muzatocli
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 1096
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 87
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-23
ئورنى: ئاقسۇ
ھالىتى: توردا يوق
ئىسىل رومان__<<ھايات شاماللىرى>>

ئىسىل رومان__<<ھايات شاماللىرى>>



<< ھايات شاماللىرى>>ناملىق تۆت توملۇق بۇ رومان ماۋزوسى ئادەتتىكىچە بولغانلىقتىنمۇ ياكى مۇقاۋىسى جەلىپ قىلارلىق بومىغانلىقتىمۇ قىرائەتخانىمىزغا كەلتۈرۈلگەن شۇنچە ۋاقىت ئىچىدە ھېچكىم  ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ باقمىغان ئىدى.بۇ روماننىڭ ئاپتورى سەمەت دوگايلىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدا ئوقۇغان<<كىچىك لەقۋا>>ناملىق پوۋىستىنىڭ كاللامدا قالغان تەسىرى ھېلىھەم بولغاچقا بۇ يىل قىشلىق تەتللىك يېڭى دەرس تەربىيسىگە ماڭغاندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇيمەن دەپ بۇ رومانلارنى ئېلىۋالغان ئىدىم.تۇنجى كۈنى دەرستىن چۈشكەندە ئوننەچچە بەت ئوقۇپلا بۇ كىتابقا مەپتۇن بولۇپ قالدىم.ئارىدا ياتاقداشلىرىمغا بىرنەچچە بەتنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىۋېدىم،تۇرۇپلا ياتاقداشلىرىممۇ بۇ كىتابقا  قىزىقىپ قالدى.شۇنداق قىلىپ يىگىرمە كۈن جەريانىدا تۆت توملۇق بۇ روماننى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ تۆت ئادەم ئوقۇپ بولۇپتىمىز.
تۆت-بەش ئايدىن بۇيان بۇ روماندىكى ئوبرازلار خىيالىمدىن ھېچ كەتمەيدۇ.لېكىن ھېچبىر مەتبۇئاتتا بۇ رومان ھەققىدە ماقالە،ئوبزور ياكى تەسىرات كۆرمىدىم.قارىغاندا مۇقاۋا ۋە ماۋزوسى جەلىپ قىلارلىق بولمىغان بۇ روماننى ئوقۇپ باغقانلار ئاز ئوخشايدۇ.ھەر-بىر قىسىمىدىن قىسقىچە ئۇچۇر بېرەي.

1-قىسىم:<<قەشقەر،ئېسىمدە قالدىڭ>>دا <<مەن>>(مىربىلال)بىلەن بۈۋىسارەنىڭ مۇھاببەت كەچمىشى تەسۋىرلىنىپتۇ.مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان نەچچە يۈز پارچە كىتابلار ئىچىدە بۇ كىتابتەك ئېسىل يېزىلغان مۇھاببەت تەسۋىرلىندىغان كىتابنى ئوقۇپ باقماپتكەنمەن.1-قىسىمنى شىنخۇا كىتابخانىلىرىنىڭ ھېچقايسىدا كۆرمىدىم.تاپالىساڭلار ھەم 15-20بەت ئوقۇپ باقساڭلارلا بۇ كىتابقا كىرىشىپ كېتىسىلەر.

2-قىسىم:<<سەرسانلىق>>تا<<مەن>>(مىربىلالقارى)قەشقەر شەھرىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىنكى تىلەمچىلەر سېپىدىكى ۋە تۇتقۇنلىقتىكى كەچمىشى تەسۋىرلىنىپتۇ.

3-قىسىم:<<قىساس>>تا<<مەن>>(ساقال-مىربىلال)نىڭ مەجبۇرىي ھالدا چېرىكلىككە تۇتىلىشى ۋە دوستى بىلەن چېرىك باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ ئوسمان قىرغىزنىڭ سېپىگە قوشۇلىشى،بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت چىرىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،پىدائىيى ئەسكەر ئېلىپ تەدرىجىي كۈچىيىپ قەشقەر شەھرىنى ئېلىشى،ئوسمان ئېلىنىڭ<<سىجاڭ>>دەپ ئاتىلىشى،تۆمۈر سىجاڭنىڭ قەشقەرگە كىرىشى ۋە ئوسمان سىجاڭ،تۆمۈر سىجاڭ،مازىخۇي(تۇڭگان)لار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى ئىنىچكە ۋە جانلىق تەسۋىرلەنگەن.بۇ قىسىمنى30-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭنامىسى دېسىمۇ بولغۇدەك.

4-قىسىم:<<تۇيۇق يوللار>>دا خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى يەنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئىزچىل ھالدا تۇڭگانلار ۋە ۋە قانخور ھۆكۈمەت چېرىكلىرنىڭ كۈچىيشىنى قوللاپ ئوسمان سىجاڭ ۋە خوتەن پىدائىيلىرىدىن خەۋپسىرىشى،خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ خوتەن پىدائىيلىرىنى قىرغىن قىلىشى،مازىخۇي بىلەن ئوسمان سىجاڭنى ياراشتۇرۇپ قويىمەن دەپ قەشقەر شەھىرىنى قايتىدىن مازىخۇ بىلەن ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە ئېىلىپ بىرىشى،ئوسمان ئېلىنىڭ بىر بۆلەك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ كىتىشى،تۆمۈر ئېلىنىڭ ئۆزى تاغدەك ئىشەنگەن تۇڭگانلار تەرپىدىن ئۆلتۈرلىشى،...قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن.

مەن روماننىڭ يەنە نەشىر قىلىنمىغان 5-قىسىمى بارمىكىن دەپ ئويلىدىم.چۈنكى باش قەھىرمان مىربىلال ئىزدەۋاتقان مەھبۇبىسى بۈۋىسارەنىڭ ئىز-دېرىكى روماننىڭ2-3-4-قىسىملىرىدا تېخى تېپىلمىدى.<<مەن>>ئوسمان سىجاڭنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە جەڭگە چىقىپ تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئېغىر يارىلىنىپ رومان ئاخىرلىشىپ قالدى.

قىسقىسى،بۇ روماننىڭ3-4-قىسىملىرىدىكى ئۇچۇرلار<<ئويغانغان زېمىن>>رومانىدىكى تارىخىي ئۇچۇرلاردىن نەچچە ھەسسە مول ۋە تەپسىلى ئىكەن.تۇرغۇن ئالماسنىڭ<<قەشقەر بورانلىرى>>دېگەن رومانى مۇشۇ شۇمىدۇ-يا دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.





مۇزئارت ئوغلى
ئۈستىگە قايتىش
totem
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 444
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 73
يازما: 21
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-8-9
ھالىتى: توردا يوق
قاچان نەشىر قىلىنغانكەن؟ئاپتورى كىم؟قايسى نەشىرياتنىڭ نەشىر قىلغان؟...

ئۈستىگە قايتىش
uyghur
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


رەت نۇمۇرى: 81
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1070
يازما: 94
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
مەن بۇ رۇماننى ئوقۇغاندەك قىلىمەن ، ۋەقەلىكى تونۇشلا.

ئۈستىگە قايتىش
babur5
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 4569
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-5-12
ھالىتى: توردا يوق
نەشىر قىلىنغىلى خېلى يىللار بولدى ،مەن بىرىنچى قىسمىنىلا ئوقىغان....

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:48
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى