ماۋزۇسى: (چىمەنگۈل ئاۋۇت)ناتىۋان
qimengul
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 143
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 101
يازما: 33
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
(چىمەنگۈل ئاۋۇت)ناتىۋان

زەيتۇن چىشلەپ ئۇچۇپ كەلگەن كۆك كەپتەر،
بۇغ-بۇغ قىلىپ چۆرگىلەيدۇ بېشىمدا.‏
بىر بۇردا نان ئۇۋاپ بەرگەچ ئولتۇرۇپ،
قانىتىنى يۇيۇپ قويدۇم يېشىمدا.‏

چاچلىرىمىنى ئەشتىم ئالتۇن يىپ قىلىپ،
يوپۇرماقنى تۇمار قىلدىم بوينىغا.‏
ئىسرىق سالدىم نېمىشقىكىن بىلمەيمەن،
ئارچا بىلەن سۈزۈك ئالما قېقىدا.‏

ئالقىنىمنى كەڭرى ئاچسام ئۇچسۇن دەپ،
ئۇ ناتىۋان بۇغۇلدىدى پىغانلىق.‏
ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسەم قەپەزنىڭ،
كىرىپ كەتتى ئىزدىگەندەك ئاراملىق.‏

ئۈستىگە قايتىش
ijadiyet
مۇنبەر قۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


ئۆمۈرلۈك شەرەپ  
رەت نۇمۇرى: 86
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 1907
يازما: 41
كۆرۈش ھوقوقى: 200
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
تالانتلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ مۇنبىرىمىزگە قەدم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. مۇنبىرىمىز سەرخىل ئەدىپلەرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج!





راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
ئۈستىگە قايتىش
nothingness
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 119
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 168
يازما: 4
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-6
ھالىتى: توردا يوق
ياخشىكەن.





beyond possibility and impossibility
ئۈستىگە قايتىش
owqi
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 112
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 177
يازما: 15
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
دىدار غەنىمەت.......





سەن ئەگەر مەرگەن بولساڭ كۆزگە ياش ئالغان، ئۇنداقتا مەن بىر قۇشمەن، ئۆزۈمنى يۇشۇرماسلىقنى قارار قىلغان.
ئۈستىگە قايتىش
ilterish
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8


ئۆمۈرلۈك شەرەپ   ئىلغار باشقۇرغۇچى   تەشۋىقات ئەلچىسى  
رەت نۇمۇرى: 84
نادىرلىرى: 10
جۇغلانما : 1387
يازما: 132
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ئورنى: شىنجاڭ-قەشقەر
ھالىتى: توردا يوق
مۇنبىرىمىز يېقىن كەلگۈسىدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئەدەبىيات مۇنبىرىگە، ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقىي ئارامگاھىغا ئايلانغۇسى!
خۇش كەپسىز شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت.

خاتالاشمىسام ئوۋچى نامىدىكى تورداش مۇتەللىپ ماڭسۇر ئوۋچىغۇ دەيمەن، سىزگىمۇ مەرھابا.....





كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
ئۈستىگە قايتىش
baitax
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 142
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 328
يازما: 11
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالقىنىمنى كەڭرى ئاچسام ئۇچسۇن دەپ،
ئۇ ناتىۋان بۇغۇلدىدى پىغانلىق.‏
ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسەم قەپەزنىڭ،
كىرىپ كەتتى ئىزدىگەندەك ئاراملىق.‏

ئەركىنلىك تەبىئەت بىلەن مەنىداش، ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغان مەنىۋى قىزغىنلىق بولمىسا تەبىئەتكە قايتقىلى بولمايدۇ...





خۇدا ھەممىزنى ئامان قىلسۇن!
ئۈستىگە قايتىش
tahirhamut
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 87
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 301
يازما: 99
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
«ناتىۋان»دېگەن گەپكە ئىلاجىسىزلىق،ئاجىزلىق ۋە نازۇكلۇق يوشۇرۇنغان. زىيادە نەپىسلىككە ئىگە بۇ شېئىر ماڭا چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ ۋە ئېچىرقاش ئىپادىلىنىدىغان شېئىرلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەسىر بەردى. بىراق،بۇ شېئىردىكى كۆك كەپتەرنىڭ خاراكتېرىدا يەنىلا چىمەنگۈلگە خاس تەتۈرلۈك ئەكس ئەتكەن.كونا تېما،ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش شەكلى ۋە ئاددى قۇرۇلما شائىرەنىڭ تاتلىق ۋە سەبىي ئىماگلىرى تۈپەيلىدىن ئانچە چېنىپ كەتمىگەن.

ئۈستىگە قايتىش
hurustal
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 72
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 171
يازما: 14
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-1
ھالىتى: توردا يوق
قەدرىسىزلا قالغان ئۆكۈنۈش ،
يامغۇر بولۇپ ياغسا سەھەرگە .
توپا ياققان تۇمانلىق كۈندە .
كېلەرسەنمۇ مەن بار شەھەرگە .

مەندە سىلى ئىمزا قويۇپ بەرگەن تاش ياپراق دېگەن كىتاپ بار .
سىلىنىڭ قىساس غۇنچىسى دېگەن كىتابلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .
بىز مەكتەپداش .....

ئۈستىگە قايتىش
jallat
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 103
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 178
يازما: 24
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ئورنى: يەكەن
ھالىتى: توردا يوق
مۇبارەك بولسۇن ....شائېرەمىزنى ئاخىرى ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى مۇنبەرلىرىدە ئۇچراتتۇق





قاندا تۇغۇلدۇم ،
ئۈستىگە قايتىش
tizgintahta
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 160
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 62
يازما: 1
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-14
ھالىتى: توردا يوق
چىمەنگۇل بەك زورقۇپ شېئىر يازىدىكەن .مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرنى ئوقۇسام ،ماشىنىدىن قۇم -شېغىل چۈشۈرسە ئادەمنىڭ چىشى غۇچۇرلاپ كەتكەندەك ،بىر خىل كەيپىياتتا بولۇپ قالدىكەنمەن . [s:6]

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 20:52
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى