umidyar
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 3606
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-3-23
ھالىتى: توردا يوق
بۇ يەردە ئەركەك يوق!(2)

بۇ يەردە ئەركەك يوق(2)


...  
ئەركەكلىك  
ئەركەكلىكنىڭ يېرىمى ئايال  
يېرىمى ۋەتەن.  

بىر ئەلدە
يوقالغاندا ئايال ئىپپىتى
يوقىلىدۇ ئەرنىڭ ئەرلىكى.
*** *** ***  

يوقالغان ئەرلىكتە- يوقالغان ئىپپەت  
يوقالغان كىملىكتە- يوقالغان مىللەت  
مۇھتاجلىق ئىلكىدە باققان كۆزلەرگە  
بۇزۇلغان نىيەتتە تالايلاپ ئىللەت...  

بۇ يەردە-  
تانسىغا بەل تولغاپ يۈرگەن يىگىتلەر  
دىبادا قىز ئوۋلاپ يۈرگەن يىگىتلەر  
غورۇر دەپ ئانىنى ئۇرغان يىگىتلەر  
ئەركەكلىك ھەققىدە سۆزلەر ھەقىقەت.  

بۇ يەردە-  
قايتماق بولىدۇ ھەممە ئەكسىگە،  
قىزلار ئىشتانباغ چەگمەيدۇ ئاستا...  
ئەركەكلىكى يوق ئەرلەر  
مىھمانخانىدا تۈنەيدۇ كەچتە...  
بىر يىگىت  
ئون يەتتىنچى مۇھەببىتى بىلەن  
شەكلى ئۆزگەرگەن چايخانىدا  
دۇنيانى بىر مەھەل بەزلەيدۇ تەستە...  

بۇ يەردە-  
ئاتا ئۇنتۇيدۇ قىزىنى،  
ئاكا ئۇنتۇيدۇ سىڭلىسىنى،  
ئىنى ئۇنتۇيدۇ ئاچىسىنى،  
ياش ئەر ئۇنتۇيدۇ خوتۇنىنى...  

بۇ يەردە-  
شەھۋەتكە ئايلىنار ۋەتەن ۋە ئايال  
قىسمەتكە باغلىنار ھەر بىر تىرىك جان.  

بۇ يەردە-  
ئەرلەر ھۆكۈمران ۋە يەنە قۇلدۇر  
قىزلار ئەركەككە مەڭگۈ مۇھتاجدۇر  
يىغلاڭغۇ بوپ كەتكەن سانسىز ھامىيلار  
پەرزەنت ئالدىدا كۆنگەن ھايۋاندۇر...  

بۇ يەردە-  
ئەركەكلەر ئۆلىۋالغان ئىشتانباغلاردا...  
ۋەتەن ئۇنتۇلغان، قىزىل چىراقلاردا.  
ئاياللار يىغلاڭغۇ ۋە ياكى ئازغۇن  
ئەركەكلىك يوقالغان بەزمىخانىلاردا...  

بۇ يەردە  
قېرىنداش دۈشمەندۇر ۋە يا يات ئادەم،  
ۋەتەن خىيالدۇر ۋە يا بىر ۋاستە.  

بۇ يەردە-  
يۈز يىل بۇرۇن بولار قىيامەت،  
يۈز يىل كىيىن تۈگەر جىنايەت.  

...... ...  
2009- يىلى 3-ئاينىڭ 19- كۈنى  

ئاپتۇر:  
QQ:122075973  
anatuprak@126.com

ئۈستىگە قايتىش
qaranggu
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 3612
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 1
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-3-23
ھالىتى: توردا يوق
ئىجادىيەت ئەپەندىم : ئەزالار باش سۈرەتنى نەدىن تەھرىرلەيدۇ . ئۆزۈم ياقتۇرغان باش سۈرەتنى چىقارماقچىتىم .

ئۈستىگە قايتىش
baxbaxtak
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 329
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 129
يازما: 115
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-6-21
ھالىتى: توردا يوق
بۇ شېئىر بىزنى رەھىمسىزلىك بىلەن قامچىلىغىنىدا ، بىز بۇيەردىن بۇ يەردە ئەركەكلەر بار دەپ چىقىشقا مەجبۇر بولىمىز ! بىراق ، چوقان بۇرۇچنى تۇنىغانلىق ئەمەس ! پەقەت ھېس قىلغانلىق !





بەخت سېنى جاپا - مۇشەققەتتە كۆپرەك سىنايدۇ .
ئۈستىگە قايتىش
wolkani
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 4164
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-4-20
ھالىتى: توردا يوق
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلغان شېئىركەن،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تېلەيمەن بۇرادەر...

ئۈستىگە قايتىش
ATKUQI
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 1099
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 11
يازما: 14
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-23
ھالىتى: توردا يوق
ياخشى چىقىپتۇ!

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 21:50
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى