erlan
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 3659
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-3-25
ھالىتى: توردا يوق
ئىجارە ئېلىنغان ئەر

ئىجارە ئېلىنغان ئەر  ( ھېكايە )
گېنىجى يىتاي  ( ياپونىيە)

1

« بىر قىزنىڭ خەقنى ئاشۇنداق ئىشقا يادەملىشىپ بېرىڭ دەپ ئېغىز ئېچىشى تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش . ئۆزىنى ئەركەك ساناپ يۈرگەن بىر يىگىتىڭمۇ ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇشى تازىمۇ بىمەنىلىك - تە » دەپ ئويلىدى سىما نو بورۇسكې، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى پۇلنى كۆرسە كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان ئەخمەق ھېس قىلىشقا باشلىدى.....
لېكىن ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە پۇشايمان قىلغاننىڭ  پايدىسى يوق ئىدى. توكيو ۋوگزالىدىن چىققان كېچىلىك پويىز خۇددى يادىن ئايرىلغان ئوقتەك تېز سۈرئەتتە غەربكە  قاراپ كېتىۋاتماقتا ئىدى.
تۇيۇقسىز، سىما نوبۇرىسكېنىڭ  يېنىدا ئولتۇرۇپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان كۇراتوئاساكو ئۆرۈلۈپ، بېشىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالدى. سىما ئاچچىق كۈلۈپ قويدى: « ئاپلا ، مانا ئەمدى قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان بولدۇم . پىشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي نېمە ئامال، قارىغاندا مەندىن بەكلا خاتىرجەم ئوخشايدۇ، بولمىسا ئانىنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاقتەك مۇنچىلىك تاتلىق ئۇخلاپ كەتمىگەن بولاتتى.... سىما ئۇنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، تاماكىسىنى ئېھتىيات بىلەن تۇتاشتۇردى، - بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ نېمە ؟ ...»
لېكىن ئىش ئويلىغىندەك بولسا، سىما ئۇنىڭ تەلىپىنى چوقۇم رەت قىلاتتى . نېمىلا دېگەن بىلەن ، شۇ ئوتتۇزمىڭ يېن پۇل سىمانىڭ كۆزىنى قىزارتقاندى. ئادەتتە ئوتتۇزمىڭ يېن پۇل ئۇنىڭ بىر ئايلىق مائاشىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى ئىدى. بۈگۈن بولسا بۇنچىۋالا كۆپ پۇلغا ئۈچ _ تۆت كۈندىلا ئېرىشەلەيتتى، بۇنداق ئامەت كندە يولۇقۇپ تۇرمايدۇ-دە .

2

بىر نەچچە كۈنىڭ ئالدىدا .
سىما ئىشتىن چۈشۈپ ياتاققا كېتەي دەپ تۇراتتى ، شىركەتنىڭ خوجىلىق بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئاساكو كېلىپ پەس ئاۋازدا:
بۈگۈن كەچىلىك تاماقنى بىللە يېسەك بولامدۇ؟_ دېدى
بۇ سىما ئۈچۈن ئويلىمىغانلا بىر ئىش بولدى.ئۇلار بىر بۆلۈمدە ئىشلىسىمۇ،لېكىن ئۇنچىلىك ئارىلىشىپ كەتمىگەچكە، قىزنىڭ مەقسىتىنى ھە دېگەندىلا چۈشىنەلمىدى .
_ ئەلۋەتتە مەن مېھمان قىلىمەن، _ دېدى ئاساكو كۈلۈپ تۇرۇپ.
سىما قىزنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. يىگىرمە سەككىز ياشلارغا كىرىپ ھېلىمۇ بويتاق
يۈرۈۋاتقان سىما ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ۋاخلىق تاماق پۇلى تېجىلىپ قالىدىغان گەپ . ئاساكو بۇ يىل
يىگىرمە ئالتە ياشقا كىرگەندى.شىركەتكە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كەلگەن بولۇپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتاتتى . سىما ئاساكو تۇغۇرلۇق بىرەر گەپ _ سۆز ئاڭلاپ باقمىغاندى.راستنى ئېيىتقاندا
ئۇنىڭغا نەزەر كۆزنى سېلىپمۇ قويمىغاندى. ئۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى ئاساي يىكۇغا ئىچپەش
تارتىپ يۈرەتتى . دېمىسىمۇ يىكو يىگىرمە ئىككى ياشقا كىرگەن ، يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىنى ئويناتقۇدەك چىرايلىق قىز ئىدى. سىما ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قىتىم كەچىلىك تاماقتا بىرگە بولغان، لېكىن ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغاندى.شۇنداق بولسىمۇ يىكۇدىن كۆڭلىنى ئۈمەي يۈرەتتى.يەنە كېلىپ  يىكونىڭ ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوخشاش يىگىتلەرنىڭ قانات سۆرەپ يۈرگەنلىكىدىن خىلىلا ئەنسىرەپمۇ قالغاندى.
سىما ئۆيىگە قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋىتپ ، كۆڭلىدە ئاساكو بىلەن يىكونى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى.
شۇ كۈنى سىما شىرىن خىياللارنى قىلىپ، ئاساكو بىلەن كەچلىك تاماق يېگىلى باردى. ئاساكو زىرەك قىز ، ئۇ ماڭا تەلەپ قويىدۇ دەپ ئويلايتتى . ئۇ ئىككى بوتۇلكا پىۋىنى ئېچىپ بولغاندىمۇ ، ئاساكودا زېرىككەنلىك كۆرۈلمىدى . تېخى قىزمۇ پىۋا ئىچىشىپ بەردى،ئاناردەك قىزىرىپ ئادەتتىكىدىن چىرايلىقلىشىپ كەتتى .
_ ماڭا بىرەر گىپىڭىز بارمىدى ؟_  سورىدى سىما ئاخىر تاقەتسىزلىنىپ،
_ ھەئە، لېكىن ئىيتىشقا ئۇيىلىپ تۇرىۋاتىمەن.
_ ئەمدى يەنە نېمىدىن خىجىل بولىسىز ، ھۋچقىسى يوق دەۋېرىڭ، دېمەكچى بولغىنىڭز.........
_ بولىدۇ دېسەم دەي، لېكىن خاپا بولمايسىز_ ھە.
_ نېمىشقا خاپا بولاتتىم .
_ سىما ، مەن ئوتتۇزمىڭ يېن پۇلغا سىزنى ئۈچ_تۆت كۈنلۈك سېتىۋىلىپ ئىشلەتمەكچىدىم، قانداق ، بولامدۇ ؟
_ نېمە دېدىڭىز ؟ سىما قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى .
ئاسا كو گىپىنى يەنە بىر قىتىم تولۇق تەكرارلىدى . ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچقانداق بىر  چاقچاق قىلغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى .
_ مېنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتامسىز ؟
_ ھەئە .
_ ياق بولمايدۇ .
_ بۇنىڭ بەدىلىگە ئوتتۇزمىڭ يېن بىرىمەن .
_ ئوتتۇزمىڭ يېن ؟
_ پەقەت ئۈچ _ تۆت كۈندىلا ئوتتۇزمىڭ يېنغا ئېرىشىسىز ، يول خىراجىىتىۋە ياتاق پۇلىنىمۇ مەن چىقىرىمەن.
_ مېنى نېمە قىل دېمەكچى سىز ؟
_ ماڭا ھەمراھ بولۇپ يۇرتۇم k  شەھرىگە بېرىشىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
_ k شەھرىگە  ؟
_ شەھەر ماكاشىيۇ تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. تىنىچ ھەم گۈزەل بىر جاي .
_ k شەھرىگە  بىللە بىرىشىپ بەرسەملا ئىش پۈتەمدۇ ؟
_ باشقىلارغا مېنى سۆيگىنىم دېسڭىزلا بولىدۇ .
_ گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام ئاتا _ ئانام، سىڭلىم ۋە تۇغقانلىرىمنىڭ ئالدىدا يالغاندىن بولغۇسى ئېرىم بولۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
_ بۇنىڭ نېمە زۈرۈرىيتى بار ؟
_ سىڭلىم يېقىندا توي قىلماقچى ، سىز پەقەت مېنىڭ يىگىتىم بولۇپ، مۇراسىمغا قاتنىشىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
_ بۇنىڭ نېمە پايدىسى ؟ ئۆزىڭىز بىرىۋەرسىڭىز بولمامدۇ ؟
_ مەن ئەسلى ئۆيدىن قىچىپ چىققان، يۇرتۇما باراندا ئۇ يەردىكىلەرگە سىزدەك كېلىشكەن يىگىتىمنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى ئىدىم .
_ نېمە ؟ سىز ئۆيدىن قىچىپ چىققانمۇ ؟
_ شۇنداق .
_ بۇ تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بوپتۇغۇ ، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭىز ؟
_ ياخشى قىلمىدىم. ئەمما ...... ئاساكو بېشىنى تۆۋەن سالدى .
سىمانىڭ قىزغا ئىچى ئاغرىدى.
_ قېنى ئوچۇقراق دېمەمسىز ؟ مەن دېگەن ئوغۇل بالا . دوسىتلار ئۈچۈن ھېچنېمەمنى ئايىمايمەن.
_  دادم  k  شەھرىدە ئاشخانا ئاچىدۇ .، ئۆيدە ئانا بۆلەك ئىككى سىڭلىم بار .
_ ئۇنداقتا ھازىرقى ئاپىڭىز سىزگە ئۈگەيمۇ ؟
_ ھەئە . ئىككى سىڭلىمنى ئۆگەي ئاپام ئەكەلگەن . ئۇلارنى ڭيىشى مەن بىلەن تەڭ دېگۈدەكلا  .
_ ھەئە . مۇنداق دەڭ !
_  k شەھىرىدىكى ۋاقتىمدا ئاشۇ سىڭىللىرىم بىلەن ئاشخانىنىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتۇق.
_ قارىغاندا ئىناق ئۆتىدىكەنسىلەردە؟
_ خىرىدارلار ئارىسىدا خارۇياما ئىسىملىك بىر يىگىت بار ئىدى . ئۇ دادامغا مەن بىلەن توي قىلسام دەپتۇ. دادام بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ . لېكىن ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇ يىگىت كۆڭلۈمگە ياقمىدى .
_ ئۇ شىركەت خىزمەتچىسىمىدى ؟
_ ئاپتومۇبىل ساتقۇچى ئىدى.مېنىڭچە ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەندىن كۆرە ، توي قىلىپ ئۆيىمىزگە كىرۋالماقچى بولغان دېگەن تۈزۈك .
_ مۇنداق بىر نېمىلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ .لېكىن دادم خارۇيامانى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى.
شۇڭا مېنى ئۇنىڭغا تىگىشكە زورلاپ تۇرۋالدى .
_ موشۇ ئىش ئۈچۈنلا ئۆيىڭىزدىن قېچىپ  چىققانمىدىڭىز ؟

-_ بۇمۇ بىر تەرىپى ، يەنە بىر تەرىپى ، مېنىڭ مىجەزىم چۇسراق . دادامنىڭ ، ئۆگەي ئاپامنىڭ رايىغا بېقىشقا ، يەنە كېلىپ ئىككى قىزىنى بەكلا ئەتىۋارلاپ كېتىشىگە چىدىمىدىم .
_ ھە بىلدىم .
_ مەن خارۇياما بىلەن توي قىلمىسام ئۆيدىكىلەر تېخىمۇ ئىناقلىشىپ كېتىدۇ . دەپ ئويلاپ  ئۆيدىن يېنىپ چىقىپ ئۆزۈم يالغۇز توكيۇغا كەلدىم .
_ شۇنداقمۇ ؟
_ شۇنداق . بىريىلدىن كېيىن ئۆيگە خەت يازسام ،دادامدىن : ئۆزۈڭنى كۆپرەك ئاسرا ، دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىرلا پارچە خەت كەلدى .
_ ئەھۋال شۇنداق تۇرسا سىز يەنە نېمىشقا سىڭلىڭىزنىڭ توي مۇراسىمىغا بارىسىز ؟ بۇنى ئاز دەپ تېخى مېنىمۇ ئاپارماقچى بولىسىز ؟
_ سىڭلىم كىم بىلەن توي قىلىدۇ بىلەمسىز ؟
_ مەن نەدىن بىلەي .
_ خارۇياما بىلەن .
_ باشتا سىزگە توي تەكلىپى قويغان خارۇياما !
_ دەل شۇ . ئويلاپ بېقىڭ ، بۇ ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمگە كەلمەمدۇ ؟ ....... ئاخىر ئۆيگە خەت يىزىپ تويغا قاتنىشىمەن ، يىگىتىمنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىمەن دېدىم .
_ .........
_ مەن ئۆگەي ئاپام ۋە سىڭىللىرىمغا مېنىڭمۇ كېلىشكەن يىگىتىمنىڭ بارلىقىنى كۆز – كۆز قىلىپ ، ئۇلارنى ھەسرەتتە قالدۇرماقچىدىم .
_ بۇ ساختىلىق قاچانلا بولمىسۇن ئاشكارلىنىپ قالىدىغۇ ،_ دېدى ، سىما « كىلىشكەن يىگىت » دېگەن سۆزگە نارازى بولۇپ .
_ كېيىن ئاشكارلىنىپ قالسا قىلىۋەرمەمدۇ ، ئۇلارنىڭ تويىدا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالساملا بولدى .ئەمىسە شۇنداق بولسۇن قانداق قىلاي دەيسىز  ؟
_ بولدى قوشۇلدۇم . ئەمما بۇ ئىشقا نېمە ئۈچۈن تاللىغانلىقىڭىزنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ .
_ سىما ، سىز ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنمۇ ؟
_ ھەئە ......
_ مېنىڭچە سۆيگىنىڭىز يوققۇ دەيمەن .
_ مەن ۋاي دېگۈدەك كېلىشكەن يىگىت  بولمىساممۇ ، باشقىلاردىن قىلىشكۈچىلىكىم يوق ، شۇنداقمۇ ؟
_ شۇنداق . يەنە كېلىپ سىز ناھايتى ئېغىر بسىق ، مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالايسىز  .
ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن _ دە .
مۇھىمىي سىزنى تەڭلىكتە قويىدىغان بۇ ئىشتا شەرت قويۇپ تۇرۋالمايسىز ........ ئاساكو يەنە تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيىتتى . بۇ چاغدا جىددىيلىك چىقىپ تۇرغان قىزنىڭ كۆزلىرى بەكلا چىرايلىقلىشىپ كەتتى . ..... پويىزدا كىتىۋاتقان ئاساكو تۇيۇقسىز ئويغاندى ۋە بېشىنى سىمانىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى .
_ كەچۈرۈڭ  !
_ ھېچقىسى يوق، مەن سىزنىڭ « بولغۇسى ئېرىڭىز »  تۇرسام .
3

ئككىنچى كۈنى چۈشتە ئۇلار k شەھرىگە كېلىپ پويىز ئىستانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مېھمانخانىغا چۈشتى. k شەھرىدىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان ئاساكو ھاياجىنىنى باسالماي قالدى . سىما بولسا قىزنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغانلىقىنى ئويلاپ دەككە _ دۈككىدە ئىدى .
_ مەن ئۆيگە بېرىپ كىلەي ، سىز ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ . ئاساكو شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى . سىما ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ، ئوڭدىسىغا يېتىپ  تاماكا چېكىشكە باشلىدى ... نېمىلا دېگەن بىلەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ قاملاشمىغان بىر ئىشقا ماقۇل دەپ سالغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى . سىما ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ ، ئاخىر كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى . ئاساكو ھايال بولماي قايتىپ كەلدى . سىما شۇزامات :
_ قانداقراق ؟ - دەپ سورىدى .
_ ئۆيدىكىلەر بەكلا قىزىپ كىتىپتۇ . ماڭا دادم باشقىچىلا بىر ئادەم بوپ قالغاندەك تۇيۇلدى . ئۇنىڭ چىرايىدىن « ئاساكو نېمىشقا كەلدىڭ ؟» دېگەندەك ئىپادە چىقىپ تۇرىدۇ .
_ كەلمىسىڭىز بوپتىكەن .
_ ياق مەن ئۇنداق قارىمايمەن . كەلگىنىم تازا ياخشى بولدى دەڭە .
_ ئىچىڭىز سەل تارراقمۇ نېمە ؟
_ راسىت ئىچىم تار . دادامغىمۇ « مەن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن ، سىڭلىم شۇنداق بىر نېمىگىمۇ تىگەمدۇ ؟ خارۇيامانىڭ ئارزۇلىغۇدەك نەرى بار ؟» دېدىم . بىر چەتتە تۇرغان سىڭلىم « قىزغانچۇقلۇق قىلما » دېۋىدى . مەن « ۋېيەي ، نېمىگە قىزغىناتتىم ، مېنىڭمىچۇ ، تىرناقتا توختىغۇدەك چىرايلىق يىگىتىم بار دېدىم .
_ سىز ئىشنى راستىنلا چىڭغا چىقىرىپسىزغۇ ؟
_ ئۇنچىلىك ھۇلۇقۇپ كەتمەڭ .سىڭلىم تېخى مېنى زاڭلىق قىلىپ ، « مەن يىگىتىڭنى كۆرسەم دەيمەن ، ئۇ جەزمەن ھەممنىڭ كۆزى چۈشكىدەك كېلىشكەن يىگىتتۇ » دېدى . شۇڭا توي مۇراسىمىدا سەل يۈرەكىلكرەك بولۇڭ . جۇمۇ !
_ بۇنداق دېسىڭىز مېنى ئوسال  ھالغا  چۈشۈرۈپ قويمامسىز ؟
خارۇياما ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . مەن ئۇلارغا سىزنى توكيۇ ئۇنۋىرىستىتىنى پۈتۈرگەن ، شىركەتتىكى ئىستىقبالى پارلاق يىگىتلەرنىڭ بىرى ، دېدىم .
_ ۋۇي ، خاتا ئاڭلاپ قاپسىز مەن  توكيۇ ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇمىغان .
_  بۇنى بىلىمەن . ئۇلارغا قەستەن شۇنداق دېدىم . بۇنى ئاڭلىسا سىڭلىم ئىچى ئېچىشىپ كېتىدۇ . مەن دەردىمنى چىقىرۋالدىغان بولىمەن شۇ .
بۇ چاغدا ئىشىكنىڭ كەينىدىن خىزمەتكارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
_ كوراتۇ ،خېنىم ، دادىڭىز كەلدى .
_ كىرىڭ ، _ دېدى ئاساكو . ئارقىدىنلا بوسوغىدا ئاتمىش ياشلار چاممىسىدىكى بوۋاي پەيدا بولدى .
تۇرقى ئاساكوغا ئوخشاپراق كىتەتتى . بوۋاينىڭ چىرايىدىن ئاق كۆڭۈللىكى چىقىپ تۇراتتى .
_   دادام ، دەپ تونۇشتۇردى ، ئاساكو .
_ ئىسمىم سىما نو بۇرۇسكىي .
_ ھىم ، ئاساكونىڭ دادىسى بولىمەن ، قىزىمدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ قويارسىز .
_ يوقسۇ ، سىز كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز .
_ بىزنىڭكىگە  كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز .
_ رەھمەت سىز بىلەن خىلىي بۇرنلا كۆرۈشكۈم بارئېدى . مان ئەمدە بۈگۈن كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولدى . ئاساكو بىلەن بولغان ئىشىمىزنى توغرا چۈشەنسىڭىز . _ سىما گەپنى  ناھايتى ئورۇنلۇق ىلدىم دەپ ئويلاپ ، كۈلۈپ قويدى .
_ ئۇنىڭ دېگىنى راسىت دادا . دىدى ئاساكو كۆرەڭلەپ .
_ ئەس - يادىم  ئاساكودا ، شۇغىنىسى ، ئائىلىدىكى ئۇششاق _ چۈششەك ئىشلار بىلەن بولۇپ كىتىپ ..
_   بۇنى چۈشىنىمەن  .
_ ئۇ غەرەز ئۇقمايدىغان قىز ، ئۇنىڭغا بەكرەك ۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ئۆتىنىمەن .
_ ئۇنداقتا دادا بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلدىڭىزمۇ ؟
_ قىزىمنىڭ توكيۇ ئۇنۋىرىستىتىنى پۈتۈرگەن يىگىت  بىلەن  توي قىلىشى مەن ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش .
_ خارۇياما بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان _  زىمىن پەرىق بار دەپ گەپ ئارىلىدى ، ئاساكو خارۇيامانى تىلغا ئېلىپ .
_ سىڭلڭنىڭمۇ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قاپتۇ . ئۇرۇق تۇققانلارمۇ شۇنداق دېيىشىۋاتىدۇ .  دېدى دادىسى ، بۇ يەرگە ئاپاڭ بىلەن سىڭىللىرڭغا ئىيمايلا كەلگەندىم  دەرھال قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ . بوۋاي چىقىپ كەتتى .
گەپنى ناھايتى جايىدا قىلدىڭىز . قىز سىمانى ماختاپ قويدى.
_ ئەمما دېدى سىما پەرۋاسىزلارچە ، - شۇنداق بىر ئاق كۆڭۈل دادىنى ئالداشقا ۋىژدانىڭىز قانداق چىدىدى ؟
_ ئۇنچىلىك دەپ كەتمەڭ ، مەقسىتىم دادامغا ۋاپادارلىق قىلىش .
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يىرىم بولغاندا ئىككىيلەن مېھمانخانىدىن چىقىتى . توي كىيىمى كىيگەن سىما بىلەن كۆكسى ئوچۇق كۆكرىكى ئوچۇق قىزىل كۆڭلەك كىيگەن ئاساكو كوچىدا يانمۇ _ يان مېڭىشلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتتى . ئۇلار  k  يۇرتداشلار ئۇيشمىسىنىڭ بىناسىدىكى دەم ئىلىش ئۆيىگە كىردى . بۇ جايغا ئوتتۇزدەك ېھمان يېغىلغاندى . كۈلكە _ چاقچاق قىلىشىپ تۇرغان مېھمانلار ئىككىيلەنىڭ كىرگىنى كۆرۈپ ، بىردىنلا جىمىپ كەتتى . ھەممەيلەننىڭ كۇراتو ئائلىسىدىن
قېچىپ كەتكەن ئاساكونىڭ يىگىتىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرى باردەك  قىلاتتى . ئاساكو مېھمانلارنىڭ تېكىلىپ قاراشلىرنى قىتىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى . قورۇنۇش ئالامىتى كۆرۈنمىدى . ئۇنىڭ تۇرقىدىن توكيۇ ئۇنۋىرسىتىنى پۈتتۈرگەن . توكيودىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خادىمىدەك سالاپەت چىقىپ تۇراتتى .  ئەمەلىيەتتە سىما مەبلىغى يۈزمىليون يېنغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىككىنە بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى .
_ ۋۇي ، ئاساكو توكيۇدىن قاچان كەلدىڭىز ؟ _ بىر مېھمان قىز بىلەن سالاملاشتى .
_ بۇياق سىما نوبورۇسكىي بولىدۇ دەپ تونۇشتۇردى . ئاساكو . مېھمانلار بىر_ بىرلەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتى . سىما قىلچە تارتىنماستىن  ھەربىرىگە :_ كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز . دېگەن گەپنى تەكرارلىدى .
_ توينى قاچان قىلىسىلەر ؟  سورىدى بىر مېھمان تارتىنمايلا .
_ كىلەر يىلى  دېدى ئاساكو قىلچە ئۇيالماي ، تويىمىز توكيودا بولىدۇ . ئەممە باغاق ئەۋەتىپ سىزلەرنى مەرىكىمىزگە تەكلىپ قىلىمەن . بىز شېرىن ئايلارنى دېڭىز قولتۇقىدا ئۆتكۈمەكچىمىز .
_ ھە ، دېڭىز قولتۇقىغا بارامسىلەر ؟ ئۇنىڭغا ئاز خىراجەت كەتمەيدىغۇ ؟  
سىما بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى . لېكىن ئاساكونىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقىنىغا باشقىچە ئويدىمۇ بولمىدى . دېمىسىمۇ ، قىز راسا قاملاشتۇرۇپ ئويۇن  قويۇپ باشقىلارنى ھەسرەتتە قالدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى . بۇ چاغدا كۈتكۈچى كېلىپ :
مېھمانلارنى ساقلىتىپ قويدۇق ، قېنى زىياپەت  زالىغا كىرەيلى ، _ دېدى .
مېھمانلار دەم ئېلش ئۆيدىن زىياپەت زالىغا بىربىرلەپ كىرىشكە باشلىدى . ئاساكو سىماغا :
_ بىز  ئەڭ ئاخىردا كىرەيلى ، بۇ ئاچقۇچلۇق پەيىت دېدى .
_ ئاچقۇچلۇق پەيىت ؟ سىما ھېچ نېمنى چۈشىنەلمىدى .
_ بىز سىڭلىم بىلەن خارۇياما تۇر غان جايدىن ئۆتۈشىمىز لازىم .
_  ھە ، شۇنداقمۇ ؟ دىققەت قىلىڭ .
سىما بېشىنى لىڭشىتتى .
قىز بىلەن يىگىت زىياپەت زالىنىڭ بوسۇغىسىدا يانمۇ _ يان تۇرۇپ ، قۇدا _ باجا ۋە مېھمانلار بىلەن سالاملىشاتتى. سىما يىگىتكە سەپسىلىشقا باشلىدى . خارۇياما كېلىشكەن يىگىت بولسىمۇ ، لېكىن چىرايىدىن شاللاق ، ئۆكتەملىكى چىقىپ تۇراتتى . شۇندىلا ئۇ ئاساكونىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ئۇنىماي ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى . قىز ناھايتى چىرايلىق بولغىنى بىلەن سەل ئەدەبسىز دەك كۆرىنەتتى . قىز سىماغا ئانچە ياخشى تەسىر قالدۇرمىدى .   ئاساكو سلماق قەدەم تاشلاپ قەدەم تاشلاپ يىگىتنىڭ ئالدىغا كەلدى . يىگىت ھودۇقۇپ دەرھال كۆزىنى قاچۇردى .
تويۇڭلارنى تەبرىكلەيمەن . دېدى ئاساكو ، سوغۇققىنا تەلەپپۇزدا .
_ رەھمەت ، ... يىگىت بېشىنى تۆۋەن قىلدى .
ئاساكو سىماغا خۇش تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قويۇپ تونۇشتۇردى :
_ بۇ مېنىڭ بولغۇسى ئېرىم سىما نوبورۇسكىي .
_ تونۇشقىنىمغا خۇشالمەن ، خۇشالمەن ! _ دەپ بېشىنى  لىڭشىتتى يىگىت .
بۇ مەن سىزگە گىپىنى قىلغان خارۇياما بولىدۇ .
بۇچاغدا سىما بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ يىگىتكە :
_ ئاساكو گخپىڭىزنى قىلىپ بەرگەن مەن بۇنى كۆڭلۈمگە ئېلىپ كەتمەيمەن . خاتىرجەم بولۇڭ . ئىككىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن . دېدى . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىما ئۆزىنىڭ كۇراتا ئاساكونىڭ ھەقىقىيى  بولغۇسى ئېرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى .

4
ئىككىسى مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندە ، ۋاقىت چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىم بولغاندى .
ئۇلار يېرىم كۈن « ئويۇن كۆرسىتىپ » بەكمۇ  چارچاپ كەتكەچكە ، قىز بىلەن يىگىتنىڭ توي سەپىرنىمۇ ئۇزىتىشقا چىقماي ئۇدۇللا قايتىپ كەلدى .
_ پىۋا ئىچەمسىز ؟ سورىدى ئاساكو
_ ئىچەي ، دېدى ، سىما . ئاساكو پىۋىنى ئىستاكانغا قۇيغاچ :
_ ھېلىمۇ ياخشى ياردىمىڭىزگە ئېرىشتىم . رەھمەت . ئەمدى كۆڭلۈم ئارام تاپتى . دېدى . لېكىن ئۇنىڭ چىرايى ناھايتى سۇلغۇن ئېدى . سىما قىزنى بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، ئۇنچىلىىك ئېرەنشىپمۇ كەتمىدى . :
_ سىزنى رازى قىلساملا بولدى ، سىما ئاغزىدا ئۇنداق دېگەن بىلەن لېكىن پۈتۈن ئوي_ خىيالى ئۈتتۇز  يۈزمىڭ يېن پۇلنى ئېلىشتىلا قالغاندى .
سىما ئۈچ بوتۇلكا پىۋا ئىچىپ بولدى ئۇ بۈگۈن تۆھپەم بەك چوڭ ، قانچىلىك ئىچسەم بولىۋىرىدۇ  دەپ ئويلاپ  پىۋىنىڭ كۈچى بىلەن ئوڭايسىزلىۋاتقىنىنى يوشۇرماقچى بولدى . ئۇ ئوتتۇز مىڭ يېنغا خەقنىڭ يالغان يىگىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈندى . شۇندقتىمۇ پۇلنىڭ مەرىدىن كەچكۈسى كەلمىدى . ئاساكو ئۆزى ئۆزىگە گەپ قىلغاندەك :
_ ھەي ، مەن بۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن دېدى
_ مېنىڭچىمۇ بۇنداق قىلمىسىڭىز بولاتتى .
_ سىزمۇ شۇنداق ئويلىان بول؛سىڭىز تېخىمۇ ئازابلىنىمەن .
_ مېنى ئازابلانماي خوش بولدى دەپ ئويلاۋاتامسىز ؟ ئاساكو سىماغا قارىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەشكەندى .
_ نېمە بولدىڭىز ؟ يىغلاۋاتىسىزغۇ ؟ _ سىما چۆچۈپ كەتتى . ئاخىر   ئاساكونىڭ سەۋىر قاچىسى توشتى . ئۇ قول ياغلىقىنى يۈزىگە تۇتۇپ يۇم_ يۇم يىغلاپ كەتتى . ھاڭۋىقىپ قاراپلا قالغان سىما  قىزنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئچى ئاغرىدى . شۇ تاپتا ئاساكومۇ خۇددى سىما قىلغان ئىشىدىن ئۆكۈنگەندەك ، ئۆزى قويغان ساختا ئويۇندىن يىرگەنمەكتە ئىدى  .
سىما ئاساكونى پۇخادىن چىققۇدەك يىغلىۋالسۇن دىگەندەك ، گەپمۇ قىلماي ، تۆتىنچى بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىشكە باشلىدى . پىۋا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى . ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەق ئىكەنمەن ،دەپ .ئويلاپ ھۈپپىدە قزاردى . ئارقىدىنلا ، تۈنۈگۈن پويىزدا ئويلىغىنىنى ئېسىگە ئالدى . « مەن بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ نېمە ؟ »
سىما يىنىدىكى ئاساكوغا قاراپ ئويلىنىپ قالدى . ئاساكو يىغىدىن بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە جىم ئولتۇراتتى  . ئۇ شۇتاپتا بى نەچچە سائەت ئىلگىركى ئاساكوغا ئوخشىمايلا قالغاندى . بۇ چاغدا سىمانىڭ كۆڭلىگە « ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساممۇ بولغۇدەك » دېگەن ئوي كەچتى .
_ كەچۈرۈڭ ، سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلىۋەتتىم .
_ ھېچقىسى يوق .
_ توكيۇغا بىرىپلا ئوتتۇزمىڭ يېن پۇلنى ئېلىپ بىرىمەن .
_ بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە يوقمۇ ؟ دېدى سىما مەنىلىك قىلىپ .
_ نېمە ياخشى چارە بولاتتى ، دەيسىز ؟
_ ھازىر بىز يالغان ئاشىق _ مەشۇقلار شۇنداقمۇ ؟
_ شۇنداق .
_ خالىسىڭىز ھەقىقىيى ئاشىق _ مەشۇقلاردىن بولايلى .
_ بولىدۇ .
_ مېنڭچە ، ئىككىمىز توي قىلساق ۋىجدانىي ئازابتىن خالاس بولاتتۇق .
_ پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلىمۇ؟
_ ياق ، ئەلۋەتتە مۇھەببەت ئۈچۈندە ،
_ سىما مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟
_ ئوچۇق بىر نېمە دىيەلمەيمەن ، بىر ئويلىسام ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىمەن .
_ ئىشەنمەيمەن دېدى ، ئاساكو نازلىنىپ .
_ شۇنداق ، بەلكىم سىز دېگەندەكتۇ ، دېدى ، سىما كۈلۈپ تۇرۇپ .
_ ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز ؟
_ ماڭ يىقىنراق كەلسىڭىز بولامدۇ ؟
_ بولىدۇ . ئاساكو خىجىل بولغان ھالدا ، سىماغا يېقىن كەلدى ، ۋە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ  دېدى ، مەن خېلى بۇرنلا .
_ نېمە ؟
_ مەن سىزنى ياردەمگە تەكىلىپ قىلغان چاغدىلا ، سىما مېنىڭ سۆيگىنىم بولۇپ قالان بولسا ، نېمەدېگەن ياخشى بولاتتى ھە دەپ ئويلىغانتىم .

( خەنزۇچە « ئەدەبىياتقا بىر  نەزەر » ژورنىلىنىڭ 1991-يىللىق سانىدىن ئېلىندى )

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 21:49
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى