qarluqtag
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 2564
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 16
يازما: 11
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-9-26
ھالىتى: توردا يوق
سېغىنىش

سېغىنىش

سېلەر گاس ئەمەس  ئوغۇرلۇقچە تىڭشاۋاتىسىلەر
كۆزۈڭلار كور ئەمەس پەقەت كۆرۈشنى خالىمايسىلەر
جىگدە چىچەكلىرى ئارىسىدا قىز قوغلىغاندەك
خىيال قىلىپ سۆزلىمەيسىلەر

مېنى ئوراپ تۇرغان سۇئاللاردەك قات -قات بوشلۇقۇڭلارغا
كەچ بولماستا قايتىپ كىتىىسلەر
قۇمدەك شىرقىراپ كارۋىتىڭلاردا
يەتتە ئەزايىڭلاردىن لەززەت ئاققاندا
مىڭ چەمبەر ئىچىدە تەنھا ياتىسىلەر
چۈشلۈرۈمدە ئېچىلسا  گۈللەر
باھار كەتسە قايتىپ كىلىسىلەر
بۇلاقتەك كۆزلەردە مېنىڭ بارلىقىم
سۇدەك سۈزۈك  نىپىز ئەينەكلەر
ساڭا دۇئا قىلماقتا ئەنە
يامغۇردىكى نازۇك چىچەكلەر
ئامىنىمدا پىلەكلىمەكتە
قىش پەسلىدەك گۈزەل تىلەكلەر
قولۇڭدىكى قۇشتەك  يىتىرقاپ
تىپىرلايدۇ ئاجىز يۈرەكلەر
ياۋا ئوت -چۆپلەردە
قالدى قەدەملەر
كىلىپ كەتتى قانچە پەسىللەر
ئىسمىڭنى چاقىرىپ توۋلىغاندا مەن
يېرىلار ئۈنتىنسىز ھەتتا قەۋرىلەر
قېنى بىز سۆيۈلگەن ئوتتەك شۇ لەۋلەر
قېنى ئۇ  ئاسمىنىم،قېنى يۇلتۇزۇم
ئايىغىم ئاستىدا گۈل بولغان يەرلەر...

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 01:41
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى