
كەچۈرمەيمەن دوستۇم قىيامەتكىچە
دۈشمىنىم رەنجىتكەن بولسام ئەپۇ قىل.

ئات يايلى ئۆچتى سارغۇچ بەتلەردىن
باتۇرلۇق كۆچتى قىلىچلىق ئەردىن.
ئۆلگەن كۆرەلمەس ئۆلتۈرگۈچىنى
نامەردلەر مەرتلەردىن ئالار ئۆچىنى.

روھىمىزدا تاج خوراز تاجىدەك،
يېڭىلدۇق بۈگۈنكى دۇنيا مېكىياندۇر.
ئەسىرلەر بويىغا يەتتى بىر- بىرلەپ
لېكىن ئەي قىزلار قېرىماس ئۇيغۇر.

ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا مەغرۇر
دەرەخلەردە مۇڭ، ئۆيلەردە قەبرە.
قاتقان يەرلەردە قۇترايدۇ شەھۋەت
قاقشال سۈكۈتلەر گوياكى نەرە.

ئۇيغۇر بولۇپ كوچىغا چىقتىم
غەمزىسى يات، ھۆل، قىزىق بازار.
ئۇيغۇر بولغۇم كەلدى مىڭ قېتىم
مۇھەببىتىم بۇلدۇقلاپ ئاقار.




When Uyghur on the street

Adil Tuniyaz


Bazaar’s color will change,
Strangers become acquainted,
This is the Milky Way، not a street
If the alive called, there comes the dead.

Enemy disliked and loneliness killed me
Give me your hand, you, stranger.
Absence, we were from and will to,
What we lost will be blessed.
I’ve gone abroad as Uyghur
As if a century passed in a day.
Friend, I won’t forgive you till the Last Day
My enemy, Forgive me If I wronged you in anyway.

Mane got lost from the yellowish papers
Bravery removed from the swordsman.
The killed can’t see the killer
Pettiness got revenge on the braves.

A crown in our soul like the cockscomb
We failed and this world today is a hen.
Centuries came of age one after another
But listen girls, Uyghur won’t be growing old.

When Uyghur on the street with proud
Trees are in sadness, graves in houses.
Lust runs wild in solid lands
Dry silence is as a loud cry.

I go on the street as Uyghur
Unknown thrill, wet, hot bazaar.
A thousand more times, I wanted to be Uyghr
My love flows bubbling.


ئۈستىگە قايتىش
aynurr
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


رەت نۇمۇرى: 412
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 109
يازما: 36
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-7-27
ھالىتى: توردا يوق
ئەسسالام ئادىلجان ئاكا ، ئەسىرىڭىزنى كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.سىزگە تىخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.





قەدەم تۇنجىدىن باشلىنىدۇ.
ئۈستىگە قايتىش
uyghur
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


رەت نۇمۇرى: 81
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1070
يازما: 94
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق


نەقىل :
بۇ مەزمون 1 - قەۋەتتىكى aynurr نىڭ 2007-8-24 23:40 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ئەسسالام ئادىلجان ئاكا ، ئەسىرىڭىزنى كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.سىزگە تىخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ئاينۇر خانقىز ،بۇ ئەسەرنى بۇ يەرگە (ئايپالتا) ئەپەندى يەنى ئەنۋەر ھامۇت ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ يوللاپتۇ ئادىل تۇنىياز ئۆزى يوللىمىغان.

ئۈستىگە قايتىش
karakash
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 251
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 68
يازما: 4
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-17
ھالىتى: توردا يوق
خېلى ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.





http://www.uighurislam.net
ئۈستىگە قايتىش
manggutash
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 539
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-7
ھالىتى: توردا يوق
دۇنيادا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش بىر بەخت ،   بىراق ئۇيغۇر بولۇپ  ئۆلۈش ئۇنىڭدىنمۇ شەرەپلىك.





ۋەتەن
ئۈستىگە قايتىش
alturuk
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 574
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 106
يازما: 27
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-13
ئورنى: ئۈرۈمچى
ھالىتى: توردا يوق
قەلەم تۇتقان قۇلىڭىزغا سۆيگۈم كىلىۋاتىدۇ، تولىمۇ ئەپسۇس...





     
ئۈستىگە قايتىش
arkak22
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 595
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 61
يازما: 1
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-16
ھالىتى: توردا يوق
مانا شېئىر دېگەن مۇنداق بولمامدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېسىل شاراپ ئىچكەندەك كەيىپ بولىدۇ ئادەم .

ئۈستىگە قايتىش
kaynam215
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 619
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 17
يازما: 8
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-21
ھالىتى: توردا يوق
ھەققتەن ياخشى يېزلپتۇ!!!   ئامال بولسا ئادىل ئاكامنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭز بەك خۇشال بولاتتۇق!! [s:31] [h2][/h2]





تاشقنغان قاينام
ئۈستىگە قايتىش
barquk51
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 635
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 11
يازما: 1
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-12-24
ھالىتى: توردا يوق
ئۇزۇن بوپتىكەن ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئرىنى كۆرمىگىلى يولغۇچىغاروھمەت.بولسا بۇنداق .ئېسىل ئەسەرلەر داۋاملىق يولۇنۇپ تۇرسا...

ئۈستىگە قايتىش
Otuken
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 433
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 66
يازما: 6
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-8-6
ئورنى: قەشقەر
ھالىتى: توردا يوق
ئادىل تۇنياز__ ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ھەدىدىن ئاشتى،
قەلبىم تۆرىدە ھۆرمىتى ئاشتى.
گۈلزارىدىن ئىپار ھىدى چاچتى،
ئەمدى چۈشكۈن يۈرەكلەر ئۆرتىنۇر.





مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بېشىمدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان بىلەن قەلبىمدىكى ئەخلاق مىزانى.
ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:49
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى