سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
پروزا
» ئەسسالام ياپراق(نەسىر)
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: ئەسسالام ياپراق(نەسىر)
ijadiyet بۇ تېمىنى تەستىقلىغان. ۋاقتى: 2009-4-17 22:52
mahitaban
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 2563
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 5
يازما: 3
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-9-26
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-17 17:19
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
باش بەت
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ئەسسالام ياپراق(نەسىر)
ئەسسالام ياپراق،سەن تاڭ سەھەرنىڭ بۇلغانمىغان ساپ سوغۇق شەبنەملىرى بىلەن ئۆز ئۈستۈڭدىكى توپا چاڭلارنى يۇيۇپ ھەممىدىن بالدۇر نۇرلانغىنىڭدا،ئۆزۇڭنىڭ ئاشۇ جۇلالىنىپ تۇرغان مەردانە قىياپىتىڭنى پۈتكۈل مەۋجۇداتقا نامايەن قىلالغىنىڭدا قانچىلىك ئىپتىخارلىق ھېس - تۇيغۇلارغا چۆمەرسەن - ھە!
مەن كېتىۋاتىمەن،كاللامدا قانداقتۇر بىر گادىرماچ خىياللار ،يېشىش مومكىن بولمىغان تۇگۇنلەر ... ...
قەلبىم خىياللارغا تولماقتا ،خىياللار ئارېسدىكى زىددىيەتلەر مىنى ھالسىزلاندۇرۇپ سەۋەبكە نەتىجە،نەتىجىگە سەۋەپ ئىزدەتكۈزمەكتە ئىدى. لىكىن مىنىڭ باشلىرىم قېيىپ سەن نۇر چاقنىتىپ تۇرغان يېشىللىقا تولغان يەردىن ئۆزۆممۇ بىلمەي قانداقتۇر بىر غەلىتە ماكانغا كىلىپ قالدىم.زىددىيەتلەردىن قېچىپ تېزلىگەن قەدىمىم سېنىڭ نۇرىڭسىز بۇ ماكانغا كىلىپ توختىدى.مەن ئاستا ئۆز-ئۆزۈمگە پېچىرلىدىم.«قوياشنىڭ نۇرىغا ھۆسۆن قوشۇپ نۇر قايتۇرغان .ئۆزىنىىڭ خىلمۇ-خىللقى ،پىداكارلىق روھى بىلەن ماڭا ئۇمىد ئاتا قىلىدىغان ،تەبىئەتنىڭ جۇلاسى بولغان ياپراقلار قىېنى سىلەر قېنى ... ... ؟»
مەن ۋارقىرىدىم ،توختىماي يۈگۈردۈم .لىكىن،سىلەر يەنىلا يوق.قەلبىم قانداقتۇر بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ ئېلىكىدە ئۆرتەنمەكتە . مەندىكى بار ئېنىرگىيە بولسا سەن(يېشىللق) يوق بولغان مەۋجۇدىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلاتتى.بۇ ماكاندا كۆزلىرىم سىنى ئىزدىمەكتە،قەلبىم ساڭا تەلپۈنمەكتە.
نەدە سەن ياپراق؟ بۇزۇلغان كۆڭۈللەرگە ئارام -بەخىش ئەتكۈچى،ھايات گۈزەللىكنى تونۇتقۇچى ھەم تەبىئەتكە ياراشقۇ ئەمەسمىدىڭ .سەن يەنە بۇلغانغان ھاۋانىڭ تازلىغۇچىسى ،ئنسانىيەتنىڭ نىجاتكارىغۇ،كاللام بىردىنلا سەگەكلىشىپ ئۆزۈمنىڭ نەگە كىلىپ قالغانلىىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاھ،تەڭرىم! مىنىڭ كىلىپ قالغىنىم .ئاللىبۇرۇن ھاياتلىق ئاخىرلاشقان قوياش نۇرىمۇ يوق بىر ماكان ئىكەن.
مانا مەن ھايات -مامات ئوتتۇرىسىدا تىركېشىۋاتىمەن نەپەسلىرىم قېيىنلىشىپ بولالمايلا قالدىم.«ياپراق... ...ياپراق» قەلبىم ئۈنسىز سۆزلىمەكتە ،نۇرسىزلانغان كۆزلىرىم ئاران ئاچقان ئىدىم يىراقتىن يەنى بىز ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل ماكاندىن سىنىڭ ئۈمىدكە تولغان نۇرلىرىڭنى كۆردۇم .ئەتراپىمدا بىردىنلا مىنى باشلاپ ماڭىدىغان نۇر پەيدا بولدى. ئۇ دەل سىنىىڭ قوياش نۇرىغا ئارلاشقان ،تېخىمۇ سىرلىقلاشقان جۇلالىرىڭ ئىدى.ساپ ،جانغا راھەت بىر خىل ئىقېم توختاي دەۋەتقان نەپەسلىرىمگە قايتىدىن كۈچ ئاتا قىلماقتا ئىدى.مەن بىلدىم ،بۇ دەل سىنىڭ بىز ئىنسانىيەتكە ئۆز پىداكارلق روھىڭ ئارقىلىق ئايىماي بىرىۋاتقان جان قۇتقۇزغۇچى شىپالىق دوراڭ ئىدى.
سەن مىنى بۇ زۇلمەت جايدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز يىنىڭغا تارتىپ كەلدىڭ ،مەن ئەمدى ھەقىقى ھېس قىلدىم. سەن گۈزەللىك جارچىسى ،گۈزەللىك ئەلچىسى ئىكەنسەن،ھاياتلىقتا ھەرخىل مەنالارغا ئىگە قېزىل،سېرىق گۈللەرمۇ سەنسىز ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالماس سەن بولغاچقا ئۇلارمۇ چېرايلىق بولالغان ،ھەرخىل مەنالارغا سىموۋۇل قىلىنالغان ئىكەن.
مەن سەن نۇر چاچقان بۇ يەردە ئولتۇرۋاتىمەن،سېنىڭدىن پىداكارلىق روھىڭنى ئۈگىنىۋاتىمەن.تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى شۇنداق ئازادە ھېس قىلدىم.يۇرۇكۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ يۇرەك تېۋىشلىرىغا قۇلاق سالدىم. نە ئازاپ ،نە جاۋاپسىز زېددىيەتلەر پۈتۈنلەي يوقالغان كۆڭلۇم بولسا ھاياتقا بولغان ئۇمىدۋارلىققا ،تەلپۇنۈنۈشكە تولغان مەن سىنىڭ كۈچۈڭنى تونۇپ يەتتىم ،ھېس قېلدىم .مانا،شۇندىن بۇيان نىمىشلا بولسا ساڭا نەزەر تاشلايمەن. ئازاپلانغان كۆڭلۇم ،روھسىزلانغان تەنلىرىم سىنى كۆرسىلا يېڭى ئلھاملارغا ئىرىشىپ ساڭا باش ئگىپ قەلبىم تۇيۇقسىز «ئەسسالام ياپراق» دەپ كېتىدۇ.
ئىخ،ياپراق!!! مەن سىنى سۆيىمەن .سىنى توختىماي مەدھيلەيمەن.تەبىئەتكە ھۆسىن قوشۇپ ئنسانلارغا مەلھەم ياساپ ،قەلىمى گاللاشقانلارغا ھېس-تۇيغۇ ئاتا قىلىپ مەڭگۈ نۇر چېچىپ جۇلالانغايسەن.
ئىزگۈ تەپەككۇرنى ئۆز ئەركىگە قۇيۇپ بەرمەسلىك ياكى ئاللىقانداق ماركا چاپلانغان تەپەككۇرنى ئۆزلۇك تەپەككۇرنىڭ بوينىغا باغلىتىپ قۇيۇش ئېنساننىڭ خاسلىقىنى يوقېتىدۇ.
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
شېئىر
تارىخ
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 22:08
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى