ماۋزۇسى: ‏(رەپقەت غازى)‏‎ ‎ئۈرۈمچىگە قايتىش
rapketghazi
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 213
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 76
يازما: 4
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-6
ھالىتى: توردا يوق
‏(رەپقەت غازى)‏‎ ‎ئۈرۈمچىگە قايتىش

‎  ‎
ياۋروپادىن قايتىپ كەلدىم.‏
گۇاڭجۇدا توختاپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغاندىم، ئويلىمىغاندا توختاپ قالدىم. ئېنىقراقىنى ‏ئېيتقاندا بىر قىز ئۈچۈن توختاپ قالدىم. دېڭىز قىزى ـــ زەھرا بۇ شەھەردىكى قىزغا سالام دەپ قويۇڭ ‏دېدى. ئۇ دېگەن قىزغا تېلېفون قىلدىم. «مەن بۈگۈن شېنجېندا. ئەتە چۈشتە قايتىمەن» دېدى ئۇ. ئۇنى ‏تاماققا تەكلىپ قىلدىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنانىڭ تۈۋىدە، مەك دونالدنىڭ ‏ئالدىدا ساقلاۋاتقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپتىن چىقىپ كەلدى. ئۇ سول تەرەپىمدىن كېلىدىغاندەك ‏تۇيغۇدا ئىدىم. شۇنداق بولسا ماڭا ئەپلىكرەك بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ قايسى تەرەپتىن چىقىشى مېنىڭ ‏قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەستە ئاخىر.‏
ئالدىمدا مەن ئويلىمىغان، تەسەۋۋۇر قىلىشنى خالىمىغان (قىزلارنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېرىپ زېرىكىپ ‏كەتكەن ئىدىم)، تىپىك غۇلجا قىزى تۇراتتى. ئۇ سالماق، يېقىملىق سالام قىلدى. شۇ دەقىقىدە مەن «بۇ قىز ‏بىلەن ھىچ ئالدى-كەينىمگە قارىماي پۈتۈن ئۆمرۈمنى بىرگە ئۆتكۈزگەن بولاتتىم» دەپ ئويلىدىم. مېنى ‏ھىچبىر قىز مۇنداق تەڭلا سوغۇق ھاياججانغا ۋە ئۈزىل-كېسىل قارارغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. مەن ئۇزۇن ‏يىللار ئىنتىلگەن، بەلكى پۈتكۈل سەرگەردانلىق ھاياتىمدا يېنىمدا بولۇشىنى ئىستىگەن قىز مۇشۇ بولىشى ‏كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇ خالىسا ياۋروپاغا قايتىپ كەتكەنمۇ، ئەگەر خالىسا بۇ يەردە ياشاۋەرگەنمۇ ‏بولاتتىم. مەن ئۈچۈن نەدە ياشاش مۇھىم ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئاغىنەم لاغس بۇنى ئاڭلىسا مىيىغىدا ‏كۈلۈپ قويىدۇ. ئۇ «كەلگۈسى گۆزەل بولىدۇ» دەيدۇ. مەن «تۇرمۇش قىزغىنلىققا تولغان بولىشى كېرەك» ‏دەيمەن. ئۇ مېنىڭ قاتمال سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئاڭلاپ «سىلەردە مۇھەببەت مۇرەككەپ بولىدىكەن، جىق ‏نەرسىلەرنى چېتىۋالىدىكەنسىلەر» دىگەندى. ئەگەر ئۇ مېنىڭ بىر قىزنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك ‏بىللە ئۆتۈش قارارىغا كەلگەنلىكىمى بىلسە «سىلەردە مۇھەببەت كۆپ يەڭگىل بولىدىكەن» دىيىشىمۇ ‏مۈمكىن. گەرچە ئاغىنەم شەرقلىقلەردەك غايىپقا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن مېنىڭ تۇرمۇشتىن نىمىنى ‏كۈتىدىغانلىكىمنى چۈشىندۇ.‏
تاماققا باردۇق. ئۇ: «ئۇيغۇرنىڭكىگە بارامدۇق، تۈركنىڭكىگىمۇ؟» دېدى. مەن: «تاماق مۇھىم ‏ئەمەس، ئازادىرەك يەرگە بارايلى» دېدىم. رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەھۋەخانىغا كىرىپ بىرنىمە ‏ئىچىپ، تاماققا ئاندىن كىرمەكچى بولدۇق. ئۇ تەمكىن، سەمىمىي قىز ئىدى. ماڭا مەكتەپتە ‏ئوقۇۋاتقاندىكى قىزقارلىق ئىشلار ۋە ئائىلىسى توغرىلىق سۆزلەپ بەردى. «ئاپام يالغۇز. يېنىغا ھەمرا بىر ‏قىز تۇرغۇزۇپ قويايلى دېسەك، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم قىلالايدىغان تۇرسام، خەقنىڭ بالىسىغا ‏قاتتىق-قۇرۇق بولۇپ قالسا يامان بولىدۇ. ئادەم ئىشلىتىش ياخشى ئىش ئەمەس، دەپ ئۇنىمايدۇ» دېدى. ‏مەن ئىمانلىق ئائىلىدە چوڭ بوپتۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇ: « غۇلجا چۆلدەرەپ كەتتى. ياشلار چېكىپ توزۇپ ‏كەتتى» دېدى. مەن ھەر كۈنى پىيادە ماڭغان كۆك كۆۋرۈكتىن ۋالىي مەھكىمىسىگىچە بولغان دەرەخلىق ‏يول، روس قۇلۇبىدىكى قايناق توي مەرىكىسى، ئەخمەتجان كوچىسىدىن چىقىپ كەلگەن مەدەنىي، ‏بايۋەتچچە يىگىت ۋە ئۇنىڭ سۈيۈملۈك ئايالى (شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇلارغا قالتىس مەسلىكىم كەلگەن ۋە ‏غۇلجىلىق دېگەن مۇشۇنداق بولىشى كېرەك دەپ ئويلىغان)، ۋاڭ قادىر بېغى خاتىرە سارىيىدىكى ئۆتكەن ‏زاماندىكى كىشىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئېرىقتىكى سۈزۈك سۇلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئاندىن غەمكىن، ‏غۇۋا غۇلجا شەھىرىنى خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم. ئاپتاپ چاققان، سايىۋەن دەرەخلەر ‏كېسىلگەن‎ ‎غۇلجا شەھىرىگە بولغان تۇيغۇم ئالدىمدا ئوتقاشتەك يۈرۈپ، بىر مەھەلدىن كېيىن ئۈن-تۈنسىز ‏توي قىلىپ كەتكەن قىزلارغا بولغان ئەسلىملىرىمگە ئوخشايتتى.‏
ئۇ: «ئۈرۈمچى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۆتكەن يىل بىرسى مېھمان قىلدى، كارائوك ئېيتقىلى ئاپاردى. ‏قىز بولۇشۇمغا قارىماي سورۇنغا ھەمرا بولىدىغان قىزلارنى چاقىردى. مەن خاپىلاپ چىقىپ كەتتىم. ‏گۇاڭجۇدا ئۇنداق ئەمەس. ئەقەللىسى چوڭلار بار سورۇنغا بارساقمۇ كىيىم-كىچەككە دىققەت قىلىپ ‏بارىمىز» دېدى. ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتمىدىم. ئادەمدە شۇنداق ئەۋزەللىك ‏پىسخىكىسى بولىدۇ. ئەنگلىيىدىكىلەر ئەنگلىيىنى داڭلايدۇ. فرانسىيىدىكىلەر فرانسىيىنى داڭلايدۇ. ‏گېرمانىيىدىكىلەر گېرمانىيىدىن باشقا ھىچ يەرنى ياراتمايدۇ، خۇددىي بۇ يەرلەر خاس ئولارغا تەۋەدەك، ‏ئۇلار بۇ دۆلەت-شەھەرلەرنى قۇرۋاتقاندەك. ئەمىليەتتە ئۈرۈمچىدە ياشىمىغانلىق بىلەنلا ئۈرۈمچى ۋە ‏ئۈرۈمچىدىكىلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن بولىشى ناتايىن ۋە گۇاڭجۇنىڭ ئۇنچىلا «ئۇنداق ئەمەس» بولىشىمۇ ‏ناتايىن. دۇنيانىڭ نەرىدە «بۇزۇلمىغان» يەر بار؟ بىدئەتلەرنى دېمەيلى، لوندوندىكى بېنگلادېشلىقنىڭ ‏‏18 گە كىرگەن قىزلىرى ياغلىقنى چۈمكەپ كىيىپ، نەۋرە ھەدىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۆيىدىن چىقىپ ‏خەقنىڭ ئۆيىدە بەڭ چېكىدۇ، ئىچىدۇ، قارىلارنىڭ رەپ مۇزىكىسىنى تىڭشايدۇ. دوھا ئايرىدرۇمىدىكى ‏ئەرەب چالا قالغان ۋىسكىنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىپ كۈتكۈچىنىڭ توسۇشىغا ئۇنىماي ئىچىۋېلىپ ‏جىدەللىشىدۇ...ئۆز يۇرتىدىن ياتلىشىش تۇيغۇسى ئەمىليەتتە ئۆزىدىن  ياتلىشىىشىنڭ ئىپادىسى. بۇ خىل ‏ئۆزلىكىدىن ياتلىشىش ئادەمنى تېخىمۇ كىرزىسكە پاتۇرىدۇ.‏
‏ بىز تاماق يىمىدۇق. ئۇ مېنى بالدۇرلا تاكسىغا سېلىپ قويدى. مەن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندىم.‏
ئەستايدىل بولاي دىگەنچە، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپلا ئۈچ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدىم: بىرسى ‏ئۇيغۇرچىلىقتىن، بىرسى جۇڭگۇچىلىقتىن ۋە يەنە بىرسى ئۆزۈمنىڭ شورىدىن بولدى. ئەلۋەتتە كىچىككىنە، ‏ئەرزىمەس بولسىمۇ بۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگەن بولسام ياخشى بولاتتى. ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بەرگەن ‏سەئۇدىلىق ھاجىم كالامپايلىق قىلماسلىقى، ئۇ قىزنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلماسلىقىم، ‏تاكسىدىن چۈشكەندە ئىشىكىنى ياپماستىن ئۇ قىزنىڭ چۈشىشىنى ساقلاپ تۇرىشىم كېرەك ئىدى. ياكى بۇ  ‏ئاۋارچىلىقلار باشقا چاغدا بولسا مەيلىدى، لېكىن بىر قىز بىلەن، يەنە كېلىپ دەل مېنىڭ قىزلار توغرىسىدكى ‏ئابستراكت تۇيغۇمغا يېقىن بولغان قىز بىلەن قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغاندا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ‏بەلكى ئۇ تۇرمۇشنىڭ مۇشۇنداق تاسسادىپىيلىققا، نامەلۇملۇققا تولغانلىقىنى، بەلكى شۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ ‏ھامان كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەر. مەن تاكسىدا كېتۋېتىپ «بوپتۇ» دېدىم.‏
گۇاڭجۇ چوڭ، شاۋقۇن-سۈرەنلىك، تۇمانلىق، نەم، قىستاڭ  شەھەر ئىدى. ماڭا جۇڭگۇنىڭ ‏ھەممە شەھەرلىرى ئوخشاش ئىدى. مېنىڭ سىرتقا چىقىپ بۇ شەھەرلەرنى ھىچ ئايلانغۇم يوق. مەن ‏مۇسكۋادىن كېلىدىغان ئافغان سودىگەرنى ساقلىغاچ ھەشەمەتلىك شاپتۇلزارلىق قوروسىدىكى كەڭ ‏ئۆينىڭ بالكونىدا سىم-سىم يامغۇر ئىچىدىكى گۇاڭجۇ شەھىرىگە ـــ پەستىكى گۆزەل پالما دەرىخىگە، ‏ئۇنىڭ ئاستىدىكى گۈللۈككە، گۈللۈكتىكى شاقىراتمىغا، فونتانغا ۋە يىراقتىكى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان ‏ھەيۋەت بىنالارغا نەزەر سالاتتىم. مەن جىددىي كېلىپ، گۇيا جەنۇبىي ياۋروپادا دەم ئېلۋاتقاندەك بىر ‏تۇيغۇدا، بىر تۇرۇپ قاپسىلىپ قالغاندەك سىقىلىش ئىچىدە ئىدىم. بۇ كۈنلەردە ئۇ قىز ئالدىراش ‏ئىشلەيتتى.‏
‏        سەيشەنبە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ: «شەھىرىڭىزگە ناتونۇش بىز. چەت ئەلگە ‏ماڭىدىغانلارنى ئۇزىتىپ يۈرمەي، قايتىپ كەلگەنلەرنىمۇ قارشى ئېلىپ قويۇڭ. بۈگۈن ئامېركىدىن دىپلوم ‏كەپتۇ. ئاغىنەم ئولتۇرۇش قىلىپ تەبرىكلە دېدى. شوڭا تەبرىكلىشىپ بېرىدىغانغا سىىزنى چاقىردىم» ‏دېدىم. ئۇ: «ياخشى بوپتۇ. ئۇنداق بولسا ئوبدانراق تەبرىكلەپ قويساق بولغۇدەك. نەگە بارىمىز؟» دەپ ‏سورىدى. كەچتە ئىگىز بىنالارنىڭ قورشاۋىدىكى تار يولدا ماڭغاچ ئىتالىيان رېستۇرانىغا باردۇق. ‏ئەمىليەتتە يول تار ئەمەس ئىدى. مەن شۇنداق ھىس قىلاتتىم. بۇ ئىگىز بىنالارنىڭ مېنى ياتسىرتىشى ۋە ‏مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تار يولدا مېڭىشنى خالىشىمدىن ئىدى. ئۇ    ئىشخانىسىدىن ھۆججەت خالتىسىنى ‏قولتىقىغا قىستۇرۇپ چىققان ئىدى. ‏typical office clerk‏ (تىپىك ئىشخانا خىزمەتچىسى) دېدىم مەن ‏ئۇنىڭغا. لوندون پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدىكى كۈچلۈك خىزمەت روھىغا ئىگە ئاياللار بىر قولتۇقىدا ‏ماتىريال، بىر قولىدا تېلېفون ئەنە شۇنداق ئالدىراش چىقىپ كېلەتتى.  ئاندىن ئۇنىڭ ھۆججەت ‏خالتىسىنى كۆتىرۋالدىم.‏
ئۇ كۈتكۈچى قىزغا يۇمشاق كانتون تەلەپپۇزىدا‎①‎‏ گەپ قىلدى. ئۇ خەنزۇچە ئۇقۇغان بولسىمۇ ‏ئۇيغۇرچىگە راۋان ئىدى. ئەلۋەتتە ئاسمان تىلنى بىلگەندىمۇ، ئۇيغۇرچىدىن ھوزۇرلىنالمىسا بەرىبىر ‏ئىدى. «تاماق يىمەي، تېلېفون يەيدىغان قىزكەنسىز. ئېلىڭە»، تەخسىسىگە سالاتتىن بىر ياپراق سېلىپ ‏قويدۇم. «كەچۈرسىز، خىزمەت ئىشى. شۇ، مۇشۇنداق ئىشلەيمىز...» دېدى ئۇ. «ئاكسىيىگە قىزىقامسىز؟» ‏مەن «ياق» دېدىم. ئۇ ئاللىكىملەرنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ پۇل تېپىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بېيجىڭ ‏،شاڭخەيلىكلەر سىرتنىڭ ئادىمىنى چەتكە قاقىدۇ، لېكىن جەنۇبلۇقلار ئۇنداق ئەمەس» دېدى. ئاندىن ‏خىزمەتداشلىرىنىڭ، باشلىقىنىڭ، جەنۇبلۇق خەنزۇلارنىڭ گېپىنى قىلدى. «بۇ يەردە تەس. بۇلار 38-39 ‏ياشقىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، تىرشىپ ئىشلەپ پۇل يىغىپ، ئاندىن توي قىلىدۇ... خىزمەتتە ‏باشقىلارنىڭ شەخىسى تۇرمۇشىنى سورىمايمىز. توغۇلغان كۈنى بولسا بېرىپ ئويناپلا قايتىپ كېلىمىز. ‏مېھماندارچىلىق بولسا ھەمىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى تۆلەيمىز... باشلىقىم تۇرمۇشىنى ئاددىي، سۈپەتلىك ‏ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھاراق ئىچمەيدۇ. ئىشقا ۋاقتىدا كېلىدۇ. دەم ئېلىشلاردا چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ...» ‏گۇاڭجۇلۇقلار قانداق ياشىسا مەيلى. لېكىن بىزنىڭمۇ ئۆز ياشاش مەۋقەيىمىز بار. مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ‏دىققەت بىلەن ئاڭلايتتىم. ئۇنىڭ نازۇك ئەينەك ئىستاكاننى تۇتۇپ، يانچە قاراپ ئولتۇرغان قىياپىتى ـــ ‏قىسقا، ئىگىز بۇرنى، مىيىقىدىن سىرغىپ چۈشكەن سەبىيلىك، تىنىق كۆزلىرى، بېشىنى سەل يانغا تاشلاپ ‏پەسكە بېقىشلىرى ھوللىۋۇد چولپىنى جۇلىيە روبېرتسنىڭ لاتاپەت ۋە مېھرىۋانلىقىنى ئەسلىتەتتى. مەن: ‏‏«سىز سۈيۈملۈك قىزكەنسى» دېدىم، ئاندىن ئۇ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىرەن قىلمىدى دەپ ئويلىدىم. بىز ‏باشقا يەرگە بارماقچى ئىدۇق، يامغۇردا ماشىنا توسقىلى بولمىدى. رېستۇراندا ئولتۇرىۋەردۇق. ئۈن-تىنسىز ‏يامغۇرنىڭ ئەينەك دەرىزىگە ئۇرۇلىشىغا زەن سالدۇق. ماڭا يامغۇر توختىمىسا، رېستۇران تاقالمىسا، ‏كېچە تاڭ ئاتمىسا بولاتتى. مەن ئۇنىڭغا رىمنىڭ ئارقا كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگەن يامغۇرلۇق ئاخشام ‏ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىم توغرىلىق بايان قىلىپ بەردىم. بىز سائەت نۆلدە قايتتۇق.‏
بۇ شەھەردە مېنى جەلپ قىلدىغان ھىچنىمە يوق. مەن ئۆيدىن چىقماي، موسكىۋالىقنى ‏ساقلىغاچ دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ قويىمەن.‏
يامغۇر ياققان سەيشەنبە سەھەر ئۇنىڭغا گۈل، ئاتكىرتكا ئەۋەتتىم. «شەرقىي ۋوگزال، 46-قەۋەتتىكى ئەڭ ‏گۈزەل قىزغا ئاپىرىپ بېرىسەن» دىسەم گۈلچى بالا كۈلۈپ قويدى. ئۇ بالىنى تاكسىغا سالالماي، بىر باغلام ‏گۈلنى تۇتقانچە يامغۇرغا چىلاشتىم. تۇنجى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ياخشى كۆرگەن قىزغا ئېلىپ ‏بېرەلمىگەن بىر تال گۈل، ياۋروپا سەھرالىرىدا شامالدەك كەزگەن تەنھا ئاي- يىللار، مەپىگە قېتىلغان ‏ئاتلارنىڭ نەم سەھەردىكى تاراسلىغان تۇياق ئاۋازى،ئورمانلىقتىكى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى‎②‎‏ كۆز ‏ئالدىمدىن ئۆتتى. مەن مۇھەببەت ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئىدىم. ‏
بۈگۈن مەن كۆڭلۈمنى كۆتۈرگەن قىزغا گۈل سوۋغا قىلاتتىم. يارقىن تۇيغۇلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەيتتىم. ‏گۈلچى بالا كەتتى. يۈزۈمنى يامغۇرغا تۇتۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. ‏
ئاتكىرتىغا مۇنداق يازغان ئىدىم:‏
‏«سۈيۈملۈك ئارزۇگۈل:‏
‏      يالغۇز ياشاشقا ھايات بەك قىسقا. سىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىمەن.‏
‏      ئۇرنى: سۇلتان رېستۇرانى،  ئاق بولۇت مېھمانخانىسى، شەرقىي ئايلانما يول 367-نومۇر.‏
ۋاقتى: كەچ سائەت 6:00 دە.»‏
‏      چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭدىن خەت كەلدى:‏
‏«گۈلىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم، رەخمەت‎!‎‏ سىز ئەۋەتكەن گۈللەرنىڭ تىلەكلىرى ئاستىدا بۇ خىزمەت ‏ئۈستىلىم تېخىمۇ گۆزەل تۈسكە كىردى! كۆپرەك ئەۋەتىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، تاماققا تەكلىپ ‏قىلسىڭىز مۇشۇ يۇسۇندا قىلارسىز! بۈگۈن كۆرۈشۈشكە چىقالمايدىغانلىقىمدىن كۆڭلىزنى يېرىم قىلماڭ، بۇ ‏تېخىمۇ كۆپ گۈللەرنى تەمە قىلشىمدىندۇر، خىزمەت ۋاقتىمدا ماڭا ھەمرا بولۇشى ئۈچۈن!‏
‏      تۆنۈگۈن قىزىق بولدى، گۇاڭجۇ چوڭ، لېكىن ئادەملەر ئەشۇنداق ئۇچرشىپ قالىدۇ. يالغۇز ‏كوچا ئايلىپ نىمە تەسىراتتا بولدىڭىز؟ بۇ شەھەرنى قانداق ھىس قىلدىڭىز؟ ئۆزىڭزىنى ئاسراڭ.»‏
‏   كەچتە ئۇنىڭغا خەت قايتۇردۇم:‏
‏   «قەدىرلىك ئارزۇگۈل:‏
ئەلۋەتتە سىزنىڭ لاتاپەتلىك كۈلۈمسىرىشىڭىز ئۈچۈن كىچىككىنە خوشاللىق ئەكىلىش مېنىڭمۇ ‏خوشاللىقىمدۇر.‏
‏      گۇاڭجۇدىكى كۈنلىرىم خۇددىي ساياھەتتە يۈرگەندىكىدەك غەمسىز، ئەركىن... بىراق يۇمشاق ‏كىرىزىس تۇيغۇسى بىلەن. مەن ياۋروپادىكى ئاغىنىلىرىمگە بۇ شەھەرنى مۇنداق تەسۋىرلەپ بەردىم: بۇ ‏شەھەر ـــ رېستۇرانلار، ئۆيلەر، ئىشخانىلار، مېترو، سودا-سارايلار ـــ شۇنچىلىك يوغان ۋە زامانىۋىكى، ‏جۇڭگۇلۇق بولساممۇ مەن چېغىمدا بۇنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمايمەن. ئۇلارنى ئىدراك قىلماق تەس. ‏ھەممە نەرسە يېڭى ۋە پاكىز، شەھەر پەقەت بىتون ۋە گلاستىن قۇرۇلغان. ھەممە يەرنى سانجاق-سانجاق ‏ئاسمان پەلەك بىنالار قاپلىغان. بىنالارنىڭ ئىگىزلىگى ۋە بوشلۇقنىڭ تارچىلىقىدىن ئادەم ئۆزىنى خۇددىي ‏يەر يۈزىگە قىستاپ-نىقتىلۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇ شەھەرنى جۇڭگۇنىڭ باشقا ‏شەھەرلىرىگە قارىغاندا ياخشى كۆرىمەن، بىراق بىردىن-بىر مەسىلە بۇ يەردە ئادەملەر ھەددىدىن زىيادە ‏كۆپلىكى، خۇددىي سۈۋەرەككە ئوخشاش. بۇ مېنى بىئارام قىلىدۇ. ( بۇنداق تەسۋىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم، ‏بىراق ئۇ راست.)‏
مەن ھاياتىمنى تىزگىنلەشنى بىلىمەن. مەن سەھرادىكى بىر توپ قوينى بېقىشتىن تارتىپ گېرمانىيە ‏قەلئەلىرىدىكى ھەشەمەتلىك سورۇنلارغا قاتنىشىش، شوتلاندىيە دالاسىدا گولف توپ ئويناش، لوندوننىڭ ‏ئەتىگىنىدىكى جىددىيچىلىك ۋە ياكى قۇياش نۇرى ئاستىدىكى رىمدا سەيلە قىلىش...لارغىچە ‏كۆڭۈل-كۆكسۈمدىن ئۆتكۈزدۈم. يات شەھەردە كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا تاققابىل تۇرۇشقا چاممام يېتىدۇ. ‏
ئەلۋەتتە گۇاڭجۇ قايناق شەھەر ۋە (مەن كۆرگەن جۇڭگۇنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن) يېشىلچىلىققا ‏تولغان شەھەر. بىراق ئۇ ماڭا ياۋروپادىن بەكراق يات. تەلىيىمگە سىز ماڭا بۇ شەھەرنى ئىسسىتىپ ‏بېرىۋاتىسىز! شوڭا بۇ يەردە بەلەن تۇرۋاتىمەن. ئەگەر سىز بولمىغىنىڭىزدا ئىدى، بۇ شەھەر نەقەدەر ‏زېرىكىشلىك بولغان بولاتتى ۋە مەن بىر مىنۇتمۇ تۇرمىغان بولاتتىم.» ‏
بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنى قايتا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ يەنە ھۆججەت خالتىسىنى قولتىقىغا ‏قىستۇرغانچە ئىشىخانىسىدىن چۈشتى. «تۈرك رېستۇرانىغا بارايلى» دېدىم. ئۇ: «يەرمەنكە ۋاقتى، ‏تۈركنىڭ رېستۇرانلىرىدا بەك ئۆچرەت ساقلاپ كېتىمىز» دېدى. ئاندىن كورىيە رېستۇرانىغا باشلىدى. ئۇ ‏يەنە تۈركىيەدىن كەلدى دەپمۇ بىر دوستىنى باشلاپ چىقتى. مەن ئۇنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ‏ئىدىم. مېنىڭ مۇنداق جىق قىزلار بىلەن تونۇشۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۈگۈن قاتتىق زۇكام ئىدىم. ‏زۇكام بىلەن قوشۇلۇپ  «كورىيە رېستۇرانى» دىگەن سۆز ۋە ئۇنىڭ «دوست»نى باشلاپ چىقىشى مېنى ‏بىردىنلا بوشاشتۇرۋەتتى. بۈگۈن كەچنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغاندىم. مەن ئاستا، ‏ئىشتىھاسىز تاماق يىدىم. بەلكى ئەتە ئۈرۈمچىگە كېتىدىغان بولغاچقا، بەلكى بۇ قىز بىلەن ئىككىنچى ‏ئۇچراشمايدىغان بولغاچقا ناھايىتى جىق گەپلەرنى قىلغانمۇ بولاتتىم، لېكىن ئۈندىمىدىم. ئاخىر شۇنچە ‏جىق گەپلەرنىڭ نىمىگە زۆرۈريىتى بار؟ ماڭا كېرىكى كۆڭۈل-قەلب. ‏
ئۇ كەچتە يەنە ئىشلەيتتى. خوشلىشىدىغاندا ئۇنىڭغا: « مەن بىلەن ئاسمىنى كەڭ يەرلەرگە ‏كېتىڭ» دېدىم. كەڭ دىسە ھەممىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئاسمىنى كەڭ ئىدى. ئۇ: «بۇنداق گەپلەرنى تېلېفوندا ‏دىيىشسەكمۇ بولىدىغۇ» دېدى. قىزلار شۇنداق گەپ قىلاتتى. بۇنداق گەپلەرنى تېلېفوندا دىيىشىدىغان ‏بولسام يەتتە يىلدا ئون يەتتە قىز بىلەن دىيىشىپ بولغان بولاتتىم. تېلېفوندا مۇھەببەتلىشىدىغان مەزگىل ‏ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. «پاسپورتىڭىز باردۇ؟» «بار.» « سىزمۇ ھامان بىر تۇرمۇشنى تاللايسىز، مەنمۇ شۇ. ‏ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئەڭ ياخشىسىنى تاللايمىز.  مەن سىزنى تاللىدىم. ياۋروپاغا كېتەيلى. ئەگەر ‏خالىمىسىىڭىز، سىز ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرۇپ قالساممۇ بولىدۇ. ئۆزىڭزىگە بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ ۋە ئويلىنىپ ‏كۆرۈڭ.» ئۇ «ھە» دېدى. ئۇ ھۆججەت خالتىسىنى يەنە شۇ پېتىچە ئىشخانىسىغا ئەپچىقىپ كەتتى. ‏بۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا  ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتىم. نىمىشقا مۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەم چۈشەنمەيتتىم.‏
مېترودا كېتۋېتىپ مېنى قاتتىق ئۇيقۇ باستى. ناھايىتى ھارغىن ئىدىم. قىزلار ئادەمنى ئەنە شۇنداق ‏ھاردۇرۋېتەتتى. لېكىن مۇھىم بىر ئىشنى ئورۇنلاپ بولغاندەك ئازادە ئىدىم. ئەمدى ئۇنىڭ ھە دىيىشىمۇ، ‏ياق دىيىشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ھە دىسە ياكى ياق دىسە ئۇ بۇنى مەن ئۈچۈنلا قىلمايتتى. ئەگەر ماقۇل ‏كۆرسە ناھايىتى سۈيۈنگەن بولاتتىم. بىز قايناق، رەڭدار تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. مەن ئۇنڭىغا جاھاننى ‏كۆرسىتەتتىم. بىز گرىتسىيەگە بېرىپ ھومېرنىڭ تاشقا ئويۇلغان جەڭنامە تەسۋىرلىرىدىن قەدىمقى ‏گرىكلارنىڭ ئىلاھلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى ھىس قىلاتتۇق. لاپلاندقا بېرىپ قۇتۇپ يۇرىقىدا بوغىلار ‏قوشۇلغان چانىغا ئولتۇراتتۇق. خوتەنگە بېرىپ گۆش گىردە يەيتتۇق. جىددىي ئىشلەيتتۇق. بالىلىرىمىز ‏بولاتتى... ياق دىسە ئۇمۇ مەيلى. ئۇ چاغدا ئۇ ماڭا باشقا قىز بىلەن تامامەن باشقىچە ياشاش پۇرسىتى ‏يارتىپ بېرىدۇ. مەن قىزلارنى كۆپ ئارزۇلىغان. ئاندىن سەرگەردانلىق ھاياتىمدا ئاستا-ئاستا پۈتمىگەن ‏ئىشلارغا «بوپتۇ» دىيىشنى، ياق دېگەن قىزلارغا «ھىچقىسى يوق» دىيىشنى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشنى ‏ئۆگەنگەن. ئۇلار مېنى باھاردا ئېقىمغا قارشى ئۈزگەن بېلىقلارغا ئوخشاش ھەممىنى ئارقامغا تاشلاپ ‏داۋاملىق ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە قىلدى. تۇرمۇش شۇنداق بىر ئېقىن. مەن ھاياتنىڭ قاينام-تاشقىىلىرى ‏ئىچىدە ئۇنىڭ سۈزۈك، تېنچ قىرغاقلىرىنى ئىزدەيمەن.‏
بىر قىز بىلەن ساغلام، مۇۋەپپىقيەتلىك سۆھبەت قۇرماقنىڭ نەقەدەر قىيىن بولىدىغانلىقىنى بارغانچە ‏ھىس قىلۋاتاتتىم. مەن سۆھبەتنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەتتىم. بىراق قىزلار بىلەن سۆھبەت چېچىلاڭغۇ، تاق ‏لىنىيىلىك، يەڭگىلتەك داۋام قىلاتتى. بۇلاردىن يېنىشلاپ رايىم قايتسىمۇ، كۆڭلۈم يەنىلا توق ئىدى. بىر ‏قىزنىڭ ياق دىيىشى مېنى چۈشكۈنلۈككە سېلىپ بولالمايتتى. گەرچە بۇ قىز تېخى ئېنىق ئىپادە ‏بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ. مەن ئىتالىيىدىن ئالغان ئاياقلار قانچىلىك قىممەت، قانچىلىك مودا بولىمسۇن ‏موسكىۋالىق خېرىدارلار ئۈچۈن پەقەتلا بىر تال ئاياق بولغىنىدەك، بىر قىز پەقەتلا بىر قىز. مەن ئاستا-ئاستا ‏قىزلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىن بۇ خىل باش-باشتاقلىق، باش-ئۇچسىز پەرۋاسىزلىقنىڭ  پەقەتلا بىر ‏قىزنىڭ  مەسلىسى ئىكەنلىكنىنى ،ھەرگىزمۇ لكىرزىس ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.‏
گۈلچى بالىغا يەنە ئاتكىرتكا قالدۇردۇم:‏
‏   «سۈيۈملۈك ئارزۇگۈل، ئىشلار ھامان ئۆزگىرىشى كېرەك، ھاياتمۇ ھەم. ماقۇل كۆرسىڭىز بىز بىللە ‏گۆزەل ۋە ھارمونىيىلىك تۇرمۇش بەرپا قىلايلى.»‏
‏«ھەممە ئىتنىڭ بىر كۈنى بار»‏‎③‎‏ دېدىم ئۆزۈمگە. ئاندىن مېنى ئۈچ ھەپتە توختاتقان نەمخۇش، ‏يات شەھەردىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتتىم. ھەممە ئادەمنىڭ شورى ئۆزىگە.‏
   
   2007-يىلى ‏21-ئاپرىل، گۇاڭجۇ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
‎①‎‏ خەنزۇ تىلىنىڭ گۇاڭدوڭ دىئالېكتى يەنى يۆيۈ (‏粤语‏) نى خەلقارادا «كانتون تىلى» دەپ ئاتايدۇ.‏
‎②‎‏ بۇ ‏enigma‏ (سېھىر)‏‎ ‎دېگەن مۇزىكا پلاستىنكىسىنى ئاڭلىغاندا  كۆز ئالدىمغا كېلىدىغان ئىماگلار.‏
‎③‎‏ ئىنگلىز ماقال-تەمسىلى. ئەسلى‎ Every dog has it’s day ‎بولۇپ، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا پۈرسەت-ئامىتى بار دىگەن مەنىدە.‏

ئۈستىگە قايتىش
namsiz
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 110
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 189
يازما: 29
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يېزىلغان ئېسىل ئەسەركەن بۇ ....
رەپقەت ئەپەندى ، ئۆزلىرىنىڭ «ياۋروپادىكى ياۋا يىللار» دېگەن ئەسەرلىرىنى http://www.sahawet.com دا كۈتۈپ كۆزىمىز تۆت بولدى ، قاچانلاردا يۈز كۆرۈشەرمىز ئۇ ئەسەرلىرى بىلەن ؟

ئۈستىگە قايتىش
hellolife
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 97
نادىرلىرى: 18
جۇغلانما : 305
يازما: 73
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
رەپقەتكا، سالامەت تۇرۇپسىز!
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇش ئاسانكەن، يەڭگىل ۋە ئازادە كەيپىيات ئىچىدە ئوقۇيدىكەنمەن. لېكىن سىزنى ھېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.... [s:2]
داۋامىنى كۆرسەم دەيمەن.

ئۈستىگە قايتىش
ozhal
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 225
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 86
يازما: 34
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-10
ھالىتى: توردا يوق
  رەپقەت سىزگە سالام .
ئىككىمىزنىڭ قىزلارغا بولغان تەلپۇنۇش ھىسياتمىز ئوخشىسىمۇ ئىپادىلىشمىز ئوخشىمايدۇ دە .

ئۈستىگە قايتىش
tahirhamut
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 87
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 301
يازما: 99
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
ئۆزھال، قېنى،ئاشۇ قىزلارغا بولغان تەلپۈنىشىڭىزنى بىر يازمامسىز،كۆرۈپ باقايلى.بولۇپمۇ توي قىلغاندىن كېيىنكىسىنى.

ئۈستىگە قايتىش
Erturk
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 243
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 95
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-14
ھالىتى: توردا يوق
مۇنداقمۇ ئىشلىرىم بار دەڭ تېخى، بىر قىزنى مۇنداقمۇ ئاسان ياخشى كۆرۈپ قالغان بارمۇ-ھە!
ھازىر نەدە سىز، خەۋىرىڭىزنى بىلىپ تۇرايلى.

ئۈستىگە قايتىش
ozhal
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 225
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 86
يازما: 34
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-10
ھالىتى: توردا يوق
توي قىلغاندىن ئايالىمغىلا تەلپۇنۇپ كىلىۋاتىمەن . باشقا قىزلار غا بولغان يامان نىيەتمۇ يوق ئەمەس بىراق ھازىر خوشياقمايدىكەن ياكى بۇرۇنقىدەك بەدەل تۆلەپ ئاۋارىچىلىق تارىتساقمۇ ماقۇل دەيدىدىغان ھسىيات بىزدە قالماپتۇ .
شۇڭا مەن يازماي يەنىلا كۆرەي . بويتاقلارنىڭ قىز ھەققىدىكى خاتىرىلىرىنى

ئۈستىگە قايتىش
Kartanisi
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 334
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 68
يازما: 9
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-22
ھالىتى: توردا يوق
بەكمۇ ھوزۇرلاندىم. ئەسەرنىڭ تىلى تولىمۇ يىقىشلىق، راۋان. << چىڭگىزخان >> ترىلوگىيىسى، << بابۇرنامە >>، ۋە << قۇم باسقان شەھەر >>لەرنى ئوقۇغان چاغدىكى ھېسسىياتىمغا قايتقاندەك بولدۇم. رەپقەتكامغا كۆپ رەھمەت!





مەن ئادەم ئەمەس، پىچاقمەن!
ئۈستىگە قايتىش
qasimjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 326
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 313
يازما: 100
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-20
ھالىتى: توردا يوق
خاتېرىلەر ئۈزۈلمىگەي...





   قاسىمجان ئوسمان غازى
ئۈستىگە قايتىش
manggutax
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 727
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 15
يازما: 14
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-1-4
ئورنى: شىنجاڭ ئاتۇش
ھالىتى: توردا يوق
ياخشىمۇسىز، رەپقەت ئاكا؟
سىزنىڭ ئەسەرلەرىڭىزنى تودا كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم، تور ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتقان <ئىجادىيەت> تور بىكىتى مۇنازىرە مۇنبىرىدە سىزنى ئۇچىرىتىپ قالىمەن دەپ ئويلىمغان ئىدىم.
سىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرىڭىزگە بىز ھەر ۋاقىت تەشنا.

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 23:58
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى