
كۆيۈشكەن تېرەكلەر،قۇرىغان گۈللەر،
يۈرەكنى قۇرۇتتەت غاجايدۇ تىنماي.
ئەركەكلەر قېنىدىكى خۇمارلىق ئازاب،
قەپەزگە سولانغان ناتىۋان تورغاي.
تەلۋە بىر ئايالنىڭ پاكىزلىقىدەك،
رېئاللىق ۋەسلىدە قاينايدۇ خورلۇق.
كىمگىدۇر ئېسىلىپ يىغلىۋال مەيلى،
شۇندىمۇ بىر تېمىم چىقمايدۇ ھاردۇق.
قاسساپتەك تىغ تۇتۇپ ياشىغۇڭ كېلەر،
سېغىنىپ قالىسەن ئەركىڭنى بەلكىم.
ئادەملەر كۆنۈپ كەتكەن شۇنداق ياشاشقا،
تۇرمۇشنىڭ قەھرىمانى بولالماس ھېچكىم.