سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئوبزور
» ھېمىڭۋاينىڭ«ئىندىئانلار لاگىرى» ھېكايىسى توغرىسىدا
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: ھېمىڭۋاينىڭ«ئىندىئانلار لاگىرى» ھېكايىسى توغرىسىدا
ijadiyet بۇ تېمىنى يورۇتقان. ۋاقتى: 2009-4-4 13:06
tahirhamut
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 87
نادىرلىرى:
2
جۇغلانما : 301
يازما: 99
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-4 13:05
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
ھېمىڭۋاينىڭ«ئىندىئانلار لاگىرى» ھېكايىسى توغرىسىدا
ھېمىڭۋاينىڭ«ئىندىئانلار لاگىرى» ھېكايىسى توغرىسىدا
تاھىر ھامۇت
ئېرنېست ھېمىڭۋاي (1899-1961) ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى،«تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكلىنىڭ بىرى،نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي ئۇسلۇبى،پىشقان تىل ماھارىتى ۋە مول ھېسسىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇقىم ئورنىنى تىكلىگەن.
ھېمىڭۋاي ئامېرىكىنىڭ ئىللىنوئىس شتاتىدا تۇغۇلغان.ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر،ئانىسى سەنئەتخۇمار خرىستىئان مۇرىتى بولۇپ،ئۇ كىچىكىدىنلا تەنتەربىيە،بېلىق تۇتۇش،ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق دالا پائالىيەتلىرىگە ئىشتىياق باغلىغان.1917-يىلى ئۇ كانساس شەھىرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز گېزىتى» دە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن.يۇقۇرى تەلەپلىك خەۋەر يېزىقچىلىقى ئۇنىڭ ئىخچام،راۋان ۋە تېتىك بولغان تىل ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشىگە پۇختا ئاساس سالغان.بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا،ھېمىڭۋاي ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئامېرىكا قىزىل كىرست جەمئىيىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ھەيدىگەن،يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا يارىلىنىپ،دۆلىتىگە قايتقان.1919-يىلى قىشتا،ھېمىڭۋاي «تورۇنتو چولپىنى» گېزىتىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ،پارىژدا تۇرىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى ستېين،ئېزرا پوند ۋە ئىرېلاندىيىلىك يازغۇچى جامېس جويس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان.ئۇلارنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا،ھېمىڭۋاي 1922-يىلىدىن باشلاپ «ئاتلانتىك ئوكيان» ئايلىق ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان.1923-يىلى تۇنجى توپلىمى «ئۈچ پارچە ھېكايە ۋە ئون پارچە شېئىر» نەشر قىلىنغان.1924-يىلى ھېكايىلەر توپلىمى «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە»،1926-يىلى تۇنجى رومانى«باھاردىكى دولقۇن» نەشر قىلىنغان.بۇ ئەسەرلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ بايان قىلىش سەنئىتى جەھەتتىكى كۈچلۈك تالانتىنى ۋە خاسلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايەن قىلغان.بۇ مەزگىلدىكى بەزى ئەسەرلىرى،مەسىلەن،«بىزنىڭ دەۋرىمىزدە» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «ئىندىئانلار لاگىرى» ناملىق ھېكايىسى كېيىن پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مەشھۇر ئەسەرگە بولۇپ قالغان.1926-يىلى نەشىر قىلىنغان «قۇياش يەنە چىقىدۇ» ناملىق رومانى ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان تۇنجى مۇھىم رومانى بولۇپ،بۇ ئەسەردە،بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن،بىر توپ ياشلارنىڭ ئىدىيە ۋە ئەخلاق كىرزىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ،ئۇلارنىڭ تېڭىرقىغان ۋە زېرىكىشلىك روھىي دۇنياسى ئېچىپ بېرىلگەچكە،بۇ رومان «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمىنىڭ ۋەكىل ئەسىرى بولۇپ قالغان.1927-يىلى ھېمىڭۋاي ئامېرىكىغا قايتىپ،باش چۆكۈرۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ،«بويتاق ئەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان،بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەردە ئۇ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان بىر قاتار جەسۇر ئەرلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.30-يىللارنىڭ باشلىرىدا،ھېمىڭۋاي ئافرىقىغا ئوۋ ئوۋلاشقا بېرىپ،ئەدەبىي خاتىرە «ئافرىقىنىڭ تېغى» ۋە ھېكايىلەر توپلىمى«كىلىمازارو تېغىدىكى قار» قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان.ئۇ «كىلىمازارو تېغىدىكى قار» ناملىق ھېكايىسىدە رېئاللىق بىلەن خامخىيال ئارىلىشىپ كەتكەن ئاڭ ئېقىنى ماھارىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پاتلىغاندا،ھېمىڭۋاي مۇخبىر بولۇپ بارغان ھەمدە مۇشۇ مەزگىلدە «بەشىنچى كالوننا »(1938) ناملىق سېنارىيىسىنى ۋە «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى»(1939) ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان.ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» ناملىق رومانمۇ ھېمىڭۋاينىڭ ۋەكىل ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلغاندىن كېيىن،ھېمىڭۋاي مۇخبىر سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ فاشىزمغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇرۇشتىن كېيىن كۇبادا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇراقلىشىپ قالغان.1950-يىلى «دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش» ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان،لېكىن بۇ ئەسەر تازا مۇۋۋەپەقىيەتلىك چىقمىغان.1952-يىلى ئۇنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز»ناملىق پوۋېستى ئېلان قىلىنىپ،قاتتىق زىلزىلە قوزغىغان.1954-يىلى شۋېتسىيە نوبېل ئەدەبىياتى كومىتېتى ھېمىڭۋاينىڭ «ھازىرقى زامان بايان قىلىش سەنئىتىگە پىشىقان يېزىقچىلىق ماھارىتىنىڭ ئۇنىڭ يېقىنقى ئەسىرى‹بوۋاي ۋە دېڭىز› دا گەۋدىلىك ئىپادىلىگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ زامانىۋىي ئۇسلۇپ جەھەتتە ئوينىغان رولىنىڭ تەسىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن» ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەرگەن.
ئېرنېست ھېمىڭۋاينى كىشىلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەۋەككۈلچى ۋە جەسۇر خاراكتېرىنى ئۆزىدە ئىپادىلىگۈچى دەپ قارايدۇ.بۇ خىل روھ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنى ئەسەر ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنى چەكسىز ئويغا باشلايدۇ.
«ئىندىئانلار لاگىرى» ناملىق بۇ ھېكايىدە بىر ئاق تەنلىك دوختۇرنىڭ يەنى نىكنىڭ ئاتىسىنىڭ تۇغالماي قىينىلىۋاتقان بىر ئىندىئان ئايالنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئىندىئانلار لاگىرىغا نىكنى ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.تۇغۇت ئالدىدىكى ئايال قاتتىق قىينىلىۋاتقىلى ئىككى بولغان،لېكىن بالا چۈشەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا،نازكوز دورىسى ئالغاچ كەلمىگەن دوختۇر ناھايىتى ناچار شارائىتتا، ھامىلدار ئايالنى چوڭ بىر پىچاق بىلەن ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىرىشىغا پەرۋا قىلماي ئوپىراتسىيە قىلىپ،بالىنى سالامەت ئالىدۇ.بىراق،بۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۈچ كۈن ئاۋۋال پالتىدا ئېغىر يارىلىنىپ، ھامىلدار ئايالى ياتقان ئىككى قەۋەت كارىۋاتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقتىن،تولغاقتىن قىينىلىۋاتقان ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تەڭ تارتىشقا مەجبۇر بولغانىدى.ئوپىراتسىيە تۈگىگەندىن كېيىن،نىكنىڭ دادىسى ناھايىتى ئېغىر-بېسىق ھالدا تېنچ ياتقان ئىندىئان ئەرگە مەسلىگى كېلىپ قاراپ باقىدۇ،ئويلىمىغان يەردىن،ئۇ ئەر ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ئۆزىنى ئۇستىرا بىلەن بوغۇزلاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى.
بۇ بىر قىسقا ھېكايە بولۇشىغا قارىماي،بىر نەچچە قات مەنا نى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.بۇ مەنالارنى ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ، ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئىندىئانلارنىڭ،ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ،دادا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىندىئانلار دۇنياسىدا يېڭى بىر ھاياتلىق دۇنياغا كەلمەكچى،لېكىن ،تۇغۇت ئالدىدىكى ئانا قىيىن ئەھۋالدا قالغان،پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھاياتلىق ئىستىكى ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىندىئانلارنى ئاق تەنلىك دوختۇرنى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان.دەرۋەقە،بوۋاق دۇنياغا تېنچ-ئامان كۆز ئاچقان،لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى دادىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋاسىتىلىق سەۋەپ بولغان.تاسادىپىيلا، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ ئورنى ئالماشقان.بىز بۇ ۋەقەدىن كونا شەيئىي يوقۇلۇپ يېڭى شەيئىي پەيدا بولغاندىن كېيىنكى ئورۇن تولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان خۇشاللقنى ھېس قىلمايمىز،بەلكى،ئەسلىدىنلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر ئۆلۈمنىڭ سوغۇق قاباھىتىنى باشتىن كەچۈرىمىز،ھاياتلىقنىڭ ھەم ناھايىتى قەيسەرلىكىنى ھەم ناھايىتى ئاجىز بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز.ئاق تەنلىك دوختۇر بىلەن ئىندىئانلارنىڭ مۇناسىۋىتى بۇ ئەسەردىكى يەنە بىر مۇھىم مۇناسىۋەنى شەكىللەندۈرگەن.كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدە يەنى جەمئىيەتنىڭ گىرۋىكىدىكى ناچار مۇھىتتا ياشايدىغان ئىندىئانلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئاساسىي ئېقىم كۈلتۈرىگە تەۋە بولغان ئاق تەنلىك تەنلىك دوختۇرنىڭ يارىدىمىگە مۇھتاج بولىدۇ.ئاق تەنلىك دوختۇر گەرچە ئاق كۆڭۈل ئادەم بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا ئىندىئانلارغا قارىتا كۈچلۈك ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى بولۇپ،بۇ نۇقتا ئاپتورنىڭ ئىندىئانلار لاگىرىغا بولغان بايانى ۋە دوختۇر ۋە ئۇنىڭ ئاق تەنلىك دوستىنىڭ ئىندىئانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە ئىپادىلەنگەن.ئىندىئان ئەرنىڭ ئۆز ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى بۇ ھېكايىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەن.زورلۇق كۈچ ۋە نادانلىققا تولغان ئىندىئانلار لاگىرىدا ئەرنىڭ ئۆز ئايالىغا بولغان ئىچ ئاغرىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كىتابخانلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ،لەرزىگە سالىدۇ،شۇنداقلا ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،بۇ تىراگېدىيە بىزنى چۇڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.بۇ ھېكايىدە ئاق تەنلىك دوختۇر بالىسىغا ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى كۆرسەتمەكچى ھەمدە ئۇنى مەلۇم ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە يېتەكلىمەكچى ئىدى.لېكىن نەتىجىدە بالىسىنىڭ ئېچىنشلىق پاجىئەگە شاھىد بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.بۇ ھېكايىدىكى دادا بىلەن بالىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مۇناسىۋىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،گويا دوختۇر ئاپتورغا،بالا كىتابخانلارغا تەققاسلانغاندەك ئىدى.بۇ مۇناسىۋەت ھېكايىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن.
ھېكايىدە ھېمىڭۋاينىڭ باشقا بارلىق ئەسەرلىرىگە سىڭگەن مۇھىم بىر باش تېما ـــ مەغلۇبىيەت باش تېمىسى ئىپادىلەنگەن،بۇ باش تېما مۇقەررەر رەۋىشتە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆلۈمدىن ئىبارەت يەنە بىر باش تېمىنى سۆرەپ چىققان.گەرچە بوۋاقنىڭ سالامەت تۇغۇلۇشى بىزگە يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىدەك خۇشاللىنارلىق ئىشتىن دېرەك بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھېلىقى ئىندىئان ئەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى ئالدىدا تولىمۇ ئەرزىمەس ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.يەنە بىر تەرەپتىن،ئاق تەنلىك مەنمەنچى دوختۇرنىڭ بالىسى ۋە دوستىغا ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ماھارىتىنى كۆرسىتىش نىيىتى ئىندىئان ئەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى بىلەن يوققا چىققان،ئەكسىچە،ئۇ بالىسىنىڭ بۇنداق بىر تراگېدىيىگە شاھىد بولۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلغان.ھېكايىدە نىكنىڭ داسىسىنىڭ ناركوز دورىسى ئالماي كەلگىنىگە نارازى بولغانلىقى ۋە ئىندىئان ئايالغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ھەمدە بۇ سەبىي بالىدا كۈچلۈك ئۆلۈم ۋەھىمىسى پەيدا بولغانلىقى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەنگەن، شۇنداقلا، ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ ئىنسان روھىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئومۇميۈزلۈك بالايى ئاپىتى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تېما مەسەل شەكلىدىكى تاسادىپىيلىق ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ئومۇمەن،بۇ ھېكايىدا ھېمىڭۋاينىڭ «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد»چىلارغا خاس نۇقتىئىينەزىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
بۇ ھېكايىدە ھېمىڭۋاينىڭ تىل ماھارىتى جەھەتتىكى خاس ئۇسلۇبى تولۇق نامايەن قىلىنغان بولۇپ،بۇنى ئاددىي جۈملە قۇرۇلمىسى،ئېغىز تىلى ۋە «تېلېگرامما شەكلىدىكى دىئالوگ» دېگەن ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.بىرىنچىدىن،بۇ ھېكايىدە ناھايىتى ئاددىي جۈملە قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن.ھېمىڭۋاي ئۆز ئەسەرلىرىدە قىسقا خەۋەرلەر تىپىدىكى ئىخچام ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولۇپ،دېمەكچى بولغان مەنانى ناھايىتى دەل ۋە يىغىنچاق ئىپادىلەش بىلەن مەشھۇر.ئۇ بايان قىلغاندا دائىم ھېچقانداق ھېسسىيات تۈسى بولمىغان سوغۇق ۋە تۈز تىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغان.ئۇ بۇ ھېكايىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئۇسلۇبىنى جارى قىلدۇرۇپ،ۋەقەلىكنى ناھايىتى ئىخچام ۋە ئاددى جۈملە بىلەن بايان قىلغان،ھېكايىدىكى ھەر بىر جۈملە،ھەر بىر سۆز ناھايىتى دەبدەپىسىز ۋە ساددا بولۇپ،پىرسۇناژلارنىڭ چىن ھېسسىياتىنى دەل جايىدا ئىپادىلىگەن.بۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئېشىپ،سوغۇققان كۆزىتىش نۇقتىسى ئارقىلىق ئادەمنى ئەندۈكتۈرۈپ، كىتابخانلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئىستېتىك ئۇنۈم ياراتقان.ئىككىنچىدىن،ھېمىڭۋاي مارك تىۋىننىڭ ئېغىز تىلى ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ،پېرسۇناژلارنىڭ دىئالوگىدا ئېغىز تىلى ئارقىلىق خاركتېر يارىتىش ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن.بۇنىڭ بىلەن ھېكايىدىكى پېرسۇناژلار جېنى بار،قېنى بار،يۇقۇملاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە تىرىك ئادەملەرگە ئايلانغان.بۇ ئەسەرنىڭ ئېنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم بۇ نۇقتىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ.ئۈچىنچىدىن،بۇ ھېكايىدە يەنە ھېمىڭۋاينىڭ مەشھۇر «تېلېگرامما شەكلىدىكى دىئالوگ» ئۇسلۇبى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ،پېرسۇناژلارنىڭ دىئالوگى، بولۇپمۇ، نىك بىلەن دادىسىنىڭ دىئالوگى ناھايىتى قىسقا،دەل ۋە بېزەكسىز بېرىلگەن.بۇ نۇقتا بىر جەھەتتىن، ھېمىڭۋاينىڭ ئەستايىدىل ۋە سوغۇق بايان ئۇسلۇبىغا ماسلاشسا،يەنە بىر جەھەتتىن،ئەسەرنىڭ پۇختا ۋە ئخچام ھالەتتىكى ئىچكى كېڭىيىش كۈچىنى ئاشۇرغان،شۇنداقلا پېرسۇناژلارنىڭ مول ۋە تىنىمسىز ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۆزگىچە رول ئوينىغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا،«ئىندىئانلار لاگىرى» ھېكايىسى ھېمىڭۋاينىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە تىپىك ھېكايلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزگە خاس سەنئەت ئىدىيىسى، ئىستېتىك خاھىشى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى تولۇق نامايەن قىلغان.
parhattursun
كۆمۈش ئەزا
رەت نۇمۇرى: 98
نادىرلىرى:
4
جۇغلانما : 216
يازما: 34
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
2- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2009-4-6 12:47
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
تاھىر، ھېمىڭۋېينىڭ ھىكايىسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەھلىلىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ. بولسا « غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى» ھەققىدىكى كىتابىڭىزنىڭ داۋامى قىلىپ مۇشۇنداق ماقالىلىرىڭىزنى يىغىپ، بىر كىتاب قىلسىڭىز، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بەك پايدىلىق بولاتتى.
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
يېقىندا زىيارەت قىلغان سەھىپە
فوتو سۈرەتلەر
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 22:05
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى