سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئوبزور
» (ھېزىم قاسىم) 23 يىلغا سوزۇلغان بىر ھەققانىي دەۋا
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: (ھېزىم قاسىم) 23 يىلغا سوزۇلغان بىر ھەققانىي دەۋا
ijadiyet بۇ تېمىنى يورۇتقان. ۋاقتى: 2009-5-6 11:48
dastani
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4455
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 1
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-5-6
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-5-6 11:46
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
(ھېزىم قاسىم) 23 يىلغا سوزۇلغان بىر ھەققانىي دەۋا
بىلىم مۇلۇك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايى قىلمىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان 23 يىلغا سوزۇلغان بىر ھەققانىي دەۋا
ھېزىم قاسىم
سۆزبېشى: بۇ ماقالىدا، جوڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر پۇخراسى، شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ لياۋنىڭ ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى ۋۇبىڭئەننىڭ «جوڭگو فولىكلورى»، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ پرفىسسورى تاۋلىفەننىڭ «فولىكلور ھەققىدە بايان» ناملىق نۇپۇزلۇق نەزەرىيىۋى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ؛ شىنجاڭدىكى فولىكلور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ يىرىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەينەن ئوغۇرلاپ ئۆرە تۇرغۇزغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق ئوغۇرلانما ئەسەردىكى باشقىلارنىڭ بىلىم مۇلۇك ھوقۇقىغا قاراملىق ۋە قارانىيەتلىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىبارەت ئىلىم ساختىپەزلىگى جىنايى قىلمىشى خەتمۇ-خەت، سۆزمۇ-سۆز، جۈملىمۇ- جۈملە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل، ئەينەن سېلىشتۇرۇپ چىققان پولاتتەك پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 1983-يىلى «شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئالى مەكتەپلەردەرسلىگى «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى »نىڭ ئابدۇكىرىم راخمان «تۈزگەن» 5-، 6-، 10- باپلىرى؛ شۇ يىلى مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئابدۇكىرىم راخمان ئاپتورلۇغىدىكى 400 مىڭ خەت چامىسىدىكى «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى» نىڭ جوڭ جىڭۋېننىڭ «خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان» ناملىق دەرسلىك كىتاۋىدىن ئەينەن ئوغۇرلاپ يېزىپ چىققانلىغى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (بۇھەقتىكى سېلىشتۇرما ماتېرىيالنىڭ ھەجمى 150 بەت ئەتراپىدا بولۇپ بۇماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا شارائىت يار بەرمىدى، ئۇنى كېيىن ئايرىم ئېلان قىلماقچىمەن).
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇكى، مەن ئوغۇرلانما كىتاپ «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نى ئوغۇرلانغان مەنبەسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدىغان، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ جىنايى قىلمىشنىڭ دۇنيا يېزىقچىلىق تارىخىدا يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئۇچىغا چىققان بىنۇمۇسلۇق ھەم قاپيۈرەكلىك قىلمىش ئىكەنلىگىنى، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ بىنۇمۇس ئىلىم ئوغرىلىرىنىڭ بارلىغىنى دۇنيا ئەھلىگە ئۇقتۇرماي بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ، قولىڭىزدىكى بۇتەنقىدىي ماقالىنى يېزىپ چىقىپ، مەكتەپ ئىلمىي ژورنىلىغا بەرگەن ئىدىم. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ پارتكومى پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «مۈ» ئىسىملىك باشلىغىنى ئەۋەتىپ، مەسىلىنى تەشكىلىي يول بىلەن ھەل قىلىش نىقابىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، سېلىشتۇرما ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرى ئېلىپ كەتتى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە 23 يىل ئۆتۈپ كەتتى. 23 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ پارتكومىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىيات ئىدارىسىنى قالقان قىلىپ، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىنى پۇتۇنلەي يوققا چىقىرىپ چىقارغان ھۆججىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلار ئارىسىدا 2 يىل قاترىغان بولساممۇ ھۆكۇمەتنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نى قوغداش ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابدۇكىرىم راخمان تەرىپىدىن بۇلغىۋىتىلگەن يۈز-ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان گېپىمنى ئاڭلايدىغان ئادەم تاپالمىدىم. «خەلق گېزىتى»، مەركىزىي تەشكىلات مىنىستىرلىقىغا ئۇچمۇ- ئۇچ يازغان ئەرزلىرىمدىنمۇ ھېچقانداق سادا چىقمىدى. ئاخىرى، قانۇننى ئادىل كۆرۈپ ئۈرۈمچى شەھەر تيانشان رايونلۇق سوتقا ئەرز قىلدىم. ھەرنىمە بولسا ئۇلاردىن: «ئابدۇكىرىم راخمان سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوغۇرلىماپتۇ، ئەسىرى ئوغۇرلانغان ئاپتورلارنىڭ ھاۋالىسىنى ئېلىپ كېلىڭ» دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. ۋۇ بىڭئەن ئەپەندىنى ئىزدەپ لياۋنىڭ ئۇنېۋېرسىتېتىغا بارغىنىمدا، ئۇ، فرانسىيىدىكى قىزىنىڭ قېشىغا كەتكەن ئىكەن. تاۋلىفەن بېرمىدا ئېچىلغان بىر يىغىنغا كەتكەن ئىكەن. بېيجىڭدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشالماي قايتىپ كەلگەن 2 يىل ئىچىدە، بۇ 2 پرۇفىسسورغا مەزمۇنى تيانشان رايونلۇق سوتنىڭ پىكرىنى يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىپ يازغان خەت، بەرگەن تېلېفۇنلاردىنمۇ ھېچقانداق سادا كەلمىدى.
ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان، ئەمما چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشىنى يۇقۇرى قاتلام پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەرەزلىك ھالدا يوققا چىقىرىپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئابدۇكىرىم راخمان جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ تەنقىد قىلغانلىغىم ئۈچۈن، 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي نەزەرىيىۋى ماقالىدىن تەركىپ تاپقان 3 پارچە كىتابىم، 150 پارچىغا يېقىن نەزەرىيىۋى ماقالىلىرىم، 20 پارچە ئەتراپىدىكى ساتىرىك ھېكايىلىرىم نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغانلىغىنى بىلىدىغان ھەممە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇكىرىم راخمان فاكولتېت ئۇنۋان باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللۇغىدىن پايدىلىنىپ، ماڭا قەستەن قارا چاپلاپ ئۇنۋان بەرمىدى. مەن ھازىرمۇ لىكتور. بۇئىلىم ئوغرىسى بۇنى ئازدەپ، خوتۇنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۈستۈمدىن بولمىغۇر ئىغۋا توقۇپ، 50 يىللىق ئائىلەمنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولدى. شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتىنى پۈتكۈزگەن 2 بالامنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا زەھەرلىك قارا قولىنى سوزۇپ 17 يىلدىن بۇيان ئۇلارنى ئىشسىز قىلىپ قويدى. ھەردەرىجىلىك گېزىت، ژورناللارنىڭ مۇھىم مەسئۇللىرىغا ئاغزاكى مەخپى يوليۇرۇق بېرىپ، نەشرىيات ھوقۇقۇمنى ئۆكتەملىك بىلەن تارتىۋالدى. 23 يىلدىن بۇيان بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى پاش قىلىنىپ تەنقىد قىلىنغان مۇشۇ ماقالىنى «تارىم» قاتارلىق مەركىزىي ژورناللاردىن تارتىپ يەرلىك 10 نەچچە ژورنالغا تەكرار ئەۋەتىپ، تەكرار سۈيلىگەن بولساممۇ، پارتىيىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىگەن بۇماقالىنى پارتىيىنىڭ ئاۋازى بولغان بۇ گېزىت – ژورناللار ئېلان قىلىشقا قىلچىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.بېشىغا دەرت-ئەلەم كەلمەيدىغان ئىنسان بالىسى بولمىسا كېرەك، ئەمما بىر بىنۇمۇس ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىمەن، ھەقىقەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۇرەش قىلىمەن دەپ ھەققانىيەت ئىگىسى بولغان پارتىيە تەشكىلىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي، ھەقىقەت، ھەققانىيەتنىڭ زەربىسىنى يەپ ناھىيە دەرىجىلىك ھوقۇقى بار بىر سولتەكنىڭ قولىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان، بايرىغىغا «ھەقىقەت، ھەققانىيەت» دەپ يېزىۋالغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ناھەقچىلىكنى قانات ئاستىغا ئېلىشى تۈپەيلىدىن ناھەق، تۈگىمەس دەرت-ئەلەم ئازابىنى 23يىلدىن بۇيان تارتىپ كېلىۋاتقان، پارتىيە، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بىر ئىلىم ئوغرىسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ تەنقىد قىلىنغان بىرپارچە ماقالىنى 23يىلدىن بۇيان ئەشۇ پارتىيىنىڭ تىلى بولغان گېزىت-ژورناللىرىدا ئېلان قىلالماي يەتكىچە دەرت-ئەلەم، ھەسرەت، نادامەت چېكىپ يۈرگەن ماڭا ئوخشاش ئىككىنچى بىر ئادەم نەدە بار؟ جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى توغرىنى، ھەقنى، ھەقىقەتنى قوللايدىغان، خاتالىققا، بىدئەتلىككە، گۇمراھلىققا قارشى تۇرىدىغانلىغى ئۈچۈن «ئۇلۇق، توغرا، شەرەپلىك، يېڭىلمەس» پارتىيە ھېساپلىناتتىغۇ؟ ئابدۇكىرىم راخماندەك بىربىنۇمۇس كۆتمەك سۈپۈرگىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشى ئالدىدا بۇپارتىيىنىڭ «ئۇلۇق، توغرا، شەرەپلىك، يېڭىلمەسلىگى» قېنى، نەگە كەتتى؟ ئابدۇكىرىم راخماندىن ئىبارەت نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ پارتىيىنىڭ، مىللەتنىڭ شەنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان شۇنچىۋالا چوڭ شەنى ۋە نۇپۇزى بارمىكەن؟ ئوقۇغۇچىلار، ئەل-ئاغىنىلەر، تارقاق ھالەتتىكى جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن باشقىچە كۆزقاراشتا بولۇپ، ئىككى-ئۈچ ئېغىز ئۇنداق ياكى مۇنداق گەپ قىلىپ قويغانلارنىڭ گېپىنى ئۇلغايتىپ، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئارقا ئىشىگىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ كۇسۇلداپ، نەچچە يەردىن مۇئاش ئېلىپ يۈرگەن ئادەم شۇنچىۋالا قەدىرلىك، شۇنچىۋالا ئەتىۋارلىق بولۇپ كېتەمدىكەن؟ ئۇنىڭ بۇقسۇپ تۇرغان سېسىق «ساغرىسى»نى سىلىغىلى بولمامدىكەن؟ مېنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىم ئابدۇكىرىم راخمان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىنۇمۇسلۇق ۋە قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىلىم ئوغۇرلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىپ پاكزادە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامىنى بۇلغىغان جىنايى قىلمىشى. مەن 23 يىلدىن بۇيان بۇ بىنۇمۇس ئوغرىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى بولغان، قوغلاپ تۇتقۇچىلارغا تۇتۇق بەرمەي 35يىل قېچىپ يۈرۈپ، 1975-يىلى مۇكۇنۇپ يۇرگەن برازىلىيىدە سۇ ئۈزۈۋېتىپ ئۆز ئىجىلى بىلەن ئۆلگەن ناتسىسلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى بولغان مېنگېلېنى قوغلىغان خەلقارا تېچلىقنى قوغداش جەڭچىلىرىگە ئوخشاش 23 يىل قوغلىشىپ كەلدىم. بۇ ئىلىم ئوغرىسىنى قانات ئاستىغا ئالغۇچىلار ماڭا زادىلا پۇرسەت بەرمىگەن بولسىمۇ بۇ ئوغرىنى قوغلاشتىن ھەرگىز بوشۇشۇپ كەتمىدىم. پارتىيىنىڭ گېزىت-ژورناللىرىدىن 23 يىل كۇتكەن ئۈمىدىم يوققا چىققانلىغى ئۈچۈن ئاخىرى يەنە شۇپارتىيىنىڭ رەھبەرلىگىدىكى ئېتىگى كەڭ، مەسىلىگە نىسبەتەن ئوبيېكتىپ قارايدىغان تور بەتلىرىدىن ئۈمىت ئىزدەپ، 23 يىلغا سوزۇلغان، ئەمما ھازىرغىچە ھەل بولمىغان بۇ دەۋانى ئۇلارنىڭ ھاۋالىسىگە سۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئىشىنىشكە بولىدۇكى مەن ئاخىرقى قېتىم چوڭ ئۈمىت باغلىغان بۇ تور بەتلىرى باشقىلارنىڭ بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايى قىلمىشى بىلەن جىنايەتلىك «شەرەپ» قۇچقان ئابدۇكىرىم راخماننىڭ 23 يىلدىن بۇيان يوشۇرۇپ كەلگەن ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشىنىڭ سىرلىق قارا پەردىسىنى پارتىيىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا بولغان ساداقەتمەنلىگى بىلەن يىرتىپ تاشلاپ، جوڭگو تۇپرىغىدا ھېلىمۇ ھەقىقەت، ھەققانىيەت نۇرىنىڭ ئۆچۈپ كەتمىگەنلىگنى ئىسباتلاشقا باتۇرلۇق بىلەن جۈرئەت قىلالايدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئېيسا ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدە ھەقىقەت، ھەققانىيەت، توغرا ئىش قالمىغاندا يەريۈزىگە چۈشەرمىش. مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نىجاتلىق ئىزدەپ، ئەڭ زور ھەسرەتلىرىم بىلەن ئەڭ زور ئۈمىت باغلىغان توربەتلىرىنىڭ 23 يىلغا سوزۇلغان، ئەمما ھازىرغىچە ھەل بولمىغان بۇ ھەققانىي دەۋانى ئېيسا پەيغەمبەرنىڭ يەريۈزىگە چۇشۇشىگە قالدۇرۇپ قويماسلىغىنى ئۈمىت قىلىمەن.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇكى، ھۆججەتلەشكەن ئەڭ ئىشەنچلىك خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا، ئابدۇكىرىم راخمان ئوغۇرلۇقچە ئاپتور بولۇۋالغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق بۇ ئوغۇرلانما كىتاپنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ياشايدىغان بارلىق دولەتلەرگە تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. مەن ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. مۇبادا ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا، تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئابدۇكىرىم راخماندىن ئىبارەت بۇ بىنۇمۇس ئوغرىنىڭ تۈگمىنىگە بىلىپ-بىلمەي «سۇ» قۇيۇپ بەرگەن، ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشىنى دۇنياغا تارقىتىپ تارىخىي خاراكتىرلىق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇخىل خاتالىقنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەقىقى ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ جىنايەتلىك «شەرەپ» تارىخىنىڭ خەلقارا ئىلىم- مەرىپەت سەھنىسىنى بۇلغاپ، شانلىق ئىلىم مەرىپەت تارىخى بار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساغلام، پاكىز يۇزىگە ئاھانەت كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـــ ھەربىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر كىشىسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشۇشنى خالايدىغان، ياكى ماقالا ھەققىدە قارشى پىكىر قىلغۇچىلار بولسا، ئاپتور بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە سۆزلىشىش، يوللۇق ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئۇنداق بولسا، «قىسقىچە مەزمۇنى»، «ئاچقۇچلۇق سۆزلەر» دېگەندەك جوڭگوچە يېزىقچىلىق ئۇسۇلى بويىچە يېزىلغان بۇماقالىنىڭ تەپسىلاتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. قىسقىچە مەزمۇنى: پارتىيە ۋە خەلقنى ئالداپ ساختا پروفېىسسور، ساختا دوكتۇر يېتەكچىسى، ساختا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇۋالغان ئابدۇكېرىم راخمان «نەشرىيات ھوقۇقى قانۇنى»، «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇن»ىنى دەپسەندە قىلىپ، ئىلىم ساختىپەزلىكى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغانلىقى، ھىلىگەرلىك بىلەن ئاپتور بولۇۋالغان «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاپنىڭ ئۇنىڭ كەسىپلەشكەن ئىلىم ئوغرىلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى رەت قىلىۋەتكىلى بولمايدىغان پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق چوڭقۇر ئېچىپ تاشلانغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»، ساختا پروفېسسور، ساختا دوكتور يېتەكچىسى، ساختا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، كەسىپلەشكەن ئىلىم ئوغرىسى، ئابدۇكېرىم راخمان، « ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»(ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىمۇ دىيىلىدۇ)« نەشرىيات ھوقۇقى قانۇنى»
ئىلىم ساختىپەزلىكى (ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋە ئىلىم كوچۇرمىچىلىگى ) بازار ئىگىلىگى رىقابىتىنىڭ كۇچلۇك زەربىسى ئارقىسىدا ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى پۇل، مەنسەپ قۇرۇق شۆھرەتنىلا چۇشەكەيدىغان ئايرىم ئىلىم ساختىپەزلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىرخىل بىنۇمۇسلۇق بەدەۋى مەدەنىيەت ھادىسىسى. «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇن»ىدا قاتتىق قانۇنى جازا بېرىش تەكىتلەنگەن بۇ جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتنى مىللي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ۋىجدانىي مېھنەت دەپ قارىماي ئەكسىچە ئىلىم ساختىپەزلىگى بىلەن شۇغۇللىنىپ ساختا يۇقۇرى ئۇنۋان ئېلىپ دولەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىغا ئېرىشىپ «شاھانە» تۇرمۇش كەچۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەت ئۈستىگە قويغان. ئۇلار خىزمەتتىكى قۇلايلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قان-تەر بەدەلىگە كەلگەن تالانتلىق ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ ياكى ئەينەن ئوغۇرلاپ ئۆزىنىڭ ھارام مۇلكى قىلىۋالىدۇ. مانا بۇلار بىز دەۋاتقان ئىلىم ساختىپەزلىگىدىن ئىبارەت جىنايى قىلمىش بولۇپ، ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىمۇ، تەبىئى پەن ساھەسىدىمۇ بۇخىل ئىلىم ساختاپەزلىرىنىڭ ئايرىم تىپىك ۋەكىللىرى بار. ئابدۇكىرىم راخمان بۇنداق رەڭۋاز ئىلىم ساختىپەزلىرىنىڭ داڭلىق، دۆكا ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىلىم ساختىپەزلىگى جىنايى قىلمىشى جوڭگودىن ئالغاندا خەنزۇ فولىكلورشۇناس ۋۇبىڭئەن، تاۋلىپەن، جوڭ جىڭۋېنلارنىڭ توم- توم ئىجادىي ئەسەرلىرى، شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ ئارخائولوگىيە تەتقىقاتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى فولىكلور ۋە ئارخائولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇپۇزلۇق خادىملارنىڭ نۇپۇزلۇق نەزەرىيىۋى بايان ماتىرىيال قىممىتىگە ئىگە نۇپۇزلۇق پاكىتلارنى ئەينەن ئوغۇرلاپ ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ نام شۆھرىتىنى بۇلغىغانلىقى، چەتئەللەردىن ئالغاندا س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن تۇزۇلگەن «دۇنيا تارىخى» قاتارلىق قۇرال كىتاپلاردىن ئەينەن ئوغۇرلاپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەنىگە چىچقانلىغى ھەمدە بىر ماقالىنى تەكرار ئىلان قىلىپ، بىرماقالىنى بىر قېتىمدا بىر قانچە گېزىت- ژورنالدا تەڭلا ئېلان قىلىپ خىيانەت خاراكتىرلىق قەلەم ھەققى تاپاۋىتى بىلەن ئاشكارا شۇغۇللانغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
يېقىندا بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ كەسپلەشكەن ئىلىم ساختىپەزلىگى جىنايى قىلمىشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ماۋزۇ ئىسلاھاتى ئىستىراتېگىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىرماقالىنى تەكرار ئېلان قىلىپ مۇھەررىر قويمىچىلىغى بىلەن شۇغۇللانغانلىغىغا دائىر پاكىتلىق ماقالىلار ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نى دەپسەندە قىلغان بۇخىل بىنۇمۇس قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بارىكاللىسىغا ئېرىشتى. ئەمما غوجى ئاكىسىغا تايىنىپ جاھانسازلىق قىلىپ كونۇپ كەتكەن بۇ ئىلىم ئوغرىسى غەيرى يوللار بىلەن بىر پارچە ئۇزۇن ماقالا ئېلان قىلىپ ئىلىم ئوغۇرلۇقى قىلمىشىدىن تېنىۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئۇ بۇماقالىسىدا پاكىتلارغا ئۇدۇل جاۋاپ بەرمەي پاكىتلارنى بۇرمىلايدىغان ئاتالمىش «ئۇچ نۇقتىلىق ئەندازە» ئويدۇرۇپ چىقىپ جامائەت پىكرى ئالدامچىلىغى بىلەن ئاشكارا شۇغۇللاندى.
پۇۋلەپ ئۇچۇرۇشقىلا مەنزۇر بولۇپ ھەقلىق ھالدا تېتىشى زۆرۇر بولغان ئەدەبى ئوبزوردىن ئىبارەت بۇ «نەيزە- نەشتەر»نىڭ تەمىدىن غوجى ئاكىسىغا تايىنىپ ئۇنۇملۇك قوغدىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئىلىم ئوغرىسى بۇ «ئۇچ نۇقتىلىق ئەندازىسى»دا ئۇنىڭ ئىلىم ساختىپەزلىگى جىنايى قىلمىشىنى چۇۋۇپ تاشلىغان كۇچلۇك پاكىتلارنى «قاراملىق، دازىباۋ، تىل-ھاقارەت، تۆھمەت، ئويدۇرما» دەپ قاغاپ بەك نادامەت چەككەن.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ «مۇھەررىر قويمىچىسى» ۋە ئىلىم ساختىپەزلىگى قىلمىشىنى يوشۇرىدىغان بۇ ئۇچ نۇقتىلىق ئەندازىسىدا: «بۇ ماقالىلار مەزمۇنەن ئوخشاپ قالغان، مەزمۇن ئوخشاپ قالغان، ئوغۇرلىدى دىگەن كىتاپنى مەن كۆرۇپ باقمىغان، مېنىڭ ماقالامنى پۇستانى ژورنال يىغىن خەۋىرى سۈپىتىدە بېسىۋەتكەن ئوخشايدۇ، بۇ ماقالىنى ئۇ كىتاپقا كىرگۇزگەندە مۇنداق ماۋزۇ بىلەن، باشقا كىتاپقا كىرگۇزگەندە ئۇنداق ماۋزۇ بىلەن كىرگۇزدۇم، بۇنى قانداقمۇ مۇھەررىر قويمىچىسى دىگىلى بولسۇن؟ باشقىلار شۇنداق قىلسا بولىدىكەنۇ مەن قىلسام بولمامدىكەن» دىگەنگە ئوخشاش قانۇنى ئاساسى يوق، ساختا ھەقىقەت بىلەن تولغان چەرچىنمال تەنزىسى بولۇپ، بۇ ئىلىم ئوغرىسى مۇشۇنداق ساختىپەزلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى مەسىلىسىنى قانۇنى ۋاستىلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان قانۇنى مەسىلىگە ئايلاندۇپ ئوزىنى-ئوزى «دار» ئالدىغا سۆرەپ ئاپىرىپ قويدى. ئابدۇكىرىم راخماننىڭ بۇخىل مەككارلىغى ھەرگىزمۇ ئۇ ئويدۇرۇپ چىققان جامائەت پىكرى ئالدامچىلىغىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئېچىپ تاشلانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ قاندق ئۇسۇل بىلەن قانداق كۆلەمدە، قانداق خاتا جامائەت پىكرى ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ مۇھەررىر قويمىچىسى ۋە ئىلىم ساختىپەزلىگى قىلمىشىنى يوشۇرغان ئىكەن خۇددى شۇنداق ئۇسۇل، شۇنداق كۆلەمدە ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان ئەجەللىك پاكىتلىق رەددىيىگە ئۇچرىماسلىغى مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ 40 نەچچە يىللىق ساختا يېزىقچىلىق ئوقىتىدە ئاخىرقى قېتىم «سېھرىگەرلىك لاتىسى» نى چۆرۇپ تاشلاپ ھېچنىمىدىن تەپ تارتماي قىپيالىڭاچ ھالدا شۇغۇللانغان ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشى ئالدىدا بىر تال توخۇ پېيىگىمۇ ئەرزىمەيدىغان بۇ مەسىلىگە تولىمۇ لولىلىق بىلەن ئىپادىلىگەن ھارامزادىلىگى ماڭا ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا قۇرۇق ئىمتىياز «تاجى» نى تەھلىكە قۇرالى قىلىپ ئوچۇق-ئاشكارا ئىلىم ئوغۇرلۇغى بىلەن شۇغۇللىنىپ پۈتۈنلەي ئىلىم ئوغۇرلۇغىنىڭ مەھسۇلى بولغان باشقا بىر ئەسەرگە «ئاپتور» بولۇۋالغان«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەسەردىكى ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا دائىر سان-ساناقسىز پولاتتەك پاكىتلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاۋالىسىگە سۇنۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. قاتتىق، يۇمشاق ،كىليونكا مۇقاۋىلىق قىلىپ كاتتا ھەشەم بىلەن تارقىتىلغان بۇ كىتاپنىڭ ھەربىر قۇر، ھەربىر ئابزاسىدىكى ئىلىم ئوغۇرلۇغىغا دائىر دوۋە- دوۋە پاكىتلارغا ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ دۆكا ئىلىم ئوغرىسىلىق خۇسۇسى تامغىسى قاتۇرۇپ بېسىلغان. بۇ پاكىتلارغا بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ يەنەقانداق ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ جاھىللىق بىلەن ئۆزىنى ئاقلىشى ياكى «تۆۋە- ئىستىغپار» ئوقۇشىدىن قەتئىنەزەر پاكىتنى پاكىت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەدەبى ئوبزور سوتى مۇنبىرىدە ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان«ئويۇنى»نىڭ يەنىلا بىر پەردىلىك رەسۋا كومىدىيە ياكى تراگىدىيە بولۇشىدا شەك يوق.
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇش زورۇركى، ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخمان بىنۇمۇسلۇق بىلەن «ئاپتور» بولۇۋالغان«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق بۇ كىتاپتىكى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا دائىر پاكىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئوغۇرلىغان ئەسلى ئەسەرلەرگەئەستايىدىللىق بىلەن سوزمۇ-سوز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسى پولاتتەك پاكىت.مۇبادا كۆرسىتىلگەن پاكىتلار راست، ھەققىقى بولمىغان، ئويدۇرما ، ساختا بولۇپ قالغانلىغى سېزىلسە «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ئالدىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئىككىنچىدىن، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىلىم ساختىپەزلىگىدىن ئىبارەت بىنۇمۇس جىنايى قىلمىشىنى مۇشۇ كىتاپ بىلەنلا بولدى قىلمايمەن. ئۇ بىنۇمۇسلۇق بىلەن «ئاپتور» بولۇۋالغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق كىتاپتا ئۇنىڭ تەرجىمىھالى سۇپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش 10 پارچە كىتابى،50 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»(ئالى مەكتەپلەر دەرسلىگى )دىكى ئابدۇكىرىم راخمان «تۈزگەن»5 -، 6-، 10- باپلىرىدىكى ئۇنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا شۇغۇللانغان ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا دائىر بارلىق جىنايى پاكىتلارنى بىرمۇ- بىر سۆرەپ چىقىپ، خەلقنى، تەشكىلنى ئالداپ فروففىسسور، دوكتۇر يېتەكچىسى، مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس دىگەندەك ساختا ئۇنۋانلارغا ئىگە بولۇۋالغان بۇ بىنۇمۇس ئىلىم ئوغرىسىنىڭ «سەللە –پەرىجى»لىرىنى سالدۇرۇپ، قىپيالىڭاچلاپ ئوقۇرمەنلەرگە كورسەتمەكچىمەن.ئۇنىڭ فولىكلور ساھەسىنىڭ ئاتالمىش«داموللىسى » لىق «پەرىج»ىسىنى چۈمكەپ تۇرغان ھۇجۇدىنىڭ نىمىگە ئەرزىيدىغانلىغىغا ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ھۆكۇم قىلسۇن. ئۇنداق بولسا، بىرىنچى ماقالا سۈپىتىدە «ئويغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» نىڭ قانداق ئاپىرىدە بولغانلىقى ۋە بۇ ئوغۇرلىما كىتاپنىڭ قانداق بولۇپ بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ خۇسۇسى تاپاۋەت مۈلكى بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
بىرىنچى«ئويغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى
1989 - يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئابدۇكىرىم راخمان ئاپتورلۇغىدا نەشىر قىلىنغان بۇ كىتاپ ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئانچە ئۆتمەيلا بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ تاقىر بېشىغا پروففىسسورلۇق ساختا ئۇنۋان تاجىسى كەيدۈرۈلگەن ھەمدە ئۇ بۇ ساختا«تاج»نىڭ سەلتەنەتىدە ئالچاڭشىپ تېرىسىگە پاتماي كەتكەن ئىدى.كىشىلەرئسىل خىسلەتتىن بارلىققا كەلگەن ئىجادىي قان-تەر مىۋىلىرى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ۋە ھوقۇقلۇق بولسىمۇ ئەممابۇ ئىلىم ئوغرىسى ئاڭلىسا كىشىنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدىغان ساختىپەزلىك ، قاراملىق ،دانالارچە مەككارلىق ۋە تەۋەككۇلچىلىك بىلەن باشقىلارنىڭ تەييار توم-توم ئىجادىي قانۇنىنى ئەسەرلىرىنى ئەينەن، بۇزۇپ تەرجىمە قىلىپ ئىسمىنى يېزىۋالغان بۇ ئەڭ يىرىك مەكرو مال بىلەن« نەشرىيات ھوقۇقى قانۇنى»نى دەپسەندە قىلىش، پاكزادە ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنىڭ نامىنى بۇلغاش ھېساۋىغا «دۇنياۋى چار بازارچى» غا ئايلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرۇپا ساھىلىدە كىرمىگەن تۆشۇكى قالمىدى. ئۇنداق بولسا بۇ ئىلىم ئوغرىسى بۇ مەكرو مالنى كىملەرنىڭ خەزىنىسىدىن قانداق ئوغرىلاپ چىققان؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئىلمىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتىكى ئىلىم ئوغۇرلۇقى قىلمىشىنىڭ خەلق تۇرمۇشى رېئاللىقىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ماددىي مەدەنىيەت ئوغۇرلۇقى ۋەبۇلاڭچىلىق بىلەن بولغان ماھىيەتلىك پەرقىنى ئايدىڭلدشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
كىشىلەر ئوغۇرلۇق دىسىلا تۇرمۇشتا ئەمگەك ۋە جاپالىق ئىشلەشنى ھا ئېلىپ ھارامى مەئىشەت بىلەن ۋە ھارام تاماقلىق بىلەن جان باقىدىغان، يەنى تام، بوسۇغا تىشىپ ،ئىشىك چېقىپ، يانچۇق ،سومكا كېسىپ جانباقىدىغان ئادىمىي پەسكەشلىك ۋە بىنۇمۇس قىلمىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما، «بۆرىسى يوق جاڭگال، ئوغرىسى يوق يۇرت» نىڭ يوقلۇغىنى ، يەنى ئىلمىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىبارەت بۇ «يۇرت» نىڭمۇ «تام» ۋە«بوسۇغىسى نى تېشىپ ھارامى مەئىشەت بىلەن جاھانسازلىق قىلىدىغان تام تەشتى ئوغرىلارنىڭمۇ بارلىقىنى خىيالىغا كەلتۇرۇپمۇ قويمايدۇ .
ئەمەلىيەتتە،ئىلىم ئوغرىلىرى تۇرمۇشتىكى «تام تەشتى » ئوغرىلاردىن ماھىيەت جەھەتتىن زادىلا پەرق قىلمايدۇ. ئۇلار تام تېشىپ ئۆينىڭ بارلىق لاققا –لۇققىلىرىنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن ئوغرىلارغا ئوخشاش ھېچقانداق ئجادىي ئەمگەك قىلماي باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت مىۋىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ياكى چىراق تۈۋىدە دۈم يېتىپ كۆچۈرۈپ ئوغۇرلاپ ئۇنى ئوزىنىڭ مەكرو مۈلكى قىلىۋالىدۇ. بۇ بىز دەۋاتقان ئىلىم ساختاپەزلىگى جىنايى قىلمىشى بولۇپ، ئابدۇكىرىم راخمان مەككارلارچە دانالىق بىلەن ئاپتور بولۇۋالغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نى ئىلىم ئوغۇرلۇقىنىڭ يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ھەر ئىككىسىنى تەڭ قوللىنىپ ئوغۇرلاپ كۆچۈرۈپ چىققان. بۇ ئىلىم ئوغرىسى ئوغۇرلىغان ئىلمىي ئەسەرلەر ئىچىدە لياۋنىڭ ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ پرففىسسورى ۋۇبىڭئەننىڭ« جوڭگو فولىكلورى»، تاۋلىفەننىڭ« فولىكلور ھەققىدە بايان » قاتارلىق قۇرال كىتاپلىرى، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ،«بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»، «شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» قاتارلىق كىتاپ، ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ دۆۋە- دۆۋە ئەسەرلىرى ئابدۇكىرىم راخمان ئاپتورلۇغىدىكى «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نى تۇغۇپ ئەيۋاشقا كەلتۈرگەن تۇغۇت ئانا كىتاپ ۋە ماقالىلار. ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ بۇ كىتاپ- ژورناللاردىن ئەينەن ئوغۇرلىغان ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىش پاكىتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەينەن كورسىتىپ ئۆتۇن. ئابدۇكىرىم راخمان ئاپتورلۇغىدىكى «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» نى تۇغۇپ چوڭ قىلغان «تۇغۇت ئانا» كىتاپ ۋە ماقالىلار ئىچىدە لياۋنىڭ ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ فروففىسسورى ۋۇبىڭئەننىڭ« جوڭگو فولىكلورى» ناملىق كىتابى بىردىن- بىر مۇھىم كىتاپ ھېساپلىنىدۇ. بۇكىتاپ 355 بەتلىك 19 باپ، 54 پاراگراپلىق مۇكەممەل نەزەرىيىۋى كىتاپ بولۇپ، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ كۆزى چۈشكەن ۋە ئۇ پىچىتىنى بۇزماي ، ئەينەن، تولۇق تەرجىمە قىلىپ(تەرجىمە خاتالىقلىرى كۆپ بولسىمۇ) قاراملىق بىلەن ئىسمىنى يېزىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مەكرو مۈلكى قىلىۋالغان بىردىن- بىر كىتاپ. ئابدۇكىرىم راخمان بۇ كىتاپنى 15 باپ 46 پراگراپلىق «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» قىلىپ قۇراشتۇرۇپ چىققان. بۇئىلىم ئوغرىسى بۇكىتاپنى باپ ،پاراگراپ جەھەتتە ئوخشاتمىغان بولسىمۇ ئەممامەزمۇنى ، كىتاپنىڭ تۈزۈلۈشى، سېستىمىسى رەت- تەرتىپى، باپ، پاراگراپلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،چوڭ-كىچىك ماۋزۇلارنىڭ ئورنى، ئاتىلىشى، بۆلۈنۇشى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ كىتابى سېستىمىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇئىلىم ئوغرىسى «سەنئەت فولىكلورى»دەپ ئاتالغان 5- بۆلۇمدىكى 2باپنى تاۋلىپەننىڭ« فولىكلور ھەققىدە بايان» ناملىق ئەسىرىنىڭ 10- بابىدىن ئەينەن ئوغۇرلاپ تەرجىمە قىلىپ چىققاندىن باشقا، قالغان 13 باپنىڭ 500 بەت ھەجىمدىكى مەزمۇنى، كىتاۋى سېېستىمىنىڭ ھەممىسى «جوڭگو فولىكلورى» نىڭ ئەينەن تەرجىمىسىنىڭ ئۆزى.«جوڭگو فولىكلورى» دىن تۇغۇلغان«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدى بايان» نىڭ مۇندەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا ئىسباتلاش زورۇر بولمىغان، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رەھىمسىز پولاتتەك پاكىتقا ئىگە بولالايمىز.
بىرىنچى، مۇندەرىجە توغرىسىدا
بىز مۇندەرىجىنى سېلىشتۇرغاندا، ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ مۇنداق بىر قانچە خىل ئوخشىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن قوللانغان ئىلم ھېلىگەرلىگىگە دۇچكېلىمىز: 1-، «جوڭگو فولىكلورى» ياكى «فولىكلور ھەققىدە بايان »دا بولسۇن ھەر ئىككى كىتاپنىڭ ئاپتورى بولۇم ئاتالغۇسىنى قوللانمىغان ھەمدە ھەر ئىككى كىتاپنىڭ سېستىمىسىنى باپ، پاراگراپلار بويىچە بايان قىلغان. ئەممائوغۇرلىغۇچى بولۇم
ئاتالغۇسىنى قوللىنىپ ئوغۇرلىغان ئەسەرلەردىن«پەرق» ھاسىل قىلماقچى بولۇپ پۈتۈن كىتاپنى 5 بولۇمگە بولۇپ چىققان. ئەمما 5 بولۈملۈك بۇكىتاپنىڭ ھەرقانداق بىر «بولۇمى» دىن بۆلۈمنىڭ خاراكتىرلىق بەلگىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۆلۈمنى باپ دەپ چۇشەنگەن.
2-، جۇڭگو فولىكلورى»نىڭ:فولىكلورنىڭ خاراكتىرى ۋە ۋەزىپىسى» دىگەن2- بابىنى«بايان» دا1-باپنىڭ 2- پراگىراپى ؛2-باپنىڭ 1-پاراگىراپىنى 2-باپ؛13- باپنى 10-باپ؛ 15- باپنى 13-باپنىڭ3-پاراگىراى قىلىپ «ئوخشاتماسلىق» ھېلىسىنى ئىشلەتكەن.
3-،«جوڭگو فولىكلورى» نىڭ11-باپنىڭ 1-، 3-، پاراگىراپى،13-، 14-،باپنىڭ2-پاراگىراپلىر ىنىڭ ماۋزۇلىرىنى پۇتۇنلەي خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان. بۇ بىر قانچە باپ ۋە پاراگراپلاردىكى نەزەرىيىۋى بايانلارنىڭ مەزمۇنىنى پۇتۇنلەي قالدۇرماي ئوغۇرلاپ چىققان.
مۇندەرىجىدىكى بۇ پاكىتلار «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نىڭ 1-باپ «كىرىش سۆز» دىن باشلاپ 13- باپقىچە بولغان كىتاۋى سېستىمىسىنىڭ« جوڭگو فولىكلورى» نىڭ ئەينەن ئۆزى ئىكەنلىگى؛ 14-،15- باپلارنىڭ «فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ 10- بابىدىن ئەينەن ئوغۇرلاپ چىققانلىغى؛ باپ، پاراگراپ ۋە ئۇششاق ماۋزۇلارنىڭمۇ ئەينەن ئۆزى ئىكەنلىگى، ئوغۇرلىۋالغان ئەسلى ئەسەرلەردىكى كىچىك ماۋزۇلارنى پاراگراپ ، پاراگراپلارنى باپ قىلىۋالغانلىغىنى رۇشەن كورۇۋالالايمىز.توۋەندە، مۇندەرىجىدىكى مۇشۇ تەرتىپلەر بويىچە بۇ ئىككى كىتاپنى كىرىش سۆزدىن باشلاپ ھەر بىر سۆز، ھەربىر جۈملە، ھەربىر ئابزاس، ھەربىر بەت، ھەربىر باپ ۋە ھەربىرپاراگىراپلار بويىچە تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ چىقىمىز.
ئىككىنچى، كىرىش سۆز توغرىسىدا
كىتاپقا كىرىش سۆز يېزىشتىن ئىبارەت مۇشۇنچىلىك ئاددى ئىشمۇ قولىدىن كەلمىگەن بۇ ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخمان بۇ كىرىش سۆزنى «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1983- يىللىق 2- سانىدىكى ئابدۇشۇكۇر تۇردىنىڭ ماقالىسى بىلەن ليۇزىشاۋنىڭ«ئۇيغۇر تارىخى» 1-توم1سوز بېشىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ ئەينەن كۆچۇرۇپ يېزىپ چىققان .پاكىتلارغا قاراڭلار:
«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» (بۇنىڭدىن كېيىن «بايان»دەپ ئېلىنىدۇ) «كىرىش سۆز» 1-بەت 1- ئابزاس «ئۇيغۇرلار» دەپ باشلانغان، «تۇتىدۇ»دەپ ئاخىرلاشقان6 قۇر ؛ 2-ئابزاس «ئۇيغۇرلار»دەپ باشلانغان «ئىز قالدۇرغان»دەپ ئاخىرلاشقان 10 قۇرنى يۇقۇرىقى ژورنالنىڭ 85- ،86- بەتلىرىدىن؛6.بەت «بۇ يېزىقلاردىن»دەپ باشلانغان «ئىشلىتىلگەن»دەپ ئاخىرلاشقان 4قۇرنى90- بەتتىن؛4-بەت 3-ئابزاستىكى 33 قۇرنى« ئۇيغۇر تارىخى»نىڭ1-بەت 3- ئابزاستىن؛4-بەت 4-ئابزاسنىڭ «ئېگىز»دەپ ئاخىرلاشقان يېرىگىچە بولغان 5 قۇرنى 1-بەت 4-ئابزاستىن 4-بەت«شىنجاڭنىڭ» دەپ باشلانغان «رايونى»دەپ ئاخىرلاشقان27قۇرنى 2-، 3-بەتتىن ؛5-بەت«شىنجاڭنىڭ»دەپ باشلانغان، 10قۇرنى 3-بەتتىن؛ 6-بەت«ئىشلىتىلگەن» دېگەن يەرگىچە بولغان 16 قۇرنى 4-بەتتىن؛ 7-بەتتىكى«ئالغان» دېگەن يەرگىچە بولغان8قۇرنى«ئاساسلىرى»نىڭ 2-بېتىدىن؛ 8-بەتتىكى 3قۇرنى «ئۇيغۇر تارىخى»نىڭ 5-بېتىدىن كۆچۈرۈۋالغان. مۇشۇنداق بولغاندا بۇ ئىلىم ئوغرىسى 7يېرىم بەتلىك «كىرىش سۆز»نىڭ 92 قۇرىنى (4بەتتىن كۆپرەك) ئەينەن كۆچۈرۈپ چىققان بولىدۇ.
ئۇچىنچى،بىرىنجى باپ توغرىسىدا
«فولكلور»دەپ باشلانغان «قىلىدۇ»دەپ ئاخىرلاشقان يەرگىچە بولغان 10بەتنى«جوڭگوفولكلورى»نىڭ 1-بىتىدىن 5-بەتكىچە بولغان جايلادىن ؛10-بەتتىن 11-بەتكىچە بولغان 36قۇرنى «جوڭگو
فولىكلورى »نىڭ 5-بىتىدىن كۆچۇرگەن .11- بەتتىن 13- بەتكىچە بولغان 40 قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى» 6-،7- بېتىدىن؛ 13- بەتتىن 14-بەتنىڭ 2- قۇرىغىچە بولغان 21قۇر؛ شۇبەتنىڭ «30-يىللاردا» دەپ باشلانغان «ئالىدۇ»دەپ ئاخىرلاشقان يېرىگىچە بولغان 12قۇر؛ 14بەتتىكى 8قۇر؛15- بەتتىكى19قۇرنى «جوڭگوفولىكلورى«نىڭ 7-،9-؛10-؛11-بەتلىرىدىن؛16- بەتتىن 18-بەتنىڭ 2-ئابزاسىغىچە بولغان 63قۇر(2يېرىم بەت)نى «شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى خەۋەرلىرى»ژورنىلىنىڭ1984- يللىق1- سانىدىن؛ 18-بەتتىن 20- بەتنىڭ 2-ئابزاسىغىچە بولغان 42 قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ11-، 12-بېتىدىن كۆچۈرگەن.
تۆتىنچى، ئىككىنچى باپ توغرىسىدا (20-بەتتىن 30-بەتكىچە)
20-بەت ماۋزۇدىن باشلاپ 30-بەت ئاخىرقى ئابزاسقىچە بولغان تولۇق 10بەت(257قۇر 7000خەتكە يېقىن)نى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ12-بەتتىن 19-بەتكىچە بولغان جايلاردىن كۆچۈرگەن.
بەشىنچى، ئۈچىنچى باپ توغرىسىدا(31-ب
31-بەتتىن 32-بەتكىچە بولغان46 قۇر،33-بەتتىكى كىچىك ماۋزۇدىن باشلانغان 12قۇر؛ 34-بەتنىڭ «ياراتقان ئىدى» دېگەن يېرىگىچە بولغان 7قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 22-بېتىدىن؛ 34-بەت ئاخىرقى ئابزاستىن36- بەتتىكى «يۈرمەكتە» دېگەن يېرىگىچە بولغان38 قۇر؛ 37- بەتتىكى 2قۇرنى «شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى خەۋەرلىرى»ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 3- سانىدىن؛37-بەت «بۇ قەدىمقى» دەپ باشلانغان «بولىدۇ»دەپ ئاخىرلاشقان يېرىگىچە بولغان 6قۇرنى «مىراس»ژورنىلىنىڭ 1983-يىللىق3 -سانىدىن؛ 38-بەتتىكى «يونان»دەپ باشلانغان يەردىن 40-بەتتىكى «دېگەن»دېگەن يەرگىچە بولغان56قۇر؛ 41-بەت «مىلادى»دەپ باشلانغان يەردىن 45- بەتكىچە بولغان 68 قۇرنى«شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقاتى خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 3-سانىدىن؛ 45بەتتىن51-بەتتىكى «تاپماقتا»دېگەن يەرگىچە بولغان102قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 23-بېتىدىن 28-بېتىگىچە بولغان جايلاردىن كۆچۈرگەن.
ئالتىنچى، تۆتىنچى باپ توغرىسىدا («بايان» 51-بەتتىن 69- بەتكىچە)
«بايان»51- بەت ماۋزۇدىن باشلاپ 53- بەتنىڭ 1- ئابزاسىغىچە بولغان33قۇر؛54 -بەتتىكى10قۇر؛55-بەتتىن 61- بەتتىكى«سېزىلىدۇ» دېگەن يەرگىچە بولغان 164 قۇر(7000 خەتكە يېقىن) 62- بەتتىن 65-بەت 1-ئابزاسقىچە بولغان 60قۇرنى «جوڭگوفولىكلورى»نىڭ 33-بېتىدىن 37-بېتىگىچە بولغان يەرلەردىن؛65-بەتتىكى «بۇنىڭدىن»دەپ باشلانغان «بېقىنىدۇ»دەپ ئاخىرلاشقان 6يېرىم قۇر 37- بەتتىن؛ 65-بەتتىن 69- بەتكىچە بولغان88قۇرنى 37- بەتتىن؛ 69-بەتتىن ئاخىرقى ئابزاسقىچە بولغان يەرلەرنى 39- بەتتىن سۇۋارى كۆچۈرگەن.
يەتتىچى، 2-بولۇم، ماددىي فولىكلور («بايان»93- بەتتىن 180- بەتكىچە)
«جوڭگو فولىكلورى» نىڭ ئاپتورى نېمىنىڭ ماددىي فولىكلور بولىدىغانلىغى توغرىسىدا ئالاھىدە كىرىش سوز يازغان.ھالبۇكى ،مۇشۇنچىلىك كىرىش سوز يېزىشمۇ قولىدىن كەلمىگەن ئابدۇكىرىم راخمان بۇكىرىش سوزنىڭ بىرەر خېتىنىمۇ قالدۇرماي ئەينەن كۆچۈرۈپ چىققان. پاكىتلارغا قاراڭلار .«كىرىش» دەپ باشلانغان 73- بەتتىن74- بەتنىڭ «قارىغاندا » دېگەن يېرىگىچە بلغان 35 قۇرنى «جوڭگوفولىكلورى»نىڭ 41-بېتىدىن؛ 74 بەتتىن 75- بەتكىچە بولغان 35قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى» نىڭ41- بېتىدىن؛74 -بەتتىن 75- بەتكىچە بولغان38قۇرنى 42-بەتتىن؛ 75-بەتتىن 76-بەتكىچە بولغان 38قۇرنى 42-بەتتن كۆچۈرگەن.
سەككىزىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى باپ توغرىسىدا(«بايان» 77-بەتتىن 155-بەتكىچە)
77-بەت ماۋزۇدىن باشلاپ 81-بەتتىكى «بولغان ئىدى» دېگەن يەرگىچە بولغان 60قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 43-،44- بەتلىرىدىن؛81بەتتىكى«بۇنداق »دەپ باشلانغان، «بولغان» دېگەن يەرگىچە بولغان 10قۇرنى 44-بەتتىن؛ 81-بەتتىكى 3يېرىم قۇرنى 45-بەتتىن82-بەتتىكى 23قۇرنى 45- بەتتىن؛85-بەتتىكى18قۇرنى6-بەتتىن؛86-بە46-بەتتىن؛ 87-بەتتىكى25قۇرنى46-بەتتىن؛88-بەتتىكى4قۇرنى46-بەتتىن؛89-بەتتىكى10قۇرنى 46-بەتتىن؛90-بەتتىكى30قۇرنى46-بەتتىن؛92-بەتتىكى 6قۇرنى 50-بەتتىن؛93-بەتتىكى بىر يېرىم بەتنى 50-بەتتىن93-بەتتىن 98-بەت 2-ئابزاسقىچە بولغان3يېرىم بەت ھەجىمدىكى نەزەرىيىۋى بايانلارنى 51،52-بەتلەردىن؛99-بەتتىكى14قۇر،نى 53-بەتتىن؛ 100-بەتتىكى 14قۇرنى، 101-بەتتىكى21قۇرنى 54-بەتتىن؛ 102،104-بەتتىكى2يېرىم بەتنى «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نىڭ197، 198؛ 202-بەتلەردىن؛ 104-بەتتىكى 13قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ55-بېتىدىن؛105-بەتتىكى8يېرىم قۇرنى55-بەتتىن؛105-بەتتىكى 30قۇرنى «يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە »لەردىن؛ 107-بەتتىكى 9قۇر،108-بەتتىكى 4قۇرنى جوڭگو فولىكلورى»نىڭ55-بېتىدىن؛110بەتتىن 112-بەتكىچە بولغان2بەت(49قۇر)نى«ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»دىن؛ 113-بەتتىكى 9قۇرنى 56-بەتتىن؛ 114-بەتتىن 119-بەتكىچە بولغان 5بەت(5000خەتكە يېقىن)نى58-،59-بەتتىن؛125-بەتتىكى9قۇرنى 64-بەتتىن؛129-بەتتىكى8قۇرنى «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»دىن؛130-بەتتىن 135-بەتكىچە بولغان90 قۇرنى 67- بەتتىن 70- بەتكىچە بولغان يەرلەردىن؛ 136-، 137-بەتتىكى36قۇرنى «شانجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ1987-يىللىق 2-سانىدىن؛138-،139-بەتتىكى34 قۇرنى «جوڭگوفولىكلورى»نىڭ71بېتىدىن؛ 141-،142-بەتتىكى 35قۇرنى 71-بەتتىن؛ 143-بەتتىن 145-بەتكىچە بولغان45قۇرنى 73-بەتتىن؛ 145-بەتتىكى 4قۇرنى فولىكلور ھەققىدە بايان»دىن؛ كېيىنكى 5قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»دىن ؛147- بەتتىكى 10قۇرنى «جاھاننامە-1»دىن؛ 149-بەتتىكى 1- ئابزاسنى «جوڭگو فولىكلورىنىڭ 82-بېتىدىن كۆچۈرگەن.
توققۇزىنچى، «بايان»7-، 8-، 9- باپلار توغرىسىدا(155-بەتتىن 238-بەتكىچە)
155-بەتتىكى12قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 83-بېتىدىن؛ 156-بەتتىكى18قۇرنى 84-بەتتىن؛؛157-بەتتىكى 16قۇرنى85-بەتتىن؛158-بەتتىكى15قۇرنى85-بەتتىن؛159-بەتتىكى 4قۇرنى 85-بەتتىن؛160، 161-بەتتىكى 35قۇرنى« فو لىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ 111،113-بېتىدىن؛ 161-،162-بەتلەردىكى19قۇرنى«شىجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1985-يىللىق 3-سانىدىن؛171- بەتتىكى 6قۇرنى جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 88-برتىدىن؛171-بەتتىكى 6قۇرنى 89-بەتتىن؛172-بەتتىكى9قۇرنى 90-بەتتىن؛ 173-بەتتىكى16قۇرنى 91-بەتتىن؛ 174-بەتتىكى16قۇرنى«جاھاننامە-1»نىڭ802-بېتىدىن؛ 175-بەتتىكى14يېرىم قۇرنى «سۇتۇق بۇغراخان»5-بەتتىن ؛ شۇبەت 15، 16- قۇردىكى 4قۇرنى «ئىز» 109- بەتتىن؛ 176-بەتتىكى 20 قۇرنى «جوڭگو فولكلورى»نىڭ 92-بېتىدىن؛ 179-بەتتىكى 12يېرىم قۇرنى 95-بەتتىن؛178-بەتتىكى 7قۇرنى «ھونلارنىڭ قىسقىچەتارىخى»دىن؛179-بەتتىكى9قۇرنى«جوڭگوفولىكلورى»نىڭ92-بېتىدىن؛180-بەتتىكى17قۇرنى 97- بەتتىن؛ 182-بەتتىن 183-بەتكىچە بولغان43قۇرنى101-بەتتىن؛185-بەتتىن 188-بەتكىچە بولغان61قۇرنى«ئۇيغۇر تاماقلىرى» نىڭ 31،33،47،48-بەتلىرىدىن؛188-بەتتىكى9قۇرنى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ102-بېتىدىن؛ 103-،104-بەتتىكى11قۇرنى 104-بەتتىن؛190-بەتتىكى 7قۇرنى «فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ117-بېتىدىن؛ شۇبەت 2-ئابزاستىكى 11يېرىم قۇرنى 120بەتتىن؛ 190-بەتتىكى 6قۇرنى 124- بەتتىن؛ 196-بەتتىكى4قۇرنى125-بەتتىن؛شۇبەتتىكى 10قۇرنى 4-ئابزاستىن؛5-ئابزاستىكى4قۇرنى126-بەتتىن؛ 6-ئابزاسنى126-بەتتىن؛ 197-،198-بەتلەردىكى19قۇرنى«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ1983يىللىق 3-سانىدىن؛199-بەتتىكى 6قۇرنى «فولىكلور ھەققىدە بايان»127- بەتتىن؛ 199-بەتتىن 202-بەتكىچە بلغان67قۇرنى «تۈركى تىللار دىۋانى»دىن؛ 206-بەتتىكى 15قۇرنى «جوڭگوفولىكلورى»نىڭ106-بتىدىن؛207-بەتتىن 214-بەتكىچە بولغان182قۇرنى «ئۇيغۇر تاماقلىرى»نىڭ 124-بېتىدىن142-بەتلىرىگىچە بولغان يەرلەردىن؛215-بەتتىكى 19قۇرنى«جوڭگوفولىكلورى»نىڭ116-بېتىدىن؛216-بەتتىكى6قۇرنى 116-بەتتىن؛217-بەتتىن 220- بەتكىچە بولغان 4بەتنى 117-، 118-بەتلەردىن؛221-بەتتىكى3قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 119-بېتىدىن؛222-بەتتىكى 1-ئابزاسنى «فولىكلور ھەققىدە بايان» نىڭ 95-بېتىدىن؛ 2-ئابزاسنى 96-بەتتىن؛223-بەتتىكى7قۇرنى 96-بەتتىن؛ 3-ئابزاستىن 224-بەتكىچە بولغان بىر يېرىم بەتنى 97-بەتتىن؛ 225-بەتتىكى 7خىل چېدىرنىڭ شەكلىنى ۋە12قۇر چۈشەندۈرۈش سۆزىنى 96-بەتتىن؛225-بەتتىن227-بەتكىچە بولغانبىر يېرىم بەتنى97-بەتتىن؛ 229-بەتتىكى3يېرىم قۇرنى «جاھاننامە-1»نىڭ751-بەتىدىم؛231-بەتتىكى 57قۇرنى «جاھاننامە-1»نىڭ 699-،696-،746-بەتلىرىدىن؛231-، 232-بەتلەردىكى13قۇرنى «جاھاننامە-1»نىڭ700-بېتىدىن؛ 233-.236-بەتلەردىكى79قۇرنى «ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتاپنىڭ1-،2-بەتلىرىدىن سۇۋارى كۆچۈرۈپ چىققان.
ئونىنچى،3-بۆلۈم،ئىجتىمائى فولىكلورنىڭ كىرىش سۆزى ۋە ئونىنچى،ئونبىرىنچى،ئون ئىككنچى،ئون ئۈچىنچى باپلارتوغرىسىدا («بايان»243-بەتتىن 500-بەتكىچە)
فولىكلورنىڭ ئىجتىمائىلىغى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى، دائىرىسىنىلا چۈشەندۇرۈپ بېرىدىغان كىرىش سۆزنى «دوكتور يېتەكچىسى» لىك تاجنى كېيىۋېلىپ شىلتىڭشىپ يۈرگەن ئابدۇكىرىم راخمان قەلىمىنى بىرلا جىجىپ يېزىۋەتسە بولاتتى، بىراق ئىلىم ئوغرىسىلق بەدىلىگە كېيىۋالغان بۇ قۇرۇق تاج ئۇنىڭ ئىككى ئېغىز كىرىش سۆزنى يېزىشىغا كار قىلمىغانلىغى ئۈچۈن «فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ 243-، 244- بەتلىرىدىن تولۇق كۆچۈرۈپ چىققان. 244-بەتتىكى بىر ئابزاسنى شۇبەت كېيىنكى ئابزاستىن؛246-بەتتىكى 9قۇرنى «فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ148-بەتىدىن؛ كېيىنكى 4يېرىم قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ130-بېتىدىن؛ 247-بەتتىكى 11 قۇرنى «نىكاھ قانۇنى ھەققىدە لېكسىيە»نىڭ6-بېتىدىن؛ 249-بەتتىكى 8قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ131-بېتىدىن؛كېيىنكى11قۇرنى132-بەتتىن-،251-بەتلەردىكى 250 ئىككى بەت(50 قۇر)نى «ماركس، ئېنگلس تاللانما ئەسەرلىرى»4- تومدىن؛ 252-، 255-بەتلەردىكى67قۇرنى 4-توم 32،33،34،41-بەتلەردىن؛ 255،263-بەتلەردىكى 8بەت(185قۇر)نى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ202-بېېتىدىن 233-بېتىگىچە بولغان يەرلەردىن؛263-،264-بەتلەردىكى 28 قۇرنى «نىكاھ قانۇنىدىن كونسىپىك»تىن؛265-، 266-بەتلەردىكى 31قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ137-بەتىدىن؛266-بەتتىن 268-بەتكىچە بولغان55 قۇرنى «نىكاھ قانۇنىدىن كونسىپىك» نىڭ 71،76-بەتلىرىدىن؛268-،269-بەتلەردىكى 20قۇر (سىخىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى«جوڭگوفولكلورى» نىڭ 161-بېتىدىن؛274-بەتتىكى24قۇرنى «تۈركى تىللار دىۋانى1-تومدىن؛276-،277-بەتلەردىكى 39قۇرنى فولىكلور ھەققىدە بايان»156-بەتتىن؛ 277-،278-بەتلەردىكى24قۇرنى280-بەتتىكى18قۇرنى،159-بەتتىن؛281-، 282-بەتلەردىكى15قۇرنى 157-بەتتىن؛285-بەتتىكى42قۇرنى«قۇتاتغۇبىلىك»تىن؛ 289-، 291-بەتلەردىكى54قۇرنى«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى تەتقىقاتى»نىڭ1983يىللىق 4-سانىدىن؛ 295-بەتتىن 299-بەتكىچە بولغان 92قۇرنى 12قۇرنى «جوڭگوفولىكلورى»نىڭ181-بېتىدىن؛3-ئابزاس(20قۇر)نى 3-،4-،5-ئابزاستىن؛338-بەتتىكى17قۇرنى5-ئابزاستىن؛339-بەتتىكى14قۇرنى183-بەتتىن؛340-بەتتىكى سىخىمىنى184-بەتتىن؛340-بەت 1-ئابزاسنى فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ202-بېتىدىن؛ 341-بەتىكى بىرىنچى ئابزاسنى 4-ئابزاستىن؛3-ئابزاستىكى18يېرىم قۇرنى 5-ئابزاستىن؛342-بەتتىكى11يېرىم قۇرنى 202-بەتتىن؛ .343-بەتتىكى 17 قۇرنى 203-بەتتىن؛ 344-بەتتىكى 4قۇرنى 203-بەت 3-ئابزاستىن؛345-بەتتىكى11قۇرنى 203-بەت 4-ئابزاستىن؛346-بەتتىكى 6يېرىم قۇرنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ1987-يىل31-دىكابىر سانىدىن؛348-،349-بەتلەردىكى23قۇرنى شۇ كۈنلۇك گېزىتنىڭ1-،2-سىتونىدىن؛350-بەتتىكى 12قۇرنى3-سىتوندىن؛ 358-بەتتىكى9قۇرنى «فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ213-بېتىدىن؛359-بەتتىكى 4قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ220-بېتىدىن؛360بەتتىكى 9قۇرنى 220-بەتتىن؛361-بەتتىكى 14قۇرنى«فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ219-بېتىدىن؛ شۇبەتتىكى30قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ221-بېتىدىن؛362-بەتتىكى23قۇرنى 222-بەتتىن؛ 363-بەتتىكى14يېرىم قۇرنى 223-بەتتىن؛2-ئابزاس-19قۇرنى 225-بەتتىن؛2-ئابزاستىكى12قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ 226-بېتىدىن؛ 365-بەتتىكى 14 قۇرنى 226-بەتتىن؛3-ئابزاستىكى17قۇرنى227-بەتتىن؛366-بەتتىكى6يېرىم قۇرنى6-ئابزاستىن؛ئاخىرقى ئابزاس13قۇرنى 228-بەتتىن؛369-بەتتىكى12يېرىم قۇرنى 229-بەتتىن؛368-بەتتىكى2-ئابزاسنى 229-بەتتىن؛369-بەتتىكى18يېرىم قۇرنى230-بەتتىن؛ ئاخىرقى ئابزاس17قۇرنى 231-بەتتىن؛370-بەتتىكى 9قۇرنى232-بەتتىن؛ 377-،379-بەتلەردىكى 38قۇرنى «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ1980-يىللىق1-سانىدىن؛ 379-بەتتىن 384-بەتكىچە بولغان111قۇرنى«ئىز»رومانىدىن؛384-بەتتىكى17قۇرنى «فولىكلور ھەققىدە بايان» 240-،241-بەتلەردىن؛386-بەتتىكى12قۇرنى«جوڭگو فولىكلورى»194-بېتىدىن؛3-ئابزاسنى «فولىكلور ھەققىدە بايان»نىڭ242-بېتىدىن؛388-بەتتىكى2-ئابزاسنى 242-بەت 2-ئابزاستىن؛389-بەتتىكى2- ئابزاسنى «جوڭگو فولىكلورىنىڭ 194-بېتىدىن؛3-،4-ئابزاسنى 195-بېتىدىن؛390-بەتتىكى12يېرىم قۇرنى195-بەتتىن؛ 392-بەتتىن 396-بەتكىچە بولغان107قۇرنى«شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» ژورنىلىنىڭ1985-يىللىق1-سدنىدىن؛416-بەتتىكى8قۇرنى«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ 1986يىللىق 3-سانىدىن؛419-،420-بەتلەردىكى33قۇرنى 29-،30- بەتلەردىن؛422-،424-،بەتتىكى كۆك مەشرىپى، قىزىلگۈل سەيلىسى، باغ سەيلىسى ،قوغۇن سەيلىسىنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ1986-يىل7-ئىيۇن سانىدىن؛425-،426-بەتتىكى38قۇرنى«خەلق ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى»نىڭ192-،193-،194-بەتلىرىدىن؛430-،431-بەتلەردىكى 35قۇرنى «جاھاننامە-1»نىڭ 648-،649-،650- بەتلىرىدىن؛ 439-بەتتىكى 8قۇرنى«شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 1985يللىق 4-سانىدىن؛440-بەتتىكى7قۇرنى «جوڭگو فولىكلورى»نىڭ239-بېتىدىن؛ شۇبەتتىكى13قۇرنى 239-بەتتىن؛441-بەتتىكى27قۇرنى 239-،240-بەتلەردىن؛442-، 443-بەتتىكى40يېرىم قۇرنى 242-،243-بەتلەردىن؛444-بەتتىن 446-بەتكىچە بولغان56قۇرنى 243-بەتتىن247-بەتكىچە بولغان يەرلەردىن؛446-بەتتىكى11قۇرنى 247-بەتتىن؛ 247-بەتتىكى3-ئابزاسنى،446-بەتتىكى بىر ئابزاسنى 449-بەتتىكى 2-ئابزاسنى،449-بەتتىكى24قۇرنى448-بەتتىكى2-ئابزاسنى، 3-ئابزاستىكى بىر ئابزاسنى247-بەتتىن 250-بەتكىچە بولغان يەلەردىن؛ئۇنىڭدىن كېيىنكى 4يېرىم قۇرنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 1986-يىللىق5-دىكابىر سانىدىن؛ 4-ئابزاستىن 449-بەتكىچە بولغان14قۇرنى شۇگېزىتنىڭ3-،6-دىكابىرسانىدىن؛453-بەتتىكى2-ئابزاسنى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ253-بېتىدىن؛ 454-بەتتىكى11قۇرنى «شىنجاڭ خە لق ئەدەبىياتى تەتقىقاتى خەۋەرلىرى»نىڭ1984يىللىق 3-سانىدىن؛455-بەتتىكى 9قۇرنى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ254-بېتىدىن؛456-بەتتىكى 9قۇرنى 256-بەتتىن؛457-بەتتىكى10يېرىم قۇرنى257-بەتتىن؛459-بەتتىكى6قۇرنى258-بەتتىن؛شۇبەت ئاخىرقى ئابزاستىن460-بەتكىچە بولغان 13قۇرنى259-بەتتىن؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى4قۇرنى «شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1985-يىللىق 4-سانىدىن؛461-بەتتىكى4يېرىم قۇرنى يۇقۇرىقى ژورنالنىڭ19-بېتىدىن؛462-بەتتىكى22قۇرنى 16-، 17-بەتتىن؛463-بەتتىكى6قۇرنى17-بەتتىن؛ شۇبەتتىن465-بەتكىچە بولغان 40يېرىم قۇرنى18-،19-بەتلەردىن؛شۇبەتتىن466-بەتكىچە بولغان24قۇرنى18-،19-بەتتىن؛467-بەتتىن كېيىنكى51قۇرنى«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»دىن؛489-بەتتىكى7يېرىم قۇرنى«شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1985يىللىق4-سانىدىن؛ 2-ئابزاستىكى7قۇرنى18-بېتىدىن؛470-بەتتىكى10يېرىم قۇرنى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ26-بېتىدىن؛470-.471-بەتلەردىكى35قۇرنى«شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ11985-يىللىق 4-سانىدىن؛432-بەتتىكى 6يېرىم قۇرنى 21-بەتتىن؛474-بەتتىكى14قۇرنى 21، 22-، 23-بەتلەردىن؛475-بەتتىكى27قۇرنى 24-،25-،26-بەتلەردىن؛478-بەتتىكى17يېرىم قۇرنى12-بەتتىن؛479-بەتتىكى 484-بەتتىكى7قۇر،480-بەتتىكى28قۇرنى14-،15-بەتلەردىن؛482-بەتتىن484-بەتكىچە بولغان43قۇرنى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ270-بېتىدىن؛484-بەتتىن486-بەتكىچە بولغان52قۇرنى«فولىكلو ھەققىدە بايان»نىڭ253-بېتىدىن؛3-ئابزاستىكى18يېرىم قۇرنى254-بەتتىن؛487-بەتتىن500-بەتكىچە بولغان 13بەتنى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ272-بەتتىن291-بەتكىچە بولغان يەرلەردىن كۆچۈرگەن.
ئون بىرىنچى،ئون تۆتىنچى، ئون بەشىنچى باپلار توغرىسىدا (503-بەتتىن 582-بەتكىچە)
503
-،504-بەتتىكى 42 قۇرنى «فولىكلور ھەققىدە بايان»دىن؛ 504-بەتتىكى14قۇرنى288-بەتتىن؛505-بەتتىكى 12قۇرنى288-بەت 2-ئابزاستىن؛506-بەتتىكى بىر ئابزاسنى شۇبەت 2-ئابزاستىن؛506-بەتتىن507-بەتكىچە بولغان 33قۇرنى289-بەتتىن؛507-بەتتىن510بەتكىچە بولغان 65 يېرىم قۇرنى290-بەتتىن؛512-بەتتىكى8قۇرنى290-بەت 2-ئابزاستىن؛513-بەتتىكى 10 قۇرنى 291-بەتتىن؛514-بەتتىكى4قۇرنى 291-بەتتىن؛515-بەتتىكى11قۇرنى 291-بەتتىن؛515-بەتتىكى ئاخىرقى ئابزاسنى292-بەت 2-ئابزاستىن؛516-بەتتىن517-بەتكىچە بولغان49قۇرنى 292-بەت 6-ئابزاستىن؛517-،519-بەتلەردىكى53قۇرنى 293بەت1-ئابزاستىن 6-ئابزاسقىچە بولغانيەرلەردىن؛520- بەتتىكى6قۇرنى294-بەتتىن؛520-بەتتىكى 9قۇرنى294-بەت1-ئابزاستىن؛ 521-بەتتىكى24قۇرنى294-بەت2-،3-ئابزاستىن؛523-بەتتىكى34قۇرنى295-بەتتىن؛526-بەتتىكى2-ئابزاسنى295-بەت 5-ئابزاستىن؛527،528-بەتلەردىكى14قۇرنى296-بەت 2-،3-ئابزاستىن؛530-بەتتىكى10قۇرنى297-بەت2-ئابزاستىن؛531-، 532-بەتلەردىكى34قۇرنى 298-بەتتىن؛534-،535-بەتلەردىكى 28قۇرنى 298-بەتتىن؛536بەتتىكى 13قۇرنى299-بەتتىن؛ شۇبەت ئاخىرقى ئابزاستىن 537-بەتكىچە بولغان19قۇرنى299-بەت3-ئابزاستىن؛شۇبەتتىن539-بەتكىچە بولغان 40قۇرنى «تارىم»ژورنىلىنىڭ 1981-يىللىق11-سانىدىن؛ 542-بەتتىكى19قۇرنى«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ19886يىللىق3-سانىدىن؛550-،551-بەتلەردىكى31يېرىم قۇرنى«شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ1986يىللىق 2-سانىدىن؛564-بەتتىكى بىر ئابزاسنى «شىنجاڭ مىللى تەنتەربىيىسى»نىڭ5-بېتىدىن؛ شۇبەتتىن565-بەتكىچە بولغان20قۇرنى « بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»دىن؛565-بەتتىكى12قۇرنى يۇقۇرىقى ژورنالنىڭ6-بەت2-ئابزاسىدىن؛566-بەتتىكى ىبىر ئابزاسنى 130-بەتتىن؛564-بەتتىكى5قۇرنى 132-بەتتىن؛ئۇنىڭدىن كېيىنكى7قۇرنى133-بەتتىن؛2-،3-ئابزاسنى 5-،6-ئابزاستىن؛569-بەتتىكى 20قۇرنى 150بەتتىن؛569-بەت2-،5-ئابزاسنى151-بەتتىن؛570-بەتتىكى17قۇرنى164-بەتتىن؛571-بەتتىكى22قۇرنى 165-بەتتىن؛571-، 572-بەتلەردىكى 26قۇرنى 168-بەتتىن؛573-، 574-بەتلەردىكى22يېرىم قۇرنى155-بەتتىن؛ شۇنىڭدىن كېيىنكى8يېرىم قۇرنى 156-بەتتىن؛574-بەتتىكى7قۇرنى157-بەتتىن؛574-،576-بەتلەردىكى40قۇرنى 158-بەتتىن؛575-بەتتىكى سىخىمىنى156-بەتتىن؛577-،578—بەتلەردىكى12يېرىم قۇرنى 171-،172بەتتىن؛577-بەتتىكى سىخىمىنى159-بەتتىن؛578-بەتتىكى 2-ئابزاسنى 173-بەتتىن؛579-،580-بەتتىكى27قۇرنى 151-،152-بەتتىن؛2-ئابزاسنى152-بەت ئاخىرقى ئابزاستەن؛581-بەتتىكى 7خىل ئويۇن ئىسىملىگىنىمۇندەرىجىدىن؛شۇبەتتىكى سىخىمىنى65-بەتتىن؛ ئەينەن ئوغۇرلاپ «بايان»نىڭ582بەتلىك سەھىپىسىنى ئاشكارا ئىلىم بۇلاڭچىلىغى روھى ھالىتى بىلەن«غەلىبىلىك» ئاخىرلاشتۇرغان.سېلىشتۇرۇش مۇشۇيەردە ئاخىرلىشىدۇ.توۋەندە بىرقانچە كونكىرىت مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئون ئىككىنچى،ئوقۇرمەنلەر يۇقۇرىدىكى پولاتتەك پاكىتلاردىن ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ خۇسۇسى ئىجادىي ئەمگىگى ھېساۋىدا مەلۇم بىر مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ نامىنى سۇئىئىستىمال قىلىپ،3500تراژدا نەشىرقىلىپ تارقىتىلغان«ئۇيغۇرفولىكلورى ھەققىدە بايان»نىڭ مۇتلەق ئىلىم ئوغۇرلۇقىدىن ئۆرە تۇرغان مەكرو مال ئىكەنلىگىنى، 582بەتلك بۇ كەڭ سەھىپىدە بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بىر ئېغىزمۇ ئىجادىي گېپىنىڭ يوقلۇغىنى ئېنىق كۆرۇۋالالايدۇ.
پۈتۈنلەي ئوغۇرلۇقنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇكىتاپنىڭ مۇقاۋىسىغا «ئاپتور»دەپ ئۆز ئىسمىنى نۇمۇس قىلماي يېزىۋالغان ئىلىم ساھەسىدىكى بۇمەككارسودىگەر بۇ كىتاپنىك 4-بېتىدە «يول»نىڭ «بىراۋنىڭ قەدەم ئىزى» ئىكەنلىگىنى فولىكلور ساھەسىدە«تېخى بىرەر ئۈلگىنىڭ بولماسلىغى سەۋەپلىك بۇ ئەسەر»نىڭ «كوپلىگەن نۇقسانلاردىن خالى ئەمەىسلىگىنى»، لېكىن «خېلى يۇقۇرى ئىلمىي سەۋىيە ۋەئىقتىدار»نىڭ نامايەنى بولغان بۇ«كىتابى» ئارقىلىق «ئۈلگىسى بولمىغان»، «كىشىلەرنىڭ قەدەم ئىزى چۈشۈپ باقمىغان يول»دا«تۇنجى قېتىم مېڭىپ»، «ئۇيغۇر فولىكلورى تەتقىقاتى»دا«تۇنجى قېتىم يول ئېچىپ قويغان»لىغىنى، بۇ«يول»دىكى «قەدەم ئىزى»نىڭ «تۇنجى قەدەم ئىزى» ئىكەنلىگىنى، شۇڭا،بۇ ئىلىم ئوغرىسى ئاچقان بۇ«يول»نىڭ «چوققىسى»غا بۇئوغرىنىڭ ئوغرىلىق« بايرىغى»نى قا دىسا بولىدىغانلىغىنى بىنۇمۇسلۇق بىلەن جاكالىغان ئىدى.
بىز يۇقۇرىدا بۇ ئىلىم ئوغرىسى «ئاچتىم » دېگەن «يول»نىڭ ئۇنىڭ «قاراڭغۇ»داماڭغان ئوغرىنىڭ «چىغىر يولى» ئىكەنلىگىنى،بۇ«يول»نىڭ ئابدۇكىرىم راخمان تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ۋۇبىڭئەن، تاۋلىپەنلەر قاتارلىق ئىلىم ئەھلىللىرى تەرىپىدىن ئېچىلغانلىقىنى،«بىرەر ئۈلگىنىڭ يوقلۇغى»نى ئەمەس،بەلكى
ئابدۇكىرىم راخماندەك دۆكا ئىلىم ئوغرىسىدەك قانچە ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئوغۇرلۇق جەندىسىنى لىقلاپ ئېشىپ قالغىدەك«ئۈلگە»نىڭ ئېشىپ-تېشىپ تۇرغانلىغى ،ئۇ بازارغا سالغان «خېلى يۇقۇرى سەۋىيەۋە ئىقتىدار»نىڭ ھەقىقى ئىلمىي ئجادىيەتكە سەرپ قىلىنغان«يۇقۇرى سەۋىيەۋە ئىقتىدار » بولماستىن،ئىلمىشىپلا ئالىدىغان، يۇقۇشۇپلا يانىدىغان دۆڭكۆۋرۇكنىڭ ئوغرىلىرىدەك ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا سەرپ قىلىنغان«ئوغۇرلۇق يۇقۇرى سەۋىيىسى ۋەئوغۇرلۇق ئىقتىدارى» ئىكەنلىكىنى ئىسباتلىدى.
ئوقۇرمەنلەرگە ئابىستراكىت بولۇپ تۇيۇلۇۋاتقان يۇقۇرىقى پاكىتلارنى قايىل قىلىش كۇچىگە ھېچنىمە تەڭ كېلەلمەيدىغان ستاتىستىكىلىق سانلار بىلەن ئىپادىلىسەك ئابدۇكىرىم راخماننىڭ يۇقۇرىقى ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى كىشىنى چۆچۈتكىدەك مۇنداق بىر پولاتتەك پاكىت بولۇپ كونكىرىتلىشىدۇ:
1)ئابدۇكىرىم راخمان ئوغۇرلاپ ئۆرە تۇرغۇزغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»581يېرىم بەتلىك ئوغۇرلانما كىتاپ بولۇپ،تەخمىنەن 15مىڭ119قۇر. بۇنىڭ مۇتلەق زور بىر قىسمى يۈرۈشلەشكەن،ئۆزگەرتكىلى، ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولمايدىغان ،قېلىپلاشقان، سېستېمىلاشقان نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر بولۇپ، پۈتۈن كىتاپنىڭ 4تىن 3قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئابدۇكىرىم راخمان ئوغۇرلاپ ئۆرە تۇرغۇزغان«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نىڭ 4تىن 3قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇئىلىم ئوغرىسى ۋۇبىڭئەن، تاۋلىپەنلەرنىڭ كىتابىدىن ئەينەن تەرجىمە قىلىپ،(ئۇقالماي تەرجىمە قىلالمىغانلىرىنى تاشلىۋىتىپ) ئوغۇرلىۋالغان. بۇ تەخمىنەن11مىڭ339قۇر.
2)نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنى چىقىرىۋەتكەندە قېپقالغان3780قۇرنىڭ4تىن3قىسمى ۋۇبىڭئەن، تاۋلىپەنلەر ئۆزى ياراتقان نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنى ئىسباتلاش ئۈچۈن كەلتۈرگەن مىساللارنىڭ ئورنىغا ئابدۇكىرىم راخمان تەرىپىدىن ئۇدۇللاشتۇرۇپ سەپلەپ چىققا تەييار مىسال، رىۋايەت، ئەپسانە، ئارخائولوگىيىلىك قېزىلمىلار ھەققىدىكى ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.بۇلار تەخمىنەن 2700قۇر ئەتراپىدا.شۇنداق ئېيتىش مۇمكىنكى،«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان» دەپ ئاتالغان بۇ ئوغۇرلىما كىتاپ ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدىكى بايان ئەمەس بەلكى «جوڭگو فولكلورى»دا يېزىلغان جوڭگودىكى ھەممە مىللەتنىڭ فولىكلورى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى،دۇنيادىكى 5قىتئەدە ياشايدىغان ھەممەمىللەتنىڭ فولىكلورى دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇئىلىم ئوغرىسى ئوغۇرلىغان مەنبەلەردە شۇنداق يېزىلغان.
ئون ئۈچىنچى،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ1984-يىلى تەستىقلاپ تارقاتقان 849-نۇمۇرلۇق «كىتاپ- ژورناللارنىڭ باسما ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنىدىغان نىزامنامە»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا ماقالا- ئەسەر يازغاندا ئۇچرايدىغان«سىتاتا ئېلىش»،« مۇۋاپىق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش» مەسىلىلىرىگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«مۇۋاپىق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش، ئاپتور ماقالا –ئەسەر يازغاندا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش شىئېردىن باشقا ئەسەرلەردە 2500 خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى ،ياكى بىردىن بىر قانچىگىچە بولغان بولغان ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە،ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىلگەن قىسمى ئاپتورنىڭ ئۆزى يازماقچى بولغان پۈتۈن ئەسىرىنىڭ10دىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك».«باسما ھوقۇقىنى قوغداش نىزامنامىسى»نىڭ«قانۇنىي جاۋاپكارلىق»قىسمىدا:«نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن بۇبەلگىلىمىلەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ قىلمىشى بىردەك ئىلىم ئوغۇرلۇقى ھېساپلىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقوقىنى مەمۇرى جەھەتتىن قوغداش تارماقلىرى بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلغان ئاپتورلارنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋە ئىلىم كۆچۈرمىچىلىگىدىن كەلگەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش،جەرىمانە قويۇش، ئاشكارا تەنقىدىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، دەخلى تەرۇزنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش لازىم»دەپ كۆرسىتىلگەن.ئۇنداق بولسا، ئابدۇكىرىم راخمان ئوغۇرلۇقچە «ئاپتور » بولۇۋالغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان »دا ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جەھەتتە ئاشكارا سادىر قىلغان سان-ساناقسىز جىنايى قىلمىشىنى ماقالا-ئەسەر يازغاندا يۈز بېرىدىغان «مۇۋاپىق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش»دىگىلى بولامدۇ؟مۇتلەق بولمايدۇلا ئەمەس بەلكى ئېغىر جىنايى قىلمىش ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ئوغۇرلىماكىتاپ «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»چوڭ 32فورماتلىق كىتاپ بولۇپ، بۇنداق كىتاپلاردا«نىزامنامە»دە يولغا قويۇلغان«مۇۋاپىق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش»پەقەت 80قۇردىن 100قۇر دائىرىسىدىلا(3يېرىم بەت)چەكلىنىدۇ.«نىزامنامە»دە كۆرسىتىلگەن:«بىردىن بىرقانچىگىچە ئاپتورنىڭ ئەسىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش» پىرىنسىپىدا يول قويۇلغان بەلگىلىمە بويىچە ھېساپلىغاندا،بۇ دائىرە تېخمۇ كىچىكلەيدۇ. ھالبۇكى، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشى «نىزامنامە»دە يول قويۇلغان دائىرىدىن مىسلىسىز زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى جەھەتتىكى ئىلىم ئوغۇرلۇقىلا11000قۇردىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ بۇنەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۇمەن دەپ كەلتۈرگەن ئوغۇرلانما مىساللىرىلا 2900قۇر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇمىسال ، رىۋايەت، ئەپسانە، ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىلارنى ھېچبىر قىينالماستىنلا باشقا ماتېرىياللاردىن سۆزمۇ –سۆز ئىزدەپ تېپىش تامامەن مۇمكىن. بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ چوڭ ھەجىملىك بۇ ئوغۇرلانما كىتاپتا كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر جۈملە ئۆزىنىڭ گېپىنى قۇراشتۇرۇپ چىقالمىغانلىغى كىشىگە ئۇنىڭ ئاتالمىش «دوكتور يېتەكچىسى» دېگەن مەكرو تاجنى قانداق لولىلىق بىلەن تاقىر بېشىغا كىيىۋالغانلىغى توغرىسىدىكى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن، بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ بۇ ئوغۇرلانما كىتاپتا ئىشلەتكىنى ھەرگىزمۇ «مۇۋاپىق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش»،ياكى «سىتاتا ئېلىش» بولماستىن، بەلكى ئوچۇق- ئاشكارا ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى شۇنىڭ ئۈچۈن «ئىلمىي تەتقىقات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ،كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىرقېتىملىق ئىڭ زور ئىلىم ئوغۇرلۇقى قىنايى قىلمىشى دىلوسى» دەيمىزكى جوڭگو، ياكى چەتئەللەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تارىخىدا ئابدۇكىرىم راخمانغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ پۈتۈن ئىككى كىتابىنىىڭ تېماتىكىلىق سېستىمىسىنى، باپ، پاراگراپلارنى ۋە ئۇلارنىڭ رەت-تەرتىبىنى ھېچقانداق ئۆزگەرمەي قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئەينەن ئوغۇرلاپ ئۆز«مۈلكى» قىلىۋالغان بىرمۇ ئىلىم ئوغرىسى ئاپتور ئارخىبىنى ئىزدەپ تېپىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئەپسۇسكى، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا شەۋكەتلىك مەدەنىيەت تارىخى بىلەن جاھاندا نامى بارئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن چىققان ئابدۇكىرىم راخمان ئىككى خەنزۇ ئاپتورنىڭ چوڭ ھەجىملىك ئىككى كىتۋىنىڭ جانغا ئە ىسقاتىدىغان مېغىزلىرىنى سۈلۈكتەك شورۇۋېلىپ ئوغۇرلااپ پۈتۈن دۇنيا قەلەمكەشلىرىگە ئىنتايىن يىرگىنىچلىك بىر سەلبى«ئۈلگە» تىكلەپ بەردى.بۇ،ئېسىل مىللىي ئەخلاق، ۋىجدان ۋە نۇمۇسنى قانۇندىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ساپ مىللى مەدەنىيىتىگە قىلىنغان كەچۈرگىسىز ھاقارەت، بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ بۇ ھاقارەتلىك جىنايى قىلمىشى ئۆزۋاقتىدا ئىلمىي نۇقتىدىن ئىلمىي مەسىلە سۈپىتىدە پاش قىلىش ماتېرىيالى يېزىلىپ «شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» تەھرىر بۆلۈمىگە بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىلمىي مەسىلىنى قەستەن تەشكىلىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ ھەل قىلماقچى بولغان بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىدارە ئورگىنى تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان پولاتتەك پاكىتلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ:«ئابدۇكىرىم راخمان بۇ كىتاپنى تۈزۈشتە نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان،ماتېرىياللاردىن پايدىلانغاندا ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلەتكەن جايلار كۆپرەك بولۇپ كەتكەن»دەپ ھەق-ناھەقنى يامان نىيەت بىلەن ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشىغا چاپان ياپتى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئابرويى ۋە نۇپۇزىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بۇ ئورگاننىڭ«ھۆكۈمى»چە بولغاندا، ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخمان«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نى«تۇزگەن»،«تۈزۈش » جەريانىدا«نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان»، «ماتېرىياللاردىن پايدىلانغاندا ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلەتكەن جايلار كۆپرەك بولۇپ كەتكەن» بولىدۇ. ئۇنداق بولسا «تۈزۈش» دېگەن نىمە؟«ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش» دېگەنچۇ؟ ئىلمىي مەسىلىنى غەرەزلىك ھالدا تەشكىلىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ «نۇپۇز» ئىگىلىرىنىڭ بۇمەسىلىنى چۈشەنمەسلىگى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا،بۇ «نوپۇز»ئەھلىللىرىنىڭ بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىنىڭ«نىزامنامە»دەكۆرسىتىلگەن پىرىنسىپلار بويىچە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلىم ئوغرىسى ھېساپلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنى نىمىشقىدۇ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا مۇئەللىپ بۇكىشىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىتاتىستىكىلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپىدۇ.
بىز يۇقۇرىدا«بايان»نىڭ15مىڭ119قۇرلۇق ئوغۇرلىما كىتاپ ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ11مىڭ 339قۇرىنى ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ «جوڭگو فولىكلورى»،«فولىكلور ھەققىدە بايان» قاتارلىق كىتاپلاردىن ئەينەن تەرجىمە قىلىپ كۆچۈرۈپ چىققانلىغىنى كۆرگەن ئىدۇق.بۇ ئىلىم ئوغرىسى 11مىڭ339قۇرنى ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ 50پىرسەنتىنىئوغۇرلىغان ،دېگەندە ،ئۇ5669قۇر؛ 25پىرسەنتىنى ئوغۇرلىغان دېگەندە2843قۇر؛12يېرىم پىرسەنتىنى ئوغۇرلىغان، دېگەندە1417قۇر؛ 6يېرىم پىرسەنتىنى ئوغۇرلىغان دېگەندە708قۇر بولىدۇ.ئەڭ ئاخىرقى 6يېرىم پىرسەنت بويىچە ھېساپلىغاندىمۇ،بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ساپ ئىلىم ئوغۇرلۇقى «نىزامنامە»دە يول قويۇلغان«مۇۋاپىق ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش» بەلگىلىمىسىدىن يەنىلا 608قۇر ئارتۇق ئوغۇرلىغان بولىدۇ. ئەپسۇسكى ھەقنى سۆزلىمەيدىغان گاچا، ھەقنى كۆرمەيدىغان كور ،ھەقنى ئاڭلىمايدىغان گاس قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئەمما ھەق ئۈچۈن «جانپىدا قىلىش»قا قەسەمياد قىلغان بۇ«نۇپۇز»ئىگىلىرى دۇنيا ئىلىم-پەن تەتقىقاتى تارىخىدا كۆرۈلۈشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان بۇ گۇمراھلىققا چاپانچىلىق قىلىپ يول قويغان بىلەن كىرىمى كەڭ، قۇدرىتى ئۇلۇق تەڭرىمۇ يول قويماسلىغى مۇمكىن، خەيرىيەت.
ئون تۆتىنچى،ھېلىقى «نۇپۇز» لۇقلارنى ئاسراپ بېقىۋاتقان «نۇپۇزلۇق» ئورگان ئابدۇكىرىم راخماننىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشىغا چاپانچىلىق قىلىپ:«ئابدۇكىرىم رخمان بۇ كىتاپنى تۈزگەن»دېدى. ئۇنداق بولسا «تۈزۈش»دېگەن نىمە؟«تۈزۈش » ھەققىدە «نىزامنامە»دە ناھايىتى ئېنىق جاۋاپ بېرىلگەن. ئاپتور بىلەن «تۈزگۈچى»نىڭ پەرقى توغرىسىدىمۇ ئېنىق جاۋاپ بېرىلگەن.بىز«نىزامنامە»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەس، بەلكى خەلقارا نەشرىياتچىلىقتا قائىدە سۈپىتىدە ئادەتلەنگەن، ئاپتوربىلەن تۈزگۈچىنى پەرقلەندۈرىدىغان مۇنداق بىر ئاددى ئۇسۇلغا قارىساقلا ئىلىم ئوغرىسى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ بۇكىتاپنى تۈزگەن «تۈزگۈچى»، ياكى «ئاپتور» ئىكەنلىگى ئايدىڭلىشىدۇ.
خەلقارا نەشرىياتچىلىقتا،«ئاپتور»نىڭ ئىسمى كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىغا، كىتاپ نامىنىڭ ئۈستىگە سېنكىلىق تامغا قىلىپ «باسما ھوقۇقى» تىزىلغان ئىچكى بەتكە«ئاپتور»دەپ؛ «تۈزگۈچى» نىڭ ئىسمىنى مۇقاۋىغا ئەمەس ئىچكى بەتكە، كىتاپ نامىنىڭ ئاستىغا «تۈزگۈچى»دەپ يېزىش ئادەتلەنگەن.ئەمدى بىز ئوغۇرلىما كىتاپ «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»نىڭ مۇقاۋىسىغا قارىساق، كىتاپ مۇقاۋىسىنىڭ ئۈستىدىكى گۇللۇك نەقىش ئاستىغا يېزىلغان «ئابدۇكىرىم راخمان» دېگەن سېنكىلىق خەتكە،ئاندىن بۇخەتنىڭ ئاستىغا يېزىلغان«ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»دىگەن سېنكىلىق كىتاپ نامىغا كۆزىمىز چۈشىدۇ، مۇبادا ئابدۇكىرىم راخمان بۇكىتاپنى «تۈزگەن» بولسا، نىمە ئۈچۈن ئۇ ئىسمىنى كىتاپنىڭ ئىچكى بېتىگە«تۈزگۈچى» دەپ يازماي بەلكى كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىغا ئاپتور دەپ يېزىۋالىدۇ؟تۈزگۈچىنىڭ ئىسمىنىڭ كىتاپنىڭ ئىچكى بېتىگە يېزىلىدىغانلىغىنى «دوكتور يېتەكچىسى »بولغان بۇ ئىلىم ئوغرىسى بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ ھالبۇكى، ئابدۇكىرىم راخمان ئۆزئىسمىنى كىتاپ مۇقاۋىسىغا «ئاپتور»دەپ يېزىۋېلىپلا قالماستىن،مۇندەرىجىدىن كېيىنكى 7-بەتتە مەسچىت مېھرابى شەكلى ئېلىنغان سېنكىغا ئۆزىنىڭ بۇكىتاپنىڭ«ئاپتورى» ئىكەنلىگىنى2-قېتىم؛7-بەتنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان «باسما ھوقۇقى»دا ا3-قېتىم؛588-بەتتە 4-قېتىم نامايەن قىلغان. ھالبۇكى،4قېتىم ئوزىنى بۇ كىتاپنىڭ«ئاپتورى»دەپ نامايەن قىلغان ئابدۇكىرىم راخمان10-بەتتەتولىمۇ لولىلىق بىلەن «تۈزگۈچى»بولۇۋالغان.بۇ قانداق گەپ؟ ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىككى يۈزى بارمۇ ياكى بىر يۈزى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ بىر يۈزى بولىدىغان بولسا بىر كىتاپتا مۇھەررىرنىڭ بېشىغا ھەم« ئاپتور»، ھەم «تۈزگۈچى» ماركىلىق «سۇلايمان قالپىغى »نى كەيدۈرۈپ كىمنى ئاخماق قىلماقچى؟ بۇئىلىم ئوغرىسى باش قاتۇرۇپ«بوياپ» چىققان نەشرىيات ھېلىگەرلىگى ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنى ئۆزھېلىگەرلىگىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالىدىمۇ؟
ئون بەشىنچى، «بايان»دا بۇئىلىم ئوغرىسى بۇئوغۇرلىما كىتاپنى قانداق ئوغۇرلاپ يېزىپ چىققانلىغىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش «پايدىلانغان ماتېرىياللار»نامى بىلەن سۇۋارى 5بەتتە تىزىپ كۆرسەتكەن «پايدىلانغان ماتېرىياللار» نىڭ تىزىملىكى بار.ئابدۇكىرىم راخماننىڭ بۇ تىزىملىكنى تىزىپ كۆرسىتىشتىكى مەقسىتى «بايان»نى ئەشۇ ماتېرىياللاردىن« پايدىلىنىپ» يېزىپ چىققانلىغىنىڭ «شاھىدى» قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. «پايدىلىنىش» دېگەن سۆزگە«نىزامنامە»دە ئېنىق تەبىر ۋە چەك-چېگرا كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ،ئەمما«پايدىلىنىشن»نى تۇرمۇشتىكى ئاددى بىر مىسال بىلەن، يەنى پايدىلىنىۋېلىش ئۈچۈن سوراپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن پالتا بىلەن پالتىنىڭ ئۆزىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان،ئەمما پالتىدىن پايدىلىنىپ قىلىۋېلىنغان ئىشنىڭ ماھىيىتىگە تەمسىل قىلىپ چۈشەندۈرسەك،«پايدىلىنىش» ئاتالغۇسىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالالايمىز: پالتىنى ئوتۇن يېرىۋېلىش ئۈچۈن سوراپ ئېلىپ چىقىپ كەتكۈچى پالتىدىن پايدىلىنىپ ئوتۇن يېرىۋالغان(پايدىلىنىۋالغان) بولسا ھەمدە پالتىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا، بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق پالتىدىن «پايدىلىنىۋالغان» بولىدۇ.مۇبادا،پالتىنى ئىشلىتىۋالاي دەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، پالتىنى ئۆزىنىڭ«مۈلكى» قىلىۋالىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا پالتىنى سورىغۇچى كەم-كۇتىسىز قارا نىيەت پالتا ئوغرىسى، ئالدامچى، بۇلاڭچى بولۇپ سوتقا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئابدۇكىرىم راخمان پايدىلاندىم دەپ تىزىۋالغان«پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى»دىن «پايدىلانغان»دا، «پايدىلىنىپ» «پادىلىنىش»قا ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقالىغانمۇ، ياكى «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى»نى ھېلىقى پالتا سورىغۇچى قارا نىيەت ئوغرى بۇلاڭچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ مەكرو مۈلكى قىلىۋالغانمۇ؟ يۇقۇرىدىكى پولاتتەك پاكىتلارنى كۆرگەن ھەرقانداق ئاق نىيەتلىك كىشىلەر ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ھېلىقى پالتىنى پايدىلىنىۋالاي دەپ سوراپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ پالتىنى ئوغۇرلىۋالغان قارا نىيەت بۇلاڭچىغا ئوخشاش ئىلىم بۇلاڭچىسى بولۇپ قالغانلىغىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.
بۇ پاكىتلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بۇئىلىم ئوغرىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ چاپانچىلىق قىلغان ھېلىكى«نۇپۇز»لۇق ئورگان بۇھېساپسىز پاكىتلارنى:«ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلەتكەن جايلار كۆپرەك بولۇپ كەتكەن»دېگەنمۇ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇئورگان:«ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلەتكەن جايلار كۆپرەك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىزاھات بەرگەن»دەپ «ئىزاھات»نى دەستەك قىلىپ بۇئىلىم ئوغرىسىنى قانۇنىي جاۋاپكارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ئۇرۇندى.«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»، ۋە «نىزامنامە»نى دەپسەندە قىلىدىغان، پارتىيە،ھۆكۈمەت مەنپەئەتىنى ئابدۇكىرىم راخماننىڭ خۇسۇسى ھايۋانىي مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەن بۇ ئورگاننىڭ بۇ«باياننامە»لىرىنىڭ ماھىيىتى:«ئىلمىي تەتقىقاتتا مەيلى ئوغۇرلا،، مەيلى كۆچۈر ،ئىختىيار ئۆزۇڭدە. ئەمما ئىزاھات بېرىپ قويساڭلا قۇتۇلىسەن ،يامىنى كەلسە تىرەك بولىدىغانغا بىزبار»دېگەندىن ئىبارەت.بۇئورگاننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئالدىدا بۇنداق بىپەرۋالىق ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى ئىلىم ئوغرىلىرىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشىغا يانتاياق بولۇپ بەرگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئۆز ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشىغا «ئىزاھات»بېرىپ قويغانلىغى خەلقارا تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ. بۇئىشنى بىز قىلدۇق دېگىنىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق.ھالبۇكى،كىشىلەر خەلقارا تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ نىزامنامىلىرىدە:«تېررورچى ئۇنسۇرلار تېررورلۇق قىلىپ بولۇپ ئىزاھات بېرىپ قويسىلا ئۇلارنىڭ جىنايىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ»دېگەن ماددىنى كۆرگىنى يوق.خۇددى شۇنىڭدەك كىشىلەر«نەشرىيات ھوقۇقى » قانۇنىدىمۇ ئىلىم ئوغرىلىرى قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ئىزاھات بېرىپ قويسىلا ،ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، بۇ بەلگىلىمە ئىلىم ئوغۇرلۇقى بىلەن ساختا دوكتور يېتەكچىسى ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇۋالغان ئابدۇكىرىم راخمانغىلا خاس دېگەن ماددىنىمۇ كۆرگىنى يوق.
ئون ئالتىنچى،«بايان»نىڭ10بېتىدە، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ «تۈزگۈچى»دىن دېگەن نام بىلەن ۋەھىمە ئىچىدە .ئېلان قىلغان بىر«باياناتى» بار.ئۇ،بۇ«بايا ناتى»دا:«بۇكىتاپنى تۈزۇشتە پىروفىسسور ۋۇبىڭئەننىڭ‹جوڭگو فولىكلورى›ناملىق نۇپۇزلۇق ئەسىرى ماڭا ناھايىتى زور ياردەم بەردى. شۇمۇناسىۋەت بىلەن ئۇستازىم ۋۇبىڭئەن ئەپەندىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن»دەپ ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشىنى «ئىزاھات »بېرىش لولۇلىغى بىلەن يوشۇرۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. يوشۇرۇمەن دەپ ئاشكارىلاپ قويغان بۇ ئىقرارنامە بويىچە بولغاندا،بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ«چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدىغان ئۇستازى پەقەت ۋۇبىڭئەن ئەپەندىلا بولمىسىمۇ،ئەمما بۇئىلىم ئوغرىسى نىمىلا بولمىسۇن «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچى»نى ئۇنتۇپ قالمىغان. ھالبۇكى،70يىللىق لايسۇدەك ھەسرەت،دىشۋاچىلىق، قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتكەن ئۆمرىدە ۋۇبىڭئەن ئەپەندىنى كۆرۇپمۇ باقمىغان بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئۇنى «ئۇستازىم»دەپ بەدبۇي پۇراپ تۇرىدىغان ئاغزىغا ئالغانلىغى كىشىنىڭ قاقاخلاپ تۇرغان كۈلكۈسىنى كەلتۈرىدۇ.«ئۇستاز»سۆزىنىڭ«ھۈنەر-كەسىپ،بىلىم ئۈگەتكۈچى، تەربىيە بەرگۈچى»دېگەندەك ئىبارىلەربىلەن ئىزاھلىنىدىغانلىغى ھەممىگە ئايان ئەقەللىي ساۋات.شۇنداق بولغاندا،ۋۇبىڭئەن ئەپەندى ئابدۇكىرىم راخمانغائىلىم ئوغۇرلۇقى ۋ ە ئىلىم كۆچۈرمىچىلىگىىدىن ئىبارەت بۇ بىنۇمۇس«ھۈنەر»نى ئۈگىتىپ قويغان«ئۇستاز»بولۇپ قالغان بولمامدۇ؟ كىشىگە تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلش بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولغان نەدە بار؟ ئەمدى بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ كەمىنە ۋۇبىڭئەن ئەپەندىنىڭ ئەسىرى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ ھېچنىمىسىنى قويماي سالجىدەك شورىۋېلىپ ئۇنىڭ پېشىدە ناماز ئوقۇيدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئۇنىڭغا«چىن قەلبىدىن»ئېيتقان «رەھمىتى»گەكەلسەك ئۇنىڭ بۇ رەھمىتى مۇھتاجلىقتا ، بېيىغان زەردارلارنىڭ ئۆيىنىڭ تېمىنى تېشىپ ئوغۇرلۇققا كىرىپ باينىڭ يىپ يىڭنىسىنىمۇ قويماي سۈپۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان تام تەشتى ئوغرىنىڭ باياشات داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنى مۇھتاجلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالغان زەردار بايغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ «چىن قەلبىدىن» ئېيتقان«رەھمىتى»دىن زادىلا پەرق قىلمايدۇ.چۈنكى،«تۇغۇت ئانىسى» «جوڭگو فولىكلورى»بولغان «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» بۇئىلىم ئوغرىسىنى بانكا ئامانەت كارتوچكىسىغا 4خانىلىق سانلار قاتارى بويىچە كىرگۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن خەلق پۇلىغا ئىگە قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ھەقىقى ئىلىمنىڭ ئىزناسىمۇ بولمىغان تاقىر بېشىغا «دوكتور يېتەكچىسى» دېگەن ساختا «تاج»نى كەيدۈرۈپ قويغان تۇرسا،«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىغا،«تاج»كەيگەندە كەيدۈرگۈچىگە«چىن قەلبىدىن رەھمەت» ئېيتمىسا تۇزكور بولۇپ كەتمەمدۇ؟
ئون يەتتىنچى،ئابدۇكىرىم راخمان كىرىش سۆزدە:«قولىڭىزدىكى‹ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان› ناملىق بۇئەسەردە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى فولىكلورى بايان قىلىنىدۇ»(8-بەتكە قاراڭ) دېگەن ئىدى. راست شۇنداقمۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق. 15باپلىق بۇ ئوغۇرلىما كىتاپتىكى دۆۋە- دۆۋە چۇۋالچاق بايانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس،پەقەت تاغلىق ريونلار، بېلىقچىلىق رايونلىرى،چارۋىچىلىق رايونلىرى، دېھقانچىلىق رايونلىرى ئىقتىسادى دەپ 4كە بۆلۈپ بايان قىلغان، «ماددىي فولىكلور»دەپ ئاتالغان بىر باپنىلا ئالساق، بۇبىر باپتىلا ئاسىيا،ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا،ئەنگىلىيە، ئوكئانىيە، غەربى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، مەركىزىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، ياپونىيە، پولىنسا تاقىم ئاراللىرى، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا، پەلەستىن، ئىراق ، ئىران، سۇرخان، ۋاھىش، كافرىگان دەريا ۋادىلىرى، كاسپىي دېڭىزى، قاراتاغ، پەرغانە، نارىن، زىيان كۆلى، سىمپالاتىنىسكى، ئېرىتىش، ئاشخابات دېگەندەك دۇنيادىكى 6قىتئەگە تەۋە دۆلەتلەر ۋەئۇلارغا تەۋە يەر-جاي ناملىرى، ئۇلارغا دائىر ئابدۇكىرىم راخمانچە ئاتالمىش «ماددىي فولىكلور»لار؛يونان ھىندى، فارىس، شىمالىي چى، ئىندىئانلار ئەجداتلىرى بولغان موڭغۇل ئېرقى ۋەئۇلارغا دائىر ئاتالمىش «ماددىي فولىكلور» توغرىسىدىكى ۋائىزلىق باياننامىلىرىگە كۆزىمىز چۈشىدۇ.سوراپ كۆرمەي بولمايدۇكى،دۇنيادىكى د ۋلەت ۋە مىللەتلەرگەتەۋە بۇفولىكلورنىڭ ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ فولىكلورى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟ «قولىمىزدىكى ‹ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان›ناملىق بۇ ئوغۇرلىما ئەسەردە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى فولىكورى بايان قىلىنماقچى »ئىدىغۇ؟ بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ تونۇشىچە ،ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىىسى ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى، ئۇيەرلەردە ياشاۋاتقان قەۋىملەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئوخشىمامدۇ؟ 15باپلىق بىر كىتاپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا،بىر تامچە ھېساپلىنىدىغان بۇ بىر باپتىلا نىمە ئۈچۈن بۇ ئىلىم ئوغرىسى زىمىن تاجاۋۇزچىلىغى خاراكتىرىنى ئالغان بۇنداق ئېرىغداپ بولغىلى بولمايدىغان بۇنداق زور مىللى شوۋىنىزىملىق خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ؟چۈنكى،ئابدۇكىرىم راخمان ئاغزىدا:«قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەردە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى فولىكلورى بايان قىلىنىدۇ »دەپ بىلمەي تۇرۇپ جويلىگەن بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ «بايان» قىلىدىغان قىلچە دەسمىسى بولمىغانلىقتىن، «بايان »قىلىدىغان دەسمىنى«جوڭگو فولىكلورى» نىڭ «دەرۋازىسى»نى قومۇرۇپ ۋۇبىڭئەننىڭ دەسمىسىنى قويماي ئوغۇرلاپ «جوڭگوفولىكلورى»نى «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» قىلىپ خەقنىڭ مۈلكىنى نومۇسسىزلىق بىلەن ئۆز مۈلكى قىلىۋالغان. شۇڭا «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ فولىكلورى ھەققىدىكى بايان ئەمەس، بەلكى«جوڭگو فولىكلورى»نىڭ دەل ئۆزى بولۇپ قالغان. «جوڭگوفولىكلورى»دا يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ فولىكلورىغا دائىر ماتېرىياللار بايان قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاپتورى كىرىش سۆزدە بۇئىلىم ئوغرىسىغا ئوخشاش :«قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەردە پەقەت خەنزۇ مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى فولىكلورى بايان قىلىنىدۇ»دېمىگەن.ئەمما شۇنچىلىك ئىشنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولمىغان بۇئىلىم ئوغرىسى «پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى فولىكلورى بايان قىلىنىدىغان» بۇكىتاپتا «جوڭگو فولىكلورى»دا نىمە دىيىلگەن بولسا ئۇنى چايناپ باقماي شۇنى دەۋەرگەن.بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئوغۇرلىغان كىتاپلاردىكى مەزمۇنلارنى چايناپ باقمايلا ئوغۇرلاۋەرگەنلىگىنىڭ كىچىككىنە پاكىتى سۈپىتىدە مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىپ قويۇشقا بولىدۇكى،«تاغلىق رايونلار،دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق،بېلىقچىلىق رايونلار ئىقتىسادى»دەپ بايان قىلغان«بايان»دىكى بېلىقچىلىق رايونلار ئىقتىسادى دېگەن«بايان»غا دىققەت قىلغان ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس بېلىقچىلىققاتايىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ .ھالبۇكى، «دوكتۇر يېتەكچىسى» بولغان بۇساھىپنەزەر«ئۇلۇقزات»نىڭ مۇشۇنچىلىك ئەقەللىي ساۋاتتىنمۇ خەۋىرى بولماسلىغى نىمىنى چۈشەندۇرەر؟
ئون سەككىزىنچى، «بايان»نىڭ 295-،299-،305-بەتلىرىدە ئاخىرلاشقان يەرگىلا سىتاتا بەلگىسى قويۇلغان،ئەمما سىتاتىنىڭ قايەردىن باشلانغانلىغىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بىر دۆۋە سىتاتىلارنىڭ فرونزا، موسكۇا،ئالما ئاتادا نەشىر قىلىنغان«قىرغىز س س س ر تارىخى»،«قازاق س س س رتارىخى» قاتارلىق رۇسچە قۇرال كىتاپلاردىن ئېلىنغان سىتاتىلار ئىكەنلىگى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن .ئۇجۇر-بۇجۇرىنى ئوبدان بىلمەيدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ«ئىلىمدە كامالەت تاپقان ئەۋلىيا»لىقىنى كۆز-كۆز قىلىش غەرىزىدە بېرىلگەن بۇسىتاتىلارنى كۆرگەن ھەممىدىن خەۋەردار(قۇلىقى ئۇزۇن) ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر تىلى كامىللىغىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان، خەنزۇ تىلىنى ئاران يامىدايدىغان ئابدۇكىرىم راخماننىڭ قاچان، قايەرلەردە يۈرۈپ رۇسچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان«موللا»بولۇپ كەتكەنلىگىدىن گۇمانلانماي قالمىدى.
ئون توققۇزىنچى، «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»،«ئاساسىي قانۇن»نىڭ ئالاقىدار روھىنىڭ ئاخبارات-نەشرىيات، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىنىشى بولۇپ،بۇ قانۇن «ئاساسىي قانۇن» غا ئوخشاشلا، يۇقۇرى نۇپۇز،ئابروي ۋە كۈچلۈك مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە.بۇقانۇننىڭ جاۋاپكارلىق قىسمىدا:«ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋە ئىلىم كۆچۈرمىچىلىگى جىنايى قىلمىشىنى سادىر قىلغان ئاپتورلارنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋە ئىلىم كۆچۈرمىچىلىگىدىن كەلگەن تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش،جەرىمانە قويۇش، ئاشكارا تەنقىدىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ،دەخلى-تەرۇزنى توختىتىش،تەسىرىنى تازىلاش،زەھەرىنى تۈگىتىش لازىم »دەپ كۆرسىتىلگەن.ھالبۇكى،«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ئېلان قىلىنىشتىن سەل بۇرۇن«قەپەز»دىن چىققان ئابدۇكىرىم راخمان ئاپتورلۇغىدىكى بۇئوغۇرلانما كىتاپتىكى تولۇپ –تېشىپ تۇرغان ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا دائىر پاكىتلاردىن «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نى مەمۇرى جەھەتتىن باشقۇرۇش تارماقلىرى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم گېزىت-ژورناللىرى، ھەمدە ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىدارە ئورگىنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلمايلا قالماستىن،بەلكى بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىمىشىنى كەڭ ئاممىدىن يوشۇرۇپ ھەتتا بۇ ھەقتە يېزىلغان تەنقىدى ماقالىنى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىشقىمۇ يول قويمىدى. بۇئىلىم ئوغرىسىنى قانات ئاستىغا ئېلىش شۇدەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ھەققانىيەت يولىدا جانپىدا قىلىپ بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلغۇچىغا بېسىم ئىشلىتىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق گېزىت-ژورنال ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ئاغزاكى مەخپى يول –يورۇق بېرىپ ،ئۇنىڭ ماقالا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشنى قارا نىيەتلىك بىلەن توسۇپ ،نەشرىيات ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقىچە بېرىپ يەتتى. ئەكسىچە، بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىدارە ئورگىنى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ،ئۇنى دۇڭخەيگە ئېلىپ بېرىپ ئالى مېھمانخانىلاردا ياتقۇزۇپ ئۇچىسىنى تۇتقۇزۇپ ئاشلىتىپ تۈۋلەتكەندىن باشقا، دوتسېنتلىقتىن فروففىسسورلۇققا،ئاندىن دوكتور يېتەكچىسىلىككە ئۆستۈرۈپ،مىسلى كۆرۇلمىگەن مەغپىرەت ۋە پەزلى مەرھەمەتتىن بەھرىمەن قىلدى. بۇنى ئازدەپ يېقىندا ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن ھالال قان-تەر ئاققۇزۇپ ئىزچىل شۇغۇللانغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەخلاقلىق ئىلىم ئاۋانگارتلىرىغىلا كەيگۈزۈلىدىغان توننى ۋۇجۇدىدىن ئىلىم ئوغۇرلۇقىنىڭ سېسىق بۇسلىرى بۇخسۇپ تۇرغان بۇ ئىلىم ئوغرىسىغا كەيگۇزۈپ، «تون كەيگۈزۈش»نىڭ نامىنى بۇلغاپ، بۇئىلىم ئوغرىسىنى ئۇيغۇر فولىكلورى ساھەسىنىڭ«مەبۇدى» قىلىۋالدى.ھالبۇكى، «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»غا ساداقەتمەن بولۇپ، بۇقانۇننىڭ ھەققانىيەت مەشئىلىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا دائىر ھېساپسىز جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، بۇئوغرىنى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىغا«زاڭ مال»بىلەن تۇتۇپ يالاپ ئاپىرىپ بەرگۈچى ئۆزى ئىگىز كۆتۈرگەن ھېلىقى «ھەققانىيەت مەشئىلى»نىڭ ئوتىدا كۆيۇپ كۇلگە ئايلاندى. مانا بۇ پارتىيىنىڭ توغرا رەھبەرلىگىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتىدا «نۇر»چېچىپ تۇرغان كارامەت «ھەققانىيەت».
سورىماي بولمايدۇكى،«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»7-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ15-قېتىملىق يىغىنىدا قارار قىلىنغان،دۆلەت رەئىسى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىلغان قانۇن تۇرسا،ئابدۇكىرىم راخماننىڭ بۇقانۇننى دەپسەندە قىلغان ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى نىمە ئۈچۈن بۇ قانۇننىڭ ھەققانىي جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ؟شۇنداقلا ، ئۇنىمە ئۈچۈن ساپ ئىلمىي ئىجادىيەتلىرى بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان سەرخىل ئىلىم ئەھلىللىرىلا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بىنۇمۇسلۇق بىلەن بىخارامان بەھرىمەن بولالايدۇ؟ بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ شەنى ۋە نۇپۇزىدىن ئىشىپ چۈشىدىغان شۇنچىۋالا چوڭ «شەنى» ۋە«نۇپۇزى» بارمىكەن؟ شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەقىقى ئىختىرا ۋەنەتىجىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان يۇقۇرى ئۇنۋان شەرتلىرىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان شۇنچىۋالا زور ئىلمىي ئىختىرا ۋەنەتىجىلىرى بارمىكەن؟23يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشى نىمە ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ؟
جاۋاپ،ئابدۇكىرىم راخماننىڭ«نەتىجە»،«ئىختىرا»دەپ تىلغا ئالغىدەك ھېچنىمىسى يوق. پاكىتلارغا قاراڭلار:
ـــ ئابدۇكىرىم راخمان ئۇزۇندىن بۇيان ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش«ئىلمىي تەتقىقات»نىڭ خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۇرگەن چۆچەك، تېپىشماق، بىيىت، رىۋايەت، ئەپسانە، لەتىپە،قوشاق،چاخچاق، ماقال-تەمسىل، خەلق داستانلىرىنى رەتلەشتىن ئىبارەت ئاتالمىش«تەتقىقات» ئىكەنلىگى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىلىم ئەھلىللىرىگە مەلۇملۇق بولغان كوچا خەۋىرىدىن ئىبارەت.گەرچە ،ئابدۇكىرىم راخمان ئوزى قول سېلىپ ئىشلەپ توپلىغان ئەمەس،بەلكى ھەرقايسى نەشىر ئەپكارلىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن توپلاپ نەشىر قىلدۇرۇلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنى ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ھەمدە ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپمۇ قويماي، 1500 بەت چامىسىدىكى ئوغۇرلىما كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇرغان بولسىمۇ، تىل ئۇقۇشماسلىقتىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۇقۇرىنى ئالداپ ئۇنى ئۆزىنىڭ «ئىلمىي تەتقىقات» نەتىجىسى ھېساۋىغا يېزىۋالدى.بۇنى قانداقمۇ ئۇنىڭ «ئىلمىي تەتقىقات» نەتىجىسى دېگىلى بولسۇن؟
ـــ ئابدۇكىرىم راخمان نامىدا رەتلەنگەن يۇقۇرىقى ئوغۇرلىما كىتاپلار ئىچىدە بۇئىلىم ئوغرىسىنى يۇقۇرىي ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشتۈرگەن مۇنداق 2كىتاپ بار:بىرى،1983-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان«ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»(ئالى مەكتەپلەر دەرسلىگى)نىڭ «ئابدۇكىرىم راخمان تۈزگەن»دەپ ئەسكەرتىلگەن 130مىڭ خەت چامىسىدىكى 5-،6-،10-باپلىرى؛ يەنە بىرى1983-يىىلى شىجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 400مىڭ خەت چامىسىدىكى«خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى»(2 قىسىم).
ئابدۇكىرىم راخماننى يۇقۇرى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشتۈرگەن«ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»نىڭ ئۇتۈزگەن3بابىنى بۇ ئىلىم ئوغرىسى فۇدەن ئۇنېۋېرسىتېتى قاتارلىق 6ئۇنېۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىرلىكتە يېزىپ چىققان «ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى»؛ 1980-يىلى نەشىر قىلىنغان 14ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىرلىكتە يېزىپ چىققان«ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى»؛ ئابلەت ئۆمەرنىڭ مۇشۇ 2دەرسلىكتىن كۆچۇرۇپ يېزىپ چىققان«ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگەدائىر ئاساسىي بىلىملەر» قاتارلىق قۇرال كىتاپلارنىڭ ھەرقايسى باپلارغا دائىر مەزمۇنلىرىنى ئەينەن ئوغۇرلاش بىلەن«تۈزۈپ»چىققان بولسا؛2قىسىملىق «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى»نى خەنزۇ فولىكلورشۇناس جوڭجىڭۋىننىڭ«خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان»ناملىق دەرسلىك قوللانمىسىدىن ئەينەن ئوغۇرلاپ يېزىپ چىققان. ھەر ئىككى دەرسلىكتە ئۇنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى 80پىرسەنتتىن ئېشىپ كېتىدۇ.(سېلىشتۇرۇپ چىققان پاكىلارنى 2-ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويىمەن).
ئابدۇكىرىم راخماننىڭ دەرسلىك تۈزۈش جەھەتتىكى ئىلىم ئوغۇرلقى جىنايى قىلمىشى دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ1984يىلى تەستىقلاپ تارقاتقان:«ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەبىئى پەن، سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە تىبابەتچىلىك پەنلىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە»نىڭ 6-ماددىسىدىكى:«كونسىپىكنىڭ مەزمۇنىنى ئاراق ئۈزۈۋېلىپ ئىشلىتىش(ئالماشتۇرۇش)قا توغرا كەلگەندە، ئۈزۈۋېلىنغان قىسمى پۇتۇن كونسىپىكنىڭ10دىن بىرقىسمىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا ئۈزۈۋېلىپ ئىشلىتىلىدىغان كونسىپىكنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، كونسىپىك تۈزگۈچىنىڭ ماقۇللۇغىنى ئېلىشى،ھەمدە مۇۋاپىق ھەق تۆلىشى كېرەك. ئەگەر ئۈزۈۋېلىپ ئىشلىتىلىدىغان كونسىپىكتە ئىلىم ئوغۇرلۇغى ،كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ بارلىغى سېزىلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك نەشرىياتنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا،ياك ىئىلىم ئوغۇرلۇغى، كۆچۈرمىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ ئىدارە ئورگىنىغا ئۇنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇغى ۋەكۆچۈرمىچىلىك قىلمىشىنى پاش قىلىپ بىرتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئلاقىدار ئورگانلار ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋە كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئەستايىدىل ،جىددىي بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك»دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ،ئابدۇكىرىم راخماننىڭ بۇخىل كەسىپلەشكەن ئىلىم ئوغۇرلقى قىلمىشى مەمۇرى جەھەتتىن قاتتىق جازالاش زۆرۇر بولغان ئىلىم-پەن چىرىكلىگى جىنايى قىلمىشى ھېساپلىنىدۇ. قانۇن ئالدىدىكى جاۋاپكارلىق نۇقتىسىدىن ئاستايىدىل سېلىشتۇرۇپ پاكىتلاشتۇرۇلغان550مىڭ خەت چامىسىدىكى بۇسېلىشتۇر ماتېرىيالنى بۇ بىر پارچە ماقالىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاۋالىسىگەسۇنۇش ئىنتايىن قىيىن.ئابدۇكىرىم راخماننىڭ دائىرىسى كەڭ ،زەھىرى چوڭقۇر ئىلىم ئوغۇرلۇغى جىنايى قىلمىشلىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
بۇ يىپ ئۇچلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىشتىكى مەقسەت، ئابدۇكىرىم راخماننىڭ «ئىختىرا»،«تەتقىقات»دەپ ئېغىزغا ئالغىدەك ھېچقانداق نىمىسىنىڭ يوقلۇغىنى،شۇنداقلا ئۇنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ نۇپۇزى ۋەشەنىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان «شەنى» ۋە«نۇپۇزى»نىڭ تېخىمۇ يوقلۇغىنى دەلىللەشتىن ئىبارەت.ھالبۇكى،بۇتاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان دەلىل-پاكىتلارغا ئىشەنمىگەن بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئىدارە ئورگىنى ئىدارە تەشكىلات بۆلۈمنىڭ «مۈ»ئىسىملىك باشلىغى رەھبەرلىگىدىكى 3كىشىلىك مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسى قۇرۇپ بۇ ئىلىم ئوغرىسىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇغى قىلمىشىنىڭ80پىرسەندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىغىنى دەلىللەشتۈرۈپ دوكلات يازغان بولسىمۇ، ئىدارە رەھبەرلىگى بۇدوكلاتنى ئۈن-تۈنسىز باسۇرۇپ قويدى. ئىدارە رەھبەرلىگىنىڭ بۇغەلىتە پوزىتسىيىسى بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ بىر سىرلىق شەخس ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى ئاممىۋىي غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى.ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇئىدارە ئورگىنىنىڭ ئۆزى تەشكىللىگەن گۇرۇپپىنىڭ دوكلاتىنى باستۇرۇپ قويۇش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى بۇئىلىم ئوغرىسىنى چەتئەللەردە ئېچىلغان ئىلمىي يىغىنلارغا ئەۋەتىپ، رادىئو، تېلېۋىزىيە مۇنبەرلىرىگە چىقىرىپ سۆزلىتىپ «تەختىراۋان»غا چىقىرىپ كۆتۈرۈپ يۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقانلىغى ئامما ئچىدە بۇ سىرلىق ئىلىم ئوغرىسىنىڭ زادى قانچىلىك «ئۇلۇق»شەخس، قايەردە، قانچىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىگى توغرىسىدىكى ئاممىۋى گۇمان نارازىلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.سورىماي بولمايدۇكى،بېيجىڭ ئۇنېۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى فروففىسسورى، دوكتور يېتەكچىسى،دۆلەتلىك فولىكلور تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭمىڭ ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس خاۋىيلەينىڭ«زامانىمىزدىكى ئىنسانشۇناسلىق»ناملىق كىتاۋىدىكى 100مىڭ خەتكە يېقىن مەزمۇنلارنى ئوغۇرلىغانلىغى ئىسباتلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلانغان؛ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ يېقىنقى ئاڭلىتىشىدا مەملىكەت بويىچە بىلىم مۇلۇك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىدىن6700ى بىر تەرەپ قىلىنىپ،9300كىشى قولغا ئېلىنغان؛ كۇرىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جىن بىڭجۈن ئىلمىي ماقالا ئوغۇرلاش جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپابەرگەن ،ۋەباشقىلار.شۇنىسى ئېنىقكى، ۋاڭ مىڭمىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋەقەسىدىن كېيىن«خەلق گېزىتى» نى ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان گېزىت-ژورناللاردا ئىلىم ئوغرىلىرى ۋە كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ قانچىلىك «كاتتا» ئەرباپ، قانچىلىك زو«نۇپۇز»ئىگىسى بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر،
ئۇلار يۇز-خاتىرىسىزلىك بىلەن شىددەتلىك تەنقىد قىلىنىۋاتقان ،جازالاپ چارە كۆرۈلۈۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە غايەت زور ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەنگەن ئابدۇكىرىم راخماندىن ئىبارە بىنۇمۇس ئىلىم ئوغرىسىنىڭ جىنايى قىلمىشى نىمە ئۈچۈن قانۇن بويىچە جازالانماي، ئەكسىچە،بارغانسېرى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلىدۇ؟ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى بولغان گېزىت ،ژورناللار نىمە ئۈچۈن پارتىيە ،ھۆكۈمەت مەيدانىدا تۇرۇپ بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلالمايدۇ؟ ئابدۇكىرىم راخمان زادى قانچىلىك«كاتتا» ئادەم؟ ئۇ ۋاڭ مىڭمىڭدىنمۇ ئارتۇق «ئابروي»لۇق شەخسمۇ، ياكى ئۇ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىدىنمۇ ئارتۇق «ئۇلۇق» شەخسمۇ؟«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نى شىنجاڭدا نىمە ئۈچۈن ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ؟ ياكى بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىغا قول قويغان دۆلەتنىڭ رەئىسى شىنجاڭغا كېلىپ ئىجرا قىلىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟
«قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر»لىگى،بارلىق ئىلىم ئەھلىللىرىنىڭ«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»ئالدىدىكى باراۋەرلىگىنىڭ ئاساسى. شۇنداق ئىكەن،بۇساھەدىكى تۆھپە ۋە جىنايەتكە قانۇنى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا بولىدۇكى مەيلى ئۇ ئابدۇكىرىم راخمانغا ئوخشاش «قاراڭغۇ»دا تىمىسقىلاپ ئالاھىدە «ئىمتىياز»لىق، «كىنىشكىسى»بار «ئەرباپلار»لا كىرىشكە ئىجازەت بېرىلگەن«ئىشىك»لەردىن كىرىپ كۇسۇلدايدىغانلار بولسۇن ،ياكى «تاجىسى»بار «ھېكىم»لەر بولسۇن ئۇلاردىن قورقۇپ، قانات ئاستىغا ئالىدىغان؛ تايانچسىز، يۇۋاش بىچارىلەرنى دەسسەپ يەنچىيدىغان زوراۋان «مەدەنىي ئىستىبدات»لىق بولۇپ قالماسلىغى كېرەك.
ماددىي ۋەمەنىۋى مەدەنىيەت ئوغۇرلۇقى ھەرقانداق دۆلەت ۋەمىللەتنىڭ قانۇنىدا بىردەك قاتتىق ئەيىپلىنىدىغان قەبىھ كۇپۇرلۇق. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە نىسا 29-ئايىتىدىكى:«ئى مۇئمىنلەر،بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئوغۇرلۇق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق ناھەق يوللاربىلەن يەۋالماڭلار» دېگەن سۆزلەرنىڭ روھى «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ پۈتۈن ماددىلىرىغا سىڭدۈرۈلگەن.پەندىمۇ ،دىندىمۇ قەبىھ گۇناھ ھېساپلىنىدىغان ئوغۇرلۇق 21-ئەسىر شىنجاڭ پەن- مەدەنىيىتىنىڭ ئوچىغى بولغان شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتېتىدا قەبىھ گۇناھ ھېساپلانماي،بەلكى بىلىملىك ئەۋلىيا ھېساپلىنىپ،يۇقۇرى مەرتىبە، ئالى ئۇنۋانغا ئېرىشتۈرىدىغان شەرەپلىك «قىزىل مۇنبەر»بولۇپ قالغانلىغى كىشىنى غەزەپلەندۈرمەمدۇ؟
يىگىرمىنچى،يېزىقچىلىقنى شىئىر ئوبزورچىلىغى بىلەن ھەپىلىشىشتىن باشلاپ ئۇنىڭدىن نەتىجىگە ئېرىشىشكە كۆزى يەتمەي «قاشاسىز»فولىكلور ساھەسىگە بېشىنى ئۇچلاپ كىرىۋالغان ئابدۇكىرىم راخمان فولىكلور بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن يېزىقچىلىق ئوقىتىدە ئوغۇرلۇق، كۆچۇرمىچىلىك ئىللىتىدىن زادىلا خالى بولالمىدى.مەن بۇئىلىم ئوغرىسىنىڭ دەرسلىك تۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەت جەريانىدا ئالى مەكتەپلەرنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»دەرسلىگىنىڭ ئۇنىڭ نامىدا تۈزۈلگەن5-،6-،10-باپلىرىدىكى غايەت زور ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشىنى سېزىپ قالغان كۈندىن باشلاپ ئۇنى ئىزباستۇرۇپ كۈزىتىپ «قورول»غا ئېلىپ كەلدىم.ئۇنىڭ فولىكلور ساھەسىدە باشقىلار توپلاپ ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى ئەينەن ئوغۇرلاپ توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان چوڭ-كىچىك ئىلىم ئوغۇرلۇقىغا دائىر قىلمىشلىرى مەن«كىرىچى»نى تارتىپ تۇرغان«يا»نىڭ«ئوقى» بولۇپ بېسىلىپ تۇرۇۋەردى.نەسىھەتمۇ كار قىلمىدى. ئەكسىچە ،نەسىھەت قىلغاندىن ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆچ ئالدى. شۇنداق پەيتتە، مەن«يا»نىڭ «كىرىچى»نى قويۇۋەتسەملا،ئۇ ماڭا ئۆزى تەييارلاپ بەرگەن ئىلىم ئوغۇرلۇقىدىن ئىبارەت پولاتتەك پاكىتتىن ياسالغان بىر تال«ئوق»بىلەن رەسۋايى ئەزىم بولۇپ «نىجاتلىق» تاپقان بولاتتى. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان يەنە قانداق «نۇمۇرلىرى»نىڭ بارلىقى، كۆرسىتىۋاتقان «قىزىق نۇمۇرلىرى»نىڭ «پەردىسى»نى قاچان، قانداق دەرىجىدە ياپىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۈزىتىش ئۈچۈن«يا»نىڭ «كىرىچى»نى قويۇۋەتمىدىم. ئابدۇكىرىم راخمان ھازىر مەيلى دەرسلىك تۈزۈش، مەيلى فولىكلور ساھەسىدە بولسۇن ئوغۇرلايدىغاننى ئوغۇرلاپ يۇقۇرى قاتلام پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆزىنى بوياپ يۇقۇرى ئۇنۋانمۇ ئالدى، نۇرغۇن مەكرو كاپىتالغىمۇ ئىگە بولدى.دېمەك بۇ ئىلىم ئوغرىسى ئاخىرقى ھېساپتا «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان»ناملىق چوڭ تىپتىكى ئىلىم ئوغۇرلۇقى«سىمفۇنىيىسى»نى باغدات ئوغرىلىرىچە ماھارەت بىلەن كامالەتكە يەتكۇزۇپ ئورۇنلاپ،«تىياتىر»سەھنىسىنىڭ «پەردىسى»نى ھازىرچە ياپتى.
ئابدۇكىرىم راخماننىڭ ئىلىم ئوغۇرلۇقى جىنايى قىلمىشى بىز يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن بىر قانچە پاكىتلىق جىنايى قىلمىشلەرلا ئەمەس. «بايان»دائۇنىڭ تەرجىمىھالىدا تونوشتۇرۇلغان:«ئامما بىلەن يۇز كۆرۇشكەن10نەچچە پارچە كىتابى،ۋە 50 نەچچە پارچە(ئەمەلىيەتتە50نەچچە پارچە ئەمەس)دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى»دە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىلىم ئوغۇرلۇقى مەسىلىلىرى مەۋجۇت.
ئابدۇكىرىم راخمان مۇشۇ كىتاپ ۋەماقالىلارنى«يېزىش» جەريانىدا «پۇت،قولى»نى پاكىزتۇتمىغاننىڭ ئۈستىگە ئالدامچىلىق بىلەن قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھوقۇقىنى دەستەك قىلىپ، «باشقىلار ئېغىز ئاچالمايدۇ»دەپ كېرىلىپ ئىلىم ئوغۇرلۇقى ۋە كۆچۈرمىچىلىگىدىن ئىبارەت بىنۇمۇس«ھۈنەر»گە بارغانسېرى ئىشتىياق باغلاپ، شەۋكەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، نامىنى بۇلغىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ مەينەتلىشىپ كەتكەن «پۇت-قولى»نى ئېرىغدىشىمىز،ھەتتا كېسىپ تاشلىشىمىز تامامەن ھەقلىق.«يولۋاس ئورۇق بولسىمۇ قاۋۇل تۇرىدۇ».بىز«قاۋۇل»تۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن «قاۋۇل»لۇققا نۇمۇس كەلتۈرىدىغان ھارام «شاخ»، «شۇڭلار» نى رەھىمسىزلىك بىلەن كېسىپ تاشلايدىغان بەسىر نەزەر«باغۋەن» بولۇشىمىز كېرەككى، ھەرگىز سالا –سۇلۇچى «بېدىك»، كۆڭۈلچەك «ئانا» بولۇپ قالماسلىغىمىز كېرەك.بۇ «بىتاپ»نى «كىپەنلىۋەتكەن»لىك ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭغا يېڭىۋاشتىن ھاياتلىق ئاتا قىلىشنى ئويلىغانلىق. مەن مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىلىم ئوغۇرلۇقى «كېسىلى»نى ھوقۇق «تاجى»بىلەن قوغداپ باشقىلارنى قورقۇتۇپ،ئېغىز ئاچقۇزماي زوراۋانلىق قىلىپ جان بېقىپ كەلگەن ئابدۇكىرىم راخماننىڭ «قاڭشىرى»غا چىقىۋالغان،«ئېغىز»ئالماي جان تالىشىپ كەلگەن «كودۇمبا» جاراھىتىدىن بىرنى كېسىپ تاشلىدىم. بۇنداق قىلىش، ئۇ نالە قىلغاندەك«شەخسى ئۆچ ئاداۋەت بىلەن20يىللىق ئارخىپ»نى سۆرەپ چىقىپ، ئەدىپىنى بېرىش ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ پاكىىزە، ساپلىغىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىق.بۇخىل پىداكارلىق روھىنىڭ ئابدۇكىرىم راخمان ئۈچۈن ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتكەن «20يىللىق ئاخىپ»تىڭى بىدئەتلەرنى ئەمەس،بەلكى«تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن2000يىللىق ئاخىپ»تىكى بىدئەتلەرنىڭ ئىچ قارنىنى چۇۋۇپ ، توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەت- ئۇستىخانلىرىغا لەھەتتىمۇ ئارام بەرمەسلىككە ھەققى ۋە ھوقۇقى بار.بۇنداق قىلىش قاراڭغۇدا داستىخان قولتۇغلاپ «ئوردا»نۇپۇزلۇقلىرىنىڭ ئىشىگىنى قېقىپ پايپېتەك بولۇپ يۇرگەن ئابدۇكىرىم راخماننىڭ نەزىرىدە«شەخسى ئۆچ ئېلىپ ئەدىپىنى بېرىش» گۇناھى ھېساپلىنىشى شەكسىز. سورىماي بولمايدۇكى، ھوقۇقىنى ئادەمنى ئۈركۈتىدىغان ئۆلۈك يولۋاس تېرىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ ئادەمنىڭ كىشىنى باشقا لەببەيچىلەردەك مىيانە چاغلاپ،«تۆ-تۆ»دىسە ئۇچۇپ كېلىپ «خوش، ھەزرىتىم»دەپ قول باغلاپ تىزلىنىدىغان،«تاخ»دىسە ئۆمىلىپ قاچىدىغان ئىسكەنجىگە ئېلىش ھۈنىرىگە بويسۇنمىغانلىق «شەخسى ئۆچ ئېلىش» بولامدىكەن؟ شەخسى ئۆچ-ئاداۋەت بىلەن ئادەم يىيىشنى ئۇدۇم قىلىۋالغان ئابدۇكىرىم راخمانمۇ ،ياكى قولىدا 5فۇڭغا بىرنى بېرىدىغان قەلىمىلابار مۆمىن بىچارىلەرمۇ؟ تارىخ قۇماندانلىق قىلىچىغا بويسۇندۇرالمىغان زوراۋانلارنىڭ بويسۇنمىغۇچىلاردىن «ئاي قاراڭغۇ لاشقاندا ئادەم ئۆلتۈرۈش»،«بوران چىققاندا ئوت قويۇش»،«گال پىچىغىنى قولىدىن چۈشۈرمەي كاللا غىرداش»،« كەينىدىن پىچاق سېلىش»تەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇزلۇق بىلەن ئۆچ ئالغاننى ئازدەپ ، شەخسنى،ۋەئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى نابۇت قىلغانلىقىغا دائىر بىھىساپ پاكىتلارنىڭ ياخشى گۇۋاھچىسى. «قەغەز تاج»نى كېيىپ ئاۋامنىڭ ئۆزىگەبولغان يىراق-يېقىنلىغىنى«ھەقىقەت»نىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ شەخسكە ۋە ئۇلارنىڭ بالا- چاقىللىرىنىڭ ئىستىقبالىغا ياۋۇز قولىنى سۇنۇپ ،زىيانكەشلىك قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان ئابدۇكىرىم راخمان بۇ گۇمراھلىقتىن قانچىلىك مۇستەسنا؟
ئابدۇكىرىم راخمان «ھەقىقەت پوپوزىدىن قورقمايدۇ»دېگەن ماۋزۇبىلەن مەزمۇنى بىربىرىگە زادىلا يېقىن كەلمەيدىغان تەنقىد قىلىنغان مەسىلىگە ئۇدۇل جاۋاپ بېرىشنىمۇئۇقمىغان ھېلىقى ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ ساختا ھەقىقىتى توغرىسىدا ھەدەپ مەدداھلىق قىلغان .ھالبۇكى، ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىن-بىر ئۆلچىمى ئەمەلىيەت.كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىنسانىي خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوبيېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنى زامانداشلىرىنىڭ بەدەنىگە قان، روھىغا ئوزۇق بولىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق زىمىنىدە جەۋلان قىلدۇرالىسا،ئۇھالدا،ئۇ ھەقىقەت بىلەن شۇغۇللانغان بولىدۇ. ھەقىقەت ياكى رەزىللىكنىڭ سىناق تېشى ھېساپلىنىدىغان بۇئولچەم ئابدۇكىرىم راخمان «ھەقىقەت»دەپ مەدداھلىق قىلغان يېزىقچىلىغىنىڭ قان-تەر چاچراپ چېچەكلىگەن ھەقىقى ئىجادىيەت ئەمەس،بەلكى قۇرۇق شۆھرەت،«تاجى» دۆلەت ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئىجادىي مېھنەت تەرىگە يالماۋۇزلارچە چاڭ سالغان ساختىپەزلىك،زامانداشلارنىڭ روھىغا ئوزۇق بولىدىغان مەنىۋى بايلىق ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، نامىنى بۇلغايدىغان رەسۋاچىلىق، ياش ئەۋلاتلارغا ھارامتاماقلىقنى مىراس قالدۇرىدىغان ھېلىگەرلىك قىلمىشىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن بىردىن بىر ئەمەلىيەتچىل ئۆلچەم. ھالبۇكى،«ھەقىقەت»دېگەن يىرتىق بايراقنى ئۆزىنىڭ قارا نىيەت، ساختا شۆھرەت بۇقسۇپ تۇرغان بەشىرىسىنى يوشۇرىدىغان جەندىگە ئايلاندۇرۇۋالغان، مەنىۋى دۇنياسى ئەمەلپەرەسلىك، تەخسەكەشلىك، ئاچكۆزلۇك ۋە «ياۋۇزلۇق» لاتقىلىرى بىلەن تىنىپ كەتكەن ئابدۇكىرىم راخماننىڭ گېنىدىكى يۇيۇقسىز مەينەتچىلىكنى ئۇنى پاش قىلىپ جامائەتكە يېيىۋەتكەنلەرگە دۆڭگەشكە نىمە ھەققى بار؟ روھى دۇنياسى شۇنچە قەھەتلىشىپ ،تا ئەزەلدىن تائەبەتكىچە ئىلىم ئوغۇرلۇقىدىن ئىبارەت بىنۇمۇسلۇق، ئاۋامغا يولسىز قارا سۇۋاپ زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت ياۋۇزلۇق بىلەن جاھانسازلىق قىلىۋاتقان زادى كىم؟
1989-يىل
(تۈگىدى).
heweskar
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4519
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 1
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-5-9
ھالىتى: توردا يوق
2- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-5-9 23:39
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بۇ ئېھتىمال تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدىكى سەۋەنلىكتۇ، شۇڭا پىرىنسىپقا بەكلا كۆتۈرىپ ھاقارەت قىلشىتىن كۆرە سىلىق تەنقىت بىرىلسە ئۈنىمى ئوبدان بولىشى مۈمكىن.
muzatocli
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 1096
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 87
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-23
ئورنى: ئاقسۇ
ھالىتى: توردا يوق
3- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-5-11 00:20
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بۇ تەنقىدتىن قىلچىمۇ ئىلمىي پۇراق ھېس قىلمىدىم.ئابدۇكېرىم رەھمان ئەپەندى بەلكىم قۇرۇلما جەھەتتىن ھېلىقى پىروپسورلارنىڭ
كىتابىنى تەقلىد قىلغاندور.ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ پولىكلورى بىلەن خەنزۇلارنىڭ پولۇكلورىنىڭ مەزمونى قانداقمۇ ماس كەلسۇن.
بۇ ئادەم بۇ دەۋا ئارقىلىق قانداق پايدا ئالماقچىدور؟مىللەتكە نېمە ئاتا قىلماقچىدور؟
ئىبراھىم ئىزاقى دېگەن ئادەم <<تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرمىدىكى>>دىكى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ <<تۇنجى قار>>پوۋستى ھەققىدىكى ئوبزورىدىكى بىر قىسىم مەزمونلارنى پالانى خەنزۇنىڭ پالانى ئەسىرىدىن كۆچۈرگەن دەپ ماقالە يېزىپتىكەن. ئادەمنى تىللىماي كىتابتىكى نەق پاكىتلارنىلا يزسا بولمامدىغاندۇ مۇشۇ پىشقەدەملەر؟
مۇزئارت ئوغلى
muzatocli
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 1096
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 87
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-23
ئورنى: ئاقسۇ
ھالىتى: توردا يوق
4- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-5-11 00:21
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بۇ دەۋا بۇ دۇنيادا قانداق بولسا ئاقاركىن،ھەي؟بۇ تورغا ئەمەس،قانۇن ئورۇنلىرىغا يوللايدىغان دەۋا ئىكەندۇق ئەسلى.
[
本帖最后由 muzatocli 于 2009-5-11 00:23 编辑
]
مۇزئارت ئوغلى
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
Uyghur Poetry In Translation
ئۇقتۇرۇش، ئېلان، ئۇچۇر، تە
تەرجىمە - تەرمىلەر
سۆھبەت
فوتو سۈرەتلەر
ھېس - تۇيغۇلار
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى
مەدەنىيەت
تارىخ
چەتئەل ئەدەبىياتى
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:52
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى