ماۋزۇسى: <چىمەنىستان> دىكى تىراگىدىيە
baxbaxtak
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 329
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 129
يازما: 115
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-21
ھالىتى: توردا يوق
<چىمەنىستان> دىكى تىراگىدىيە

<چىمەنىستان> دىكى تىراگىدىيە
چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ <چىمەنىستان> تېمىسىدىكى چاتما شېئىرى ھەققىدە

مەن <چىمەنىستان>غا تەپەككۇر كۆزۈم بىلەن نەزەر سالدىم . <چىمەنىستان> دا <ھاۋا> ھەسرەت ، ئىنتىلىش ، تەشنالىق ، كۈتۈش بىتاقەتلىكى ئىچىدە بىرسىنى ئىزدەۋاتاتتى ...
مەن بۇ جايدا ياۋا گۈللەرنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى ، بىراق ئۇنىڭ بەرگىنى چاڭ - توزان بېسىپ ، قاغجىراپ كەتكەنلىكىنى ؛ سۈپ - سۈزۈك ئاسماندا قۇشلارنىڭ قانات قېقىۋاتقانلىقىنى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .
<ھاۋا> غا زەڭ سالدىم : ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارەتتىن تاغلار جاراڭلايتى ؛ ئۇنىڭدىن تارىلىۋاتقان ھەسرەت پۇرىقى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇراتتى ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن <ئادەم> دىگەن سادا چەمبەرسىمان دولقۇنلاپ چىقىپ باشنى قايدۇراتتى :
- ئاھ ، ئادەم ! نەدىسەن ؟
ئۇ ھەقىقىي ئەركەكنى - ئۆزىنى سۆيىدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان ، ئۆزىنى باشقۇرۇپ ، ئىگە بولالايدىغان ، تەغدىرىنى قۇلىغا ئالالايدىغان ؛ جىسمىدىن كۈچ - قۇۋەت ، غەيرەت - جاسارەت ، قاراملىق ، روھىدىن ئەقىل - پاراسەت ، غورۇر - ۋىجدان ، ئىمان - ئېتىقاد ، قىسقىسى يۈكسەك بىر قەدىمىي روھ ئوخچۇپ تۇرىدىغان ئادەمنى كۈتىۋاتاتتى ...
                        *****                 *****
مەن <تۇرپان> ژورنىلىنىڭ 2004 - يىل 3 - سانىغا بېسىلغان چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ <چىمەنىستان> ىدا چىمەنگۈلنىڭ روھى بىلەن ئۇچرىشىپ سىرداشتىم ھەم بىر قىسىم <سىرلىرى> نى ئاشكارىلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم .
ئەمدى بىز بۇ پىنھان <چىمەنىستان> نىڭ ئاشكارا مەنزىرىسىنى بىرلىكتە تاماشا قىلايلى :
ئۇ شېئىرىنى ھەسراتتىن باشلايدۇ . ئۇنىڭ جىسمىدا ئەزەلدىنلا يىلتىز تارتقان نۇمۇسچانلىق ئۇنى چەكسىز ئازاپلىق ھېسلار قاينىمىغا تاشلايدۇ . ئۇ ھايات يۇلىدا قايتا - قايتا سانسىز ئازاپ - ئوقىبەتلەرگە ئۇچرىغاندىن كىيىنلا ، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بىر يۆلەككە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالىدۇ . بىراق ، بۇنى قانداق ئاشكارىلاش كېرەك ؟ ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇققا يۇشۇرۇنغان سىرلىرى بىلىشكە ئېرىشەلمەيدۇ . ئۇ بىردىنلا يېنىدا تۇرغان ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەركەكلىك سالاسىيىتىنى يوقاتقان ، پەقەت جىسمانىي مۇھەببەتنىڭ قۇلى ، ھېسىياتنىڭ كورى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ .

قانىغان لېۋىمدە ئىسسىق بىر ئېسىيان
تاشالماي مېھرىمگە سىڭىدۇ تەكرار .
تەبىئەت مۇڭىنى يالمايدۇ تاتلىق
ئىشىكىم تۆۋىدە قۇرىغان چىنار .

ئۇنىڭ ئەلەملىك شىۋىرلاشلىرى چۈشەنمەشلىك ھەيرانلىقى ئىچىدە تېڭىرقايدۇ . چىمەنگۈل شۇندىلا <چىمەنىستان> دىكى <ھاۋا> غا پىچىرلاپ تەسەللىي بېرىدۇ .
ھەسرەت - ئادەمنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ تۇلۇق قېنىپ رىغبەت تاپمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان تىراگىدىك روھى -ھالىتى بۇلۇپ ، ئۇ ئاجىزلارنى روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە باشلىسا ، قەيسەرلەرنى غايەت بىر پارتىلاش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ .
ئۇ بىردىنلا ئەرلىك جاسارەتكە ئېرىشىپ ، لەيلىنى يېتىلىگۈچە مەجنۇنغا ئايلىنىپ ، <تەكلىماكان>غا سەپەر قىلىدۇ . بىراق ، بۇنى كىم چۈشۈنەر ؟ يىغا بىلەن كەلگەن ھاياجان ئۇنى دەھشەتلىك كۈلكىگە مۇپتىلا قىلىدۇ .
ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنىڭ پەقەتلا بالىلىقىدىكى خىياللىرىدەك تولىمۇ شېرىن ، تولىمۇ غۇۋا ئىكەنلىكىنى ، شۇنداقلا ، بۇ ئارزۇلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ رېئاللىققا قايىتىش سەپىرىگە ماڭىدۇ . ئۇ بۇ سەپىرىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى ئاشكارىلايدۇ :

ئىپارخان پۇرىغان جىگدە چېچىكى
تۇزىدى قاياققا ، قاچان قەيەردە ؟
نۇزۇگۇم يۇلۇقمىدى قۇمۇشلۇق ئارا
نېمىشقا ئېپ قاچقۇدەك مەردانە ئەرگە ؟

ئۇ ئۆزىنى تارىختىكى تەكرارلىق ئۈستىگە قويىدۇ . بۇ ئازاپ ۋە ئىزتىراپ پۈتۈن ئايال زاتىغا ئورتاق . ئۇ ئەزەلدىن <ئەر - ئايال> دىگەن ئىسىمدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىپ كەلگەن (ئەر بولغاچقا ، ئايال بولغان . ئايال ئەرنىڭ بىردانە قوۋۇرغىسىدىن يارالغان ) . ئەر ئالدىدا يېتەكلىگەچكە ، ئايال ئۆزىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ، بەخىتلىك ھېسابلاپ ، ئەردىن پەخىرلەنگەن .
ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قاچانلاردىدۇ خاتىرىسىگە كىرگەن بىلەيچى بوۋاي كېلىدۇ . ئۇ ئاددى ۋە تولىمۇ جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە قىزلىرىغا ، مومىيىغا بەخت ئىزلەيدۇ . ئۆزىنىڭ ھالال ، پاك قان - تەرى بەدىلىگە خاتىرجەم ، مېھىر - مۇھەببەتلىك ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش يارىتىدۇ ھەم ئۆز مومىيىدىن چەكسىز مىننەتدار بولىدۇ .
بۇ ئۇنىڭ قانائەت تاپمىغان يەنەبىر ئىستىگىنىڭ ئاشكارىلىنىشى .
ئۇ كىمدىن نېمىشقا قىساس ئالماقچى ؟

ئوخشىمىغاچ ئەركەكلەر ياشلىق چېغىمغا
ھەتتا سۇ تالىشىشقىمۇ بارمايدۇ رايى
خۇتۇن تالىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ھەي !
ئاتىغا بولارمىش بالا گۇناھى ...

ئۇ بىردىنلا غورۇرلۇق بوۋاي روھىدا ساقلانغان قەدىمىي ئېسىل روھ بىلەن ھازىرقى ئەركەكلەردە شەكىللىنىپ قالغان <ناجىنىس> روھنى سېلىشتۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئاۋازدا : - بۇ ئۇلارنىڭ روھىغا - ئەجدات روھىغا قىلىنغان ھاقارەت ! دەيدۇ . توغرا بۇ ئەجدات روھىغا قىلىنغان ھاقارەت . ئۇ قىساس خەنجىرىنى ئەجەللىك يەرگە سالدى . جاراھەتتىن ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق قان ئۇنى روھلاندۇرىدۇ . ھازىرقى ئەرلەرنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قانلا - ئەسلى قان ! ئۇ قان ھەركىمگە ھەقىقەتنى قايتا تۇنۇتىدۇ . ئۇ پەسكويغا چۈشۈپ ئەركەكلەر بىلەن - ئۆز روھىنى يوقاتقان تەن ، ئەسلىنى ئۇنۇتقان روھ بىلەن مۇڭدىشىدۇ .

(داۋامى بار )

ئاپتۇر : رۇزى كېرەم
كورلا شەھرى تېكىچى يېزا تېكىچى كەنتنىڭ مۇئاۋىن سېكىتارى
تېلىفۇن : 2620303





بەخت سېنى جاپا - مۇشەققەتتە كۆپرەك سىنايدۇ .
ئۈستىگە قايتىش
baxbaxtak
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 329
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 129
يازما: 115
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-21
ھالىتى: توردا يوق
(داۋامى)

ئىسسىق قاندىن كۆتۈرۈلگەن ھور ئوغۇزخان روھىنى تىرىلدۈرۈپ ، <ھاۋا>نىڭ يېنىغا باشلايدۇ . بىز بىردىنلا <چىمەنىستان> دا ئوغۇزخاندىن باشلانغان ئۇيغۇر شەجەرىسىنىڭ دولقۇنلۇق ئېقىنىغا غەرىق بۇلۇپ ، ئەسلى ئاتا روھ ماكانىغا قايىتىمىز . كۆكتىن چۈشكەن نۇر ئىچىدە <ھاۋا> نى ، دەرەخ كاۋىكىدا <چىمەنگۈل>نى ئۇچرىتىمىز . ئات ئۈستىدىكى ئوغۇزخان ، جەڭ مەيدانىدىكى قىقاس - چوقان ، چېپىلغان تەن ، ئۈزۈلگەن باش ، قان ... ، ... قان ... ، ھەممە يەر قان .... مانا بۇ ئەرلەرنىڭ زېمىنى ! مانا بۇ ھەقىقى ئەركەكلىك روھى ! بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى --- ھەقىقى ئەرلىك جاسارەت ھەم ۋاقىتنىڭ شامىلىدا ئۇپراپ كەتكەن ، ئەمما پاقىراقلىقىنى ساقلاپ قالغان ئۇغۇزخان روھىنىڭ قايتا جەۋلانى - جاپا - مۇششەققەتكە ، خېيىم - خەتەرگە باش ئەگمەيدىغان ، پىداكارلىق ، ئەل سۆيەرلىكتەك قەيسىرانە روھ ....
<ھاۋا> بىلەن <چىمەنگۈل> ماھىيەتتە بىر . بىراق ، رىۋايەت قىلئەسىدىن چىققىنىمىزدا بىزگە قالغىنى ---چىمەنگۈل+ ؟ = ئىزتىراپ . ئۇ غايىپتىن بىر ئاۋاز ئاڭلىدى . بىراق ھەممە يۈرۈك شۇنداق دەپ سۇقۇۋاتاتتى :
- سېيىت نوچى ، سادىر پالۋان ئۆلۈپ كەتتى ، ئۇلاردەك شىرمەتلەر قايتا تۇغۇلمىدى ...
دېمەك ، ئوغۇزخاندىن باشلانغان بۈيۈك تارىخ ۋە ئەركەكلىك روھى تەدرىجى سۇسلاپ كەتتى ياكى يوقالدى (يازما تارىخ كۆزدە تۇتۇلدى . ئاشكارىلانغان تارىخلار ئوغۇزخان تارىخىدىنمۇ نەچچە مىڭ يىل ئالدىغا سۈرۈلىدۇ ئەلۋەتتە) . ئۇ ئىزتىراپ چەكتى .
گۈزەل ئۆتمۈش ھەر ئويلىساڭ يۈرەكنى تېترىتىدۇ . بىراق ، ھازىرغا قارىساڭ ئۇ دەۋىرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەم سېنى قايتا ئېرىشكىلى بولمايدىغاندەك ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە باشلايدۇ . ئۇ ھەسرەت ، ئىنتىلىش ، تەشنالىق ، كۈتۈش بىتاقەتلىكى ئىچىدە رېئاللىقتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ...

<كىرىشكەن چىشلىرىم ، چۇۋۇلغان چاچلىرىمغا قاراپ ئالدىمدىكى ئەينەكنى زەرىپ بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم ...

ئۇنىڭ ئازاپلىق تۇرقى ۋىجدانلىق ئەركەكلەرنى چۇقۇم سىلكىپ ئويغۇتىدۇ . بىز چېقىلغان ئەينەك پارچىللىرىغا قاراپ باقايلى :
تىنىچ ۋە باياشاد تۇرمۇش ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يەپ كەتتى . ئۇلار ئۆزىدىكى ئېسىيانكار ، تەلۋە ، قارام كۈچنى تارىخنى چاڭ - تۇزان ۋە قان - ياشقا تولدۇرغان جەڭ خارابىللىرىگە تاشلاپ ، بۇ باياشاد زېمىنغا تىنىنىلا ئېلىپ كەلدى . ئەرلەر ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلالايدىغان ئەڭ ئەۋزەل سەھنىدىن ئايرىلدى . ئۇلارنىڭ ئەرلىك قەددى بۇ ئىلمان جەمئىيەتتە تەدرىجى ئېۋىپ بوشىدى . ئۇلار ئائىلىدە تۈگىمەس ئىشلارنىڭ ، ئايىقى چىقماس خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ پاتقىقىدا ھالسىرىدى . ئەرلەردىكى بۇخىل بۇرۇلۇش ئاياللارغا بولغان روھى ۋە جىسمانىي بېسىمنى زور دەرىجىدە يىنىكلىتىۋەتتى . ئاياللار ئاستا - ئاستا ئەرلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىدەكلا ئادەم ھەم مۇئەييەن ئاجىزلىققا ئىگە ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى ۋە ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىكى ھاكىممۇتلەقلىكىگە قارىتا <ئېسىيان> كۆتۈردى . بۇنى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن دەپ قارىساقمۇ ، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئەرلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى - ئەكەكلىك ھوقۇقىنى تۇلۇق ئادا قىلالماسلىقىدىن ئىزدەش ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بۇلۇشى مۇمكىن . دېمەك ئاياللار <ئەر - ئاياللار باراۋەر بۇلۇش> تىن ئىبارەت <ئازاتلىق بايرىقىنى>نى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئۆزىدىكى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ياكى يۈز ، مىڭ يىلدا غۇۋا كۆرۈلۈپ قالىدىغان پىداكىرانە جاسارىتىنى نامايەن قىلدى (گەرچە بۇ ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن بولسىمۇ ). ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ يوقاتقانلىرىنى تەدرىجى ھېس قىلىدى ھەم ئۇنى ئۆز ھەركىتىدە ئىپادىلىگەن ئاياللىرىغا قايىل بولدى . شۇنداقلا ئەرلىك ھوقۇق بايرىقىنى يېرىم چۈشۈردى . بۇ ئەرلەرنىڭ تىراگىدىيىسى ئىدى . مەغلۇبىيەر ۋە خورلۇق ئەرلەر دۇنياسىدا قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلدى . ئەركەكلەر روھىدىكى بۇخىل سېلكىنىش روھىي جەھەتتە ئويغۇنۇش ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، جەمئىيەتتىكى <ئەر> ئوبرازىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرغۇنلۇق داۋاملىق ساقلاندى . بىرقىسىملىرى مەغلۇبىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ ئەسلى ئۆزلىكىنى ئىزلىدى . بىر قىسىم قايىل بولمىغانلار توغرا يول ئىزدىگەن بولسىمۇ ، ھېسىياتقا بىرىلىپ بىر دەملىك روھى ئۈستۈنلۈك ئىزدەپ ، زەھەرلىك چېكىملىك ، ئىچىملىك ۋە پاھىشۋازلىق ئىشرەت كوچىسىغا كىرىپ كەتتى (گەرچە بۇلارنىڭ يۈز بىرىشىنى ئەرلىك ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشىغا باغلاش ئىنتايىن بىر تەرەپلىمىلىكتەك بىلىنسىمۇ ، لېكىن بۇ نوقتىنى ئىنكار قىلىش ئەلۋەتتە ئوخشاشلا بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويغانلىق ) .
ئەركەكلەر زاتىدىكى بۇ خىل روھى چۈشكۈنلۈك ئايال زاتى دۇنياسىدىمۇ زىلزىلە پەيدا قىلدى . بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر بۇ توپىلاڭدىن پايدىلىنىپ ، توغاچ ئوغۇرلاپ ، ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم غورۇرلۇق قىز - ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئېرىشكەنلىرىنىڭ يوقاتقانلىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەس <تۇتىلىق ھۈنىرى> ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەم بىلىپ يەتتى . دۇنيا زىدىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ . بىراق ، مۇشۇنداق زىدىيەتلەرنى كۆڭۈل كۆزىدە كۈرۈپ ، خەلقنىڭ نەزىرىگە تاشلاپ ۋاقتىدا ھەل قىلمىغاندا ، بۇنداق زىدىيەتلەرنىڭ ئاخىرى يەنە بىر يېڭىلىنىش ئەكىلىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك .

<ھاياتلىق دەسلىپىدە يەر تەۋرەشتىن ، ئاندىن قانلىق قىرغىندىن ، كىيىن ئىلغار قورالدىن ، ئاخىرىدا توپان سۈيىدىن يوقىلىپ يېڭىلانغان . بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھكارى ئادەملەرنىڭ مەنىۋى يىمىرلىشى - ئىمانسىزلىقى ، تەبىئەتنى ۋەيران قىلىشىدىن ئىكەن . ئەمدىكى مەسىلە بەشىنچى ھاياتلىق بولغان بىزلەرگە كەلگەندە يەرشارىنى ساقلاپ قالالايمىزمۇ يوق ؟ دىگەندىن ئىبارەت> (<قىيادىكى ئوۋچىنىڭ نالە - زارى> دىن) . چۈنكى ھازىرقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەر تەۋرەش ، قانلىق قىرغىن ، ئىلغار قورال ۋە چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ھامىي بولدى . ئۇلار يەنە شۇنچە زور غەيرەت بىلەن ئەڭ يوقىرى چەككە قاراپ ئۆرلەۋاتىدۇ .
ئۇ ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىدۇ . چۈنكى ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئەركەكلا بۇ خىل ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىنى ئالدىن بايقۇغۇچى ۋە تۇسۇپ قالغۇچى يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە مەنىۋى قورغان . شۇڭا ئۇ بىردىنلا ئەركەكلەرگە ئىچ ئاغرىتىدۇ . ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىگە - مۇھەببەت ئازاۋىغا ، غېرىبلىقىغا تەسەللىي بېرىدۇ . بۇ مۇھەببەت ھەرقانداق ئەركەكنى تەسىرلەندۈرىدۇ . بىراق ، تەسىرلىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ئەۋزىلى جاناننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن يۈكسەك پەللىدىكى ئۇلۇغۋار روھ ھەم تەۋرەنمەس ئېتىقاد بۇلۇشى كېرەك .
بىراق ، رېئال تۇرمۇشتا ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ، ئارزۇ - ئۈمىد ، ئىستەكلەر چەكسىز چاڭقاش جەريانىدا تاش بۇلۇپ قاتتى . دوختۇرلار ئۇنىڭ تېنىدىن بۇ تاشنى ئالغاندا ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ھېسلار بىلەن تۇيۇنغان چۆكمە ئىكەنلىكىنى سېزەرمۇ ؟

          *****           *****             *****

<ھاۋا> قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن غۇۋا بىر نۇرنى كۆردى . بۇ <ئادەم> دىن تارىغان نۇر ئىدى . ئۇ <ھاياجاندىن جۇغۇلداپ> كەتتى . <ھاۋا > <ئادەم> نى پۈتۈنلەي كەچۈرىۋەتتى . بۇ يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئىدى . يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى داغلار يۇيۇلۇپ كەتتى . بىراق ، ئۇ يەنىلا نىمىگىدۇر تەلپۈنىدۇ ، نېمىنىدۇر زارىقىپ كۈتۈدۇ . يەنە نېمىگىدۇر ئۈمىد باغلايدۇ .

قىياندەك يامرايمەن شۇ قەدەر ئەركىن ،
قەلب ئېتىزىمنى قىلمايمەن قىرغىن .

بىز ھەممىمىز رىئاللىققا قايىتتۇق . يامغۇر يېغىۋاتاتتى . بەلكىم ھەممىمىز كۈنلىك ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتتۇق . بۇ يامغۇر گۈل بەرگىدىكى چاڭ - توزانلارنى يۇيىۋېتىشكە قادىر بولالارمۇ ؟

(تۈگىدى)

ئاپتۇرى : رۇزى كېرەم
كورلا شەھرى تېكىچى يېزا تېكىچى كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكىتارى
تېلفۇن : 2620303
يېزىلغان ۋاقتى : 2004 - يىل 6 - ئاي





بەخت سېنى جاپا - مۇشەققەتتە كۆپرەك سىنايدۇ .
ئۈستىگە قايتىش
kuyzar
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 356
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 72
يازما: 4
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-28
ھالىتى: توردا يوق
بۇ باھا جايىدا بولغاندەك قىلىدۇ . چىمەنگۈل ئاچام نېمە دەيدىكىن بىر ئاڭلاپ باقساق بولاتتى .................

ئۈستىگە قايتىش
qasimjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 326
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 313
يازما: 100
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-20
ھالىتى: توردا يوق
   ئاپتۇر خېلى جاپا تارىتقان بولسىمۇ، «سەللە يوغان ئىمان يوق، دوسقانغا چۇشلۇق بىر نان يوق»دىگەندەك، كېتىپ بېرىپلا ھورۇنلۇقى تۇتتىمۇ يا كۈچى يەتمىگەنمۇ ؟ تازا ئەتراپلىق بولماي قالغاندەك تۇرىدۇ.

      گېپىمنى ئېغىر ئالمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.





   قاسىمجان ئوسمان غازى
ئۈستىگە قايتىش
Hush_Chiray
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 222
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 240
يازما: 52
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
بۇ تىمىغا شائىرە چىمەنگۈلمۇ بىر نىمە دەپ باقسا بوپتىكەن ھە ؟

ئۈستىگە قايتىش
qasimjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 326
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 313
يازما: 100
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-20
ھالىتى: توردا يوق
      شائىرە بىرنىمە دەپ باقسا باشتىن كېلىشى زۆرۈر، ناۋادا شۇنداق بولسا، مەن «چىمەنىستان » نى قايتا-قايتا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىمەن.

---------
   بۇ مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ئىشى جۇمۇ دوستلار.





   قاسىمجان ئوسمان غازى
ئۈستىگە قايتىش
qasimjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 326
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 313
يازما: 100
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-20
ھالىتى: توردا يوق
   مەن ھازىرغىچە شېئىر ئوقۇپ ، يېزىپ يۈرسەممۇ ئۇنىڭ «تاش ياپراق»ىنىڭ نېمىگە سىمۋول قىلىنغان ئىشارىسىنى بىلەلمەي يۈرىمەن.

---------

    دۆتمىكەنمەن؟





   قاسىمجان ئوسمان غازى
ئۈستىگە قايتىش
QaraTun
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 318
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 93
يازما: 43
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-19
ھالىتى: توردا يوق
مەن مۈجمەللىك ھېس قىلىۋاتىمەن، بەلكىم بۇ مېنىڭ شائىرەنىڭ «چىمەنىستان»ىنى ئوقۇمىغانلىقىمدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭچە بۇنچىلىك چىڭقىلىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەكمۇ قىلىدۇ، چۈنكى مۇئەللىپنىڭ «چىمەنىستان»غا بولغان باھاسىدىن قارىغاندا، «چىمەنىستان»دىن كېلىۋاتقىنى يەنىلا ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئېچىرقاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.
ۋاقتىم يەتسە «چىمەنىستان»غا بىر سەپەر قىلىپ باقارمەن.





[glow=255,red,1] نېمە دېيىشىم بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز![/glow]
ئۈستىگە قايتىش
nar
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 310
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 67
يازما: 11
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-15
ھالىتى: توردا يوق
بىر شېئىرغا نىسبەتەن نەسىر يېزىش بىزدە خىېلى ئومۇملىشىپ قالدىغۇ، بۇنى ھاياجاندىن ھاياجانلىنىش دەمدۇق قانداق ؟

ئۈستىگە قايتىش
Dilmurat
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 226
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 128
يازما: 64
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-10
ئورنى: لازىممۇ
ھالىتى: توردا يوق
بىر زاماندا (بۇنىڭدىن 14 يىل ئىلگىرى) دىلنۇر ئابلىزنىڭ نەسىرلىرىگە «ئوبزور» يېزىپ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتسەم بۇ «ئوبزور» نەسىر دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى... [s:2]

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-6 08:51
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى