wali101
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 4222
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 4
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-23
ھالىتى: توردا يوق
ئىلاھ

ئۇبۇلھاشىم ياسىن
ئىلاھقا نىدا
( شېئىر )
ئالەمنى نىمىشقا ياراتتىڭ ئىلاھ ،
ئېيىتقىنا نە قىسمەت مەقسىدىڭ ئىلاھ .
مەۋجۇتلۇق قۇدرىتىڭ بىلەن يارالغان ،
ئېيىتقىنا سەن كىمدىن يارالدىڭ ئىلاھ.



مەن كېلىپ ئەقلىمگە شۇنداق ئاڭلىغان ،
"خۇدادىن بى تەقدىر تەۋرىمەس قىل" دەپ.
نە تەقدىر  قىسمەتلەر باقىدۇ ساڭا،
نەزەر سال ئالەمگە يۇرمىگىل مۇگدەپ .

ئاھ ئەجەپ "تەقدىر"نى تەۋرەتسەڭ ئۆزۇڭ ،
ئىلاھى رائىشلىق ئامىتىڭ قېنى؟،
دائىما  يۇۋاشقا  كۇلپىتىڭ بامۇ؟،
ئىلاھى سۇپەتلىك سورىقىڭ قېنى؟.

ياۋۇزلا كۆرەڭلەپ ئالەمنى چەيلەپ،
يەۋالدى يۇۋاشنىڭ قالمىدى نېنى!
"مۆمىن"لەر "غاپىل"لار ئاياق ئاستىدا ،
گەر ئۇنىڭ خورلىنىپ تاشلاندى تېنى.

يىگانە "ئەرىش"تە زېرىكىپ ئۆزۇڭ ،
جىدەلگە قويدىڭمۇ ئىنسانلىرىڭنى.
بولدى بەس خۇمارىڭ چىققاندۇ ئەمدى ،
يىغىشتۇر كۇلپەتلىك ئويۇنلىرىڭنى.

ئىنسانلا روھىدا ئېيتىلغان ئىلاھ ،
ئەسلىدە مۆمىنگە يېقىن ئىكەنمىش.
ئۇنتىدى تەڭرىمۇ مۆمىنلىرىنى،
ئىنسانلار تەڭرىنى ئىزدىمىگەنمىش.

2009-يىلى4-ئاينىڭ22-كۇنى تېرىم.
ئەسلىسى2002-يىلى2ئۆكتەبىردە يوپۇرغىدا يېزىلغان.تېرىمدا قايتا تۇزتۇلدى.

قەشقەر يۇپۇرغا ناھيە تېرىم ئامانەت- قەرىز  كوپراتىپىدىن ئوبۇلھاشىم ياسىن  0998-6881720

ئۈستىگە قايتىش
qasimjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 326
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 313
يازما: 100
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-20
ھالىتى: توردا يوق
ئەپەندىم،
   سىز ئىلاھ بىلەن خۇدانىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز. ئىلاھ ياراتقۇچى ئەمەستۇر. شېئىرنى گۇناھكار قىلمايلى.


=======================
           ئىجادىيەت ئاتامانلىرىنىڭ  كۆزى نەگە قاراۋاتقاندۇ؟





   قاسىمجان ئوسمان غازى
ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:52
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى