gul1237
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 3173
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-2-21
ھالىتى: توردا يوق
بەلكىم

ئارزۇ - غايە دەپ ياشايمىز  بەلكىم،
ئارزۇدىن غايىدىن كېچەرمىز بىركۇن.
توسقۇنلار  يولۇڭنى   توسۇپ  تۇرىدۇ،
شۇ توسقۇن  ئۈستىدە  قونارمىز بىركۈن.

بىرىگە مۇھەببەت  بېرەرمىز   بەلكىم،
بىرىدىن  مۇھەببەت  تىلەرمىز بەلكىم .
بىراۋغا  ئازاپتىن   كىشەنلەر   سېلىپ ،
بىراۋغا  مەھپۇس بوپ  يۈرەرمىز بەلكىم.

ھاياتتا    خوشاللىق   تاپارمىز  بەلكىم،
ۋە  ياكى  ئازاپقا  پاتارمىز   بەلكىم.
بەزىدە شاتلىقتىن   كۈلسەك ۋىلىقلاپ،
بەزىدە ياش تۆكۇپ قالارمىز بەلكىم .

ۋاپا  بەختىنى   ئىزدەيمىز      بەلكىم،
ساداقەت   تاجىنى   كىيەرمىز  بەلكىم .
ۋاپادىن  يىراقلاپ سادىقنى تاشلاپ  ،
جاپا  دەشتىسىدە  يۈرەرمىز   بەلكىم .

ئىنتىزار    بولارمىز    دىدارغا      بەلكىم،
مۇيەسسەر    بولارمىز  ۋىسالغا    بەلكىم.
دىدارسىز ياش تۆكۇپ ،ۋىسالسىز ئۆتۈپ،
دۇنيادىن   مەڭگۈلۇك  كېتەرمىز   بەلكىم.

دوست   ۋاپاسىدىن    كۈلەرمىز    بەلكىم،
ۋەياكى  قاپاسىدىن  ئۆلەر مىز    بەلكىم.
توۋلارمىز  دوستلار نىڭ شەنىگە بىك كۈي،
ۋە  ياكى    گۆرىنى    كولارمىز    بەلكىم.

بىراۋنى   ئوتلارغا    سالارمىز      بەلكىم،
بىراۋنىڭ    ئوتىدا   كۆيەرمىز     بەلكىم.
گۈلخانلار كۆيدۈرۈپ ئۆتكەن ئۆتڭدىن،
كۈلىنى    توزىتىپ    كېتەرمىز     بەلكىم.

شان -شەرەپ  قۇچارمىز ھاياتتا  بەلكىم،
گۇناھكار   بولارمىز     قاماقتا     بەلكىم.
يوقاتساق      ئەگەردە      ئىنسانىلىقنى،
قالارمىز    ۋىجدانىي    سوراققا   بەلكىم.



                                                - ئامىنە.


ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-3 23:06
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى