سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
شېئىر
» بۇ كېچىلەر سۆيۈشلەرگە ئىمكان يوق
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: بۇ كېچىلەر سۆيۈشلەرگە ئىمكان يوق
uyghur بۇ تېمىنى تەستىقلىغان. ۋاقتى: 2009-4-15 15:22
paherdenruzi
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4000
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-11
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-15 00:33
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
بۇ كېچىلەر سۆيۈشلەرگە ئىمكان يوق
بۇ كېچىلەر سۆيۈشلەرگە ئىمكان يوق
بۇ كېچىلەر سۆيۈشلەرگە ئىمكان يوق،
دېرىزىگە ئۇرۇلماقتا تىنىقلار.
ئۆتۈپ كەتتى قارا تۈننىڭ ئىلكىگە،
ھەممە نەرسە، ھەتتا كۆلدە بېلىقلار.
<< نېمە ئۈچۈن قىلماق كېرەك ئېھتىيات،
غازاڭلارمۇ شەپىسىزلا چۈشمەكتە.
دەسسىمىدىم، ئۆتۈپ كەتتىم ئاۋايلاپ،
پاقىجانلار ھەريان سەكرەپ يۈرمەكتە.
ئىككى تامنى تۇتاشتۇرغان دەرۋازا،
ھىم ئېتىلگەن گەرچە قىيسىق بولسىمۇ.
ئۇزاق تۇردۇم پاكار تامنىڭ يېنىدا،
ئۆتەلمىدىم، ئاتلاپ ئۆتكۈم بولسىمۇ.
قاپقاراڭغۇ ئاشۇ ئايۋان ئىچىدە،
جىمىپ قالدى، تاشقىنلىغان بىر دەريا.
ئاڭلىمىدى <كۇر- كۇر > قىلغان ئاۋازنى،
شوخ پاقىجان تۇرۇپ قالدى قىرغاقتا.
ئىشلىرىنى تۈگىتىپلا چىللىدى،
خوراز دېگەن ئىنسابسىزلار بەس- بەستە.
كۆتۈرۈلمەك بولدى تېخى قۇياشمۇ،
يېتىۋەرمەي سۈبھى بىلەن قەپەستە.>>
يېتىۋالدىم تاڭغا يېقىن چاندۇرماي،
چۈش كۆرگۈچە ئەزان ئۈنى ئاڭلاندى.
بۇ كېچىلەر سۆيۈشلەرگە ئىمكان يوق،
بىلىپ تۇرۇپ، شاش كۆڭۈلگە ئالداندى.
uyghur
سەھىپە باشقۇرغۇچى
رەت نۇمۇرى: 81
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1070
يازما: 94
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
2- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-15 15:51
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
راستىنى دېسەم شېكىسپىرنىڭ سونىتلىرىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم، رەھمەت!
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
ناخشا تېكىستى
باشقۇرغۇچىلار رايونى
سەھنە ئەسەرلىرى
پەلسەپە
ئانا تىل
سىرلىرىم
بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز
ئوبزور
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-5-16 01:47
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى