سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
پروزا
» ھاقارەت(ھېكايە)
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
34
1/4
1
2
3
4
››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: ھاقارەت(ھېكايە)
Erturk
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 243
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 95
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-14
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-25 16:10
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ھاقارەت(ھېكايە)
قىزنى ئەيمىنىپراق تانسىغا تارتتىم، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەيمىنگۈدەك قىز ئىدى، بۇ مېنىڭ قارىشىم، چىرايلىق قىزلارغا ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، يەنە كېلىپ مەن سەل تارتىنچاق ئىدىم، مەن ياشاۋاتقان بۇ شۇنچە چوڭ شەھەرمۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن قالغان ئۆزەمنى كەمسىتىش ئادىتىمنى(بۇ ناچار ئادەتنى) يېڭەلىشىمگە مەدەت بېرەلمەيتتى. قىز ئىككىلەنمەيلا ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمگە تىكىلدى، مەن بۇ سېھىرلىك كۆز نۇرلىرىدا ئېرىپ يۇمشاپ كېتىۋاتاتتىم، ئاجىز يۈرىكىم قاپقارا مومغا ئوخشايتتى، كىچىككىنە ھېسسىيات يالقۇنىمۇ ئۇنىڭ شەكلىنى، سۈپىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيتتى، مەن باشتا قىزنىڭ قولىنى تۇتتۇممۇ، ياكى ئۇ باشتا مېنىڭ قولۇمنى تۇتتىمۇ ئېسىمدە يوق، ئۇ خۇددى تاماققا ئۇستا خوتۇندەك يەڭ شىمايلاپ ماڭا تۇتۇندى ۋە ھېسسىياتىمنى خېمىر قىلىپ ئەيلەشكە باشلىدى، مۇزىكا قايسى رېتىمدا چىقىۋاتىدۇ، قەدىمىمىم نەگە كېتىۋاتىدۇ، ئاڭقىرالىغۇدەك كۈچ مەندە يوق، كاللام بىر ھېسسىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ باش ئۈستۈمدىكى رەڭدار چىراغدەك پىقىرايتتى، نەقەدەر گۈزەل ماسلىشىش بۇ، چىراغقا ھەر بىر قارىغىنىمدا رەڭدار ھاياتنىڭ، ئەتلەس كۆينەكنىڭ، رەڭلىك سورۇندا داۋاملىشىپ بارىدىغان ئويۇن-تاماشىنىڭ، قىزلار كۆزىنىڭ، شەھۋەتنىڭ، شىرىن رەزىللىكنىڭ، پۇشايماننىڭ تەكرار، دەۋرىي ئايلىنىشىنى كۆرگەندەك بولاتتىم، تەسەۋۋۇرلىرىم كەڭرى قانات ياياتتى-دە، ۋۇجۇدۇمغا شامالدەك تېگىۋاتقان قىز ھىدىنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ ئۇ قىزغا بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشىمغا پۇرسەت بەرمەيتتى، كۆڭۈلدە ھەممە گەپ قۇتراپ تۇرغاندا ئېغىزغا نە ھاجەت! قىزنىڭ كۆكسىدە نېمە سېھىر بارلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرماستىن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتىم، بەزى ئىستەكلەرنى خۇددى تانسىنىمۇ توغرا چۈشەندۈرگىلى بولمىغاندەك چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. قىزنىڭ بويىنىڭ مەندىن سەل ئىگىزلىكى باشتىلا مەندە بىر خىل بىئاراملىق پەيدا قىلغانىدى، بۇ بىئاراملىق ئەمدى بارا-بارا كۈچەيگىلى تۇردى، قىز بوينىنى غازدەك سوزۇپ ئەتراپىدا تانسا ئويناۋاتقانلارغا قارايتتى، بىر كىملەر بىلەن سالاملىشاتتى. بىر چاغدا ئۇ بىر ئاداش بىلەن سالاملىشىپ، پاراڭلىشىپلا كەتتى، مەن ئۇنتۇلۇپ قالدىم. ئۇ سۆلەتۋازنىڭ قولىدىكى قىزمۇ (قارىماققا بۇ شەھەرگە ماسلىشىپ بولالمىغان يۇۋاش قىزدەك قىلاتتى) بىر چەتتە قالدى. مەن ئۇ قىزغا قارايتتىم، ئۇمۇ ماڭا قارايتتى. مەن بىچارىلەرچە كۈلۈمسىرىمدىم، قىزمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تانسا ئوينايتتى. ئۇلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مۇڭدىشىپ كەتتىكى، ئەدەبسىزلىك بولمىسۇن دېمىسە بىزنى تاشلاپ بىر-بىرىگە ئېسىلىشقۇسى بار ئىدى.
__ كۆرۈنمەي كەتتىڭ؟
__ رېستۇراندا داپ چېلىۋاتىمەن.
__ يۇرتقا بېرىپ كەلدىڭمۇ؟
__ باردىم، يېقىندا قايتىپ كەلدىم. ئۆزەڭچۇ؟
__ شۇ، ئۇسسۇل ئويناپ...
__ يەنە شۇ بۇرۇنقى يەردىمۇ؟
__ قاچانقى گەپنى دەيسەن، كېتىپ بولغىلى نەۋاق!
__ ھازىر نەدە؟
__ ھېلى دەپ بېرەي.
__ شۇ پېتى تۇرۇپسەن...
__ شۇنداقمۇ، لېكىن سەن سەمرىپ كېتىپسەن.
__ ئانچە ئەمەستۇ، ئەمدى ئورۇقلايمەن.
__ ئورۇقلاپ قانداق قىلاتتىڭ، ئەر كىشىگە سېمىزلىك يارىشىدۇ.
__ تېلېفونۇڭ ئۆزگەردىمۇ؟
__ ئۆزگەردى، ھېلى دەپ بېرەي.
........
مۇزىكا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، قىزنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بوينىدىن باشلاپ پۇتىغىچە تەپسىلىي قاراپ چىقتىم، كۆكسى خالتىلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، سۈرۈۋالغان مايلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىگە چۈشكەن بىلىنەر-بىلىنمەس قورۇقلارنى ياپالمىغانىدى. تونۇشمىغان، چۈشەنمىگەن چاغدىكى ئەيمىنىش ئەمدى يوقاپ كەتتى، يىراقتىن قارىغاندىكى گۈزەللىك ئەمدى خۇنۇكلىشىپ كەتتى. مەن دائىم خاتالىشىمەن، ئارتۇق ئويلىۋالىمەن، بولۇپمۇ قىزلارنى غايىۋىلاشتۇرۇۋالىمەن، لېكىن يەنىلا چۆچەكتىكى قىزلارنى سېغىنىمەن، بالىلىق مېنىڭدىن تېخى يىراقلاپ كەتكىنى يوق.
hellolife
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى:
18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
2- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-25 16:21
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ماڭا تانسىخانا، رېستورانلاردىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى بىچارە كۆرۈنەتتى. ئەڭ بىچارىسى مەستلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاشۇ ناخشىچى ۋە سازەندە ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە سەنئەت ئىنساننىڭ خۇدا، تەبىئەت ۋە ئۆز - ئۆزى بىلەن بولغان تىلسىز دىئالوگلىرىنىڭ جەۋﻫىرى، خۇدانىڭ ئادەملەرگە ﻫەدىيە قىلغان تەبىئىي تالانتلىرىنىڭ گۈل تاجى ئىدى. ئۇ پەقەت دىلى تولىمۇ سۈزۈك ۋە سەزگۈر ئادەملەرگىلا نېسىپ بولاتتى، شۇنداقلا ئۇ سەنئەتكار بولغۇچىلاردىن ۋە ﻫەقىقىي سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ﻫۇزۇرلانغۇچىلاردىن تولىمۇ ساغلام بىر پسىخىكىنى، ساپانى تەلەپ قىلاتتى. ئەڭ بۈيۈك سەنئەتكارلار پەقەت تەڭرى، تەبىئەت ۋە ئىنسان روﻫىغا ئەڭ يېقىن ئادەملەر بولاتتى. شۇنداق بولغاندا، سەنئەت ساﻫەسىدە، بولۇپمۇ مۇزىكىدا مەن ئەڭ ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ بۈيۈك سەنئەتكارلار مۇقاملارنىڭ ئىجادكارلىرى ئىدى. شۇنداقلا، مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىجراسى پەقەت شەخسنىڭ ئۆز ئەركى ۋە ئۆز ئىلﻬامى بويىچە بولاتتى. لېكىن، ئۇلار نەچچە ئون كوي ئۈچۈن نېمىگە چال دېسە، شۇنىڭغا چېلىپ، نېمىنى ئېيت دېسە، شۇنى ئېيتاتتى. يەنە كېلىپ بۇ ناخشا - مۇزىكىلارنىڭ ئىچكى مەنىسىگە ﻫېچكىم ئېرەن قىلمايتتى. پەقەت مۇزىكا چېلىنىپ، بىر كىم كاركىراپ تۇرسىلا بولاتتى. ئۇنىڭدىن قالسا تانسىخانىلارغا يالغۇز كىرگەن قىزلار ماڭا بىچارە كۆرۈنەتتى. ئۇلار ئورۇندۇقلاردا تىكەندە ئولتۇرغاندەك سىقىلىش ۋە جىددىيلىك ئىچىدە ئوغۇللارنىڭ ئۆزلىرىنى تانسىغا تارتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشاتتى. نېمىدېگەن بىچارىلىك، نېمىدېگەن بىئەتىۋارلىق! قىزلار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر خورلۇق - ئوغۇللارنىڭ تانسىغا تارتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئەمەس، بەلكى كۆپرەك تانسىغا تارتىلماسلىق ئىدى. ئەلۋەتتە، پەقەت تانسىغا تارتىلمايدىغان قىزلارنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىپ كېتىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. تانسىغا تارتىلغاندىن كېيىن ئۈن - تىنسىز ﻫالدا ﻫېلىقى ئوغۇلغا ئەگىشىپ پىرقىرايدىغان ئىش. ماڭا بۇ ئىشلار مەقسەتسىزلا، پەقەت مۇزىكىغا ئەگىشىپ پىرقىرىۋېلىش ئۈچۈنلا بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
_ پارچە
yvonne
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 339
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 101
يازما: 79
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-24
ھالىتى: توردا يوق
3- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-25 22:48
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بىچارە ئەرلەر........
QaraTun
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 318
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 93
يازما: 43
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-19
ھالىتى: توردا يوق
4- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-25 23:20
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بىچارە ئاياللار (قىزلار)........
[glow=255,red,1] نېمە دېيىشىم بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز![/glow]
Erturk
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 243
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 95
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-14
ھالىتى: توردا يوق
5- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-26 10:55
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بۈدرە قىلىۋالغان چېچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ، قولۇمدىن چىقىپ كېتەلمەي تۇرغان ئۇسسۇلچىغا توختىماي سۆزلەۋاتقان ئۇ داپچىنى ئىچىمدە ھەزلەك دەپ ئاندىن ئارام تاپتىم، ھاقارەتنىڭ، ھاقارەتلىك سۆزلەرنىڭ كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇش كۈچى نەقەدەر زور-ھە! ئۇلار ئىلگىرى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىرايلىق ئاجرىشىپ كېتىپ، بىر-بىرىنى ئۇنىتالماي يۈرۈپ، ئاندىن بىر يەردە تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالغان ئامراق ئەر-خوتۇنلاردەك قىزغىن، شىرىن پاراڭلىشاتتى. بەلكىم ئۇلار ئىلگىرى بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ بىر مەزگىل ئەر-خوتۇندەك ياشىغان بولۇشى، بۇ قىزنىڭ بويىدا قېلىپ بالىسىنى ئالدۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار مۇساپىرچىلىقتا بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى دۇرۇس ھېسابلاپ، زىنانىڭ ئۈستىگە زىنا قىلىپ، ھارامدىن ھۇزۇرلىنىپ، ھارامدىن بالا تېپىپ، بىگۇناھ بىر بالىنى رەھىمسىزلەرچە قۇربانلىق قىلىۋەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق سەرگەردان سەنئەتچىلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان مەنزىرە، ھالەت، تەسىرات، تۇيغۇلىرىم مېنى ئالدىمايدۇ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرغان ئۇسۇلچىنىڭ بەدىنى بىلەن مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى بىر تاغ ئايرىپ تۇراتتى، يېنىمدىكى ھەزلەك بۇ تاغنىڭ مۇئەككىلى ئىدى. شۇ تاپتا جاھاندىكى ئەڭ بىمەنە، ئېچىنىشلىق بىر تانسىنى ئويناۋاتاتتىم، قولۇمدىكى ئۇسسۇلچى ھەر بىر قەدەم يۆتكىشىدە مېنىڭ يۈرىكىمنى دەسسەيتتى، غۇرۇرۇمنى پايخان قىلاتتى، ئەركەك ھۈجەيرىلىرىمنى قېرىتىپ ئۆلتۈرەتتى، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تىنىقلىرىغىچە مۇدھىش سوغۇق، بەدەننى ئاستا-ئاستا ھالسىزلاندۇرىدىغان زەھەرلىك گاز تاراۋاتامدىكىن، دېمىم سىقىلىپ، بېشىم قېيىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئۈزۈلمەيتتى، ئەسلىدە نېمە دەۋاتىدىكىن، لېكىن ماڭا ئاڭلانغىنى مۇنداق:
__ ئىش ھەققىڭ ئۆستىمۇ؟
__ ياق، سېنىڭچۇ؟
__ ئازراق ئۆستى، لېكىن شەرتى بار، كىندىك ئۇسسۇلىنى يالىڭاچ ئوينايمەن.
__ بوپتۇ، ئۇمۇ بىر ئۇسسۇلغۇ!
__ ئوينىغاندىكىن چىڭىغا چىققۇدەك ئويناي دېدىم.
__ بوپتۇ، كۆكسۈڭگە پۇل قىستۇرۇپ قويىدىغانلار باردۇ؟!
__ بار، بولمامدىغان، بايلار پۇلىنى بىزگە خەجلىمىسە نەگە خەجلەيدۇ!؟
__ سەنغۇ قىز بالا، بىر ئۇسسۇل ئويناپ قويساڭ پۇل دېگەن غازاڭدەك ياغىدۇ، لېكىن بىز شۇ لاۋبەننىڭ بەرگىنىگە شۈكرى دەپ ئولتۇرىمىز.
__ سەن ئۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ دەپ ئويلامسەن، لاۋبەن دېگەن چوشقا يېرىمىنى ئېلىۋالىدۇ.
__ شۇنداقتىمۇ يېرىمى قالىدۇ-دە، ئىشقىلىپ ماڭا قارىغاندا ياخشى.
__ ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، ھەپتىدە تاپقان پۇل گىرىم بۇيۇملىرى، ئېسىل بىر قۇر كىيىم ئېلىشقىمۇ يەتمەيۋاتسا... تېخى ئۆي ئىجارىسى تۆلەيمىز.
__ ئايرىم ئۆيدە تۇرۇۋاتامسەن؟
__ نەدىكىنى، ئۈچ قىز بىلەن خېجۇ قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ئايرىم ئۆينىڭ ئىجارىسىنى سەن تۆلەمتىڭ؟
__ تۆلىسەم تۆلەي...__ داپچى ھەزلەكلەرچە كۈلدى، قولۇمدىكى ئۇسسۇلچىنىڭ چىرايىدىمۇ بىر ھاياسىزلىق جىلۋىلەندى، تەلۋە بىر جىنسىي ھاياجاندىن ئېغىپ كەتكەن يۈرىكىمگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بېلىنى تۇتۇپ تۇرغان قولۇممۇ تىترەپ كەتتى. بۇ پەيتتە ئۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزەمنىڭ تەنناز، سەتەڭ بىر ئۇسسۇلچىنىڭ بەدىنىگە ناھايىتى يېقىن تۇرغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تۇرغان، ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۆلگۈر ھەۋىسىنى ئۇنتۇيالمايۋاتقان بىر ئەركەك ئىكەنلىكىمنى ناھايىتى ئېنىق، چوڭقۇر بىلەتتىم.
__ ئۆزەڭچۇ، كىم بىلەن خېجۇ قىلىۋاتىسەن؟
__ بىر بالا بىلەن بىللە ، ئۆزى باس گىتار چالىدۇ.
__ لوفاڭمۇ پىڭفاڭمۇ؟
__ پىڭفاڭ ئۆي، يېقىندا ئۇنى چاقىدۇ دەيدۇ. فاڭدۇڭ ئوبدان خەنزۇ ئىدى.
__ ئەمىسە يېنىپ كەل، بىللە تۇرىلى، ئىجارىسىنى تەڭ تۆلەيلى.
داپچى كۈلۈپ قويدى، «بولدى مەن تۆلەي» دەپ مەيدىسىگەمۇشتلىيالمىغىنىغا قارىغاندا ئۇمۇ تايىنلىق بىر نېمە بولسا كېرەك.
ئەگەر ئۇسسۇلچى قىزنىڭ پىلانى ئىشقا ئاشسا يېڭى بىر زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق باشلىناتتى. ئۇلار نىكاھلىق، ھالال ياشاشتىن نېمىشقا قاچىدىغاندۇ؟ بىر ئۆيدە ئەر-خوتۇندەك بىللە ياشىسا كىم-كىمنى باشقۇرىدىغاندۇ؟ پۇلنى كىم تۇتۇپ، ئىنچىكە ھېساباتنى كىم قىلىدىغاندۇ؟ پەرىزىمچە، ئۇسسۇلچى قىز بۇ شەھەردە يېتىلدۈرگەن سودا كاللىسى بويىچە كېچىلىك تۇرمۇشنىمۇ پۇلغا سۇندۇرۇپ، بۇ داپچىنى ئۆزىگە مۇتلەق بېقىندۇرۇشى مۇمكىن.چۈنكى قىز بۇ ئەپتىدە ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە داپچى ئۇنىڭ ئۇسسۇلىنىڭ رېتىمى، سالمىقى، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە بېقىپ داپ چېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئەركەكلىك كۈچ-قۇۋۋىتى بۇ قىزنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قىممەتكە ئىگە؟ ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، ۋاقتى كەلگەندە بۇ قىز ئۇنى «ئېشەك، ھايۋان» دەپ تىللىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا يەنە بۇ بىچارە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئايال خوجايىن ئالدىدا قول باغلاپ تۇرغان ئەردەك يەرگە قاراپ تۇرىدۇ. ھەزىلەك، بىچارە ئەر.... مۇشۇنداق ئويلاش ئارقىلىق ئورتاق ھېسداشلىق تۇيغۇسىدا، غەزەپلىك بىر ئىزتىراپ ئىچىدە بۇ لەنىتى تانسىنىڭ ئاياغلىشىشىنى كۈتتۈم. ئۇسسۇلچى قىزنىڭ ۋۇجۇدى ھاياتنىڭ بېسىمىغا قۇرتتەك يۇمشاق، ئىلاستىكىلىق بىر كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا تولغانىدى، قاپقارا كۆزلىرى، ئىلىپتەك بۇرنى، قىپقىزىل لەۋلىرى، نازۇك بوينى، كۆكسى، ئىنچىكە بېلى، كىندىكى، تۈپتۈز پاچاقلىرى...نىڭ ھەممىسى پۇلغا، بەختكە تەييارلانغان ئېسىل نەرسىلەر ئىدى. پاھىشەلەرنىڭمۇ تۈرى، قاتلىمى، دەرىجىسى بولىدۇ، مەن بۇ قىزغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ماڭا يوشۇرۇن نىدا قىلىدۇ، بۇ نىدانىڭ ماھىيەتلىك بىر چوڭقۇرلۇقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:«مېنىڭ بەدىنىم چىرايلىق دۇكان، قاملاشقان ئەزالىرىم ئېسىل مال، بۇنىڭ ھەممىسى دەسمىي، مەبلەغ، كىرىم، ھەممىسى پۇل، پۇل، پۇل، پۇلغا كىم ئامراق ئەمەس، ھەممىسى ئېھتىياج، قۇرۇق گېپىڭنى قوي، مىڭ كوي بەرسەڭ سېنىڭ ھاجىتىڭدىنمۇ چىقىمەن، ھەسرەتلەنمەيدىغان، مېنى جالاپ دەپ تىللىمايدىغان بولىسەن، چۈنكى جىنسىي ئىستەك غەزەپ، ھەسەت پەيدا قىلىدۇ،بۇ ئىستەكلىرىڭ قانغاندا يۇۋاشلاپ، ھەممىنى توغرا چۈشىنىدىغان بولۇپ كېتىسەن...».
تانسا ئاخىر تۈگىدى، قولۇمنى قويۇۋەتكەن، « قوينۇمدىن چىقىپ كەتكەن» ئۇسۇلچى قىزغا ئەلەم بىلەن پىچىرلاپ «رەھمەت»دېدىم، لېكىن ئۇ بۇنى ئاڭلىمىدى، ماڭا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ جايىغا كەتتى. مەن قولىنى ۋە بېلىنى تۇتقاندىن باشلاپ كاللامدىن پەقەت چىقىرالمىغان بۇ قىزنىڭ مېنى شۇ قەدەر ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۆزەمگە ھاي بەردىم، ھالسىز قەدەم بىلەن جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم، تانسىلىرىدىن كۆڭلى قانغان بويتاقلار قىزغىنلىق بىلەن يەنە ئىچىشىشكە باشلىدى. ئەسلىدە ھەممە ئادەم دائىم ئازابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھاراق دېگەن بۇ ئېشەك سۈيدۈگىنى ھاڭگىلىق، ئەركەكلىك، خۇشاللىق ۋە ئەركىنلىكنى تېپىش ئۈچۈن ئىچىشسە كېرەك. كورىيە فىلىملىرىدىكى ۋاپادار، گۈزەل قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ، ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئىت گۆشى يەيدىغانلىقىنى ئويلاپ سەسكىنىپ كەتكەندەك تېز يۈز بېرىدىغان كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىگە كۆنۈپ كەتتىم، ئادەم دائىم خاتالىشىدۇ دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىمەن، ئۇسسۇلچى قىزنىڭ ئەركەكلىكىمگە قىلغان يوشۇرۇن ھاقارىتىنىڭ ئەلىمىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن، ئۇ مېنىڭ خوتۇنۇم ياكى سۆيگۈنۈم ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ھېچ ئاساسىممۇ يوق، لېكىن بۇ ئەلەمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمىدىم. (تۈگىدى)
baxbaxtak
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 329
نادىرلىرى:
2
جۇغلانما : 129
يازما: 115
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-21
ھالىتى: توردا يوق
6- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-26 16:54
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ئەگەر بۇ ھىكايىنى .....
بەخت سېنى جاپا - مۇشەققەتتە كۆپرەك سىنايدۇ .
afiyfiy
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 233
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 79
يازما: 40
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-12
ھالىتى: توردا يوق
7- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-26 20:28
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
تانسا - مۇشۇ بەش ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئويۇننى مەن پەقەت كىنولاردىلا كۆرگەن ... ئەمما ، مۇشۇ سۆز مېنى ھەرقانداق سۆزلەردىنمۇ بەكرەك دەھشەتكە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ . ....
ھەقىقەتنىڭ نوپۇزى بولسۇن ...
Erturk
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 243
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 95
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-14
ھالىتى: توردا يوق
8- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-27 13:27
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ئەشۇ لەنىتى تانسىغا قول ئۇزاتقان ئەركەكتە بۇنداق كۈچلۈك ھەم ئازاپلىق خورلۇق تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىغا تەسرەك ئىشەندىم...
راست دەيسىز، لەنىتى تانسا، پۈچەك بويتاق، تۇترۇقسىز مىللىي غۇرۇر... ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان جىنسىي ئىستەك، لاغىلداپ تۇرغان غالجىرلىق، بۇنىڭ كەينىدىكى قورقۇنچاقلىق ۋە مۇلايىملىق... بۇ ئىشلار مېنىڭ ئۆتمۈشتىكى كۆلەڭگەم، تەسەۋۋۇرۇمدىكى بىچارىلىك ۋە راستچىللىق. ئۆتمۈشتىكى خۇنۇك كۆلەڭگىلىرىمدە ھازىر ئۈچۈن ئىبرەتلىك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.
afiyfiy
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 233
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 79
يازما: 40
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-12
ھالىتى: توردا يوق
9- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-27 19:12
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
خۇداغا شۈكۈر ، بۇ قېتىم مېنىڭ ئىنكاسىم ئۆچۈرۈلمەپتۇ ....
ئەر تۈركنىڭ « ئۆتمۈش » دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن شەرھ بوپتۇ ...
ھەقىقەتنىڭ نوپۇزى بولسۇن ...
قىلىچ
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 350
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 62
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-27
ھالىتى: توردا يوق
10- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-27 20:59
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇقتىن تەھلىل قىلىپ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى پسىخىك ئۆزگىرىشكە نەزەر سالغاچ قارايدىغان بولساق، «ئۆتمۈش»تە قىلىنغانلار ھېلىھەم قىلىنىۋاتقان، قىلىنىدىغان ياكى كەلگۈسىدە قىلىنغۇسى قىلىق، ھەرىكەت، مۇئامىلىلەرنىڭ كاپالىتى. «سۈت بىلەن كىرگەن جان بىلەن چىقىدۇ» دەيدىغان سۆز بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە [ زىدى (زىتتى) پەسنىڭ تېگى پەس] ئەمەسمۇ؟
بەزىلەر كېيىنكى تەسىرلەر ۋەيا ھاياجانلىنىش بىلەن پەرقلىق كىشىلىككە پۈركەنسىمۇ، ئۇنىڭدا ئەسلىدە بولغان (باھانىسى سۈپىتىگە نېمە دېسىڭىز دەڭ، بويتاقلىق، يالغۇزلۇق...) خۇيدىكى مىجەز، نەپستىكى سۈپەتسىز ئىستەك، ئۇ قايسى شەھەردە ياشىسۇن، قانداق ئىلىم يۇرتىدا ئوقۇسۇن يەنىلا مۇھىتقا قاراپ تېشىغا تېپىدۇ...
داپچى ۋە ئۇسسۇلچىنىڭ ئاشۇنداق سۈپەتسىز قىلىقلىرىغا سەۋرى تاقەت قىلىپ تانسىنى ئاخىرىغىچە ئويناش ۋە ئاخىرىدا ئۆزىگە ئەڭ ئەقەللىي ھۈرمەتنىمۇ بەرمىگەن بىرىگە «رەھمەت» ئېيتىشنى.. يىگىتلىك ۋەيا قىرى بار زىيالىي مىجەزى بىلەن چۈشەنگىلى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ؟ ئەگەر بولسا، بۇ خەلقنىڭ ئەسلىدە بار بولغان يىگىتلىك ۋە مەرتلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ تەتۈرىسىچە ئالاھىدىلىكنى مودا قىلغانلىق دەپ چۈشەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۆزىنى «زىيالىي' دەپ ئاتىۋالغان بىچارە نەپسىنىڭ قۇللىرىنىڭ پەلسەپىسىلا خالاس. ئويلاپ كۆرۈڭ، بۇ ھېكايىدىكى بەلكىم «ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان جىنسىي ئىستەك»نىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ھېلىقى قىز بىلەن تانسا ئويناۋاتقان «مەن» ئەمەلىيەتتە ئەگەر ئازراق يىگىتلىك غۇرۇرىنى ھېلىقى ئىستەكنىڭ ئۈستىگە چىقىرالىغان بولسا ئۇنداق ھاقارەتنى تانسا تۈگىگىچە ئىشىتمىگەن بولۇر ئىدى...
ھالىغا ۋاي بۇ بىچارەچاقلارنىڭ، لېكىن ئىجتىمائىي رىئاللىقىمىزدا مۇشۇنداق ئەخلەتسىمان «مەن»لەر ۋە «داپچى»لار ھەتتا بۇنىڭغا ماسلاشقان «ئۇسسۇلچىلار» مۇشۇنداق پەلسەپىنىڭ ياردىمىدە كۆپىيىپ تۇرۇغلۇق. لېكىن ئەدەبىياتچى ياكى ئېپوزىتچى ۋەيا كۈلدۈرمىكەشلىرىمىزنىڭ تېمىسىدا يۇقىرىقىنىڭ دەل تەتۈرىسىچە «ئۆز»ىمىز ۋە «ئەسلىمىز»گە يارىشا ياشاۋاتقانلار ئازمۇ ئەمەس، نېمە ئۈچۈن بۇلار تېما قىلىنغان ئەسەرلەر مەيدانغا چىقىرىلمايدۇ؟ بۇمۇ ئەدەبىياتىمىز ساھەسىدىكىلەرنىڭ «يېتەكلەش»، «يۆنۈلۈش بەلگىلەش» ۋە تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلە بولسا كېرەك. ئەلبەتتە بىز كۆپخىللىقنى قوللايمىز. ئېيتماقچىمىزكى، جەمىيىتىمىزدىكى تۈمەنمىڭ پەسكەشلەر ئىچىدە يىگىتتەك (شەۋقى، تەۋپىق ۋەيا غەنى مىسالى) ۋەيا يىگىت قىزدەك (نازۇك مىسالى) ياشاۋاتقان ۋە رومانلارغا ماتېرىيال بولغۇدەك ئۆتمۈشى بارلارمۇ ئاز ئەمەستۇر....
قىلىچ
34
1/4
1
2
3
4
››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
مەدەنىيەت
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-6 10:52
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى