ماۋزۇسى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېنرى بېرگسون
muyunchur
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 2615
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 0
يازما: 10
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2009-1-7
ھالىتى: توردا يوق
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېنرى بېرگسون

27 . ھېنرى بېرگسون
پەيلاسۇپ ھېنرى بېرگسون 1859 – يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى پولشالىق يەھۇدى سودىگەر ، مۇزىكانت ، ئانىسى ئىرلاندىيىلىك يەھۇدى ئىدى . ھېنرى بېرگسون كىچىكىدىن تارتىپلا تىپىك فرانسىيىچە تەربىيە ئالغان بولۇپ پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، پىسخولوگىيە ، بىئولوگىيە پەنلىرىگە ناھايىتى قىزىققان ، بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان ، ئۇ ، 1878 – يىلى پارىژ ئالىي پىداگوگىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان ، 1881 – يىلى پەلسەپە پەنلىرى بويىچە باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنىۋانى ، 1889 – يىلى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنىۋانى ئالغان . 1897 – يىلى ئالىي پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ لىكتورى ، 1901 – يىلى سىياسىي – نەزەرىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، 1914 – يىلى مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى ھەمدە فرانسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان . ئۇ ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالىملىق سالاھىيىتى بىلەن سىياسىي ساھەگە كىرىپ كەلگەن ھەمدە فرانسىيىنىڭ ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان . 1919 – يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ ئالىي مەدەنىيەت – مائارىپ ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، 1922 – يىلى ، خەلقئارا ئىتتىپاق مەدەنىيەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بىرىنچى رەئىسى بولغان .
ھېنرى بېرگسون تەشەببۇس قىلغان ھايات پەلسەپىسى بۈگۈنكى دەۋر ئىلىم – پېنى مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ رەدىيىسىدۇر . ئۇ ئىنتۇئىتسىيە ( بىۋاستە سېزىم)نى تەشەببۇس قىلىپ ، ئىدراكنى كەمسىتكەن . ئۇ ، ئىلىم – پەن ۋە ئىدراك پەقەت قارىمۇ قارشى ھەرىكەت ۋە چىنلىقنىڭ پوستىنىلا تۇتقا قىلالايدۇ ، مۇتلەق ھەرىكەت ۋە چىنلىقنىڭ ئۆزىنى تۇتقا قىلالمايدۇ ، پەقەت بىۋاستە سېزىم ئارقىلىقلا ھاياتلىق مەۋجۇدىيىتىنىڭ « داۋاملىشىشى »نى ، يەنى ئاشۇ بىردىنبىر ھەقىقىي نوئۇمېن (ئەسلى زات )نىڭ مەۋجۇدلىقىنى بىلگىلى ۋە تۇتقا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان .
ھېنرى بېرگسوننىڭ ھايات پەلسەپىسى كۈچلۈك ئىدېئالىزم ۋە مىستىتسىزملىق تۈسكە ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ تۈرلۈك راتسىئونالىزملىق ئاڭ فورمىسىنى تەنقىد قىلغان ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەرگەن بولۇپ ، ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭ ئازاد قىلىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . شۇڭا ، ئۇنىڭ پەلسەپىسى مودېرنىزم ئېقىمىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ مۇھىم پەلسەپىۋى ئاساسىغا ئايلىنىپلا قالماي ، يەنە بۈگۈنكى دەۋر ئىلىم – پېنى ۋە پەلسەپىسىگىمۇ ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش پەيلاسۇپ جامېس ۋايت ، ئەدىب پروست ، رەسسام مونېت ، مۇزىكانت دېبسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى تەرپلەشكەن .
ھېنرى بېرگسوننىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن « ۋاقىت ۋە ئەركىنلىك ئىرادىسى » ( 1889 – يىل ) ، « ماددا ۋە ئەسلىمە : تەن بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە » ( 1896 – يىل ) ، « كۈلكە تەتقىقاتى » ( 1900 – يىل ) ، « مېتافىزىكا مۇقەددىمىسى » ( 1903 – يىل ) ، « ئىختىرانىڭ ئىۋۇليۇتسىيىسى <تەدىرىجى تەرەققىياتى >  » ( 1907 – يىل ) ، « ھايات ۋە ئاڭ » ( 1911 – يىل ) ، « ئەخلاق ۋە دىننىڭ ئىككى يىلتىزى » ( 1932 – يىل ) قاتارلىقلار بار . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە پەلسەپە ساھەسىدە ئومۇملاشقان مۇھىم تۇرغۇچ ئۇسۇلى ۋە مەۋھۇملۇق مېتودى قوللىنىلغان بولماستىن ، بەلكى كوندياكنىڭكىدەك ئېھتىياتچان ۋە يىغىنچاق ، شۇنداقلا پىلاتون ۋە بىكوننىڭكىدەك مېتافورا ، ئىستىلىستېكىلىق ۋاستىلەرگە تويۇنغان ژانىر ئۇسلۇبى قوللىنىلغان .
ھېنرى بېرگسون « مول ۋە جۇشقۇن ئىدىيىسى شۇنداقلا قالتىس ماھارىتى » ئۈچۈن ، 1927 – يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولغان .
شىۋېتسىيە ئاكادېمىيىسى ھېنرى بېرگسوننىڭ ھايات پەلسەپىسىنىڭ ، ئەنئەنىۋى پەلسەپىنىڭ نەزەرىيە مېخانىتسىزمى ۋە دېتېرمىنىزمىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىش جەھەتتىكى غايەت زور ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە « < ئىختىرانىڭ تەدىرىجى تەرەققىياتى > كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇلۇغ شېئىر ، يۈكسەك كۈچ – قۇدرەت ۋە كۆكتە ئەركىن قانات قاققان ئىلھامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوسمىزم < ئالەم نەزەرىيىسى > دۇر ،  ھېنرى بېرگسون راتسىئونالىزمنىڭ ئىسكەنجىسىدىن بىۋاستە ھالقىپ ئۆتۈپ ، يېڭى بىر يول ئاچتى ، ئۇ بۇ يول بىلەن قوۋۇقنى داغدام ئېچىۋېتىپ ، قۇدرىتى تەڭداشسىز بولغان ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىختىرا قىلىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ، غايىچىلىككە چەكسىز زېمىن ھازىرلاپ بەردى . . . » دەپ قارىغان .
ھېنرى بېرگسون 1941 – يىلى 82 – يېشىدا ۋاپات بولغان .
                             مۇختار تۇردى تەييارلىغان

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 22:36
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى