سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
پروزا
» نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
uyghur بۇ تېمىنى تەستىقلىغان. ۋاقتى: 2009-4-14 01:22
iltarix
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4032
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-13
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-13 22:05
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (1)
(پوۋسىت)
مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
1
مىلادىيە 1665-يىلى ياز
ىېغىر ىەلياتقۇ بولغىنىغا قارىماي، سەىىدىيە خانلىقىنىڭ ىاستانىسى ياركەنىت شەھىرىدە ھايات يەنىلا ھۈكۈم سۈرمەكتە ىىدى. ىوردىدىن ىانچە يىراق بولمىغان بازاردا جىن چىراق، پەتەر يورۇغىدا ىۆپكە -ھېسىپ، لەمپۇڭ، سېرىق ىاش ۋە يازنىڭ چانغاھۇزۇر مىۋىلىرىنى سېتىۋاتقانلار، ىاللا قانداق بىرەر ھاجەت بىلەن كوچىدا ىارقىسىدىن ىىت قوغلىغاندەك كېتىۋاتقانلار كۆزگە روشەن چېلىقاتتى. يىراقتىن ساتارغا تەڭكەش قىلىنغان داپ ىاۋازى بىلەن مۇقامنىڭ سېھىرلىك كۈيى ياڭرايتتى. مۇقامچىنىڭ جاراڭلىق، سۈزۈك ىاۋازى ىاستانە كىچىسىنىڭ مەيىن شاماللىرىدا يىراق- يىراققاتارقىلاتتى. ىۇيقۇسى قېچىپ ىۆيلىرىنىڭ ىالدىدىكى دەرەخ ىاستىدايان يانقىنىچە سەگىدەۋاتقان كىشىلەر ىېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىنىڭ يېقىملىق، سۈزۈك، لەزىز، سېھىرلىك كۈيىگە قۇشۇلۇپ كەتكەندەك ھاجانلىق ھېسلىرىنى زورىغا بېسىپ، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇشاتتى. بەزىدە خانىقلاردىن ىاڭلانىۋاتقان ‹ھۈ-ھۈ ›‹ھۇم ىاللاھ، ھەق-دوس› دىگەن بۇغۇق ىاۋازلار بىردىنلا كۈچىيىپ، مۇقام ىاۋازىنى بېسىپ كىتەتتى. ىەممايەنە بىردىنلا ىاستا-ىاستا پەسىيىپ، بېشى يوق سۇدەك توختاپ قالاتتى. ناگان-ناگاندا قوللىرىدىكى ياراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، كىچىلىك تەرتىپ ساقلاشقا چىققان چىرىكلەر كوچىلارنى ىايلىنىپ رەستە بازارلاردىن كىسىپ ىۈ تەتتى-دە ىۇدۇل ىوردا چوڭ دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى يان ىىشىك ىارقىلىق ىىچكىرگەكىرىپ كىتەتتى. ىوردا سىپىلى مۇستەھكەم بولۇپ، سىپىل ىۈستىدىكى كونگۈرىلىك كۈزەتخانىلاردا كۈزەتتە تۇرىۋاتقان لەشكەرلەر سىپىل ىاستىدىكى ھەربىر تىۋىشنى ىىنىق ىاڭلىماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى گىرىسمەن يۇرۇقلۇققا تىكىپ، جىمجىت تۇرىشاتتى. ىۇلارنىڭ قوللىرىدىكى قىلىچ-نەيزىلەر، ىۈستىباشلىرىغا كىيىۋالغان چىرىكچە كىيىملەر سۇس ىاي يۇرىغىدا يالتىرايتتى. دەل شۇ چاغدا كوچىدا تاك-تاك ىاۋازى ىاڭلىنىپ، ىۈنى پۈتۈپ كەتكەن ياشانغان بىرسىنىڭ بۇغۇق ىاۋازى ىاڭلاندى.
-جاھان تىنىچ. ىەل ىامان!...
تاكتاكچىنىڭ ىۈنى يۇقۇماي تۇرۇپلا، يىراقتىن ىات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلىگەن ىاۋازى غۇۋا ىاڭلىنىپ، بارا-بارا ىەۋجىگە كۈتۈرۈلدى- دە، ىۇدۇل ىوردا دەرۋازىسىنىڭ ىالدىغا كىلىپ توختىدى.
-كىمسەن!،قەيەردىن كەلدىڭ ؟
ىورداسېپىلنىڭ ىۈستىدىكى كۈزەتچى چىرىك نىمىشقىدۇر تەشۋىشلەنگەندەك ىاۋازىنى كۆتۈرۈپ سورىدى.
-مەن، خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ ىادىمى. جىددى ھەربي مەلۇمات بار. قۇۋۇقنى ىېچىڭلار،- ىات ىۈستىدىكى چاققانغىنە يېشىل سەللە ىورىۋالغان، ىوتتۇرا ياشلىق كىشى ىالدىراپ جاۋاپ بەردى،-تىز بۇلۇڭلار... تىز... .
شۇ ىەسنادا قاياقتىدۇر پەيدا بولغان چىرىك بېشى ىاتلىقلارنىڭ سۆزىنى ىاڭلاپ، پەستە يان ىىشىك تۈۋىدە بويرۇق كۈتۈپ تۇرغان ىونباشىغا قاراپ دىدى.
-كىرگۈزۋەت. دەرھال ھۈدەيچى بەگكە مەلۇم قىل.
شۇىان ىوردا قۇۋىغىنىڭ يان ىىشىگى مايسىراپ كەتكەن يارىيار ھارۋىىسىنىڭ چاقىدەك غىچىرلاپ ىېچىلدى. شۇنىڭغىچىلىك ىاتلىرىدىن چۈشۈپ تەييار بۇلغان تۆت ىاتلىق كىشى ىىشىكتىن ىالدىراپ كىرىشتى-دە قاياققا ماڭىمىز» دىگەندەك ىىشكنى ىاچقان چىرىككەقارىدى.
-قېنى ىىچكىرگە كىرىپ، جىندەك تۇرۇپ تۇرىشسىلا، ھۈدەيچى بەگ ھازىرلا كىلىدۇ. ىاتلارنى ماياققا... ،- چىرىكلەرنىڭ بىرى ىۇلارنىڭ قۇلىدىكى چۇلۋۇرنى ىالدى- دە، سىپىلنىڭ يان تەرىپىگە ىېلىپ ماڭدى. ھېلىلا ىاستانىگە كەلگەنلەر ىالدى، تەرەپكە- ىوردىنىڭ سۈتتەك ىايدىڭدا قارىيىپ كۈرۈنگەن ھەيۋەتلىك گۇمبەز، قوببىلىرىغا قاراپ، ھەيران بۇلۇشقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان بولسىمۇ، تۆت -بەش كۈندىن بۇيانقى ىۆتەڭ- ىۆتەڭدە ىات ىالماشتۇرۇپ، سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش داۋامىدا ىوبدانلا ھاردۇق يىتىپ، يېنى يەر تارتىپ تۇرىۋاتقاچقا، ىۆزھەيۋىتى بىلەن خانلىقنىڭ سەلتەنەتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىۋاتقان ىوردا بىناسى ىۇلارنىڭ مەيلىنى ىۆزىگە قارىتالمىدى. شۇنىڭغىچىلىك ىۈچ چىرىكنى ىەگەشتۈرگىنىچە پەيدا بولغان ھۈدەيچى بەگ قوشتىن چىققان ىۆكۈزدەك ھاسىرغىنىچە ىۇلارنىڭ يىنىدا پەيدا بۇلۇپ، ىارقىسىدىن سەگ قوغلىغاندەك ىالدىراپ سورىدى.
-خوش، ھەر قايسىلىرىغا قانداق ياردەم كېرەككىن؟
بىز كېرىيەدىن كەلدۇق. خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ خان ىالىلىرىنىڭ ىۆز قۇلىغا تەككۈزىشكە يېزىپ بەرگەن جىددى ھەربى مەلۇماتى بار. قالماقلار كېرىيەگە ھۇجۇم قىلدى. مەلۇماتنى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ تەخسىر، مۇمكىن بولسا ىادالەتپاناھ شاھىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرگەن بولسىلا بۇلاتتىكەن.
ھۈدەيچى بەگ دىمىنى ىېلىۋالماقچى بولغاندەك ىۇلۇغ–كىچىكتىن ىېلىپ، ىالدىدىكى كىشىلەرگە بىر-بىرلەپ سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ چىققاندىن كىيىن، بىر پەس تۇرۇپ قالدى. شۇ تاپتا ىونىڭ خاننى مالال قىلغۇسى، ىەمدىلەتىن ىەۋجىگە چىقىۋاتقان سورۇننى بۇزۇپ، خانغا ھەمراھ بۇلۇپ، جاھان سەۋدالىرىنى ھەيدەۋاتقان ىەمىرلەرنىڭ كەيپىياتىنى ىۈچۈرۈپ قۇيۇشتىن سەل-پەل ىەنسىرەپ قالغان بولسىمۇ، ىەمما ناتۇنۇش مېھماننىڭ قالماقلار «كېرىيەگە ھۇجۇم قىلدى» دىگەن گىپى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىدە بولغاچقا، ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك بېشىنى لىڭشىتقاچ ىېغىز ىاچتى.
-بۇلىدۇ. ىۆزلىرى مەن بىلەن ماڭسىلا، قالغانلار بىر دەم مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇشسىلا...
ھۈدەيچى بەگ گىپىنى تۈگۈتۈپ، چىرىكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيۋەتلىك سېلىنغان، گۈمبەز قۇببىلىرىدىكى رەڭداركاھىشلار ىۆز سەلتەنەتى تېخىمۇ كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك كۆرىنىدىغان خان ىوردىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى يولدىن كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى. خۇدابەردى ھاكىمبەگنىڭ چاپارمىنىمۇ ىۇنىڭغا ىەگەشتى. ىىككى تەرىپىگە تۈجۈپلەپ، تاللاپ سېلىنغان ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ قورشاۋىدىكى يول قاراڭغۇ بولسىمۇ، ىەمما 10-15قەدەم ىارلىقتا ياندۇرۇپ قۇيۇلغان شاھانە شاملار ىەتراپنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. يولنىڭ چېتىدە قېتىپ تۇرغان نۆكەرلەر نەيزىلىرىنىڭ سېپىنى ىوڭ پۇتىنىڭ يېنىغا قۇيۇپ، ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرىشاتتى. ىەلچى ىۇلارغا قاراپ ھەيران بولغاندەك، ھەۋەسلەنگەندەك قارىدىيۇ. ىەمما ىۇششاق چامداپ، تىزلىك بىلەن كېتىۋاتقان ھۈدەيچى بەگدىن كىيىن قالماسلىق ىۈچۈن قەدەملىرىنى ىىلداملاتتى. ىۇلار نەچچە ىايلانمىدىن قايرىلىپ، ىابدۇللاخان ياز كۈنلىرى سەداتان ىىسسىق مەزگىلدە ىارام ىالىدىغان،بەزمە ىۇيۇشتۇرۇپ، كۆڭۈل ىاچىدىغان «لالىزار راۋاق» نىڭ يېنىغا كەلدى. ھاكىمبەگنىڭ بىتىكىنى ىېلىپ كەلگەن ىەلچى سانجاق-سانجاق شام يۇرىغىدا كۈندۈزدەك يۇرۇپ كەتكەن راۋاقنىڭ تۈر تەرىپىدىكى شاھ سۇپىسىدا قىپ-قىزىل خۇتەن گىلىمى ىۈستىگە سېلىنغان تەتىللاكۆرپە ىۈستىدە بەكتۇ بۇلۇپ ىولتۇرغان ىابدۇللاخانغا. شاھ سۇپىسىنىڭ تۈۋىدە كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان گىلەم ىۈستىگە ىولتۇرغان ىەمىرلەرگە ۋە ىەمىرلەرنىڭ ىالدىدىكى نازۇ-نىمەتلىرى مول داستىرخاننىڭ قارشى تەرىپىدە ىولتۇرغان سازازەندىلەرگە ىەيمەنگەندەك قاراپ قويدى. ىۇ خۇدا بەردى ھاكىمبەگ بىلەن تاساددىبى ھەمداستىخان بولغان سورۇنلاردا ھاكىمبەگ ىابدۇللا خان، ىوردا ىەمىرلىرى، شاھىنىشىن خاننىڭ موشۇ لالىزار راۋىقى، يەنە تېخى «ھۇزۇرى ساباھ»، «ھۇزۇرى ناۋا »، «ھۇزۇرى نۇرۇز » قاتارلىق راۋاقلار ھەققىدە ماختىنىپ تۇرۇپ ىېيتىپ بەرگەن تەرىپلىرىنى كۆپ ىاڭلىغان ىىدى. شۇڭا ىۇ باياتىن ىوردا قۇۋىقىدىن كىرىپ، «لالىزار راۋاق » نىڭ ىالدىدا توختىغانغا قەدەر بۇ يەرنى چۈشىدە كۆرگەندەك، قاچانلاردىدۇ مۇشۇ يەردە سەيلى قېلىپ ياتقاندەك ھېسىياتقا كەلگەن ىىدى. بىراق راۋاقنىڭ ىالدىغا كىلىپ تۆردە-شاھ سۇپىسىدا ىولتۇرغان خاننى ۋە ىوردا ىەركانلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا نىمىشقىدۇر پۇت قۇللىرى سۇس تىتىرگەندەك، بەدىنىدە ماغدۇر قالمىغاندەك سىزىم ىىلكىدە قوللىرىنى قۇلۇشتۇرۇپ، يەرگە ىېڭىشتى. شۇنىڭغىچىلىك ھۈدەيچى بەگمۇ ىۆزىنى ىوڭشاپ،كانىيىنى قۇرۇق قىرىپ قۇيغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ىۆزىگە تارتىماقچى بولغاندەك مەلۇم قىلدى.
- ىەنھەزىرتىمگە مەلۇم بۇلغاي، كېرىيەنىڭ ھاكىمبىگى خۇدا بەردى بەگنىڭ چاپارمىنى جىددىي مەلۇمات ىېلىپ كەپتۇ.
بۇ گەپ بىلەن قولىدىكى مۇزدەك شەربەتنى ىەمدىلا ىىچىشكە تەشەلگەن خانمۇ، باشقا ىوردا ىەمىرلىرىمۇ بىردىنلا پەگە تەرەپتە ىۆزگە قول باغلاپ تورغان 40-45 ياشلاردىن ھالقىغان، ىوتتۇر بۇي، قۇيۇق ساقاللىق كىشىگە قاراشتى. بۇنى كۆرۈپ ھۈدەيچى بەگنىڭ كەينىدىن «لالىزار راۋاق» قا كەلگەن كىشى نىمىشقىدۇر ىوڭايسىزلانغاندەك، قۇرۇنغاندەك بۇلۇپ، بىشىنى تېخىمۇ تۈ ۋەن سالدىيۇ، ىەمما ھۈدەيچى بەگنىىڭ بېقىنىغا يىنىك نوقۇشى بىلەن ىۆز ۋەزىپىسى تىزلا يادىغا يىتىپ، قۇيۇن يانچۇقىدىن مەخسۇس خەت ىالاقىسىگە ىىشلىدىغان كۈن قاپنى ىالدىراپ چىقاردى-دە، ھۈدەيچى بەگكەقوشقوللاپ تەڭلىدى. ھۈدەيچى بەگ ىۇنىڭ قۇلىدىن ىالغان قاپنى ىالدىراپ ىىچىپ، ىىچىدىن تۈجۈپۈلەپ قاتلانغان مەلۇماتنامىنى سۇغۇرۇپ ىالدى-دە، ىەمىرلەرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى «لالىزار راۋاق» قورشاپ تۇرغان مىمارچىلىقنىڭ نامايەندىسى ىىكەنلىگىنى بىر قاراشتىنلا پەرق ىەتكىلى بۇلىدىغان سۇپۇغا يېقنلىشىپ، يۈكۈنۈپ ىولتۇرۇپ، مەلۇماتنامىنى بشىدىن ىىگىز كۆتۈرۈپ خانغا ىۇزاتتى. ىابدۇللاخان قولىدىكى خۇتەن قەغىزىگە تۈجۈپلەپ، دانىمۇ - دانە قىلىپ يېزىلغان مەلۇماتنامىنى ىېلىپ ىېلىپ تىز-تىز كۆز يۈگۈرتتى-دە، بىردىنلا قۇشۇمىسىنى تۈردى. بۇنى كۆرۈپ، خاننىڭ چىرايىدىكى ھەربىر ىۆزگۈرۈشكە سىنچىلاپ قاراپ ىولتۇرغان ىەمىرلەرمۇ تەىەجۈپلەنگەندەك بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى.
- قالماقلار كېرىيەگە ھۇجۇم قىپتۇ،- دىدى خان ىۆزىگە قاراپ ىۈنلۈكرەك نەپەس ىېلىشقىمۇ پېتىنالمىغاندەك ىولتۇرۇشقان ىەمىرلەرگە قاراپ، قارىغاندا دەرەخ جىم تۇراي دىسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايدىغان ىوخشايدۇ،
بۇ گەپ بىلەن تەڭ خاننىڭ ىىشەنچىلىك ىەمىرى ھىندىقۇش مىرزا ىالدىراپ ىېغىز ىاچتى،.
-يەنە شۇ غالدانمىكەن، ىەنھەزرىتىم ؟
-ياق. كېرىيەگە ھۇجۇم قىلغىنى غالدامە ياكى باشقا قالماق ىىكەنلىكى مەلۇم ىەمەسكەن!
- ھە... . مەن تېخى غالدامە ىۆزى مۆھۈر باسقان كىلىشىمگەچىدىيالماسلىق قىلغان ىوخشايدۇ دەپتىمەن، - دىدى ھىندىقۇش مىرزا تەىەززۇ بىلەن خانغا ىىگىلىپ قۇيۇپ، -قارىغاندا سېلى دىگەندەك ىۇلارنىڭ نىيىتى مۇ خالىپ ىوخشايدۇ.
- بۇ قېتىم كېرىيەگە باسقىن قىلىپ كەلگەنلەر خىللانغان بەش مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن كەپتۇ، -ىابدۇللاخان ىەمىرلەرگە تەكشى قاراپ قويغاندىن كىيىن، قولىدىكى مەلۇماتنامىسىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى، - غالدام ىۇياندىن سۇلھى تۈزۈپ، ۋەتىنىمگە قايتىۋىدى. بۇياندىن يەنە باشقا قالماقلار پەيدا بوپتۇ. سىلەرچە قانداق قىلساق بۇلار؟!...
ىابدۇللاخاننىڭ سۆزى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قاراشتى. بەزىلەر يېنىدىكىلەر بىلەنمۇ پىچىرلىشىپ ىۈلگۈردى بۇنى كۆرۆپ، خاننىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چىرايلىق ياسىتىلغان ىۆسكىلەڭ بۇرۇتلىرى لىكىلداپ كەتتى، ىەمما بۇ سۇرۇننى قەشقەردىن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن ىەمىرلەرنىڭ شەرىپىگە ىۇيۇشتۇرغانلىقىنى، يەنە كىلىپ سازەندە- رەققاسلار بار ىۇرۇندا دۆلەتنىڭ چوڭ ىىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يادىغا ىېلىپ، چىرايىغا زورۇقۇش ىىچىدە كۈلكە يۈگۈرىتكەندىن كىيىن ىېغىز ىاچتى.
- بۇ ىىشنى ىەتە شاھنىشىندا مۇزاكىرە قىلايلى، ىۆزلىرى بۇ مېھمانىنى ىوردىنىڭ تەكىيخانىسىغا باشلاپ، ىوبدان غىزالاندۇرغاندىن كىيىن، ىارام ىالدۇرسىلا...
باياتىن بىرى قۇرساق ىاچلىقىدا ىۆزىگە يېقىنلا يەرگە سېلىنغان ىەمىرلەرنىڭ ىالدىدىكى شاھانە داستىرخاندىكى قۇزا، باچكا كاۋاپلىرى، پۈتۈن سېلىنغان تۇنۇر كاۋاپلىرى ۋە تۈرلۈك مىۋىلەرگە قاراپ ىەتىگەن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ىالدىراپ ناشتا قىلىپلا سەپەرگە ىاتلانغان، مەلۇمات يەتكۈزگۈچى ىېغىزىغا يىغىلغان سېرىق سۇنى نەچچە قېتىم يۇتۇپ ىۆتكۈزگەن ىىدى، مانا ىەمدى خاننىڭ سۆزىنى ىاڭلاپ، كۆزلىرىنى داستىرخاندىن تەستە ىۈزدى-دە، كەينىگە ىۆرۈلۈپ تەييار بولغان ھۆدەيچى بەگنىڭ كەينىدىنلا سۇڭداشتى.
- قېنى بىكاۋۇل بەگ، قەدەھلەرگە شاراپ قۇيۇڭ،-خان بەستە قول باغلاپ تۇرغان، ىۆزىنىڭ يىمەك ىىچمىكىگە مەسۇل ىەمىرىگە بۇيرۇق قىلدى، - قەشقەر تەرەپكە لەشكەر تارتىپ غالدان ىۈستىدىن نۇسرەت قازانغان ىەمىرلەرگە يەنە بىر قەدەھ تۇتاي...
بىكاۋۇل بەگ تىزلىنىپ ىولتۇرۇپ. ىەپيۇن ىارىلاشتۇرۇلغان كۈچلۈك شاراپنى قاشتېشىدىن ياسالغان جاملارغا بۇلدۇقلىتىپ قۇيدى.
-قېنى، ھەممەيلەن كۆتۈرۋىتەيلى.
خاننىڭ قولىغا جامنى ىېلىپ تۇرۇپ دىگەن سۆز بىلەن تەڭ، ىەمىرلەرمۇ ىالدىدىكى جاملارنى ىېلىشتى -دە ،لە ۋلىرىگە تەككۈزۈشتى. ىابدۇللا خان جامنى بۇشۇتۇپ، قوللىرىدىكى سازلىرىنى ىۆتۈپ ىولتۇرغان سازەندىلەرگە قاراپ بېشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قويدى. خاننىڭ مەخسىتىنى چۈشۈنۈپ ىۈلگۈرگەن سازەندىلەر شۇىان مۇقام كۈيلىرىدىن ىارىيە ىۇرۇنلاشقا باشلىدى. سۇنىڭ شىلدىرلىشىدەك سۈزۈك، تاغ شاملىرىدەك ھۇزۇرلۇق كۈيلەر« لالىزار راۋاق »تا ىولتۇرغانلارنى بىردەمدىلا ىۆزىگە مەپتۇن قىلدى. سازەندىلەرنىڭ ىوتتۇرىسىدا ىولتۇرغان ساتارىنى ىەپچىلگىنە كامالچە بىلەن ىاجايىپ سىھرى كۈچكە ىىگە قىلغان مويىسپىت كىشى ياڭراق ىاۋازى بىلەن ناخشا باشلىدى. دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىر-بىرىدىن چىرايلىق ىونغا يېقىن رەققاز قىز كىپىنەكتەك سەكرەپ ىورنىدىن تۇرۇشتى-دە شاھ سۇپۇسىنىڭ يان تەرىپىدىكى بوشلۇقتا ىىساننىڭ جېنىنى ىېلىپ، جاڭگالدا قۇيۇدىغاندەك ناز كەرەشمىلەر بىلەن ىۇسۇلغا چۈشتى. مۇڭلۇق سېھرى كۈي، شۇخ ىۇسۇللار بىردەمدىلا « لالىزار راۋق » تا ىولتۇرغانلار نى ىۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، باياتىنقى مەلۇماتنى بىردەمدىلا ىۇلارنىڭ ىەسلىرىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. خانمۇ، ىەمىرلەرمۇ جاھاننى ىۇنتىغاندەك،لەزلز كۈيگە قۇلاق سالغىىنىچە، رەققاس قىزلارنىڭ ىۇسۇلىغا قاراپ قېلىشتى.
شەرىق تەرەپ بېلىق قاسرىدىدەك ىاقىرىپ، بىرەر ىاشپىشىمدەك ىۆتكەندە قۇياش ىاستانىنىڭ كۆزيەتكۈسىز نېرىدىكى قۇيۇق ىورمانلىقتىن كۈتۇرگەندەك ىاستا-ىاستا پەيدا بولدى، خېلىدىن بېرى ىوردىنىڭ ىىچىدىكىسى ىون مو كەلگۈدەك چوڭلىقتىكى كۆل بۇيىدىكى «لالىزار راۋاق »نىڭ سالاسۇنىغا يۈلەنگەن پېتى تۇرغان ىابدۇللا خان قۇياشنىڭ كۆتۈرىلگەن ھالىتىگە قاراپ قېتىپ قالغاندەك تۇراتتى. ىۇنىڭدىن سەل نېرىسىدا مەخسۇس خاننى قوغدايدىغان نەۋكەرلەر خۇددى خانغا ىۇخشاش ىىپادسىز ھالدا تىك تۇرىشاتتى، «لالىزار راۋاق » نىڭ ىەتراپىدىكى يازدىن تاكى كەچكۈزگىچە مىۋىلىرى ىۆكسۈپ قالمايدىغان مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىدا قۇچقاچ، قارلىغاچ، سوپسۇپىياڭ قاتارلىق جانىۋارلار خۇددى ىۈزۈلمەس بىر سىمپۇنىيەنى ىورۇنلاۋاتقاندەك ۋىچىرلىشاتتى. باغنىڭ ىۈستىدە ىۇيۇنچى كەپتەرلەر موللاق ىىتىپ، يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالغىنىغا تەنتەنە قىىلىۋاتقاندەك بەھۇزۇر ىۇچۇپ يۈرەتتى. ىەمما خانىنىڭ بۇنىڭغا قارىغۇدەك ھەپسىلى يوق ىىدى. ىۇ ىەتىگەندىلا ىورنىدىن تۇرىۋالغان بولۇپ، پۇتۇن ىىسيادىنى ىاخشامدىكى مەلۇماتنامە چىرمىۋالغان ىىدى. شۇ تاپتا ىۇنىڭ كۆز ىالدىدا خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ مەلۇماتنامىسىنى قۇرلار زاھىر بولماقتا ىىدى،
«ىەسسالامۇ ىەلەيكۇم،
جانابى دۆلەتپاناھ، ىەنھەزرىتىمنىڭ ىۆمرىنىڭ ىۇزۇن، دۆلەت سەلتەننىڭ زىيادە بۇلۇشىنى تىلەپ، ىۇشبو مەكتۈپنى يېزىشتىكى مەخسىدى مۇددايىم شۇكى، كەمىنە پېقىرلىرى ىۆزلىرىنىڭ يارلىقى بىلەن كېرىيە دىيارىغا ھاكىمبەگلىك مەنسەۋىگە تەيىنگەندىن كىېيىن، ىەلنىڭ كۆڭلىنى ىەمىن تاپقۇزوش رەىىتسىيەتكە پايدىلىق نۇرغۇن ىىشلارنى قىلىپ، جاناپلىرىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش مەخسىتىدە بۇلۇپ كەتكەن ىىدىم. ھالبۇكى يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان قارا شەھەر تەرەپتىن كەلگەن قالماقلار ھەدەپ پاراكەندىچىىلىك تۇغدۇرۇپ، چەرچەن، چاقىلىق تەرەپلەردە بىگۇناھ ىاۋامنى ىولتۇرۇپ، مال - مۈلۈكنى بۇلاپ، ىۆيلىرىگە ىوت قۇيۇپ، خانلىقىمىزنىڭ بىگۇناھ پۇخرالىرىنى قىرغىن قىلدى. ھەتتا تەپتاتماستىىن،زىمىنىدىن ىۈتۈپ،ىوتوغراقنى ماكان قىلىپ،كېرىيەگىمۇ ھۇجۇم قىلدى. كەمىنە پېقىرلىرى نەچچە قېتىم قۇشۇن تارتىپ ىۇلارنى جازالاشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ ىەل - رەىىيەتنىڭ بۇ ىەغيارلىرىنىڭ سانى كۆپ (ىىگەللىگەن ىەڭ ىىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغانداچىرىك سانى بەش مىڭدىن ىارتۇقراقكەن ). ىۇنىڭ ىۈستىگە ھەننىۋاسى ىاتلىق بولغاچقا ىۇرۇنۇشلىرىم بىھۇدە چىقىم تارتىش بىلەن كۇپايىلەندى. ىەنھەزرىتىمگە سىر ىەمەسكى ،ھاكىمبەگلىك تەۋەيىمىزدە چىرىك ىاز، ياراقلىرىمىز ناچار بولغاچقا ، ىۇلارنى چىكىندۈرۈپ، تۇرار جايىغا قوغلىۋىتىشىمىز بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇڭا ىالايىتەن ىۆزلىرىگە بۇ مەلۇماتنى يازدىم. ىۇلۇغ دۆلەت پاناھ پاشايىمىزنىڭ سەلتەنىمىزنىڭ بۇ ىەغيارلىرىنى تارمار قىلىپ، ىەلنى بەخىت ساىادەتكە ىىرىشتۈرۈش ىۈچۈن ىالاقىلانە تەدبىر قوللىنىشلىرىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن.
كېرىيەنىڭ ھاكىمبىگى: خۇدابەردىخاندىن دەپ بىلۈرلا.
ىابدۇللاخان يىنىك ىۇھسۇندى. ىۇ تۈنۈگۈن كەچتە مەلۇماتنامىنى تاپشۇرۇپ ىالغاندا، ىەمىرلىرى بىلەن بۇ ىىش توغرىسىدا كىڭەش ىۆتكۈزمەكچى بۇلۇپ، ىېغىز ىاچتىيۇ، ىەمما بىردىنلا يالتىىۋالدى. ىۇنىڭدا خاننىڭ بۇنداق رەسمى سورۇندا خانلىقنىڭ چوڭ ىىشلىرىنى جاراستانغا چىقىرىشنىڭ بىىەپ ىىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەرى بار ىىدى. ىۇ خانىلىق تەخىتكە بىر قارار بولغاندىن كىيىن، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەركەن سەىىدىيە خانلىقىنى قايتىدىن مۇستەھكەملەپ، خانلىق سەلتەنەتىنى قايتىدىن ىەسلىگە كەلتۈرۈشكەكۆپ كۈچ چىقارغان ىىدى. بۇ جەريانىدا ىۇ خوشنا ىەللەرنىڭ ىوششاق يېغىلىقلىرىغا قارشى لەشكەر تارتىپ، غەلبە نۈسرەتلەرنى قۇچقان ىىدى. تېخى نەچچە يىل ىىگىرى خۇتەن، كېرىيە لەرگە ىايرىم- ىايرىم ھالدا ھۇجۇم قىلغان قالماقلارنى چىكىندۈرۈپ، خانلىقنىڭ ىابرويىنى قوغدىغان ىىدى. ىەمما ىىش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى «ىككى-ىۈچ ىاي ىىلگىرى ىاۋال ىاقسۇدىن مەلۇماتنامە كەلدى. خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ شاھزادىسى زور قۇشۇن بىلەن ىۈچتۇرپاننى قىرچاپ قىلىپ، ىاقسۇغا قاراپ كىلىۋاتىدۇ... ىابدۇللا خان مەلۇماتنامىنى تاپشۇرۋېلىپ، نەچچە كۈنكىچە لەشكەر تارتىش - تارتماسلىق ھەققىدە بىرقارارغا كىلەلمىدى. شۇ چاغدا ىوردىدا خېلى دەتالاش بولدى.
-ىالتە توك -توك قالماق ىالەمنى مالەم قىلالمايدۇ،-دىگەن ىىدى بىر قىسىم ىوردا ىەمىرلىرى، -ىاقسودىكى نايىپ خانىنىڭ قول ىاستىدا تۈمەن كىشىلىك قۇشۇن بار. ىۇنىڭ ىۈستىگە ياراقلىرى خىل، لەشكەرلەر مۇنتىزىم تەلىم تەربىيە كۆرگەچكە، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى. شۇڭا ىۇلارغا شۇڭاىۇلارغا ھەمدەمگە لەشكەرلەر ماڭغۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
-شۇنداقتىمۇ ياۋنى تۈۋەن چاغلىمىدۇق، -دىدى يەنە بىر قىسىم ىەمىرلەر ىۇلارنىڭ قارىشىغا قۇشۇلماي، -ىالىماس ىاقسۇدىكىلەر ياغىنىغا تەڭ كىلەلمەي قالسا...
-ىۆز دۈشمىنى خانلىق سەلتەنىتىدىن يوقىرى ىورۇنغا قۇيۇش تۇزكورلىقنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇ سۇنى كۆرمەي ىىشتان سالغانلىق... . .
ىارى، ھەق گەپ، ياۋ ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ىۇلار بۇ يەردە ھىماتسىز، ىەدناسى ىۇزۇق-تۈلۈك، لەشكىرى تەمىناتمۇ ىولارنىڭ كاللىسنى قاتتۇرىدىغان ىىش. ىەمما بىزگە ىۇنداق ىەمەس. زېمىن بىزنىڭ، ىاۋام بىزنىڭ، ىۇلار بولسىلا، بىز چۇقۇم نۇسرەت قازىنىمىز.
-ياۋمۇ بۇ ىىشلارنى ھەل قىلايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىنلا قىلىچىنى قېنىدىن چىقارغان شۇڭا...
سۇلتان ىابدۇللاخان ىەنە شۇنداق قارمۇ -قارشى پىكىرلەرنى ىاڭلاپ بىر قارارغا كىلەلمىگەندە، ىاقسۇدىكى ىۇرۇشتا ياۋنىڭ يېڭىلىپ تىرە-پىرەن بولۇپ، باش تىقىپ پاناھلانغۇدەك يەر تاپالماي ىاخىرى سۈلھى تۈزۈپ قايتقانلىقىنى، ىەمما ىاقسۇدىن ىۈتۈپلا قەشقەر تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ىۇقۇپ، لەۋلىرىنى بوشقىنە چىشلىگەن ىىدى.
-ھەر قانداق ۋاقتىدا دۈشمەننى ىاجىز-كۈچلۈك دەپ چاغلىمىغۇلۇق ىەنھەزرىتىم، - دىگەن ىىدى ھىندىقۇش مىرزاخاننىڭ ىۆزگۈشنى ىۆزى يىگۈدەك بۇلۇپ، ىاچچىغىنى مەيدىن چىقىرىش ىۈچۈن خاس كۇتۇپخانسىغا بىكىنىۋېلىپ، مەيخورلۇق قىلىۋاتقان يىرىدىن تېپىپ، -ھېلىمۇ ىاقسۇ ىەمىرلىرىنىڭ باتۇرلىقى بىلەن رىىىيەت قىرغىقىدىن ىامان قاپتۇ. لىكىن ىۇلارنىڭ قەشقەر تەرەپكە مېڭىشى ياخشلىقتىن كۆپرەك يامانلىقتىن بىشارەت. شۇڭا بۇنىڭغا جىددى تەدبىر قوللانغايمىز.
-ھىندىقۇش بىگىم توغرا ىېيتىدۇ- دىدى ىۇنىڭ سۆزىگە ىۇلاپلا ىاستانە ىەمىرى، قۇشۇمچە ىاستىغىنە مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇننىڭ سەركەردىسى مىرزا باباقبەگ-يەنە ىارسالدى بولۇپ تۇرىۋېرىدىغان بولساق، كىيىن پۇشايمانىنى ىالغىلى قاچا تاپالماي قالىمىز. شۇڭا ھازىرنىڭ ىۆزىدە يولۋاسخان شاھزادە ىالىلىرىگە يارلىق ىىبەرتەيلى، ىۇ مەيلى قانچىلىك چىقىم تارتىشىتىن قەتىي نەزەر ياۋنى چىكىندۇرسۇن، چىكىندۇرەلمىسە، ىۇلارنى مەلىكە قىلىپ تۇرسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ. شۇنىڭغىچە بىزمۇ ياردەمگە ىەسكەر ىىبەرتەيلى. شۇنداق قىلساق، غالدا مەنى تارمار قىلىپ، سەلتەنەتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.
خان ىەپيۇن ىارلاشتۇرۇلغان كۈچلۈك شاراپنىڭ تەسىرىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى بىردە خانلىق سەلتەنەتىنىڭ داڭلىق سانغۇنى، نۇرغۇن ىۇرۇشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ نۈسرەت قازانغان ىەمىر لەشكەر ھىندىقۇش مىرزىغا، بىردە مىرزا باياقبەگكە قاراپ بىر نەرسىنى ىويلانماقچى بولغاندەك تۇرۇۋالدى. ىادەتتە ىۆزىگە نۇرغۇن پايدىلىق تەكلىپلەرنى بىرىپ تۇرىدىغان بۇ ىەمىرلىرىگە ىىشىنەتتى. ىەمما يېقىندىن بىرى قەشقەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان نۇرغۇن مەخپى يوللانمىلار ىۇنى گاڭگىرتىپ قۇيۇۋاتقاچقا، ىۇ شۇ تاپتا ىۆز پۇشتى، قەشقەرنىڭ نايىپ خانى يولۋاسخانغا بولغان قورساق كۈپۈگى سەۋەپلىك بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتاتتى، بۇ ىىشتىن ىىككى ىەمىرنىڭمۇ ىاز- تۇلا خەۋىرى بولغاچقا، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدىغان ىىشلار يۈز بەرمەسلىكى ىۈچۈن ىەمىرلەرنىڭ بۇ سەمىمى ىىلتىجاسى ىالدىدا لەۋ چىشلەپ تۇرۇشنىڭمۇ ىورنى يوق ىىدى.
-ىونداقتا ھەر قايسىلىرىنىڭ ىويىچە بولغاندا... . .
-لەشكەر ىىبەرتايلى، - ىىككى ىەمىر دىيىشىۋالغاندەك تەڭلا جاۋاپ بەردى.
-مەيلى، دىگىنىڭلار بۇيىچە بولسۇن، ىۇنداقتا ىوردا پۈتۈكچىسى ھازىرلا يارلىق تەييارلىسۇن، ھايالشىمايلا قەشقەرگە ىادەم ماڭدۇرۇڭلار... -ىابدۇللا خان سۆزىنى تۈگىتىپ، ىالدىدىكى قاشتېشى جامغا يەنە مەي قۇيدى.
-قەشقەر تەرەپكە لەشكەر تارتىپ كىم ماڭسا بۇلار، ىەنھەزرىتىم ،-سورىدى ھىندىقۇش مىرزا يەنە خاننىڭ مۇھىم مەسىلە ىۈستىدە ىېغىز ىاچمىغانلىقىنى كۈرۈپ، ىۇنىڭ زادى قانداق ىويدا بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بۇلىۋاتقاندەك گەپ كوچىلاپ.
-بۇنى ىەتە ىەتىگەنلىك قۇيۇلدا مۇزاكىرىشەيلى
شۇنداق قىلىپ، ىەتىسى شاھنىشنىدا سۆھبەت ىۆتكۈزۈلدى. «بۇ ىىشنى يولۋاسخانغا تاپشۇرۇپ، ىۇنىڭ ياۋنى چىكىندۈرۈپ تارمار قىلىشقا يارلىق چۈشۈرەيلى» دىگۈچىلەرمۇ، «خانلىق لەشكەرلىرىنى يۆتكەپ يولۋاسخان بىلەن بىرلىكتە ياۋ ىۈستىكە ىۇلار بىلەن بىرلىكتە ياۋ بىلەن ىېلىشايلى» دىگۈچىلەرمۇ بولدى.
ىادالەت پاناھ شاھىمىز ىويلاپ كۆرگەيلا ياۋ ىۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ىاقسۇغا باسقىن قىلدى. ىاخىرى سۈلھى تۈزۈشكە مەجبور بولدى. ىەمدى ىاچچىق ساۋاقنى قۇبۇل قىلماي نىيىتىنى بۇزۇپ قەشقەر تەرەپكە ماڭغان بولسا، بۇ «چاشقاننىڭ ىۆلگىسى كەلسە، مۈشكنىڭ قۇيرۇقنى چىشلىگەن»دەكلا بىر ىىش، سىلى يولۋاسخان بىگمنى بوش چاغلىمىسىلا، ىۇباتۇرلىقتا ىۆزلىرىدىن قېلىشمايدۇ. ياغىنى شەھەرگە يۇلاتمايلا، كەلگەن يولدىن كەينىگە ياندۇرىدۇ.
-ىارى، ىۇلارنىڭ قەشقەر تامان مېڭىشى «خامپا يالاپ كۆنگەن ىىت قۇپارغۇ ىاستىدا ىۆلگەن» دەكلا بىر ىىش. شۇڭا تۇلا ۋاھىم يىمىگەيلا ىالىلىرى.
-ھەق گەپ. يولۋاسخان بىگىم شۇنچىلىك چىچەن ۋە باتوركى.
-ىوششۇك تەككەن ھەرىنىڭ جان ىاچچىقىداچاقىدىغانلىقىنىمۇ نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلمايلى، - دىدى مىرزا باباقبەگ باشقىلارنىڭ ىەدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىداپ تورالمىغاندەك، - ياۋ مەيلى كۈچلۈك، مەيلى ىاجىز بولسۇن، ىۇنىڭغا سەل قاراش ىاقىلنىڭ ىىشى ىەمەس.
- ىۆزلىرى يولۋاسخان شاھزادە ىالىلىرى ياۋنى چىكىندۈرۈشكە قادىر ىەمەس دىمەكچىمۇ ؟- ساقاللىق ىەمىر بىردىنلا ىۆكتە قوپتى-، قۇيۇپ شاھزادىنى كۆزگە ىىلمىغانلىرىنى تەگلەپ كەلسەك، ىەنھەزرىتىمنىمۇ...
-بەس... ىەمدى توختاپ قالسىلا، - ھىندىقۇش مىرزا بىردىنلا ىورنىدىن تۇرۇپ، ھېلى سۆزلىگەن ىەمىرگە مىقتەك تىكىلدى، - ىۆزلىرى يوق يەردىن پۇتاق ىۈندۈرۈپ نىمە قىلاي دەيلا ؟
-مەن بىرەر ىىش قىلاي دىمىدىمغۇ ھۆرمەتلىك سەركەردەم؟، جانابى مىرزا باباقبەگنىڭ ىۇل مۇدداسى شۇكى ياغىنى ىۇچۇرۇپ ماختاش ىارقىلىق بىز ىۇلارغا تەڭ كىلەلمەيمىز دىمەكچى. يەنە كىلىپ بۇ ھۆرمەتلىك ىەمىر يولۋاسخان شاھزادە ىالىلىرى ياۋغا تەڭ كىلەلمەيدۇ دىگەننى ىوردا ىەمىرلىرى ىالدىدا سۆزلەش ىارقىلىق بۈيۈك خاندانلىقىمىز ھازىر ياغىنى چىكىندۈرۈش جاسارىتىگە، كۈچ قۇددىرىتىگە ىىگە ىەمەس دىگەننى ىۇچۇق ىاشكارا تەرغىپ قىلماقچى شۇنداقتىمۇ ؟
-يوغسۇ، يوغسۇ مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى زىنھار ىۇنداق ىويلىمىدى ھەزرىتىم، سىلى بۇنداق توخۇمىدىن تۈك ىۈندۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىۋەرمىسىلە، - ھىندىقۇش مىرزا سەپرايى ىۆرلىگەندەك قولنى شىلتىپ سۆزلىدى، - پەقەت ياۋغا سەل قارىمايلى، سەلتەنىىمىزنىڭ پۈتۈنلىكى، ىەلنىڭ خاتىرجەملىكى ىۈچۈن قەشقەرگە لەشكىرى ياردەم بىرەيلى دىمەكچى، ىەمما مەن سىلىنىڭ مۇشۇ گەپلەرنى دىيىش ىارقىلىق نىمە مۇددىىالىرىنى ىەمەلگە ىاشۇرماقچى بولغانلىقلىرىنى چۈشەنمىدىم.
ھېلىقى ىەمىر بۇ سۆزنى ىاڭلاپ، بىشىدىن سۇغۇق سۇ قويغاندىن بىردىنلا سىلكىندى- دە، ھىندىقۇش مىرزىنى ھازىرلا يەۋىتىدىغاندەك ھومايدى.
-بەس، ىەمدى گەپنىڭ ىۆزىگە كىلەيلى، - ىابدۇللاخان ىەمىرلەرنىڭ بۇنداق ىاق يەردە تۈگمەن تالاشقانلىقىنى كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، شاھانە كۇرسنىڭ يان تەرىپىگە بوشلا شاپىلاقلاپ قويدى، - ىەينى مۇدىىا بويىچە ىېيتىقاندا، قەشقەرگە ياردەمگە لەشكەر ىىۋەرتىش ىارقىلىق ياۋنى تارمار قىلىش خانلىقنىڭ سەلتەنىتىنى نامايەن قىلىش دىمەكچىتۇر. مىنىڭ پىكرىم، دەرھال قەشقەرگە لەشكەر ماڭغۇزۇش كېرەك. بۇنى قىلچە كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.
خانىنڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ھۈدەيچى بەگ شاھنىشىغا ىالدىراپ كىرىپ كەلدى-دە، مەلۇم قىلدى
-خان ىالىلىرىغا مەلۇم بولغاي، قەشقەرنىڭ نايىپ ىەمىرى، ۋەلىەھدى شاھزادە يولۋاسخاننىڭ ىەلچىسى كەلدى.
شاھنىشىندىكى ىوردا ىەھلى بىردىنلا ھەيران بۇلۇشتى. مۇشۇنداق بىر چاغدا قەشقەردىن چاپارمەن كىلىشى ياخشىلىقتىن كۈرە يامانلىقتىن بىشارەت ىىكەنلىكى ىۇلارغا ىايان ىىدى، شۇڭا شاھ كۇرستا ىولتۇرغان ىابدۇللاخاننىڭمۇكۆزلىرى جامدەك ىېچىلىپ، تىزلا ىىنكاس قايتۇردى.
-كىرسۇن... .
ھايالشىمايلا شاھنىىشىنغا يولۋاسخان ىىبەركەن كۇسا چىراي، بىر كۆزى سەل ىالغايغاندەك بىرى كىردى-دە، ىۇدۇل شاھ سۇپىسىنىڭ ىالدىغا بىرىپ، خانغا تەىەززۇ بىلەن سالام بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن، قۇيۇن يانجۇقىدىن تۇمارچىلاپ قاتلانغان خەتنى ىېلىپ، قوشقوللاپ بېشىدىن ىىگىز كۆتۈردى. بۇنى كۆرۈپ ىوردىنىڭ باش مىرزىسى ىورنىدىن تۇرۇپ، خەتنى ىالدى-دە، تەخىت تەرەپكە سۈرۈلدى.
-ىوقۇسىلا.
ىابدۇللا خانىڭ پەس، ىەمما ۋەزمىن ىاھاڭدا قىلغان سۆزى بىلەن شاھ سۇپىسىغا يېقىنلا قالغان باش مىرزا خەتنى ىوقۇشقا باشلىدى. خەتنىڭ مەزمۇنى بىرلا بۇلۇپ، ياغىنىڭ قەشقەرگە باستۇرۇپ كىلىپ، قارا دۆڭ قۇرغىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ىۆزىنىڭ ىىلكىدىكى بارلىق لەشكەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان بولسىمۇ، ىەمما يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بىرىشىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تىزدىن لەشكەر ىىۋەرتىپ، ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلغان ىىدى.
شاھنىشىنىڭ ىىچىنى بىردىنلا ىېغىر سۈكۈناتلىق ىۆز ىىلىكىگە ىالدى. تېخى ھېلىلا« لەشكىرى ياردەم بىرىلمىسىمۇ، نايىپ خان ياۋغا قارشى تۇرالايدۇ » دىگەن ىەمىرلەر نىمىشقىدۇر جىم بۇلۇپ باشلىرىنى تۈۋەن سالدى. باشقىلارمۇ بۇنداق بۇلارىنى ىەسلا ىويلاپ باقمىغاچقا، خاننىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك، يەر تىگىدىن ىابدۇللاخانغا قاراشتى. خان بىر ىىشنى ىويلاۋاتقاندەك خېلى ىۇزۇن بىر نوختغا تىكىلىپ ىولتۇردى -دە ىاندىن ھەربىر ىەمىرگە تەپسىلى قاراپ چىقىپ ىاخىرى ىېغىز ىاچتى.
-ىەنھال بۇ ىىش ىىككى ىەمىرنىڭ ىويلىغان يىرىدىن چىقتى. ىەمدى« كۆمسەم پىشارمۇ، ياقساممۇ ؟» دەپ ىولتۇرۇشنىڭ ىورنى قالمىدى ىەمىرلىرىم. شۇڭا بۈگۈنلا قەشقەر تەرەپكە لەشكەر ىىبەرتكەيمىز.
بۇ گەپ بىلەن ساھىنشىدىكى ىەمەرلەرمۇ بىر ىاز تەۋرىنىپ شاھقا قاراشتى.
-يارلىق، ھىندىقوش مىرزا بەش مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن قەشقەرگە ىاتلىنىپ، نايىپ خان يولۋاسخانغا ياردەمدە بولغاي، ھەمدەمچى قۇشۇن يولغان چىققان ھامان يىتەرلىك لەشكىرى تەمىنات يەتكۈزۈپ بىرىلگەي.
-ىەنھەررىتىمگە ھەشقەللا، - دىدى ھىندىقۇش مىرزا ىورنىدىن تۇرۇپ، - كەمىنلىرى ىالىلىرىنىڭ پەرمانىنى شەكسز ىۇرۇنلاشقا كاللام بىلەن جاۋاپ قىلىمەن. ىەمما ىۆزلىرىگە بىر ىۈتۈنىشىم بار ىىدى.
- قېنى سۆزلىسىلە.
- ياۋ نى گەرچە نۇرىدىن خان ىاقسۇدا تارمار قىلىپ، سۈلھى تۈزۈشكەن بولسىمۇ، ھازىرقى ىەھۋالى بايام مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى دىگەندەك ىۈششۈك ھەرسىنىڭ ىۆزى. ىۇلار يا نۇسرەت قازىنىدۇ، ياكى ھالاك بۇلىدۇ. ىۇلار ىۆز نىيىتىنى جاراستانغا ىېلىپ چىقىش ىاتلانغانىكەن ىۈلۈمدىن، كۈرۈمدىن قورقمايدۇ. خۇددى «يالىڭاياق سۇدىن قورقمىغاندەك »، شۇڭا بۇ ھەقتە ىۆزلىرىدىن ىىلتىجايىم شۇكى، سەپەرگە مۆھتۈرەم مىرزا باباقبەگ ھەمدەم بۇلسا، - ىىجازەت.
ىۆزلىرى شۇنداق ىويلىغان بولسىلا. دىگەنلىرى بۇيىچە بولسۇن.
- ھەشقاللا ىەنھەزرىتىم... .
-سەمىلىرىدە بولسۇنكى، سەپەرگە تىزراق ىاتلانغايلا.
- لەببەي ، باش ىۈستىگە ىالىلىرى.
- ىەنە شۇ كېڭەشتىن كىيىن ھىندىقۇش مىرزا بىلەن مىرزا باباقبەگ سەپەرگە ىاتلاندى. ىۇلار قەشقەرگە دىگەن قەرەلدە يىتىپ بىرىپ، غالدامە قۇشۇنلىرى بىلەن قارا دۆڭ قەلىەسىدە ىۇچراشتى. بىر ياندىن يولۋاسخان، بىر ياندىن يەكەندىن بارغان ىىككى ساتغۇننىڭ ياغىنى ىىسكەنجىسىگە ىالدى. ىۇرۇش شۇنداق دەششەتلىك بولدىكى ياشىسىز جەسەتلەر قورغاننىڭ ھەممە ساينىڭ تېشىدەك دۈۋىلەندى. قىپ-قىزىل قانلارسېغىز تۇپراقتا ىېقىشقا باشلىدى. يارىدارلارنىڭ ىاللا توۋا قىلىشلىرى، لەشكەرلەرنىڭ ھوگا- سۈرەنلىرى ىىگىسىز ىاتلارنىڭ كىشنەشلىرى جەڭ مەيدانىنى بىر ىالدى. غالدامەنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ىۆلگىنى ىۈلۈپ، قاچقانلىرى قاچتى. يولۋاسخاننىڭمۇ ھىندىقۇش مىرزىنىڭمۇ لەشكەرلىرى خېلى تالاپەتكە ىۇچرىدى، جەڭ ىاخىرلىشاي دىگەندە، يولۋاسخان تۇيۇقسىز قىزىل تونىنى كىيىپ، تىرناقچىلىق ىالىسى يوق ىاق ىارمىغاققا قامچا ىۇردى. دەل شۇ چاغدا ىويلىمىغان ىىش يۈز بەردى. ياۋنىڭ جەڭ سېپى تەرەپتىن ىاق ىەلەم كۆتۈرۈلدى.
- قىرىڭلار... -دەپ ۋاقىردى يولۋاسخان ىاق ىەلەمنى كۆرمىگەندەك چىڭقىلىپ سۆزلەپ، - ياغىنىڭ بىر مۇ لەشكىرى ساق قالمىسۇن... .
-توختاڭلار، ىۇنداق قىلماڭلار... ، -ھىندىقۇش مىرزا يولۋاسخاننىڭ ىېتىنىڭ ىالدىنى توستى ، - سىلىمۇ ىاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە شاھزادەم، بىزدە «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ىەمەس، ىاچچىقنى يەڭگەن باتۇر،» دەيدىغان گەپ بار. ىۇنىڭ ىۈستىگە ىەلمىساقتىن بىرى لەشكىرى ىىلىمدە ىەل بولغان ياغىنىڭ بېشىدا قىلىچ ىوينىتىش نامەرتىنىڭ ىىشى سانىلىپ كەلگەن. بولدى ىۇلار ىەل بولغان ىىكەن، جەڭنى توختىلايلى.
-يۇلۇمنى توسمىسىلا! ، - يولۋاسخان كىچىكىدە ىۆزىگە لەشكىرى ىىلىمدىن ساۋاق بەرگەن، خانلىق تەۋەسىدە ىۆز ىىستىداتى لەشكىرى ىىشلارغا قابىللىقى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سانغۇنغا گۆلەيدى، - ھەمىسىنى قىرىپ تاشلاش كېرەك، بۇ مەلتۇنلارنىڭ...
- گۇناھى قانچە ىېغىر بولسىۇ، ىەل بولغان ىىكەن، ىۇلارغا چىقىلمىسىلا... .
-ياق...
-سۆزىمنى ىاڭلىسىلا «ىىگىلگەن بۇيىنى قىلىچ كەسمەپتۇ» دىگەن گەپ بار. ىۇلار ىىگىلگەنىكەن، يەنە تىغ كۆتۈرسىلە نامەرتلىك بۇلۇپ قالىدۇ...
بۇ گەپ بىلەن يولۋاسخان سەل پەسكويغا چۈشتى، بۇنى كۈرۈپ مىرزا باباقبەگ دەرھال ناغرا چالدۇرۇپ، لەشكەرلىرىنى جەڭنى توختۇتۇشقا بەلگە بەردى. شۇنداق قىلىپ قەشقەردىكى بىر مەيدان ىېلىىشىش ىاخىرلىشىپ، غالدامە بىلەن يولۋاسخان سۈلھى ىۈزۈشتى. بۇ جەرياندا ىىككى ىەمىر لەشكەرلىرىنى ىارام ىالدۇرۇش بىلەن قەشقەردە بىر ىاي ھايال بۇلۇپ تېخى نەچچە كۈن ىىلگىرىلا قايتىپ كەلكەن بولوپ، ىابدۇللاخان ىۇلارنىڭ نۇسرەت قۇچۇپ كەتكەنلىكىنى مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن ىاخشام چاي بەرگەن ىىدى، مانا ىەمدى...
ىابدۇللا خان ىېغىر ىۇھسىندى. ىۇ خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ ىادەتتىكى ىىشلار ىۈچۈن ىۆزىنى ىاۋارە قىلمايدىغانلىقىنى ىوبدان بىلەتتى. بۇنىڭدىن خېلى يىللار ىىلگىرى جان يۇلتۇز، قارا شەھەر تەرەپلەرگە لەشكەر تارتقاندا، ىۇ خاننىڭ خىزمىتىدە بۇلۇپ، ىىشەنچىسىگە ناىىل بولگان ىىدى. شۇڭىمۇ شۇ قتىملىق لەشكىرى سەپەردىن كىيىن، ىابدۇللا خان كېرىيە نىڭ ھاكىمبىگى مىرزا موھەممەت لىتىپىنىڭ ىورنىغا خۇدابەردى بەگنى ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىگەن ىىدى.
تۇيۇقسىز خاننڭ دىقىتىنى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىلىۋاتقان ھۈدەيچى بەگ بوزىۋەتتى. ىابدۇللاخانىڭ يېنىغا كىلىپ، ىادەت بويىچە سالام بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن، ىالدىراپ سۆزلىدى.
ىەنھەرزىتىمگە مەلۇم بولغايكى ، ىوردىدىكى بارلىق ىەمىرلەر ىادالەتپاناھىمنىڭ قۇبۇلىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
خان ىۇنىڭ چىراي ىىپادىسىگە ىوبدان بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ىېغىز ىاچتى.
- ىەمىرلەر شاھنىشىدا ساقلىغاي، ھىندىقۇش مىرزا كۇتۇپخانىسىغا كەلگەي...
-ىەنھەزرىتىمگە ھەشقاللا... ، - ھۇدەيچى بەگ ىارقىچىلاپ بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن، ىاندىن ىۆرۈلۈپ شاھنىشىنغا قاراپ ماڭدى.
3
شاھنىشن ىېغر سۈكۈتلىققا چۆمگەن ىىدى. ىەتىتىگەندىلا قوبولغا كىرگەن ىەمىرلەر خاننىڭ كۈن چاشكا بولغۇچىلىك نىمىشكىن قوبۇلخانىغا كىرمىگەنلىكگە ھەيران بۇلۇشۇپ قالغان ىىدى. بۇلۇپمۇ ھۈدەيچى بەگنىڭ شاھنىشىنغا كىرگەندىن بىرى كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، ھېچكىمنىڭ سۆزىگە ىارىلاشماي بىر چەتتە ىۈن- تۈنسىز تۇرغان ھىندىقۇش مىرزىنى چاقىرىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن غەلىتىلىك ھېس قىلىشتى. بۇ ھەقتە ھەممەيلەن ىۆزقاراشلىرىنى ىوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن نىمىشقىدۇر پىكىر بىرلىككە كىلەلمىدى.
-سىلىچە خاننىڭ ھىندىقوش مىرزىنى خاس سۆھبەتكە چىللىشى قانداق ىىشتۇ؟ - سورىدى كۆزلىرى چېقىر كەلگەن، يۈزلىرى تاتىراڭغۇراق ىەمىر بىر چەتتە تۇرغان مىرزا باباقبەگدىن، -ياخشىلىقنىڭ ىالامىتىىمۇ يا...
-بۇنى ھېلىلا بىلىپ قالىلا، - دىدى باباقبەگ تۇرقىنى ىۆزگەرتمەستىن ىۇ ىەمىرگە قاراپ،- بەلكىم مەسلھەتلىشىدىغان ىىش بارمۇ؟
-مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپ بولغانلا ؟، - بۇ گەپنى ىاڭلىغان چېقىر كۆز ىەمىر بىردىنلا ىۆڭدى. -ىوردىداسىلى بىلمەيدىغان ىىش يوق، ھەزرىتىم بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋالسىلا قاملاشماس؟
-خاننىڭ يېنىدا تۇرغان سىلى بىلەن مەندەك ىادەملەر ىەنھەزىتىمنىڭ نىمىنى ىويلاۋاتقانلىقىنى ىۆزى دىمىسە، بىز قانداق بىلىمىز تەخسىر ،-دىدى مىرزا باباقبەگ تەىەددى بىلەن،- ھەر ىىككىلىمىزمۇ شۇ يەردە خاننىڭ خىزمىتىدە بۇلىۋاتقاندىكىن، ىۇنىڭ نىمىلەرنى ىويلاۋاتقانلىقىنى بىلسەك بۇلاتتى. بىراق ىۇنداق كارامەتكە ىىگە ىەمەسمىز...
چىقىر كۆز ىەمىر نىمىشقىدۇر، دىمىغىنى قېقىپ، مىرزا باباقبەگدىن يىراقلاشتى. شۇ ىەسنادا دىۋان بىگىمنىڭ بوم ىاۋازى ىاڭلاندى.
-ىادالەتپاناھ ىەنھەزرىتىم ىابدۇللا خان ىالىلىرى قۇبۇلغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.
بۇنى ىاڭلاپ، شاھنىشىنىڭ ىىچى بىردىنلا ىۇپۇر-تۇپۇر بۇلۇپ كەتتى. ىولتۇرغانلار ىۆرە بۇلۇپ، ىۆرە تۇرغانلار شاھ سۇپا تەرەپكە بۇرۇلدى. خان شاھنىشىنىڭ يان تەرىپىدىن خاس ىېلىنغان ىىشىك ىارقىلىق قۇيۇلخانىغا كىردى-دە، تۈردىكى ىۈچ گەز ىىىگىزلىكتە ياسالغان شاھ سۇپىسىنىڭ ىۈستىدىكى تۇتقۇچ ۋە قوبىلىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان تەختكە ىولتۇردى، بۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ىۈنلۈك توۋلاشتى،
-ىۇلۇغ سەىىدىيە خانلىقىنىڭ باش پاناھى، پەدەرى بۇرزۈك ىادەلەتپاناھ پادىشاھ ىابدۇللاخان ىالىلىرى ىامان، دۆلىتى زىيادە بۇلغاي!...
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللنىدۇ)
( ئاپتور: كىرېيە ناھىيىلىك ئەدەىبيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
[
本帖最后由 uyghur 于 2009-4-14 09:26 编辑
]
iltarix
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4032
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-13
ھالىتى: توردا يوق
2- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-14 02:02
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (2)
(پوۋسىت)
مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
بىر ىېغىزدىن چىققاندەكلا ىېيتىلغان بۇ سۆز بىلەن شاھنىشىن لەرزىگە كەلگەندەك گۈرۈلدىدىدە، بىر پەسنىلا يەنە تىنىچلاندى. خان ىەمىرلەرگە قاراپ بېشىنى سۇسقىنە لىڭشىتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن بىردىنلا ىۇپۇر-تۇپۇر بۇلۇشۇپ،ىىككى تەرەپكە ىايرىدى-دە، مەرتىۋىلىرى بۇيىچە ىۇرۇن ىالدى.
-ھەر قايسىڭلارغا سىر ىەمەسكى، قەشقەر تەرەپكە باسقىن قىلغان قالماقلارنى ىەمدىلا چىكىندۈرسەك، ىەمدى كېرىيە تەرەپتە يەنە پەيدا بۇپتۇ، شۇڭا دەرھال ياغىنى ىۈستىگە لەشكەر ىىۋەرتىش زۈرۈر بۇلۇپ قالدى،- خان ھەربىر سۆزنى ىالدىرىماي، دانىمۇ-دانە چىقىرىپ سۆزلىدى، - شۇڭا مەن قايتا- قايتا ىويلىنىش ىارقىلىق مىرزا باباقبەگنىڭ كېرىيە تەرەپكە لەشكەر تارتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
بۇ گەپ بىلەن ىەمىرلەر بىر-بىرىگەقاراشتى. ىۇلار خاننىڭ بۇ ىىشقا نىمە سەۋەپتىن بۇنچە كۆڭۈل بۆلگىنىنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن ىىدى. ىالدىنقى مەرتىۋە قەشقەرگە ياغىنى باستۇرۇپ كەلگەندە، ىابدۇللاخان بىر قارارغا كىلەلمەي ۋاقىت خېلى سۈرۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا، تالاپەتمۇ خېلى بولغان ىىدى. بىراق بۇ قېتىم خاننىڭ تىزدىن بىر قارارغا كىلىشى بىلەن ھەر بىر ىەمىرنىڭ چىرايىدا بىردىنلا ىوخشاش بۇلمىغان ىىپادىلەر تىزلا ىەكىسنى تاپتى. لىكىن خان ىۇلارغا ىارتۇقچە چۈشەنچە بىرىشنى خالىمىغاندەك، تەخىتكە يېقىنراق جايدىكى شىرەدە قەغەز، قەلەم سىياھ تەييارلاپ يارلىق پۈتۈشكە تەييارلانغان باش مىرزا تەرەپكە بۇرۇلدى.
-ىاللانىڭ ىەمرى بىلەن كېرىيە تەرەپ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان ىول رىياكارلارنىڭ جازاسىنى بەرگەرمىز، شۇڭا ىوردىدىن مىرزا باباقبەگ مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن دەررۇ ىاتلانغاي، خۇتەننىڭ نايىپ ىەمىرى ىەبەيدۇللا سۇلتانمۇ ھەمدە بولغاي. كېرىيە ھاكىمبگى خۇدا بەردى بەگ ىۆزمە مەسىۇليىتىنى تۇلۇق ىادا قىلغاي بۇنىڭغا كىم بۇيۇنتاۋلىق قىلىپ. يامان ىاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، خانلىق تۈزۈم بلەن قاتتىق جازالانغاي!...
ىابدوللاخان پەرمانى جاكارلاپ بۇلۇپلا باشقا ىەمىرلەرنىڭ مەلۇماتنامىسى بار-يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، ىورنىدىن تۇرۇپ، ىاستا چامدىغىنچە خاس ىىشىكتىن چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ، دىۋان بىگى بوش، ىەمما ۋەزمىن ىاھاڭدا جاكارلىدى.
-قوبول تامام ، ىەمىرلەرنىڭ قايتىشقا ىىجازەت.
كېرىيە تەرەپتىن جىددى مەلۇمات كەلگەنلىگىدىن ىەمىرلەرنىڭ ھەممىسى خەۋەر تېپىپ بولغان بولسىمۇ، ىەمما خانىنىڭ بۇنداق تىز قارار چىقىرىشىنى ىويلاپ باقمىغان ىىدى، شۇڭا ىۇلار ھەيران بولغان بولسىمۇ، ىەمما خاننىڭ مۇددىىاسىنى چۈشەنمىگەچكە، بىر- بىرىگە ھەيرانلىقتا كۆزلىرىنى تىكىشىپ، شاھنىشىندىن ىاستا ىايرىلىشتى.
4
بىر ىايدىن بۇيان خان تۇلىمۇ بىىاراملىقتا ىۆتتى. پەرمانى ىالى بويىچە مىرزا باباقبەگ خىللاتقان مىڭ ىاتلىق لەشكەرنى باشلاپ، كېرىيە تەرەپكە يۈرۈپ كەتكىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، ىەمما ىۇلاردىن ھېچ بىر ىوچور يوق ىىدى. ىۇنىڭ ىۈستىگە قەشقەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان تۈرلۈك خەۋەرلەر ىۇنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى تېخىمۇ ىاشۇرۇپ، ۋەسۋىسە دەرياسىدا ىۈزدۈرۈپ، غىزاسىنى تارتىپ، ىۇيقىسىنى كەملىۋەتكەن ىىدى. ىابدۇللاخان ىەتىگەندىن كەچكىچە مەيخورلۇق قىلاتتى بۇنداق ۋاقىتتا ھىندىقۇش مىرزىدىن باشقا ىەمىرلەر ىۇنىڭ يىنىغا بىرىشقا، مەلۇماتلارنى مەلۇم قىلىشقا پېتىنالمايتتى. ىابدۇللاخان مەي ىىچكەچ نىمىدىندۇر خاپا بۇلاتتى. قايسىدۇر بىر ىىشقا چېچىلاتتى. شۇڭىمۇ موڭلۇق مۇقام كۈيلىرىمۇ، كۆڭۈلنى ۋەسۋىسىگە سالىدىغان شوخ ناخشىلارمۇ، ىادەمنى تېلىقتۇرۇپ ىۆلتۈرۇپ قۇيۇشقا تاسلا قالىدىغان قىزىق لاپ، لەتىپىلەرمۇ ىۇنىڭ مەيلىنى تارتالمايىتتى. شۇڭا بەزىدە خىيال سۈرۈپ قوياشنىڭ ىاللىقاچان ىۆلتۈرۈپ كەتكىنىنى، راۋاققا شاھانە شاملارنىڭ يېقىلىپ، ىەتراپنىڭ باشقىچە تۈسكە كىرگەنلىكىنى تۇيماي قالاتتى. بۈگۈنمۇ شاھنىشىنغا چىقىشنى نىيەت قىلدىيۇ، ىەمما گاراڭشىغان بىشىنىڭ لوقىلداپ ىاغرىۋاتقانلىقىنى سىزىپ، ىودۇل «لالىزار راۋاق » قا يول ىالدى، ىۇنىڭ كەينىدىن قوغداپ مېڭىۋاتقان نۆكەرلەر ىەتراپقا سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ ماڭماقتا ىىدى. شۇ تاپتا يولنىڭ ىىككى تەرىپىدىكى مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بۇلۇپ، يېشىل يۇپۇرماقلار ىارىسىدىن ىۇياتچان قىزلاردەك مارىلايتتى. ىەمما خاننىڭ بۇنىڭغا قاراپ زوقلانغۇدەك ھەپسىلى يوق ىىدى. ىۇ ىېغىر غەمغۇسىگە مۇپتىلا بولغان كىشىلەردەك، ىاستا چامدىغىنىچە راۋاقنىڭ ىالدىغا كەلدى- دە، ىەتراپقا خوشياقمىغاندەك قاراپ قۇيۇپ شاھ شۇپۇسىغا چىقتى شۇڭغىچىلىك بىكاۋۇل بەگ ىۇنىڭ يېنىدا ھازىر بولدى.
-مەي كەلتۈرۈڭ-دىدى خان ىۇنىڭ تەىەززۇ بىلەن ىىگىلىپ سالام بىجا كەلتۈرۋاتقانلىقىنى كۆرمىگەندەك پەس ىاۋازدا.
-لەۋەي، ھازىرلا ىەنھەرزىتىم.
بىكاۋۇل بەگ بىردەمدىلا خاننىڭ ىالدىغا داستىرخان سېلىپ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قۇزا گوشى، كەپتەر كاۋىپى، باچكا شۇرپىسى، قوينىڭ قۇۋىرغىسىدىن پىشۇرۇلغان زىخ كاۋىپىنى بىردەمدىلا بىر- بىرلەپ قويدى. خان ىۇنىڭ تەكلىپ قىلىشىنى كۈتمەستىن زىرە، قارا مۇچ، ىاقمۇچ سېسىپ پىشۇرۇلغان كاۋاپتىن ىىككى-ىۈچ زىخنى زوروغا يىگەندىن كىيىن دورا دەرمەكلىرى ىوبدان تەڭشەلگەن سۇۋۇپ تىۋىغا كەلگەن چايدىن ىىككى ىوتلام ىېچىپ قويغاندىن كىيىن، سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ، پەر ياستۇققا يۆلەندى. خاننىڭ يېقىندىن بۇيان كەم ىىشتىھا بۇلۇپ قىلىۋاتقانلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي كىلىۋاتقان بىكاۋۇل بەگ بۇنى كۆرۈپ، سەل تەىەجۈپلەندى- دە، خىيالىدىن لاپ قىلىپ كەچكەن بىر ىۆي بىلەن سورىدى.
غىزاغا مەيللىرى بولمىسا، سۇيۇق-سەلەڭ قىلىپ، ىاچچىق - چۈچۈك ىاش كەلتۈرەيمۇ؟
-ھاجەتسىز، -ىابدۇللا خان قوللىرىنى بوشلا شىلتىدى-دە، ھازىرنىڭ ىۆزىدە كۆڭلۈم ھېچنىمىنى تارتمايدۇ. ىەڭ ياخشىسى ىەنە ىاۋۇنىڭدىن قويسىلا.
بىكاۋۇل بەگ ىالدىراپ ىالدىدىكى كۆزىنىڭ ىۈستىدىكى قىپ-قىزىل شەلپەرىنى ىالدىراپ يەشتى-دە، ىاللىقاچان چايقاپ تەييارلاپ قۇيۇلغان قاشتېشى جامغا قاپاقتىن سۇ تۆككەندەك بولدۇقلىتىپ مەي قويغاندىن كىيىن، قوشقوللاپ ىابدۇللاخانغا سۇندى. خانمۇ جامنى قۇلىغا ىېلىپ، سۈزۈك، پۇقراقلىق سۇيۇقلىققا بىر نەچچە دەقىقە قاراپ قويغاندىن كىيىن، لىۋىگە تەككۈزدى-دە، بىپايان سۇسىز چۆلدە چاڭقاپ، جېنى ھەلقۇمغا كىلىپ قالغان كارۋان سۇغا ىىرىشكەندە، ھەممىنى ىونتىغاندەك جامدىكى شاراپنى بىرلا كۆتۈرۈپ تۈگەتتى.
- ھە، يەنە بىرنى...
ىارقا -ىارقىدىن ىىچىلگەن ىۈچ جام مەي نا ھايىتى تىزلا ىۈنۇمىنى كۆرسەتتى. خاننىڭ ىاخشامقى كەيپىلىكتە گاراڭلاشقان بىشى بىردىنلا ىەسلىگە كەلگىنىدەك، پۇت قوللىرىغا ماغدۇر كىرگەندەك بۇلدى، ىۇپىشانىسىدە بىردىلا پەيدا بولغان تەر تامچىلىرىنى ىالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى يىپەك ياغلىقتا ىىيتىۋەتكەندىن كىيىن، بۇخادىن چىققاندەك بۇلۇپ قالدى-دە، مامۇت ياستۇققا يۆلەندى. شۇ ىەسنادا رەققاسلاردەك كىيىنگەن ىىككى كىنىزەك خاننىڭ ىىككى تەرىپىدە پەيدا بۇلۇپ، غۇلاچتىن ىۇزۇنراق سېپى بارتوز قانىتى يەلپۈگۈچ بىلەن ىاستا يەلپۈشكە باشلىدى. شۇىان ىابدۇللاخاننىڭ ىەتراپىدىكى مەلۇم داىىرىدە جانغا ھۇزۇر بەرگۈچى ىىللىق شامال پەيدا بولدى. خان يەنە بىر ىاپقۇر مەي ىىچمەكچى بولغاندەك بىكاۋۇل بەكگە قارىدى، شۇ ىەسنادا باغنىڭ يان تەرىپىدىكى يولدىن پايپاسلىغان پېتى كەلگەن ھۈدەيچى بەگ راۋاقنىڭ ىالدىدا توختاپ خانغا ىۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك قۇرۇق ھۈتۈلۈپ قويدى.
-ىەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شاھنىشىنغا يىغىلىپ بولدى ىادەلەتپاناھىم بۈگۈن قوبولغا چىقامدىلىكىن؟
ىابدۇللاخان كۆزلىرىنى ىالدىدا قول باغلاپ تۇرىۋاتقان ھۈدەيچى بەگكە تىكىپ، بىرپەس قاراپ قويغاندىن كىيىن جاۋاپ بەردى.
-ىەمىرلەر قايتىسۇن. مىنى ىارامىمدا قۇيۇڭلار.
-خوش...
ھۈدەيچى بەگ كەتكەندىن كىيىن، شاھ بىردە ىالدىدىكى نازۇ-نىمەتلەرگە، بىردە «خان قاچانمۇ مىنى مەي ىىچىىشكە تەكلىپ قىلار»دىگەندەك تەمەدە ىولتۇرغان بىكاۋۇل بەگگە قاراپ قويغاندىن كىيىن، كۆزلىرىنى يېرىم يۇمدى. شۇ تاپتا ىۇنىڭ ھېچنىمىنى ىويلىغىسى كەلمىدى، ىەمما يەنىلا كېرىيە تەرەپتىن بىرەر خەۋەر كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆڭلى بىىارام بولدى. نىمىشقىدىن يېقىندىن بۇيان ىولتۇرسا قوپسا، خىيال كەپتەرلىرى كېرىيە تەرەپكە پەرۋاز قىلاتتى. دىمىسىمۇ ىۇ خانلىق تەختىكە بەر قارار بولغاندىن كىيىن قالماقلار خۇتەنگە بىر مەرتەم، كېرىيەگە بىر مەرتەم باسقىن قىلىپ كەلگەن بۇلسىمۇ، ىەمما ناھايىتى تىزلا تارمار بۇلۇپ قۇيرۇغىنى خادا قىلغان ىىدى.
بۇ ىىش نەچچە يىل ىىلگىرى يۈز بەرگەن ىىدى. ىۇ چاغدا كېرىيەنىڭ ھاكىمبەگلىكىنى مەھەممەت لىتىپ بەگ ىۈتەيتتى. ىەنە شۇ چاغدىمۇ ىۇ ىەمىرلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت قۇرۇپ ىولتۇرغان بۇلۇپ، خاننىڭ كەيپى چاغ ىىدى. ىۇ مەھەممەت لىتىپنىڭ مەلۇماتىنى كۆرۈپ، نىمىشقىدۇر جىددىلەشتى-دە، خۇتەن قەغىزىگە تۈجۈپلەپ يېزىلغان، نەچچە قۇر خەتكە قاراپ بىر ھازا ىولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن بىردىنلا ىورنىدىن تۇردى.
-تىز، ىات تەييارلاڭلار، ھازىرلا ىاتلىنايلى...
ىەمىرلەر خاننىڭ بۇنچە تىز بىر قارارغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىردىنلا جىددىيلەشتى.
-دۆلەتپاناھ ىالىلىرى، ىۆزلىرىنى يىۋالسىلا، ىۇلۇغ بۇۋىلىرىدىن باشلاپ سەلتەنەتلىك سەىىدىيە خاندالىقى زىمىنىغا ياۋ نەچچە مەرتەم لەشكەر تارتاتتى. ىاۋال ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ مەرھەمىتى، ىاندىن ىاۋامنىڭ مەدىتى ۋە سالغۇن، لەشكەرلىرىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى بىلەن ىۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شىرىن خىيالىنى بەربات قىلىپ ىۇلار ىىگەللىۋالغان زىمىنلارنى يەنە ىۆز تىرىتورىيىمىزگە ىالغانمىز، ىۇنىڭ ىۈستىگە مەيلى قانداق ھۈكۈمدارنىڭ زىمىنىدا بولسىمۇن پات-پات باشباشتاقلىق، رەىىيەتنىڭ قوزغىلىشى بۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ نۇرمال ىىش. بوىسىمۇ باش مەسلەھەت ىىشقىلغىنىمىز دۇرۇس.
-ىارى، بار مەسلىھەت بىلەن قىلىنغان ىىش تۇلىمۇ خەيرىلىكتۇر ىەنھەزرىتىم...
-بىزدە «يەتتە ىۆلچەپ، بىر كەس» دەيدىغان گەپ بار، دۆلەتپاناھىم...
-ىاچچىقلىرىنى بېسىۋالسىلا...
-ىۆزلىرىنى ىاسرىسىلا، بەك جىددىلىشىش تەنىلىرىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ...
ىەمىرلەرنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن دىگەن سۆزلىرى بىلەن ىابدۇللاخان ىۆزىنى سەل تۇتۇۋالغان بۇلسىمۇ، ىەمما مۇھەممەت لىتىپ بەگنىڭ مەلۇماتنامىدىكى ۋەھىملىك قۇرلار يەنە ىۇنىڭ كۆز ىالدىدا زاھىر بۇلۇپ تۇرغاچقا، نىمىشقىدۇر چىۋىن يۇتىۋالغان ىادەمدەك بىر خىل ھېسىيات ىىچىدە تۇرۇپ قالدى.
-خوش، ىۇنداقتا ھەر قايسىلىرنىڭ قانداق دانا مەسلىھەتى باركىن ؟، -خان باياتىن ىۆزى ىورنىدىن تۇرغاندا، ىۆرە-تۆرە بۇلۇشۇپ، ىۆزىگە سۇڭدىشىپلا ىورنىدىن تۇرغان، مانا ىەمدىلىكتە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قۇل باغلاپ تۇرغان، ىەمىرلەرگە قاراپ ىالدىراپ سورىد ى. بۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەننىڭ بىردىنلا دىمى ىىچىگە چۈشۈپ كەتتى. راستىنى ىېيتىقاندا، ىۇلارمۇ خاننڭ يۇلىنى تۇسىغان بىلەن قانداق قىلىشنى ىويلاپ كۆرمىگەن ىىدى. شۇڭا تۇلۇمدىن تۇخماق چىققاندەكلا سۇرالغان سۇىال بىلەن ىەقلىنى تېپىشقاندەك بىر-بىرىگە قاراشتى.
-مىنىڭچە ياۋنى چىكىىندۈرمەك كېرەك، - خېلى ىۇزۇن جىملىقتىن كىيىن مىرزا باباقبەگ تۇساتتىنلا ىېغىز ىاچتى، - ىۇلار سەلتەنىتىمىزگە قارشى تىغ تارتقان ىىكەن، ىەلبەتتە بىز نىڭمۇ قول قۇلۇشتۇرۇپ تۇرىشىمز جايىز ىەمەس.
-ىارى، شۇنداق قىىلماي بۇلمايدۇ. ىەل-رەىىيەتنىڭ ىۇ دۈشمەنلىرىنى چۇقۇم يەر بىلەن يەكسان قىلىش كېرەك.
-ىۇرۇق-ىەۋلاتلىرىدىن تارتىپ قىرىش كېرەك، ىۇ مۆتىھەم دەمرىلەرنىڭ... كىيىن زىمىنىمىزغا كۆز تىكمەس، نامىنى ىاڭلىسىمۇ، غال-غال تىترەيدىغان قىلىۋېتىش كېرەك...
-بەلەن گەپ. بىزدە « پىچاقنى ىۆزۈڭگە سال، ىاغرىمىسا ىۆزگە» دەيدىغان گەپ بار. ىۇلار خۇدىنى بىلمەي، ىاسمانغا پىچاق ىاتسا، بىز قاراپ تۇرساق بۇلمايدۇ...
ىەمىرلەرنىڭ قارا قۇچقاچ بالىلىرىدەك بىردىنلا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ سۆز ىېلىشى بىلەن ىابدۇللاخان بىر نىمىنى ھېس قىلغاندەك، ىۇلار ىۇزايىغا سىنجىلاپ قارىدى. بۇنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن بىردىنلا « قايناۋاتقان قازانغا سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ قېلىشتى.
-ىەلبەتتە ياۋ ىۈستىدىن لەشكەر تارتىش كېرەك، - دىدى خان ىۆزىگە سۆلىۋاتقاندەك پەس ىاۋازدا سۆزلەپ، - ىەمما بۇ قېتىملىق لەشكەر تارتىشنى ىۆزەم ىۈستۈمگە ىالمىسام بۇلمايدۇ.
زىنھار ىۇنداق قىلمىغايلا ىالىلىرى، - دىدى پىشانىسىدە كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇرىدىغان تارتۇقى بار ىەمىر ىالدىراپ، -سىلى دىگەن سەلتەنەتلىك سەىىدىيە خاندانلىقىنىڭ پاسبانى، كېرىيىدەك كىچىككىنە يۇرۇتتا پەيدا بولغان مالىمانچىلىققا ىۆزلىرىنىڭ لەشكەر تارتىشلىرى باىىس ىەمەستۇر، قېنى پەرمان بەرگەيلا. بۇ ىىشقا بىز ىەمىرلەر باش بولغايمىز.
-بەرھەق، ىەمىر توغرا ىېيىتتى، ىالىلىرى غەزەپ قىلمىغايلا، ىۇل مەلىىونلارغا بىز قارشى لەشكەر تارتقايمىز.
-توغرا گەپ، شۇنداق قىلىلى.
ىابدۇللاخان نىمىشقىدۇر ىارىسالدى بۇلۇپ قالدى-دە، بىر ىىشنى ىويلاۋاتقاندەك، شاھ سۇپا ىۈستىدە بىر ىىككىنى چۆرگىلىۋەتكەندىن كىيىن بىردىنلا توختاپ، ىەمىرلەر ىارىسىدىن بىر كىمنى ىىزدەۋاققاندەك ھەممەيلەنگە چاقماق تىزلىكىدە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن، يەنە ىىككىلەنگەندەك تۇرۇپ قالدى.
- بۇ ىىشتىن ىارتۇقچە ىەندىشە قىلىپ، تۇلا ۋايىم يىمىگەيلا ىالىلىرى-، دىدى ىەمىرلەر ىىچىدىكى دۇغىلاققىنە كەتكەن. بەستىدىن كۈچ- قۇۋىتى ىۇرغۇپ تۇرغاندەك كۆرىدىغان مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان يۇقىرى ىاۋاز بىلەن بىردىنلا باشقىلارنى ىۆزىگە جەلىپ قىلىپ، -سىلى سەلتەنىمىزنىڭ تۈۋرىكى، پاسىپاتى، تەخىتكە، ىەل-رەىىيەت ىىشلىرىغا ىۆزلىرى بەر قارار بۇلۇپ بەرمىسىلە بولمايدۇ.
-دۇرۇس، ھەق گەپ بولدى.
- شۇنداق قىلماي بولمايدۇ زادى... . .
-ىۆزلىرى بىر كىشىنىڭ ىىسمىنى ىاتىسىلا، مەيلى قايسىبىر ىەمىر لەشكەر تارتىساق، سەلتەنەتىمىزنىڭ ىۇ ىەغيارلىرىغا زىخ بۇلۇپ قادالغايمىز.
-مەن باراي... ، - مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان بىردىنلا ىىككى قەدەم چامداپ، خاننىڭ كۆزىگە تىكىلدى، - ۋەزىپىنى ىۇرونيالمىسام خانلىق جاساق بۇيىچە بىر تەرەپ قىلغايلا...
ىابدۇللا خان ىۆزى لەشكەر تارتسىمۇ قاملاشمايدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پىكىرنىڭ ىەمىرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى پەملەپ، بېشىنى لىڭشىتتى.
-مەيلى، لەشكەرلەردىن كۆپرەك ىېلىۋېلىڭ.
-بەك كۆپ لەشكەر ىېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، - دىدى مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان، - ماڭا پەقەت مىڭ لەشكەر بولسىلا كۇپايە ىۇنىڭدىن ىىزاپە بولسا، ىۇرۇق-تۈلۈك ىىشلىرىدىمۇ بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرىلىدۇ.
-ىەگەر بىرەر ىىش بۇلۇپ قالسچۇ ؟!... سورىدى بىر ىەمىر ىادىراپ.
-بۇنىڭدىن خاتىىرجەم بولسىلا، ىەمىر جاناپلىرى، خۇتەننىڭ ناىىپ ىەمىرى شاھ بەگ جاناپلىرى ھەمدەمدە بولسا، قىلچە چاتاق چىقمايدۇ، شۇڭا خان ىالىلىرى بۇنىڭدىن ىارتۇقچە ۋايىم يەپ كەتمىگەي!...
- مەيلى، شۇنداق بولسۇن ىەمىسە، ىەتە بامداتتىن كىيىنلا يولغا چىققايسىز،
باش ىۈستىگە...، - مەھەممەت مۆمىن سۇلتان ىوڭ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، سەل ىىگىلدى ىىجازەت بولسا، مەن قايتىپ تەييارلىق قىلسامدىكىن ؟
-ىىجازەت، قايتىسىڭىز بۇلىدۇ.
مەھەممەت مۆمىن سۇلتان يۇلىغا راۋان بۇلغاندىن كىيىن، ىابدۇللاخان ىۇنىڭ كەينىدىن قارىسى يۇقۇغىنىچە قاراپ تۇردى، ىاندىن ىەمىرلەرنىڭ ھېلىھەم قول باغلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دىدى.
-ھەرقايسىلىرىغىمۇ ىىجازەت، ىولتۇرۇشسىلا.
مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان ىىككى ىايغا يېقىن ۋاقىتدىن كىيىىن قايتىپ كەلدى، ىۇنىڭ دىيىشىچە ىۇ يار كەنىتتىن ىايرىلغاندىن كىيىن، ىۇدۇل خۇتەنگە بىرىپ، خۇتەننىڭ نايىپ ىەمىرى شاھ بەگنىڭ ھەمرالىقىدا كېرىيەگە قاراپ ىاتلىنىپتۇ. ىۇ يەردە مەھەممەت لىتىپ بەگ بىلەن كۆرۆشكەندىن كىيىن ىويتۇغراق، سوغراق، نىيىلەردىن ىۈتۈپ، چەرچەنگە بارغان بولسىمۇ قالماقلارنىڭ ىۆزى تۇرماق سايىسمۇ كۆرۈنمەپتۇ. ىەمما مەھەممەت لىتىپ بەگ «ىەسلى ىۇلار ىون نەچچە كۈن يېزا قىشاقلاردىكى بىگۇنا رەىىيەتنى قىرىپ، بۇلاڭ-تالاڭ بىلەن مەشغۇل بولغاندا، ىۇلا بىلەن مەنمۇ نەچچە مەرتەم ىېلىشقان. قارىسام ىۇلارنىڭ لەشكەر كۈچى خېلىلا كۈچلۈك بولغاچقا، ىالىمادىس ىىشلار يۇغۇناپ كەتمىگىيدى دەپ ىەنسىرەپ ىوردىغا خەۋەرقىلغان ىىدىم، ھازىر ىۇلارنىڭ يا ىاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، يا يەرگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم» دەپ ھەسرەت چىكىپتۇ، دەرھەقىقەت مۇھەممەت مۆمىن سۇلتانمۇ يولدا كۈيۈپ كەتكەن ىۆيلەرنى، ىىگىسىز كۆمۈلمەي قالغان جەسەتلەردىن كۆرۈپتۇ، ياۋنىڭ مالمانچىلىق پەيدا قىلغىنى راسىت ىىكەن.
بۇ ىىشلار ىەنە شۇنداق تىزلا ىاخىرلاشتى. بۇنىڭدىن ىابدۇللاخان تۇلىمۇ تەىەجۈپلەندى. ىۇلار شۇنچە ىۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلسۇنۇ، ىەمما يەنە ىۆزلىكىدىن غايىپ بولسۇن ؟ يەنە تېخى چوڭ قوشۇن بىلەن بىرەر مەرتەم ىېلىشمايلا، ىۇ كۆپ ىۇيلانغان بولسىمۇ، بۇنىڭ تىگىگە يىتەلمىدى. ىەمما بۇ ىىشنىڭ بىرەر يىلغا قالمايلا سىرى يىشىلدى. قالماقلار خانلىق قۇشۇننىڭ قايتىقانلىدىدىن خەۋەر تاپتىمۇ ياكى ۋاقتى ساىىتى كەلدى دەپ قارىدىمۇ، بۇ قېتىم خۇتەنگە ھۇجۇم قىلغان ىىدى، خۇتەننىڭ نايىپ ىەمىرى شاھ بەگنىڭ ىورنىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە ىانچە ىۇزۇن بولمىغان ىابدۇللاخاننڭ ىىنىسى ىىبراھىم سۇلتان قول ىاستىدىكى مەھەممەت مەنسۇر بەگ، مىرزا شەباس جۇراسلار بىلەن سىپىلدىن سىرتقا چىقتى-دە، ياۋ لەشكەرلىرىگە بىر ىۇن يىتىم يىراقلىققا كىلىپ سەپ تۈزۈپ بولا-بولالمايلا، ياۋ سەراتان كۈنلەردىكى قىيانلىق تاشقىندەك يوپۇرۇلۇپ كەلدى، ىىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى بىردىنلا ىارلىشىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ىىبراھىم سۇلتان چاپچىپ تۇرغان تۇلپارىنىڭ تىزگىنى قۇيىۇۋەتتى-دە، كۈچلۈك كۈن نۇرىدا بېسى لاۋىلداپ كۆزنى چاقنىتىدىغان شەمشىرىنى ىويناتقىنچە ىالدىغا ىوچرىغانلىكى ياۋنى قېرىشقا باشلىدى. ىۇرۇش ىالاھىزەل ىىككى چاي قاينىغۇچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتى. ىەتراپنى قىلىچ- نەيزىلەرنىڭ بىر- بىرىگە ىۇرۇلغان چاغدىكى جاراڭ- جۇرۇڭلىرى، يارلانغانلارنىڭ ىاھۇ-زارى، ىۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىر ىالدى. شۇ ىەسنادا ياۋنىڭ سانغۇنى ىىتىنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇراپ ماڭدى،بۇنى كۆرۈپ، بىرەر يۈزگە يېقىن لەشكەر ىۇنىڭغا ىەگەشتى.
-قىرىڭلار، - بار ىاۋازى بىلەن ۋاقىردى ىىبراھىم سۇلتان ىۇلارنىڭ قايتقانلىقىنى كۆرۈپ.
لەشكەرلەر ىىبراھىم سۇلتاننىڭ بۇيرىقىنى ىاڭلاپ، ياۋنىڭ كەينىدىن قۇغلاشقا باشلىدى. ىىبراھىم سۇلتانمۇ شامالدەك تىز چاپىدىغان، ىادەمگە ىۇچۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان ىارغىماقنى كۈچ بىلەن تېقىمدىدى. ىۇلار شۇ يۈرىشىدە ياۋنى يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچىلىك قىستاپ كەلدى. ىۇلاردىن 40-50 ىاتلىق دەريادىن ىامان- ىىسەن ىۈتۈپ. قارشى قىرغاققا چىققاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ىۆلگىنى ىۈلۈپ، ىۆلمىگەنلىرىنى نەرە تارتىپ ىېقىۋاتقان يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيى يالماپ كەتتى. ىەمما ىىبراھىم سۇلتان نۈسرەت قۇچۇپ قايتىپ كىلىپ، لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى ىېدىتلاۋاتقاندا،بىردىنلا قايغۇغا چۆكتى. چۈنكى ىۇنىڭ ۋەزىرى مۇھەممەت مەنسۇر بەگ بىلەن لەشكەرى ىىشلار سانغۇنى مىرزا شەھباز جۇراسلار ىۇرۇشتا قازا قىلغان ىىدى. بۇ ىىشلار يۈز بەرگەندە، ىابدۇللاخان ىوۋ ىوۋلاش ىۈچۈن يېڭىسار تەرەپكە راۋان بولغاچقا، خۇتەندىكى بۇ جەڭدىن تۇلىمۇ كىچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ىىبراھىم سۇلتانمۇ جەڭدە كۆرسەتكەن باتۇرلىقىغا ىاپىرىن تەھنىسلەر ىوقۇغان ىىدى.
ىابدۇللاخان ىېغىر ىۇھسىنىپ قويغاندىن كىيىن، كۆزلىرىنى لەپپىدە ىېچىپ، ىۆزىگە قاراپ ىولتۇرغان بىكاۋول بەگكە كۈزىنى شەرەتلىدى. بىكاۋۇل بەگ ىېغىزىغا يىغىلغان سېرىق سۇنى غورتتىدە يۇتىۋەتكەندىن كىيىن، جامغا بولدۇقلىتىپ مەي قويدى، خان دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، جامنى قولىغا ىالدى، -دە، لىۋىگە تەككۈزۈپلا ھەممىنى سۇغۇق سۇ ىىچكەندەك غۇتۇلدىتىپ ىىچىۋەتكەندىن كىيىن، جامنى دوستۇرخانغا قۇيۇپ، گەۋدىسىنى يەنە ياستۇققا تىرىدى. شۇ تاپتا ىۇنىڭغا كۈچلۈك ىەپيۇن ىارىلاشتۇرۇلغان مەي خېلىلا تەسىر قىلغان بۇلۇپ، قەلبىدىكى تەشۋىش، ىۈمىدسىزلىك، غەم-غۇسسلار ىاستا- ىاستا يۇقىلىشقا باشلىغان ىىدى. شۇنداق بۇلسىمۇ، يەنىلا كۆزى ىوردا قوۋىقى تەرەپتە بۇلۇپ، كېرىيەدىن بىرەر خەۋەر كىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغىدا ىىدى.
- ھىندىقۇش مىرزا جاناپلىرى كەلدى... - تۇيۇقسىز ھۈدەيچى بەگنىڭ ىاۋازى ىاڭلاندى. ىابدۇللاخان ىورنىدىن سەل قىمىرلاپ تاپسىدا قول باغلاپ تۇرغان ھىندىقۇش مىرزىنى كۆردى-دە ىورنىدىن تۇرمايلا، قۇلى بىلەن يان تەرىپىنى كۆرسەتتى.
- قىنى جاناپلىرى، بۇ يەرگە مەرھەمەت...
- بولدى. بە ھۇزۇر ىولتۇرسىلا. - ھىندىقۇش مىرزا تەىەرزو بىلەن ىىگىلدى.
- بولدى چىقىۋەرسىلە...
- ھىندىقۇش مىرزا ىەمدى يەنە تارقارىتىشنىڭ ىۇرۇنسىز ىىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، خاننىڭ يىنىغا كەلدى-دە يۈكۈنۈپ ىولتۇرغاندىن كىيىن، گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قالدى.
- شاھنىشىندىن قايتىشلىرىمۇ؟-سۇرىدى خان خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى بۇ ىىشەنچىلىك، سادىق ىەمىرىگە تىكىپ.
- شۇنداق ىالىلىرى، شاھنىشىندىن ىۇدۇل كەلدىم، باشقىلار قايتىپ كەتتى.
- ھە... خان نىمىشقىدۇر گىپنىڭ داۋامىنى ىۈزۈپ قويدى-دە، ىېغىر خۇرسۇندى.
- يەنە شۇ كېرىيە تەرەپنىڭ ىىشى بىلەن كۆڭۆللىرى بىسەرەمجانمۇ ىالىلىرى ؟، -سورىدى ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ شاراپ تەرسىرىدىن قىزىللىق يۈگۈرگەن چىرايىغا تىكىلىپ.
- شۇنداق، مىرزا باباقبەگ كەتكىلى نىكەم، يا ىاق، يا كۆك ھېچبىر ىۇچۇر يوق، نىمىشقىكىن ىويلىماي، خىيال قىلماي دىسەممۇ كۆڭلۈم ىاشۇ يەردە.
- بۇنىڭدىن تەجۈپلەنمىسىلە ىادالەتپاناھ شاھىم، يول ىۇزۇن مۇشەققەت كۆپ. بەلكىم جانابى مىرزا مىرزا باباقبەگ ىۇل دىيارىغا ىەمدىلەتىن يىتىپ بارغاندۇ. پېقىرنىڭ ىۆيىچە بۇ ىىشقا ىارتۇقچە ۋاھىم يىيىش جايىز ىەمەستۇر، جانابى سانغۇن پاش بولغان ىىكەن، كۆڭۈللىرىنى توق، ىۆزلىرىنى خاتىرجەم تۇتسىلا.
- ىوغۇ شۇ، مىرزا باباقبەگنىڭ لەشكىرى ىىشلاردا پەمى بار. ىۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن لەشكىرى يۈرۈشلەردە پەم-پاراسىتى، ىاجايىپ لەشكىرى تالانىتى بىلەن دىققەت نەزىرىمدىن تامامەن ىۆتكەن. ىەمما ياۋمۇ بۇ قېتىم قىلىچنى بىلەپ كەلگەن، شۇڭا...
- دىگەنلىرى بەرھەق ىەمما بىز گۇل دىيارىمنىڭ ھازىرقى ىەھۋالىنى تازا بىلىپ كەتمەيمىز. ىۇنىىڭ ىۈستىگە خۇدا بەردى بەگمۇ بۇرۇن ىۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدەىۇزۇن يىل بولغان. مىجەزى چۇس بولغىنى بىلەن خانلىققا بولغان ساداقىتىنىڭ شەك-شۆھبھ يوق.
- دۇرۇس، بۇ تەرىپىگە گەپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ نىمىشقىكىن، كۆڭلۈم خاتىرجەم ىەمەس. كىچىسى ىۇخلىساممۇ، چۈشۈمدە شۇ ىىشلار زاھىر بۇلۇپ ىارام بەريۋاتىدۇ...، -خان سەلگىنە تۇرىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - ىۇنىڭ ىۈستىگە كېرىيە باشقا جايلارغا ىوخشىمايدۇ. ىۇ دىيار سەلتەنەتىمىزنىڭ شەرقى دەرۋازىسى. خانلىقىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ىىلگىرىكى خاقانلارمۇ ىۇ زىمىنى مۇداپىيە قۇرغىنى قىلىپ، چەرچەن، چاقىلىق، كۆكنۇرتەرەپلەردە پاىالىيەت ىېلىپ بىرىۋاتقان غەيرى مۇسۇلمانلار، چالىش، يۇلتۇز قاتارلىق جايلاردا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۋاتقان قالماقلارنى تۇسۇپ، زېمىنىمىزنىڭ پۈتۈنلۈككە كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن، تېخى يەنە ىۇ زىمىنى ىارقا سەپ بازىسى قىلىپ، تىبەت تەرەپلەرگە جازا يۇرۈشى ىېلىپ بارغان، شۇڭا كېرىيەدەك مۇھىم ىۇرۇنغا سەل قاراش خانلىقىمىزغا سەل قاراش بىلەن باراۋەردۇر.
- دانا پىكىر، پىقىر ىالىلىرىنىڭ قاراشلىرىغا تامامەن قۇشۇلىمەن. شۇڭىمۇ خېلى بۇرۇنلا يۇرۇڭقاشتىن چاقىلىققىچە بولغان زېمىننى خانلىقىمىز ھاكىمبەگلىك تۈزۈمى بىلەن باشقۇرىۋاتىدۇ ىەمەسمۇ ؟، -ىىلگىرى مىرزا شاھىت بەگ، مىرزا مۇھەممەت لىتىپلار ھاكىمبەگ بولغان ىۇزېمىنىدا ھازىر خۇدابەردى بەگدەك ىىشەنچىلىك. ىادەملىرىمىز بار شۇنداقتىمۇ، ىۇ يەرنىڭ ھازىرقى ىەھۋالى ىۆزگىچە. سىلىنىڭ تازا خاتىرجەم بۇلالمايۋاتقانلىقلىرىنى تامامەن چۈشۈنىمەن.
خان ىۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك بىشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن بىردىنلا جىمىپ قالدى.
بۇنى كۆرۈپ، ھىندىقۇش مىرزا يەنە ىېغىز ىاچتى.
-مۇشۇ كۈنلەردە خۇتەندە ىىبراھىم سۇلتان بولغان بولسىدى، سىلىنىڭ باشلىرىنى ىاغرىۋاتقان بۇ ىىشلار تامامەن ىۆز يۇلىدا بىر تەرەپ بۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى. ىەپسۇس...
ھىندىقۇش مىرزىنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا، ىابدۇللاخان ىۇنىڭغا مىقتەك تىكىلدى. بۇنى كۆرگەن ھىندىقۇش مىرزا ىۆزىنىڭ ىويلىمايلا گەپ قىلىپ سالغانلىقىدىن ىەندىكىپ، تىزلا يەرگە قارىۋالدى. خان بۇ سادىق ىەمىرىگە سەلگىنە قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، قۇلىنى دۇستۇرخاندىكى جامغا سوزدىيۇ، يەنە تىزلا تارتتى-دە، ىەپسۇسلانغاندەك بىشىنى چايقاپ قويدى. ىەمما ىاشۇ بىر ىېغىز گەپ خاننىڭ كۆڭۈل ىارامىنى بىردىنلا بۇزۇپ، خىيال دەرياسىغا سۆرەپ كىردى.
ىابدۇللاخان خانلىق تەخىتتىدە ىولتۇرغاندىن كىيىن. خانلىقنىڭ ىىلگىركى ىەنىەنىلىرى بۇيىچە ىۆزىنىڭ ىۇرۇق-تۇققانلىرىنى قەشقەر،ىاقسۇ، خۇتەنلەرنىڭ نايىپ ىەمىرى، ناھىيەلەرنىڭ ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەپ، يۇرتىدارچىلىق ىىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلۇشى ىۈچۈن شاراىىت يارىتىپ بەرگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن زېمىنلەرنى ىۆزىنىڭ يېقىنلىرى، ىوردا ىەمىرلىرى ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرگە ۋەخپە قىلىپ بەردى. لېكىن كۈنلەرنىڭ ىۈتىشى بىلەن ىالغاقچىلار ۋە ىۆزىنىڭ ىشەنچىلىك كىشىلىرى ىارقىلىق ىىرىشكەن مەخپى خەۋەرلەرگە قاراپ، ىۆزىنىڭ خانلىق تەخىتىدىن ىايرىلىپ قالىغاندەك تەشۈىشلىنىشكە باشلىدى-دە، بىردىنلا ىىچىگە قورقونۇچ چۈشتى. «بۇرۇنقى خانلارمۇ ىۆز يېقىنلىرى،ىۇرۇق-ىەۋلاتلىرى تەرىپىدىن تەخىتتىن ىايرىلغان. سەللا بىخۇتلۇق قىلسام، مەنمۇ ىاشۇ قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلمايمەن دەپ ھۆددە قىلالمايمەن. شۇڭا ىېھتىيات قىلىش كېرەك. ىىھتىيات قىلغاندىلا ىاندىن ىۆز ىىچىمىزدىكى دۈشمەنلەردىن ساقلانغىلى، ىۇلارنىڭ خاكى ىاشكارا خاكى يۇشۇرۇن سۈيقەستىلىرىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ» ىۇ شۇ خىيالغا كەلگەندىن باشلاپ، ھەممە ىىشقا شۈبھە بىلەن قارايدىغان بۇلۇپ قالدى. شۇڭا خۇتەن، ىاقسۇلارنىڭ ناىىپ ىەمىرلىرى ۋە خانلىقتا كۆزگە كۈرۈنۈپ قالغان كىشىلەرنى بىر ىاماللار بىلەن ىوردا خىزمەتلىرىدىن چەتلەشتۇردى. قالماقلارنىڭ خۇتەنگە قىلغان باسقىنىنى قىلچە ىىككىلەنمەي تۇسۇپ، جەڭدە زۇر خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ، خانلىق ىۈچۈن تۆھپە قوشقان ىىنىسى ىىبراھىم سۇلتاننىمۇ شۇ سەۋەپتىن ناىىپ خانلىق ىەمىلىدىن ىېلىپ تاشلىغان ىىدى. شۇنداقتىمۇ خان بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى. ىۇ ىوردىنىڭ ىاساسلىق ھۇقۇقلىرىنى يات كىشىلەرنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدىيۇ، ىەمما كىيىنچە يەنە مالىمانچىلىقنىڭ شەپىسىنى سىزىپ، ىۇرۇق-تۇققانلىرىغا تايىنىشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا خۇتەننىڭ ناىىپ ىەمىرلىكىنى نەۋرىسى- قەشقەرنىڭ ناىىپ ىەمىرى يۇلۋاسخاننىڭ ىوغلى ىەبەيدۇللا سۇلتانغا تۇتقۇزغان ىىدى.
ىارىنى ىېغىر سۈكۈناتلىق باسقان ىىدى. ىابدۇللاخان ھىندىقۇش مىرزىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدى. ھىىندىقۇش مىرزا ھېلىھەم باياتىنقىدەك بېشىنى تۈۋەن سالغان ھالدا ىولتۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ، خاننىڭ خىيالىدىن بىر ىىش كەچكەندەك بولدى-دە يەر تىگىدىن بىردە ىابدۇللاخانغا، بىردە خانلىق سەلتەنەتىنىڭ ىابرۇيلۇق سانىغۇنغا قاراپ، ىۆزىگە ىەزەلدىن خانغا يېقىن ىولتۇرۇپ، ھەمسۆھبەت بۇلۇشنىڭ نىسىپ بولمىغانلىقىدىن ىۈكۈنۈپ، ھەسرەت چىكىۋاتقان بىكاۋۇل بەگگە قاراپ بىشىنى لىڭشىتتى. بۇنىڭ بىلەن بىكاۋۇل بەگنىڭ قانات ياساپ ىۇچۇشقا تەييار بولغان خىياللىرىنىڭ قانىتى بۇغۇشلاندى،-دە ناھايىتى تىزلىكتە جامغا مەي قۇيدى.
-يەنە بىرنى قۇيۇڭ، ھىندىقۇش ىەمىر بىلەن كۆتۈرىۋىتەيلى... . .
بۇ گەپنى ىاڭلاپ، بىكاۋۇل بىگىنىڭ چىرايى سەل بۇزاردى. ىۇ ىەتىگەن خاننىڭ ىۇزاپىغا قاراپلا، قاشتىشى جامدىن ىىككىنى تەييار قىلغان ىىدى. مانا ىەمدى ىۆز نىسىۋىگە باشقا بىراۋنىڭ شىرىك بۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، غۇژژىدە ىاچىقى كەلدىيۇ، ىەمما چاندۇرماستىلا يەنە بىر جامغىمۇ مەي قويدى.
-ىالسىلا ىەمىر، مۇشۇ كۈندە كۆڭۈلگە شادلىق بىغىشلايدىغىنى، ىادەمنى غەم-غۇسسە، بولمىغۇر خىياللاردىن نېرى قىلىدىغىنى مۇشۇ مەي ىىكەن. ىىككىمىز بىردىن كۆتۈرەيلى...
ھىندىقۇش مىرزا خانىنڭ قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ، ىۆزرە سورىماقچى بولغاندەك ىېغىزىنى ىۆمەللىدىيۇ. ىەمما نىمىشقىكىن بۇغۇزىغا كىلىپ قالغان گەپنى يۈتىۋەتتى. شۇ چاغدا ھۈدەيچى بەگنىڭ ىاۋازى ىاڭلاندى.
-سەلتەنىتىمىزنىڭ ىۇلۇغ خاقانى، ىادالەتپاناھ ىابدۇللا خان ىالىلىرىغا مەلۇم بولغاي!، مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى ىىۋەرتكەن چاپارمەن كەلدى.
-تىز باشلاپ كىرسىلە،-خان بىردىنلا ىورنىدىن قوزغىلىپ، ھۈدەيچى بەگكە يۈزلەندى، چاپارمەن ىۇدۇل مۇشۇ يەرگەكەلسۇن... . .
ھىندىقۇش مىرزا خاننڭ بۇ ىىشىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ىەمىليەتتە ىۇمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نۇرغۇن جەڭگاھلاردا ياۋغا قارشى بىرلىكتە ىاتلىنىپ، مىجەز-خۇلقىنى ىاياقتىكى ىاشتەك بىلىپ كەتكەن مىرزا باباقبەگنىڭ يولغا چىققاندىن بىرى بىرەر ىۇچۇر بەرمەي كىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ،خىلمۇ-خىل ىويلارغا گىرىپتار بولغان ىىدى. مانا ىەمدى ھۈدەيچى بەگنىڭ مەلۇماتىنى ىاڭلاپ، ىۇمۇ بىردىنلا خۇشال بولدى. شۇ ىەسنادا ىاددىيلا كىيىنگەن، ياز ىوتتۇرا بولغانلىقىغا قارىماي، سەرگەز چاپىنىنىڭ ىۈستىدىن پوتا باغلاپ، بىشىدىكى تاشلانمىغان تەلىپىگىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان بىرى ھۈدەيچى بەگنىڭ يىنىغا كەلدى-دە، خانغا ىادەت بۇيىچە تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن، تەلىپىگىنى بېشىدىن ىېلىپ، ىۇنىڭ قېتىغا تۈجۈپلەپ ىۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر پارچە مەكتۇپنى ىالدى-دە، بىشىدىن ىېلىپ كۆتۈردى-مىرزا باباقبەگ جاناپلىرىنىڭ خان ىالىلىرىغا يوللىغان مەكتۇبى...
ىابدۇللاخانىنىڭ كۆز ىىشارىتى بىلەن ھۈددەيچى بەگ ىونىڭ قۇلىدىن مەكتۇپنى ىالدى-دە، دوستۇرخانىڭ چۆرىسىدىن ىايلىنىپ،خاننىڭ يىنىغاكىلىپ،تىزلىنىپ ىولتۇرۇپ سۇندى. ىابدۇللاخان مەكتۇپنى ىالدىراپ ىېلىپ، خەتكە تىز-تىز كۆز يۈگۈرتتى،-دە، ھەيران بولغاندەك كۆزلىرىنى يۇغان ىاچتى. بۇنى كۆرۈپ، ھىندىنقوش مىرزىنىڭمۇ ىىختىيارسىز قۇشۇمىسى تۈرۈلدى.
-كۆرۈپ باقسىلا،-خان مەكتۇپنى ھىندىقۇش مىرزىغا تەڭلىدى. ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ قۇلىدىكى خۇتەن قەغىزىگە قۇمۇش قەلەم بىلەن يېزىلغان مەكتۇپنى ىھتىرام بىلەن ىېلىپ، ناھايىتى تىزلىكتە ىوقۇپ چىققاندىن كىيىن، ھەيران بولغاندەك، ىۆزىگە سۇىال نەزىرى بىلەن قاراپ ىولتۇرغان خانغا قارىدى.
-بولدى، كۆتۈرۋەتسىلە ھىندىقۇش جاناپلىرى، مەنمۇ ىۆللالەم ىەشۇنداقمىكىن دەپ ىويلىغان ىىدىم، مەيلى خەيرىتيەت،« مۇسۇلمانچىلىقمۇ ىاستا- ىاستا» دەپتىكەن. بۇ ىىشلارمۇ مۇشۇنداق بۇلىدىغان ىوخشايدۇ،-ىابدۇللاخان ھىندىقۇش مىرزىنىڭ مەكتۇپتىكى ىىشلار ىۈستىدە ىېغىر تۇسۇماقچى بولغاندەك ىالدىدىكى جامنى قۇلىغا ىالدى،-بۇ جاھاننىڭ ىىشلىرى مۇشۇنداق ىوخشايدۇ. ھەممىنى ياراتقۇچى ىىگەم بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ىابدۇللاخان سۆزلەۋىتىپ ھىندىقۇش مىرزىغا مەنىلىك قاراپ قويدى-دە، جامنى لىۋىگە ىاپاردى. ىۇنىڭ نىمە مەخسەتتە بۇ گەپلەرنى دەۋاتقانلىقنى ىاللىقاچان چۈشۈنۈپ ىۈلگۈرگەن ھىندىقۇش مىرزىمۇ ىەمدى سۆزسىز ىالدىدىكى شاراپنى ىىچمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ «چۈشەندىم » دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ىەمما باياتىن بىرى كېرىيەدىن كەلگەن مەكتۇپتا نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلىشكە تۇلىمۇ تەقەززا بۇلۇپ ىولتۇرغان بىكاۋۇل بەگ بۇ سىرلىق گەپ، ىىما-ىىشارەتلەردىن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي ھەيرانلىق ىىچىدە خىيالغا پاتتى.
5
خاننىڭ خاس خانىسىدىكى شاھانە شامدانلار ىۆي ىىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. خان ىالدىدىكى شىرەدىكى سۇۋۇپ تىۋىغا كىلىپ قالغان جايدىن ىىككى-ىۈچ ىوتلام ىېچىپ، رەڭدار گۈللەر چىكىلگەن پىيالە چوڭلۇقتىكى ىەتىۋارلىق قاچىنى ىەسلى ىورنىغا قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن، باياتىن بىرى ىۆزىگە، «ھەرنىمە گەپ بولسا ىوچۇق دىسىلە، ىەنھەزرىتىم، قولىقىم سىلىدە»دىگەندەك تىكىلىپ ىولتۇرغان ھىندىقۇش مىرزىغا قارىدى. ىۇنىڭسىزمۇ بۈگۈنكىدەك تىنجىق ىىسىقتا خاس خانىغا كىرىپ بولغىچە، مۇلازىملارغا ىىشىكنىلا ىەمەس خاس خانىنىڭ دەرىزە، تۈڭلۈكرىنىمۇ چىڭ ىەتتۈرۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا خاس خانە ىەتراپىغا ھېچ كىشىنىڭ كەلمەسلىكىنى، باشقىلارنىڭ ىۆزىنى ىاۋارە قىلماسلىقىنى تاپىلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ىۈزىنى خاننىڭ چاقىرىشىدا مۇھىم ىىش بارلىقنى ھېس قىلىپ يەتكەن ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ ىەمىلى مۇدداىىنىنى بىلمەكچى بولغاندەك تىكىپ ىولتۇراتتى.
- ىەتىگەنكى مەكتۇپتىن ىۆزلىرىمۇ خەۋەر تاپتىلا، -دىدى ىابدۇللاخان خېلى ىۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىن، ىۆيدىكى ىېغىر بۇرۇختۇم ھالەتكە چىدىيالمىغاندەك پەس ىاۋازدا ىېغىز ىىچىپ،- مىرزا باباقبەگ ىەمىر كېرىيەگە يىتىپ بېرىپتۇ. ىەمما تېخى ياۋنىڭ ىەلمى-تەلمىنى بىلەلمىگەن ىوخشايدۇ. قارىغاندا بۇ ىۇرۇش خېلى ىۇزۇن سۇزۇلىدىغاندەك، شۇڭا مەنمۇ ىاز-تۇلا ۋاھىم يەپ قالدىم.
-ىەنھەزىرىتىم خاتىرجەم بولغايلا، مىرزا باباقبەگ لەشكىرى ىىلىمگە پىشقان ىادەم. ىۇ بار جايدىن ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ. بۇنداق دىيىشىمنىڭ ىۇل مۇددىىاسى شۇكى، كەمىنە پىقىرلىرى ىۇ سەركەردە بىلەن نۇرغۇن ىۇرۇشلاردا بىرگە بولغانمەن. مىجەزى ماڭا بەش قولدەك ىىنىق. ىادەتتە يەكمۇ-يەك ىېلىشىشتىن باشقا يەنە پەم-پاراسەت بىلەن ياۋنى ىاسانلا قىلتاققا دەسسىتىپ، خاكى چوڭ، خاكى كىچىك ىۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە ىۆز ىىسستىداتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.
-بۇ تەرىپى ماڭىمۇ ىايان. ىەمما بۇ قېتىمقى ىۇرۇش باشقا ىۇرۇشلارغا ىوخشىمايدۇ. كېرىيەدە پۇت تىرەپ تۇرالمىساق ،خانلىقمۇ ىېغىر تالاپەتكە ىۇچرايدۇ،شانۇ-شەۋكىتى يەر بىلەن يەكسان بۇلىدۇ دىگەنلىكتىن بىشارەت، جانابى ىەمىر... .
-كۆڭۈللىرىنى چۈشۈنىمەن ىادالەتپاناھىم. ىۇل دىيار راستىنلا سىتىراتىگىيىلىك ىۇرۇن. ىالدىنقى خانلارمۇ بۇنى ىاللىقاچان بىلىپ يەتكەن. بىزگىلاىەمەس، ىەل رەىىيەتكىمۇ سىر ىەمەسكى، مەرھۇم سەىىدىخان، ىابدۇرىشىت خانلارمۇ خۇتەن زېمىنىدا باقىيغا رىھلەت قىلغان. شۇڭا ىۆزلىرى دىگەندەك بۇ ىىشنى چۇقۇم «زىخمۇ كۆيمەيدىغان كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان » ھالدا بىر تەرەپ قىلىش تولىمۇ زۆرۈر دۇر.
ىابدۇللاخان يېشى 45-46لەردىن ىاشقان بولسىمۇ، ىەمماكىشىگە ياش، نەۋقىران يىگىتلەردەك تۇيغۇ بىرىدىغان، بىر جۈپ قوي كۆزلىرىدىن پەم-پاراسەتلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ىەمىرنىڭ سۆزىنى ىاڭلاپ، ىۇنىڭمۇ ىۆز مۇددىىاسىغا يېقىن سۆزلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ، كۆڭلى ىاز-تۇلا ىەمىن تاپقاندەك بولدىيۇ، ىەمدى ىۆز نىيىتىنى ىاشكارلىسا بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
-سىلىچە كېرىيە تەرەپلەرگە ىۆزەم ىاتلانسام قانداق بۇلار؟-سورىدى خان سىنچى كۆزلىرىنى ھىندىقۇش مىرزىغا تىكىپ.
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللنىدۇ)
( ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
iltarix
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4032
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-13
ھالىتى: توردا يوق
3- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-14 02:03
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (3)
(پوۋسىت)
مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
ھىندىقۇش مىرزا بۇ گەپتىن سەل ھەيران بولدى. ىۇ خاننىڭ كېرىيە تەرەپنىڭ ىىشلىرىدىن تازا دىگەندەك خاتىرجەم بولالماي يۈرگەنلىكىنى سىزىپ تۇرىۋاتسىمۇ، ىەمما بۇنداق خىيالغا كىلىپ قالار دىگەننى ىەسلا ىويلاپ باقمىغاچقا، دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي قالدى.
-بۇ ھەقتە كۆپ ىويلاندىم. ىاخىرى شۇنداق قىلاي دىگەن يەرگە كەلدىم، جاناپلىرى، -دىدى خان بىردىنلا ىورنىدىن تۇرۇپ، رەڭدار خۇتەن گىلىمى سېلىنغان خانە ىىچىدە ىۇياقتىن-بۇياققا ماڭغاچ، -
«ياقسام، پىشارمۇ كۆمسەممۇ » دەپ ىككىلىنىشنىڭ ىورنى قالمىدى. راست گەپنى دىسەم خېلىدىن بىرى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ىارسالدى بۇلۇپ قالغان ىىدىم. ىەمما ىەتىگەنكى مەكتۇپنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ىەمدى ىىككىلىنىشنىڭ ىورنى قالمىدى.
-ىەگەر ىۆزلىرى بولمىسلا، ىوردىدابىرەرىەھۋال يۈز بىرىپ قالماس ؟
ىابدۇللاخان بۇ گەپنى ىاڭلاپ، دەرھال قەدەملىرىنى توختىتىپ بايامقى ىورنىغا كىلىىپ، ھىندىقۇش مىرزا بىلەن رۇبىرۇ ىولتۇردى- دە، «قىنى سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەتسىلە ؟» دىگەندەك تىكىلدى.
-يېقىنقى ىىككى- ىۈچ يىلدىن بۇيان يات قەۋملەرنىڭ پاراكەندىچىلىگى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغاچقا، ىەلنىڭ ھال ىۇقىنى ھەر نىمە بولسا ىاز-تۇلا ياخشىلىپ قالدى. ىەمما ىۆزىمىزنىڭ ىىچىدىكىلەر... ، -ھىندىقۇش مىرزا نىشقىدۇر گىپىنى تۇختىۋالدى.
-سۆزلىۋەرسىلە جاناپلىرى، قۇلىقىم سىلىدە. ھەر نىمە ىىش بولسا دەۋەرسىلە،بۇ يەردە ىككىمىزدىن باشقا ىادەم يوق، -دىدى ىابدۇللاخان، - خاتا گەپ قىلسىلىمۇ سىلىنى كەچۈردۈم.
-بۇ ىىشلار ىالىلىرىغا سىر ىەمەس، شۇنداقتىمۇ ىەمىرلىرى بولغان ىىكەنمەن ىاڭلىغانلىرىمنى ىۆزلىرىگە يەتكۈزسەم. تۇزكۇرلۇق قىلغان بۇلىمەن، - ھىندىقۇش مىرزا خاس خانە ىىچىدە ىىككەيلەندىن باشقا ىادەم يوقلىقىغا قارىماي، ناھايىتى پەس ىاۋازدا سۆزلىدى،- يېقىندىن بۇيانقى ىىشلارغا، قەشقەر تەرەپلەردىن كىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىسام، شاھزادىنىڭ كۆزى يەركەن تەرەپكە تىكىلگەندەك قىلىدۇ. چىن يۈرۈكۈمدىكى گەپنى دىسەم، ىۇ ىۆزلىرىنىڭ پۇشتى، ىەقلى ھۇش جايىدا بولسىلا، ىاتىسىنىڭ تەختىگە كۆز تىكمەس دەيمەن. ىەمما يېنىدىكىلەر بېشىنى ىېلىشتۇرۇپ، خانلىق ۋەسۋىسىگە سېلىپ قويسا، خۇدىنى بىلەلمەي قىلىچى قىنىدىن چىقىرىپ سالامدىكىن دەپ قورقىمەن.
-بۇ خەتنى كۆرۈپ باقسىلا، - خان ھىندىقۇش مىرزىنىڭ سۆزىنى ىاڭلاپ، خانىنىڭ تۆر تەرىپىدىكى رەڭدار نەقىش چىقىرىپ ياسالغان ىۇيۇقتىكى كىچىك ساندۇقتىن ىالقانچىلىك چوڭلۇقتىىكى بىر پارچە خەتنى ىېلىپ سۇندى. ھىندىقۇش مىرزا خەتكى. تىزلىكتە كۆز يۈگۈرۈتۈپ، ىەجەپلەنگەندەك ىىتتىكلا بىشىنى كۆتۇرۈپ، ىابدۇللاخانغا تىكىلدى.
-ىەنھەزرىتىممۇ بۇ ىىشلاردىن ىاللىقاچان خەۋەر تېپىپ بۇپلا-دە.
ىابدۇللاخان «ھەىە» دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
-مەن تاپشۇرۇۋالغان ىۇچۇر بىلەن ىوپمۇ-ىۇخشاش ىىكەن،-ھىندىقۇش مىرزا ىۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك پىچىرلىدى، -قارىغاندا شاھزادە يولۋاسخاننىڭ يېنىدىكىلەر ىۇنى تەخىت ۋەسۋەسىگە سېلىپ ،كۆڭلىنى ىارام تاپقۇزالمىغان ىوخشايدۇ.
-بۇ ىىشلاردىن ىانچە ىەجەپلەنمىسىلە جاناپلىرى،ىەلمىساقتىن بۇيان شاھلىق تەختىگە ىىنتىلمەيدىغان كىم بار دەيلا، باشقىسنى قۇيۇپ تۇرغاندۇ، بوۋام سەىىدىخان زامانسىدىن تارتىپ، ھازىرغا كەلگۈچە خانلىق تەختى غالىپلارنىڭ بۇلۇپ كەلگەن. شۇڭا تەخىت تالىشىپ، ىاتابىلەن بالا، ىاكا بىلەن ىۇكىلار ىارىسىدا ىاز بولمىغان جىدەل، تىز، ىاداۋەتلەر يۈزبەرمىدىمۇ ؟... . . لىكىن ىەقلىم ھەيران. بالام يولۋاسخان نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ دەيمەن ؟مەن تېخى ھايات تۇرۇپ، ھېلىتتىن تەخىتكە كۆز تىكسە، بۇ قاملىشامدۇ؟!، سىلىدىن يۇشۇرمايمەن ىەمىر جاناپلىرى، يولۋاسخان مىنىڭ پۈشتۈم، يۈرەك پارەم، مەن ىونى ىەمدى تېخى سەككىز ياشقا كىرگەندىلا يۇرتدارچىلىق ىىشلىرىغا پىشسۇن، ىەل رەىىيەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، كۆزى ىېچىلسۇن دىگەن مەخسەتتە قەشقەرنىڭ ناىىپ خانلىقىغا تەيىنلەنگەن ىىدىمغۇ ؟!... . شۇ چاغدا، نۇرغۇن ىەمىرلىرىملا ىەمەس، خانىشمۇ ىېغىزىدىن ىانا سۈتى كەتمىگەن بىر بالىنىڭ نايىپ خان بۇلۇشىغا قۇشۇلماي، نەچچە يىلغىچە بېشىمنىڭ ىىچىنىمۇ-تېشىنىمۇ قاتۇرغان ىىدى. بىراق كۈنلەر ىۆتكەنسىرى ىۇلارنىڭ ىېغىزىمۇ بېسىقىپ قالدى. مانا يىگىرمە نەچچە يىل بوپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ىۇ بىر يۇرتنىڭ ىاستى بولۇپ، نۇرغۇن ىىسسىق-سۇغۇقلارنى بېشىدىن ىۆتكۈزۈپ، يېشىغا ياش، ىەقلىگە- ىەقىل قۇشۇلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ تەختنىڭ باشقا بىرسىگە ىەمەس، دەل ىۆزىگە تىگىل ىىكەنلىكىنى چۈشەنسە بولمامدۇ ؟!... ،-ىابدۇللاخان سۆزلىگەنسىرى قىزشتى. -ىۇنىڭ ىۈستىگە خۇتەندەك مۇھىم يەرگە ىۇنىڭ ىوغلى، مىنىڭ نەۋرەم ىەبەيدۇللا سۇلتاننى نايىپ خانلىققا تەيىنلىدىمغۇ ؟ ىۇنىڭغا ىەمدى مۇشۇمۇ يەتمىگەندەك ماڭا پۇت ىاتسا، نىمە دىگۈلۈك ىەمدى... .
-سەۋرى قىلسىلا ىادالەتپاناھىم، جاھاندا ىىنسان ىۈچۈن سەۋرى قىلىشتىن ىۆزگە ىۇلۇغ ىىش يوق. بەلكىم شاھزادىنىڭ ىەتراپىدىكىلەر ىۇنىڭغا ىەقىل كۆرسەتكەن، ىۇنى دەيدەيگە سالغان بۇلىشى مۇمكىن. ىۆزلىرى دىگەندەك شاھزادە يولۋاسخان ىالىلىرىمۇ ھازىر كىچىك بالا ىەمەس، بۇنداق چوڭ ىىشقا كەلگەندە، چۇقۇم ىەقلىنى ىىشقا سالار... . .
-بۇنىڭغا ھېچ ىىشەنگىم كەلمەيدۇ، ىەمىر جاناپلىرى. مانا« تەنھا سۇمرۇغ »دىن كەتكەن مەخپى مەلۇماتنامىسىنى ىۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلە، ىۇنىڭ ىۈستىگە سىلىمۇ مۇشۇ مەلۇماتنامىدىكى ىەھۋالغا ىوخشاش ىۇچۇرغا ىىرىشكەن ىوخشايلا. ىىش ىاياقتىكى ىاشتەك ىىنىق تۇرسا، ىەمدى بۇ ىىشنىڭ قىلچە شۈبىھلىنىدىغان يىرى قالمىدى.
-بەلكىم شۇنداقتۇر. يېقىندىن بۇيان قەشقەر تەرەپتە غۇجا ھىدىيايىتۇللا ىىشاننڭ ىىشقىيە سۈلۈكىنىڭ تەرغىباتچىلىرى كۈپۈيۈپ قالغانمىش، ىۇنىڭ ىۈستىگە ىۇ زاتمۇ كۈندە دىگۈدەك شاھزادە يولۋاسخان ىالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقانمىش. پەمىمچە بۇ ىىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن.
-مەنمۇ ىۇيان ىويلاپ-بۇيان ىويلاپ، شۇ خىيالغا كەلگەن. مانا ىىككىلىمىزنىڭ ىويى بىر يەردىن چىقتى. مىنىڭ خۇجا ىابدۇللا ىىشانغا قول بىرىپ، مۇرىد بولغىنىم پىقىرنىڭ شەخىسى ىىشى. ىەمما ھاكىميەت ىىشلىرىدا مەيلى ىىشقىيە سۈلۈكى بولسۇن، مەيلى ىىسھاقيە ھېچقايسىسىغا يان باسماي كەلدىمغۇ ؟تېخى ھىدايىتۇللا ىىشان بىلسە، ىۇنىڭغا تۇلىمۇ كەڭ قوللۇق قىلدىم. نۇرغۇن يەر، باغ، سۇ ۋەخىپە قىلىپ بەردىم.
-بەلكىم ىۇ زاتنىڭ بىز بىلمەيدىغان باشقا ىويلىرىمۇ باردۇر، ىالىلىرى. ىىنسان دىگەن خام سۈت ىەمگەن، ناشۇكۈر مەخلۇق. شۇڭا باي بولغانلارنىڭ. تېخىمۇ كاتتا زەردار بۇلغۇسى، ىابروي قازانغانسىرى ھەممىسىلا ىادەم سىزغان سىزىقىمدىن چىقماسكەن دەپ خىيال قىلىشى ىادەتتىكى ىىش. شۇڭا بۇ ىىشتا چۇقۇم ىىھتىيات قىلىشىمىز زۈرۈر ھەرگىز ىالدىراقسانلىق قىلىپ، رەقىپلىرىمىزنىڭ تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ. ىاداۋەت چاكلىرىنى يوغۇنىتىۋەتمەيلى... ...
ىابدۇللاخان بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن، بىردىنلا ھىندىقۇش مىرزىنى چاقىرىشتىكى مەخسىتىنى قايتىدىن ىىسىگە ىېلىپ سورىدى.
-سىلىچە مەن كېرىيە تەرەپلەگە بارسام بۇلارمۇ جاناپلىرى ؟... .
-بۇ جەھەتتە ىۆزلىرىنىڭ خىياللىرى قانداقكىن، ىەنھەزرىتىم؟، -ھىندىقۇش مىرزا خاننڭ كۆڭلىدىكىنى تېخىمۇ ىېنىق بىلىپ بىقىش مەخسىتىدە سورىدى.
-ىۆزلىرىگە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ چۈشۈنىدىلا، بىراق ىەندىشە قىلىدىغان يەرلىرىممۇ بار.
-چۈشەندىم، -ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ باياتىن بىرى گەپنى ىەگىپ دىيىشتىكى مۇدداسىنى ىەمدىلەتىن ھېس قىلىپ يەتتى. -بۇ سەپەرگە چۇقۇم چىقسىلا ىالىلىرى. ھەم شاھزادە يولۋاسخاننىڭمۇ بۇ كېرىيەگە بېرىشىغا يارلىق چۈشۈرسىلە. شۇنداق قىلغاندا، بىر چالمىدا، ىىككى پاختەكنى سوققىلى بۇلىدۇ ىەمما شاھزادە لەشكەر ىالمىسۇن، ىۆزىنى قۇغداشقا 40-50تەك چىرىك ىېلىۋىرىپ، ىۆزلىرىنىڭ يانلىرىدا تۇرۇپ بەرسىلىلا بۇلىدۇ.
خان ىۆزىنىڭ ىويلىغانلىرىنى ھىندىقۇش مىرزىنىڭ ىېغىزىدىن ىاڭلاپ، خۇشال بولدى-دە، مەنمۇن بولغاندەك بېشنى لىڭشتىپ قويدى.
- مەن ىەتىلا يولغا چىقاي، شاھزادىگەبۈگۈنلا يارلىق ماڭدۇرايلى، ىۇ كەينىمدىن بارسۇن.
ھىندىقۇش مىرزا بۇ گەپنى ىاڭلاپ، يىنىك خۇرسۇنۇپ قۇيغاندىن كىيىن ىېغىز ىاچتى.
-دانا پىكىر بولدى. بۇ ىىشتا شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ىامال يوقكەن ىالىلىرى... ...
بۈگۈن ىوردىنىڭ ىالدى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەن ىىدى. ىوردىدىكى چوڭ-كىچىك ىەمىرلەرنىڭ ھەمىسى رەتلىك تىزىلىپ، خاننى كېرىيە سەپىرىگە ىۇزۇتۇش ىالدىدا تۇرىۋاتاتتى. سەپەر تەييارلىقىنى باشقىلاردىن پىنھان تۇتۇپ قىلغان سۇلتان ىابدۇللا خان ىاخشام ھىندىقۇش مىرزا بىلەن كىلىشىۋالغىنى بۇيىچە بۈگۈن شەھەردىلا شاھنىشندا ىوردا ىەمىرلىرى ىالدىدا سەپەرگە ىاتلىنىىدىغانلىقنى جاكارلىدى-دە، باشقىلارنىڭ قانداق مەلۇماتنامىلىرى بارلىقىنىمۇ سورىماستىن شاھىنشاھتىن ىايرىلدى. بۇنى ىاڭلاپ ىەمىرلەر تۈرلۈك خىياللاردا بولغان بولسىمۇ، ىەمما ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمىدى. مانا ىەمدى ىۇنى ىۇزۇتۇش ىالدىدا تۇرىۋاتاتتى.
ىابدۇللاخان ىەمىرلەر بىلەن خوشلىشىپ، ىەمدىلا شاھانە مەپىگە چىقاي دەپ تۇرىشىغا يىراقتىن جەرە-ساما ىاۋازى ىاڭلىنىپ، بارا-بارا كۈچەيدى. خان شۇ تەرەپكە قاراپ، خۇجا ىابدۇللا ىىشاننىڭ بىر تۈپ سۇفى ىىشانلارنىڭ ھىمايىسىدە ىۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توختىدى. شۇنىڭغىچىلىك ىاۋازى تارتمىلىق ياش ھاپىزنىڭ ىوقۇغان ھۆكمىتىگە كېلىشتۇرۇپ دەسسەپ، «ھۇم- ىاللاھۇ ھۇم »،« ھۇم ىاللا، ھەق دوسىت» دىگىنىچە دوسىت تارتىشىپ كىلىۋاتقان سۇفىلارمۇ خانغا يېقىنلىشىپ بىردىنلا توختاتتى. مەختۇمزادەخۇجا ىابدۇللا ىىشان تىزلىكتە ىىككى قۇلىنى سوزغىنچە ىابدۇللاخانىنڭ ىالدىغا باردى، - دە، خانىنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-ىى خانلىقىمىزنىڭ قۇياشى، ىەلنىڭ باشپاناھى، بەخىت يۇلتۇزى بولغانمىش شاھىم، ىۆزلىرىنىڭ سەلتەنىمىزگە قارا سايە تاشلاپ تۇرغان ىەقلى چولتا، قەلبى قارا مۈتەھەملەرنى جازالاش ىۈچۈن ىاتلانغانلىقلىرىدىن تېخى ھازىرلا خەۋەر تاپتىم-دە، بۇيانغا ماڭدىم. ىەگەر ىىجازەت بولسا، ىۆزلىرىگە ھەمدەم بۇلۇپ، ىاشۇ رىياكارلارغا قارشى ىاتلىناي دەيمەن....
مەختۇمزادە خۇجا ىابدۇللا ىىشاننىڭ كۆزلىرىگە ياش ىېلىپ تۇرۇپ دىگەن سۆزلىرى ىابدۇللا خاننى تەسىرلەندۈرگەن بولسىمۇ، ىەمىرلەر ىالدىدا ىۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ، تىزلا جاۋاپ بەردى.
-ىۆزلىرىنى بۇ مۇشەقەتلىك سەپەرگە رىيازەت چەكتۈرمەي، پىرى پۈرزۈك. پىقىرنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىرى قىسمەت مۇشۇ ىوخشايدۇ. شۇڭا مەنلا باراي، بولدى.
-بۇ نىمە دىگەنلىرى ىى ىادالەتپاناھ شاھىم، ىۆزلىرىنىڭ قوللىرىغا سانجىلغان تىكەن، مىنىڭ كۆزۈمگە قادالغان ىوقتۇر، ىۆزلىرىنىڭ خىياللىرىدىن كەچكەن ىىش ىاللاتاىالا پىقىرغا يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر. بۇنداق دىسىلە كەمىنىلىرىنى كۆزگە ىىلمىغان بۇلۇلا، خانلىقىمىزنىڭ تۈۋرىگى، سۇلۇكىمىزنىڭ باش پاناھى، ىەلنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى بولىمىش ىالىلىرى... . .
- يۇقسۇ، زىنھار ىۇنداق ىويلىمىغايلا. بۇ جاھانغا تۈرەلگەن ھەربىر ىىنسان تەقدىرى قىسمەتتە پۈتۈلگىننى كۆرمەي ىىلاجى يوقتۇر. شۇڭا ھەرگىز بولمىغۇر خىياللاردا بولمىغايلا.
- كىچىدىن تاڭ ىاتارغا يىقىن چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە مەرھۇم دادام خۇجا شادى پەدەرى بۇزرۇكمۇ، «خاقانى ىالى ىابدۇللاخان جاناپلىرى بۈگۈن تۇلىمۇ ساۋاپلىق، خەيرىلىك ىىش ىۈچۈن سەپەرگە ىاتلىنىدۇ. سەن ىۇنىڭ پىرى ىۇستازى بولمىش سالاھىيىتىڭ بىلەن سۇلتانىمىزغا ىاق يول تىلەپ، دۇىا قىل» دىدىلەر. پىقىر چۈشۈمدىن ىويغۇنۇپ، ىىككى راكەت ناماز ىوقۇپ، ىۆزلىرىگە ىاق يۇل، ھىجرەتلەرگە نۇسرەت تىلىدىملەر. -مەخدۇمزادە خۇجا ىابدۇللا ىىشان ىۆزىنىڭ بىللە بىرىشقا خاننى قايىل قىلالمايدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ، بىردىنلا لەسسىدە بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ىەمما چاندۇرمىدى. – نامىزىمنى تاماملاپ يىتىپ ىاسمان سەتھىسىگە نەزەر سالسام، ىالىلىرىنىڭ شەرىق تەرەپتىكى يۇلتۇزى تۇلىمۇ روشەن كۆرۈندى. قارىغاندا ىەنھەزرىتىمنىڭ ھىجرەت سەپەرلىرىنىڭ يوللىرى تۈز، دۆلەتلىرى يەنىمۇ زىيادە بولغىدەك.
- بىرى بۇرزۇكنىڭ سۆزلىرىگە ماشاىاللا، دىگەنلىرى كەلسۇن. -ھىجرەت داۋامىدا تەنلىرىنى ىاسرىغايلا ىالىلىرى، ىۆزلىرىنىڭ ساقلىقى ىەل رەىىسىيەتنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتى، سۇلۇكىمىزنىڭ بەختى.
- ىېيتىقانلىرى كەلسۇن. پىرى بۇرزۈك...
-ىامىن....، - خۇجا ىابدۇللا ىىشان بىردىنلا دۇىاغا قول كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ىوردا ىالدىدىكى كەڭرى سەينادا ىۇنىڭغا ىەگىشىپ تەڭلا ۋاقىرغان سادا بىردىنلا گۈرۈلدىدى. بۇنى كۆرۈپ ىابدۇللاخانمۇ دۇىاغا قول كۈتۈردى- دە، كۆڭلى نىمىشقىدۇر يىرىم بولغاندەك، ىىشانغا مۇڭلىنىپ قارىدى.
-پىقىرنىڭ سەپەردە رىيازەت چەكمەسلىكى ىۈچۈن ىالدىمنى توسۇپ ىاۋامنىڭ بەختى-ساىىتى ىۈچۈن ھىجرەت يۇلىغا مېڭىش ىالدىدا تۇرىۋاتىدىلا، ىەنھەزرىتىم. مۇشۇنداق ياخشى كۈن، ياخشى ساىەتتە ىاتلانغايلا، قېنى مەپىگە چىقسىلا... ،-ىىشان خاننى مەپىگە چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. ىابدۇللاخانمۇ تارتىشمايلا مەپىگە چىقتى-دە، ىۆزىگە يېقىنلا يەردە تۇرغان پەرمانچى بەگگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بۇنى كۆرگەن پەرمانچى بەگ يۇقىرى ىاۋازدا توۋلىدى.
- خاندىن يارلىق، سەپەر باشلانغاي !... . .
بۇ گەپ بىلەن ىاۋال تۇغ-ىەلەملەرنى كۆتۈرگەن 15- 20 لەشكەر، ىۇنىڭ كەينىدىن تۇلۇق قۇراللانغان ىاتلىق لەشكەرلەر، ىاندىن خاننىڭ مەپىسى يولغا چىقتى. ىارقىسىدىن پىيادىلىك لەشكەرلەر ىاتلاندى. خاننى ىۇزىتىش ىۈچۈن چىققان ىوردا ىەمىرلىرىمۇ، خۇجا ىابدۇللا ىىشانمۇ يەنە بىرمەرتەم دۇىاغا قول كۆتۈردى.
كېرىيەگە ىاتلانغان كارۋان پىشىمدىن كىيىن بىپايان سايلىققا كىرىپ كەلدى. ىەتراپ تۇنۇردەك ىىسسىپ كەتكەن ىىدى. تۇغچى لەشكەرلەرمۇ، ىاتلىق سەرۋازمۇ، ياياق قوغدىغۇچىلارمۇ ىىسسىق تەسىرىدىن خېلىلا بۇشۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ، ىىرىنچەكلىك بىلەن ماڭماقتا ىىدى. مەپىنىڭ سىرتىنى كۆرۈش ىۈچۈن ياسالغان كۆزنەكنىڭ يىپەك پەردىسىنى قايرىۋېتىپ، ىەتراپقا قاراپ ىولتۇرغان ىابدۇللاخان چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ىىدى. ىۇ ھەرقانچە ىويلىماي دىسىمۇ، ھامان ىۇنىڭ كۆز ىالدىغا قەشقەردىن كەلگەن خەت كىلىۋاتاتتى. ھىندىقۇش مىرزا دىگەندەك يولۋاسخاننى ۋەسۋىسىگە سالغان، كۈشكىرىتۋاتقان، ىاستىرىتتىن ھەممە ىىشنى پىلانلاپ، ىۆزىنىڭ مەخسەت مۇدداسىنى جاراستانغا چىقىرىش ىۈچۈن، ھىيلە-مىكىر تۈگمىنىگە ىۈگۈت قۇيىۋاتقان ىادەم غۇجا ھىداياتۇللا ىىشان بۇلۇپ، قەشقەرنىڭ ناىىپ خانى شاھزادە يولۋاسخان ىۇنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى كۇزۇر ىۇرۇقىقا ىايلىنىپ قالغان ىىدى. ىەسلى ھىدايىتۇللا ىىشان بىلەن مەختۇمزادە خۇجا ىابدۇللا ىىشانىنىڭ ىولۇغ بوۋىسى بىر ىىدى. ىەمما كىيىنكى ۋاقىتلاردا بىر تۇققانلار ىارىسىدىكى نىزا، ىاداۋەت ۋە سۈلۈك پىرلىقىنى تالىشىش كۆرۈش سەۋەپلىك خۇجامۇھەممەت يۈسۈپ ۋەكىللىكىدىكى ىشقىيە سۈلۈگى ىابدۇللاخۇجا ىشاننىڭ دادىسى خوجا شادى باشچىلىقىدىكى ىىھساقىيە سۈلۈكلىرىگە يۈلۈنۈپ، « ىاق تاغلىق »،« قارا تاغلىق » بۇلۇشۇپ يۈرۈشەتتى. ىۇنىڭ ىۈستىگە ىابدۇللاخان سۈلۈگى ىىسھا قىيەگە قول بىرىپ، مۇرىد بولغان ھەم خۇجا شادىنى دۆلەت ىۇستازى دەپ جاكارلىغان بولغاچقا، تۇرغان-پۈتۈكىنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇشۇپ كەتكەن خۇجا ھىدايتۇللا ىىشانغا بۇ ىىش تولىمۇ ىېغىر كەلگەن ىىدى. شۇڭا ىۇ يارا ىېغىزىنى شاھزادە يولۋاسخان ىارقىلىق، ىېغىز ىالدۇرۇپ. ىاتا-بالا ىوتۇرىسىدىكى نىزا خۇسۇمەتتىن پايدىلىنىپ، سۈلۈكى ىىشقىيەنى كۈچەيتىش ىارقىلىق ىاتىسى مۇھەممەت يۈسۈپ خۇجا باشلاپ بەرگەن سۈلۈك يۇلىنى راۋاج تاپقۇزۇش، كىيىنكى كۈنلەردە سەىىدىيە ھاكىمىيىتى ىارقىلىق سۈلۈكنى پۈتكۈل خانلىققا كېڭەيتىش، ھەتتە ىوردىدا كاتتا مەنسەپ ىەمەللەرگە ىىگە بۇلۇش مەقسىتىدە نادان، مەمەددان، كىچىكىدىن ىاتا تەربىيىسىدىن ىايرىلىپ، ىەيشى-ىىشىرەت، كەيپى ساپا پاتقىقىغا پىتىپ قالغان شاھزادە يولۋاسخان ىارقىلىق شىرىن چۈشۈنى جاراستانغا چاقىرىش نىيىتىدە ىىدى. شۇڭا ىاق يەردىمۇ تۈگمەن چۆرگىلىتىشكە كۈنۈپ قالغان ھىدايىتۇللا ىىشان يولۋاسخاننىڭ كەم ىەقىللىقىدىن پايدىلىنىپ، ىۇنى دادىسى بەر قارار بۇلىۋاتقان تەخىتكە قىزىقتۇرۇش ىارقىىلىق ۋەسۋىسە دەرياسىغا قولۋاقسىز باشلاپ قويغان ىىدى. شۇڭا ىاللىقاچان ۋەلىەھدى دەپ جاكارلانغان شاھزادىگە كۈنلەر مەنىسىز تويۇلۇپ، مەيلى قاچانلا بولمىسۇن، ىۆزىگە نىسىپ بۇلىدىغان ىاشۇ سىھىرلىك ىورونغا كۆز قىزارتىش دەرىجىسىگە بىرىپ يەتكەن ىىدى. ىەمما پاختىنى چوغ ىۈستىدە ساقلىغىلى بولمىغاندەك، بۇ ىىشلار نايىپ خان شاھزادە يولۋاسخاننىڭ يىنىدىكى پىنھان كىشىلەر تەرىپىدىن سولتان ىابدۇللاخانغا ۋاقتى- ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇرىلىۋاتقاچقا، خىلۋەت خانىلەردىكى پىچىرلىشلار، قولاق يىقىپ سۆزلىشىشلىرىمۇ ىاللىقاچان ىاشكارا مەخپىيەتلىىككە ىايلىنىپ، خانلىقنىڭ يەركەندىكى ىوردىدىكى جىمى ىەمىرلەر بىلىدىغان، ىەمما ىېغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالماي ىىشقا ىايلىنىپ قالغان ىىدى.
ىابدۇللاخان گىيا ىۈنمەيدىغان تاقىر سايغا قاراپ، ىۇھسىنىپ قويدى. يولغا چىققاندىن بىرى ىاللىقاچان خىياللار ىۇنى چىرماپ، قەلىب يارىسىنى قانىتىپ قۇيغان ىىدى. شۇڭا بىرەر ىىش بىلەن ىۆزىنى مەلىكە قىلىپ، ىايىغى چىقماس خىياللاردىن نىرى بۇلۇشنى ىويلاپ قالدى-دە، مەپەكۆز نىگىنىڭ يىنىدىلا ىاتلىق كىتىۋاتقان نەۋكەرگە قاراپ، بىردىنلا كۆڭلى يۈرۈپ كەتتى-دە، مەپە كۆز تىگىدىن بىشىنى چىقىرىپ، بۆرە يۈرىشىدە بىر خىل رىتىمدا يورغىلاپ كىتىۋاتقان قۇلۇن ىارغىماقنىڭ ىۈستىدە تىزگىننى چىڭ تارتىپ ىولتۇرغىنىچە مۈڭدەپ ىولتۇرغان پەرمانچى بەگكە پەرمان بەردى.
- ماڭا ىات كەلتۈرۈڭلار، مەپە توختىغاي.
بۇ گەپ بىلەن ىۈچ ىات قۇشۇلغان مەپە توختىدى، ىابدۇللا خان مەپىدىن چۈشۈپ، پۇت – قوللىرىنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغاندەك كېرىلىپ قويدى. شۇنىڭغىچە پەرمانچى بەگ ىەتىگەندىن بىرى مەخسۇس نەۋكەر پىتىلەپ كەلگەن تىرناقچىلىق ىالىسى يوق، ىاپپاق تۇلپارنى ىەكەلدى. خان كارۋان بىشىغا يۈرۈشنى تىزلىشىپ، قۇنالغۇغا بالدۇرراق يىتىپ بىرىشنى جىكىلىدى-دە، بىر نەچەيلەننى ىۆزى بىلەن مىڭىشنى بۇيرۇپ، ىاتقا قىران يىگىتلەردەك سەكرەپلا مىنىپ، قامچا سالدى.
-چۇھ جانىۋار، چۇھ...
7
كۈن غەرپكە قىيشغاندا، ىابدۇللا خاننى قارشى ىېلىشقا چىققا نلارنىڭ قارىسى كۆرۈندى.
-ىەنە ىەبەيدۇللا سۇلتان، مىرزا باباقبەگ ىەمىر، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەر ىالدىلىرىغا ىىستىقبالغا چىقىپتۇ، - دىدى خۇتەندىن يولغا چىققاندىن بىرى ىابدۇللا خانغا ھەمراھ بۇلۇپ يول باشلاپ كىتىۋاتقان ىەبەيدۇللا سۇلتاننىڭ ىۇستازى بىردىنلا روھلىنىپ، ىالدىمىزدىكى ىۆتەڭ سۇلتان ىابدۇرىشت خان ىۆزىنىڭ ىالتىنچى ىوغلى ىەبۇ سەىىدى مىرزىغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەن زىمىن-لايسۇ ىۆتىڭى... ىابدۇللاخان ىالدى تەرەپكە قارىدى. دىگەندەك كۆز يىتىم يەردە ىىستىقبالغا چىققانلار رەت تەرتىۋى بۇيىچە ىۇرىشاتتى خان ىولارغا يىقىنلىشىپ ىاتتىن چۈشتى. بۇنى كۆرۈپ ىۇنى كۈتىۋېلىشقا چىققانلار تەرەپتىن كۈچلۈك غوغا كۈتۈرۈلدى،
- ىامان... ىامان.... ىامان... ىەنھەزرىتىم قاقانۇ خاقان، سۇلتان ىابدۇللا خان ىالىلىرىنىڭ تېنى ىامان دۆلىتى زىيادە بولغاي...
خان ىەمىرلەر ۋە لەشكەرلەرنىڭ ھۇگا-سۈرەنلىرى ىاڭلاپ، خوش تەبەسسۇم بىلەن ىۇلارغا ىھتىرام بىلدۈرگەچ، سالماق قەدەملەر بىلەن دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ىوخشايدىغان، تېخى ىەمدىلا ىون تۆت ياشنىڭ قارىسىنى ىالغانلىقىغا قارىماي ىادەمگە قاۋۇل، بۇي تارتىقاندەك كۆرۈنىدىغان نەۋرىسى ىەبەيدۇللا سۇلتاننى كۆرۈپ، ىۇنىڭ بالىلىق چىغىدىكى شوخ، ىوماق، ىادەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان گەپ- سۆز، ھەرىكەتلىرى بىردىنلا يادىغا يەتتى- دە، ىامراقلىقى كەلگەندەك ىۇنى باغرىغا باسماقچى بولدىيۇ، ىەمما ىۇنىڭ ھازىرنىڭ ىۆزىدە نەۋرىسى ىەمەس، بىر يۇرتىنىڭ تۈۋرىكى-ناىىپ خان ىىكەنلىكىنى دەررۇ ىىسىگە ىېلىپ ۋولقاندەك پارتىلاپ چىققان ھېسياتىنى ىاران تەسلىكتە بىسىۋالدى. بىشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ىەقىل-ىىدىراككا ىىگە ىەبەيدۇللاسۇلتان بۇۋىسىنىڭ خىياللىرىنى بىلىۋالغاندەك مەنىلىك نەزىردە تىكىلدى-دە، بىردىنلا ىوردا يۈسۈنى بويىچە سالام قىلدى.
-سەىىدىيە خانلىقنىڭ پاسىبانى، ىادالەتپاناھ شاھ ىابدۇللا خان ىالىلىرى ىامان بولغاي...
ىابدۇللا خان نەۋرىسىگە مەسلىگى كەلگەندەك، بىشىنى مۇلايىملىق بىلەن لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن، مىرزا باباقبەگ، خۇدابەردى ھاكىمبەگلەر تەرەپكە يۇزلىنىپ، ىۇلارنىڭ سالاملىرىنى ىىلىك ىېلىپ، تىگىشلىك ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كىيىن، تېخى ھېلىغىچە ھۇگا-سۈرەن سىلىپ تۇرغان لەشكەرلەرگە ىوڭ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، بىشىنى يىنىك ىىگىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
-ھارمىغايلا جانابى شاھىم، - دىدى مىرزا باباقبەگ بىردىنلا توپ ىارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ىابدۇللاخانغا يېقىنلىشىپ،- يول ىۇزۇن، مۇشاقەتلىك. ىۆزلىرىگە بىرەر مالاللىق يەتمىگەندۇ. ؟
- يۇقسۇ، سەپەر ھەر ھالدا كۆڭۈللۈك ىۆتتى. ھەر قايسىلىرىنى كۆرۈشكە، دىدارلىشىشقا ىالدىراپ، كىچە-كۈندۈزلەپ يول يۈردۇق.
-ىەنھەزىرىتىمنى بىۋاقىت چاغدا مالال قىلىپ، مەكتۇپ يېزىپتىمەن،- مىرزا باباقبەگ خاندىن كەچۈرۈم سورىغاندەك بىشىنى ىەگدى، - ىەسلى مۇددىىا بۇيىچە ياۋ بىلەن بىرەر قەپەز ىېلىشىپ، ىۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، ىاندىن...
-زىنھار ىۇنداق ىويلىمىغايلا، ىەسلى ىۆزۈمنىڭمۇ بۇ تەرەپلەرگە سەپەر قىلىش خىياللىرىم بار ىىدى، ۋاقتى-ساىىتى كىلىپ قالغان ىوخشايدۇ، مەكتۈپلىرىنى ىېلىپلا يولغا چىقتىم.
- قېنى ىۆزلىرىنىڭ چىدىرلىرىغا مەرھەمەت قىلغايلا، - مىرزا باباقبەگ يىراقتىن ىوغ ىەمىرلەرنىڭ لەپىلدەپ تۇرغانلىقىنى روشەن كۆرگىلى بۇلىدىغان كىچىككىنە بىر تۆپىلىكنى ىىشارە قىلدى ، - بىر دەم ىارام ىېلىۋالغايلا.
خان ىەتراپىدىكى ىەمىرلەرگە خوش تەبەسسۇم قىلغاندىن كىيىن مىرزا باباقبەگ، ىەبەيدۇللا سۇلتان، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەرنىڭ ھەمرالىقىدا ىودۇل خان ىۈچۈن ىالاھىدە تەييارلانغان شاھانە چىدىرغا قاراپ ماڭدى-دە، ىۇلار باشقا چىدىرلاردىن ىالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان، ىەتراپىغا ھەرخىل رەڭلەردىكى تۇغ ىەلەملەر قادالغان چىدىرنىڭ ىالدىغا كىلىپ توختاشتى.
-مەرھەمەت قىلسىلا، ىەنھەرزىتىم. -دىدى ىەبەيدۇللا سۇلتان چاققانلىق بىلەن چىدىرنىڭ ىىشىكى ىورنىدا بىكىتىلگەن كىگىزنىڭ بىر بۈرجىكىنى قايرىپ،- ىالدىراشلىقتا ياخشىراق تەييارلىق قىلالمىدۇ، ىەيىپكە بۇيرىمىغايلا……
خان نەۋكەرلىرىگە قاراپ، كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن، تىگىگە رەڭدار گۈللىرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان، ىوتقاچتەك گىلەم ىۈستىگە سىلىنغان كۆرپىگە كىلىپ ىولتۇردى-دە، دۇىاغا قول كۆتۈردى.
-ىامىن... بۇنى كۆرۈپ خانغا سۇڭدىشىپلا چىدىر ىىچىگە كىرگەنلەرمۇ دۇىاغا قول كۈتۈرۈشتى. دۇىادىن كىيىن ىابدۇللاخان ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ چىققاندىن، يەنە قايتىدىن تىچلىق -ىامانلىق سۇراشتى، شۇ ىەسنادا بىردەمدىلا خاننىڭ ىالدىغا داستۇرخان سېلىندى-دە، پۈتۈن پۇشۇرۇلغان ىوغلاق كاۋىپى، قازان شۇرپىسى، دۆڭ ىۈستىگە قالانغان ىوتقا كۈمۈلگەن سوختا كۈمەچ ۋە قوغۇن-تاۋۇز. ىالما، نەشپۈتلەر تىزىۋېتىلدى.
-قىنى ىالسىلا ىەنھەزرىتىم، « يول ىازاۋى-گۆر ىاۋازى »دەپتىكەن، لايسۇلۇقلار بىر ىۆمۈر ىېچىپ، بىر ىەسىردىن كۆپرەك ىۆمۈر كۆرىدىغان ىەركەك سۇدا قاينىغان چايدىن تېشىپ كۆرگەيلا، - دىدى مىرزا باباقبەگ خانغا چاينى ىۆز قۇلى بىلەن قۇيۇپ،- بۇ يەردىكى ىادەملەرنىڭ ىوننىڭ توققۇزى يۈز ياشتىن ىېشىپ كۆرىدىگەن. يەرلىك رەىىيەتتىن سۇرىسام، «بۇ بىزنىڭ مۇشۇ سۈيىمىزنىڭ خاسىيىتى ىەلمىساقتىن بۇيان ىاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ سۇنى ىىچىپ كەپتىكەن، بىزمۇ ىېچىۋاتىمىز، خاسىيەتلىك سۇ بۇ! » دىيىشتى.
-ىۇنداقتا مۇكاسۈيى ىىكەندە ؟، «بۇرۇن ؛مۇكا سۈيى ىىچكەن ىادەمنىڭ ىۆمرى ىوزۇن بۇلىدۇ» دەپ ىاڭلىۋىدىم،
-ىەلھەق شۇنداقكەن ىالىلىرى، كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە لايسۇ ىېقىننىڭ بىشىدا كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق بارمىش، بۇ سۇ ىاشۇ توغراقلارنىڭ يىلتىزىدىن سىزىپ چىققان سۇلارنىڭ جوغلىنىشىدىن ھاسىل بۇلارمىش.
-ىىسمىغا قارىسىغۇ، ىېرىقتا ىاقىدىغىنى سۇ ىەمەس، لاي ىىكەن بولمىسىلا ؟. - دىدى خان ىاللىقانداق بىر خىل قىزىقىش بىلەن.
-ھۆددەس ىۇنداق ىەمەس ىىكەن، يۇرتنىڭ ىىسمى لايسۇ بولغىنى بىلەن ىېرىقتا ىاقىدىغىنى بولاق سۇلىرىدەك تاتلىق، سۈزۈك سۇ ىىكەن.
دەل شۇ چاغدا چىدىر ىالدىدا ھۈدەيچى بەگنىڭ ىاۋازى ىاڭلاندى.
- قەشقەرنىڭ ناىىپ ىەمىرى شاھزادە يولۋاسخان جاناپلىرى كەلدى.
ىابدۇللا خان بۇنى ىاڭلاپ ھەيران بولدى. ىۇ يەركەندىن يولغا چىققان كۈننىڭ ھارپىسى قەشقەرگە چاپارمەن ماڭدۇرغان ىىدى. ىۆزىمۇ بۇ ياقتىكى ىىشلاردىن تازا خاتىرجەم بۇلالماي، يولنى ىاۋۇتۇش ىۈچۈن خېلىلا تىز ماڭغان بولسىمۇ، بىراق شاھزادىنىڭ بۇنچە تىز يىتىپ كىلىشىنى ىەسلا ىويلاپ باقمىغان ىىدى. شۇڭا ھەيرانلىقتا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ىەمما باشقىلارنىڭ خىيالىنى سىزىپ قېلىشىدىن ىەنسىرگەندەك چىرايىغا تىزلا كۈلكە يۈگۈرتتى. باشقىلار دەررۇ ىورنىدىن تۇرۇشۇپ، چىدىر سىرتىغا چىقىشقا تەمشەلدى. بىراق شۇنىڭغىچىلىك يولۋاسخان چىدىر ىىچىگە كىرىپ، تۆردە ىولتۇرغان ىابدۇللاخانغا ىوردا يۈسۈنى بۇيىچە سالام بىجا كەلتۈردى.خانمۇ ىۇنىڭ سالىمىغا تىگىشلىك سالام قايتۇرغاندىن كىيىن ىوڭ تەرىپىنى كۆرسەتتى.
-قېنى بۇياققا،شاھزادەم...
يولۋاسخان قىلچە تۈزۈت قىلىپ ىولتۇرمايلا، ىابدۇللاخان كۆرسەتكەن ىورۇنغا كىلىپ ىولتۇردى بۇنى كۆرگەن خان «ىاز-تۇلا بولسىمۇ، ھۆرمەت دىگەننى بىلسەڭچۇ !، ھېچبۇلمىسا تۈزۈت قىلىشنىمۇ بىلمىگەن »دىگەنلەرنى خىيالىدىن ىۆتكۈزۈپ. تېخىغىچە ىۆزىنىڭ ىودۇلىدا قول باغلاپ تورغان ىەبەيدۇللا سۇلتانغىمۇ سۇل تەرىپىدىن ىۇرۇن كۆرسەتكەندىن كىيىن سورىدى. –
-ناھايىتى تىز يىتىپ كەپسىز شاھزادەم ؟
-خاننىڭ ىەمىرىنى كىچىكتۈرۈشكە نىمە ھەددىم؟، ىۇنىڭ ىۈستىگە پەۋقۇلىاددە مەزگىلدىكى لەشكىرى جاساقنىڭ قاتتىق بۇلىدىغانلىقى ىۆزلىرىگە ىاييانغۇ پەدەرى بۇزرۇك. -دىدى يولۋاسخان مىرزا باباقبەگ سۇنغان چاينى ىېلىۋېتىپ -، ىوغۇللىرىغا خانلىق يارلىقىنى ىېلىپ بارغان پەرمەنچىبەگ ىۆزلىرىنىڭمۇ يولغا چىققانلىقلىرىنى ىېيتتى. شۇڭا يارلىقنى تاپشۇرۇلغان كۈنىلا يۇلغا چىقتىم.
ىابدۇللاخان ىوغلىغا كۆزىنىڭ قويرىقىدا قاراپ ، بېشىنى لىڭشىتىپ قويدىيۇ، يەنە نىمىدىندۇر تەشۋىشلەنگەندەك سۇرىدى.
-ىۇ تەرەپتىكى ىىشلەر قانداقراق نايىپ خان؟،
يولۋاسخان ىالاھىدە ىۇرغۇ بىلەن ىېيتىلغان «نايىپ خان » دىگەن سۆزنى ىاڭلاپ نىمىشقىدۇر دادىسىغا ناھايىتى تىزلىكتە قارىدىيۇ، ىەمما زادى قايسى ىىشنى سۇرىدىغانلىقىنى دەررۇ ىىسىگە ىالالمىدى،
-قايسى ىىشنى دەيلىكىن ىەنھەزىرىتىم ؟- سۇرىدى ىو پەس ىاۋازدا .
-خانلىقنىڭ، ىەل رەىىيەتنىڭ ىىشلىرى ...
-نۇرمال، ىاۋال ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ شاپاىىتى. ىۇندىن قالسا، ىۆزلىرىنىڭ سەلتەنەتىمىزنىڭ سايىسى ۋە ھىمايىسدە ھەممە ىىشلار نۇرمال.
گەپنىڭ بارغانسىرى شاخلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ىۈلگۈرگەن مىرزا باباقبەگ ىالدىراپ ىېغىز ىاچتى.
-قىنى،« ىاۋال تاىام ىاندىن كالام» دەپتىكەن غىزاغا ىېغىز تىگەيلى. ىابدۇللاخان ىالدىدىكى كىسىپ، پارچىلاپ قۇيۇلغان كۈمەچكە قۇل سۇزدى. بۇنى كۆرۈپ يولۋاسخانمۇ، ىەبەيدۇللا سۇلتانمۇ غىزالىنىشقا باشلىدى.
-داستۇرخان يىغىلىپ،دۇىا قىلىنغاندىن كىيىن. سەپەر جەريانىدا خېلىلا ىوبدانلا چارچىغان ىابدۇللاخان كۆرپە ىۈستىدىكى مامۇق ياستۇققا يۈلەندى. شۇ تاپتا ىۇنىڭ سۇزۇلۇپ يىتىپ، ىارام ىالغۇسى بۇلسمۇ ، ىەمما باياتىن بىرى سۇراشقا ىىمكان بولمىغان گەپلەر يادىغا يىتىش بىلەنلا، سەل ىۆرە بولدى-، دە مىرزا باباقبەگكە قارىدى.
- ياۋنىڭ ىەھۋالى قانداق جاناپلىرى ؟ ىول مەلىۇنلار ھازىرمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتامدۇ ؟
- مەن لايسۇ ىۆتىڭىگە كەلگەندىن بۇيان ياۋ بىلەن رەسمىي ىۈتۈشۈپ باقمىدۇق. ىۇلار ىاشكارا ھەركەت قىلمايۋاتىدۇ. بەزىدە يېزا- قىشاقلارغا ھۇجۇم قىلىدىيۇ، ىەمما يەنە تىزلا غايىپ بۇلىدۇ. قارىغاندا ىۇلارنىڭ بىز بىلەن رەسمى ھالدا ىورۇش قىلىش مۇددىىاسى يۇق ىوخشايدۇ.
- ىۇنداقتا بۇ يەرگە نىمە سەۋەپتىن باسقىىن قىلىپ كەلگەندۇ. ىۇلار ؟،- سورىدى خان ھەيران بۇلۇپ، -شۇنچە مۇساپىنى بىسىپ كەپتۇيۇ، ىەمما ىۆزىنى كۆرسەتمىگىنى قىزىق...
- بىزمۇ شۇنىڭغا ھەيران ىەنھەزىتىتىم، ىەبەيدۇللا سۇلتان ، خۇدابەردى ھاكىمبەگلەر بىلەن نەچچە مەرتەم «يىلاننى ىوۋىسىدىن چىقىرىش» ىۈچۈن ھەركەت قىلدىقيۇ، ىەمما قۇۋ تۈلكىنى بۇرنىدىن ىىلىندۈرەلمىدى. يالاڭ بىز لەشكەر تارتقان ۋاقىتتا،ياۋ قىشلىق تۈنەككە كىرگەن كىرپىكدەك ىۆگىلىۋالدى. بىز ىۇلارنى تاپالماي لەشكەر گاھقا قايتىپ كەلگەندە ،بىز ماڭدۇرغان ىاياغاقچىلار ىۇلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىق خەۋىرى ىېلىپ كىلىدۇ. . شۇڭا نەچچە كۈندىن بۇيان بىزمۇ جىم بۇلىۋېلىپ، كۆپلەپ ىاياغاقچى ماڭدۇرۇپ « تىل »تۈتۇپ كىلىشكە بۇيرۇدۇق ىۆزلىرىنىڭ بۇ دىيارغا ىاياقلىرى ياراشقان ىوخشايدۇ، بايام ىۆزلىرىنىڭ قاراقىردىن ىۆتكەنلىك تۇغرىسىدىكى خەۋەر يىتىپ كەلگەندە، بىز ماڭدۇرغان ىايغاقچىلار مۇ قايتىپ كەلگەن. ىۇلار ىىككى قالماقنى تۇتۇپ كەپتۇ ،ىستىقبالغا چىقىشقا ىالدىراپ، تېخى ىۇلارنى سۇراق قىلىپ ىەھۋال ىىگىلەشكە ىۈلگىرەلمىگەن ىىدۇق.
-ھازىر قەيەردە ىۇلار؟ -سۇرىدى ىابدۇللاخان مىرزا باباقبەگنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ، سەل ىۆرە بۇلۇپ
-سىرىتتا نەچچە ىون لەشكەرنىڭ قورشاۋىدا تۇرىۋاتىدۇ. ىەنھەزىرىتىم
-قىنى، ىۇلارنى بۇ يەرگە كەلتۈرىسىلە، ياۋنىڭ ىەھۋالىنى ىىگىلەپ باقايلى، دىدى خان ىالدىراپ. ىولار ىېغىز ىىچىپلا قالسا، ياغىنىڭ ىەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەردار بۇلالايمىز.
مىرزا باباقبەگ ىورنىدىن تۇردى-دە ىىشىك تۈۋىدىكى نەۋكەرلەرگە بايام تۇتۇۋالغان ىىككەيلەننى بار گاھى ىالىيىغا ىېلىپ كىرىشنى بۇيرىدى. ھايالشىمايلا چەمبەرچاس باغلانغا ىىككى قالماق قۇراللانغان لەشكەرلەرنىڭ مۇھاسىرىدە چىدىر ىىچىگىە كىرىپ كەلدى. خان بىشىغا كىچىك بالىلاردەك كۇكۇلا چاچ قۇيۇلۋالغان-غۇلۇسقىنە كەلگەن ، غەلىتە كىيىنگەن ىىككى توتقۇنغا باشتىن-ىاياغ ىالدىرماي قاراپ، چىققاندىن كىيىن سۇرىدى.
-ىىسمىڭلار نىمە ؟ قەيەردىن كەلدىڭلار ؟
ىىككى تۇتقۇن چىدىر ىىچىدىكىلەرگە مۇنداقلا قاراپ قويغاندىن كىيىن ، ىۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگەندەك بىغەم ھالەتتە تۇردى.
-ىىھتىمال بۇلار خان ىالىلىرىنىڭ گىپىنى چۈشەنمىدى،- دىدى يولۋاسخان ىۇلارنىڭ ىۇزايىغا قاراپ -بۇ خەخنىڭ تىلنى بىلىدىغان تىلماچ بولسا ىوبدان بۇلاتتىكەن.
ىادالەتپاناھ شاھىمىز سۇلتان ىابدۇللاخان ىالىلىرى سەنلەردىن گەپ سوراۋاتىدۇ، - دىدى مىراز باباقبەگ تۇتقۇنلارغا مىقتەك تىكىلىپ- ىەنھەزرىتىمنىڭ گىپىگە جاۋاپ بىرىش، بولمىسا كاللاڭنى ھازىرلا ىالىمەن.
بۇ گەپ بىلەن ىۇلارنىڭ چىرايى بىردىنلا ىاقاردى، بۇنى كۈرۈپ مىراز باباقبەگ يەنە گەپ قىلدى.
بۇلار بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى بىلمەي قالمايدۇ . ىۇ ياقلاردىمۇ بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى بىلىدىغانلار ۋە بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆزلىشىدىغانلارمۇ كۆپ تۇرسا... گەپ قىلماي تۇرىۋالساق بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ چۆچرىنى خام ساناشما. سەنلەردەك ىۇستاتلىق قىلغانلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. ىىززىتىڭنى قىلغاندا، يەنە زۇۋان سۈرۈشمىسەڭ، ىاچچىغىم كىلىپ قالسا، مۇشۇ يەردىلا قوينى بۇغۇزلىغاندەك بۇغۇزلاپ تاشلايمەن، - مىراز باباقبەگ راستىنلا دىگىنىنى ىەمەلگە ىاشۇرمىسا كۆڭلى ىەمىن تاپمايدىغاندەك بىلىدىكى تاسمىغا ىۆتكۈزۋالغان، تىزىدا پۇلاڭلاپ تۇرىدىغان كۈن غىلاپتىن كالتە ساپلىق قىلىچنى سۇغاردى. تۇتقۇنلار ىۇنىڭ سۆزىنى راست دەپ ىويلاپ قالدىمۇ قانداق چىرايى بايامقىدىنمۇ بەتەر بۇلۇپ كەتتى.
مەن دەي، مەن دەي ،. . - كۆزى يۇغانراق، پىشانىسىنىڭ ىوڭ تەرىپىدە تىرناقتەك چوڭلۇقتىكى تاتۇغى كۆزگە رۇشەن تاشلىنىپ تۇرىدىغان تۇتقۇن تىترەڭگۈ ىاۋازدا چېلىپراق سۆزلىدى. - قېنى سوراڭلار، نېمىنى سورىساڭلار، مەن ھەممىگە جاۋاپ بېرەي.
تۇتقۇنلارنىڭ ىېغىز ىاچقىنىنى كۆرۈپ، مىرزا باباقبەگنىڭ چىرايىدا سۇس كۈلكە پارلىدى. بۇنى كۆرۈپ، ىابدۇللا خانمۇ «يارايسىز ىەمىر جاناپلىرى، بۇلارنى ناھايىتى تېزلا ىەيۋەشكە كەلتۈردىڭىز، بۇ ھۈنىرىڭىز كارغا كېلىپ قالدى جۇمۇ... » دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن بايىقى سۆزنى يەنە تەكرارلىدى.
- بىز جۇڭغار قالماقلىرىدىن، باتۇر قونتاجىنىڭ ىوغلى سىڭگىنىڭ لەشكەرلىرى.
-ىۇنداقتا سىلەر غالدامەنىڭ جەمەتىدىن ىەمەسما؟، -سورىدى خان كۆڭلىدىكى تۈگۈنچىنى يۇشۇرالماي.
-ىۇنداقتا سىلەر غالدا مەنىڭ جەمەتىدىن ىەمەسما ؟
ماڭا سۇ بەرسەڭلار، بەك ىۇسساپ كەتتىىم. ، -دىدى ھېلىقى سۆزلىگەن تۇتقۇن، -مەن ىۈلىدىغان ىىش بولسىمۇ سۇ ىىچىۋېلىپ سۆزلىسەم
-مانا ساڭا سۇ... ،-مىرزا باباقبەگ قولىدىكى قىلىچنى تۇتقۇننىڭ بۇينىغا تەڭلىدى، -ىەنھىەزرىتىم گەپ قىلىۋاتسا، شەرت قويغىنىڭنى قارا. -بولدى، مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى، چېچىلمىسىلا، -ىابدۇللاخان ىۇنىڭغا قاراپ قۇلىنى لىڭشىتتى. -قايسىڭلار بار، سۇ ىەكىرىڭلار؟
( داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)
(ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
iltarix
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4032
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-13
ھالىتى: توردا يوق
4- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-14 02:04
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(4)
(پوۋسىت)
مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
شۇىان بىر لەرشكەر بىر يۇغان بىر ھىجىردا لىققىدە سۇ كۈتۈرۈپ كىردى- دە، ھىجىرنى پۇت- قۇللىرىنى باغلانغان چىرىكنىڭ لىۋىگە تەككۈزدى، چىرىك سۇنى ىالدىرماي ىىچىپ تۈگەتكەندىن كىيىن، چوڭ بىر ىىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، بارلىق غەم-غۇسسلاردىن ىازات بولغاندەك، يىنىك تىن ىالغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى.
-جاناپلىرى سۇرىغان غالدامە بىز بىلەن بىر قۇۋمىدىن ىەمەس. قەبىلىمىزدىكى قۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ دىيىشچە بىز ىويرات مۇڭغۇلىرىدىن بۇلۈپ ،چاغاتاي خانلىقىدىكى تۇغلۇق تۈمۈرخان ىىلبالىقتا پۈتكۈل موڭغۇل ىۇلۇستى ىىسلام دىنغا ىىتىقات قىلىدۇرغاندىن كىيىن، چاغاتايخان ىەۋلاتلىرى ھامىيلىقتىكى موڭغۇل خەلقى ىىسلام دىننى قوبۇل قىلدى، بىراق ىالتاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي، قومۇل، تۇرپان ىەتراپىدا قالغان ىويرات موڭغۇلىرى ىۆز ىىتىقاتىدا قالدى. شۇڭا بىزنى ىۆز ىىتىقاتىدا قالغانلار دىگەن مەنىدە «قالماق» دەپ ىاتىشىدۇ. بىزنىڭ ىەجدادىمىز كىيىن، تەڭرى تېغنىڭ شىمالىغا زور كۈلەملىك كۈچۈپ كەلگەنلەر بۇلۇپ، كىيىن جوڭغار نامى بىلەن باغلانغان ىىكەنمىز. مەن تۇغۇلغان يىللاردا قەبىلە باشلىقى قارا قۇللا ىۈلۈپ كىتىپ، ىۇنىڭ ىۇرنىغا ىوغلى قۇنتەيچى تەخىتكە چىقتى. بۇنىڭدىن ىىككى يىل ىىلگىرى ىۇمۇ قازا قىلىپ كىتىپ، باتۇر فۇنتەيچىنىڭ بەشىجى ىوغلى سىڭگى دادىىنىڭ ىورنىنى ىىگەللىدى. سىڭگىنىڭ غالدان ىىسىملىك بىر ىىنىسى بار. ىەمما ىۇ سىلى دىگەن غالدامە ىەمەس.
-ىۇنداقتا غالدامە راستىنلا سىلەر بىلەن بىر ىەمەسما؟
-شۇنداق ىالىلىرى، غالدامە خۇشۇت قەبىلىنىڭ باشلىغى...
-ىۇنداقتا سىلەر بۇ تەرەپكە نىمە مەخسەتتە كەلدىڭلار؟
-بىز بۇ تەرەپكە يولغا چىقىشتىن خېلى بۇرۇن غالدامەنىڭ ىاقسۇ، قەشقەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، جەڭدە ىېغىر تالاپەت تارتىپ، ىاخىرى سۇلھى قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، سىڭگىنىڭ يېقىنلىرىدىن ىاڭلىغان, ىىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ خەۋەرنى ىاڭلاپ ىولتۇرغان يىرىدىن چاچراپ تۇرۇپ كىتىپتۇ. «غالدامە بىز مۇڭغۇللارنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتى. بۇنىڭدىن كىيىن بىز قانداقمۇ چوڭراق ىىش تەۋرىتەلەيمز. مەن بۇ داغنى چۇقۇم يۈيۈمەن،» دەپ خېلى چىچاڭشىپ كەتكەنمىش ۋە بۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ىارنۇمۇسنى يۇيۇشقا قەسەم ىىچكەنمىش.
-سىڭگى قانچىلىك لەشكەر بىلەن كەلدى ؟. - سۇرىدى يولۋاسخان تۇتقۇندىن بەش مىڭ ىاتلىق چىرىك بىلەن.
-ىوزۇق- تۈلۈكۈڭلەر چۇ ؟ بىر-ىىككى ىايغا يىتەمدۇ ؟...
باياتىن بىرى سۆزلەۋاتقان تۇتقۇن شىرىكىگە دەيمۇ قانداق دىگەندەك قارىدىيۇ، ىەمما ىۇنىڭ ىىپادىسىسز تۇرغانلىقىنى، مىرزا باباقبەگنىڭ ھېلىھەم قىلىچىنى چىڭ قاماللاپ تۇرىۋاتقان كۆرۈپ، ناىىلاچ قالغاندەك سەلگىنە تۇرىۋالغاندىن كىيىن ىېغىز ىاچتى.
-يۇل ىۇزۇن بولغاچقا، كۆپ تەييارلىق بىلەن يولغا چىقمىغان. ىۇيەر-بۇيەردىن ىالغان ىولجىلار ىون-ىونبەش كۈنگە يىتەرمىكىن.
ىابدۇللاخان بۇ گەپلەرنى ىاڭلاپ، نىمىشقىدۇر خاۋاتسىزلەنگەندەك قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ قۇيۇپ، خىيال سۈرگەندەك بىردەم جىم بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن قۇلىنى لىڭشىتتى.
-ىېلىپ چىقىپ كىتىپ، ىوبدان قاراڭلار...
لەشكەرلەر تۇتقۇنلارنى ىېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، باياتىندىن بىرى بۇلىۋاتقان پاراڭلارغا ىارلاىشماي ىولتۇرغان ىەبەيدۇللا سۇلتان ىالدىراپ سورىدى. .
-ىەمدى قانداق قىلساق بۇلار، ىەنھەزىرىتىم ؟ ياغى بىزدىن كۆپ ىىكەن. مۇنداقلا ىېلىشساق ىۇلارغا تەك كېلەلمەيمىز.
-بولدى. بۇ ىىشلاردىن تۇلا خاۋاتسىزلەنمەڭ، -دىدى ىابدۇللاخان نەۋرىسىنلا تىزىغا بوشقىنە شاپالاقلاپ قۇيۇپ،- ۋاقتى كەلگەندە، ھەممە ىىش ىوڭشىلىدۇ. ماڭا سەپەر ھاردۇقى يەتكەن ىوخشايدۇ. ھازىرچە ىارام ىالايلى. بۇ ىىشلارنى ىەتە كېڭەش قىلغايمىز.
بۇ گەپ بىلەن تەڭلا يۇلۋاسخان دادىسىغا قارىدىيۇ، يول بۇيى ىويلاپ كۆڭۈل تۈگىچىگە تۈگكەن گەپلەرنى ىۇنىڭغا دىگەن تەقدىردىمۇ بۈگۈن ىۆز كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپقا ىىرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدى بولغاي ىورنىدىن تۇردى. بۇنى كۆرۈپ ىەبەيدۇللا سۇلتانمۇ سۇڭداشتى.
-ىوبدان ىارام ىالسىلا، ىەنھەزىرىتىم، بىز چىقايلى.
يولۋاسخان شۇ گەپلەرنى دىگەچ،« ىۇ مىنى سەن قال، قەشقەرنىڭ ىەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىل» دەپ قالارمۇ دىگەندەك تەمە بىلەن ىابدۇللاخاننىڭ چىرايىغا ىۈمىد بىلەن قارىدىيۇ، ىەمما ىۇنىڭ لام-جىم دىمەي ىولتۇرۇغىنىنى كۆرۈپ، ناىىلاج بارگاھى ىالىيىدىن ىوغلىنى ىەگەشتۈرۈرگىنچە چىقىپ كەتتى.
8
شەرق تەرەپ بېلىق قاسرىقىدەك ىاقىرىشقا باشلىىغاندا ىورنىدىن تۇرغان ىابدۇللاخان بارگاھى ىالىينىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى قومۇشلۇقتا خېلى ىۇزۇن تۇردى. سەلكىن شامال ىەمدىلا بۈيۈك چىقىرىشقا باشلىغان قۇمۇشلارنى يىنىك تەۋرىتەتتى. سەھەرنىڭ ىىللىق شامىلى خانىنىڭ، ىۇنىڭدىن بەش-ىالتە قەدەم نىرىسىدا ىەتراپنى سەگەكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرغان نۆكەرلەرنىڭ يۈزىنى سىپاپ ىۈتۇپ، ىاجايىپ بىر خىل سالقىنلىق بەخىش ىىتىپ تىنىگە ھۇزۇر بىغىشلايتىتى. يىراقتىن-قۇمۇشلۇقنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن قۇشلارنىڭ سايرىغان ىاۋازى ىاڭلىنىپ تۇراتىتى. بارگاھ تەرىپىدىن كۆتۈرگەن كۇكۇس ىىس سەلكىن شامالدا خۇددى يىلاندەك تۇلغىنىپ، زەررىچە بۇلۇت يۇق ىاسمانغا كۈتۈرىلەتتى. خان كۆز يەتكۈدەك يىراقلىقتىكى كۆچۈم مەھەللەتەرەپكە قاراپ ىاللىملەرنى خىيال قىلغاندەك، بىشىنى ىىفىتىپ قۇيۇپ، كەينىگە بۇرۇلدىيۇ، ىەمما ىۆزى تەرەپكە كىلىۋاتقان مىرزا باباقبەگنى كۆرۈپ ........ شۇنىڭغىچىلىك ىىككى نۆكەرنىڭ ھىمايىسىدە خان تەرەپكە كىىلىۋاتقان مىرزا باباقبەگمۇ قەدىمىنى ىىلداملىتىپ، خاننىڭ قېشىغا كىلىپ توختىدى-دە، ىوڭ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، تەىەززۇ بىلەن ىىگىلىدى.
-مەرھابا ىەنھەزىرىتىم، تىنىچ ىامان قوپۇپلىمۇ ؟، سەپەر ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەكمۇ؟
-يامان ىەمەس، مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى، ھەر ھالدا ياخشى. كىچىدىن لايدەك ىىزىلىپ ىوخلاپتىمەن. تاس قاپتىمەن دىسىلە تېخى، بامداتنى قازا قىلغىلى. ھېلىمۇ چۈش كۈرۈپ، ىويغۇنۇپ كەتتىم. ىۇنىڭدىن كىيىن مانا ماۋۇ ھاۋاسى ساپ، سەھىرى تۇلىمۇ جىمجىت يەرنى كۆڭلۈم خالاپ، بىر بېسىپ،ىىككى بېسىپ خېلى ىايلاندىم. قارىسام بۇ يەر بىز بىرنەچچە يىل ىىلگىرى سەپەر قىلغان موڭغۇل، قىپچاق دالالىرىغا ىانچە ىوخشاپ كەتمەيدىكەن.
-ىارى، تۇلىمۇ بەلەن گەپ قىلدىلا ىادالەتپاناھىم، بۇ يەرنىڭ ھەممىلا نىمىنى- يېرى، تۇپرىقى، دەل-دەرەخ ،ىۈسۈملۈكلىرى، ھەتتا ىادەملەرمۇ باشقا جايلاردىكىگە تەمەت ىوخشىمايدىكەن. بۇلۇپمۇ ىادەملىرى كىچىك پىىىل، خوشچىراي، مىھماندۇس، چاي خۇمار بۇلۇپ، بىراۋ بىلەن تۇنۇشمىسۇن. بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن كۆرگەن ىادەمنى ىۆيىگە باشلاپ، مىھمان قىلمىغۇچە كۆڭلى ىارام تاپمايدىكەن.
-ىوھۇي، بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالغان ىوخشاملا ىەمىرىم، - دىدى ىابدۇللاخان كۈلۈپ، -تۈنۈگۈنمۇ بۇ ھەقتە زوخ-شوخ بىلەن سۆزلىدىلە. مانا ىەمدى بۈگۈنمۇ يېڭى ىوچۇرلاردىن خەۋەردار بۇلىۋاتىمەن. قارىغاندا بۇ يەرگە كۆڭۈللىرى چۈشۈپ قالدىمۇ قانداق؟
-يۇقسۇ، ھۆددەس ىۇنداق ىەمەس، بۇ دىگەن سۇلتان ىابدۇرىشىت خاننىڭ ىوغلى ىەبۇ سەىىد مىرزىنىڭ ۋەخپە يىرى ىەنھەزىرىتىم، ىۇش بۇ خانزادەمنىڭ رىسىق نىىسۋىسىگە كۆز قىزارتىشقا بىشىم ىون ىەمەس ھەم پىقىرنىڭ ىۇنداق خىياللارنى قىلىشى تېىىمۇ مومكىن ىەمەس. ىالىمادىس شۇنداق ىويلاردا بۇلۈپ قالساممۇ، نىزا، خۇسىمەت ىىرىقلىرىدا ىۈلۈپ قالساممۇ، ىۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق دىشۋارچىلىقلارغا ىۇچرايدىغىنىم ىەنھەزىرىتىمگىمۇ ىاياقتىكى ىاشتەك ىايان...
-ىوھۇ، جەڭگاھلاردا ياۋنىڭ ھۇڭا-سۈرەنلىردىن،قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ جاننى ىالىدىغان ھۇجۇملىرىدىن قوقماي ىولجىغا ىۆزىنى ىاتقان يولۋاستەك ىېتىلىپلا تۇرىدىغان شىر سۈپەت ىەمىرنىڭ نىزا-خۇسىمەتتىن جاللاتنىڭ ىالدىدىكى بىشى ىېلىنىش ىالدىدا تۇرغان گۇناھكار تۇتقاندەك قۇرققىنى قىزىق.
-ىىككىسى ىىككى ىىش ىالىلىرى. جەڭگاھتا يا ىۈلۈم يا كۈرۈم پىشانە تەقدىر سەۋەبىدىن ىەقىل-پاراسەت. كۈچ-قۇۋۋەت بولسىلا نۇسرەت قازانغىلى بۇلىدۇ. بولمىسا رەقىپنىڭ قۇلىدا جان تەسەددۇت قىلماقتىن باشقا ىامال يۇق. ىەمما نىزا ىۆچەكىشىشىتە بولسا، يا جان چىقمىغان، يا كۆڭۈل ىارامىدا بۇلمىغان، يۇشۇرۇن پۇت تېپىشىشلەر، غەيرەتخۇرلۇق ، ىوششاق سۆزلۈك سەۋەبىدىن ىادەم ىۆزىنىڭ ىىچ باغرىنى ىۆزى تىتىپ يەپ، كۈندۈزدىكى غىزا، كىچىدىكى ىۇيقىنى تەرك ىەتكەن. شۇڭا ىالدىنقىسىنىڭ زەربىسىدىن كىيىنكىسىنىڭ دەردى بالاسى كۆپتۇر...
-بەرھەق، ىەلھۆكمۇللا تۇغرا گەپ... ، مەن ىۆزلىرىنى قانداق دەيدىكىن دەپ سىناپ باققان مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى. بولدى، كۆڭۈللىرىگە ىېلىپ كەتمىسىلە. بۇنى چاقچاق دەپ چۈشەنسىلە، چاقچاق...
ىابدۇللاخاننىڭ بۇ سۆزى بىلەن كۆڭلىدىكى گۇمانلىرى تارقاپ سەل يىنىكلەپ قالغان مىرزا باباقبەگ بىشىنى كۆتۈرۈپ خانغا دېدىللىق بىلەن تىكىلدى.
-ىاخشامقى تۇتقۇنلار قانداقراق؟. -سورىدى خان ىۇشتۇمتۇت،-ىۇلار ىامان ىىسەندۇ ؟
-ىامان ىىسەن ، ىەنھەزىرىتىم تېخى بايىلا ىۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. لەشكەرنىڭ ھىمايىسىدە ھىلىھەم ھايات.
-تۇلىمۇ بەلەن ىىش بوپتۇ، سىلىنىڭچە ىۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق بۇلار ؟،خان مىراز باباقبەگ تىكىلدى . مىرزا باباقبەگمۇ ىەسلى مۇشۇ ىشنى بىر تەرەپ قىلىش ىۈچۈن ىابدۇللاخاننى ىىزلەپ، بارگاھى ىالىيغا بارغاندا، قۇرۇقچى نۆكەرلەردىن ىۇنىڭ ىالاگاگۇمدا چىغىر يول بۇيلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ىاڭلاپ تاپ بىسىپ مۇشۇ قۇمۇشلۇق دۆڭگە ىىزلەپ كەلگەن ىىدى.مانا ىەمدى خاننىڭ ىۆزىدىن بۇرۇن چىقىپ ىېغىز ىاچقانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلا جاۋاپ بەردى،
\-ىەنھەزىرىتىمنىڭ باشقا مۇددىىاسى بولمىسا قۇيۇۋەتسەك بۇلارمىكىن !-
بۇ گەپ بىلەن خاننىڭ كۆزى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى، -شۇنداقتىمۇ يەنە تىزلا ىۆز ھېسياتىنى يۇشۇرۇپ، ىاسماقچىلاپ سورىدى.
-بۇ تۇغرىسىدىكى خىياللىرى نىمىكىن؟
-ىىككى تۇتقۇن بۇ يەرگە مەجبۇرى كەلگەن ىالىلىرى . ىۇلارنىڭمۇ ىىختىيارىچە بولسا، خاتىرجەم ھالدا ىورۇق- تۇققان، قۇۋمى-قىرىنداشلىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلغۇسى بار.ىەمما سىڭگى ىۇلارنى مۇشۇ يەرگە باشلاپ كەلدى. بىراق ىولار ىويلىمىغان يەردىن بىزگە تۇتۇلدى ھېلىمۇ ىۇلار ھازىرغىچە تىرىك ياشاۋاتقان بىلەن ھاياتىدىن ىۈمىد ىۈزگەن شۇڭا ىۇ ىىككىسىگە قايتا ھاياتلىق بەرسەك، كىيىنكى ىىشلارغا پايدىسى بۇلارمىكىن.
-ىارى، بەلەن گەپ. مەنمۇ شۇنداق ىويلىغان ىىدىم.ىىككىمىزنىڭ خىيالى بىر يەردىن چىقتى.بۇ ىىشنى شۇنداق قىلايلى ىەمىسە.... ھە راسىت. ىۇلارغا ىوبدانراق گەپ قىلىپ قۇيۇپ بىرىڭ.
-ىەنھەزىرىتىم خاتىرجەم بولغاي، بۇ ىىشنى كۆڭۈللىرىدىكىدەك بىجىرىمەن.
ىۇلار بۇ ھەقتە يەنە بىردەم سۆزلەشكەندىن كىيىن بارگاھى ىالىيغا قايتىپ كەلگەندە ،يولۋاسخان ىەبەيدۇللا سۇلتانلا خاننىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ىىدى، شۇڭا ىۇلار چىدىر ىىچىگە كىرىشى بىلەنلا بىكاۋۇل بەگ تىزلىكتە داستۇرغان تەييارلاپ ناشتىلىقلارنى تىزىشقا باشلىدى. – ىەمدى قانداق قىلساق بولار ىەنھەزىرتىم.-سورىدى يولۋاسخان ناشتا قىلىپ ،داستىرخان ھۆرمىتىگە قىلىنغان قىسقىلا دۇىادىن كىيىن ، ىالدىراپ ىېغىز ىېچىپ، - ىاخشام خۇدا بەردى بەگ ىەبەيدۇللا سۇلتانلار بىلەن ىېغىر ياتقۇ مەھەللىگىچە ياۋغا قارشى جەڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە كېڭەشتۇق.گەرچە لايسۇ خانلىقىمىزنىڭ ۋەخىپە زېمىنى، ساداقەتمەن كىشىلىرىمىز كۆپ، ىۇرۇق-تۈلۈك غەملەشكە شاراىىتى ياخشى جاي بۇلسىمۇ، ىەمما يەنىلا جەڭ قىلىشقا قۇلايسىز ھەم ياۋ بىلەن بىۋاستە ىۇچرىشىش پۇرسىتى ىاز بۇلۇشتەك تەرەپلىرى كۆپ ىىكەن، ىەڭ مۇھىمى كېرىيە تەرەپتە ىاھالىلەر زىچ ىولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ىىككى تەرەپ تۇتۇشۇپلا قالساق، ىەل رەىىيەتنىڭ چىقىمى بىزنىڭكىدەك كۆپ بۇلىدىكەن، شۇڭا ىالدى تەرەپكە يۈرۈش قىلساق قانداق بۇلار؟
ىابدۇللاخان بۇنىڭغا ىالدىراپ جاۋاپ بەرمىدى. -دە، ىوغلى ، نەۋرىسى ، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەرگە قاراپ قويغاندىن كىيىن «سىزنىڭ قانداق ىاقىل مەسلىھەتىڭىز بار مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى، قېنى سىزمۇ بىر نىمە دەپ بېقىڭ » دىگەندەك ىۆزىنىڭ ىۇدۇلىدا يۈكۈنۈپ ىولتۇرغىچە ىاللىقانداق بىر ىىشنى خىيال قىلىۋاتقاندەك ىولتۇرغان مىرزا باباقبەگكە تىكىلدى.بۇنى كۆرۈپ ىۇمۇ سەل تەۋرىنىپ قويدى- دە سەل تەڭلىكتە قالغاندەك ىالدىرىماي ىېغىز ىاچتى.
-بۇ تۇلىمۇ دانا تەدبىر بولدى ىالىلىرى شاھزادە ىالىلىرىنىڭ تەلىۋىنى ىويلىنىپ كۆرگەيلا.
-ىاخشام ياۋنىڭ ىەھۋالىنى ھەممىڭلار ىۆز قۇلۇقىڭلار بىلەن ىاڭلىدىڭلار، ىۇلار بىزەىن كۆپ، ھەم كۈچلۈك، ھازىر بىزنىڭ قۇشۇنىمىزنىڭ ىادەم سانى ىۇلارنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ.شۇڭا دەرھال قۇشۇن يۆتكەپ كەلسەك قانداق بۇلار ؟. - دىدى ىابدۇللاخان قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ.-
-ىەنھەزىرىتىمگە مەلۇم بولغاي، - مىرزا باباقبەگ ىالدىراپ ىېغىز ىاچتى، -بىزمۇ ىالىلىرى كىلىشتىن ىىلگىرى بۇ ىىشنى ىەبەيدۇللا سۇلتان،خۇدابەردى ھاكىمبەگ بىلەن كۆپ كېڭەشتۇق.ىاستانىدىن ياكى خۇتەندىن لەشكەر يۆتكەپ كەلسەك،لەشكىرى تەمىناتىدىن باشقا بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كەتكۈدەك، بىراق بۇنىڭغا ياۋ پۇرسەت بىرەمدۇ، بەرمەمدۇ ىۇققىلى بولمايدۇ. ىاخىرى يەرلىكتىن قۇشۇن تەشكىللەش ھەققىدە پىكىر بىرلىككە كەلدۇق-دە، يۇرۇتمۇ-يۇرۇت جاكارچى ىىۋەرتتۇق.ھازىر كېرىيەنىڭ لەشكىرى ىىشلارغا پىششىق ىۇستا مەرگەنلىرى نۇرغۇن پىداىىيلارنى تەشكىللەپ ىۆزلىرىنى مەلۇم قىلدى.ىۇلارمۇ ىالاھەزەل بىرەر مىڭ كىشىدىن ىاشىدۇ.شۇڭا لەشكىرى ىىشلار مەسىلىسىدىن خاتىرجەم بولغايلا...
-ىوھوي ،شۇنداقمۇ ىىشلار بولدىمۇ تېخى؟سورىدى ىابدۇللا خان ھەيران بولغاندەك سىيەكتىن بىجەن پالۋان. قارلۇقتىن ىىسكەندەر پالۋان، سوقتىياقلىق كۆچەت پالۋان دىگەن ىادەملەر ىىكەن. ىۇلارنىڭ جەڭۋازلىق ماھارىتى يۇقىرى بۇلۈپ. خېلى مەن-مەن دىگەن سالغۇنلارنىڭمۇ كۆزىنى ىالاچەكمەن قىلىۋېتىشىدە گەپ يوق. ىۇلارمۇ بۇ يۇرۇتتا ىاۋامنىڭ ىىخلاس ىەقىدىسىگە ىىرىشكەن كىشىلەر بولغاچقا، ىۆزىگە چۇشلۇق ىەگەشكۈچىلىرى بار ىىكەن.
- بەلەن بۇپتۇ.ىۇنداقتا بۇ غەمدىنمۇ خالاس بوپتۇق. قېنى ىېتىسىلا قارارگاھنى يۈتكىمىسەك بولماسمۇ زادى؟
-يۈتكەيلى، نايىپ خان شاھزادەمىنىڭ تەۋسىيىسى ىورۇنلۇق...
-ھەر قايسىڭلار شۇنداق خىيالدا بۇلساڭلار، بۈگۈنلا ىاتلىنايلى.- دىدى ىابدۇللا خان بۇ گەپنى قۇشۇلغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ.
ىارىدىن بىرەر ىاشپىشىمدەك ۋاقىت ىۆتكەندە،چىدىر بارىگاھلار يىغىشتۇرۇلۇپ، قۇشۇن ىاتلاندى. ىەڭ ىالدىدا كىتىۋاتقان تۇغچى قۇشۇندىكى لەشكەرلەرنىڭ قۇلىدىكى تۇغلار ىىزغىرىدىن شامالدا تىنماي لەپىلدەيتتى، ىۇنىڭ كەينىدىن ىاتلىقلار ماڭغان بۇلۇپ ، ىابدۇللا خانمۇ شۇلارنىڭ سىپىدە ىىدى، ىۇ ھازىر تۇلۇق لەشكەرلەرچە كىيىۋالغان بۇلۇپ، ساۋۇت، دۇبۇلغىسى ىۆتكۈر قۇياش نۇرىسىدا كۆزنى چاقاتتى.خاننىڭ ىىككى تەرىپىدە يولۋاسخان بىلەن ىەبەيدۇللا سۇلتان، كەينى تەرىپىدە مىرزا باباقبەگ بىلەن خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەر سۇڭدىشىپلا كىتىۋاتاتتى. قۇشۇن ىالاھىزەل بىر-ىىككى كۆز يىتىم ىارىلىقتا سۇزۇلغان بۇلۇپ، تۇلىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى . ىۇلار شۇ يۈرىشىدە قىغازدىن ىۈتۈپ، قارا سۇ ىارقىلىق ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگىمۇ چۈشمەستىن، ىودۇل ياغ بۇلاققا-قىريا دەرياسنىڭ بۇيىغا كىلىپ چۈشكۈن قىلىشتى.
-قالماقلار بىزنىڭ بۇ تەرەپكە كەلگەنلىكىمىزدىن ىاللىبۇرۇن خەۋەر تىپىپ ىاتچان تەرەپكە كىتىپتۇ، -دىدى ىەھۋال ىوقۇشقىلى كەتكەن لەشكەرلەر ھايالشىمايلا قايتىپ كىلىپ.
-ىۇنداقتا ىەتە ىويتۇغراق تەرەپكە بارساق بولغىدەك ىەنھەزىرىتىم، - دىدى خۇدا بەردى ھاكىمبەگ ىويلانغاندەك قىياپەتتە ، ياۋنى شۇ يەردە تۇسقىلى ھەم زەربە بەرگىلى بۇلىدۇ.
-قۇشۇنلارغا ىۇقتۇرۇش قىلىڭ، -ىابدۇللاخان مىرزا باباقبەگكە قاراپ دەرھاللا يارلىق قىلدى. لەشكەرلەر بۈگۈن ىارام ىېلىپ ، ىەتە تورغاي چۇچىلىماستا ىويتۇغراققا ىاتلانغاي، ، ، ،
-لەببەي، باش ىۈستىگە ىالىلىرى، پەرماننى ھازىرلا يەتكۈزەي...
9
ىابدۇللاخان ىويتۇغراققا كىلىپ يېس يۇلغۇلدا بارگاھ قۇرۇپ ياتقىلى بىر ھەپتىدىن ىاشقان بولسىمۇ، قالماقلار ىۆزىنى تۈگۈل، سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەيۋاتاتتى.ھەر كۈنى سۈبھى يۈرۈش بىلەن تەڭ ىاتلىنىدىغان ىوندىن ىۈچ گۇرۇپپا ىادەم شەرق، جەنۇپ، شىمال، تەرەپلەرگە ىەھۋال ىۇقۇشقىلى مىڭىپ، كۆز باغلانغان مەھەللىدە كىلىۋاتىسىمۇ، ھېچقانداق ىوچورغا ىىرىشەلمەيۋاتاتتى.
-خېلى كۈنلەر ىىلگىرى بىز ىۇلارنى كۆرگەن، قالماقلار ىۆيىمىزگە ىوت قۇيۇپ مال-چارۋىلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى.
-مىنىڭ دادام ىولار بىلەن ىېلىشىمەن دەپ ىالدىغا ىېتىلىۋىدى. ىۇلار قىلىچ بىلەن چېپىۋەتتى. -مەن مال باققىلى چىقىپ كەتسەم، ىۇلار مەھەللىگە باستۇرۇپ كىرىپتىكەن. بىزنىڭ ىۆيدىكىلەر قۇرقۇپ قىچىپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ىۇلارنى تاپالماي يۈرىمەن.ىۇلار ىۆللالەم ىاتچان تەرەپتىمىكىن شۇ يەردىن نىسبەتكە ىۆتكىلى بۇلىدىغان يول بارمىش...
-...
ھەركۈنى ھەرخىل خەۋەرلەر كىلەتتى. ىابدۇللاخان بۇ خەۋەرلەرنىڭ قايسىسىغا ىىشىنىپ، قايسىسىغا ىىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي قېلىۋاتاتتى. ىۇ ىوردىدىن ىايرىلغان چاغدا بۇقېتىم چۇقۇم ياغىنى تىرە- پىرەن قىلىپ، ىىككىنچى قېتىم بۇ تەرەپلەرگە ىاياغ باسماس قىلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ىىدى.بىراق كېرىيەگە كەلگىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، نىمىشقىدۇر ىۇلار بىلەن بىرەر مەرتەم جەڭ قىلىش تۈگۈل رۇبىرۇ بۇلۇپ باققىنى يوق.ىەگەر مۇشۇنداقلا كىتىدىغان بولسا، ىۆز ىورنىغا كۆز تىكىۋاتقانلارنىڭ ىۇشۇقى ىالچۇ چۈشۈنشى،پىتخورلارغا دەستەك بۇلۇپ بىرىشى تۇرغانلا گەپ.ىاشۇ چاغدىمۇ مۇھەممەت لىتىپ بەگ «كېرىيەگە قالماقلار ھۇجۇم قىلىپ كەلدى» دەپ خەۋەر ىىۋەرتكەندە، مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان خاننى بىرىشتىن تۇسۇپ ىۆزى ىاتلانغان ىىدى. ىەمما چەرچەن، چارقىلىق دىگەن يەرلەرگىچە بېرىپ، ىۇلارنى تاپالماي قايتىپ كەلگەندە، ىوردىدا گەرچە بىرەر كىشى بۇ ھەقتە ىاشكارا چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمىگەن بولسىمۇ ىابدۇللاخان خېلى بىر مەزگىل ىھتىياتسىزلىقىدىن چىۋىن يەۋالغان كىشىدەك بىىارام بۇلۇپ،زەردى گۇش بۇلۈپ قالغان ىىدى.بۇ دۆرەمدە ھىندىقۇش مىرزا ىۇ يولغا چىقىشتىن ىىلگىرى كىيىنكى كۈنلەردە يۈز بىرىش ىھتىماللىقى بولغان نۇرغۇن ىىشلارنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ، ىۇنى ىاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ،ىەمما ىابدۇللاخان بەزى ىىشلاردىن تازا خاتىرجەم بۇلالماي، يەنىلا سەپەرگە ىاتلانغان ىىدى، مانا ىەمدى... ىۇ بۇ كۈنلەردە نىمىشقىدۇر تىرىككەك ىاسان ىاچچىقلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى. ىادەتتىكى ىىشلارغىمۇ بەزىدە چېچىلاتتى. مىرزا باباقبەگ ىۇزۇن يىل ىىلگىرى خاننىڭ خىزمىتىدە بۇلۇپ مىجەز خۇلىقىنى بەش قۇلدەك بىلىپ كەتكەچكە تۇلا ھاللاردا تەسەللى بىرەتتى.
-كۆڭۈللىرىنى تۇق تۇتسىلا ىادالەتپاناھىم، مەن شۇنىڭغا شەكسىز ىىشىنىمەنكى، قالماقلار مۇشۇ يەردە چۇقۇم بار. ىۇلار ىۇزۇن يوللارنى بىسىپ كەلكەن ىىكەن. بىز بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ تۇتۇشماي كەتمەيدۇ، بەلكىم ىۇلارمۇ بىر بولسا، بىزنى ىىزدەۋاتقان، يەنە بىر بولسا ىەھۋالىمىزنى تىڭ- تىڭلاپ يۈرىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن. بىزدە «سەۋرى قىلساڭ غۇرىدىن ھالۋا پۈتۈدۇ » دەيدىغا ن گەپ بار. شۇڭا ىالدىرىمايلى، ىالىلىرى.
-ىالدىرمىساق بولمايدۇ، ىەمىر جاناپلىرى، ىۆزلىرىگە ىايان، يەنە ساقلاپ تۇرىۋەرسەك، لەشكىرى تەمىناتتا قىنىلسىمىز.
-بۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلسىلا خۇدابەردى بەگنىڭ ھاكىمبەگلىك مەھكىمىسىدە يىتەرلىك ىوزۇق-تۈلۈك، لەشكىرى تەمىنات بار ىىكەن.
مىرزا باباقبەگ بۇنى ىاڭلاپ، سەل ھۇششارلاشتى-دە، خانغا شۇنداقتىمۇ ىالدىرمىساق بولمايدۇ، -ىابدۇللان بىردىنلا چېچىلغاندەك قوللىرىنى سىلكىپ قويدى، - بۇيەردە ياغىنى قاچان كىلەركىن دەپ ساقلىساق ىەل- رەىىيەتىنىڭ يۇرتدارچىلىق ىىشلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ «چۈشەندىم، ىالىلىرى. كەم ىەقىل ىەمىرلىرىنى بۇ تەرىپىنى ىەسلا ىويلاپ باقماپتىكەنمەن، كەچۈرگەيلا» دىگەندەك كۈلۈمسىرىدى. ىۇنىڭسىزمۇ ىوردىدىكى ىىشلار مىرزا باباقبەگكە ىايان ىىدى.ھىندىقۇش مىرزا بىلەن چوڭقۇر دۇسلۇق بۇرادەرچىلىك ىورناتقان. خانلىق ىۈچۈن ىوت دىڭىزىغا ىۆزىنى ىېتىشتىن، سۇغا سەكرەشتىن ىايانمايدىغان بۇ سانغۇن ىوردىدىكى ىىشلارنىلا ىەمەس ىىشقىيە، ىىسھاقىيە سۈلۈكلىرىنىڭ رەىىيەتگە كەلتۈرۋاتقان بالايى-ىاپەتلىرىدىن تۇلىمۇ بىزار ىىدى. ىابدۇللا ىىشانغا قول بېرىپ، ىسھىاقىيە سۈلۈكگە مورىد بولغان چاغدا، بۇھەقتە ھېچقانداق ىىنكاس بۈلدۈرمىگەن بۇلسىمۇ، ىەمما بۇنىڭ يۇرتىدارچىلىق ىىشلىرىغا تۇسالغۇ بۇلۇشىدىن ۋاھىم يىگەن ىىدى. لىكىن ىابدۇللاخان سۈلۈك بىلەن خانلىق ىىشلىرىنى ىايرىپ، ىەلنى ىەمىن تاپقۇزۇش ىۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر قاتار تەدبىرلەنى قوللانغان چاغدىلا، قەلبىدىكى ىەندىشە تۇمانلىرىنى تارقاپ، قايىللىقى ىاشقان ىىدى.بىراق يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان قەشقەر تەرەپتىن ناگان-ناگاندا كىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن ىىشقىيە سۈلۈگىنىڭ كاتتىسى غۇجا ھىيدۇللا ىىشانىنىڭ شاھزادە يولۋاسخاننىڭ قوبولخانىسىدا ىاراكۈندە ىالتە قىتىم قاتراپ، قىيشىرىن-شىكەر سۆزلىرى، باغرى تاشتەك ىادەمنىمۇ بىردەمدىلا قايىل قىلىپ، ىىتىكىگە دۈم چۈشۈدىغان ھىيلە- نەيلەڭلىرى بىلەن تەخىت سەۋداسى ىەپسۇنىنى ىۇقۇپ، بىشىنى ىايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى ىسھاقىيە سۈلۈگى مۇرىدلىرىنى ىۇچرىغان جايدىلا ىۇرۇپ، ىۇلارنىڭ يىرى مەختۇمزادە خۇجا ىىشاننى، «كاپىر، ىىمانسىز، مۇرتەھ» دەپ ھاقارەتلەپ، ىاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا تېخى ىىسھاقىيە مۇردىلىرىنى يۇشۇرۇن ىۆلتۈرۈپ، ىۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىدە تۇرمۇش كەچۈرگۈسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆپ ىاڭلىغان ىىدى. بۇلۇپمۇ يولۋاسخان ھىدايتۇللا ىىشانغا قول بېرىپ، مۇرىد بولغاندىن كىيىن خاكى ىاشكارا، خاكى يۇشۇرۇن، ھالدا ىۇنىڭ كۆڭۈل تۈگمىسىگە ىۈگۈت قۇيۇپ، باشقا- باشقا سۈلۈككە مۇرىد بولغاندىن ىاتا- بالا ىوتتورىسىدا خوسمەت پەيدا قىلىپ، پۈتۈن خالىق تەۋەسىدە سۈلۈكى ىىشقىيەنى كەڭ ىەۋج ىالدۇرۇپ، ىۆز نۇپۇزىنى تىكلەش ىۈچۈن ىۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ىوردا ىىچىدە ىاللىقاچان ىاشكارا مەخپىيەتلىككە ىايلىنىپ كەتكەن ىىدى.بىراق ىوردىدا ھىدايتۇللا ىىشانغا قۇل بىرىپ، مۇرىد بولغان ىەمىرلەر بولغاچقا، شاھىنشىندا ھازىرغا قەدەر بىرەر كىم بۇ ھەقتە ىېغىز ىېچىپ باقمىغان ىىدى.شۇنداقتىمۇ ىابدۇللاخان ىىككى سۈلۈك ىارىسىدىكى نىزا- ىاداۋەتنى تۈگىتىش ىۈچۈن كۆپ قېتىم ىاشكارا سورۇنلاردا «ھاكىميەت مەزھەپتىىن مۇسنەسنا، سۈلۈكتىن تېخىمۇ مۇسنەسنا بۇلۇشى كېرەك» دىگەننى تەكىتلەپ، ھېچكىمىنىڭ بۇ ھەقتە ىېغىزىېچىشىغا پۇرسەت بەرمىگەن ىىدى. دەرەخ جىم تۇراي دىسە، يۇپۇرماقلىرى جىم تۇرغىلى قۇيمىغىندەك بۇنىڭدىن ىون نەچچە يىل مۇقەددەم ىابدۇللا خان خۇجا شادىنى دۆلەت ىۇستازى دەپ جاكارلىغاندا، غۇجا ھىدايتۇللاىىشاننىڭ دادىسى غۇجا مۇھەممەت يۈسۈپ ىىشاننىڭ يۈرەك باغرى ھەسەت رەشكىتىن ىۆرتىنىپ، ىۇيقۇنى تەرەك ىېتىپ، يىگىنى ىۇغا، ىىچكىنى زەھەر بۇلۇپ، تۇتقان قويغىنىنى بىلمەي، خۇددى ساراڭدەكلا بۇلۇپ قالغان ىىدى.كىيىن غۇجا شادى ىۆلگەندە، ىۈلۈپ خۇجا مۇھەممەت يۈسۈپ ىىشان «تۈمۈر تۇتۇپ» ىۆز نىيىتىنى خانغا بىلدۈرۈش، ىۇنى ىۆز سۈلۈكىگە ىۈندەپ، بوش تۇرۇۋاتقان ىاشۇ ىۇرۇننى قۇلغا كەلتۈرۈش مەخسىتىدە، قەشقەردىن يەكەنگە كەلگەندە، مەخسىدىنى ىەمەلگە ىاشۇرالمايلا قالماستىن خاننىڭ قوبول قېلىشىقىمۇ ىىرىشەلمىدى-دە، قايتىش سەپىرىدە نامەلۇم كشلەر تەرىپىدىن زەھەر بىرىلىپ قازا قىلغان ىىدى. مانا مۇشۇ ىىش سەۋەپلىك خۇجا ھىدايتۇللا ىىشان ىابدۇللاخانغا ىۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىدە خۇسۇمەت ساقلاپ كىلىۋاتاتتى.شۇڭا ىۇ ىوغلى ىارقىلىق دادىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھىيلىىسنى قوللىنىپ، دادىسى باقى ىالەمدە ىىرىشەلمىگەن دۆلەت ىۇستازلىقىدىن ىىبارەت خاسىيەتلىك بوش ىۇرۇندا ىولتۇرۇش غەزىرىدە ھە دەپ ناىىپ خان يولۋاسخاننى قۇلىدىكى ىەڭگۈشتەرگە ىايلاندۇرۋالغان ىىدى.
-يىلاننى ىوۋىسىدىن چىقىرىش كېرەك ىەمىر جاناپلىرى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىڭگىنى تېپىشىمىز، ىۇ جىم بۇلىۋالسىمۇ، ىۇرۇشقا ىۈندىسىمىز لازىم.شۇندىلا يا نۈسرەت قۇچۇدىغانلىقىمىز، يا مەغلۇپ بۇلىدىغانلىقىمىز ىايان بۇلىدۇ.
-ىۇنداقتا ىوبدانراق بىر مەسلىھەت قىلايلى، ىالىلىرى بۇ ىىشنى بەك كىچىكتۇرۈشكە بولمىغۇدەك، مەن ھازىرلا شاھزادە يولۋاسخان، ىەبەيدۇللا سۇلتان، خۇدابەردى ھاكىمبەگلەرگە خەۋەر قىلاي.
-يەنە ھېلىقى بىجەن پالۋان، ىىسكەندەر پالۋان، كۆچەت پالۋانلارنىمۇ ىۇنۇتمىسىلا.
-لەببەي، خان ىالىلىرى.
بىر چۆگۈن چاي قاينىغۇچىلىك ۋاقىت ىىچىدە، لەشكىرى مەسلىھەتكە كىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىلىپ بولدى.ىۇلار تۆردە- كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان قىپقىزىل گىلەمگە سېلىنغان كۆرپە ىۈستىدە بەداشقان قۇرۇپ، تۇزغاق تىقىلغان يۇمشاق ياستۇققا يۆلەنگىنىچە ىولتۇرغان ىابدۇللا خانغا يەر تىگىدىن قاراپ ىولتۇرشاتتى.شۇ تاپتا خاننىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن بۇلۇپ، ىۇنىڭ نىمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، كېرىيەدىن قۇشۇلغان ىۈچ پالۋان ىابدۇللا خاننى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ، ىەمما تۇنجى قېتىم ىەڭ يېقىن ىارلىقتا ىۇچراشقاچقىمۇ، ىۈ نلۈكرەك نەپەس ىېلىشقا پېتىنالمىغاندەك يەرگە قاراپ ىولتۇرىشاتتى.بارگاھى ىالىينى ىېغىر سۈكۈناتلىق قاپلىغان بۇلۇپ، چىۋىن ىۇچسىمۇ بىمالال ىاڭلىغىلى بۇلاتتى. شۇنداقتىمۇ خان بىلەن مىرزا باباقبەگدىن باشقىلار بۇ يىغىلىشنىڭ سەۋەبىنى ىىنىق بىلمىگەچكە، ھېچ كىم ىالدى بىلەن ىېغىز ىېچىشقا پېتىنالمايۋاتتاتتى.تۇيۇقسىز خان بوشقىنە يۈتەلدى، بارگاھى ىالىيىغا كىرگەندىن بىرى كۆڭۈل غەلۋىرىدە نۇرغۇن خىياللارنى تاسقاپ ىۆلگۈرگەن يولۋاسخان دادىسىغا تىكىلدى.
-ھەر قايسىڭلارنى جىددى چاقىرتىشتىكى مەخسەت پەقەت بىرلا، - دىدى،ىابدۇللا خان چىدىر ىىچىدىكىلەرگە تەكشى قاراپ چىققاندىن كىيىن، - نەچچە كۈندىن بۇيان ياۋ ىۆزىنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.شۇڭا ىەمدىكى قەدەمنى قانداق بېسىش ىۈستۈدە مەسلىھەتلىشىپ كۈرەيلۇق.
-دىمىسىمۇ ىەنھەزرىتىم توغرا دىدى، بۇ يەردە « ىۈزمە پىش، ىاغىزىمغا چۈش » دەپ يېتىۋەرسەك قاملاشمايدۇ. شۇڭا ياۋ ىاسمانغا چىقىپ كەتكەن بولسا تاپىنىدىن، يەرگە كىرىپ كەتكەن بولسا كۇكۇلىسىدىن تارتىپ چىقىرىشىمىز لازىم، - دىدى يولۋاسخان دادىسىنىڭ سۆزىگە ىۇلاپلا، - شۇڭا ماڭا يارلىق بىرىلسە، مەن ىۈزەم لەشكەر تارتسام...
-توختىسلا شاھزادەم، سۆزلىرىغۇ ىۇرۇنلۇق بولدى، ىەمما كۈندە دىگۈدەك ىەتراپنى چارلاشقا ىادەم لەشكەر ماڭدۇرۇپ تۇرىۋاتقان بولساقمۇ، ىۇلار ھەققىدە ھېچقانداق ىۇچۇرغا ىىرىشەلمىدۇق.قارىسىغا ىىش قىلساق بولماس، شۇڭا بۇ ىىشنى ىوبدانراق مەشەۋەت قىلغايمىز، -دىدى مىرزا باباقبەگ بىر نەرسىنى ىويلاۋاتقاندەك قىياپەتتە گەردىنىنى بوشقىنە قاشلاپ، - مىنىڭچە بولغاندا، ياۋنىڭ ىەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان بولساق خۇيمۇ ىوبدان ىىش بۇلاتتى. لىكىن بۇ ناكەسلەر قارىسىنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.ىەمدى ىىشنى باشقىچىراق ىۇسۇلدا قىلساق بۇلارمىكىن .
بۇ گەپ بىلەن ىابدۇللاخانمۇ، يولۋاسخانمۇ تەڭلا مىرزا باباقبەگكە قاراشتى.
-قېنى ىېيتسىلىچۇ ىەمىر ىاتا، بۇ ىىشقا قانداق دانا مەسلىھەتلىرى باركىن؟، - ىالدىراپ سورىدى ىەبەيدۇللا سۇلتان بالىلارغا خاس ىالدىراڭغۇلۇق بىلەن چاقماقتەك سۆزلەپ.
-بۇ ىىش توغرىسىدا خېلى كۆپ ىويلاندىم.ىاخىرى ىۇلار بىزنىڭ زور قۇشۇن تارتىپ كەلگىنىمىزنى بىلىپ، يا كەلگەن يۇلى بىلەن كەتكەن، يا بولمىسا ىاتچان تەرەپلەردىكى تاغلىق رايۇنلاردا ھەركەت قىلىپ، بىزنىڭ ىۆزلىرىنى ساقلاپ، زىرىككەندە پېشىمىزنى قېقىپ كىتىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ دىگەن ىويغا كىلىپ قالدىم. شۇڭا بىز ىەمدى قول قۇلۇشتۇرۇپ تۇرماي ھەركەتنى چوڭراق قىلساق قانداق بۇلار ؟
-دىگەنلىرىچە بولغاندا، ىالدى بىلەن ياۋنىڭ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىنى ىۇقۇپ بولغاندىن كىيىن، ىاندىن ھەركەت قىلىدىكەنمىز-دە، -دىدى شاھزادە يولۋاسخان ىالدىراپ.
-ھەىە.ىالدى بىلەن شۇنى بىلسەكلا قالغان ىىشلار ىۇڭايغا تۇراتتى.
-نەچچە كۈندىن بۇيان ىەھۋال ىۇقۇشقىلى لەشكەر ماڭدۇرۇپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق ىۇچۇرغا ىىرىشەلمىسەك، - دىدى ىەبەيدۇللا سۇلتان جاڭىلداپ سۆزلەپ، - يەنە لەشكەر ماڭدۇرساق نەتىجىسى ىوخشاش بۇلامدىكىن. .
-ىالدىرىماڭلار، جانابى مىرزا باباقبەگنىڭ خىيالنى بىلىپ سۆزلەڭلار-دىدى ىابدۇللاخان سەل ىاچچىغى كەلگەندەك، -بۇ ىىشتا ىالدىرىغان، قىزىققانلىق قىلغان بىلەن بولمايدۇ ىەمىر جاناپلىرى دىمەكچى ، بىز ىالدى بىلەن يىراقراق يەرگە بېرىپ ىەھۋال ىىگىللەيمىز .ياۋ ىۈتۈپ كەتكەن بولسا، قوغلايمىز، ىۈتۈپ كەتمىگەن بولسا، ىىككى تەپتىن ھۇجۇم قىلىمىز، شۇنداقمۇ ىەمىر جاناپلىرى...
-ھەسانات ىادالەتپاناھىم، مەن شۇنداق دىمەكچى، -دىدى مىراز باباقبەگ بېشىنى لىڭشىتىپ، - سىزگە ىەمدى شۇنىڭدىن باشقا ىامال يوق. قېنى، خۇدابەردى ھاكىمبەگ جاناپلىرى دەپ باقسىلىچۇ، بىز تۇرىۋاتقان مۇشۇ يۇرتنىڭ نېرىسىدە قانداق يۇرت باركىن.
-يېسيۇلغۇن دەپ ىاتىلىدىغان، سەككىز- تۇققۇز ىاىىلە جايلاشقان مەھەللە بار، - خۇدابەردى ھاكىمبەگ ىالدىراپ جاۋاپ بەردى.
-مۇساپىسى قانچىلىك كىلەر؟
-ىەتىگەندە ىاتلىق يولغا چىققان كىشى كۆز كۈرە مەھەللىگە يىتىپ بارالايدۇ.
-ىۇنىڭ نېرىسىدىچۇ؟
-نىيە دىگەن بىر يېزا بار.داىىرىسى چوڭ، ىاھاللىرى تارقاق جايلاشقان مۆلچەرىمچە ىۈچ تۆت مىڭ تىرىك جان بارمىدىن.
-خۇش، بۇ ىىشنى ىەنھەزرىتىم مۇۋاپىق دەپ قارسا، مۇنداق قىلساق، - دىدى مىرزا باباقبەگ مەخسىدىنى ھەممەيلەنگەن ىىنىق چۈشەندۇرمەكچى بولغاندەك ىالدىرىماي سۆزلەپ، بىر بۈلۈك ىادەم نىيە دىگەن يەرگە بېرىپ، سىڭگى قۇشۇنىنىڭ ىۈتۈپ كەتكەن، ىۈتۈپ كەتمىگەنلىكىنى ىۇقۇپ باقسا، ىەگەر ىۈتۈپ كەتكەن بولسا، چوڭ قۇشۇن ياۋنىڭ كەينىدىن يولغا چىقسا، ىۈتۈپ كەتمىگەن بولسا، بىز بۇ تەرەپتىن قوغلاپ زەربە بەرسەك، نىيىدىكى قۇشۇن ىالدىنى تۇسۇپ، مېڭىشقا ىىمكان بەرمىسە قانداق بۇلاركىن.
ىابدۇللا خان بۇ گەپنى ىاڭلاپ، بىردىنلا جىمىپ قالدى.ھەممەيلەننىڭ كۆزى ىۇنىڭغا تىكىلدى.جىدىر ىىچىنى ىادەمنىڭ كەيپىنى بۇغۇدىغان سۈكۈناتلىق قاپلىدى.
-شۇنداق قىلايلى، ىوبدان مەسلىھەت بولدى، - دىدى خان بارگاھى ىالىيدىكى جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، - ھازىر بىزگە بۇنىڭدىن ىارتۇقمۇ ياخشى ىامال يوق ىوخشايدۇ.يەنە ساقلاۋەرسەك، ياخشىلىقتىن يامانلىق كۆپرەك بۇلۇشى مۇمكىن، قېنى ىېيىتسىلىچۇ ، ىەمىر جاناپلىرى، نىيە تەرەپكە كىم بارسا بۇلار؟...
-مەن باراي... ، - يولۋاسخان مىراز باباقبەگ ىېغىز ىېچىپ بولغۇچە ىۇرنىدىن سەل قوزغۇلۇپ قۇيۇپ ىېغىز ىاچتى.
-مەيلى، شاھزادەمنىڭ دىگىنىچە بولسۇن، - دىدى مىرزا باباقبەگمۇ قۇشۇلغاندەك، -ىەمما يولدا بەك ىھتىيات قىلسىلا،
-خاتىرجەم بولسىلا، ىەمىر جاناپلىرى، بۇ تەرىپى ماڭا ىاياقتىكى ىاشتەك ىايان، مەن چۇقۇم ىادالەتپاناھ ىەنھەزىرىتىمنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىمەن.
-ىۇنداقتا ىۆزىڭىز بىلەن كەلگەن قۇشۇننى باشلاپ ھايالشىمايلا يولغا چىقىڭ، نىيىگە بارغاندىن كىيىن ىەھۋالنى ىوقۇپلا چاپارمەن ماڭدۇرۇڭ.
-باش ىۈستىگە...، -يولۋاسخان ىورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ چىرىكچە سالام بەردى.
شۇكۈنى پېشىم مەھەلدە قەشقەرنىڭ ناىىپ خانى شاھزادە يولۋاسخان ىۆزى بىلەن بىللە كەلگەن لەشكەرلەرنى باشلاپ، نىيە تامان يۈرۈپ كەتتى، مىرزا باباقبەگ ىولارنى مەھەللىنىڭ ىايىقىدىكى بېشىغىچىلىك چىقىپ ىۇزۇتۇپ قۇيۇپ، قايتىپ كەلدى. ىارىدىن ىىككى كۈن ىۈتۈپ ىۈچۈنچى كۈنى خۇپتەندىن ىاشقاندا، ىىككى چاپارمەن يولۋاسخانىنىڭ مەلۇماتىنى ىېلىپ كەلدى.« قالماقلار نىيىدىن ىۆتمەپتۇ» دىگەن قىسقىلا خەت يېزىلغان ىىدى.
-پەرمانى ىالى، - دىدى ىابدۇللاخان خەتنى ىوقۇپ بۇلۇپ، بىردىنلا قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ، - يولۋاسخان نىيىنى چىڭ ساقلىسۇن، ىالىمادىس ياۋ لەشكەرلىرى سىزىلسە ۋاقتىدا خەۋەر يەتكۈزسۇن...
-باش ىۈستىگە...، - مەلۇمات ىەكەلگەن لەشكەرلەر چىرىكچە سالام بەرگەندىن كىيىن، ىارقىچىلاپ مىڭىپ، بارگاھى ىالىيىسىدىن چىقىپ كەتتى.
-ىەمدى بىز ىەتىلا ىاتلانساق بۇلارمۇ، ىەمىر، جاناپلىرى -سۇرىدى ىابدۇللاخان مىرزا باباقبەگدىن، - ياۋنىڭ ىەھۋالى ىايان بولدى.ىۇلار ىاتچان تاغلىق رايۇندا ىوخشايدۇ.
-شۇنداق قىلايلى، ىەتە سەھەردىلا يولغا چىقايلى.
( داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)
( ئاپتور: كىرېيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
iltarix
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4032
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-13
ھالىتى: توردا يوق
5- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-14 02:05
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(5)
(پوۋسىت)
مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
ىەتىسى تاڭ يۇرىماستىنلا يولغا چىققان قۇشۇن كۈچەت پالۋاننىڭ يول باشلىشىدا يۈرۈپ كەتتى.كۈچەت پالۋان ىاتچاننىڭ سوقتىياق دىگەن يىرىدىن بۇلۇپ، يەرلىك ىادەم بولغاچقا، تاغ يوللىرىغا پىششىق ىىدى.شۇڭا قۇشۇننى يېقىن يۇللار بىلەن باشلاپ، ناماز زىگەرگە يېقىن پىشكەگە يىتىپ كەلدى.
-ىاتچاننىڭ پىشكە دىگەن مەھەللىسىگە يىتىپ كەلدۇق ىالىلىرى، - دىدى كۆچەت پالۋان ىابدۇللاخاننىڭ قېشىغا كىلىپ قول باغلاپ تۇرۇپ، - لەشكەرلەر مۇشۇ كۈجۈم مەھەللىدە ىارام ىالغاچ ىۇزۇقلىنىۋالسا، مەن بىر نەچچە يارانلىرىم بىلەن ىەھۋال ىىگەللەپ كەلسەم بۇلارمىكىن.
-ماقۇل، تىز بېرىپ، تىز قايتىپ كىلىڭ.
كۆچەت پالۋان بىر نەچچە ھەمراھىنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى.مىراز باباقبەگ لەشكەرلەرگە ىارام ىالغاچ ىۇزۇقلىنىشنى تاپىلىدى.شۇنىڭغىچىلىك ىوردىدىن خان بىلەن بىللە كەلگەن بىكاۋۇل بەگ لەشكەرلەردىن سەل يىراقراق يەرگەگىلەم - پاراز سېلىنىپ تەييارلانغان مەخسۇس سورۇنغا داستۇرخان سېلىشقا باشلىدى.
كۈن كىرىپ، ىەتراپنى تۈن پەردىسى يېپىلىشقا باشلىدى.ىون تۆت كۈنلۈك ىاي ىەتراپنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى.لەشكەرلەرنىڭ بەزىلىرى قورساقلىرىنى ىەستەرلەپلا شىرىن ىۇيقۇغا چۈشكەن، بەزىلىرى ىىككى- ىۈچتىن بۇلىۋېلىپ، قىزىق گەپلەر بىلەن ىۆز كۆڭۈللىرىنى ىاۋۇندۇرماقتا ىىدى.ىابدۇللا خان، مىراز باباقبەگ، ىەبەيدۇللا سۇلتان بىلەن يۇمشاق تۆشەك ىۈستىدە ىىزىلىپ ىولتۇراتتى.ىەتىگەندىن بۇيان گىياھسىز سايىلىقتا ىات ىۈستىدە مۈكچىيىپ ىولتۇرغان، بەل- پۇتلىرى ىوبدانلا ىۇيۇشۇپ ھاردۇق يەتكەن بولسىمۇ، سىڭگىنىڭ ھازىرقى ىەھۋالىدىن بالدۇراق خەۋەر تېپىش ىىستىگىدە ىەتراپقا پات- پات قاراپ، گەپ بىلەن ىۆز كۆڭۈللىرىنى مەلىكە قىلىپ ىولتۇرىشاتتى .
ھازىر قايسى چاغ بولغاندۇ ؟، - سورىدى ىەبەيدۇللا سۇلتان ىاسماندىكى شوخ جىمىرلاۋاتقان يولتۇزلاردىن كۆزىنى ىۈزمەي تۇرۇپ.
-ىالاھەزەل ىېغىر ىەلياتقۇغا يىقىنلاشتى، -دىدى مىرزاباباقبەگ ىالدىرماي سۆزلەپ .
-ھېلىقى پالۋان كەتكىلىمۇ بىچاغ بۇلدى. نىمىشقا ھېچ قايتىپ كەلمەيدىغۇ؟ يۇلدا بىرەر كىلىشمەسلىككە ىوچراپ قالمىغاندۇ؟
-تەمبەت ىونداق خىياللاردا بولمىسلا، تاغ يۇلى دىگەن ىىگىز-پەس ، مۇشەقەتلىك يول بولسىمۇ، كۈچەت پالۋان يەرلىك كىشى بولغاچقا. ىالىمادىس بىرەر ىىش بولسىمۇ بىر ىامال قىلالايدۇ.
مىرزا باباقبەگنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يىقىنقى يەردىن لەشكەرلەرنىڭ گۇڭۇلداشقان ىاۋازى ىاڭلىنىپ، بارا-بارا كۈچەيدى،-دە، ھايالشىمايلا بىر نەيچەيلەننىڭ قارىسى كۈرۈندى.
-كىم ؟كۈزەتتە تۇرۈاتقان نەۋكەر كىلىۋاتقانلارغا قاراپ ىۈنلۈك تۇۋلىدى.
-مەن كۈچەت پالۋان، -كىلىۋاتقان تۇپنىڭ ىالدىدىكى كىشى جاۋاپ بەرگەچ، ىۇدۇل ىۆزىنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ يېنىغا كەلدى،
-قېنى ىولتۇرسىلا، - دىدى مىرزا باباقبەگ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا ىالدىراپ سۆزلەپ،- بىرەر خەۋەر بارمۇ؟
كۈچەت پاۋان ىۇ كۆرسەتكەندەك جايىدا ىولتۇرغاچ تىزلىكتە جاۋاپ بەردى.
-سىڭگى قۇشۇنلىرى سوقتياق دىگەن جايدىكى بىر ىىدىرلىقتىكەن. ىۇ يەرنىڭ بىر تەرىپى قىريا دەرياسىغا تۈتۈشىدۇ. ىىككى تەرىپى تاغ. پەقەتلا بىر تەرىپىدىن بىمالال ھەركەت قىلغىلى بۇلىدۇ.شۇ تاپتا قاراۋۇلدىن باشقىسنىڭ ھەممىسى ىۈلۈكتەك ىۇخلاپ قاپتۇ.
-سىلى دىگەن جايغا قانچىلىك ۋاقىتتا يىتىپ بارغىلى بۇلىدۇ ؟ ىابدۇللاخان بۇ گەپنى ىاڭلاپ بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك سورىدى.
- بىر ىاشپىشىمدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يىتىپ بارغىلى بۇلارمىكىن.
-ھە.... ىونداقتا تۈمۈرنى قىزىقىدا سوقساق قانداق بۇلار مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى ؟
سىلى ىۇلار تەييارلىقسىز تۇرغان چاغدا ھۇجۇم قىلايلى دىمەكچىمۇ ؟ مىرزا باباقبەگ يالىت قىلىپ ىابدۇللاخانغا قاراپ
-تايتىلان ھازىر كەلكۈن مەزگىلى، دەريادا سۇ بار، ىىككى تەرىپى تاغ ىىكەن. شۇڭا. . .
-دىگەنلىرىچە بولسۇن، ىىمكان قەدەر شەپە چىقارماسلىققا تىرىشىپ، ىولارنى بىر يولدىلا يىغىشتۇرايلى.
ىۇلار قىسقىلا مەسلىھەت قىلىشقاندىن كىيىن، چاقماق تىزلىكىدە يولغا چىقىشتى.مىرزا باباقبەگ ىابدۇللاخاننىڭ بىر ىشىغا قۇشۇلمىغان بولسىمۇ، ىەمما خان ىۆز پىكىردە چىڭ تۇرىۋالغاچقا، ىامالسىز قالغان ىەمىر ىاخىرى باشقا ىامال قىلالمىدى. قۇشۇن ىەگرى-بۈگرى تاغ يۇلىغا بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن كۈچەت پالۋاننىڭ تەكلىۋى بىلەن ىۈچ تارامغا ىايرىلدى. ىابدۇللاخان، ىەبەيدۇللا سۇلتان، بىجەن پالۋانلار بىر توپ، خۇدا بەردى بەگ ىىسكەندەر پالۋانلار بىر توپ ،مىرزا باباقبەگ بىلەن كۈچەت پالۋانلار بىر توپ لەشكەرنى باشلاپ، ىەتراپنى بەش قولدەك بىلىدىغان يول باشلىغۇچىلارنىڭ ھەمرالىقىدا، ىالدىنىالا نىشانلىغان ىۇرۇنلارغا باردى، مىرزا باباقبەگ كۈچەت پالۋان بىلەن لەشكەرلەرنى باشلاپ ياۋ لەشكەرگاھىغا يېقىنلاشتى .بۇ چاغ ىاللىقاچان يېرىم كىچىدىن ىاشقان ۋاقىت بۇلغاچقا قاراۋۇللارمۇ ىۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى.شۇڭا ىوت يىقىپ بەلگە بەردى .ىابدۇللاخانمۇ، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەرمۇ بەلگىلەنگەن جايغا يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ىوتقاچ يىقىشتى.شۇىان ناغرىلار گۈمبۈرلىتىپ چېلىندى ، لەشكەرلەر قىيازدەك جىلغا ىىچىگە باستۇرۇپ كىرىشتى.سىڭگى لەشكەرلىرى تاتلىق ىۇيقىدا بولغاچقا، تۇيۇقسىز ىاڭلانغان ھۇڭا-سۈرەنلەردىن چۈچۈپ ىويغۇنۇشتى-دە،باش تەرەپلىرىگە قۇيۇپ قۇيغان جەڭ قۇراللىرىنى ىېلىشتى، ساي ىىچىنى قۇرال-ياراقلارنىڭ تاراڭ-تۇرۇڭلىرى. ىاتلارنىڭ كىشىنەشلىرى، يارلانغانلارنىڭ ىېچىنىشلىق ىاھۇ-زارى قاپلىدى.تاڭ ىاتارغا يىقىن خۇدا بەردى ھاكىمبەگ تۇرغان تاغ ىېغىزىغا يىقىنلاشقان ياۋ لەشكەرلىرى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن خانلىق لەشكەرلىرىنى ىېغىر تالاپەتكە ىۇچرىتىپ قېچىپ كەتتى.
قۇياش تارتىنچاق كىلىندەك ھىجىيىپ چىقىپ ىەتراپ تۇلۇق يۇرىغاندا، لەشكەرلەرنى ىېنىدىتلاپ ىۈلگۈرگەن مىرزا باباقبەگ ىەتراپنى بىر قۇر كۈزىتىپ چىقتى.
-بۇ يەر بەك خەتەرلىك ىىكەن، ىەنھەزرىتىم، ىەگەر ياۋ لەشكەرلىرى ھۇجۇم قىلىپ قالسا، تاقابىل تۇرۇش تەس بۇلغۇدەك، شۇڭا دەرھاللا يۆتكىلەيلى.
-دىگەنلىرىچە بولسۇن، كۈچەت پالۋان بىلەن قۇشۇننى دەررۇ ىاتلاندۇرسىلا. . .
ىۇلار شۇ مەسلىھەت بىلەن دەررۇ ىاتلاندى، - دە، ھايالشىمايلا تۈزلەڭلىككە چىقىپ ھەيران بۇلۇشتى.كۆز يېتىم يەردە ياۋ لەشكەرلىرى ىۇلارنىڭ كىلىدىغانلىقىدىن ىاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقاندەك تۇرۇشاتتى، بۇنى كۈرۈپ، مىرزا باباقبەگ لەشكەرلەرنى سەپراس بۇلۇشقا ىۈندىدى، ياۋ سىپىگە قاراپ، بىر نىمىنى خىيال قىلغاندەك ۋارقىرىدى.
-ىۇقياچىلار تەييار تۇرۇڭلار.
ىۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ياۋ سىپى ىۇلارتەرەپكە قاراپ دەۋرەپ كىلىشكە باشلىدى.ىوقياچىلار ساداققا ىوقنى بېسىپ، گىرىچىنى چىڭ تارتىشتى.
-ىېتىڭلار. . .
ياۋ يېقىنلاپ كەلگەندە، ىوقيا ىوقلىرى ىۇچۇشقا باشلىدى، ياۋ سىپىدە ىاتتىن دومىلاپ چۈشكەنلەر، ىات بىلەن بىللە يېقىلغانلار كۈرۈنگەن بولسىمۇ، ىەمما ىارىلىق بارغانسىرى قىسقارماقتا ىىدى.
- ىاتلىنىڭلار، - مىراز باباقبەگ قىسقا ساپلىق شەمشىرىنى بۇلاڭلىتىپ، ىات سالدى.بۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ ىۇلارغا ىەگەشتى-دە، ىىككى قۇشۇن كىشلىرى ىارىلىشىپ جەڭ قىلىشقا باشلىدى.يىراقتا ىۇلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى كۈرۈپ تۇرغان ىابدۇللا خان نەۋرىسى ىەبەيدۇللا سۇلتاننىڭ يەڭگىلتەكلىك قىلىپ ياۋ سېپىگە ىات سالماسلىقى ىۈچۈن ىۇنىڭغا قەدەمدە بىر غىلام - غىلام قاراپ قويغاچ، جەڭ ىەھۋالىنى كۈزىتۋاتاتتى.تۇيۇقسىز سىڭگى قۇشۇنى ىارقا تەرەپكە ىاستا- ىاستا سۈرۈلدى- دە، ىاللىقانداق ۋارقىراشقان ىاۋازلار بىلەن تەڭلا ىات چاپتۇرۇپ چىكىنىشتى.
- بولدى، قوغلىماڭلار، قايتىپ كىلىڭلار، بىكار ياۋنىڭ ىالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالمايلى، - دەپ ۋارقىرىدى مىراز باباقبەگ. شۇنىڭغىچىلىك جەڭ ىەھۋالىنى كۈزۈتۈپ تۇرغان ىابدۇللاخانمۇ ناغرا چالدۇرۇپ لەشكىرى بەلگە بەردى.
- ىۇلارنىڭ قاچقىنى راسمىدۇيا، - سۇرىدى ىابدۇللا خان قان تېمىپ تۇرغان شەمشىرىنى قىنىغا سالماستىن، ىات چاپتۇرۇپ كەلگەن مىراز باباقبەگدىن.
- ىۇلارنىڭ يېڭىلگىنى يالغان ىەنھەزرىتىم.كىچىدىكى تۇيۇقسىز زەربىدە ىىغىر تالاپەت تارتتى. شۇڭا بىزنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ھۇجۇمغا ىۆتكەن بۇلسىمۇ. بىزنىڭ ھەمدەيچى قۇشۇنىمىز بار-يۇقلىقىنى بىلەلمەي چىكىندى. ىۇلارمۇ بىكاردىن-بىكار ىۆزىنى ىوتقا ىۇرىدىغان پەرۋانە ىەمەس. ىۇنىڭ ىۈستىگە ىورۇش دىگەننىڭ ‹‹تۇققۇزى رەڭ، بىرسى جەڭ››.يىڭىلگەن بۇلۇپ، بىزنى قىلتاققا دەسسەتمەكچىمۇ تېخى ،كىم بۇلىدۇ ؟!
شۇ ىەسنادا ىولارنىڭ يىنىدىن كۈچەت پالۋان ىۈتۈپ قالدى. مىرزا باباقبەگ щۇنى كۆرۈپ چاقىردى.
–بۇ يەرگە كەلسىە پالۋان.مەسـەھەت قىلىدىغЧن ىىش بار.-ىۇ سۆزلىگەچ ىاتتىن چۈؔتى –دە ىۆزىگە يېقىنلاپ كەلگەن كۈچەت پالۋاندىن سورىدى .
-بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ نېرىسى قانداق يەر؟
-بۇ يەرنىڭ شۇقارقى تەرىپى ىۈچ-تۆت ىادەم قاتارلىشىپ ىاران ماڭالايدىغان يارلىق، مۇيسىپىتلار نىڭ دىيىشچە ،ىىككى-ىۈچ يۈز مۇقەددەم غايەت زۇر كەلكۈن كىلىپ پەيدابولغانمىش .
-بۇ تەرىپىچۇ،-ىۇ يان تەرەپنى قولى بىلەن ىىشارەت قىلدى.
-ىۇ يەردىمۇ ىوخشاش، ىەمما يارلىقنىڭ ىۇ تەرىپى ىىگىز تاغ، پەقەت بىرلا ىادەم ىاران ماڭالايدىغان يول بار.
بۇنى ىاڭلىغان مىرزا باباقبەگ كىچىك بالىدەك بىردىنلا ۋاقىرۋەتتى.
-دەرھال ناغرا چېلىڭلار،قۇشۇن دەرھال يىغىلسۇن . قۇشۇن باشلىرى بۇ يەرگە كەلسۇن.
بۇيرۇق بىردەمدىلاىۇرۇندالدى مىرزا باباقبەگ قۇشۇن باشلىرىغا بىر قاتار يوليۇرۇقلارنى بەرگەندىن كىيىن، Ƀۈ҆ەت پالۋان بىɄەن ىىككى يۇزدەك لەشكەرلەرنى باشلاپ سىکگىنىڭ كەينىدىن قۇغلاپ ماڭدى، ىۇلار بىر ىاشپىشىم يۇل يۈرۈپ ، غӕربى جەنۇپ تەرىپى بىر-بىرىگە باش قۇيۇپ ىوخل؇پ قالغاندەك كӆرىنىدىغان تاغلارنىڭ يانتۇ تۑرىپىدە بارگاھ قۇرۇپ ىەمد땉لەتىن ناشتا قىلىشقا تۇتۇنغان ياۋنىڭ يىنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.بۇنى كۆرگەن ياۋ لەشكەرلىرى نىمە قىلىشىنى بىلەلمىگەندەك سەل تىڭىرقاپ قېلىشتىيۇ، ىەمما ناھايىتى تىزلىكتە ىاتلىرىغا مىنىشتى.مىرزا باباقبەگ ىوڭ قولىدىكى قىسقا ساپلىق قىلىچنى ىىگىز كۆتۈرۈپ، ھۇررا توۋلىغىنىچە ىېتىلدى.بۇنى كۆرگەن سىمىز، غۇلۇسقىنە كەلگەن، مەڭزىدىن قان تەمچىپ تۇرغاندەك كۆرىنىدىغان ياۋ سەركەردىسىمۇ، ىۆز لەشكەرلىرىنى «جەڭگە ىاتلىنىڭلار» دىگەندەك ىۇزۇن، ىايسىمان قىلىچنى ھاۋادا پۇلاڭلاتقىنىچە ىات چاپتۇرۇپ كەلدى.مىرزا باباقبەگ تۇيىقى يەرگە تەگمەي چېپىۋاتقاندەك كېتىۋاتقان قارا گىر تۇلپارىنىڭ بېشىنى سىڭگىنىڭ ىېتىغا روبىرۇ قىلدى.ىىككى ىاتنىڭ بېشى يېقىنلىشا-يېقىنلاشمايلا ىىككى سەركەردىنىڭ قىلىچلىرى بىر-بىرىگە ىۇرۇلۇپ، ھاۋادا چاقماق چېقىلغاندەك «پاللىدە» ىۇچقۇن چاچرىدى.ىۇلار ىاتلىرىنىڭ بېشىنى بۇراپ، يەنە بىر مەرتەم يېقىنلاشتى-دە، قىلىچۋازلىق قىلىشقا باشلىدى.قىلىچلار گاھ بېشىنى، گاھ بوينىنى، بەزىدە يۈرەكنى نىشانلاپ ىۇرۇلاتتى.ىەمما ىۇلار چەبدەس ھەركەتلەر بىلەن بىر-بىرىنىڭ زەربىسىنى توسۇۋالاتتى.ىىككى سەركەردە خېلى ھەملە قىلىشقان بولسىمۇ، ىەمما ھەر ىىككەيلەن ىەلەم ماھارىتىگە پىشقان سانغۇنلار بولغاچقا،بىر-بىرىگە ىەجەللىك زەربە بېرەلمىدى.شۇ چاغدا مىرزا باباقبەگ لەشكەرلىردە تالاپەتنىڭ ىېغىر بۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ىىتنىڭ بېشىنى بۇرۇغاچ ۋارقىرىدى.
-چىكىنىڭلار، تىزدىن چىكىنىڭلار. . .
بۇيرۇقنى ىاڭلىغان لەشكەرلەر تىزلىكتە كەينىلىرىگە ياندى.بۇنى كۆرگەن سىڭگى قەھرى بىلەن توۋلىدى.
-قىرىڭلار، بىرىمۇ ىامان قالمىسۇن، ىۇلارنىڭ ھەممىسىنى ىۆلتۈرەيلى...
مىرزا باباقبەگ ۋە ىۇنىڭ لەشكەلىرى ناھايىتى تىزلىكتە قاچماقتا ىىدى.تۈن يېرىمىدىكى ۋە بايامقى جەڭدە ىېچىنىشلىق چىقىم تارتقان سىڭگىنىڭ بىردىنلا قېنى قىزىپ كەتكەچكە، ىېتىنى ھەدەپ تېقىمىداپ قوغلىماقتا ىىدى.ىۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ىۇزۇن ماڭدى-دە، كۈچەت پالۋان بايام چۈشەندۈرگەن مەنزىلگە يېتىپ كېلىپ، ىاتلىرىنىڭ بېشىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان سىڭگىنىڭ قوشۇنى تەرەپكە بۇرۇدى.دەل شۇ چاغدا يارلىقنىڭ ىۈستى تەرىپىدىن تاشلار«گۈلدۈر-غاراس» قىلىپ، تۈۋەنگە دۇملاشقا، ىوقيا ىوقلىرى ىۇچۇپ كىلىشكە باشلىدى.بۇنى كۆرگەن سىڭگى ىۆزلىرىنىڭ ىالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ىېتىنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇرىدىيۇ، ىەمما بايام كەلگەن يېرىدە خۇدا بەردى بەگ بىلەن ىىسكەندەر پالۋان قوشۇنلىرىنىڭ ىۆز لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ىېتىنى تېقىمداپ، شۇ تەرەپكە ىات سالدى.ىەمما سىڭكى لەشكەرلىرى ھەر قانچە كۈچەنگەن بىلەنمۇ كىرىش چىقىش ىېغىزى تۇسۇۋېلىنغان، ىىككى تەرەپتىن تاشلار دۇمىلاپ، ىوقيالار ىېتىلىپ تۇرغاچقا، سىڭگى قوشۇنىنىڭ تالاپىتى ىېغىر بولماقتا ىىدى.جىلغا ىىچى ىاتلارنىڭ كىشىنەشلىرى، لەشكەرلەرنىڭ ىاھۇ-زارى بىر ىالغان بولۇپ، ىىگىسىز قالغان ىاتلار قالايمىقان چېپىپ، جەڭ مەيدانىدا ىېغىر ساراسىم پەيدا قىلماقتا ىىدى.سىڭگى ھېلى مىرزا باباقبەگ تەرەپكە، ھېلى خۇدا بەردى ھاكىمبەگ تەرەپكە ىات سېلىپ، بىرەر يوچۇق ىېچىپ، ھاياتلىق ىىزلەشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، ىەمما مۇداپىيە چىڭ، ھۇجۆم قاتتىق بولغاچقا، ىاخىرقى ىۈمۈتلىرىمۇ سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك تۇزۇپ بارماقتا ىىدى.شۇ تاپتا ىۇنىڭ يۇرتتىن باشلاپ چىققان بەش مىڭ ىاتلىق قوشۇنىدا ىۈچ-تۆت يۈزدەك ىادەم قالغان بولۇپ، بۇ ھەل ىۇنى قاتتىق ىازاپلىدى.سىڭگى يۈرەك باغرىنى تىلىپ ىۆتكەن ىاجايىپ بىر خىل ىاچچىق سىزىم بىلەن قاتتىق ۋارقىرىدى.
- ىالغا... ىالغا. . . مەن بىلەن ىالغا...
سىڭگى پۈتۈن كۈچى بىلەن ىېتىنى تېقىمدىدى.ىات كۈچلۈك زەربىدىن چۈچۈپ، ىالدى ىىككى پۇتىنى ىىگىز كۆتۈرۈپ، ىادەمنىڭ ىىچىنى سېرىلغۇدەك شۇنداق قاتتىق كىشىندى-دە، جىرادا ىەكىس سادا پەيدا قىلغاندىن كېيىن، بىردىنلا خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ سېپىگە قاراپ ىېتىلدى.سىڭگى ىالدىغا ىۇچرىغانلىكى خانلىق لەشكەرلىرىگە زەرىپ بىلەن قىلىچ ىۇرۇپ، ىۇلارنىڭ سېپىنى قالايمىقان قىلىدى-دە، ىارقىسىدىن ىەگىشىپ كەلگەن لەشكەرلىرى بىلەن قۇرشاۋنى بۇزۇپ چىقىپ، ساداقتىن ىايرىلغان ىوقتەك ىالغا قاراپ ىېتىلدى.
- قوغلاڭلار، ىۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلاڭلار...
مىرزا باباقبەگ شۇىان بۇيرۇق بەردى.خۇدا بەردى ھاكىمبەگ بىلەن ىىسكەندەر پالۋان بۇنى ىاڭلاپ، ياۋا لەشكەرلىرىنىڭ كەينىدىن ىات سالدى.ىەنە شۇ ىۇرۇشتا ىابدۇللاخان بىلەن يەركەندىن كېرىيەگە كېلىپ، جەڭگە بىۋاستە قاتناشقان «تارىخى رەشىدىيە» تارىخى رەشىدى زەيلى (سەىىدىيە خانلىقىغا داىىر تارىخى ماتىرىياللار)» نىڭ ىاپتورى شاھ مەخمۇد جوراس ىۆز خاتىرىسىگە «شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى قىلىچ، نەيزىلەرنىڭ ىاۋازلىرىدىن، جەڭ ىاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ گۈپۈرلىشىدىن تاغلارمۇ ىەندىشە قىلىپ، ىۆز ىورنىدىن يۆتكىلىپ كەتكۈدەك بولدى» دىگەن قۇرلارنى پۈتتى.
10
بۇ قېتىمقى ىۇرۇشتا نۇسرەت قازانغان ىابدۇللاخان ىىككى ىۈچ كۈنلەردىن كېيىن، كېرىيەنىڭ ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگە قايتىپ كېلىپ ىورۇنلاشتى.شۇنىڭغىچىلىك ياۋنى قوغلاپ ىويتوغراقنىڭ جاڭگاللىقلىرىدا، كېرىيە بىلەن نىيە ىارسىدىكى سايدا ىاراملىق بەرمەي، ياۋنىڭ قاچقان لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يوقىتىپ كەلگەن خۇدا بەردى ھاكىمبەگ بىلەن ىىسكەندەر پالۋانمۇ، نىيىگە ىالدىن ىالا چىقىپ كەتكەن يولۋاسخانمۇ قايتىپ كەلگەن ىىدى.ىۇ ھاكىمبەگلىك مەھكىمىسىگە ىۇرۇنلىشىپ، ىەتسى لەشكەر باشلىرى ۋە ىۇرۇشتا ىەجىر تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنىڭ جىمسىنى جەم قىلدى-دە، ىۇرۇشتا ىەجىر تۆھپە كۆرسەتكەن سانغۇن لەشكەرلەرگە ىىنىام بېرىشتى.ىۇرۇشتا خان قوشۇنىغا ھەمدەم بولۇپ، نۇسرەت قازىنىشقا يار-يۆلەكتە بولغان كۆچەت پالۋان، ىىسكەندەر پالۋان، بىجەن پالۋانلارغا يەر، سۇ سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، ىەۋلاتمۇ-ىەۋلات مىراس قالدۇرۇشنى، ىۇلارنىڭ قول ىاستىدىكى، يۈز بېشى، تۈپ بېشى، ىون بېشىلارنىڭ جەڭدىكى ىىپادىسىگە ىاساسەن زىممىسىدىكى باج-سىلىقنى ىېلىپ تاشلاشنى جاكارلىدى.
ىەنە شۇ ىىشلاردىن ىىككى كۈن كېيىن، ىابدۇللاخان خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ تەكلىۋى بىلەن كۆككۆز ۋە تۇقۇچاقلىققا ىوۋغا چىقتى.ىۇلار كەچ پىشىمگىچە تۇلۇمدەك سىمىز ىاتلىرىنى چاپتۇرۇشۇپ، تۇشقان، تۇلكە دىگەندەك نەرسىلەردىن ىوندىن ىارتۇقراقنى ىولجا ىالدى- دە، كۆز باغلىنىشتىن بۇرۇن ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگە يېتىپ بېرىش ىۈچۈن قايتىشتى.مەيىن شامال يۈزلەرگە ىۇرۇلۇپ تۇراتتى، بىر خىل تەرىزدە تىزگىن سىرىلىپ كېتىۋاتقان ىاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن كۈتۈرۈلگەن تۇپا- چاڭ ىاستا- ىاستا ىۆرلەيتتى.بۈگۈن ىابدۇللا خاننىڭ كەيپى خېلىلا كۈتۈرلۈپ قالغان بۇلۇپ، بەزىدە ھەمراھلىرىغا چاقچاق قىلسا، بەزىدە قايسى بىؑ ناخشىغ& щۆزىچىلا غىڭشىپ كېتەتتى.ىۇلار قۇيۇق قۇمۇچ ىۆسكەن جاڭگاللىقتىن ىۈتۈپ، ىۆ يەر بۇيەردە سېسىق سۇ يىغىلىپ قالغان شورلۇقنى كەينىگە تاشلاپ مەھەللىگە щۇلاشتى.خان يول بۇيىدщكى كۈز كەلمەستىنلا غاز؇ڭلىرى ؓارغىىيپ قالغان دەرەخلەرگە، ىوسساپ قاغچىراپ كەتكەن يەرلەرگە قاراپ، خۇداШӕردى ʾاكىمبەگدىن سۇىال سۇراؔقا تەمشەلگەندӕ، يېقщنلايەردىن ىاللىكىمфӕرنىڭ ۋاقىرىغان ىاۋازى ىاڭلاندى.
-ىادەم بارمۇ؟، تىز كىلىڭلار، خۇن تۈكۈلدى....ىادەم ىۆلدى.
بۇنى ىاڭلىغان خان ىاۋاز چىققان تەرەپكە ىات سالدى.باشقىاؑمۇ خ؇نغا ىەگەشتى.ىۇلار يولنىڭ بۇيىدىكى قۇچاققا يەتەيدىغ؇ن سۈگەتنىڭ كەينىدىكى ىاچا يولدىن قايرىلىپ، ىاۋاز چىققان يەرگە يېقىنلاشتى.
-سىلى تۈرۈپ تۇرسىلا ىەنھەزرىتىم.مەن ىەھۋالنى ىۇقۇپ كىلەي، -دىدى خۇدابەردى بەگ ىالЯىراپ ىادەملەر ڂولغۇشۇۋ؇لغان تەرەپكە ىاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ماڭغىنىچە. ىابدۇللاخان ىۇنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرگەندەك ىاتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى، بۇنى كۈرۈپ باشقىلارمۇ توختاشتى، ىارىدىن كۆپ ۋاقىت ىۆتمەيلا، خۇدابەردى بەگمۇ قايتىپ كەلدى.
-نىمە ىىش بوپتۇ؟ -، سورىدى ىابدۇللا خان ىالدىراپ.
-سۇ تالىشىپ ىۇرۇشۇپتۇ. بىىر Џېھقان تۇغۇمنى چېپىۋېتىپسەن دەپ يەنە بɉرىنى يارфاندۇرۇپتۇ
-ىەھۋال ىېغىر ىەمەستۇ ؟
-ياق، ىىغىر ىەمەسكەن. ىۇلارنى ىەتە ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگە بارىسىلەر دەپ قويدۇم.
-ھىم... بۇ يەردە داۋاملىق مۇشۇنداق ىىشلار يۈز بىرەمدۇ.؟ مەن دىمەكچى، كېرىيەدە سۇ قىسمۇ ؟
-شۇنداق ىادالەتپاناھىم ،كېرىيەدىلا ىەمەس، چىرىيە نىيالاردىمۇ سۇ قىس. بەزىدە دېھقانلار ىەتىيازلىق زىراىەتلەرنى قاپاق، سوغىلاردا سۇ تۇشۇپ تىرىدىغان ىىشلارمۇ بۇ يەردە كۆپ.
-بۇنىڭ ىامالىنى قىلسىڭىز بۇلمامدۇ ھاكىم بەگ،قارىسام قىريا دەرياسىنىڭ سۈيى خېلىلا بار ىىكەن.ىۆتەڭ،ىېرىقلارنى ىېلىپ سۇنى كۈپەيتىپ،بىنام ىاچساقمۇ بۇلىدۇ ىەمەسمۇ ؟
-بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن، بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ ىويلانغان بولساممۇ، ىەمما بىر تەرەپ قىلىدىغان ىىشلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋاقىت چىقىرالمىغان ىىدىم، ىادالەتپاناھىم. يارلىق قىلغان ىىكەنلا، بۇ ىىشنى چۇقۇم ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ىورۇنلايمەن.
-ىەتە ھەممىمىز ىۆستەڭ ىېلىنىدىغان ىۇرۇننى كۆرۈپ بار مەسلىھەت بىر ىىش قىلايلى، - ىابدۇللاخان سۆزلىگىنىچە ىېتىنى دىۋىتتى،- چۇھ، جانىۋار. چۇھ...
11
خانە ىىچىنى ىېغىر سۈكۈناتلىق قاپلىغان بۇلۇپ، چىۋىن ىوچچىسىمۇ ىاڭلىغۇدەك دەرىجىدە جىمجىت ىىدى. ىابدۇللا خان ىالدىدا يۈكۈنۈپ ىولتۇرغان ىوغلى شاھزادە يولۋاسخانغا قاراپ قۇشۇمىنى تۈرگىنىچە ىولتۇراتتى.
-شۇنداق قىلىپ ىەتە يولغا چىقاي دەۋاتامسىز ىوغلۇم ؟،- خان خاس خانىدىكى بۇرۇختۇرمىچىلىققا بەرداشلىق بىرەلمىگەندەك ىاخىرى ىېغىز ىىچىپ، -بۇ يەردىكى ىىشلارمۇ ىاساسەن بىر يەرگە باردى. مەنمۇ پات ىارىدا ىوردىغا قايتىمەن. شۇ چاغدا بىرگە قايتىساق بۇلمامدۇ ؟
-بولسىغۇ شۇنداق قىلساق بۇلاتتى خان ىاتا، ھېلىمۇ قەشقەردىن چىققىنىمغا خېلى ۋاقىت بولدى. ىۇ يەردە قانداق ىىشلار يۈز بەردى، كەمىنە ىوغۇللىرى خەۋەر سىزمەن...ىۇنىڭ ىۈستىگە ىەل-رەىىسيەتنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەممۇ قاملاشماسمىكىن دەپ ىويلاپ قالدىم.
- ىوبدان بۇلۇپتۇ ىەمىسە ىىختىيارىڭىزچە بولسۇن .
( داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللنىدۇ)
( ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
iltarix
يېڭى ئەزا
رەت نۇمۇرى: 4032
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-13
ھالىتى: توردا يوق
6- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-14 02:06
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان
نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(6)
(پوۋسىت)
مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
يولۋاسخان دادىسىنىڭ بۇنچىلىك تىز ماقۇللۇق بىرىشىنى ىەمدىلا ىويلاپ باقمىغان ىىدى. ىۇ خاس خانىگە كىرىشنىڭ ىالدىدا «مەن كىتىمەن دىسەم، دادام چۇقۇم قۇشۇلمايدۇ. ھىچ بولمىسا بىردەم تاقارىشىپ، مىنى ىۆز سۆزىگە كىرىشكە ىۈندەيدۇ، » دەپ ىويلىغان ىىدى. شۇڭا دەرگۇمان بولغاندەك ىابدۇللاخانغا قارىدىيۇ، ىۇنىڭمۇ ىۆزىگە تىكىلىپ ىولتۇرغىنى كۆرۈپ تىزلا بىشىنى سىلىۋالدى. دەل شۇ چاغدا ىۇ قەشقەردىن ىاتلىنىدىغان كۈننىڭ ھارپا ىاخشىمى غۇجا ھىداياتۇللا ىىشاننىڭ ؛بۇ سەپەرلىرى خەيرىلىك سەپەر بولغاي شاھزادەم، ىەمدى تەببەت ىىككىلەنمىسىلە، ھېلىمۇ ناىىپ خانلىققا يىگىرمە نەچە يىلدىن. كۆپرەك ىولتۇردىلا، دادىلىرى سىلىنىڭ ياشلىرىدا ىاللىقاچان شاھلىق تەخىتكە ىولتۇرغان ىۇزات يۇرتىدارچىلىق تىزگىنىنى تۇتۇمەن دەپ كۆپ ھەرىج تارتتى. سىلى پەدەرى بۇرزۇك خان ىالىلىرىنىڭ ۋەلىەھدىسى بولغاندىكىن، بۇرۇنراق ىونى غەمدىن خالاس قىلىپ، كىيىنكى ىۆمرىنى خاتىرجەم ىۆتكۈزۈشىگە ھەمدەم بولغايلا، بۇ ىىككىلىنىدىغان ىىش ىەمەس، خان ىالىلىرىمۇ بۇنى چۇقۇم چۈشىنىدۇ.ىەمما ىالدىراشچانلىقتا خىيالىغا كىرىپ چىقمىغانلا يىرى بار. شۇڭا بۇنى ىۆزلىرى پەدەرى بۇزرۇكنىڭ سەمىگە سېلىشنى بۇرۇچ دەپ بىلگەيلا...›› ، -دىگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغاندەك بۇلدى. ىۇنۇڭسىزمۇ ىۇزۇندىن بىرى شۇنداق بىر كۈن كىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن يولۋاسخان مۇشۇ سەپىرىدە خاننىڭ كۆڭلىگە ھىدايەت تىلەپ ىاتلانغان ىىدى. شۇنىڭغىمۇ نىيا سەپىرىنى ىۆزى خالاپ تەلەپ قىلغان ۋە ىۆزىنىڭ مەيلى ىەلەم ماھارىتىدە، مەيلى قەلەم ماھارىتىدە پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ىاتىسىنىڭ قۇلىغا قۇل، پۇتىغا پۇت بۇلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان ىىدى. ىەپسۇس سىڭگى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ، بىرەر قەپەز ىېلىشىشى تۈگۈل. ىۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۈرەلمىدى. خۇدابەردى ھاكىم بەگ بىلەن ىىسكەندەر پالۋان سىڭڭى ۋە ىۇنىڭ لەشكەرلىرىنى سۈتۈقاي قىلىپ، ىاخىرى ىۇلارنى ىاق بايراق چىقىرىشقا مەجبورلارپ، بۇ دورەم كەتكەن يولى بىلەن قايتىش، كىيىن بۇ يۇرتلارغا قايتا ىاياق باسماسلىق شەرتى بىلەن يولغا سېلىپ قويغان ىىدى. يولۋاسخان بۇنى ىاڭلىغاندا يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان بولسىمۇ، ىەمما ىۆزىنى تۇتۇۋالغان ىىدى. نىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، قەشقەرگە دادىسى بىلەن خوشلاشمايلا كىتىپ قېلىشنى ىويلىغان بولسىمۇ، قەلبىدىكى كۈنسايىن لاۋۇلداپ تۇرغان تەخىت ۋەسۋەسى غالىپ كىلىپ، ىۇنى خاس خانىگە باشلاپ كىردى. لىكىن ىابدۇللاخان ىونىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دىيىش تۈگۈل تەلىۋىگە چاپسانلا ماقۇل دەۋەتتى.
-تەنلىرنى ىاسرىغايلا ىاتا، - دىدى يۇلۋاسخان خېلى ىۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىن، -تەخىتكە چىققاندىن بىرى تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن خانلىقنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا ىاز رىيازەت تارتمىدىلا، بارمىغان بەدەشقان، لەشكەر تارتىمىغان كۇچار، خۇتەنلەر قالمىدى، ىۆزلىرىنىڭ ىالتۇن بويلىرىنىڭ ىاسان بۇلىشى ىەل-رەدىيەتتىڭلا ىەمەس پۇشتى-پاناھلىرى بولمىش پەرزەنتىلىرىنىڭمۇ بەختى...
گەپنىڭ بارا-بارا ىۇزۇندىن بىرى ىۆزى ىەندىشە قىلىۋاتقان تەرەپكە بۇرۇلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ىابدۇللاخان سەل سەگەكلەشتى-دە، پەر ياستۇققا يۈلەنگەن گەۋدىسىنى سەل كۈتۈرۈپ قۇيۇپ ىېغىز ىاچتى.
-شاھزادەمنىڭ شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلگىنىگە ھەشقەللا، چۇقۇم دىگەنلىرىنى ىىسىمدە تۇتۇمەن....
-ىاتا-بالا ىوتىرىسىدا ىارتۇقچە تەكەللۇپنىڭ ھاجىتى يۇق، خان ىاتا، ىۆزلىرىنىڭ مەن ۋە ىوغلۇمغا كاتتا شاپاىەت قىلىپ، قەشقەرۋە خۇتەنلەرنىڭ ناىىپ ىەمىرلىك مەنسىۋىنى ىاتا قىلغانلىرىغا مىڭ-مىڭ تەسەننا.شۇنداقتىمۇ كۆپ ىىھتىيات قىلغايلا، مەن ىىگىلىگەن ىەھۋاللارغا قارىسام. ىوردىدا رىياكار ىەمىرلەر كۈپۈيۈپ قالغانمىش. ىىشەنچىلىك ىەمىرلەر بارغانسىرى يىتىم قىلىۋاتقانمىش. شۇڭا جازالايدىغىنىنى جازالاپ، ىەتىۋارلاپ ىىشلىتىدىغىنى ىىشلىتىش ىارقىلىق ھازىرقى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش جايىزمىكىن خان ىاتا؟
-قىنى تەپسىلىرەك سۆزلىسىلە ناىىپ خان !، - دىدى ىابدۇللاخان ىۇنى ىادەم يۇق سۇرۇنلاردا شاھزادەم، ىوغلۇم دەيدىغان ىادىتىنى بىردىنلا ىۆزگەرتىپ، «ناىىپ خان» دىگەن سۆزنى ىورغۇلۇق قىلىپ ىېيتىپ.
يولۋاسخان بۇ گەپلەرنى ىاڭلاپ سەل چۆچىدىيۇ، ىەمما خۇجا ھىدا يىتۇللا ىىشاننىڭ گەپلىرىنى بىردىنلا يادىغا ىېلىپ، ىالدىرماي ىېغىز ىاچتى.
-ىوردىدا ىىشەنچىلىك ىادەملەرنىڭ ىازىيىشى خەۋىپلىكتۇر.
شۇڭا ىىشەنچىلىك كىشىلەرنى مەنسەپكە قۇيۇپ، شۇ ىارقىلىق مۇتلەق ىۈستۈن ھالەتنى ساقلاش زۈرۈردۇر. مىنىڭ مەسلەھىتىم ىەنھەزىرىتىمگە خوپ كەلسە، مىرزا تىنبەگكە يەركەننىڭ ھاكىملىقىنى، نەپى بەگكە ىىشىك ىاغىلىقنى بەسىلە قانداق بۇلار ؟...
ىابدۇللاخان بۇگەپنى ىاڭلاپ ھەم ھەيران بولدى، ھەم چۈچۈدى، ىۇ ىوغلىنىڭ تۇيۇقسىز بۇ ىىككى ىەمىرنى ىۆستۈرۈش تەلىۋىنى قۇيۇشىنى ىەسلا ىويلاپ باقمىغان ىىدى. شۇڭا دەرھاللا ىېغىز ىاچماي ىۇنىڭ يەنە قانداق خىيالى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك سورىدى.
-يەنە قانداق ىاقىلانە تەكلىپلىرى باركىن، ناىىپ خان ؟ يولۋاسخان دادىسىغا غىلام-غىلام قاراپ قۇيغاندىن كىيىن بىردىنلا ىىككىلىنىپ، بۇغۇزىغا كىلىپ قىلغان گەپنى يۇتىۋەتتى.ىەمما يەنە نىمىشقىدۇر مۇشۇنداق ىوبدان پەيىتنى ىۆتكۈزۋەتسە، كىيىن پۇشايماننى ىالغىلى قاچا تاپالماي قېلىشىدىن ىەنسىرەپ، گەپنى ىەگىشىپ ىولتۇرمايلا ىۇچۇق قىلدى.
ىاتا-بالا ىوتتۇرىسىدا يۇشۇرىدىغان سىر يوق، خان ىاتا، ىەگەر نىيەتلىىرىگە مۇخالىپ كەلمىسە، بۇنىڭدىن كىيىن قوللىرىغا قول، پۇتلىرىغا پۇت بۇلۇپ، خىزمەتلىرىنى قىلسام، كىيىنكى ىۆمۈرلىرىنى خاتىرجەم كۆڭۈللۈك ىۆتكۈزۈشكە شاراىىت يارتىپ بەرسەم دىگەن ىويدىمەن...
ىابدۇللاخان بۇگەپنى ىاڭلاپ، قەھرىتان قىشتا كاچكۆلگە چۈشۈپ كەتكەندەك چۆچىدى.ىۇ ىوغلىنىڭ ھەر قانچە بولسىمۇ، ىۆز ىارزۇسىنى بۇنداق ىاشكارە ىوتتۇرىغا قۇيۇشنى ىەمدىلا ىويلىمىغان ىىدى.ھىندىقۇش مىرزىمۇ «شاھزادىدىن ىەنسىرىمىسىلمۇ بۇلىدۇ، ىۇنى كۈشكىرىۋاتقان ىادەم بار.ىۇ ھەر قانچە بۇلسىمۇ، يالىڭاچ سۇدىن قورقىماپتۇ » دىگەندەك ىىش قىلمايدۇ دىگەن ىىدى. بىراق مانا ىەمدى بۇ گەپكە نىمە دىگۈلۈك... ھەي بىچارە شاھزادەم سەن خانلىق تەخىتكە نىمانچە ىالدىراپ كىتىسەن ؟.بۇ جەھەتتە مىنىڭمۇ ىويلىغانلىرىم بار ىىدىغۇ ؟ مەن ىۆلسەم شاھلىق تەخىتنى گۆرۈمگە بىللە ىېلىپ كەتمەيمەن. ساڭا قالدۇرىمەن دەپ ىاتايىن سىنى ۋەلىەھدى دەپ جاكارلىغان ىىدىمغۇ ؟!... ىابدۇللاخان تەگسىز خىياللار ىىچىدە ىۆزىگە زۇر ىۈمىد، ىىشەنىچ بىلەن قاراپ ىولتۇرغان ىوغلىغا قاراپ بىر ھازا ىولتۇردى- دە، قاينىغان چۆگۈنگە ۋاقتىدا سۇغۇق قۇيۇپ، پەسكۇيىغا چۈشۈپ قۇيمىسا تىشىپ ىوتنى ىۈچۈرۈپ قۇيىشىدىن ىەنسىرەپ قالدى. دىمىسىمۇ ىۇنىڭ ىەمىرگە يۇقىرى مەنسەپ بىرىشكە دادالەت قىلىشى ىاتىسىنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈش، ىەڭ مۇھىمى ىۆزى ىۈچۈن يول ىىچىش ىىدى. خان بۇنى ىاللىبورۇن چۈشۈنۈش يەتكەچكە تۇمتاققا جاۋاپ بەردى.
-ىىككى ىەمىرنىڭ ىىشىغا ىالدىراپ بىر نىمە دىگىلى بۇلمايدۇ، ناىىپ خان، ھازىر يەركەننىڭ ھاكىممۇ، ىوردىنىڭ ىىشىك ىاغىسىمۇ خىزمەتلىرىنى بىجاندىل ىىشلەۋاتىدۇ.سىز تەۋسىيە قىلغان كىشىلەرنىڭ ىۇلاردەك قابىل، ىۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالىشى ناتايىن، شۇڭا كىيىنچە مۇۋاپىق ىورۇنغا ىۇيلىشىپ باقارمەن. سىزنىڭ ىىشىڭىزغا كەلسەم، تېخى بۇجەھەتتە تۇلۇق ىويلىنىپ بىر قارارغا كەلمىدىم.شۇڭا باشقا خىياللاردا بولماي، قەشقەردىكى ۋەزىپىڭىزنىڭ ھۆدىسىدىن تۇلۇق چىققايسىز.
يولۋاسخان بۇ گەپلەرنى ىاڭلاپ، بىردىنلا شۈك بۇلۇپ قالدى. ىۇ ىاتىسىنى ىوشتۇمباراقەت بۇنداق گەپلەرنى قىلمايدۇ، ھېچ بۇلمىسا، چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ، ىىشەنچ ىۈمىدىمنى ىاشۇرىدۇ» دەپ ىويلىغان ىىدى. شۇڭا زەيكەش يەرنىڭ چالمىدەك بىردىنلا بۇشۇ شۇپلا كەتتى-يۇ ىەمما ىاخىرقى كۆزىنى ىىشقا سالماقچى بۇلدى.
-يۈرەك پارىلىرىنىڭ كىيىنلىكى راستىنلا ىويلاپ باقمىدىلىمۇ، خان ىاتا؟ مەنمۇ ىۆزلىرى ىۈچۈن كۈيۈپ پىشىپ يۇرۇت سۇراۋاتىمەن، بۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلمىسىلا... مەن ىۆزلىرىنىڭ پۇشتىغۇ ىاخىرى؟
-بۇنى قانداق چۈشەنسىلە ىىختىيالىرى، ناىىپ خان، ىەمما ىىسىلىرىدە بولسۇن، سىلىنى مەن سەككىز ياشلىرىدا قەشقەر چوڭ يۇرتغا. ىۇغۇللىرى ىەبەيدۇللا سۇلتاننى ىون ىىككى يىشىدا خۇتەندەك باغى ىىرەمگە ناىىپ خانلىققا تەيىنلىدىم. مەن تاش يۈرەك بولسام، چۇرتلا ىۇنداق قىلمىغان بۇلاتتىم.شۇڭا بىرلا ىېغىز گەپ، ھەر قانداق ىىشنىڭ ۋاقتى-ساىىتى كەلمىسە بولمايدۇ. شۇنىڭغىچە ىۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىققايلا...
يۇلۋاسخان گەپ قىلمىدى. ىۇىەمدى يەنە گەپ قىلىشنى خالىمايتتى.دادىسىنىڭ ىوي خىيالى ىۇنىڭغا بەش قولدەك ىىنىق بولغان ىىدى. شۇڭا يەنە بۇ قۇلاققا ياققۇدەك گەپ ىاڭلاشقا مۇشەررىپ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ىۇرنىدىن تۇردى.
-مەن چىقاي خان ىاتا ىۆزلىرىنى ىاسرىغايلا !... ىالتۇن تەنلىرى ىامان بۇلغاي !...
-دىگەنلىرىدەك بولغاي !... ، -خان ىورنىدىنمۇ تۇرماستىن جاۋاپ دىدى-دە يولۋاسخان خاس خانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بىردىنلا ىولۇغ-كىچىك تىن ىالدى.
11
ھاۋا تۇلىمۇ ىۇچۇق ىىدى، غەرىپ تەرەپتىن ىۇرىلىۋاتقان شامال تۇغچى قۇشۇندىكى لەشكەرنىڭ قۇلىدىكى ىەلەملەرنى يەلپۈيتتى.يولنىڭ ىىككى قاسنقىدىكى خەلىق ىۇلارنىڭ قايتىشىغا كۆزى قىيمىغاندەك تەرەزىدە ھۇڭا-سۈرەن قىلاتتى. ىابدۇللاخان ىۇلارغا قاراپ ىاخىرقى قېتىم ىىھتىرام بىلدۈرگەندىن كىيىن، قۇشۇنغا يۇلغا چىقىش ھەققىدە يارلىق بەرگەندىن كىيىن ىېتىغا قامچا سالدى-دە، قىريا دەرياسىنىڭ يان تەرىپىدىكى ياغبۇلاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەبرىستانلىققا كىلىپ توختاپ، ىاتتىن چۈشتى، يىراقتىن يۈرەكنى ىەزگۈچى مۇقام ساداسنى كىلىپ تۇراتتى.ىابدۇللا خان يۈكۈنۈپ ىولتۇردى.شۇ ىەسنادا خانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان مۇيىسىت بىكاۋۇل بىگى ىاۋازىنى تىتىرىپ تۇرۇپ قىراىەت باشلىدى.قىراىەت شۇنچىلىك مۇڭلۇق ىىدىكى ىولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ىىىتىيارسىز بىكاۋۇل بەگنىڭ ىاۋازىغا ماسلىشىپ، يىنىك تەۋرىنىشكە باشلىدى.بىراق ىابدۇللاخاننىڭ نىمىشقىدۇر ىوي-خىيالى توختاپ قالغان ىادەمدەك ىولتۇراتتى. ىۇ ىوغلى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن، بۆلەكچىلا بۇلۇپ قالغان ىىدى، ىولتۇرسا، قوپسا، ىويلايدىغىنى ىوغلىنىڭ سۆزى، ىۇنىڭ تەخىتكە ىالدىراپ قىلىشى ىىدى.ىۇنىڭ ىۈستىگە يولۋاسخاننىڭ ىۆزى بىلەن خوشلاشمايلا كىتىپ قىلىشى بەكمۇ ھار كەلگەن ىىدى. ىابدۇللاخان شۇندىلا ىاتا- بالا ىوتۇرىسىدىكى مۇزنىڭ بارا-بارا قىلىنلاپ كەتكەنلىكىنى، ىەمدى زۇر-مۇزور تەدبىر قۇللانسا ىاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ىەمما زادى قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، خام ماي ىىچىۋالغان ىادەمدەك بۇلۇپ قالغان ىىدى.قىراىەت تۈگەپ، ھەممەيلەن ىۇرۇشتا ىۆلگەنلەرنىڭ رۇھىغا يەنە بىررەت دۇۋا قىلغاندىن كىيىن، گۈررىدە ىورنىدىن تۇرۇشتى.
-خۇش، ھاكىمبەگ جاناپلىرى، ىەمدى ىۆزلىرى مەشەدە تۇرۇپ قالسىلا، - دىدى ىابدۇللاخان ىاتقا تىزلىكتە مىنىپ، -دىيىشكىىنىمىز بۇيىچە كىلەر يىلى ىاستانىدا كۆرۈشەيلى.
- ھېچ بولمىسا لايسۇغىچە ھەمراھ بۇلايلى !...
-ياق، بولدى. ىاۋارە بۇلمىسىلا، كۈڭۈللىرى تىگىل بولدى. كۆرۈشكىچە ىامان بولسىلا...
خۇدا بەردى بەگ خاننى نىيىتىدىن ياندۇرالمىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ، ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك بىشىنى لىڭشىتىقاچ جاۋاپ بەردى.
-ىۆزلىرىنى ىاسرىغايلا ىەنھەزىرىتىم....
ىابدۇللاخان ىۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا ىېتىغا قامچا سالدى، كىشنەپ تۇرغان ىارغىماق بىردىنلا ىالغا قاراپ قۇيۇندەك چاپتى.باشقىلارمۇ ىۇنىڭ كەينىدىن ىاتلىرىغا قامچە سالغىنىچە سۇڭداشتى. ىۇزاتقىلى چىققانلار، ىاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرگەن چاڭ –تۇزانلار، تارقاپ سەپەرگە ىاتلانغانلارنىڭ قارىسى يۇقۇغىچە تۇرۇشتى.
سەىدىىىيە خانلىقىنىڭ شاھى ىابدۇللاخان قالماقلارنىڭ كېرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى ىۈزۈل- كىسىل تارمار قىلىپ جەڭدە نۇسرەت قازاندى.شۇنىڭدىن باشلاپ قالماقلار بۇزېمىنغا قايتا ىاياق باسمىدى، جەڭدىن كىيىن كېرىيەدە ىابدۇللا خاننىڭ تەشەببۇس بىلەن ھازىرقى قارلۇق ىۆستەڭ، سىيەكتىكى يامۇل ىۆستەڭ، چىرىدىكى ماخمال ىۆستەڭ ىېلىندى. مەكتەپ، مەدىرىسلەر قۇرۇلۇپ، ىۇنىڭ شان- شۆھرىتى تىللاردا داستان بولدى ىەمما ىۇنىڭ بۇ سەپىرى ىۆز نۆۋىتىدە ىاتا- بالا ىوتتۇرىسىدىكى خۇسۇمەت تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ. مىھرى-مۇھەببەت، ۋاپادارلىق كۈيۈمچانلىقنىڭ ىورنىغا ىىشەنمەسلىك، ىاداۋەت ىۇرۇقىنى چاچتى.خۇجاھىدەيتۇللا ىىشان يولۋاسخان ىارقىلىق ىابدۇللاخاندىن چوقۇق تارتىۋېلىپ، ىۆزى ىويلىغان، كىچە- كۈندۈز ىولتۇرسا، قوپسا كۆز ىالدىدىن كەتمەيدىغان «دۆلەت ىۇستا» لىقىدىن ىىبارەت خاسىيەتلىك بوش ىۇرۇنغا ىىرىشەلمىگەندىن كىيىن، يولۋاسخاننى ىۆز دېپىغا ھەدەپ ىۇسۇل ىوينىپ،، ىاخىرى ىاتا- بالىنى بىر- بىرىگە ىىشەنمەس قىلىۋەتتى-دە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا خەت ھىيلىسى بىلەن بىگۇناھ ىوردا ىەمىرلىرنى ىابدۇللاخانغا قەتلى قىلدۇردى. ىەنە شۇنۇڭدىن كىيىن ھەممە ىىشقا گۇمان، شۇبھە بىلەن قارايدىغان، ھېچكىمگە ىىشەنمەيدىغان بولۇپ كەتكەن ىابدۇللاخان نەۋرىلىرى ىەبەيدۇللا سۇلتان بىلەن خانزادە خىنىمنىڭ كاللىسىنى ىالدى، -دە، مىلادىيە1688-يىلى خانلىق تەخىتنى نا ىىلاج يولۋاسخانغا تاشلاپ قۇيۇپ، ھەج تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە ىاتلانغان بولسىمۇ، خۇجا ھىدايىتۇللا ىىشاننىڭ كۈشكىرتىشى، يولۋاسخاننىڭ بۇيرۇق قىلىشى بىلەن سەپەر جەريانىدا كاللىسىدىن ىايرىلدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى يىللاردا ھۇقۇق تالىشىىش، سۈلۈك ماجرالىرى كۆپىيىش، ىۆز-ىارا زىديەتلىشىش، قان قىرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە تىغ كۈتۈرۈشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەىىدىيە خانلىقى چاك-چىكىدىن سۈكۈلۈپ، ىاخىرى پۈتكۈل ھۇقۇق ھىدايىتۇللا ىاپپاق خۇجىنىڭ قۇلىغا ىۈتۈپ خەلقىنى زۇلمەت قاراڭغۇسىغا باشلاپ، نادانلىقتا قالدۇرغان سۇپىزىم ىەۋىج ىېلىشقا باشلىدى.
(تامام)
( ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
چەتئەل ئەدەبىياتى
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 22:36
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى