ماۋزۇسى: (تاھىر ھامۇت) مەن بىلدىم
tahirhamut
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 87
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 301
يازما: 99
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
(تاھىر ھامۇت) مەن بىلدىم

‏(1)‏

ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن سەھەردە
چۈشۈمدە كۆرگەن تاغ ئوت بولۇپ يانغان شەھەردە
خامخىيال يەنە ساقىپ چۈشتى ئورۇق يۈزۈمدىن
كۈلكىلىك ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئۇچتى كۆزۈمدىن
ساختىلىققا كۆنگەن قولۇمدا تۇتۇۋالدىم قىزىل لەۋلەرنى
توسىۋالدىم خۇما كۆزلەرنى،شۇ چاغ يىغلاپ تاشلىدىم
مەن بىلدىم، ‏
بەلكىم خۇدا قەلبىمدە ئايلاندى تۇزغا
كارۋات-ۋەتىنىمدەك قاتتىق،بىئارام ۋە‎ ‎كونىراپ كەتكەن ‏
تورۇستىن كۆردىم:تۇمان ئويغانماقتا بىر قىز قوينىدىن

‏(2)‏

مەن بىلدىم
يىراقلاردا سەن بار سەرگەردان
بۇرۇنقى زاماندىكى بىر گۈزەل چوكان ‏
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇزۇن قىشىدا،مېنىڭ بىلەن ياتقۇڭ كېلەمدۇ؟
بەدىنىڭدە زاغرا پۇرىقى،سۇمبۇل چېچىڭنى ئۆرۈپ بولالماي
سۆيگىنىڭنى سۆيۈپ بولالماي،ئۆلگۈڭ كېلەمدۇ؟
يۇلتۇز تەشكەن كۆزلىرىڭنى تىكىسەن ماڭا
مەن بىلدىم
ئازابلانغۇڭ يوق،ئۆلۈمدىن قورقىسەن،ئۆلگۈڭ بار ئەمما
ئاسان ئۆلۈم تىلەيسەن دائىم:‏
ئىبادەتتە ئولتۇرغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
تاتلىق ئۇخلىغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
مەن بىلەن ياتقان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
خۇددى ئاشۇ ئوقۇغۇچى قىز ناشتىلىق تاماققا خېمىر يۇغۇرۇپ
تاڭ ئاتاردا جىمجىتقىنا ئۆلۈپ كەتكەندەك ‏

‏(3)‏

‏1947-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىماتتا ئوقۇغان بىر قىز
ئۆلۈپ كەتتى تېخى يېقىندا
ئۇنىڭ ئېسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچكىم قالمىغان
چالا-پۇچۇق بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بار
تۇرۇپ ئويلايمەن:ياشىسامچۇ ئاشۇ يىللاردا
ئۇ چاغلاردا چوقۇم كۈندە يېڭىلىق،كۈندە ھاياجان
كۈندە جان قايغۇسى، كۈندە ئۆلۈم ،كۈندە مۇھەببەت! ‏
مەن بىلدىم ‏
تارىخنىڭ بىزگە يېقىنلىقىنى،بىز بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى
مەن بىلدىم
دوستلۇقنىڭ ئېغىر يۈكىنى،مۇھەببەتنىڭ كېسەللىكىنى
ئاتا-ئانىنىڭ‎ ‎بىمەنىلىكىنى ،بالىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى  ‏
قېرىلىقنىڭ مەينەتلىكىنى،ياشلىقنىڭ كالۋالىقىنى
ئەرلەرنىڭ ساختىلىقىنى،ئاياللارنىڭ ئازابلىقىنى
مەن بىلدىم
بارلىق ئەسلىمىلەرنىڭ بەرھەق راستلىقىنى!‏

‏(4)‏
‏ ‏
مانا ئاشۇنداق بىر سەھەردە
بېلىگە قىزىل،سېرىق،كۆك،يېشىل لاتىلارنى
باغلىغان دەرۋىش يېتىپ كېلەر ھېيىت بولغان يەرگە
كۆزلىرى خىرە،بەدىنى قاسماق،تۇرقى كۆرۈمسىز
لېكىن، كۈچى قۇدرەتلىك،گېپى ئىلاھىي،قىلىقى سىرلىق
ئۇنىڭ ئالقانلىرى تەڭلىنەر ماڭا:‏
‏                                ـــ ھەق دوس،ئىللەللا! ‏
مەن نېمە دەي؟نېمەمنىمۇ بېرەي ئۇنىڭغا؟!‏
ئەگىشىپ كېتەيمۇ بىللە چۆللەرگە
مازارلارغا،بازارلارغا،تاغلارغا،باغلارغا؟!‏
تۇتۇپ بېرەيمۇ ئۆزۈمنى‏
‏ يىلانلارغا،چايانلارغا،پىتلارغا،بۈرگىلەرگە؟!‏
مەن قانداق قىلاي؟!‏
ئۇ دۇنيانى ئويلايمۇ،بۇ دۇنيانىمۇ؟!‏
مەن بىلدىم ‏
چوقۇم ئۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى!‏

‏(5)‏

مەن بىلدىم
قىيامەت كۈنى قۇرام تاشلار ئەتىۋارلىشىپ
قولدىن قولغا ئۆتۈپ يەرگە تەگمەسمىش
قىيامەت كۈنى جاھان ئوت بولۇپ يېنىپ
بىر تۈپ بۇيا سايىسىدا سايىدارمىش قىرىق ئەركەك
قىيامەت كۈنى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ
ئېشەك مىنىپ كېلەرمىش جەددال
قىيامەت كۈنى قۇتقۇزارمىش ئېلىۋەتكەن تىرناقلار بىزنى

‏(6)‏

مەن بىلدىم،
مېنىڭ ئايشەم ئابدۇۋاھىت دېگەن ھاممام شۇنداق دېگەن:‏
ــ خۇدا ئۆزى چىگكەن تۈگۈننى ئۆزى يېشىدۇ!‏

‏              2007-يىل 23-مارت

ئۈستىگە قايتىش
baitax
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 142
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 328
يازما: 11
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
ئاللا چەكسىز قۇدرەتكە ئىگىسەن!





خۇدا ھەممىزنى ئامان قىلسۇن!
ئۈستىگە قايتىش
qimengul
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 143
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 101
يازما: 33
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
ئەپسانىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى،ئۆلۈمنىڭ گۈزەللىكى ۋە سۆيۈلۈشنىڭ مەڭگۈلۈك خىلۋەتلىرىگە گىرەلىشىپ ‏كەتكەن تۇيغۇلاردىن سۆيۈندىم ... بارلىق ئەسلىمىلەرنىڭ راستلىقى ئادەمنى يەنىلا رېئاللىققا باغلاپ ‏تۇرىدۇ ... ناۋادا ئۆلۈمنى تاللاش ئىمكانىيىتى بولسا تاھىر ئۆزى قانداق ئۆلۈشنى خالار بولغىيتى دەپ ‏ئويلاپ قالدىم ... قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن، شېئىردىكىدەك كۆيۈش ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە نىسىپ ‏بولغاي...‏

ئۈستىگە قايتىش
padichi
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 154
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 69
يازما: 11
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-12
ھالىتى: توردا يوق
پاھ نىمە دىگەن ياخشى يىزىغان شېىر بۇ ، ئادەمنى ھاياجانغا ساغۇدەك يېزىپسىز رەخمەت ئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .......

ئۈستىگە قايتىش
Dilmurat
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 226
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 128
يازما: 64
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-10
ئورنى: لازىممۇ
ھالىتى: توردا يوق
كارىۋات ۋەتىنىمدەك قاتتىق...
بەلەن، بەلەن...

ئۈستىگە قايتىش
suzaq
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 238
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-13
ھالىتى: توردا يوق
بۇ ئادەمنىڭ شىئىرى تىرەن،پاكىز، قۇرۇلمىسى پۇختا. ئۇنى ئاڭلق ۋە ئاڭسىز ھالدا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى شىئىرىيەت ئەنئەنسىگە--تەپەككۇر ئۇسۇلغا ۋارىسلىق قىلۋىتىپتۇ ،دىگۇسى كىلىدۇ.

ئۈستىگە قايتىش
suzaq
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 238
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-13
ھالىتى: توردا يوق
تاھىر ھامۇتنىڭ بەزى ئەسەرلرىنى (قەشقەرگە قايتىش، مەن بىلدىم، ئابدۇريىم) مىڭ يىللار بۇرۇنقى تۇرپان تىكىسىتلىرىنىڭ، ئالتۇن يارۇق،مايتىرى سىمىت نىڭ ۋە مەڭگۇ تاشلارنىڭ جۇملە قۇرۇلمىسغا سىلشتۇرۇش مۇمكىن.

ئۈستىگە قايتىش
Erturk
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 243
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 95
يازما: 26
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-14
ھالىتى: توردا يوق
ھەر مۇسۇلماندا ئاللاھ، قىيامەت، شەيتان ۋەتەن، جەددال... ھەققىدە يېتەرلىك بىلىم بولۇشى كېرەك، تاھىر ئۆز ھاياتىدا تىنماي  ئۆزگىرىش ياسايدىغان ئىنسان. شېئىرنى پۇتى بىلەن قۇمنى جىجىپ يازغاندەك يازىدۇ. بۇ شېئىرىمۇ ئۆزگىچە چىقىپتۇ.

ئۈستىگە قايتىش
uyghur
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


رەت نۇمۇرى: 81
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1070
يازما: 94
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق

گۈلىستان مۇنبىرىگە <ئايپالتا> نامىدىكى بىر تورداش بۇ شىئېرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى يوللىغان ئىكەن.
بۇ شىئرغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكەپ قويدۇم.
ھوزۇرلانغايسىلەر!!


I came to know

Tahir Hamoot

1

In an exhausted morning
In a city that the dreamt-of mount burnt
Again the daydream trickled down from my thin face
Funny myths and legends have got out of my sight
I grasped red lips with my hands that got used to hypocrisy
I covered the enticing eyes, and then I burst into tears
I came to know
To the salt, God may have become
Bed – hard, uneasy and old as my homeland
I saw on the ceiling: fog is waking up from a girl’s arm

2

I came to know
You are a wanderer there far away
A beautiful young woman in ancient times
Want to sleep with me in the long nights of Urumqi?
Your body smells corn bread, your long hair is hard to braid
Without the love of your lover, do you want to die?
You stare at me with your stars-dug eyes
I came to know
You want no pain, fear the death, but you want to die
And always wish to have an easy one:
What if you die when you are praying!?
What if you die when you are sleeping!?
What if you die lying in my arm!?
Just like the student girl who kneaded dough fro breakfast
And quietly died next morning

3

A girl who went to the girl’s middle school in 1947
Has just died lately
She remembers no one but her relatives
She has an incomplete love story
Sometimes I wish: I lived in those years
There must have been new things and excitement everyday
Worries of life, death and love every single day
I came to know
The close distance between history and us and it is with us
I came to know
The heavy burden of friendship, the illness of love
Absurdity of parents, weakness of children
Dirtiness of agedness, stupidity of the youth
Hypocrisy of men and pain of women
I came to know
The indeed truthfulness of all memories!

4

In a such morning
A dervish who tied red, yellow, blue, green cloths around his waist
Arrives in places where festivals are hold
Dim-eyed, dirty-bodied, ugly-looked
But, strong-powered, divine – worded, mysterious – behaved
His palms are lifted up to me:
‎-- For God’s sake, mercy on me!
What should I say? What should I give to him?
Should I go following him to deserts
Graveyards, bazaars, mountains, gardens!?
Or should I offer myself to
Snakes, scorpions, louses, fleas?!
What should I do?!
Think about this world or the coming?!
I came to know
That we should die!

5

I came to know
Rocks will be valued in the last day
Handed and never be dropped to the ground
The whole world will burn
And forty men cool themselves under a single bush
Singing touching songs
Riding on a donkey, comes the demon
It’s said that the fingernails we cut will save us in the last day


6

I came to know
Thus said my aunt Aysham Abduwahid:
‎-- God untie the knot that He tied!


ئۈستىگە قايتىش
uyghur
سەھىپە باشقۇرغۇچى
Rank: 7Rank: 7Rank: 7


رەت نۇمۇرى: 81
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 1070
يازما: 94
كۆرۈش ھوقوقى: 100
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
ئەسلى قائىدىسى بويىنچە سول تەرەپتىن يىزىلسا توغرا بولاتتى، لىكىن مەن بۇنداق قىلالمىدىم باشقىلار توغۇرلاپ قويساڭلار!

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 21:36
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى