سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
پروزا
» قىز خاتىرىسى
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
34
1/4
1
2
3
4
››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: قىز خاتىرىسى
hellolife
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى:
18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-12 14:29
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
قىز خاتىرىسى
ﻫايات سىمفونىيىسى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا....
بىز ﻫەممىمىز رېژىسسورنىڭ ئەخمەق قىلىشى بىلەن بىمەنە تىياتىرچىلىقتا رول ئېلىۋاتىمىز. مېنىڭ كومېدىيە ئارتىسى بولغۇم بار ئىدى، لېكىن رېژىسسور ماڭا «تراگېدىيىدە رول ئالىسەن» دەپ بۇيرۇق قىلدى. «يىغلا!» دېسە يىغلاۋاتىمەن، «كۈل!» دېسە كۈلۈۋاتىمەن. باشتا يىغلاشنىمۇ، كۈلۈشنىمۇ قاملاشتۇرالمىغانىدىم، بارا - بارا كۆنۈپ قالغىلىۋاتىمەن. لېكىن، كۈلگەندە نېمىشقا يۈزلىرىم تارتىشىپ، لاتا قونچاققا ئوخشاپ قالىدىغاندىمەن؟!
مەنغۇ مانا، ﻫالىم شۇ. تۇرۇپلا رېژىسسورغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ. ئۇ بەك كۆپ بەدەل تۆلەپ كەتتىمۇ، قانداق؟ ئۇنىڭ بەك جىق ۋاقتى ۋە زېﻬنى ئىسراپ بولۇپ كەتتى. ئۇ بولمىسىمۇ مەن ئەمدى بەرىبىر كومېدىيىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم.
سەﻫنىگە ماڭا ئوخشاش بىرى چىقىۋالدىمۇ ياكى تامدا ئەينەك بارمىدۇ؟ ئۇنى ئىزدەپ باقايچۇ، مۇڭداشقۇم كېلىۋاتىدۇ....
16 - نويابىر
ئالدىمدا بىرى ماڭا ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن قەسەم بەرمەكتە. لېكىن، قارىسام بۇ قەسەملەرنى تامامەن باشقا بىرى ئورۇنداپ كەپتۇ ئەمەسمۇ؟!
ئوغۇللار ﻫاراق - تاماكا بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىدىكەن، قىزلارنىڭمۇ شۇنداق ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلىرى بولسا بولمامدۇ؟ يىغا؟ ياق، ئۇ بولمايدۇ. ئوغۇللار ئىچسە، چەكسە بىچارە كۆرۈنمەيدىكەن، لېكىن قىزلار يىغلىسا بىچارە كۆرۈنىدىكەن. مۇمكىن بولسا بىچارىلىكنى بىلىندۈرمىگۈدەك بولسا بولاتتى.
مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم؟ قەلبىم دەزمال سالغۇدەك دەرىجىدە پۈرلىشىپ كەتتىمۇ، نېمە؟ پۇرلەشكەن قەلب قانداقمۇ بىراۋنى جەلپ قىلالىسۇن؟ ئۇنداقتا مەن راستتىنلا دەزمالغا موﻫتاج بولۇپ قالغان ئوخشايمەن....
17 - نويابىر
بىرى مېنىڭ ئەخلاتخانىدا تۇرغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن نومۇس قىلدى. يەنە بىرى مېنىڭ گۈلزارلىقتا يۈرگىنىمنى كۆرۈپ مەندىن يۈز ئۆرىدى. مەن ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟!
بىرقىسىم ئادەملەر بىلەن ئارىمىزدا چۈشىنىكسىزلىكلەر باردەك ﻫېس قىلىپ قالدىم. توۋا، بۇنىڭ نېمە ﻫەيران قالغۇچىلىكى بولسۇن؟ چۈنكى، مۇشۇ تاپتا ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر تالاي ئۇقۇشماسلىقلار تۇرسا....
- ئىشقىلىپ بىر نويابىر
تۇغۇلغان كۈنلەر چەكسىز خۇشاللىق، تەنتەنە ۋە ئۇلۇغۋار تىلەكلەر ئىچىدە ئۆتمەكتە، لېكىن، مەن زادىلا چۈشەنمىدىم. ئۇلار نېمىگە خۇشال بولىدۇ؟ نېمىگە شۇنچە تەنتەنە قىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ گۆرگە يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقى ياكى بىر يىلنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟!...
ﻫايات ناخشىسىنى غالىبانە ياڭرىتىش ئۈچۈن ئادەمگە نېمىلەر كېرەكلىكىنى بىلىشكە زادى قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟!
28 - دېكابىر
مەن بۇرۇنقى ﻫالىتىمنىڭ ئۆزۈمگە تامامەن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتمەكچى بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئەڭ مۇﻫىم ۋەزىپەم ئىدى. ﻫالبۇكى بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ ۋەزىپەمنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ﻫېس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى، مېنىڭ كاللامدا تۇغۇلغان ئىزگۈ ﻫېسلار، تىلەكلەر مەن ياشاۋاتقان مۇﻫىتتىكى تەتۈر قۇيۇن بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. قارىغاندا رەﻫىمسىز رېئاللىق بۇ ﻫېس، تىلەكلىرىمنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولسا كېرەك....
مېنى ئۆزگىرىش قارارىغا كەلتۈرگەن غايەت زور بىر كۈچ بار. بىراق، مەن ئۇ كۈچنىڭ زادى قانداق كۈچلۈكىنى، ئۇنىڭ زادى قانداق نەتىجە ﻫاسىل قىلىدىغىنىنى ئېنىق بىلەلمەيۋاتىمەن.
ﻫازىر مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماددىي جەﻫەتتىكى بايلىقلارغا قانداق ئېرىشىشكە ئەقلى يەتسىمۇ، لېكىن مەنىۋىيەتنى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ يولىنى بىلىپ كېتەلمەيدىكەن. كەمبەغەل پەقەت ئىلاج قىلالمىغاندا ۋاسىتە تاللىماي بولسىمۇ ئۆزىنى بېيىتالىشى مۇمكىن، لېكىن روﻫ تامامەن باشقا بىر مەسىلىمۇ، قانداق؟
نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۆزگەرمەكچى بولۇپ ئالدىمغا قارىدىم. لېكىن، ئۇلار مېنى ﻫاقارەتلىك ۋە مەغلۇبىيەتلىك ئۆتمۈشكە سولاشنىڭ تەييارلىقىنى ئاللىقاچان پۈتتۈرۈپ بولغانىكەن. ماڭا تەئەللۇق بولغىنى پەقەت ئاۋارىچىلىك ۋە تېڭىرقاشلا بولامدۇ؟!
«مەن ئۆزگەرمىدىم، سىلەرمۇ ئۆزگەرمەيسىلەر. ئۆزگەرگەن بولساڭلار، دەرﻫال ئەسلىڭلارغا قايتىڭلار!»
«ﻫازىرقى ﻫالىتىڭنىڭ ساڭا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندە، سەن باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ باققىن. يا غەلىبە، يا مەغلۇبىيەتكە، ئىشقىلىپ بىر نەرسىگە ئېرىشىسەن.»
مەن بۇ ئىككى سۆزنى قىلغان ئادەملەرنىڭ ياشىغان مۇﻫىتى ۋە مىجەز - خاراكتېرىدىكى پەرقنىڭ چەكسىزلىكىنى ﻫېس قىلدىم....
26 - فېۋرال
بۈگۈن مەن نۆل ئالدىم ﻫەم تەنقىدلەندىم. ﻫېچكىم مېنى مازاق قىلمىدى، ئۆزۈممۇ دەسلەپكى يىلى 80 نومۇر ئېلىپ قېلىپ بىر كېچە يىغلاپ چىققىنىمنى ئەسكە ئېلىپ، بۇ ﻫالەتلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ خىجىل بوپمۇ يۈرمىدىم.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ﻫەر سائەتتە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى تۇرغۇزۇپ سىناق ئېلىشى بىزگە خۇددى ئۆچ ئېلىش، باﻫانە تېپىپ ئەدىپىمىزنى بېرىش ئۈچۈنلا بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، بەلكىم ئوقۇتقۇچى ئۇنداق ئويلىمىسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن، بىز كۈنلەر ئۆتكەنسىرى بىر قېلىپنىڭ خىشلىرىدەك، بىر ئادەمنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىدەك ئۆلچەملىك ﻫالەتكە كېلىۋاتىمىز. مەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان خىرە- شىرە نۇرلارنى ۋە مەسئۇلىيەتنى سېزىپ قالدىم. لېكىن، ئۇلار بىزنىڭ ئىپادىسىز ۋە مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمىزگە قاراپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. مۇشۇ پەيتلەردە مېنىڭ ئۇلار بىلەن بەكمۇ سەمىمىي يوسۇندا سۆزلىشىپ، ئىچىمدىكى دەردلەرنىڭ ﻫەممىنى تۆكۈپ بەرگۈم كېلەتتى. لېكىن، ئارىلىق بەك يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا بىزنى مىدىرلاتمايدىغان كىشەن، مۇنبەردە بولسا مۇشۇ كىشەننىڭ ئاچقۇچى باردەك، ئوقۇتقۇچىنىڭ خان كۇرسىسىدەك ئاشۇ مۇنبىرىدىن چۈشۈپ بىز بىلەن بىللە جىجىلىپ كەتكەن پارتىدا ئولتۇرغۇسى يوقتەك، ئولتۇرغۇسى بارلىرىمۇ بىزنى بۇ شەكىلسىز كىشەندىن بوشىتالمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ كىشەنلىرىمىزنى ئاچىدىغان ئاچقۇچنى يىتتىرىپ قويدى بولغاي....
بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى يوقلىمىسى ۋە ئىمتىﻬانى بوش، كونسپىكنى تۆۋەن ۋە بىرخىل ئاۋازدا ئوقۇيدىغان ئوقۇتقۇچىدۇر. دەرس ۋاقتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىمىز - ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ ئۇيقۇلىرىمىز، خىياللىرىمىز ۋە باشقا ئىشلىرىمىزغا خۇددى بىز ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغاندەكلا پەرۋا قىلمىسا، خۇددى ئەللەي ناخشىسىدەك بىر خىل رىتىمدا سۆزلىسە....
بىز تىركەشكەن، لېكىن ﻫازىر تامامەن پەرۋاسىز بولۇۋالدۇق. ئىنكاسسىز ۋە نەتىجىسىز ئىڭراشلارنىڭ نېمە ئەﻫمىيىتى؟بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئۆگىنىش بىر خىل ئېغىر يۈك ياكى ئېتىبارسىز قارىلىشقا تېگىشلىك نەرسىگە ئوخشايدۇ. ﻫەممەيلەن ۋاقىت ۋە ئىمتىﻬاننىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىغەم قىياپەتكە كىرىۋالدۇق. لېكىن، شۇ تۈپەيلى بىز يەنىلا ۋاقىت ۋە ئىمتىﻬاننىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدۇق.
چاسىلاپ تەييارلاپ قويۇلغان دەرسلەرنى ئۆگىنىش خۇددى قەپەسدىكى ﻫايۋانلارغا بەلگىلىك ۋاقىت، بەلگىلىك نورما بويىچە تاماق بېرىشكە ئوخشاپ كېتەتتى. دەسلەپ ئەركىن تەبىئەتنىڭ بالىسى بولۇشقا ئۆگىنىپ قالغان قەلبىم بۇ خىل مەجبۇرىيەتكە تامامەن كۆنەلمىگەنىدى.
ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىگە، ئۆزۈمنىڭمۇ شۇ رېئاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقىنىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئەجەبا مەن ئۈن- تىنسىزلا ئېرىپ كېتەرمەنمۇ؟ قارىغاندا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىشەنگۈڭ كەلمەيلا يەنە شۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ كېتىدىغان، بارا - بارا باشقىچە بىر ﻫالەتنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئوخشايسەن.
پەقەت ئېشەكچىلىك ئەقىل بولسىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولاتتى. بەزى ئادەملەر ئەقىلسىزلارنى چوشقىغا ئوخشىتىكەن، ماڭا چوشقىغا ئۇۋال قىلىنغاندەكلا تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. چوشقا راستتىنلا شۇنچىۋالا دۆتمىدۇ؟ مېنىڭ چوشقىنى كۆزىتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
بەلكىم كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن ئەتراپىمدىكى مىڭلىغان قۇرداشلىرىمغا ئوخشاشلا كۆنۈش - كۆنمەسلىك، ئىشىنىش - ئىشەنمەسلىك مەسىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتسەم كېرەك....
پۈتۈن دۇنيا خەلقى دۇچ كەلمىگەن مەسىلىگە مەنلا دۇچ كېلىۋاتقاندەك ئەزۋەيلەپلا كەتتىمغۇ؟!
7 - سېنتەبىر
زېرىكىش ئىچىدە ئۆتمەكتە كۈنلەر،
كۆزلەر ئۇيقۇچان، قەلبلەر قۇرۇق.
ئۇپرىغان پاراسەت، تۇنجۇققان سۆيگۈ...
گەرچە مېنىڭ ۋاقتىم ۋە زېﻬنىمنىڭ باشقا مۇﻫىم ئىشلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن مەن نېمىدەپ بۇنىڭ تۆتىنچى مىسراسىنى يېزىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋاقىت ۋە زېﻬىن سەرپ قىلىپ ئۆزۈمنى بىﻬۇدە قىينايمەن؟ پەقەت خىشتەك تۆت چاسا بولمىسا بولمامتى- يە؟ نېمە كارىم، يۈرەكنى ئۈچ بۇرجەك سىزىپ قويغان بىلەن ئەسلىي ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ؟!
چوكا مۇز ئىسسىقتا ئېرىپ كېتىپ، ئىچىدىكى ئۇزۇن ياغىچىلا قالغاندەك، ياز كېلىشى بىلەن مەنمۇ ئېرىپ كېتىۋاتىمەن، ئاخىر ئىچىمدىكى ئۇزۇن ﻫەم ئىنچىكە ياغىچىملا قالسا كېرەك. بۇ ياغاچنى پەقەت چىش كولىغۇچ ئورنىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر تاشلىنىپ كەتسەملا بىركىم ئاتايىن ئېڭىشىپ ئېلىپ چىشىنىمۇ كولاپ يۈرمەس....
(ئۇششاق بالىلارنىڭ تۆمۈر رېشاتكىلىق مەكتەپ ﻫويلىسىدا كۆرۈنمىگىنىگە قارىغاندا بۈگۈن بالىلار بايرىمى بولسا كېرەك)
بىلمەيمەن تەمبۇرنىڭ تارىسىمۇ مەن،
مەست بولۇپ سازلىسا ئۈزۈلۈپ كەتكەن.
ۋە ياكى ئوق تەگكەن يارىدار قۇشمۇ،
ئۇپۇقنىڭ باغرىغا سىڭىشىپ كەتكەن.
ساۋاقداشلىرىم نېمىدىگەن ئاق كۆڭۈل- ﻫە! مېنىڭ ﻫەر يەكشەنبە كەچ تارقىتىلىدىغان جازالاش ئۇقتۇرۇشىدىن باشقا نەرسىلەرنى ئانچە ئوقۇپ كېتەلمەيۋاتقىنىمنى بىلدىمۇ، قانداق؟ دوسكىغا شېئىر يېزىپ قويۇپتۇ.
راست، مەن نېمىشقا ئوتتۇرا مەكتەپتىكىدەك ئۇنچە كۆپ كىتاب ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالغاندىمەن؟! ئەجەبا ئۇ چاغلاردا ئاشۇ خىلۋەت يېزامدىن ئاتايىن شەﻫەرگە كىرىپ، قاپىقى يامان غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ قوغلاشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي، تالاي كىتابلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالاتتىمغۇ؟!
كىتابلاردىكى چۈشىنىكسىز ئۇقۇملار مېنى بەك چارچىتىۋەتتىمۇ، نېمە؟! ئىلگىرى كىتاب ئوقۇسام ئىچىگە كىرىپ كېتەتتىم. مانا ﻫازىر كىتاب ئوقۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ﻫېس قىلىۋاتىمەن.
بەزىلەر ئۆز قىزلىرى، ئاياللىرىنىڭ قېلىن پۈركەنجىلەرگە ئورۇنۇۋېلىپ، قانداق پەسكەش خىياللارنى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، ﻫەدېسىلا مېنى تىللاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مېنىڭ كالتە يوپكام ياراشماپتىمىش، دادامنىڭ چاپىنىنى پىت بېسىپ كېتىپتىمىش.... ئىشىنى قىلسۇن!
تۇرۇپ، دۇنيادا ﻫە دېسىلا خەققە ئەقىل ئۆگىتىدىغان نەسىﻬەتۋازلارنىڭمۇ ﻫېچقانچە قىممىتى قالمىغىنىنى ﻫېس قىلىپ قالدىم....
- مارت
سۈنئىيلەشتۈرۈلگەن مۇﻫىت؛ گىرىم پۇراپ تۇرغان ياتاق؛ ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن تولغان سىنىپ؛ لاي سۇدەك لۆمشۈپ تۇرغان مەكتەپ ﻫويلىسى؛ خۇددى ﻫاۋا مۇداپىئە سېگنالى ياڭراپ تۇرغاندەكلا تۇيۇلىدىغان ئەنسىز قەدىمىي شەﻫەر.... مەن ﻫەممىلا يەردىن ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتقاندەك ئالاق - جالاق قارايمەن. ياكى مەن ئۆز - ئۆزۈمدىن قورقۇۋاتامدىغاندىمەن؟!
ئىچىمدىكى دەردلىرىمنى تۆكۈش ئۈچۈن يەنىلا ئۆز - ئۆزۈمگە تېلېفون بېرىشكە مەجبۇرمەن. بۇ يەردە ئادەملەر ماڭا ئىشەنمەيدۇ، مەنمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيمەن. ئىشكاپلاردىكى ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇرغان قۇلۇپلاردىن ﻫەممە نەرسە ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ قۇلۇپلار ئىشكاپلارغا ئەمەس، قەلبلەرگە سېلىنغاندەكلا....
بەزىدە مېنىڭ بۇ ئورۇق جىسمىمنى نېمىدۇر بىر نېمىلەر بېسىپ مىجىۋېتىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. بايا چۈشۈمدە نۇرغۇن ئادەملەر مېنى ﻫەدەپ يول چىڭدايدىغان ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئىتتىرىۋاتقۇدەك، داداممۇ بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇدەك، بىچارە ئانام كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي، كىشىلەر تارتىپ يۇلۇۋەتكەن چاچلىرىمنى تېرىپ قوينىغا تىقىۋاتقۇدەك. ئانامنىڭ قوينىدىكى چاچلارنىڭ خېلى كۆپلۈكىگە قارىغاندا ئىككى سىڭلىم بىلەن بىر ئىنىم مەندىن بۇرۇن چىڭدىلىپ بولغان بولسا كېرەك. نۆۋەت ماڭا كەپتۇ - دە! ﻫېلىقى قاسساپ ئاكام مېنى چىڭداۋاتقان يولنىڭ بىر چېتىگە كاۋاپدىنىنى قويۇپ، ﻫەدەپ چوغ چۈشۈرۈۋاتقۇدەك، ئۇ مېنىڭ گۆشۈمنى كاۋاپ قىلىپ ساتامدىكىنە؟!
مەن چۈچۈپ ئويغاندىم، لېكىن ئەجەبلەنمىدىم. مەن ﻫامىنى مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلەتتىم.
ئۆكتەبىر. سەﻫەر
_______
داۋامى بار
Hush_Chiray
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 222
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 240
يازما: 52
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
2- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-12 23:29
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
داۋامىنى تىزرەك يوللاپ بىرەرسىز ھە .......
hellolife
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى:
18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
3- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-13 13:18
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ﻫېيت بولسا نېمىدىگەن ياخشى! قانغۇچە بىر ئۇخلىۋالىدىكەنمەن. ﻫېچكىم دەرسمۇ ئۆتمەيدىكەن، ﻫېچكىم يوقلىمىمۇ قىلمايدىكەن، سائەت ئالتىدە مەجبۇرىي گىمناستىكىغا چىقمايدىكەنمىز، مەكتەپنىڭ سۈرلۈك ئىشىك باقارلىرى ئىشىكنىمۇ تاقىۋالمايدىكەن....
بۇلارنى بۇرۇن ئەجەب ﻫېس قىلماپتىكەنمىنا؟ ئۇنىڭ - بۇنىڭ بەرگەن ﻫېيتلىقلىرىغا، توغرامچىلىرىغا گول بولۇپ، بىغەم ئويناپ ﻫېيتنىڭ مەن ئۈچۈن بۇنچە چوڭ ئەركىنلىك، بۇنچە كۆپ ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقى ﻫەققىدە ئويلىنىشقىمۇ پۇرسەت يەتمەپتىكەن - دە!
بىچارە ئانام كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ، قولۇم تىترەپ كەتتى. يىغلىۋېتىدىغان بولدۇم - دە! ئاﻫ، بىچارە كۆزۈم، نېمە گۇناﻫ قىلغان بولغىيتتىڭ!؟
(ﻫېيتنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولسا كېرەك)
ئۇ بىزنىڭ ياتاققا ئاسما رەسىم ساتقىلى كىرىپتۇ. نېمىشقىمۇ ياتاققا كىرگەندىمەن؟! تۇرۇپلا، ئۇ بىزنىڭ ياتاققا ئۆزىنى ساتقىلى كىرگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. «ﻫۇ، ئىپلاس!» دەۋەتتىم ئىچىمدە. ئۇ تېخى ماڭا ئالىيىپ يۈرىدۇ. بۇنداق قىلىدىغانغا نېمە ﻫەققى ئۇنىڭ!؟ «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەن شۇ - دە! شۇلارنى ئويلاپ، ئاچچىقىمدا ئاچقۇچۇمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم. چىقىپ كېتىۋېتىپ، يەنە بىرىگە ئۇچراپ قالدىم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ مېنى ئالداۋاتقانلىقىنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشتىم.
ئۇ كۆزۈمگە بۇرۇنلا ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزدەك كۆرۈمسىز ۋە بىئەتىۋار كۆرۈنگەنىدى. ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدىكى پاكلىق، سەمىمىيلىكلەر ئاللىقاچان غايىب بولغانىدى. ئەمدى سەن بىر ئۆمۈر ئالىيجانابلىق، پاكلىققا ئىنتىلىپ، ئەمما يېتەلمەي ئۆتەرسەنمۇ؟!
كۆزلىرىمگە ئاچچىققا ئوخشاش بىر نەرسە قاپلىشىۋالدى. مەن نومۇس كۈچىگە تايىنىپلا پەلەمپەيدىن يۈگۈرگىنىمچە چۈشۈپ كەتتىم. مەن شۇ تاپتىمۇ ئۇنى ئويلاۋاتاتتىم. مەن نېمىشقا ﻫە دېسىلا ئۆزۈمگە دۈشمەنلىك قىلغان ئادەملەرنى ئويلايدىغاندىمەن؟!
ئەسلىدە ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئادەملەر روﻫىمنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنىكەن، لېكىن مەن بۇنى بەك كېچىكىپ سېزىپ قاپتىمەن. دېگەندەك، مېنىڭ روﻫىم سۇنۇپتۇ، چۈنكى، مەن ئۇ مۇئامىلە ۋە سۆزلەرنى خالىس ۋە سەمىمىي دەپ ئويلىۋاپتىكەنمەن.
ئۆزۈممۇ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ساراڭ! كىم مېنى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسۇن دەپتۇ!؟ ﻫەممىگە ئۆچ بولدۇم. ئۆزۈمگە، ئۆز - ئۆزۈمنىڭ كۈلۈشلىرىگە، يىغلاشلىرىغا، دوستلىرىمغا، دۈشمەنلىرىمگە، تونۇيدىغان- تونۇمايدىغانلارغا، سۆزلەۋاتقان- سۆزلىمەيۋاتقانلارغا.... ﻫەممىگە ئۆچ بولدۇم!!!
سىرتقا چىققۇم كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مېنى بەزلەيدىغان بىرەر ئىش باردۇ. دەرۋازا سىرتىدا ئۇنچە جەلپ قىلارلىق نەرسىلەرنىڭ بولۇشى ناتايىن، لېكىن بۇ دەرۋازا قانچە چىڭ تاقالغانسىرى، مېنىڭ شۇنچە چىقىپ باققۇم كېلىدۇ. دەرۋازىنى تاقىۋالغانمىدۇ؟ كارىدوردىكى سائەت 6دىن 56نى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر تۆت مىنۇت ئىچىدە دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ بولالىسام چىقىپ كېتەلىگۈدەكمەن.
- ئارقاڭغا يان! - دەرۋازىۋەن ئوقتەك يۈگۈرۈپ كەلگەن بىر ئوغۇل بالىغا ۋارقىرىدى.
- بەك جىددىي ئىش....
- ئارقاڭغا يان دەيمەن، گاسمۇ سەن؟!
- ئاچام دوختۇرخانى....
- سائەت يەتتە بولدى!
- خۇش بوپ كېتەي، مېنى چىقىرىۋەتسىڭىز، بەك جىددىي ئىشتى، مەن بولمىسام....
- سېنىڭدەك يالغانچىلارنى جىق كۆرگەنمەن. فاكۇلتېتتىن خەت ئەكەل! بولمىسا سىنىپىڭغا كىرىپ كىتىبىڭنى ئوقۇ! پىشۇرۇپ قويغان نېمە بارمۇ ساڭا تالادا!؟
- ئاچام....
- نېمانداق پاڭ قۇلاق كاسكى نېمىسەن ! چىقىشقا بولمايدۇ! كۆزۈڭگە تاقىشىپ تۇرغان ماۋۇ تاختىنى كۆرمىدىڭمۇ! يان !!!
- بۇ تۈرمىمۇ يا مەكتەپمۇ!؟
- ﻫە، سېنىڭدەك ئۆكتەمدىن بىرنى تاپالماي يۈرەتتىم! كېلە گۇي، تۈرمىنىڭ نېمىلىكىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي!
كۆزەتچى ﻫېلىقى بالىنىڭ پاتىڭىدىن قاماللاپ تۇتۇپ، قايسىدۇر بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى دوختۇرخانىدىكى ئاچىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆز جېنى بىلەن قالدى بولغاي، بوشاپ پاخپاقتەكلا بولۇپ، ﻫېلىقى كۆزەتچىنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئارىسىدا پۇتى يەرگە تېگىپ- تەگمەي كۆزدىن غايىب بولدى.
ئون مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار بۇ مەكتەپتە ئاز بولغاندىمۇ تۆت مىڭ ئەركەك باردۇ (ﻫېچبولمىغاندا فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن بولسىمۇ شۇنداق). تۆت مىڭ ئەركەك ئارىسىدىن بىرەرسىنىڭ مەكتەپنىڭ ئاران ئۆرە تۇرۇۋاتقان ئەنجان تاملىق قورغانچىسىنى بىرلا تىپىپ، بىر قىز پاتقۇدەك تۆشۈك ئاچالمايۋاتقىنىغا ﻫەيران قالمايمەن، قىلچە ﻫەيران قالمايمەن! بەلكىم بۇرۇن ﻫەيران قالار بولغىيتتىم، لېكىن ﻫازىر كۆنۈپ قالدىم. بېشىمغا كۈن چۈشسە، سىنىپتىكى 30 ئوغۇلدىن بىرەرسى مەن ئۈچۈن دۈشمىنىمگە ﻫومىيىپ قويىدۇ، دېگەن خام تەمەدە ئەمەسمەن.
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟
نۇزۇك بېشىغا كۈن چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟!
مەن يا ئىنقىلابچى بولمىسام، ﻫەددىمدىن ئېشىپ نېمىدەپ نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرىنى ئەسكە ئېلىپ يۈرىمەن؟!
«نۇر ئوغلىمەن!» دېگەنلەر تۈن باغرىغا سىڭىپ كەتتى، شەپەرەڭدەك قۇياشقا مەڭگۈ ئاسىي يۈرەكلەر ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى سېتىپ تاماكا چەكمەكتە.... مەن ئەمدى كالتا يوپكامنى سېلىۋېتىپ، پادىچى ئىشتىنىمنى كىيىۋالاي، تامدىن ئارتىلىشقا ئاسانراق بولار....
11 - سېنتەبىر
كونسپىك ئوقۇلۇۋاتىدۇ. مەن يەنىلا مالىمان كاللامدىكى چۇۋالچاق ئوي - خىياللىرىمنى جىجاش بىلەن بۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.
ئېچىرقىغان ئەسلىمىلەر روﻫىمنى ئېكەكدەپ ئۇپرىتىپ بولدى. قاپقارا كۈندۈز قاپقارا قۇزغۇن بولۇپ، كۆز چاناقلىرىمنى غاجاپ يۈرمەكتە. سوئاللىرىم مېنى تەنەپپۇس قىلدۇرماي، توختىماي كاپشىپ دەرس ئۆتمەكتە. سىناقلارنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى قەلبىمنى تىتماقتا. ئۆز كۆلەڭگەم تاماشامنى كۆرمەكچى بولۇپ ﻫىجايماقتا. مەن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ، ئۆز - ئۆزۈمنى ئالدىماقتىمەن. بەزىدە كارىۋات ئۈستىدىكى تەنمۇ روﻫىمدىن چىقىپ كېتىدىغۇ؟
ئەتراپىمدا نۇرغۇن نەرسە بار: توپا باسقان تەكچە، تور باغلىغان بۇلۇڭ، قالايمىقان جىجالغان ئۈستەل، تېتىقسىز كونسپىك، ماڭمايدىغان سائەت، لەۋ سىزىلغان كۆك ئىشكاپ، سۈيى يوق چايدان، چېچىلىپ ياتقان سۈپۈرگىلەر....مۇئەللىمنىڭ ئايىغىدىكى توپا ئۆرلەپ تۇرغان يەر... مەنىسىز، ﻫەممىسى مەنىسىز! ئەتراپىمدىكى ئادەملەردەكلا....
غاجىلىپ ئۇپرىغان كونا سۆڭەكنى، كاللام زادىلا قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ.
رەزىل قەلبىمگە ئوخشاش،
ئاﻫ، بىچارە دېكابىر،
قالدىڭ قارنىڭ ئاستىدا.
....
«ئاﻫ، سېنى...»دېگەن تۇراقلىق سۆزمۇ،
كەتتى قارغا كۆمۈلۈپ.
قالدى ماڭا، باغاشلاپ تۇرغان -
سۆيۈملۈك يالغۇزلۇقۇم.
بۇ دۇنيادىكى قورقۇنچاقلار،
ئۆزىدىن باشقىنى كېتىدۇ تاشلاپ.
ۋىجدان... ساقىۋاتقان ياشلىرىنى،
قارا كۆزلىرىگە يۈرۈيدۇ باشلاپ...
....
«سالغا تېشى» چاقىرار مېنى،
كروران ئانا تىكىدۇ ئوتلۇق كۆزىنى،
ئوغۇز بوۋامنىڭ يۇڭلۇق كۆكسىگە.
مەنچۇ؟
يوتقانغا مېﻬرىم بار شۇنچە....
19 - دېكابىر
مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ﻫالدا بارا - بارا كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشاپ قالغىنىمنى، پاكلىك، سەبىيلىكنىڭ مەندىن ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ﻫېس قىلىۋاتىمەن.
تېتىقسىز چاقچاقلار، بەدىنىمدە سويلىغان قوللار، لەۋلىرىمدە قالدۇرغان ئىزلار .... ئۇنداقتا مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىر ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ بىر قىزنىڭ ئۆز ئىپپىتى ۋە قىزلىق قەدىر - قىممىتىنى يوقاتماي يىللارنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن زادى نېمىلەر لازىم؟ ئىنساننى ناپاكلىقتىن، گۇناﻫتىن ساقلاپ قالغۇچى كۈچ زادى نېمە؟!
ئەجەبا، ساپما كەشكە ئوخشاپ قالغان بۇ تەن ئۈچۈن بۇلارنى ئويلىنىشنىڭ يەنە ﻫاجىتى قالدىمۇ؟!
(ياز ئاخشىمى)
________
داۋامى بار
ilterish
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
رەت نۇمۇرى: 84
نادىرلىرى:
10
جۇغلانما : 1387
يازما: 132
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ئورنى: شىنجاڭ-قەشقەر
ھالىتى: توردا يوق
4- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-13 15:57
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بۇ كىتابمۇ ئاخىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان بوپتۇدە، ئاخىرىنىمۇ پخسىقلىق قىلماي يوللىۋېتىڭلار....
ھەي، ئېسىل كىتاب ئىدى بۇ، ئەينى ۋاقتىدا (بالىلىق چاغلاردا) ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ "كاككۇك قونغان تال" قاتارلىق كىتابلىرىنى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغانىدۇق، راست گەپنى قىلسام بۇ كىتاب بەلكىم ئۇنىڭدىن سەۋىيە ۋە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ ئۈستۇن تۇرۇشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ قارىشىم.
سالام ھايات ئەپەندىنىڭ مۇنبىرىمىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
"تەشنالىق" بەلكىم ھەممىمىزنىڭ تەشنالىقى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
Hush_Chiray
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 222
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 240
يازما: 52
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
5- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-13 23:19
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
قىزىقىپ ئوقىۋاتىمەن .......
karakurum
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 278
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-31
ھالىتى: توردا يوق
6- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-15 15:09
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
دوستىمىز ناھايىتى سېخى ،ئاخىرىنى چوقۇم يوللايدۇ،خاتا دىمىگەندىمەن -ھەئە ؟
hellolife
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى:
18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
7- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-15 15:32
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
دوتسېنت دەرس سۆزلەۋاتىدۇ. توغرىسى، مۇنىڭدىن نەچچە يىل، ﻫەتتا نەچچە ئون يىل بۇرۇن قايسىدۇر بىر كىگىز كىتابتىن كۆچۈرۈۋالغان كونسپىكىنى پەش - چېكىتلىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي بىزگە ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆپكىسى يېرىلىپ كەتكۈدەك كۈچەپ سۆزلەشلىرى خۇددى مۇڭلۇق بىر ئەللەي ناخشىسىدەك ﻫەممەيلەننى بىر خىل رىتىمدا ئۆز مەشغۇلاتلىرىغا بەند قىلاتتى. كىمدۇر بىر كىملەر پارتىغا بېشىنى قويۇپ تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتىدۇ. قىزلار نېمىدۇر بىر نېمىلەرنى توقۇۋاتىدۇ. دەرسنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقاندەك ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرغانلار چەكسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق بولماقتا. مەن يەنىلا مۈگدەپ ئولتۇرۇپ، ئۆز خىياللىرىم بىلەن بەنت....
يېڭى يىل يېتىپ كەلمەكتە. سائەت ئسىترېلكىسى قۇياشنى سۆرەپ، كىشىلەرنى قەبرىگە يېقىنلاشتۇرماقتا. ئادەملەر بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئۆلۈم گىردابىغا قاراپ ماڭماقتا. بۇنىڭ تەبرىكلىگۈدەك نېمىسى باردۇ؟ ياكى ﻫەممە ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئۆلۈمگە بولغان چەكسىز سۆيگۈ ياتامدىغاندۇ؟ ئۇنداقتا نېمىشقا يەنە بۇ ﻫاياتقا تارتىشىمىز؟....
نېمىلا بولمىسۇن، مەن يەنىلا دېرىزىدىن ماڭا پەرۋاسىز قاراپ تۇرغان قارىغاينىڭ تىكىنىدەك مەغرۇرلۇق ۋە قەتئىيلىك بىلەن، ئىس ۋە قان ﻫىدى پۇراپ تۇرغان ﻫاياتنىڭ باغرىغا سانچىلماقتىمەن....
(يېڭى يىل ﻫارپىسى)
ئاﻫ، كۆز ياشلىرىڭ تۆكۈلىدۇ تارام - تارام،
سەنمۇ ئۈمىد - ئارزۇلىرىڭغا يېتەرسەنمۇ؟
ۋەياكى تۈنۈگۈنكى مىسرالىرىڭنى -
قۇچاقلاپ ئۈنسىز يىغلاپ قالارسەنمۇ؟....
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى سەﻫىرىدە دوسكىغا نېمىشقا بۇ شېئىرنى يېزىپ قويغاندۇ؟ بىر - بىرىمىزگە ئەنسىز ۋە بىپەرۋا قاراپ يۈرگەن بىلەن ﻫەممىمىز بىر- بىرىمىزنى تىڭشاپ يۈرۈۋاتامدۇق، نېمە؟
ئۈمىدسىز كۈتەتتىم سېغىنىپ سېنى،
بىلەتتىم سەن چوقۇم كېلەتتىڭ بىراق.
قەلبىڭدىن ئەزىزلەپ سۆيەتتىڭ مېنى،
ۋەلېكىن، سۆيۈشۈڭ تۇيۇلار سوغۇق.
يەنە كىمدۇر بىركىملەر بۇ شېئىرنى جىجىۋىتىپتۇ. قارىغاندا ﻫەممىمىز ئازابتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچساق كېرەك. مېنىڭمۇ دوسكىغا شېئىر يېزىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:
يېڭى يىل، يېنىڭغا كىرىمەن قىستاپ،
ﻫېچنېمەم يوق ئەمما سېنىڭدىن بۆلەك....
يازمايچۇ. بۈگۈن قۇياش ئىللىق نۇرىنى كائىناتقا ئايىماي چېچىپتۇ. مەن ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاۋاتىمەن:«ئەي، قىزچاق، ﻫەممىلا نەرسىدىن كومېدىيىنى ئىزدىگۈڭ كېلىدۇ- يۇ ، يەنە نېمىشقا ئىلكىڭدە پەقەت تېراگدىيىلا قالىدۇ؟ بۈگۈنكى يېڭى يىل كۈنى بەلكىم خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك كۈندۇ. ئۆزۈڭنى خۇشال تۇت. زورمۇ زور كۈلۈپ يۈرۈشتىن، خۇشال ياشاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشتىن باشقا ﻫېچنېمەڭ قالمىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن....»
(يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى)
ئالىي مەكتەپنىڭ ئاچچىق كۆز ياشلىرى يۈزلىرىمنى سىيپاپ ئۆتكەندە، مەن ئىختىيارسىز غەمكىنلىك كوچىسىغا كىرىپ قالدىم ۋە دەرﻫال ئېگىز ئۇچۇۋاتقان ئۈمىد قۇشلىرىنى ئىزدىدىم. ئۇلارنىڭ يىراق، بەكمۇ يىراقتىكى ئەقىدە قاناتلىرىنى كۆردۈم ۋە چىڭ سىقىمداپ تۇرغان جۈپ قولۇمدىكى ئارمانلىرىمنى زېمىننىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆكتىكى قۇشلارغا سۇندۇم....
بىلىمەن، ئىلكىمدە قالغىنى پەقەت تەنﻬا ﻫاكاۋۇرلۇق، بىچارە مەغرۇرلۇق، تەن بەرمەس ئاجىزلىق ۋە چەكسىز بەرداشلىق، خالاس.
يالغۇز بىر قۇش ئۇچۇپ يۈرمەكتە،
زۇلمەت تۈننىڭ باغرىنى يېرىپ.
سۈنئىي چىراغلار يېقىلىپ تۇرار،
سۆيگۈ ئىزﻫار قىلىنغان جايغا.
ئاﻫ... ﻫاكاۋۇر بىنالار!
كەچۈرگىن، سۆيەلمەيمەن سېنى.
چۈنكى،
پارقىراپ تۇرغان سائىتىم،
كەلمەكتە ئالدىراپ جاننى ئالغىلى.
لەۋلىرىنى يالايدۇ تەقدىر،
سۆيمەك بولۇپ ناپاك بىر قىزنى.
ئۆتۈپ كەتتى ئىككى دېكابىر،
يوقىتىپ شوخلۇقىمىزنى.
ئۇنتۇغاق بولۇشقا باشلاپ مومامدەك،
ئۇنتۇپ كەتتىم سەبىيلىكىمنى.
ئاپتوبۇستەك بوپقالغان قىزلار،
چۈشەنمەيدۇ يالغۇزلۇقۇمنى.
....
2 - مارت
سەﻫنىدە يەنىلا رول ئېلىۋاتىمەن. مەن تېخى يەنە ﻫايات نوتىسىنىمۇ ئۆگىنىۋاتىمەن. رېژىسسورلۇق تەگمىسىمۇ دىرېژور بولۇپ قالارمەن. ﻫېچبولمىغاندا ئۇزۇن تۈنلەردىكى ئەنسىزلىكنى بېسىش ئۈچۈن غىڭشىپ قويارمەن. لېكىن، ئەنسىزلىك مېنى تىترەتمەكتە. ئەنسىرەيمەن، يەكشەنبە كەچتىكى تەنقىدلەردىن، دۈشەنبىدىكى تەنتەربىيىدىن، سەيشەنبىدىكى زېرىكىشتىن، چارشەنبىدىكى خاپىچىلىقتىن، پەيشەنبىدىكى تەسلىم بولۇشتىن، جۈمەدىكى ﻫارغىنلىقتىن، شەنبىدىكى تەنﻬالىقتىن، يەكشەنبىدىكى سۆرىلىپ يۈرۈشتىن... ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردە يەنە بىر ﻫەپتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمدىن... ﻫەممىلا نەرسىدىن ئەنسىرەپ ياشارمەن. خۇددى ئوقۇتقۇچىلار ئېيتقاندەك ئاخىر «بىر چاتاق» چىقارمۇ؟ ئۆز بېشىمنى ئۆزۈم قاچا قىلىپ گۆشۈمنى يەرمەنمۇ؟!
مەن تىرىشىۋاتىمەن، بەك تىرىشىۋاتىمەن! ئاتا - ئانام كۈتكەندەك، ئوقۇتقۇچىلىرىم تەلەپ قىلغاندەك... تىرىشىۋاتىمەن. لېكىن، ئوتلۇق ئارمانلارغا يىراق بولغان لېكسىيە زادىلا قۇلىقىمغا ياقمايۋاتىدۇ. ﻫامان بىر خىل مەجبۇرىيلىق روﻫىمنى غاجاپ، مېنى ئەنسىزلىك ۋە بىئاراملىق دەشتىگە تاشلىماقتا....
قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى دېگۈم بار، لېكىن دېيەلمەيمەن. قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى يازاي دەيمەن، لېكىن يازالمايمەن. قانداقتۇر بىر مەۋجۇتلۇققا تەن بەرسەم دەيمەن، لېكىن تەن بەرگۈم كەلمەيدۇ....
ئەمما مەن ئاستا - ئاستا ﻫېس قىلىمەن، ﻫېس قىلىپ بولۇپ يەنە ئىنكار قىلىمەن. يەنە ﻫېس قىلىمەن، يەنە....
ﻫالسىزلانغان قۇشتەك مەۋجۇت رېئاللىق بىلەن ئېلىشىۋاتىمەن. ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئارمانلىرى، روﻫىمنىڭ ئىلﻬاملىرى، باشقىلارنىڭ ئەنسىز كۆزلىرى، ﻫەسەتلىرى، ياتلاشلىرى... ﻫەمراﻫ....
ئۇلارنى مەڭگۈ تاشلىۋېتەلمەيدىغان ئوخشايمەن ﻫەم تاشلىۋېتىشنىڭمۇ ﻫاجىتى يوق بولسا كېرەك....
مالىمان كاللامدەكلا مالىمان نەرسىلەرنى جىجاپ ئولتۇرىمەنغۇ؟ نېمىدىگەن مەنىسىز، ئۇزۇندىن- ئۇزۇن لېكسىيىلەر، توشماس ۋاقىت، بۇ!
ئاﻫ، خۇدا، بارمۇ سەن؟! بۇنداق لېكسىيىلەرنى قاچانمۇ ئالماشتۇرارسەن!؟
29 - فېۋرال
سەن ياشاۋاتقان مۇﻫىت، سەن ياشاۋاتقان كىشلەر توپى بەزىدە سېنى ئاچچىقى يامان ئارتىس سۈپىتىدە سەﻫنىگە ئېلىپ چىقىرىپ قويىدىكەن.
مەن بىراۋنى بىر تەستەك ئۇرغانىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تەركىبىنى بىلىپ بولماس بىر سۇيۇقلۇق ئېقىپ چۈشتى.
مەن يەنە بىرىنى بىر تەستەك ئۇرغانىدىم، ئۇ ﻫېچ ئىككىلەنمەيلا ئىككى تەستەك ياندۇرۇپ بەردى.
بىراۋ :«مېنى بىر تەستەك ئۇر» دېگەنىدى، كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىمنى زادىلا توسۇپ قالالمىدىم...
كۆڭۈلنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋاتقان مەنمۇ ئەمەس، ئۇمۇ ئەمەس، بەلكى تەقدىر بولسا كېرەك...
خەير- خوش، قولۇڭنى بەرگىنە ماڭا،
بۇ جۇل- جۇل كۆڭۈلگە ئازاب بىﻬاجەت.
....
ئالىي مەكتەپ ﻫاياتىم - تېتىقسىز لېكسىيە، يوتقان ئىچىدىكى ياشلىق....
19 - ئۆكتەبىر
مەن بۇرۇن تەقدىرگە ئىشەنمەيتتىم، بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىنىڭ پەقەت ئۈچ - تۆت كۈن ئىچىدىكى ئىپادىسىگە، يەنە كېلىپ ئىمتىﻬان ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىگە قاراپلا بەلگىلىۋېتىلىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭغا ئىككىنچىلەپ تاللاش پۇرسىتى بېرىلمەيدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنمەيتتىم. بۇنداق ئاددىيلا ﻫەل قىلىش ئۇسۇلى راستتىنلا مۇۋاپىقمۇ؟ بىزنىڭ ﻫەقىقەتەن تاللاش پۇرسىتىمىز يوقمۇ؟....
توغرا، بىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمىزدا ئاجايىپ يۈكسەك غايىلەرنى دىلىمىزغا پۈكۈپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگەنگەن، ئاشۇ غايىلىرىمىزغا ئىمكان ئىزدەپ بار كۈچىمىزنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىﻬانى ئۈچۈن سەرپ ئەتكەنىدۇق. بىزدە پەقەت ياخشى تىلەكلا بار ئىدى، ئاجايىپ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار بار ئىدى. بىز تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەش ئىمكانىيتىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايتتۇق. لېكىن، زادى قانداق بىر مۇﻫىتنىڭ بىزنى ئەڭ مۇۋاپىق ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. بىز ئۆز يۇرتىمىزدىن - كىچىككىنە ناﻫىيىمىزدىن چىقىپ باقمىغانىدۇق. ئاخىر بىز ئۇنداق بىر مەنزىلگە يېتەلمىدۇق. بۇ كىمنىڭ خاتالىقى؟ مەن ئاخىر تەقدىرگە ئىشىنىشكە باشلىدىم. مۇۋەپپەقىيەت - ئۇ تىرىشچانلىق ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئەگەر تىرىشچانلىق شۇنىڭغا ماس ئىمكانىيەت ۋە ئۇنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىسا، يەنىلا بەرىبىر بىر ئۇرۇنۇشلا بولۇپ قالىدىكەن، خالاس.
بىزنىڭ سەﻫنىلىرىمىزدە ﻫەممە ئىتراپ قىلىدىغان ناخشا چولپانلىرى بار، ئۇلارنى ئۆز كەسپىدە مۇۋاپپەقىيەت قازانغۇچىلار دىېيىشكە تامامەن ﻫەقلىقمىز. لېكىن، ئۇلار راستتىنلا ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ناخشىچىلارمىدۇ؟ ياق، مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. بىزنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىمىزدا يەنە ئاجايىپ مۇڭلۇق ئاۋازلىق كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ دىلى ئېزىلىدۇ، «دۇنيادا مۇشۇنداق مۇڭلۇق ئاۋاز، مۇشۇنچە تالانت ئىگىسىمۇ بارمىدۇ؟» دەپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇلار چولپان بولۇپ چاقنىيالمىغان، چۈنكى ئۇلار تەقدىرنىڭ تەلەيلىك پەرزەنىتلىرى ئەمەس ئىكەن. ئۇلارغا ئۇنداق پۇرسەتلەر - سەنئەت مەكتەپلىرىگە ئىمتىﻬان بېرىش، ناخشىسىنى ياڭرىتىدىغان كەڭ سەﻫنىلەرگە ئىگە بولۇش پۇرسەتلىرى نېسىپ بولمىغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئاشۇ مۇڭلۇق ئاۋازى ۋە تالانتى پەقەت تۇرمۇشنىڭ چەكسىز ئېغىر بېسىمى بىلەن تۈن كېچىلەردە جاڭگالدىن ئوتۇن توشۇۋاتقاندا نېمىلەرنىدۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن غىڭشىشقىلا سەرپ قىلىنىدىكەن....
بىلمىدىم، خۇدانىڭ مەقسىتى زادى نېمىكىن؟ بىلمىدىم، بىر ئادەمنىڭ بەختى زادى نەدىكىن؟....
- ئۆكتەبىر
زېرىكتىم شەﻫەرنىڭ رەڭۋازلىقىدىن،
قاسساپلار قولىدا ئادەملەر گۆشى.
پىۋا رەڭلىك ساپسېرىق قىزلار،
ئاغزى كىچىك، ئەمما بەك ئۆتكۈر چىشى.
سىرتماققا پۇتلىشىپ يۈرەر ئېتىقاد،
ئەقىدە؟ ئۇنىڭمۇ ﻫالى بەك خاراب.
بۇ دوتسېنت يەنە شۇ 20 يىل بۇرۇنقى سارغىيىپ كەتكەن كونا كونسپىكىنى ئوقۇماقتا، مەن يۈرىكىمگە تولىمۇ قالايمىقان رەسىملەرنى سىزىپ ئولتۇرىمەن.
مېنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقنى ئىنكار قىلغۇم يوق ﻫەم بۇ خىل ئالاﻫىدە، تۇرغۇن ، مۇرەككەپ ۋە دائىمىي مەۋجۇتلۇقنى ئىنكارمۇ قىلىپ بولالمايمەن. ئەگەر مەندە شۇنداق قۇدرەت بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلغان بولاتتىم. قايتا بىر تەرەپ قىلىش دېگەن نېمە؟ مەنچە بولغاندا، ئۈزۈل - كېسىل قايتا بىر تەرەپ قىلىش پەقەت قايتا تۇغۇلۇشتىلا روياپقا چىقىدۇ، لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭ نەدە، قاچان، كىملەرنىڭ بالىسى بولۇپ تۇغۇلۇشۇمنى بەلگىلىيەلمەيمەن.
مانا بۇ - تەقدىر!
بىلىپ تۇرىمەن، مەن يەنىلا چەكسىز خاتالىق ۋە بىمەنىلىك ئىچىدە تېپىرلىماقتىمەن، تېڭىرقىماقتىمەن.... زارلانغىنىمنىڭ ﻫېچبىر پايدىسى يوق، مەن بۇ ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن. لېكىن، يازغۇم كەلدى. ئەجەبا مەن ئۆز ئىلكىمدىكى ئاشۇ خالىغان ئىشنى ئويلاش، خاتىرەمگە يېزىش ئەركىنلىكىمنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇ؟!
مۇشۇ كۈنلەردە مەن يۇلتۇزنىڭ دىلنى ئېزىدىغان مۇڭلۇق كۈيلىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇنى ياقتۇرۇش دېگەندىن كۆرە، ﻫاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى، دېگىنىم تۈزۈكرەك:
مەن دۇنياغا ياقمىدىم، دۇنيا ماڭا ياقمايدۇ،
تۈنلەر ﻫەمراﻫىم مېنىڭ، زىيا ماڭا باقمايدۇ.
ئامەت - تەلەي بېغىدىن بەخت ئالمىسى قاقمىدىم،
قانچە ئەلەم كۆرمەيىن، كۆزۈمدىن ياش ئاقمايدۇ.
مەن پەيدا بولماي تۇرۇپ تەقدىرىم يارالغانتى،
قىلار گۇناﻫلىرىم ﻫەم ساۋابىم يارالغانتى.
نىچارە، بۆشۈك بىلەن تاۋۇت ﻫەم يارالغانتى،
ئاللاﻫ بەرگەن بۇ جېنىم ئاللاﻫقا ئاتالغانتى.
شاﻫ مەنمۇ، گاداي مەنمۇ، بارار يېرىم قەبرىدۇر، (1)
....
«مەن پەيدا بولماي تۇرۇپ تەقدىرىم يارالغانتى، قىلار گۇناﻫلىرىم ﻫەم ساۋابىم يارالغانتى» ئىنسانلار نېمىدىگەن بىچارە ۋە مىسكىن - ﻫە!
1- نويابىر
___
(1) يۇلتۇز ئوسمان ناخشىسى
___
داۋامى بار، بىراقلا يوللاي دېسەم باشقىلارنى بىزار قىپ قويارمەنمىكىن دەيمەن، توردىكى ئۇزۇن نەرسىلەر شۇنداق قىپمۇ قويىدۇ.
ilchi
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 99
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 175
يازما: 15
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
8- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-15 15:51
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
سالام ھايات ئەپەندىنىڭ تېنى ۋە روھىغا ھاردۇق يەتمىگەي، بۇلارنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ قورۇق تاملار ئىچىدىكى بىر ئويلىسا گۈزەل، بىر ئويلىسا مەنىسىز ئەمما ئۇنتۇشقا بولمايدىغان ھەم ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىمىلىرىمگە قايتىپ قالغاندەك بولدۇم. ئەگەر بىر پۈتۈن ئەسەرنى ئوقۇسا مېنىڭچە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ، ھەپتىدە ياكى 3 كۈنگە بىر بۆلۈپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ، راست دېگەندەك بىر يولىلا يوللىۋەتسىڭىز ئۇنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولۇشنى ئويلاپ بولسىمۇ ئادەم قىزىقمايدۇ.
hellolife
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى:
18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
9- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-18 12:39
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
خۇدا ئىنسانلارنى مەسخىرە قىلىشقا شۇنچە ئامراقمىدۇ؟ مەكتەپتىلا ئەمەس، مۇشۇ كىچىككىنە سىنىپتىمۇ ئۇنىڭ مەسخىرىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قۇمدەك كۆپ:
خۇنۈكلەر توختىماستىن گۈزەللىك ﻫەققىدە گەپ ساتماقتا، خۇددى پۈتۈن ئەپتى ئارقىلىق بىزگە:«مانا، دەل ئەكسى گۈزەللىك بولىدۇ، ﻫۇزۇرلىنىڭلار!» دەپ چىرقىراۋاتقاندەك؛ ﻫەممەيلەننى تاتلىق ئۇيقۇغا بەند قىلىۋىتىدىغان بىر ئادەم «مېتود» كونسپىكىنى ئوقۇيدۇ. ئۇ خۇددى بىزنىڭ «بىر سائەتلىك دەرسنى تولۇق تېتىقسىز قىلىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرىۋاتقاندەك؛ پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى بىزدىن سىناق، ئىمتىﻬانلارنىمۇ ئالمىدى، پەقەت ئىسمىمىزنى چاقىرىپ، چىرايىمىزغا قاراپلا نومۇر قويدى. قارىغاندا، ئۇ سىگمۇند فرېئۇد، ئالفرېد ئادلېر، كارل يۇنگ لاردىن كېيىن پىسخولوگىيە ساﻫەسىدە يېڭى بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كېرەك. ئۇنداقمىكىن دېسەم، بىزگە مەجبۇرلاپ ساتقان ﻫېلىقى كىتابى ساپلا كونا كىتابلاردىن كۆچۈرۈلگەن تېتىقسىز سوئال - جاۋابلار بىلەن تولۇپتۇ. ئۇنداقتا ئۇ بىزگە ساقايماس روﻫىي كېسەلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ﻫەققىدە ئۈلگە كۆرسىتىۋېتىپتۇ - دە!؛ پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىسى ﻫەر سائەتتە دېگۈدەك ئۈچ - تۆتىمىزنى ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاپ چىقىدۇ، قىزلارغا ﻫەرخىل لەقەملەرنىڭ قويۇپ بولدى. ئۇنىڭ يېرىم يىل ئۆتكەن دەرسىدىن پەقەت بىرلا سوئال ئېسىمدە قاپتۇ - «يارامسىز ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق زۆرۈر شەرتلەرنى ﻫازىرلاش كېرەك؟»
مۇنتىزىم مەكتەپ مائارىپى تارىخى زادى قانچىلىكتۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخى بولسا، نېمىشقا تا ﻫازىرغىچە مۇنبەرنىڭ قارشى تەرىپىگە بىر پارچە ئەينەك ئورنىتىپ قويۇلمىغاندۇ؟ ئەجەبا بۇ ئادەملەر راستتىنلا ئىنسان روﻫىنىڭ ئىنژېنېرى بولسا، ئۇنداقتا ئىنژېنېر ئەمەسلەر زادى قانداقتۇ؟! مۇندىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن يۇنان ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكىگە «ئۆزۈڭنى بىل» دەپ يېزىپ قويغان ئادەممۇ بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەن بولغىيمىتى؟ خۇددى پارتلاتقۇچنى كەشىپ قىلغۇچى تىنچلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلغاندەك. ئۇنداقتا بۇ مۇكاپات دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزغۇچىلارغا بېرىلەمدىغاندۇ؟....
ۋاي - ۋۇي! نېمىدىگەن كۆپ مازاقلار بۇ!؟ قارىغاندا بىر چاغلاردا ساقاللانى يۇڭداپ، پەشتاقلارغا ئوت قويغانلارنىڭ بىرلا دومىلاپ خانىقا ئېشىغا شەيخ بولۇۋالغانلىقلىرىغا ﻫەيران قالمىساممۇ بولغۇدەك.
28 - ئىيۇن
سېنى يىرتىۋەتتىم. يۈرىكىمنىڭ ئېچىشمىغىنىغا ﻫەيرانمەن. بۇرۇنلا يىرتىۋەتكۈم بار ئىدى، بىراق ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپلا سېنى ساقلاپ كەلگەنىدىم، ئەمدى ئاياشنىڭ ﻫاجىتى قالمىدىغۇ؟!
ئايىغىمنىڭ چەمى ئاجراپ كېتىپتىكەن، تىكتۈرگىلى موزدۇزنىڭ يېنىغا ماڭدىم. يولدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ چەمى بىراقلا چۈشۈپ قاپتۇ. خۇدايىم توۋا، مۇشۇ كەمدە ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئەخلاقىغا ئوخشاشلا بوشاپ كېتىۋاتامدۇ، نېمە؟...
مۇئەللىم سۆزلەۋاتىدۇ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، نېمە يېسەم بولاركىن دەپ روﻫىمدىن سوراپ باقتىم. ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغۇدەكمۇ مادارى يوق ئوخشايدۇ. ئىسىت، ئۇ ئاچلىقتىن ئاران - ئاران پىلدىرلاۋېتىپتۇ - دە! سىنىپ باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، بىرى ئاغرىپ قېلىپ ئاسما ئاستۇرۇۋاتقۇدەك. توۋا، ئەمدى روﻫىي كېسەلگە ئاسما ئاسىدىغان ئىش چىقتىمۇ، نېمە؟!
مېنىڭ ئېڭىمدا چىمەن دوپپا بىلەن قىسقا يوپكا دائىملا ئالمىشىپ قالىدۇ. چىمەن دوپپامنىڭ گۈللىرى چۈشۈپ كېتىپتۇ، شۇڭا ئۇنى ئەمدى كىيگۈم يوق. قىسقا يوپكا قىسقا بولغىنى بىلەن ماڭا خېلى ياراشقاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالدىم. لېكىن، ئادەملەر مېنى تىللاۋاتىدۇ، نېمىشقىلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمىسە كېرەك. شۇنداقتىمۇ كىيمىسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ تۇتۇلۇپ قالسام، قايسى ئەركەك مەيدىسىنى كېرىپ چىقىپ مېنى قوغدىيالايدىكىن؟! سۆيۈملۈك يىگىتلەر، سىلەرنى ئەيىبلەپ نېمىمۇ قىلاي؟! مەن يا سادىر ئىسىملىك بالىدىن بىرنى تۇغۇپ بەرمىگەن تۇرسام. سىلەر مەندىنمۇ مۇڭلۇق - ﻫە!؟
مۇئەللىم مېنى بەزلەۋاتقاندەك شۇنداق تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئاﻫاڭىنى «ئۆلچەملىك بەشىنچى تون»غا توغىرىلاپ داۋاملىق كونسپىك ئوقۇماقتا. بىچارە....
مەن يەنىلا ئۆز - ئۆزۈم بىلەن دىئالوگ قىلماقتىمەن.
مېنىڭ زىيادە ﻫوشيارلىقنى تەكىتلىگۈم يوق، چۈنكى بۇخىل ﻫەممىگە قادىلىۋېلىش مېنى بىزار قىلىدۇ، ﻫارغۇزۇۋېتىدۇ. تۇرغۇن ۋە سېسىپ كەتكەن تۇرمۇش قېلىپىغا ئۆز- ئۆزۈمنى بەند قىلىۋەتكۈم يوق. بۇ مېنىڭ ئېتىقادىمغا خىلاپ!
مەن ئەركىنلىكنى سۆيىمەن. شۇنداقلا مەن يەنە بىر ئىنسان، بىر قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ﻫەر قاچان سۆيۈشكە ۋە سۆيۈلۈشكە موﻫتاج. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مېنىڭ دائىم ئىزدەيدىغىنىم يەنە شۇ ئەركىنلىك ۋە سۆيگۈ. لېكىن، مېنىڭ ئادەملەردىن ﻫەر قەدەمدە ئېرىشىۋاتقىنىم رەزىللىك ۋە ۋاپاسىزلىق. نۇرغۇن ئادەملەر مېنى بۇ خىل ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە قىستايدۇ. بۇ خىل قىستاش مېنى زادى نەگە ئاپىرىدۇ؟!
بەس، مەن يالىڭاچلىنىشنى خالىمايمەن. بۇ مېنىڭ كەمتۈكلۈكۈمدىن ئەمەس. بەلكىم يۈرىكىمنىڭ تولىمۇ كىچىكلىكىمۇ بىر سەۋەبتۇ، ئەڭ مۇﻫىمى مەن جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا ﻫەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىمەن. بۇ خىل بېسىم مېنى ﻫەر ۋاقىت ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم بەلكىم ئۆز - ئۆزۈمنى ئالدىشىمدۇ ياكى ئەسلى تەبىئىتمدىلا ئاجىزلىق ۋە تەسلىمچىلىك مەۋجۇتتۇ. مەن بۇ خىل تەسلىمچىلىكتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلسام دەيمەن، لېكىن تولىمۇ ئاجىز ئىڭراشتىن باشقا ﻫېچبىر ئۈنۈملۈك ﻫەرىكەت قولۇمدىن كەلمىدى.
مەن ﻫەرقاچان ئەرك ئىزدەيمەن، سۆيگۈ ئىزدەيمەن! لېكىن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇنى جاكارلىيالمايمەن....
13- ماي
مېنىڭ بۇ يەردىن كەتكۈم يوق، لېكىن پويىز مېنى ئەپكەتمەكچى.
بىر قۇتا گازلىق سۇ چىرايلىق باغچىدىكى تىپتىنچ كۆلگە چۈشكەندە، كۆل يۈزى ئىختىيارسىز داۋالغۇپ كەتتى. كۆڭۈلمۇ شۇنداق بەزىدە....
چىملىقلاردىن رەنجىمەيمەن، چۈنكى ئۇ بەك يېشىل، بەك گۈزەل... بىراق ئۇ ﻫامان مېنى خۇشال قىلالمايدۇ. قىرقىلىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن؟...
چۈشۈمدىمۇ ياكى خىيالىمدىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى باغلاپ قويۇپ قارىغا ئېلىۋاتقۇدەكمەن. ئىش بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمىسە بولاتتى. باشقىلارغۇ مەيلى، ئەمدى مەن ئۆز- ئۆزۈمنى چەنلەپ يۈرسەم قانداق بولغىنى؟!
ﻫەي خاتىرە، كەلگۈسىمنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭ- ﻫە!... ئۆزگەرمىگەن نېمە قالدى ئەمدى؟!
كۈتۈش... بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ تەس ئىش شۇ بولسا كېرەك. ئىزغىرىن سوغۇق شامالمۇ مەندىكى زېرىكىشنى ئېلىپ كېتەلمىدى.
چىراغلار يېقىلدى، بۇ كېچە كىرگەنلىكىدىن بېشارەت. پويىز توختىماي ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەمدى قاچان تاڭ ئاتار؟ بىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرىمىز نېمە بولار؟....
بۇلۇتلار يېيىلىۋاتىدۇ. شەﻫەرگە كىرىپ سۈنئىي ئاي نۇرىغا كۆنۈپ كېتىدىغان بولدۇق- دە. بۇ يەردە يېزامنىڭ ئاپئاق ئايدىڭ كېچىلىرى، ئاينىڭ سۈپسۈزۇك كارىز سۈيىدىكى دولقۇنلىنىپ تۇرغان نۇرانە شولىسى يوق. مەﻫەللىنىڭ سىرتىدىكى ياپيىشىل ئېتىزلىقلاردا چېچەكلەرگە قونۇۋالغان كېپىنەكلەرنى قوغلىشىپ يۈرگەندە مەﻫەللە تەرەپتىن ئاڭلىنىدىغان تراكتورلارنىڭ پاقىلدىغان ئاۋازى، ﻫەر تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان قويلارنىڭ مەرەشلىرى، بالىلارنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى.... مانا بۇ گۈزەل كۈيلەرنىڭ ﻫېچقايسسى يوق. بۇ يەردە ئادەملەر بەك كۆپ، ئەمما كۆڭۈللەر شۇقەدەر غېرىب....
مانا بۈگۈن قەدىمىي شەﻫەرگە بارىدىغان شۇنچە چوڭ پويىزنىڭ بىر تال بېلىتىمۇ يوق. ئاﻫ، مۇساپىر ناخشىسىنى ئېيتىپ يەنە كېتىۋىرىمىز - دە! سومكا - ساندۇقلار كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراۋېرىپ مېنى ﻫاردۇرۇۋەتتى. قورۇلدىن كىرگەن قەلەندەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەنمۇ، نېمە؟ ئاﻫ، نېمىدىگەن نامراتلىق، سېرىقتال مەزگىل بۇ!
پويىز كەلدى. ئۇنىڭغا ئېرىشىشمۇ بىر بەخت. ئۆمرۈمدە ئادەمگە بۇنچىلىك تويۇپ باقمىغانىدىم.
پايانسىز ساي، ئېگىز تاغلار، چەكسىز يوللار يەنىلا قەلبىمنى چۇشەنمەيدۇ. زېرىكىش ئادەمنى ئېزىۋېتىدۇ... شۇ تاپتا ئوخشىغان پاختىلىرىمىزنى تارتىپ كېتىۋاتقان چاشقانلارنى قوغلىغۇم، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئېتىزلىققا بېرىپ پۇرچاق تېرىپ كەلگۈم، قولياغلىقنى سۈزۈك كارىز سۈيىگە چىلاپ ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىسىنى سۈرتكۈم، كۆپكۆك سايە تاشلاپ تۇرغان تەك ئاسىتىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ....
ﻫېسسىياتچان ياز ئاخشاملىرى ئۆتۈپ كەتتى. قارىغاندا قەلبنىڭ ئويناق پەسىللىرى ۋە ئۇ ئاتا قىلغان تىترەڭگۈ ئىلﻬاملىرىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ....
30 - ئاۋغۇست. پويىز ئىستانسسى، پويىز.
گەپ قىلمىغان ۋاقىتلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئويلاشقا كەتتىمىكىن دەيمەن. مەن نېمىشقا دائىم دۈشمەنلىرىمنى ئويلايدىغاندىمەن؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ ﻫەسەتلىرىدىن تۈگىمەس كۈچ ئالىدىغاندىمەن. ئۆزۈمنى چۈشەنمىدىم. ئەتراپىمدىكى ئادەملەرگە«سېنىڭ نېمە كارىڭ!» دېگۈم كېلىۋاتىدۇ.
ئەتىگەن يامغۇر ياغمىدى، سۇمۇ يوق. كارىۋاتتا خىيال سۈرۈپ ياتقان ئۆزۈمنى تاشلاپ قويۇپ ئاچقۇچۇمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم. ئۇمۇ يالغۇز قېلىپ باقسۇنچۇ! كىم يالغۇز قالمىغان بۇ دۇنيادا؟!
«سېرىق چاچلىق قىز گېلىمنى بوغىدۇ» دېسەم، ﻫېچكىم ئىشەنمىدى. بەزىدە ئۆزۈممۇ ئىشەنمەي قالىمەن. لېكىن، ئۇنىڭ ﻫېلىقى كۈنى مېنىڭ گېلىمنى بوغۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام.
يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئادەم يوق. دەرس ئاڭلاۋاتىمەن. تاپشۇرۇقنى كۆچۈرۈۋالدىم. ئىشقىلىپ ئوقۇتقۇچى بىزنى ئالدايدۇ، بىز ئوقۇتقۇچىنى ئالدايمىز؛ ئۇ بىزگە ئىشەنمەيدۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز؛ ئۇ بىزنى تەنقىدلەيدۇ، بىز ئىنكاس قايتۇرماي ئۇنىڭ ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمىز؛ ئۇ مۇنبەرگە چىقىپ گىدىيىۋالىدۇ، بىز ئورۇندۇققا مىخلىنىپ ئولتۇرۇپ مۈگدەيمىز؛ ئۇ «بەشىنچى تون»دا كونسپىك ئوقۇيدۇ، بىز ئىچىمىزدە ناخشا ئېيتىمىز؛ بۇرۇن «قانداق قىلارمەن» دېگەن ناخشىنى كۆپرەك ئېيتىدىغان، كېيىن «ئۆزۈمنىڭ شورى»نى ئېيتتۇق، بىر مەزگىل «ئوينايلى دوستلار» دەپ سەكرىشىپ كەتتۇق، ﻫازىر قانداق ناخشىنى ئېيتىش مۇﻫىم ئەمەس، مۇﻫىمى كىمنىڭ ناخشا ئېيتىشقا مادارى بار؟ كىمگە خۇشياقىدۇ؟
بىز ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەيمىز، بىز پىكىر بېرىپ تويغان، ﻫېرىپمۇ قالغان. ئۇمۇ بىزدىن سوراپ يۈرمەيدۇ.
تېتىقسىز دەرسلەرگىغۇ قۇلاق سالماي، نېمىشقا ئەﻫمىيەتلىك دەرسلەرنىمۇ ئاڭلىمايمەن؟! بىلىمسىز ۋە پەزىلەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنىغۇ ئالداي، نېمىشقا يەنە بىلىملىك ۋە پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئالداپ يۈرىمەن؟! نېمىشقا ئۆز- ئۆزۈمنىمۇ ئالدايمەن؟!
كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇۋاتىدۇ، بەكلا! مېنىڭ ئەسلىي ﻫېچكىمنى ئالدىغۇم يوق ئىدى. بىز بىر- بىرىمىزنى ئالدىمىساق بولاتتى. چېچىلىپ ياتقان دورا قۇتىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ....
«ئېللىپس» دېگەن خەتنى كۆرۈپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يادىمغان كەلدى. ياق، ئېللىپس ئەمەس، ئۈچ بۇلۇڭ بولسا كېرەك. «ئەبلەخ!» دەپ تىللىۋەتتىم ئىچىمدە. «مەغلۇبىيىتىڭنىڭ سەۋەبىنى مەندىن كۆرەمسەن؟! ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ ئوخشىمىسا....» كەچۈر، مەن ئادەملەرنىڭ رەﻫىمسىزلىكىنى، ئاچ كۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ﻫازىر ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ ئوخشىغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ ئوخشاپ قالسا، بىر يولىلا تۈگىشىپ كېتىدىكەنسەن ئەمەسمۇ. «ئادەم گۆشى يېمىگەنلەر بارمۇ؟» دېگەن ناخشىنى ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ.
بىرى ئۆتمۈشۈمنى ئاڭلاپ:«ﻫامىنى بىركۈنى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىسەن» دەۋاتىدۇ. نېمىشقا؟ كىمدىن؟ قانداق ئۆچ ئالالايمەن؟! ئۇ شۇنداق بىچارە تۇرسا، مېنىڭمۇ ﻫالىم تايىنلىق. «قىپقىزىل دەريا سۈيىدەك ئىكەنسەنغۇ!» دەۋەتكىلى تاس قالدىم.
چوڭ بولغانسىرى ئۇنتۇغاق بولۇپ قالدىم. مۇشۇ تۇرقىدا ئۆزۈم نەلەردە يۈرىدىكىنە؟ ئۇنى ياتاققا تاشلاپ قويۇپ چىققىنىم ئېسىمگە كەلدى. توۋا، شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىمنى....
كىمدۇر بىرى مېنى تىللاپ قويۇپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى، قولۇمدا كەمپۈت يوق- دە! بوپتىلا، تىللىسا تىللاۋەرسۇن. بەرىبىر بىپەرۋالىق تولۇپ كەتكەن كۆڭلۈمگە ﻫار كەلمەيدۇ.
يالغۇزلۇقتا تەبىئىيلىك كۈچلۈكرەك بولسا كېرەك. مەنمۇ تەبىئىيلىككە قالتىس ئامراق ئىدىم. بىراق، ئامالسىز سۈنئىيلىككىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئادەملەر نۇرغۇن ئىشلارغا خۇددى كىيىم كىيىشكە ئوخشاشلا كۆنۈپ كېتىدىكەن.
سىنىپنىڭ بەك توپىلىقى جۇدىنىمنى ئۆرلەتتى. ئۆزۈمنىڭ كىيىمىمۇ سېرىق بولمىسا.... بىراۋنىڭ شىرت - شىرت قىلىپ ماڭغانلىقى ئاڭلاندى. تەنەپپۇس بوپتۇ - دە. ئادەم ﻫاياتىدا دائىم تەنەپپۇس بىلەن ياشىسا نېمىدىگەن ياخشى! «باﻫار كەلمەيدۇ!» دەپ ناخشا ئېيتتىم. لېكىن، بىرى «ئۇنداق ناخشىنى ئېيتما!» دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتىدۇ. قانداق قىلىمەن؟ بەك توڭۇپ كەتكەن تۇرسام....
بىزنىڭ بۇ يەردە سازەندىلەر بەك كۆپ. مانا ﻫازىرمۇ بىرى پارتىنى دۇمباق قىلىپ چېلىۋاتىدۇ. قاملاشسا - قاملاشمىسا چېلىۋېرىدۇ. بۇ يەردە ﻫەركىم ئۆزى بىلگەن پەدىنى چېلىپ يۈرىدۇ.
بېشىم ئاغرىپ كەتتى، دورام - ياتاقتا. نېمىشقا ئادەمنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرى دائىم يېنىدا بولمايدۇ؟!
نەدىندۇر تاراق - تۇرۇق ئاۋازلار ئاڭلاندى، چىقىپ باققۇم كەلدى. بىراق ئورنۇم بىلەن ياغاچ ئىشىكنىڭ ئارىلىقى يەتتە قەدەم.
ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاقنى ئانىسى قانداقمۇ بېقىپ بولالىسۇن؟ مەن ئۆزۈم 19 ياشلىق بوۋاققا ئوخشايمەن. باشقىلارنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلىپ بولالمىدىم.
بولدىلا يازماي، ناخشا ئېيتاي. مەن ناخشامد ا«باﻫار كەلگەن ئوخشايدۇ» دېدىم، لېكىن باشقىلار پەرۋا قىلمىدى، پەرۋا قىلغانلىرىمۇ ئىشەنمىدى، ئۆزۈممۇ ئىشەنمىدىم. لېكىن، باﻫار ﻫامان كېلىدۇ....
_________
تامام.
namsiz
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 110
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 189
يازما: 29
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
10- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-6-18 22:07
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
«تامام» دېگەننى كۆرۈپ دەرھال ئوقۇشقا كىرىشتىم ، ئوقۇپ بولۇپ بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمىنى ئاپتور «بېخىللىق » قىلىپ ئېلان قىلمىغاندەكلا ھېس قىلدىم . ئەسەرنىڭ تىلى ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ئىكەن . ئەڭ رازى بولغان يېرىم پۈتكۈل ئەسەردە ئىملا خاتالىقىنىڭ يوقلىقى بولدى . ئىملاسى توغرا ئەسەرنى ئوقۇسا نادىر تەرجىمە فىلىم «ئەسمەتخان» (پاكىستاننىڭ «مىراسىخور» دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ) نى كۆرگەندەك بەكمۇ ھوزۇرلىنىدىكەن كىشى .
34
1/4
1
2
3
4
››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
شېئىر
ئوبزور
تەرجىمە - تەرمىلەر
ناخشا تېكىستى
باشقۇرغۇچىلار رايونى
سەھنە ئەسەرلىرى
پەلسەپە
ئانا تىل
سىرلىرىم
بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:48
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى