گۇما كىلىياڭ مەشرىپى
(تېلېۋىزىيە فىلىمى سىنارىيىسى)
ئاپتورى:تاھىر ھامۇت
مۇقەددىمە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قاراقۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك موھىت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان قاراقۇرۇم ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ياراتقان.
ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر بولغان قەدىمىي كارۋان يولى –لاداخ يولىدىكى موھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان دىيارىمىز بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرغان ھەرخىل باردى- كەلدىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن . بۇ يىزىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان ، بۇخىل ئەنئەنە «كىلياڭ مەشىرىپى» دەپ ئاتالغان مەھەللىۋى ئۇنۋېرسال سەنئەت پائالىيتىدە بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا ئىزچىللىشىپ ماڭغان .
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇما ناھىيسنىڭ قوشتاغ يىزىسىدا ئۆتكەن شائىر ۋە خەتتات ئىسمايىل ھاجىمنىڭ دالالىتى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى ،ئالىم،ئاتاقلىق شائىر ۋە ماھىر تېۋىپ ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى قاغىلىقتىن كىلياڭغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان. بۇ مەزگىلدە ئىسمايىل ھاجىم ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەجەللى ھەزرەتلىرىگە بولغان چۇڭقۇر ۋە سەمىمىي ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن .
بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىلياڭ مەشرىپى ئەنە شۇ ئىسمايىل ھاجىمنىڭ تەجەللىنىڭ شەرپىگە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئائىلە مەشرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەندى.
ۋاقتى: 1920-يىللارنىڭ ئاخىرى.
ئورنى:گۇما ناھىيە كىلياڭ يېزىسىدىكى ئىسمايىل ھاجىمنىڭ قورۇسى.
1
【ئىسمايىل ھاجىنىڭ پىشايۋانلىق قورۇسىغا مەشرەپ ئىشتىراكچىلىرى توپلانغان بولۇپ،پىشايۋان ئاستىدىكى سۇپىنىڭ سول تەرىپىدە تەجەللى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئورۇن ئېلىشقان،ئىسمايىل ھاجىم سۇپنىڭ لېۋىدە ئولتۇرىدۇ؛سۇپىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىلياڭ ئەلنەغمىچىلىرى ۋە خەلق سەنئەتكارلىرى ئورنى-ئورنىدا ئولتۇرۇشقان؛ھويلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئاياللار،ھويلىنىڭ سول تەرىپى ۋە پىشايۋاننىڭ ئدۇل تەرىپىدە ئەرلەر ئولتۇرۇشقان ياكى ئۆرە تۇرۇشقان.】
ئىسمايىل ھاجىم: (ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم مېھمانلار! بۈگۈن كەمىنە ئىسسمايىل ھاجى ھۆرمەتلىك ئۇستازىم تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ كىلياڭ دىيارىغا يەنە مېھمان بولۇپ كەلگەن شەرىپىگە ئاتاپ بۇ مەشرەپنى تۈزدۈم. پېقىرنىڭ غوجىدارى ئەمىنجان ماڭا ۋاكالىتەن ھەر قايسىڭلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.
غوجىدار: (تۆردە ئولتۇرغان تەجەللىگە ) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەزرىتىم!
تەجەللى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
غوجىدار: (ئىسمايىل ھاجىمغا قاراپ) پېقىر خىزمەتكە تەييار ھاجىم .
ئىسمايىل ھاجىم: (مەشرەپ باشلانسۇن دېگەن مەنىدە) خوش قېنى.
غوجىدار: لەببەي! (نەغمىچىلەرگە قاراپ) قېنى نەغمە باشلانغاي!
【مۇڭلۇق تەمبۇر ساداسىغا ئەگىشىپ،بارات ھەمدۇللا دېگەن مەشھۇر ئەلنەغمىچى مۇقەددىمە باشلايدۇ.】
بولۇپتۇ خەس بىلەن كۆڭلۈم،
غەم بىلەن ھەرگىز تىرىلمەيدۇ.
ئۇرۇپ پەريات مەن چەكسەم،
قەبرىدىن ئاۋاز كەلمەيدۇ،
ھەي،ئۆلۈپ تۈگەيدىغان ئالەم.
【مۇقەددىمە تۈگىشىگە ئۇلاپلا بارلىق ئەلنەغمىچى تەڭلا نەغمە باشلايدۇ ۋە بىللە ناخشا ئېيتىدۇ.ناخشا باشلىنىشى بىلەنلا،غوجىدار بىر مەشرەپ ئەھلى ئارىسىدىكى بىر بوۋايغا سالام بېرىپ «ھەشقاللا!»دەيدۇ،بوۋاي مەيدانغا چۈشۈپ تۆردىكىلەرگە سالام قىلىدۇ،غوجىدار يەنە بىر چوكانغا سالام بېرىدۇ،چوكان مەيدانغا چۈشۈپ تۆردە ئولتۇرغانلارغا سالام قىلغاندىن كېيىن،بوۋاي بىلەن چوكان بېقىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.】
مەن ئەردىم سېنىڭ بىلەن،
بولمادىڭ مېنىڭ بىلەن.
سەن ياشقا كىچىك-نادان،
كۆيمەدىڭ دىلىڭ بىلەن.
ئالتۇنۇم، ۋاي-ۋاي جىنىم،ئايارەي.
ئۆلەرمەنمۇ،كۆيەرمەنمۇ،
ئۆزۈمنى چاغلىيالمايمەن.
كۇچا خەلقى يامان ئىكەن،
ئەقىدە باغلىيالمايمەن.
ئالتۇنۇم،ۋاي-ۋاي جېنىم،ئايارەي.
【نەغمىنىڭ بىرىنجى ئۆزگىرىشى تۈگەپ،ئىككىنچى ئۆزگىرىشكە ئۆتىدۇ،بۇ چاغدا بوۋاي بىلەن چوكان ئىككى قىزغا سالام بېرىپ ئۇلارنى ئۇسسۇلغا تارتىپ مەيداندىن چۈشىدۇ،ئىككى قىز بېقىشىپ ئۇسسۇلنى داۋاملاشتۇرىدۇ.】
ئۇنداق ئەتمەڭلار مېنى،
مۇنداق ئەتمەڭلار مېنى.
ئاقىۋەت لازىم بولارمىز،
تاشلىۋەتمەڭلار مېنى.
يار داغى، ياھۇ يارەي،ئايارەي.
ئوخشىدۇقەي ئوخشىدۇق،
پەرداز ئەتمەي ئوخشىدۇق.
قارا كۆز چاققان خېنىمنى
مۇشۇ ئايدا تاشلىدۇق.
يار داغى، ياھۇيارەي،ئايارەي.
كۆرگىلى كەلدىڭلىمۇ،
كۆيدۈرگىلى كەلدىڭلىمۇ.
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى،
ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ.
ئۇنى يەيسىز،بۇنى يەيسىز،
پايدا قىلمايدۇ ساڭا.
ئېرىڭىز ئەسكى گادايكەن
دورا قىلمايدۇ ساڭا.
【نەغمىنىڭ ئىككىنچى ئۆزگىرىشى تۈگەپ،تېخىمۇ شوخ پەدە باشلىنىدۇ،ئىككى قىز ئىككى يىگىتكە سالام بېرىپ ئۇسسۇلغا تارتىپ قويۇپ،ئۆزلىرى مەيداندىن چۈشىدۇ.ئۇسسۇلغا تارتىلغان ئىككى يىگىت ئۇسسۇلنى ئەۋجىگە كۆتىرىدۇ.】
كىچىككىنا،ئايەي،كىچىككىنا،
ئۆرگىلىپ ئويناڭ،ئايلىناي،كىچىككىنا.
دەريا سۈيى تارتىلدى،
يار ئالدىمىكىنا باشتىن.
دوستلارىمىز دۈشمەن بولدى،
ئايرىلدۇق قەلەم قاشتىن.
كىچىككىنا،ئايەي،كىچىككىنا،
ئۆرگىلىپ ئويناڭ،ئايلىناي،كىچىككىنا.
ئوينىغىلى ئۇز ياخشى،
تىيىلغىلى مۇز ياخشى.
بولار-بولماس چوكاندىن،
سىڭا سۆڭگەچ قىز ياخشى.
كىچىككىنا،ئايەي،كىچىككىنا،
ئۆرگىلىپ ئويناڭ،ئايلىناي،كىچىككىنا.
بۇلبۇلۇڭ بولاي دەيمەن،
شاخىڭغا قوناي دەيمەن.
ياندا يارىڭ بولمىسا،
مەن يارىڭ بولاي دەيمەن.
ئايلىنىمەن كاۋاپى،
چۆرگىلىمەن ساۋابى.
چوكانلارنىڭ ۋاي نازى،
يولدا خىيالى.
تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر،
گۈل باشىمغا ساچىلۇر.
زەنجىردە مېنىڭ كۆڭلۈم،
يارنى سۆيسەم ئاچىلۇر.
ئايلىنىمەن كاۋاپى،
چۆرگىلىمەن ساۋابى.
چوكانلارنىڭ ۋاي نازى،
يولدا خىيالى.
ھاراق ئىچكەن مەست ئەمەس،
تاماكا چەككەن گاس ئەمەس.
بالدۇر سۆيگەن شۇ يارنى ،
ئەمدى سۆيمەك تەس ئەمەس.
ئايلىنىمەن كاۋاپى،
چۆرگىلىمەن ساۋابى.
چوكانلارنىڭ ۋاي نازى،
يولدا خىيالى.
【نەغمە تۈگەپ ئۇسسۇل ئاياقلىشىدۇ،ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئىككىيلەن كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!
2
غوجىدار: (بايا ئۇسسۇل ئوينىغان ئىككى قىزنىڭ بىرىگە پەتنۇستا بىر پىيالە چاي تۇتىدۇ) رەھمەت،رەھمەت، خوش قېنى،چايغا باقسىلا.
قىز:رەھمەت.
【قىز چاينى ئېلىپ بىر يىگىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىيىت ئېيتىدۇ. 】
قىز:
كۆك تاۋادا تونىڭز،
ناماز شامدا يولىڭىز.
ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىز،
كىمدە ئىدى كۆڭلىڭىز؟
يىگىت:
ئالما ئاتتىم تالغا چۈشتى،
تالنى ئاچقاندا چىقار.
يارنىڭ ئوتى جانغا چۈشتى ،
كۆيۈپ ئۆچكەندە چىقار.
قىز:
سۇ بۇيان سېرىق كېلۇر،
قۇم ياقىسى تېرىق كىلۇر.
ئىككى يار تۇتقان كىشىنىڭ ،
چىرايى سېرىق كىلۇر.
【كۆپچىلىك پاراقلاپ كۈلىشىدۇ،يىگىت بىيىت تاپالماي بېشىنى قاشلايدۇ. 】
يىگىت: ئەستا...
قىز
چاينى يىگىتكە تەڭلەپ) قېنى مەرھەمەت.
【يىگىت چاينى ئېلىپ ئىچىدۇ،مۇزىكا باشلىنىدۇ،يىگىت قولىغا بىر نوغۇچنى ئېلىپ، «ئوسما قويۇش ئۇسۇلى»نى باشلايدۇ.بۇ ئۇسسۇلدا،نەغمىچىلەر مۇزىكا چالغاچ كوللېكتىپ ناخشا ئېيتىدۇ،يىگىت بولسا ناخشىنىڭ مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇپ،بىر قىزنىڭ سۇ بويىغا بېرىپ،چېچىنى چۇۋۇپ يۇغان،قايتىدىن تاراپ ئۆرىگەن، ئوسما تەرگەن،ئوسمىنى سىققان،ئوسما قويغان،ئوسما قويغان قېشىنى سۇ بىلەن چايقىغان ھەرىكەتلىرىنى رېتىملىق ۋە قىزىقارلىق دورايدۇ. 】
ۋاي- ۋاي سارىخان، ۋاي سارىخان،
مانا- مانا باينىڭ باغىدا، ۋاي سارىخان.
باينىڭ قىزى كۆمەچ ئېتىدۇ، ۋاي سارىخان،
ئەنە- مانا قوينىڭ ياغىدا، ۋاي سارىخان.
سايباغدىكى سارىخان، ۋاي- ۋاي سارىخان ،
ساچىڭ نېمە ئۆسمەيدۇ، ۋاي سارىخان.
يۇمايسەن- تارىمايسەن، ۋاي-ۋاي سارىخان،
ساچىڭ شۇڭا ئۆسمەيدۇ، ۋاي سارىخان.
دەريانىڭ ئۇ قاتىدا، ۋاي- ۋاي سارىخان ،
بىدە پاقلان بولۇپتۇ،ۋاي سارىخان.
ئوسما قويغان ئاشۇ خېنىم، ۋاي سارىخان،
بەكمۇ چاققان بولۇپتۇ، ۋاي سارىخان.
يارنىڭ ئۆيى جەينەكتە، ۋاي-ۋاي سارىخان.
قەستىم يارنى سۆيمەككە، ۋاي سارىخان.
يار ئۆزىنى داڭلايدۇ، ۋاي- ۋاي سارىخان،
قاراپ باقسۇن ئەينەككە، ۋاي سارىخان.
ئوسما قويدۇم مەن دەيسەن، ۋاي-ۋاي سارىخان،
ئوسما قويغۇنۇڭ يالغان، ۋاي سارىخان.
ساڭا كۆيدۈم مەن دەيسەن، ۋاي-ۋاي سارىخان،
ماڭا كۆيگىنىڭ يالغان، ۋاي سارىخان.
ئوسما قويدۇڭ قاشىڭغا، ۋاي-ۋاي سارىخان.
يېلىم چاپتىڭ باشىڭغا، ۋاي سارىخان.
پەدىزىڭنى تاماملاپ، ۋاي- ۋاي سارىخان.
ئەمدى كېلەرسەن قاشىمغا، ۋاي سارىخان،
ۋاي- ۋاي سارىخان.
【ناخشا-مۇزىكا ئاياقلىشىدۇ،يىگىت ئوسما قويغان جەرياننى تاماملاپ،كۆپچىلىكتىن سورايدۇ.】
يىگىت: قانداق، ئوسمام يارىشىپتىمۇ؟
كۆپچىلىك: يارىشىپتۇ.
يىگىت
ناھايىتى خوشال ھالدا) ھاھ-ھاھ-ھاھ .... ئوسمام يارىشىپتۇ!
【بۇ ئويۇن ئاياقلىشىپ،يىگىت كۆپچىلىككە سالام قىلىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!
3
غوجىدار: ھاجىمغا مەلۇم بولغاي!
ئىسمايىل ھاجىم: خوش؟
غوجىدار: تەجەللى ھەزرىتىمنىڭ كىلياڭ دىيارىغا كەلگەنلىكى ھەش-پەش دېگۈچە تاغ بويىغا پۇر كېتىپتۇ. تاغدا مال بېقىۋاتقان چورۇقئاخۇن دېگەن كىشى ھەزرىتىمنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن قويچى راۋپىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشۈپ ھازىر سورۇنىمىزغا كەلدى.مەشرەپتىن بىر كىشلىك جاي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئىسمايىل ھاجىم: ئىجازەت!
【چورۇقئاخۇن قويچى راۋاپىنى كۆتۈرگەن ھالدا تەجەللىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىدۇ.】
چورۇقئاخۇن: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەزرىتىم!
تەجەللى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
【چورۇقئاخۇن قويچى راۋىپىنى چىلىپ،مەيداننى ئايلىنىپ راۋاپ قوشاق ئېيتىدۇ.】
تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ،
شاخقا قونۇپ ئولتۇرۇپ.
قارا كۆز يارلار يىغلايدۇ،
يولغا قاراپ ئولتۇرۇپ.
ئېتىم ئىگەر بىلەن كەتتى،
قامچام يانىدا كەتتى.
ئۆز يۇرتۇم دېگەن بىلەن،
غېرىپلىق ماڭا يەتتى.
مەن ئۆگزىگە چىققاندا،
تۈڭلۈكتىن تولا مورا.
ئىزدىسەك تىپلارمۇ،
كۆيۈك ئوتىغا دورا.
ئەتىگەندە شەبنەمدە،
يورغىلايدۇ بوز توشقان.
بۇ قوشاقنى كىم قوشقان،
چۆلدە ماڭغاچ مەن قوشقان.
【راۋاپ قوشاق ئاخىرلىشىپ،چورۇقئاخۇن سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!
4
【غوجىدار نەغمىچىلەرگە سالام بېرىدۇ.】
غوجىدار: ھەشقاللا،قېنى نەغمە باشلانسۇن.
【نەغمىچىلەر «ئوينا-ئويناڭ» دېگەن ناخشىنى باشلايدۇ،تۆت ئەر مەيدانغا چۈشۈپ
ئۇسسۇل ئوينايدۇ.بۇ ئۇسسۇلمۇ ھەجۋىي تۈس ئالغان بولۇپ،ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئوينىغاندا نەغمىچىلەر ئېيتقان ناخشىنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. 】
ئالمىنىڭ شاخى تولا،
جىنەستىنىڭ بەرگى تولا.
بىزنى كۆيدۈرگەن جۇۋاننىڭ،
ئوتىدىن دەردى تولا.
مەستان يار،ئايارەي،
چىلگە پۇرايدۇ قوينىڭىز.
باغ ئارىلاپ كېلىسىز،
كۆڭلىڭىز بىزدە ئەمەس.
ۋاي يالغۇزمەن،ۋاي يالغۇزمەن،
چىمىنىڭگە ئاپەت تەگمىسۇن،
ئوينىۋېلىڭ.
ئاسماندىن ئالاي ئاينى،
قوينۇمغا سالاي ئاينى،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
باخ-باخ ئېتىلى يارنى،
ئېچىلسۇن كۆڭلى-قارنى،
ئويناڭ-ئويناڭ.
ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
مەن ماڭدىم كېچە بىلەن،
ئورەكنىڭ ئىچى بىلەن،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
يارنىڭ قولى باغلاندى،
دۈشمەننىڭ سۆزى بىلەن،
ئويناڭ-ئويناڭ.
ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
چىراق نېمە كۆيمەيدۇ،
پەيلەپ قويسا كۆيمەمدۇ،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
يار نېمىشقا كەلمەيدۇ،
چىلاپ قويسا كەلمەمدۇ،
ئويناڭ-ئويناڭ.
ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
مەن كىمنى دەپ ئولتۇردۇم،
يارىمنى دەپ ئولتۇردۇم،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
ئوقەتكە سەۋەپ قىلماي،
ئارقىمغا زوڭ ئولتۇردۇم،
ئويناڭ-ئويناڭ.
ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
مەن سېنى پاناھ تارتىپ،
مايماق تۆگىگە ئارتىپ،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
يار كەلمەيدۇ ھال تارتىپ،
مەن بارمايمەن ماي تارتىپ،
ئويناڭ-ئويناڭ.
ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
مەن بارمايمەن خوتەنگە،
يارىم چىقسۇن ئۆتەڭگە،
ئوينا-ئويناڭ،بەك ئويناڭ،ئويناڭ.
چوكان ئاشنا تۇتمايمەن،
جىگدە سالدى بۆكىمگە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
ئوينىۋالسىلا خانزادىخان،
كۆرىۋالسىلا ئازادىخان.
قارا كۆزلۈك مەستانە،
كەم بولسا بولمايدۇ شازادە،
ئويناڭ-ئويناڭ.
【ناخشا-ئۇسسۇل ئاياقلىشىپ،ئۇسسۇلچىلار سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!
5
【كۆپچىلىكنىڭ بارىكاللىسى بېسىقىشى بىلەن تەڭلا، ئىسقىرىتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ،بىر «كىيىك»(كىيىك قىياپىتىدە ياسانغان ئادەم) سورۇنغا تۆت پۇتلۇق ھالدا ئويناقلاپ كىرىدۇ ۋە داپنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ھەرخىل ھەركەتلەرنى قىلىپ،سورۇننى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ،ئاندىن بىر ئەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ «پۈت-پۈت» دەپ تۇرىۋالىدۇ ۋە ئۇنى ئۈسسۈيدۇ.】
ئەر:ماقۇل،ماقۇل،توختاڭ،توختاڭ،مەن دەپ بېرەي.(بىيىت ئېيتىدۇ)
ئەي كىيىك،ئوبدان كىيىك،
ئاسماندىكى ئۈكەرسىز.
ئاغزىڭىزدا سۇ ئەكىلىپ،
چاڭگىلىمغا تۆكەرسىز.
【«كىيىك» ئۇنىماي يەنە «پۈت-پۈت» دەپ بەكرەك ئۈسسۈيدۇ.】
ئەر:ماقۇل،ماقۇل يەنە دەپ بېرەي،توختاڭ.
ئاتنىڭ ئاتلىقى باردۇر ،
ناۋاتنىڭ تاتلىقى باردۇر.
ياخشى يار بىلەن ئۆتسە،
كۆڭۈلنىڭ شادلىقى باردۇر.
【«كىيىك» رازى بولۇپ تاقلاپ كېتىدۇ،ئاندىن يەنە بىر قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ «پۇت-پۇت» دەپ تۇرىۋالىدۇ.】
قىز:
مەككىنىڭ مىھرابىدەك،
ئەگىم- ئەگىم قاشلىرى،
تارتىدۇ دىل زوقىنى ،
كىيىكتەك ئويناشلىرى.
【«كىيىك» رازى بولۇپ سەكرەپ قويۇپ بىر نەغمىچىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. 】
نەغمىچى:
توشقان ئۆزى ئاق نەرسە،
ياتقان يىرى بۈكلۈك.
بارچە كىشىنىڭ ئاق بولسا ،
سىزنىڭ نېمىشقا تۈكلۈك؟!
【«كىيىك» بۇ ئادەمنى ئۈسسۈيدۇ.】
نەغمىچى: ماقۇل ،ماقۇل،ۋاي بولدى،مەن يەنە بېيىت ئىيتاي.
بىر چارەك تېرىق ئالسام ،
يەرگە چېچىلىپ كەتتى .
سىز جەگرەننى بىر كۆرۈپ،
كۆڭلۈم ئېچىلىپ كەتتى.
【«كىيىك» رازى بولۇپ سەكرەيدۇ، ئاندىن يەنە بىر ئەرنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. 】
ئەر:
ئىشىك ئالدى لايلاتما،
لايلاتمىغا تاش ئاتما.
مېنىڭ ساڭا مەيلىم يوق،
كۆز ئوينىتىپ قاش ئاتما.
【«كىيىك» بۇ كىشىنى ئۈسسۈيدۇ. 】
ئەر: ماقۇل،بولدى،مەن ئېيتاي .
【«كىيىك» توختايدۇ 】
ئەر:
تاغدىكى ئالتە قوتازنىڭ ،
مۈڭگۈزى ئىلغاي بولۇر .
قارچۇغا بويلۇق خېنىمنى،
ئۈندىسە تورغاي بولۇر .
تاغنىڭ يولى تاشلىقكەن ،
ماڭماي دېسەم ياشلىقكەن .
بىزنى كۆيدۈرگەن جۇۋان ،
چېچى ئۇزۇن قاشلىقكەن .
【«كېيىك» رازى بولۇپ سەكرەيدۇ، بىر ئىسقىرتىش بىلەن تەڭ سورۇندىن چىقىپ كېتىدۇ. 】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!!
6
غوجىدار : ھاجىمغا مەلۇم بولغاي.
ئىسمايىل ھاجىم: خوش؟
غوجىدار: ئەمدى تۆۋەنكى مەھەللىدىن كەلگەن دۇتتارچى مەتتوختىئاخۇنغا نۆۋەت كەلدى.
ئىسمايىل ھاجىم: خوش قېنى.
【مەتتوختى دۇتتار چىلىپ،يەنە بىرەيلەن داپ چېلىپ،يەنە ئىككىيلەن ئىككى تەرەپتە ساپايى چېلىپ نەغمە باشلايدۇ،مەتتوختى ناخشا ئېيتىدۇ.ناخشا باشلىنىش بىلەن تەڭ ئىككى ساپايىچى بىردەم ئۇسسۇل ئويناپ،ئاندىن بىر قىزنى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ، قىز چۈشۈپ تۆردىكىلەرگە سالام بېرىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.】
ئاغرىپ قالسام كەلمىدىڭىز،
بىزنى يوقلاپ قويمىدىڭىز.
ناۋات ئاغزىڭدا لىۋىمگە ،
سۆيۈپ قويمىدىڭىز.
باشتا ئاقمىدىڭىز،
سېغىزخاندىن ساقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم،
باچكا بىلەن باقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم ،
كاۋاپ بىلەن باقمىدىڭىز.
ئۇنداق دېمىسىلە،
مۇنداق دېمىسىلە.
ئاخشام بولغان گەپ سۆزنى
خەققە دېمىسىلە.
باشتا ئاقمىدىڭىز،
سېغىزخاندىن ساقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم،
باچكا بىلەن،
گۆشنان بىلەن،
كاۋاپ بىلەن باقمىدىڭىز.
كۆڭلۈمنى بىرەي دىسەم ،
كاۋاپ بىلەن باقمىدىڭىز.
ئاق چامغۇر،
مەكە چامغۇر،
ئۆيگە كىرىڭ،
تۇردىخاچام،
قاچا –قۇچىنى يۇملاقشىتىۋەت.
شۇنداق پەدىگە چالغاندا،
شوخلاپ كېتىپ ئوينىغۇسى بار.
ئۆستەڭ بويىدا كاتۇ،
مەتتوختى دۇتار چاتۇ.
دەردىڭدە ئۆلۈپ قالسام ،
مېنىڭ ئورنۇمغا كىم قاتۇ.
ئاق چامغۇر،
مەكە چامغۇر،
ھېكىم بوش،
ئۆيگە كىرىڭ،
تۇردىخاچام،
قاچا-قۇچىنى يۇملاقشىتىۋەت.
شۇنداق پەدىگە چالغاندا ،
شوخلاپ كېتىپ ئوينىغۇسى بار.
【ناخشا تۈگەپ ئۇسسۇل ئاياقلىشىدۇ،قىز كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.】
كۆپچىلىك: بارىكاللا!
(داۋامى ئىنكاستا)