ماۋزۇسى: شەرق ۋە غەرپتە مۇستاپا كامالغا باھا
yusupjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 74
نادىرلىرى: 8
جۇغلانما : 276
يازما: 35
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-2
ھالىتى: توردا يوق
شەرق ۋە غەرپتە مۇستاپا كامالغا باھا



يۈسۈپجان ياسىن ‏

دۇنيا تارىخىدكى ئەڭ مەشھۇر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئوسمانىيلار ‏ئىمپېرىيىسى 18 – ۋە ‏‏19 – ئەسىرلەرگە كەلگەندە زاۋاللىقا يۈزلەندى. ‏ئىمپېرىيىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ ‏بېرىلغان تۈرلۈك ‏ئىسلاھاتلارمۇ بۇ دۆلەتنى گۇمران بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. ‏بۇ ‏مەزگىلدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېز كۈچىيىشى ئوسمانىيلار ‏ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن خەتەرلىك كۈچكە ‏ئايلاندى. بولۇپمۇ فرانسىيە ئىنقىلابى ‏بىلەن ياۋروپادا تارقىلىشقا باشلىغان مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى ‏‏ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنى پارچىلاپ يوقىتىشتىكى مۇھىم بىر تاشقىي ‏سەۋەپكە ئايلاندى ۋە ئۇنىڭ ‏ھالاكىتىنى تېزلىتىۋەتتى. تۈركلەرنى ياۋروپادىن ‏ۋە ‏‎ ‎ئانادولۇ (ئاناتولىيە)دىن سۈرۈپ چىقارماقچى ‏بولغان ئەنگلىيە، ‏فرانسىيە، ئاۋستىرىيە ۋە رۇسىيە‎ ‎قاتارلىق دۆلەتلەر مىللەتچىلىك پىكرىنى ‏‏ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسىنى پارچىلاش ۋە يوقىتىش مەقسىتىدە قوللاندى. ‏ئالدى بىلەن بالقاندا گرىكلەر ‏ۋە سېرىبلار قوزغىلاڭ كۆإتۈرۈپ ئوسمانىيلار ‏ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى. رۇسلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ‏بىلەن ‏ئەرمەنلەرمۇ شەرقىي ئانادولۇدا ئىسيان كۆإتۈرۈشكە باشلىدى. يەنە بىر ‏تەرەپتىن ئەنگلىيە ‏ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىش ئۈچۈن‎ ‎‏1882 ‏‏– يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلدى. ‏
بۇ چاغدا ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بەكلا ‏خاراپ ھالغا چۈشۈپ ‏قالغانىدى. چەتئەل كاپىتالىزمىنىڭ ئىمتىيازىغا ئېرىشىشى بىلەن تۈركىيە ياۋروپا دۆإلەتلىرىنىڭ ‏ئۇچۇق بازىرىغا ئايلىنىپ ‏قېلىپ, يەرلىك سانائەت شەكىللىنەلمىگەن ئىدى. پات – پات يۈز بىرىپ ‏‏تۇرغان ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشلار ئىقتىسادنى ۋەيران ‏قىلغان يەنە بىر سەۋەپ ‏ئىدى. سىرىتتىن ئېلىنغان قەرىزلەرنى قايتۇرۇپ ‏بەرگىدەك ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن, قەرىز ‏بەرگۈچى دۆلەتلەر ‏ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ مالىيىسىنى تىزگىنلەشكە باشلىدى. ‏
بۇ چاغدا دۆلەتنىڭ تىز پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىگىنى كۆرگەن ‏زىيالىلار پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى ‏چەكلەيدىغان بىر ئىدارە قىلىش شەكلى ‏قۇرۇلسا دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ مۈمكىن ‏بولىدىغانلىقىنى ئالغا سۈردى. ‏نەتىجىدە زىيالىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن 1876 – يىلى «1- ‏مەشرۇتىيەت ‏‏»(بىر ھۆكۈمدارنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى پارلامېنت رەھبەرلىكى ) ئىلان ‏قىلىنىپ, ئاساسىي ‏قانۇن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئۆزگىرىش بولمىدى. ‏شۇنىڭ بىلەن «1- مەشرۇتىيەت» 1878 – ‏ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1908 – ‏يىلىغا كەلگەندە «2- مەشرۇتىيەت » ئىلان قىلىندى. لېكىن بۇ قېتىم ‏ھوقۇقنى ‏قولغا ئالغان ئىتتىخات ۋە تەراققى پارتىسىنىڭ پارتىزانلارچە مەيدانى ‏ئىمپېرىيىنى قاتتىق ‏تەۋرىتىۋەتتى. ئىمپېرىيىنىڭ زىمىنى تارىيىپ ‏كەتتى. بالقان ئۇرۇشى ۋە بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا كەينى ‏‏– كەينىدىن مەغلۇپ ‏بولدى. ‏
‏  مۇستاپا كامال (1881 – 1938 ) دەل مۇشۇنداق جىددىي ۋەقەلەر ‏يۈز بىرىۋاتقان شارائىتتا ‏تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بۇ مەزگىلدە دۇنيادا ئوتتۇرىغا ‏چىققان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ‏كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن . ‏بولۇپمۇ مۇستاپا كامال ئۈچۈن ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى دۇچ كەلگەن ‏‏سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ھەربىي كرېزىسلەر ‏جىددىي تەتقىق قىلىدىغان ۋە ‏ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. بۇ دەل ‏تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتى، يەنى ئۇنىڭ «ھالاكىتى ياكى ‏تەرەققىياتى» بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانىيلار ‏ئىمپېرىيىسى ‏مەغلۇپ بولدى، ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ‏گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۈركىيە زېمىنىنى ‏بېسىۋېلىش ئۇرۇشىنى ‏قوزغىدى. بۇ ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇنبىرى ۋە ئاخبارات ساھەسى ‏كەسكىن ‏قىلىپ، «تۈرك مىللىتى ھورۇن، دۆت »،«ئۇلار ئۆلدى»،«ئانادولۇ ‏ياۋروپانىڭ ئىلكىگەئۆتتى» دەپ ‏جاكارلىدى. ‏
ياۋروپالىقلار تۈرك مىللىتىنى «ئۆلدى» دەپ قاراۋاتقان مانا شۇنداق ‏تارىخىي شارائىتتا ئىككى ‏ئامىل بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش ‏ياسىدى. ئۇنىڭ بىرى، ئۈستۈن ھەربىي تالانتقا، يىراقنى ‏كۆرىدىغان ‏ئىقتىدارغا، ھەر ۋاقىت توغرا قارار چىقىرىدىغان ئەقىل – پاراسەتكە، ‏قەتئىي ئىرادىگە،  ‏تەۋرەنمەس جاسارەتكە ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ‏تۇيغۇسىغا ئىگە مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتىگە ‏يىتەكچىلىك قىلىشى، يەنە ‏بىرى بولسا مۇستاپا كامالنىڭ نەچچە ئەسىردىن بېرى بېسىلىپ قالغان ‏تۈرك ‏روھىنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇنى بىر خىل كۈچلۈك قورالغا ئايلاندۇرىشى ‏ئىدى.  ‏
ھەقىقەتەن، ۋەتىنىگە سادىق، ھۆرلۈكنى سۆيىدىغان، قۇللۇقتىن ئۆلۈمنى ‏ئەۋزەل بىلىدىغان شەرەپ ‏تۇيغۇسىغا ئىگە بۈيۈك تۈرك ئىرقىنىڭ ئانادولۇ ‏پەرزەنتلىرىگە  مۇستاپا كامالنىڭ «يا ئىستىقلال، يا ‏ئۆلۈم » شۇئارى يېڭى ‏كۈچ قوشقانىدى.نەتىجىدە مۇستاپا كامال ئۆزىدىكى ئەقىل،تالانت،جاسارەت ‏‏ۋە غۇرۇرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تۈركىيىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرك ‏مىللىتىگە يېڭى ھايات ‏بېغىشلىدى. مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ۋە ‏تۈركىيىنىڭ تارىخىدا ياسىغان ئۆزگىرىشلىرىنى ‏ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاپ ‏كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ 1918 - يىلىدىكى موندروس ‏ئۇرۇش ‏توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باشلاپ، تۈرك ‏مىللىتىنىڭ مىللىي ‏كۈرىشىگە يىتەكچىلىك قىلدى.تارىختا «ئەركىنلىك ‏ئۇرۇشى» ياكى «قۇتۇلۇش ئۇرۇشى» دەپ ‏ئاتالغان بۇ ئۇرۇشنى 1922 – ‏يىلى تولۇق غەلىبىگە ئىرىشتۈرۈپ، مىللىي ۋە مۇستەقىل تۈرك دۆلىتىنىڭ ‏‏تىكلىنىشىگە ئاساس ياراتتى. «مۇدانيا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ‏ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ ئۇرۇشتا ‏زەپەر قازانغانلىقىنى، «لوزان تىنچلىق ‏كېلىشىمى » ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن دەخلىسىز ‏ئىكەنلىگىنى ‏پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. 1923 – يىلى 29 – ئإكتەبىر كۈنى گۇمران بولغان ‏بىر ‏ئىمپېرىيىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يېڭى تۈركىيىە جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا ‏كەلدى. ئۇنىڭ يەنە بىرى، ‏مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتىنى يېڭىدىن يارىتىش ‏مەقسىتىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي ‏ۋە مەدەنىي ئىنقىلابى ‏ئىدى. مۇستاپا كامالنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا، بۇ دەل ئەڭ شىددەتلىك ‏‏ئۇرۇش ئىدى. ھەقىقەتەن، مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ‏قۇرغاندىن كېيىن، ئون نەچچە يىل ‏ئىچىدىلا بىر قاتار ئىنقىلاپلىرى ‏ئارقىلىق تۈرك مىللىتىنى شەرق مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مەدەنىي ‏مىللەتكە، ‏تىنچلىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا ۋە ياۋروپانىڭ قىممەتلىك بىر مېھمىنىغا ‏ئايلاندۇردى. ‏تۈركىيىنى زامانىۋىي دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈردى. مۇستاپا ‏كامال تارىخنىڭ تۈرلۈك ھادىسلىرى ‏تۈپەيلىدىن ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن بۈيۈك ‏‏«تۈرك »نامىنى قايتا تىرىلدۈردى. تۈرك مىللىتى ئۇنىڭ ‏تۆھپىسىگە ئەڭ ‏يارىشىملىق قىلىپ ، ئۇنى«ئاتاتۈرك »(«تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» دېگەن ‏مەنىدە) ‏دېگەن بۈيۈك نام تارتۇقلىدى. پۈتۈن دۇنيا تۈركىيىنى ئۇنىڭ نامىغا ‏باغلاپ، «ئاتاتۈرك تۈركىيىسى» ‏دەپ ئاتىدى.‏
مۇستاپا كامال بىر مىللەتنىڭ يىتەكچىسى بولۇش سۈپىتىى بىلەن ‏تارىختا مۇنداق ئۈچ رېكورت ‏ياراتتى. بىرىنجى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى ‏ئۇتۇقلىرى ئارقىلىق تارىختا مۇستەملىكىچى ئارمىيىگە ‏ئەڭ قاتتىق زەربە ‏بەرگەن غالىپ قوماندانغا ئايلاندى. ئىككىنجى، روھنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ‏زەئىپ ‏ۋە ھورۇن دەپ قارالغان بىر مىللەتتتىن ھېچقانداق بىر كۈچ ‏چېقىلىشقا پېتىنالمايدىغان، رەقىپسىز بىر ‏دۆلەتنى يارىتىپ، دەۋردىن ‏ھالقىغان بۈيۈك سىياسىيونغا ئايلاندى. ئۈچۈنجى، غەرپتىكى دۆلەتلەر ‏نەچچە يۈز ‏يىلدا ئاران تاماملىغان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ‏تاماملىغان ‏تاڭداشسىز ئىسلاھاتچىغا ئايلاندى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئىرقداشلىرىنى، ‏مىللىتىنى، دوستلىرىنى ۋە نىجاتلىق ‏ئىزدىگۈچىلەرنى سۆيۈندۈرگەن ۋە ‏رەقىپلىرىنى قايىل قىلىپ ھۆرمىتىنى قوزغىغان كىشىلىك ‏ئۈستۈنلۈكلىرىدۇر. ‏
‏  مۇستاپا كامالنىڭ روھى،تالانتى، قاراشلىرى ۋە ھەرىكەت – تەدبىرلىرى ‏بالىلىق چاغلىرىدىن ‏تارتىپلا باشقىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىشقا ‏باشلىغان. مۇستاپا كامال قوماندان، دۆلەت ‏قۇرغۇچىسى ۋە ئىسلاھاتچى ‏سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان چاغلىرىدا، پۈتۈن دۇنيانىڭ  دىققىتى ۋە ‏‏ھەيرانلىقى ئۇنىڭغا مەركەزلەشكەن. دۇنيانىڭ تەرەپ -- تەرەپلىرىدە ئۇنىڭغا ‏يۈكسەك باھالار ‏بىرىلىشكە باشلىغان ۋە بۇ باھالاردا ئومۇمەن ئۇنىڭ تۈرك ‏مىللىتى ئۈچۈن ، غەربىي ئاسىيا ئۈچۈن، ‏پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن، شۇنداقلا ‏ئىنسانىيەتنىڭ 20 – ئەسىردىكى ھاياتى ۋە كەلگۈسىدىكى ‏ئىستىقبالى ئۈچۈن ‏يېڭى بىر دەۋرنى ئاچقان بۈيۈك شەخس ئىكەنلىگى تەكىتلەنگەن. بۇ ماقالىدا ‏‏بىرىلگىنىنى مۇستاپا كامال ھەققىدىكى باھالارنىڭ تامامى، دەپ كەتكىلى ‏بولمايدۇ. بۇ پەقەت مىنىڭ  ‏مۇستاپا كامالنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىش ‏جەرىيانىدا ھازىرغىچە ئىرىشەنكەنلىرىم ئىچىدىن ‏تاللانغانلىرى ئىبارەت ‏بولۇپ ، بۇلار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت : ‏
‏ ‏
ب د ت: ‏
مۇستاپا كامال پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ ‏سىمۋولى.‏
‏                    --- ب د ت نىڭ ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش ‏مۇراسىمىدىكى سۆزى
گېرمانىيە:‏
ئاتاتۈرك بىر ھەربىي سۈپىتىدە شىددەتلىك، ھەتتا بەزىدە ئۈمىت كۈتكىلى ‏بولمايدىغان ئۇرۇشتا ‏غالىپ كەلدى ۋە كېيىن دۆلەتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ‏ئۈستىگە ئالدى. 1923 – يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى ‏تۈركىيە ‏جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئىلان قىلىنىشى ئۇنىڭ دېپلوماتىك ‏تالانتىنىڭ ‏نەتىجىسىدۇر. ‏
‏                 ‏‎‏      ‏‎  ‎‏ --- لۇدۋىگ ئېرخارد، سابىق غەربىي ‏گېرمانىيە زوڭتۇڭى  ‏
‏  مۇستاپا كامال بەي مەسئۇلىيەت يۈكلىنىشتىن قورقمايدىغان توغما بىر ‏رەھبەر ئىدى. 25- ئاپرېل ‏سەھەردە ئۆزلىگىدىن 19 – دېۋىزىيىگە ‏دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۇنى قىرغاقغا ‏سۈردى. ئۈچ ئايدىن ‏بېرى ئۆزىگە قىلىنىۋاتقان قاتتىق ھۇجۇمغا قەتئىي ۋە تەۋرەنمەي قارشى ‏تۇردى. ‏ئۇنىڭ غەيرىتىگە تولۇق ئىشىنىمەن.‏
‏                                  --- لىمان ۋون ساندېرس، ‏گېنېرال ‏
مىللىي قەھرىمان ئاتاتۈرك مەملىكىتىنى قۇتقۇزۇشتا ۋە مىللىي بىر ‏كېلىچەكنىڭ ئاساسلىرىنى قۇرۇشتا ‏غەلىبە قىلدى. ئۇ مەملىكىتىنى سۆھبەت ۋە ‏جەنۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇتقازغىلى بولمايدىغانلىقىغا ‏ئىشىنىپ، كۈرەش ‏يولىنى تاللىدى. بۇنىڭدا پەقەت پولاتتەك ئىرادە ۋە كۈچ – قۇۋۋەت بىلەنلا ‏غەلبە ‏قىلىشقا مۇمكىن بولاتتى. ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى  ‏ئەسىرى(نەتىجىسى) بىرازلا ھەيران ‏قالغۇدەك ئەمەس. گېرمانىيە ئاتاتۈركنىڭ ‏ئەسىرىگە ۋە كۈرەشلىرىگە ھەيراندۇر. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ‏تارىخىي ‏نەتىجىنى، ھۆرلۈكنى سۆيىدىغان بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن بىر سىمۋول بولۇپ ‏قالىدىغان ‏قۇدرەتلىك بىر ئوبرازنى كۆرمەكتە. ‏
‏                              --- بېرلىن، ‏گېرمانىيە ئاگېنتلىقى ‏
ئاتاتۈرك يېڭى تۈركىيىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغىنىدەك، يەنە مىللىتىنىڭ ‏تەربىيىچىسى ۋە ‏يىتىشتۈرگۈچىسى بولدى. ئاتاتۈرك ئۆز ئوبرازىنىڭ كۈچى ‏بىلەن مىللەتلەرنى ئىچكى ۋە تاشقى ‏جەھەتتىن ئۆزگەرتكەن ئۇرۇش ‏يىتەكچىلىرى ئارىسىدا خاس بىر ئورۇن توتىدۇ. ئۇ، يېڭى تۈركىيىنىڭ ‏‏ياراتقۇچىسى ۋە قۇرغۇچىسىغا ئايلاندى. يېقىن شەرقنىڭ ھازىرقى قىياپىتىنى ‏مۇشۇ ئادەم بېكىتتى. ‏
‏                             --- «ئالمان گېرمانىيە ‏گېزىتى»‏
‏ ‏  ئۇنىڭ تارىخىي بۈيۈكلىكىنى ئۇنىڭ ئەسىرى ھېساپلانغان يېڭى تۈركىيىگە ‏قاراپلا  ئۆلچىگىنى ‏بولىدۇ. پولاتتەك جاسارەت ۋە غەيرىتى، يىراقنى ‏كۆرىدىغان ئەقىل ۋە ھىكمەت بىلەن بىرلەشكەن بۇ ‏ھەقىقىي خەلق داھىسى ۋە ‏دۆلەت ئادىمى ئانادولۇ تاغلىرىنىڭ ئەڭ يىراق ۋە ئاياق ئىزى تەگمىگەن ‏‏بولۇڭلىرىدىكى يېزىلارغىمۇ باشقا بىر روھ سېڭدۈردى. ‏
‏                             --- «قىستۇرما رەسىملەر ‏ژورنىلى»‏‎ ‎‏ ‏
‏  ئاتاتۈركنىڭ ھاياتى، تۈرك مىللىتىنىڭ يېڭىدىن ئويغىنىشى ۋە يۈكسىلىشى ‏تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز ‏روھىنىڭ تۈنجى ئۆيىنى 20 – ئەسىردە قۇرمىغانلىقىنى ‏كۆرسىتىپ بىرىدۇ. كامال ئاتاتۈرك بىلەن تالاي ‏ئەسىرلەر داۋامىدا تىنىپ ‏قالغان قەھرىمان بىر روھ يورۇقلىققا چىقتى ۋە بۇ روھ دۇنيانىڭ ئاسارەتكە ‏‏چۈشكەن قىسىملىرىدىكى مىللەتلەرگە ھۆرىيەت ۋە قۇتۇلۇش(ئازاتلىق ) ‏يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. ‏ئۇنىڭ سالاھىيىتى نىل دەرياسى ساھىلىدىن ‏قەدىمكى جۇڭگو دېڭىزىغا قەدەر تارالغان بىر رىۋايەتكە ‏ئايلاندى. ئۇ ئۆز ‏مىللىتى ۋە ئىنسانىيەت ئالىمىگە بولغان مۇھاببىتى بىلەن ، بىر داھىنىڭ ‏نىمىلەرنى ‏ياراتقانلىقىغا دائىر دۇنياغا پەۋقۇلئاددە ھاياجانلىق بىر سەھنىنى ‏زىيارەت قىلدۇرماقتا.‏
مۇستاپا كامال زەئىپلەشكەن،قورالى قولىدىن ئېلىۋېلىنغان مىللەت ‏بىلەن قولنى قولغا تۇتۇپ، تارىخقا ‏يېڭى بىر دەۋر ئېچىش ئۈچۈن كۈرەشكە ‏ئاتلاندى ۋە كۈرەشلىرىدە روھ قۇدرىتىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق ‏قۇراللاردىن ‏ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.‏ مۇستاپا كامالنى ئالىي قوماندانلارنىڭ كۆپچىلىگىدىن ‏ئۈستۈن قىلغان ‏خۇسۇسىيەت ئۆلۈمنى كەمسىتىش ۋە قەھرىمانلىق كۆرسىتىش جەھەتتە ‏ئەسكەرلىرىگە ‏ئەڭ چوڭ ئۈلگە بولىشىدۇر. ‏
‏                            --- ھېربېرت مېلزىگ , ‏تارىخشۇناس ‏
ئازاپ چەككەن دۇنيادا تىنچلىك ۋە خاتېرىجەملىك ئورنىتىش ۋە ‏ئىنسانىيەتنى يالغۇز ماددى ‏جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە مەنىۋىي ‏جەھەتتىنمۇ تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرمەكچى بولغانلار ‏ئاتاتۈركنىڭ ‏ئىشەنچ—ئىتىقاد بېغىشلاش ۋە نىشان كۆرسىتىش روھىدىن ئۆرنەك ‏ئالسۇن.‏
‏                          --- ھېربېرت مېلزىگ ، ‏تارىخشۇناس
‏ ‏  ئۇ شەخسىي ئۇتۇق ۋە شۆھرەت قوغلىشىدىغان ئاددى بىر دېكتاتۇر ‏ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ‏ئەۋلادلار ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس يارىتىش بىلەن ‏مەشغۇل بولغان بىر قەھرىمان.‏
‏                             --- پروفېسسور ‏ۋالتېر .ل. رايت ‏
ئاتاتۈرك تۈركىيىنى بىرمۇ دۈشمىنى يوق ھالدا مىراس قالدۇردى. بۇنى ‏دەۋرىمىزنىڭ باشقا ‏ھېچقانداق بىر دۆلەت رەھبىرى قىلالمىغان.‏
‏                           --- «ئالمان ئاممىۋىي ‏كۈزەتكۈچىلەر گېزىتى » ‏
مەن تۈرك – ئالمان(گېرمان) دوستلۇقىنى ئوبدانلا بىلىدىغان بىر ‏ئەۋلادنىڭ بالىسىمەن. كىچىك ‏ۋاقتىمدا بىر ئادەمنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى ، ‏ياراتقان تۆھپىلىرىنى ۋە مەملىكىتى ئۈچۈن قىلغان ‏پىداكارلىقىنى كۆردۈم. بۇ ‏ئادەم مۇستاپا كامال ئىدى. بۈگۈن تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ يەتتىمكى، بۇ ‏‏كىشى بۈيۈك بىر دۆلەت ئادىمى ئىدى. ئۇ بۈيۈك ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلچەم – ‏دائىرىنى قوغداشنى ھەر ‏ۋاقىت بىلدى ۋە ئەسىرىنى خەتەرگە تىقىدىغان ‏پاسىلدىن ھالقىمىدى. جاسارەتنىڭ ۋە ئۆز ‏جاسارىتىنىڭ چەك – ‏چېگرىسىنىمۇ سىزالايدىغان دەرىجىدە ئەقىل – پاراسەتلىك ئىدى. ‏
‏                      --- كۇرت. ك. كېسىنگىر، سابىق غەربىي ‏گېرمانىيىمىڭ سابىق زوڭلىسى
ئامېرىكا:‏
مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولىدىغىنى بۇ ئادەم بىلەن تونۇشۇش ھەققىدىكى ‏كۈچلۈك ئارزۇيىمنىڭ ‏ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەمدى ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىدۇر. ‏
‏                         --- فرانكلىن .د. روزۋېلېت، ‏سابىق زوڭتۇڭ ‏
سوۋېت رۇسىيىسى تاشقىي ئىشلار كومېسسارى لىتۋىنوف بىلەن ‏كۆرۈشكەندە ، ئۇنىڭدىن ‏ياۋروپادىكى ئەڭ بۈيۈك  ۋە ئەڭ كۈچلۈك دىققەتنى ‏تارتىدىغان دۆلەت ئادىمىنىڭ كىم ‏ئىكەنلىكىنى سوردۇم. ئۇ ماڭا ياۋروپانىڭ ‏ئەڭ بۈيۈك دۆلەت ئادىمىنىڭ تۈركىيىنىڭ جۇمھۇرباشقانى ‏‏(زوڭتۇڭى) مۇستاپا ‏كامال ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.‏
‏                         --- فرانكلىن .د. روزۋېلېت، ‏سابىق زوڭتۇڭ ‏
‏(مۇستاپا كامال) ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋرنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك رەھبەرلىرىدىن بىرى.‏
‏                        --- «نيۇ- يورك ۋاقىت ‏گېزىتى»‏
دۇنيا سەھنىسىدىن تارىخنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئادەملىرىدىن ‏بىرى كەتتى. ‏
‏                            --- «چىكاگو ‏مۇنبىىرى»‏
ھەرقانداق ئىنساننى تەسلىم قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە رەھبەرلىك ‏ئىقتىدارى بار. ئۇ تېتىك، ھۇشيار، ‏ھازىر جاۋاپ ۋە دىققەتنى تارتقىدەك ‏ئەقىل – پاراسەتلىك. ‏
‏                          --- گلېدس بېيكېر، ‏ژورنالىست
ئۇ قوماندان، سىياسىيون، دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئادەملىرىدىن ‏بىرى ئىدى. ئۇ تۈركىيىنىڭ ‏دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ‏ھەقلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈردى. يەنە كېلىپ ئۇ ‏تۈركلەرگە بىر مىللەتنىڭ ‏بۈيۈكلىكىنىڭ ئۇل تېشىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىگە ‏‏تايىنىش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلدى. مەن ھەربىي تالانت بىلەن ئىدىئالنى ‏ئاتاتۈركتەك ئۆزىدە ‏بىرلەشتۈرگەن باشقا بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ‏مەن ئاتاتۈركنىڭ سادىق دوستلىرىدىن بىرى ‏بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈيۈك ‏ئىپتىخار ھىس قىلىمەن.‏
‏                              --- دوگلاس ‏مېيك ئارتۇر، گېنېرال ‏
ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا ماڭغان بۈيۈك مىللىتىڭلار ناھايىتى مۇھىم ‏غەلىبىلەرگە ئىرىشتى. تۈرك ‏بىرلىكىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ مىمارى ‏ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئكتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىم ‏دۇنيانىڭ ھەر ‏تەرەپلىرىدىكى ھۆر ئىنسانلارغا ئىلھام مەنبەسى بولغان بىر زاتقا ناھايىتى ‏جايىدا ‏قىلىنغان بىر ھۆرمەتتۇر.‏
‏                                --- داۋىد ئېزېنخوۋېر، ‏سابىق زوڭتۇڭ ‏
‏ ‏  تۈرك دېگەن نام كىشىگە مۇشۇ ئەسىرنىڭ بۈيۈك ئىنسانلىرىدىن ‏بىرىنىڭ تارىخىي ئۇتۇقلىرىنى، ‏تۈرك مىللىتىگە ئىلھام بەرگەن ‏رەھبەرلىكىنى ، زامانىۋىي دۇنيانى چۈشۈنىشتىكى ئالدىن كۆرەرلىكىنى ‏ۋە ‏ھەربىي قوماندان سۈپىتىدىكى قۇدرەت ۋە جاسارەتىنى ئەسلىتىپ تۇرماقتا. ‏
گۇمران بولۇش ھالىتىدە تۇرغان بىر ئىمپېرىيىدىن ئەركىن ‏تۈركىيىنىڭ تۇغۇلىشى ، يېڭى تۈركىيىنىڭ ‏ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىنى ‏شەرەپ بىلەن جاكالىشى ۋە شۇ كۈندىن بېرى ئۇنى قوغدىشى ‏ئاتاركنىڭ، ‏تۈركىيە خەلقلىرىنىڭ ئىشىدۇر. شۈبھىسىزكى،   ئاتاتۈركنىڭ تۈركىيىىدە ‏ئېلىپ بارغان ‏چوڭقۇر ۋە كەڭ ئىنقىلاپلىرىدەك، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە ‏بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ غەلبىلىك ‏ئىپادىلىگەن باشقا بىر ئۈلگىنى ‏كۆرسىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ. ‏
‏                                 --- جون. ف. كېننىدي، ‏سابىق زوڭتۇڭ ‏
‏ ‏ ‏ ‏مۇستاپا كامال ئالىيلىرى ھەممىدىن ئاۋۋال ھەقىقىي مەنىدىكى ‏جەڭگىۋار بىر قوماندان. ئۇ تىز ‏پۈكمەس، ئېغىر—بېسىق، چوڭقۇر ۋە كەڭ ‏چۈشەنچىگە ئىگە، كەسكىن ۋە جانلىق سۆزلەيدىغان بىر ‏زاتتۇر. ‏ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەككى، كامال دۇملۇپىناردا شانلىق بىر ‏ئېستراتىگىلىك قابىلىيەتنى ‏نامايەن قىلغان ۋە دۈشمەندىن ناھايىتى ئاز بولغان ‏تۈرك ئارمىيىسىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ‏بىلگەن.‏
دۇنيادا ئىستىلاچى ئارمىيىلەر يۇنانلىقلار ئۇچرىغان قاتتىق زەربىگە ‏ئوخشاش بىر مەغلۇبىيەتكە ‏ناھايىتى ئاز دۇچ كەلگەن.  ‏
‏                               --- چارلېس شېرىل، ‏گېنېرال ‏
‏  ‏ئاتاتۈرك بولمىغان بولسا تۈركلەر بەلكىم ئۆزبەكىستاندا قالغان بولاتتى، ‏ئەمما تراكيا ۋە ‏ئانادولۇدا قالالمايتتى. تۈركلەرمۇ ياكى تۈركىيىمۇ قالمايتتى. ‏مۇستاپا كامال پەقەت مەملىكىتىنىلا ‏قۇتۇلدۇرمىدى، تۈرك نەسلىنىمۇ ‏قۇتۇلدۇردى. مەن سىزگە شۇنداق دەيمەنكى، ئاتاتۈرك بولمىغان بولسا ‏تۈركلەر ‏قالمايتتى.‏
‏                             --- جوستىن مكارت، ‏تارىخشۇناس  ‏
مارمارا قىرغىقىدىكى مۇدانيادا غەرپ بىلەن شەرق ئۇچراشتى... ‏غەرپلىكلەر بۇ يەرگە قانداقتۇر ‏تىنچلىق تەلەپ قىلىشقا ياكى شەرتلىرىنى ‏قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى تىنچلىق تىلىگىلى(سەدىقە ‏ئېلىش ‏مەنىسىدە) كەلگەنىدى. بۇ ئۇچرىشىش ياۋروپانىڭ ئاسىيادىكى ‏ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ‏ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتەتتى. چۈنكى، ھەر كىشى بىلگىنىدەك ‏مۇستاپا كامال يۇنانلىقلارنى پاك ‏‏--پاكىز سۈپۈرىۋەتكەنىدى.‏
‏                           --- ئې . ھېمىڭۋاي، ‏يازغۇچى
ئەنگلىيە:‏
پەقەت نەچچە يۈز يىلدىلا تەڭداشسىز داھى چىقىدۇ. بۇ ‏تەلەيسىزلىكىمىزگە قاراڭ، ئاشۇ بۈيۈك ‏داھى دەۋرىمىزدە تۈرك مىللىتىگە ‏نىسىپ بولدى. ‏
‏                          --- د. ل. لويد گېئورگى،  ‏سابىق ۋەزىر
مۇستاپا كامال بىر مىليون ئەسكەرگە تەڭ. ‏
‏                         --- ئېدۋارد‏Ⅴ‏ ، ‏ئەنگلىيە پادىشاھى ‏
‏   ئاتاتۈركنىڭ نامى بىزگە ئاساسەن ئەللىك يىل بۇرۇنلا  شەرەپلىك ‏بىر تۈرك ھەربىي قوماندانى ‏سۈپىتىدە مەلۇم بولغان. تىنچلىق ئورنىتىلغاندىن ‏كېيىن ، ئۇنى تارىختىكى بۈيۈك مىللىي رەھبەرلەر ‏ئارىسىدا دائىمىي ئورۇنغا ‏ئىگە قىلغان دۆلەتچىلىك سۈپەتلىرى بىلەن تونىدۇق .‏
‏                         --- سىر . ئا . دوگلاس خېم، ‏سابىق باش ۋەزىر ‏
‏ ‏  مۇستاپا كامالنى ئىسيانچى دېيىش ئاسان. ئەمما تۈركىيىنىڭ ئورنىغا ‏ئەنگلىيىنى قويۇپ باقساق، ‏بۇنداق بىر ئادەم ئىسيانچى ئەمەس، بەلكى ‏ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ھېساپلىنىدۇ.  ۋەتىنى ئۈچۈن ‏ئۇرۇشقان، ئۇنىڭ ‏بۆلۈنۈشىنى ۋە بىر ئىمپېرىيىنى قۇرۇشقا ياكى ئۇنى ئىدارە قىلىشقا كۈچى ‏‏يەتمەيدىغان بۇ مىس—مىس يۇنانلىقلارغا بىرىۋىتىلىشىنى قوبۇل قىلمىغان ‏بىر ۋەتەنپەرۋەردۇر.‏
‏                         --- لود دېربي،  دۆلەت ‏ئادىمى ‏
‏   ناھايىتى مۇكەممەل قوماندانلىق قىلىنغان ۋە  جاسارەتلىك ھالدا ‏سوقىشىدىغان تۈرك ئارمىيىسىگە ‏قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز. ‏
‏                         --- خامىلتون، ‏قوماندان ‏
‎ ‎‏  ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا تۈركىيە ياۋروپانىڭ قىممەتلىك بىر ‏ئەزاسىغا ئايلاندى.ئۇ يېقىن ‏شەرقنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتتى. ‏
‏                      ---  «لوندۇن تايمېس(ۋاقىت) ‏گېزىتى»‏
‏   قاراشلىرى شۇ قەدەر كەسكىن ۋە نۇقسانسىز ئىدىكى، ۋەقەنىڭ ‏يۈزلىنىشى، خەلقنىڭ تۇيغۇلىرى ۋە ‏تۈركىيە ئىشلىرىغا دائىر سەزگەنلىرى ‏ھەيران قالارلىق دەرىجىدە توغرا چىقاتتى.‏
‏                      --- پېرسى ‏لورىن، ئەلچى‏
ئۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيىنى قۇتقۇزغان، ئۇرۇشتىن كېيىن تۈرك مىللىتىنى ‏قايتىدىن تىرىلدۈرگەن ‏ئاتاتۈركنىڭ ئۆلۈمى ، يالغۇز ۋەتىنى ئۈچۈنلا ئەمەس ، ‏يەنە ياۋروپا ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىشتۇر. ھەر ‏تەبىقىدىكى خەلقنىڭ ئۇنىڭ ‏ئارقىسىدىن تۆككەن سەمىمىي ياشلىرى بۇ بۈيۈك  قەھرىمانغا ۋە ‏زامانىۋىي ‏تۈركىيىنىڭ ئاتىسىغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ۋە باھاسىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىن ‏باشقا نەرسە ‏ئەمەس. ‏
‏                            --- ۋىنستون چېرچىل، ‏سابىق ۋەزىر ‏
‏  ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ روھىدا تۈرك بايرىقىدەك لەپىلدەپ تۇرغان ‏بىر سىما.‏
‏                            ---- «كۈندىلىك ‏تېلېگراف»‏
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا، گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدىكى قەھرىمانلىق ‏داستانىغا ئايلانغان ‏كۈرەشلەردە ۋە قۇتۇلۇش ئۇرۇشىدىكى داۋادا يۈكسەك ‏تالانتى ئۇنى تولۇق ۋە شانلىق غەلىبىگە ‏ئىرىشتۈردى. ‏
‏                            --- « تايمېس ‏گېزىتى » ‏
دەۋرىمىزدە ھېچقانداق بىر ئىسىم ئاتاتۈركنىڭ نامىدەك بۈيۈك ھۆرمەت ‏پەيدا قىلغان ئەمەس.‏
‏                            --- « كۈزەتكۈچى » ‏ژورنىلى ‏
ئۇ جۈپتى – تەڭدىشى يوق بىر دۆلەت ئادىمى ئىدى. ئىستىبداتلار ‏بەرداشلىق بىرەلمىگەن  ‏ئەركىن بىر نىزام بىلەن، ئۇلار قىلالمىغان ۋە ‏قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلدى. تارىختا بۇنداق ‏ئادەملەرنىڭ دەۋرلىرى ‏ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.‏
‏                               --- «مۇھىم ‏خەۋەرلەر»  ‏
جۇمھۇرىيەت تۈركىيىسىنىڭ پىرىزدىنتى كامال ئاتاتۈرك باشقا ‏رەھبەرلەردە كۆرگىلى بولمايدىغان ‏شۇ ئېسىل ئالاھىدىلىكەرنى ئۆز ‏ئوبرازىغا مۇجەسسەملىگەن . ئۇلار كەمتەرلىك ، قابىلىيەت ۋە ‏غەلىبىدىن ‏ئىبارەت.`‏
‏                               --- « رىئاللىق ‏ژورنىلى» ‏
ئاتاتۈركنىڭ ئۆلۈمىگە بۈگۈن ھاياتنىڭ پەقەت خاتېرىدىن ئىبارەت ‏بولغان بىر ئالەمدە بۈيۈك ‏بىر دۆلەت ئادىمى، بۈيۈك بىر ھەربىي ۋە بۈيۈك ‏دەرىجىدە شەرەپلىك بىر زات سۈپىتىدە يىغا—زارە ‏قىلىنماقتا. ئەنگلىيە ‏دەسلەپتە جەسۇر ۋە ئېسىل بىر دۈشمەن، كېيىن سادىق بىر دوست ‏سۈپىتىدە ‏تونىغان بۈيۈك ئىنسانغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. ‏
‏                                 --- «يەكشەنبىلىك تايمېس ‏گېزىتى»‏
بىرازلا ئويلاپ بېقىڭكى، غەرپ دۇنياسىدىكى ‏رإنېسانس(ئەدەبىيات—سەنئەتنىڭ قايتا ‏گۈللىنىشى ) ، رېفورمسىيۇن(دىنىي ‏ئىسلاھات )، بىلىم ۋە تەپەككۇر ئىسيانى، فرانسۇز ئىنقىلابى ۋە ‏سانائەت ‏ئىنقىلابىنى پەقەت ئاتاتۈركتىن ئىبارەت بىرلا ئىنسان تاماملىغان.‏
‏                                ---  ئارنولد توينبې، ‏پەيلاسوپ
‏ ‏ كامال ئاتاتۈركنىڭ دەۋرىمىزنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەڭ بۈيۈك دۆلەت ‏ئادەملىرىدىن بىرى ‏ئىكەنلىگىگە كىچىككىنە بولسىمۇ گۇمانىم يوق. مىنىڭ ‏دۆلىتىمنىڭ ئەڭ  بۈيۈك ئادەملىرىدىن بىرى ‏بولغان ۋىنستون چېرچىل ‏ئاتاتۈركنى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ ئەڭ ‏‏بۈيۈك تۆت—بەش ۋەكىللىرىدىن بىرى، دەپ تەسۋىرلەيدۇ.چېرچىل ئۇنى ‏‏«تۈرك مىللىتىنىڭ داھىسى، ‏بۈيۈك بىر ھەربىي سۈپىتىدىكى جەڭگىۋار ‏پرەنس» دەپ تەرىپلىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق . ‏ئاتاتۈرك ھەممىدىن ‏ئاۋۋال بۈيۈك بىر ھەربىي ئىدى، ئەمما زامانىدا بۈيۈك بىر دۆلەت ئادىمىگە ‏‏ئايلاندى. تارىختا بۇ ئىككى خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە ‏مۇجەسسەملەشتۈرگەن كىشىلەر ئىنتايىن ‏ئاز. ئاتاتۈرك مانا شۇنداق ئاز ‏ئۇچرايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى . ئۇ بۈيۈك بىر ھەربىي ۋە بۈيۈك بىر ‏دۆلەت ‏ئادىمى. ئاتاتۈرك بىر تەرەپتىن ئۇرۇش ئادىمى ، يەنە بىر تەرەپتىن ‏تىنچلىق ئادىمى . ئۇنىڭ ‏ۋۇجۇدىدىكى بۈيۈك ھەربىي تالانتى مىللىتىنى ‏يوقىلىشتىن قۇتقۇزۇپ قالدى، يەنە ۋۇجۇدىدىكى ‏دۆلەت ئادىمى ئالاھىدىلىگى ‏ھاياتىغا نۇر چاچقان مىللىتىنى يېڭىدىن ياراتتى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبىلەر ‏ئىنسانلاردا ‏ئاز ئۇچرايدىغان قابىلىيەتنىڭ جەم بولىشىنىڭ  نەتىجىسىدۇر.‏
مۇستاپا كامال، كېيىنكى نامى بىلەن ئېيتقاندا ئاتاتۈرك 20 – ئەسىرنىڭ ‏ئالدىنقى يېرىمىغا ‏پەلقۇلئاددە ئوبرازى بىلەن تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك بىر ‏ھەربىي ۋە دۆلەت ئادىمى ئىدى. ئۇنى ‏دەۋرنىڭ ئىستىبداتلىرىدىن ئايرىپ ‏تۇرىدىغان ئىككى مۇھىم نوقتا بار. يەنى تاشقى سىياسىتى ‏چېگراسىنى ‏كېڭەيتىشنىڭ ئورنىغا تارايتىش ئاساسىغا ، ئىچكى سىياسىتى بولسا، ‏ئۆلىمىدىن كېيىنمۇ ‏پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان بىر سىياسىي سىسىتېمىنى ‏قۇرۇش چۈشەنچىسىگە تايانغان. بۇ ھەقىقەتچى ‏روھ مەملىكىتىنى يېڭىدىن ‏گۈللەندۈرۈشكە ۋە ۋەيرانە، چېچىلاڭغۇ ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدىن ‏يېڭى، ‏ساپ بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى يارىتىشقا مۇۋاپپەق بولدى .‏
‏                             --- لورد كىنروس،  يازغۇچىسى ‏ۋە ژورنالىست    ‏
ئاتاتۈرك تارىختا ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ بۈيۈك دۆلەت ئادەملىرىدىن ‏بىرى ئىدى. ئۇ ھېچقاچان ‏ئۆزى ياشاۋاتقان زامان  بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ‏كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈپ، شۇ بويىچە ئىش ‏قىلغان. ئاتاتۈركنى موسسۇلىنى ‏ۋە گىتلېر قاتارلىق رەھبەرلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەرەپمۇ دەل ‏مۇشۇ. ‏ئۇلار  ھەر بىر ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنى ئويلاپ ھەرىكەت قىلاتتى. ئاتاتۈرك ‏‏20—30 يىلدىن ‏كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن كۆرۈپ، شۇ بويىچە ‏ھەرىكەت قىلاتتى. ‏
‏                             --- لورد كىنروس،  يازغۇچىسى ‏ۋە ژورنالىست    ‏
تۈرك مىللىي ئارمىيىسى كۈچلۈك ۋە تەشەببۇسكاردۇر. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ‏بۇنى چۈشىنەلەيدىغان ‏ھالدا ئەمەس . يېپيېڭى بىر تۈركىيە دۇنياغا كەلدى. بۇمۇ ‏ئەنگلىيىدە تېخى چۈشۈنىلمىدى. تۈركلەرنى ‏ياۋروپانىڭ سىرتىغا، يەنى ‏ئانادولۇغا سۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ساراڭلىقتۇر.  ‏
‏                                  --- توۋىنشېند، ‏گېنرال ‏
‏(مۇستاپا كامال)ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ ئىلغار دۆلەت ئادەملىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ‏ھاياتى بىر ‏مەكتەپ تەشكىل قىلىدۇ، بۇ مەكتەپ ئاساسەن ھەر جەھەتتىن ‏يىگانىدۇر.‏
‏                                 --- «يېرىم ئايلىق ‏ژورنال» ، لوندۇن‏
ئاتاتۈرك كونىراپ كەتكەن بىلىملەر بىلەن بىكاردىن بىكار كاللىسىنى ‏چارچىتىپ يۈرمىگەنلىكتىن ‏تېخىمۇ يېڭى ۋە يۈرەكلىك ھالدا تەپەككۇر ‏قىلىدىغان رەھبەر ئىدى. بۈگۈنكى ياۋروپانىڭ ئەڭ ‏قۇدرەتلىك دۆلەت ئادىمى ‏دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ئاتاتۈرك، شۈبھىسىزكى دۆلەت ئادەملىرىنىڭ ئەڭ ‏‏جەسۇر ۋە  ھەقىقىيسىدۇر .‏
‏                                --- ھېربېرت سائىدبىتھام ، ‏يازغۇچى
ھەر قانداق ۋەقەنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ ، ئاقىۋىتىنى تونۇپ يەتكەندىن ‏كېيىن تۇيۇقسىز ‏ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىقتىدارى ئۇنىڭ تەڭداشسىز نوپۇزىنىڭ ‏ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى ئىدى.‏
‏                                   --- گرېئىس ‏ئىللىسون، ژورنالىست‏
‏ ‏‏ بىر ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئۆلچىمى ئۆز ساھەسىدىكى ‏ئۈستۈنلىكىنى دوست ۋە ‏دۈشمەنلىرىگە قوبۇل قىلدۇرىشىدۇر. ئاتاتۈرك بۇ ‏بۈيۈكلۈككە ئىرىشكەن داھىلاردىن بىرى . ئۇ ‏ئىنقىلاپچى سۈپىتىدە ‏زامانىۋىي تۈركىيىنى ياراتتى، ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازاندى ۋە ئەسىرىمىزنىڭ ‏بۈيۈك ‏دۆلەت ئادەملىرى قاتارىغا قوشۇلدى.‏
‏                                      --- سامېرسېت مېگخام، ‏يازغۇچى ‏
فرانسىيە:‏
‏  تۈركىيە تارىخى بۈگۈن ھەر دەۋردىكىدىن بەكرەك غەرپ ۋە ياۋروپا ‏تارىخىدىن ئايرىلماس بىر ‏ھالەتتە. ئاتاتۈركنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەيرىتى ‏نەتىجىسىز قالمىدى.‏
‏                                      --- دېگول، سابىق ‏زوڭتۇڭ  ‏
تارىختىكى بۈيۈك بىر دېپلوماتنىڭ ياكى مەشھۇر بىر قومانداننىڭ ھاياتىغا ‏ئائىت ئەسەرلەرنى ‏ئوقىغىنىمىزدا ، ئۇنىڭ سىماسىنى، سۆزلىرىنى ۋە ‏قاراشلىرىنى خىيال قىلىپ زوقلىنىمىز ۋە ئۆز ئۆزىمىزگە ‏‏« ئۇنى كۆرسەك ‏ۋە تونىساق نىمى دېگەن ياخشى بولاتتى » دەيمىز.‏ بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ تەقدىرىنى ‏بەلگىلىگەن بۈيۈك دېپلومات ، بۈيۈك ‏قوماندان ۋە بۈيۈك ئىنقىلاپچى كامال ئاتاتۈركنىڭ ھاياجانلىق ‏ھاياتىنى يىللار ‏ئۆتكەندىن كېيىن ھەيرانلىق بىلەن ئۈگەنگەن چاغدا ،ھېچ شۈھبىسىزكى ‏بالىلىرىمىزمۇ ‏مۇشۇنداق خىيال قىلىدۇ. قوماندانلىق قىلغان چاغدا غالىپ ‏كېلىپ ، مەملىكىتىنى مۇستەقىللىققە ‏ئىرىشتۈرگەن، دۆلەت باشلىقى سۈپىتى ‏بىلەن جۇمھۇرىيەتنى ئىلان قىلىپ، مۇئەسسەسەلەرنى تەسىس ‏قىلغان ‏ئاتاتۈركنىڭ ھاياتى ئەلبەتتە ھاياجانلىق ھاياتتۇر. ‏لېكىن كامال ئاتاتۈركنىڭ خاراكتېرىدىن ‏بىر مىسالنى كۆرسىتىش ‏ئىتىبارى بىلەن بىر نوقتىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن. بىزگە ‏ئۇرۇشلاردىن بىرىنى ‏سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى، تۇيۇقسىزلا توختاپ:«كۆرۈپ ‏تۇرۇپسىلەر بىر مۇنچە غەلىبىگە ئىرىشتىم . لېكىن ‏ھەر ئاخشىمى ئۇرۇش ‏مەيدانىدا ئۆلگەن بارلىق ئەسكەرلەرنى ئويلاپ ئىچىمدە چوڭقۇر ‏قايغۇرىمەن» ‏دىدى. ‏
جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسىتىدىن باشقا قەلبىمۇ بۇ قەدەر ئۇلۇققا ‏تولغان بىر رەھبەرنىڭ، يۇرتى ‏ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى ياراتقان بولىشى ھەيران ‏قالارلىقمۇ ؟ ‏
‏                                  --- ‏گېئورگى بېنىس ‏
ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ‏مۇجەسسەملەشكەن.‏
‏                                   --- « مىلاد بايرىمى ‏گېزىتى»‏
قەدىمكى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى بىر خىيالغا ئوخشاش توزىۋاتقان ‏چاغدا ، بىر مىللىي تۈرك ‏دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ھەيران قالارلىق ‏ئۇتۇقلىرىدىن بىرىدۇر. مۇستاپا كامال بۈيۈك ‏بىر ئەسەرنى ئوتتۇرىغا ‏چىقاردى. ئاتاتۈركنىڭ پارلاق غەلىبىسى پۈتكۈل مۇستەملىكىلەر ئۈچۈن بىر ‏‏ئۆرنەك بولدى. ‏
‏                                      ---- مارىك بامېنت،  ‏پروفېسسور ‏
‏(مۇستاپا كامال)ناھايىتى بۈيۈك بىر ئادەم ئىدى.... بىر سىياسىي داھى ئىدى.‏
‏                                          --- « گۈزەل كىچە ‏گېزىتى» ‏
دۇنيانىڭ، دەۋرنىڭ ئەڭ بۈيۈك كىشىلىرىدىن بىرى.‏
‏                                      ---- «پارىژ كۈندىلىك ‏خەۋەرلىرى»‏
ئاتاتۈركنىڭ ۋەتەننى قۇتقازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەڭ ۋاپادار مىللەت ‏بولغان تۈركلەر زادى ‏ئۇنۇتمايدۇ.‏
‏                                        --- « يېڭى روگېر ‏گېزىتى »‏
تەمكىنلىك ۋە تىنچلىقپەرلىك ئۇسۇلى بىلەن ياراتقان ئەسىرى ‏خەلقلەرنىڭ تارىخىدا ئىز ‏قالدۇرىدۇ. ‏
‏                                      --- ئالبېرت لېبرۇن، ‏سابىق زوڭتۇڭ
‏ ‏ئالدىمدىكى بۇ بۈيۈك ئادەمدە ماھارەت ۋە خاراكتېر شۇ قەدەر ‏مۇكەممەلكى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ‏زادىلا گۇمانلانغىلى بولمايتتى.‏
‏                                            --- كلاد فارې، ‏يازغۇچى
ئۇ ئېگىز بىر تاغقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئېتىگىدە ياشايدىغانلار بۇ ‏ئېگىزلىكنى پەرق ئىتەلمەيدۇ. ‏تاغنىڭ ھەيۋەتلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ‏ئۇنىڭغا ناھايىتى يىراقتىن قاراش كېرەك. ‏
‏                                           --- كلاد فارې، يازغۇچى
بۇنى ئىنسانىيەتكە تەجىرىبىدىن ئۆتكەن بىر پەلسەپە ئۈلگىسى ‏سۈپىتىدە سۇنۇشقا بولىدۇ. ‏ئاتاتۈرك نەچچە ئەسىر كىتىدىغان ئىشلارنى ئون ‏يىلدا تاماملىدى.‏
‏                                         --- گېراد تۇنگاس، ‏يازغۇچى
ئۇ مەملىكەتتىكى ئەڭ شەرەپلىك ئىسىم ئۇنىڭغا بىرىلدى.‏
‏                                  --- مېرسىل سوۋېئىگ، ‏ژورنالىست
ئاتاتۈرك ئۆلدى، تىنچلىق گۈمبىزىنىڭ شەرقىي تۈۋرۈكى يىقىلدى. ئەمدى ‏دۇنيادا تىنچلىققا ‏ھېچكىم كېپىللىك قىلالمايدۇ. ھەقىقەتەن ياۋروپادىكى دۆلەت ‏ئادەملىرى ئۇنىڭ 30 – يىللاردا ‏قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىلىرى ۋە ‏تەۋسىيىلەرىگە قۇلاق سالمىدى ۋە دۇنيانى 1939 – يىلى ئىككىنجى ‏دۇنيا ‏ئۇرۇشىنىڭ ئاپەتلىرى ئىچىگە سۆرەپ كىردى.‏
‏                                    --- «سانېۋرىن ‏گېزىتى »‏
ئاتاتۈرك بىر مىللەتنى بىر قانچە يىلدىلا زامانىيۋىلاشتۇرىدىغان ‏مۆجىزىنى ياراتتى. ‏
‏                                      --- «پارىژ ۋاقىت ‏گېزىتى»‏
يېڭى تۈرك دۆلىتى بىلەن «ئەنقەرە كېلىشىمى » نىڭ ئىمزانىلىشى ‏تۈپەيلىدىن «بىزگە ئارقا ‏تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى، تاغدىكى باندىتلار بىلەن ، ‏مۇستاپا كامالچىلار بىلەن توختاملاشتى» ‏دېگەنلەرگە فرانسىيە زوڭلىسىنىڭ ‏پارلامېنتتا بەرگەن جاۋابى مۇنداق : «سىلەر تاغدىكى باندىتلار ‏دەپ ‏ئاتىغان مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرى بۇ يەردە بولغان ‏بولسىدى، ھەر بىرىگە ‏بىردىن ھەيكەل تىكلەيتۇق . مۇشۇنداق قەھرىمان بىر ‏ئارمىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتىن ئىپتىخارلىق ‏ھېس قىلىمەن.»‏
‏                                           --- برىئاند، ‏سابىق زوڭلى
‏ ‏ئالدى بىلەن ئىنقىلاپچى ۋە ئىسيانچى، ئاندىن كېيىن غالىپ بىر ‏قوماندان بولغان «تۈركلەرنىڭ ‏ئاتىسى» يېڭى تۈركىيىنى ياراتتى. سۇلتاننى ‏قوغلىدى، ئاياللارغا ئەركىنلىك بەردى، فەس(تۈرك ‏بۆكى)نى بىكار قىلدى، ‏مەملىكىتىدە كەسكىن بىر ئىنقىلاپ ئېلىپ باردى. ‏          ‏                                 ‏‏                  ‏         --- « پارىژ گەچلىك ‏گېزىتى» ‏
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئو بولمىغان بولسا ئىسلام دۇنياسى  يول ‏تېپىش ئۈچۈن يەنە ‏ئەللىك يىل كۈتەتتى. ‏
‏                                           -- ‏گېئورگې گېلىس
قوماندان سىزگە قانداقمۇ ھەيران بولماي تۇرالايمەن. مەن فرانسىيىدە ‏بىر لائىك (سىياسىي بىلەن ‏دىن ئايرىۋىتىلگەن) ھۆكۈمەت قۇرغانىدىم. بۇ ‏ھۆكۈمەتنى پاپانىڭ پارىژدىكى ۋەكىللىرىنىڭ ‏ياردىمى بىلەن پوپلار ‏ئاغدۇرىۋەتتى. سىز بولسىڭىز خەلىپىنى قوغلىۋەتتىڭىز ۋە ھەقىقىي ‏مەنىدىكى ‏لائىك بىر دۆلەتنى قۇردىڭىز. سىز بۇ خىل مۇتەئەسسىپلىك ‏ئىچىدە لائىكلىكنى بۇ مىللەتكە قانداق ‏قوبۇل قىلدۇردىڭىز. تالانتىڭىزنىڭ بۈيۈك ‏ئەسىرى لائىك بىر تۈركىيىنى يارىتىش بولدى.‏
‏                                    --- ئېدوئارد ھېرىئوت، ‏سابىق باش ۋەزىر
دەۋرنىڭ كاتتا ئەرباپلىرى كىتاپلاردا، كونفېرنسلاردا تۈركىيىنىڭ زادى ‏ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ۋە ‏ئۆزگەرمەستىن يوقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ‏ئىدى . ھالبۇكى، يوقالماستىن ئۆزگەردى، ھەمدە ‏يىلتىزىدىن تارتىپ تولۇق ‏ئۆزگەردى. ئىتىقاد، ئەنئەنە ۋە شەكىللەر يوقىتىلدى. ئاخىرقى ‏‏قالدۇقلىرىنىمۇ چەتئەل قۇشۇنلىرىنى ۋە سۈرۈك ۋاقتى توشقانلارنى قوغلاپ ‏چىقارغاندەك، مەملىكەتتىن ‏پاكىز تازلىۋەتتى. تۈركىيە تامامەن ۋە تەسەۋۋۇر ‏قىلىشقا مۇمكىن بولغان دەرىجىدە روھىنى ئۆزگەرتتى .‏
‏                                          --- رايموند ‏كارتېر ‏
‏ ‏‏   تارىخ نۇرغۇن بۈيۈك ئىنسانلارنى كۆردى، ئىسكەندەر، ناپولىئۇن ۋە ‏ۋاشىنگتۇن قاتارلىقلارنى ‏كۆردى. لېكىن 20 – ئەسىردىكى بۈيۈكلۈك ‏رېكورتىنى ئاتاتۈرك، يەنى بىر تۈرك ئوغلى بوزۇپ ‏تاشلىدى.‏
‏                                           --- « رەسىملىك ‏ژورنال»‏
ئاۋېسترىيە:‏                                  ‏ ‏‏(مۇستاپا كامال)بۈيۈك چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئادەم، بىردۆلەتنىڭ مىمارى ‏ئىدى.‏
‏                                      --- «يېڭى ھۆرلۈك ‏ئاخباراتى»، ۋىنا ‏  ‏ ‏
ئاتاتۈرك شۇنداق بىر ئادەم ئىدىكى، خىيالىي ئەمەس ئىدى. نىمىنى ‏ئارزۇ قىلىشنى بىلەتتى، ‏بىلىدىغىنىنى قىلالايتتى، قىلالمايدىغان نەرسىنى ئارزۇ ‏قىلمايتتى.‏
‏                                     --- كىپپىل،  ‏ھەيكەلتاراش ‏
بىلگىيە:‏
ئاتاتۈرك 20 – ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەقىقەتنى ياراتقان ئادەم. ‏
‏                                   ---  « مىللەت خەۋەرلىرى ‏گېزىتى» ‏
مىللىتىگە شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا بۇنچىلىك نورمىدا خىزمەت قىلالىغان ‏بىردىن بىر دۆلەت ئادىمى ‏ئاتاتۈركتۇر.‏
‏                                     --- « ئەركىن بىلگىيە ‏گېزىتى»  ‏
ئەنقەرەدە تۇرغان چاغلىرىمدا قۇياشقا قارىدىم، لېكىن بۇ قۇياشنى ‏ئۇپۇقتا ئەمەس، چانقايادا ‏كۆردۈم. سەمىمىيەت بىلەن دېيەلەيمەنكى، ھەقىقىي ‏قۇياش چانقايادىكى قۇياشتۇر.ئاتاتۈركتىن ‏ئايرىلىش دۇنيا ئۈچۈن زور بىر ‏يوقىتىشتۇر. ئۇنىڭ يۈكسەك تالانتى ۋە قەتئىي خاراكتېرىگە قاتتىق ‏ھەيران ‏قالغان بىلگىيە كرالى بۇ تۇيغۇلىرىنى ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، مىنى ‏بۈيۈك زاتنىڭ دەپنە ‏مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەيىنلىدى. ‏بارلىق بىلگيىلىكلەر  چىن قەلبىدىن ماتەم تۇتىۋاتىدۇ. پارلامېنت ‏‏يىغىنىدا ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بۇنىڭ بىر ‏دەلىلىدۇر. ‏
‏                     --- دې رايمون، بىلگىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ‏سابىق باش ئەلچىسى
ئىتالىيە:‏
‏(مۇستاپا كامال) ئۈستۈن رەھبەرلىكى، تۈگىمەس جاسارىتى ۋە تەڭداشسىز تۇيغۇسى ‏بىلەن ‏دۈشمەنلىرىنى باش ئەگدۈردى. پەزىلەت ۋە جىددىلىكى ئۈچ يىلدىلا ‏مەملىكىتىنى پەقەت ھەربىي ‏جەھەتتىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە تولۇق ۋە ‏ھەممىنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر  سىياسىي غەلىبىگە ‏ئىرىشتۈردى. ‏‎ ‎‏                           ‏--- ف.پېرونى دى سان ‏مارتىنو، يازغۇچى ‏
غالىپ قۇمانداننىڭ(مۇستاپا كامالنىڭ) كىشىلىكى تەڭدىشى يوق بىر خاراكتېر ئۆرنىكىدۇر.‏
‏                                        --- ‏سوفورچا
ئىسرالىيە :‏
مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك شۈبھىسىزكى، 20 – ئەسىردە دۇنيا ئۇرۇشىدىن ‏بۇرۇن يىتىشكەن ئەڭ ‏بۈيۈك دۆلەت ئادەملىرىدىن بىرى. ئۇ ھېچ بىر مىللەتكە ‏نىسىپ بولمىغان جەسۇر ۋە بۈيۈك بىر ‏ئىنقىلاپچى.‏
‏                                 --- بېن گۇرىئون، ‏سابىق زوڭلى
دۇنيا دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئادەملىرىنىڭ بىرىدىن ‏ئايرىلىپ قالدى.‏
‏                                    --- پالېستىنې ‏پوست ‏
ئالبانىيە:‏
بۇ تۈرك مىللىتى مۇسىبەتتە، چۈنكى يېڭى تۈركىيىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ‏تەڭداشسىز ‏رەھبىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.‏
‏                                     --- «ستىپسى ‏گېزىتى»  ‏
سوۋېت ئىتتىپاقى:‏
‏  شۇنى يۈرەكلىك ئېيتىيالايمىزكى، ئۇ ياخشى تەشكىلاتچى، قابىلىيەتلىك ‏قوماندان ۋە ئەتراپلىق ‏يىتىلگەن بۈيۈك سىياسەتچى.‏
‏                                       --- لېنىن‏
ئۇ شۈبھىسىزكى، ھەتتا تۈركىيىنىڭ سىرتىدىمۇ بۈيۈك بىر تارىخىي ‏سىمادۇر. ئۇ ئىنتايىن ئىرادىلىك، ‏چەكسىز مەنىۋىي كۈچكە ئىگە ‏ئىستىداتلىق سىياسەتچى ۋە تەجرىبىلىك قوماندان سۈپىتىدە تونۇلغان ‏‏ئىنسان.‏
‏                                 --- مىخائىل ۋاسىليېۋېچ ‏فرۇنزې ‏
مۇستاپا كامال پاشا بۈيۈك مەنىۋىي كۈچى ، ھەربىي ئىستىداتى ۋە ‏تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى بىلەن ‏ئانادولۇ ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش كۈچلىرىگە ‏ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلغان ئەرباپ. ‏
‏            --- مىخائىل پاۋلوۋىچ , سوۋېت روسىيىسىنىڭ ‏تۈركىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى
شۆھرىتى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان تەجىرىبىلىك زوڭتۇڭنىڭ باشقۇرۇشى ‏ھەر كىشىنىڭ ھۆرمەت ۋە ‏مۇھاببىتىنى قوزغايدىغان بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ ‏مىللىي مۇستەقىللىقىنى داۋاملىق تۈردە غەلىبە بىلەن ‏كۈچەيتىپ، يېڭى مىللىي ‏ھاياتنى ياراتتى. ‏
‏                          --- گالىنىن ,سوۋېت روسىيىسىنىڭ ‏باش كومېسسارى
تۈرك مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە تۈركىيىنىڭ مىللىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ‏نامى شىددەتلىك  ‏كۈرەشلەرگە  بىرىكىپ كەتكەن كامال ئاتاتۈركنى ‏مەملىكىتىمىز ياخشى بىلىدۇ. ‏
ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنى كۈشكۈرتكۈچى كۈچلەرگە، ئىمپېرىيالىستلارغا ‏ۋە قورال كۈچى ئارقىلىق تۈرك ‏مىللىتىنى يەنجىپ ، مەملىكىتىنى چوڭ ‏دۆلەتلەرنىڭ بىر مۇستەملىكىسىىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ‏كۈچلەرگە قارشى ‏ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئويغاتتى. يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تۇنجى ‏جۇمھۇرىيەتنى ئۇ ‏ياراتتى. بۇ جۇمھۇرىيەت بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ مىللىي ‏ھۆرلۈك ھەرىكىتىگە يول ئاچتى. ئاتاتۈركنىڭ ‏مۇقەددەس دەپ قارالغان ‏ئىمپېرىيالىزم بىلەن قىلغان ئۇرۇشىنى يالغۇز تۈرك مىللىتىلا ئەمەس، بەلكى ‏‏يەنە باشقا شەرق مەملىكەتلىرىمۇ قىزغىن ئالقىشلىدى. ‏تۈركىيىنىڭ يۈز يىللاپ داۋام قىلغان قالاقلىقتىن ‏قۇتۇلىشى ئۈچۈن ئاتاتۈرك ‏ناھايىتى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى ‏مەملىكەتنىڭ ‏ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تىز ‏يۈكسىلىشىنى ‏نىشان قىلدى. ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكى دەۋرىدە تۈركىيىنىڭ ‏خەلقارادىكى ئىناۋىتى يۇقىرى ‏كۆتۈرىلىپ, دۇنيا سىياسىتىدە مۇھىم رول ‏ئويناشقا باشلىدى. ‏
‏                            --- ن.س.خرۇششېف ، سابىق سوۋېت ‏ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارى
بولغارىيە:‏
ھېچبىر مەملىكەت يېڭى تۈركىيىنىڭ ئاتىسى تەرىپىدىن ئۇتۇقلۇق ‏تاماملانغان يېڭىلىقتەك تىز ۋە ‏شۇ قەدەر چوڭقۇر بىر يېڭىلىنىشنى كۆرۈپ ‏باققان ئەمەس. ئۇ ھەر تەرەپتە دانا بىر ھەربىي، تەڭداشسىز ‏بىر ‏ئىسلاھاتچى ۋە ۋەتەننىڭ قۇتقازغۇچىسى سۈپىتىدە تۇنۇلماقتا. بۇ ‏دەرىجىدىكى ئىنسانلار پەقەت ‏نەچچە يۈز يىلدا بىر قېتىم كۆرىلىدۇ. ھازىرقى ‏تۈركىيىنىڭ تارىخى بۇ تەڭداشسىز دۆلەت ئادىمىنىڭ ‏تارىخىدۇر.‏
‏                                 ---- «دنېس ‏گېزىتى » ‏
‏(مۇستاپا كامال) بۈيۈك ھەربىي، جاسارەتلىك ئىسلاھاتچى ۋە تەڭداشسىز دۆلەت ئادىمى، ‏‏‏«ئاتاتۈرك » دېگەن نامغا ھەقلىق ھالدا ئىرىشكەن ئادەم.‏
‏                  --- پاۋلوف، بولغارىيىنىڭ تۈركىيىدە ‏تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى
دانىيە:‏
ئۇ ئەسىرىنى  بىر ھەربىي ۋە بىر دۆلەت ئادىمى سۈپىتىدە مەيدانغا ‏كەلتۈردى. ئاتاتۈركنىڭ ‏ھەربىي ساھەدىكى ئەسىرىنى ياخشى چۈشۈنۈش ‏كىرەك. ئۇ دەل ۋەيران بولغان بىر دۆلەت، زەربىگە ‏ئۇچرىغان بىر ئارمىيە، ‏ھالىدىن كەتكەن ۋە ئۈمۈتسىز بىر مىللەت ئىدى. ‏
شۇنداق بولسىمۇ ئاتاتۈرك ئالدىغا ئېتىلىپ چىققان بارلىق ئارمىيىنى ‏يەنجىپ ئۆتۈپ، 1923 – يىلى ‏ئىيۇندا لوزاندا يېڭىلغانلارغا مىللىي تۈركىيە ‏دۆلىتىنى ئىتىراپ قىلدۇردى. ئاتاتۈرك ئۆزى چېگراسىنى ‏سىزىپ بەرگەن ‏تۈركىينىڭ ئۆزىگە بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭراق ۋەزىپىنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ‏تۇنۇپ ‏يەتكەنىدى. ئۇ كېيىنكىلەرگە زامانىۋىي بىر دۆلەتنى مىراس قالدۇردى.‏
‏                               --- « خەۋەرلەر ‏گېزىتى» ‏
ئاتاتۈرك سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ ھەيۋەتلىك بىر سىمۋولى ئىدى. ئۇ ‏‏20 – ئەسىردىكى ئەڭ ‏تەنتەنىلىك -- داغدۇغۇلۇق ۋەقەنى ياراتقان ئادەم.‏
‏                                 --- «مىللەت خەۋەرلىرى ‏گېزىتى» ‏
فىنلاندىيە:‏
ئاتاتۈرك پەۋقۇلئاددە خۇسۇسىيەتتىكى بىر دۆلەت ئادىمى، ئۇرۇشتىن ‏كېيىنكى دۇنيا تارىخىنىڭ ‏ئەڭ بۈيۈك سىمالىرىدىن بىرى. ‏
‏                             --- «ھۇۋفۇد ستادبلادېت ‏گېزىتى» ‏
گوللاندىيە:‏
دەۋرىمىزدە يىراقنى كۆرىدىغان، جەسۇر، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ‏ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ‏ئارقىلىق تۈركىيىنى بۈگۈنكى زامانىۋىي ‏جۇمھۇرىيەت ھالىتىگە كەلتۈرگەن كىشى كامال ئاتاتۈركتۇر. ‏بۈگۈن ‏تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا كىرىلەيدىغان سەۋىيىگە يىتىشىگە ‏كاپالەتلىك قىلغان ‏زامانىۋىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغان كىشىمۇ ‏يەنە ئۇ ئىدى. ئاتاتۈرك كىشىلىكى، ‏مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مەدەنىي ‏جاسارىتى بىلەن ئۆرنەك بولدى. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ‏‏ۋەتەنداشلىرىڭىزنىڭ بىرمۇنچىسىدا بار ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ كۆردۈم. ‏ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ ‏سەپداشلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن ‏تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ئىرىشكەن ئىناۋىتىنىڭ ‏ئاساسىنى ياراتتى. ‏
‏                          --- لۇنس، سابىق تاشقى ئىشلار ‏مىنىستىرى ‏
مىسىر:‏
‏(مۇستاپا كامال)دەۋرنىڭ، بەلكى پۈتكۈل تارىخنىڭ ئەڭ پەۋقۇلئاددە كىشىلىرىدىن ‏بىرى.‏
‏                                 --- « مىسىر ‏گېزىتى»‏
ئىراق:‏
‏  20– ئەسىر تارىخىدا ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىغا ئەھمىيەت بىرىلىشىدەك ‏تەبىئىي بىر ئەھۋال يوق. ‏چۈنكى ئاتاتۈرك مىللىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ‏غەلىبىگە، ۋەيران بولۇشىنى يۈكسىلىشكە، ئارقىدا قېلىشىنى ‏ئىلگىرىلەشكە ‏ئۆزگەرتىش يولىدا ۋەتەن خىزمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە يۈكلىگەن ‏مەجبۇرىيەتلىرىنى ‏ئورۇنداش ئۈچۈن، ۋەزىيەتنى مەمەلىكەتنىڭ پايدىسىغا ‏بۇراشقا تەييارلانغان جەسۇر قوماندانلارنىڭ ‏جانلىق(كۈچلۈك) بىر ئۆرنىكىدۇر.‏
‏                                 --- ‏ئابدۇسالام ئارىف ‏
ئافغانىستان:‏
بۇ بۈيۈك ئىنسان يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە بارلىق شەرق ‏مىللەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ ‏بۈيۈك رەھبەردۇر. ‏
‏                          --- ئەمانۇللاخان، ‏ئافغانىستان پادىشاھى
ئىران:‏
دۇنيا تارىخىدا مۇستاپا كامالغا ئوخشاش مۇھىم بىر ۋەزىپىنى كەسكىن ‏شەكىلدە ئۇتۇقلۇق ‏تاماملاشنى ۋە بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ‏مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان دۇرۇست ‏ئىنسانلار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. ‏
‏                              --- رىزا پەھلىۋى، ‏ئىران پادىشاھى
ئاتاتۈرككە ئوخشاش ئىنسانلار بىرلا ئەۋلاد ئۈچۈن تۇغۇلمىغىنىدەك، ‏مەلۇم بىر دەۋر ئۈچۈنمۇ ‏تۇغۇلمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن نەچچە ‏ئەسىر مىللەتلەتلەرنىڭ تارىخىدا ھۆكۈم ‏سۈرىدىغان ئىنسانلاردۇر. ‏
‏                                        --- «تېھران ‏گېزىتى» ‏
ئاتاتۈرك يالغۇز قەھرىمان بىر مىللەتنىىڭ بۈيۈك يىتەكچىسى بولۇپلا ‏قالماي، يەنە ‏ئىنسانىيەتنىڭمۇ ئەڭ بۈيۈك ئەۋلادىغا ئايلاندى.‏
‏                                        --- «ئىران ‏گېزىتى » ‏
پاكىستان:‏
ئۇ تۈركىيىنى قۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا مىللەتلىرىگە ‏مۇسۇلمانلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىدىغان ‏قۇدرەتتە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. ‏كامال ئاتاتۈركنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسى ئەڭ بۈيۈك ‏قەھرىمانىدىن ‏ئايرىلىپ قالدى. ئاتاتۈرككە ئوخشاش بىر رەھبەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قەد ‏كۆتۈرۈپ ‏تۇرغان يەردە ھىندى مۇسۇلمانلىرى بۈگۈنكى ئەھۋالىغا رازى ‏بولسۇنمۇ؟‏
‏                            --- مۇھەممەد ئالى جىنناھ , ‏پاكىستاننىڭ قۇرغۇچىسى
ئاتاتۈرك يالغۇز بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئادەملىرىدىن بىرى ‏ئەمەس .بىز پاكىستاندا ئۇنى ‏پۈتكۈل تارىخنىڭ بۈيۈك ئادەملىرىدىن بىرى ‏سۈپىتىدە كۆرىمىز.ھەربىي تالانت ئىگىسى، توغما رەھبەر ‏ۋە بۈيۈك ‏ۋەتەنپەرۋەر كامال ئاتاتۈرك مەملىكىتىڭلارنى يېڭىدىن بۈيۈكلۈك يولىغا باشلىدى. ‏ئۇ يالغۇز ‏سىلەرنىڭ مىللىتىڭلارنىڭلا سۆيۈملۈك داھىسى ئەمەس. دۇنيادىكى ‏پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزلىرى ‏مۇھاببەت ۋە ھەيرانلىق ھىسياتى بىلەن ‏ئۇنىڭغا تىكىلدى. ئۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى يېڭى سىياسىي ‏ئويغىنىش جەھەتتە ‏ئالدىغا قاراپ يۈرەكلىك  بىر قەدەم باسقان بىر سىقىم كىشىلەرنىڭ بىرى . ‏
‏                               --- ئەيۇپخان، ‏سابىق زوڭتۇڭ
بىزنىڭ ئەسلىمىز رەڭگى ئۆچكەن ئوت ئۇچقۇنىكەن، ئۇنىڭ (مۇستاپا كامالنىڭ) كۆز ‏قارىشى ‏بىلەن دۇنيانى قاپلىغان ۋە يورۇتقان بىر قۇياشقا ئايلاندۇق.‏
‏                                 --- مۇھەممەد ‏ئىقبال، شائىر‏
بولغارىيە:‏
ئاتاتۈرك مىللەتنىڭ ئاتىسى، ئۇ قىلىچ، پىكىر، قەلب ۋە ئىرادە ئادىمى ‏ئىدى. مىللەتنىڭ بۇ ‏ئەۋلادى 20 – ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك ۋەتەنداشتۇر. ‏
‏                     ---- «سلوۋا (سۆز—پىكىر ) ‏گېزىتى»، بولغارىيە‏
يوگۇسلاۋىيە:‏
ئاتاتۈركنىڭ تالانتى تارىختا تۈرك مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆرۈلگەن ‏روھنىڭ ۋە پەزىلەتنىڭ ئەڭ ‏يۈكسەك ئۆرنەكلىرىدىن بىرىنى تەشكىل ‏قىلىدۇ. ‏
‏                   --- برانكو ئاكزېموۋىچ، سابىق ‏يوگوسلاۋىيە ئەلچىسى
تارىخ ئۆچمەس ھەرپ بىلەن بۇ دۆلەت ئادىمىنىڭ نامىغا ھەقلىق ‏ئورۇن بىرىدۇ. ئاتاتۈرك بىر ‏خەلق ئادىمى. ئۇ سۇنماس غەيرىتى ، ئۆتكۈر ‏زىھنى ۋە قۇدرىتى  بىلەن تەقدىر ئۈستىدىن غالىپ ‏كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ‏يېڭى تۈركىيىنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلاندى. ‏
‏                           --- «سىياسەت ‏گېزىتى »  ‏
پولشا:‏
ئاتاتۈرك يېڭى تۈركىيىنى قىلىچى بىلەن مەيدانغا كەلتۈردى ، تالانتى بىلەن ‏رەتكە سالدى. ئۇنىڭ ‏ئىجادىيەت روھى ۋە ئوتيۈرەك ۋەتەنپەرۋەرلىكى ‏ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق بىر ساھە يوق. ‏
‏                                --- «پولسكا ‏گېزىتى» ‏
رومىنىيە:‏
ئاتاتۈرك تارىختا تەشكىلاتچى بىر داھى ، بىر مىللەتنىڭ مۆجىزە ياراتقان ‏رەھبىرى ۋە ‏مەملىكەتنىڭ قۇتقازغۇچىسى سۈپىتىدە ئەسلىنىپ تۇرىدۇ.‏
‏                                --- « مۇستەقىل رومىنىيە ‏گېزىتى»‏
بىر مىللەتنى چوڭقۇر يارنىڭ بويىدىن تەۋرەنمەس غەيرىتى ئارقىلىق ‏قۇتۇلدۇرغان ، ‏كۈچلەندۈرگەن ۋە يۈكسەلدۈرگەن رەھبەرلەر ئارىسىدا ‏ئاتاتۈرك بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.‏
‏                                        --- «تىمپۇل ‏گېزىتى»  ‏
گرېتسىيە:‏
تۈركىيە دوست ۋە دۈشمەنلىرىنى ھەيران قالدۇرغان بىر تالانتلىق ‏ئادەمگە ئىرىشىش بەختىگە ‏مۇيەسسەر بولدى. ‏
‏                                           --- ‏كاتىمېرىنى ‏
ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە ۋە يالغانغا چىقىرىشقا بولمايدىغان بىر نەرسە بار. ‏ئۇ بولسىمۇ قارشى تۇرۇش ‏پىكرىنىڭ، تۈركىيىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر ‏كېلىچەككە لايىق ئىكەنلىگى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ ، ‏دوستلىرى ھۆرمەت ‏كۆرسەتكەن ، دۈشمەنلىرى قورققان تۈركىيىنىڭ ، ئۆتمۈشتىن قالغان ھەر نەرسە ‏‏بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن يېڭى تۈركىيىنىڭ قۇرۇلۇش پىكرىنىڭ مۇستاپا ‏كامالنىڭ روھىدا توغۇلغانلىقى ‏،  ئۇنىڭ ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ‏پىلانلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قولى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىدۇر. ‏
‏                                         --- توماس ‏ۋېيدىس ‏
بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا بۇ قەدەر چوڭقۇر ‏ئۆزگىرىشنىڭ بولىشى ناھايىتى ئاز ‏كۆرىلىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە ئىشنى ‏قىلغانلار شۈبھىسىزكى ھەقىقىي مەنىدىكى بۈيۈك  ئادەم بولۇشقا ‏ھەقلىقتۇر. شۇ ‏سەۋەپلىك تۈركىيە ئاتاتۈركتىن پەخىرلىنىدۇ.‏
‏                                --- ئېلېفسېرىئوس ۋېنىزېلوس, ‏سابىق زوڭلى
ھىندىستان: ‏
بۇ ئۆرنەك بىزگە شەرقتە يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىدى. بۇ ‏جەھەتتە كامالنىڭ روھى ‏بىزنىڭ ھۆرمەت بىلەن ھەيران قېلىشىمىزغا لايىق ‏بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ‏بەلكى يەنە پۈتۈن دۇنيا ‏ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىشتۇر. كامال پاشانىڭ قەھرىمانلىقى پەقەت ئۇرۇش ‏‏مەيدانلىرىدىلا ئەمەس. ئۇ بىر خەلق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش زورۈر بولغان ‏ئەڭ رەھىمسىز دۈشمەن ‏ئاڭسىز، بىلىمسىز ئىنسانلارنىڭ زۇلىمىغا قارشى ‏زىرىكمەستىن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئۆز خەلقى ‏ئۈچۈن بۈيۈك بىر ‏قۇتقازغۇچى ئىدى، بىز ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر ئۆرنەك بولىدۇ. ‏
‏                               --- رابىندىرانات تاگور،  ‏مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچى
كامال ئاتاتۈرك ياكى بىز ئۇنى ئاشۇ ۋاقىتتىكى تونىغان ئىسمى بىلەن ‏ئېيتقاندا كامال پاشا ‏ياشلىق چاغلىرىمدا مەن چوقىنىدىغان قەھرىمان ئىدى. ‏كىتاپتىن ئۇنىڭ بۈيۈك ئىنقىلاپلىرىنى ‏ئوقىغان چېغىمدا ناھايىتى ‏تەسىرلەنگەنىدىم. تۈركىيىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش يولىدا ئۇنىڭ ‏كۆرسەتكەن ‏ئومۇمىي تىرىشچانلىقلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلىدىم. ئۇنىڭ ‏ھەرىكەتچانلىقى، ‏ھارماسلىقى ۋە ھېرىشنى بىلمەسلىكى ئىنساندا كۈچلۈك بىر ‏تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئۇ شەرقتىكى زامانىۋىي ‏دەۋرنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ‏بىرى. مەنمۇ باشقىلاردەك ئۇنىڭغا قاتتىق ھەيران قېلىۋاتىمەن.‏
‏                               --- جاۋاھارلال نېھرۇ، ‏ھىندىلارنىڭ داھىسى ‏
ئاتاتۈرك يالغۇز تۈرك مىللىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەركىنلىك ‏شەرىپى ئۈچۈن ئۇرۇشقان ‏پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ داھىسى. ئۇنىڭ يوليۇرىقى ‏ئاستىدا سىلەر مۇستەقىللىققە ئىرىشتىڭلار. بىزمۇ شۇ ‏يولدا مېڭىپ ‏ئەركىنلىككە ئىرىشتۇق.‏
‏                             --- سۇچېتا كرىپالانى، ‏پارلامېنتنىڭ سابىق باشلىقى
جۇڭگو:‏
ئاتاتۈركنىڭ ھاياتى ۋە ئەسىرى پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ‏يەنە دۇنيادىكى بارلىق ‏مىللەتلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ.‏
‏                                        --- جاڭ ‏جيېشى ‏
مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا سىلەرنىڭ دۆىتىڭلاردىن بىر بۈيۈك داھى – ‏مۇستاپا كامال چىقتى. بىزنىڭ ‏دۆىتىمىزدىنمۇ بىر بۈيۈك داھى – سۇن جۇڭشەن ‏چىقتى. ‏
‏ --- خۇ ياۋباڭ ، ج ك پ نىڭ سابىق باش سېكرىتارى‏
‏ ‏ مۇستاپا كامال يېڭى تۈركىيىنىڭ يۈرىكىدۇر. كونا ۋە ۋەيران بولغان بىر ‏جەمئىيەتتىن ‏يېپيېڭى،كۈچلۈك بىر مىللەتنى ياراتتى،تەڭداشسىز كىشىلىكى ‏بىلەن ھەركىشىنىڭ ھۆرمىتىگە ‏ئىرىشتى،مەنىۋىي كۈچى بىلەن ھەر كىشىنى ‏ئۆزىگە ئىشەندۈردى. ‏
‏                                    --- ما شاۋچى ، يازغۇچى                                ‏
سۈرىيە:‏
ۋەتىنىنى پارچىلىنىپ كىتىشتىن قۇتقۇزۇپ،دۆلەت كىمىسىنى بىخەتەر ‏بىر پورتقا يەتكۈزگەندىن ‏كېيىن مىللىتىدىن تەخت تەلەپ قىلمىدى. ئۇ ‏ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىنسان، تەڭداشسىز بىر داھى ، ‏قەھرىمان بىر ‏ھەربىي ۋە سىياسەت ئادىمى ئىدى. ‏
‏                                --- «ئەلىفبا ‏گېزىتى »‏
ئاتاتۈرك غەلىبىلىك ئۇرۇندىغان ئىشلار بىر مۆجىزە ھېساپلىنىدۇ. ‏چۈنكى، ئۇنىڭ بىر قانچە يىل ‏ئىچىدە مەملىكىتىدە ئېلىپ بارغان ‏ئىنقىلاپلىرى بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ‏بولمايدىغان ‏ئىشلاردۇر. ‏
‏                               --- «ئەل تەقەددۇم ‏گېزىتى» ‏
لىۋان:‏
بۈيۈك ئىنسانلار ئەۋلادلارنىڭ يىتەكچىسىدۇر. تۈرك مىللىتىنىڭ ‏يىتەكچىسى بۈيۈك داھى ‏ئاتاتۈرك سىياسىي ۋە ئۇرۇش ساھەلىرىدە ھارماس ‏بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر بىر ئىنسان ئىدى .‏ئۇنىڭ ‏ئەتراپىغا توپلانغان قەھرىمان مەخمەتچىكلەر(تۈرك ‏ئەسكەرلىرىگە بىرىلگەن نام) پارچىلانغان ‏مەملىكەتنى بىرلەشتۈردى ۋە ‏ئۈمىت بىلەن ياشىغان  مىللەتنى مۆجىزىلىرى ئارقىلىق غەلىبىگە ‏‏ئىرىشتۈردى. ‏قەھرىمان ئاتاتۈرك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ‏قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ ، ‏مىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلغان كىشىلەر ۋە مىللەتچى ‏ئادەملەرنىڭ بىر سىمۋولى سۈپىتىدە دائىم ‏ياشايدۇ. ‏
‏                                   --- كېراما ، سابىق ‏زوڭلى
سۇلتاننى قوغلاپ، قوشۇنلارنى تارمار قىلغان، چاناققالە قەھرىمانى، ‏ساكاريانىڭ ياراتقۇچىسى ‏مۇستاپا كامال ۋاپات بولدى. تۈركىيىنى ئەڭ كۈچلۈك ‏دۆلەتلەر سەۋىيىسىگە يەتكۈزگەن، ۋەتەننى ‏قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە، ‏خورلىنىشتىن شەرەپكە ئىرىشتۈرگەن ئاتاتۈرك ۋاپات بولدى. زۇلۇمنىڭ ‏ئەڭ ‏چوڭ دۈشمىنى ۋاپات بولدى. قەلبىمىز بۇ زور ئەلەم ئالدىدا ‏تىترەۋاتىدۇ. ‏
‏                                    --- «ئەبابىل ‏گېزىتى» ‏
ھەقىقىي مەنىدىكى بىر قۇرغۇچى ۋە ياراتقۇچى بولغان ئاتاتۈرك دۇنيا ‏خەرىتىسىدە ئۆز ‏مەملىكىتىگە يېپيېڭى بىر پاسىل سىزدى.‏
‏                                       --- «لوريان ‏گېزىتى»‏
ئاتاتۈرك دۇنيادا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان داھىلارنىڭ بىرى. ئۇ پۈتۈن ‏بىر تارىخنىڭ ئېقىنىنى ‏ئۆزگەرتتى. ‏
‏                                         --- «ئەننەھار ‏گېزىتى»‏
تۇنس:‏
مىللىتىمىز غازىنىڭ(مۇستاپا كامالنىڭ) ئۆلمەس ئەسىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەيرانلىق ھىس ‏‏قىلماقتا. خاتىرىسىگىمۇ ئەڭ چوڭ ھۆرمەت كۆرسەتمەكتە. ئۇ كۈچنى ‏بىرلەشتۈرۈشنى ، سۇنغان ‏جاسارەتنى يۈكسەلدۈرۈشنى بىلدى، تەلەينى ‏مەجبۇرلاپ، مىللىي دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى قايتا قۇردى ‏ۋە مەملىكىتىنىڭ ‏مۇستەقىل بولىشىنى غەلىبىگە ئىرىشتۈردى. شۇنداق قىلىپ ئاتاتۈرك ئۆلۈمنى ‏‏ئەسىرلىكتىن ئەۋزەل بىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ نىمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ‏ھەيرانلىق ئىلكىدە ‏تۇرىۋاتقان دۇنياغا كۆرسىتىپ قويدى. بۇ ئۆرنەك ‏ئۇنتۇلمايدۇ. ‏ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى مۇستەقىللىقىنى ‏قولغا كەلتۈرگەن مىللەتلەرنىڭ  ‏تەقدىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن يول كۆرسىتىغان بىر ‏ئۆرنەك ۋە ‏بىر ئىلھام مەنبەسى سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. ‏
‏                                   --- ھەبىب بۇرگىبا،  ‏سابىق زۇڭتۇڭ ‏
ھۇنگىرىيە:‏
ئۇ ئەسىرىمىزدە « بولمايدىغان ھېچبىر نەرسە يوقتۇر » شەكلىدىكى ‏تارىخىي ھەقىقەتنى ‏ئىسپاتلىغان تۇنجى ئادەمدۇر . ‏
‏                                          --- ئېستى ‏ئۇژساگ ‏
‏  دۇنيا بۇ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قەھرىمانى بۈيۈك ئىنساننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ‏يوقسۇل ھالغا چۈشۈپ ‏قالدى. ‏
‏                                     --- «پېستېر لىئويد ‏گېزىتى » ‏
زامانىۋىي دۆلەت ئادەملىرى ئارىسىدا يېڭى تۈركىيىنىڭ رەھبىرى يۈكسەك ‏بىر ئورۇن تۇتىدۇ. ‏ۋەزىپىسى تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ نازۇك نوقتىلاردىن ‏بىرى بولۇپ، بۇنى ھەيران قېلىشقا ئەرزىيدىغان ‏بىر شەكىلدە غەلىبىلىك ‏ئۇرۇنداشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ ھەيران قالارلىق غەلىبىلەر كۈرەش ‏ئارقىلىق ‏تاۋلانغان خاراكتېرى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسى سايىسىدە مۈمكىن ‏بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ‏تۈركىيىنىڭ تەۋرىنىشى دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ‏بارلىق ياش تۈرك نەسلى رەھبىرى تەرىپىدىن ‏سىزىلغان يولنى ئىشەنچ ۋە ‏ھەۋەس بىلەن بويلاپ ماڭماقتا. ‏
‏                                        --- «ئۇژماگيار ‏گېزىتى » ‏
تۈركىيىنى بىر ھەرە ئۇۋىسىغا ، بارلىق تۈركلەرنى بال ئىزدەشكە چىققان ‏تىرىشچان ھەرىلەرگە ‏ئوخشىتىمەن. ھەرىلەر ئۆز پادىشاھىنىڭ ‏ئەتراپىغا قانداق توپلىنىپ ئىشلىسە، بارلىق تۈرك مىللىتىمۇ ‏بۈگۈن بۈيۈك ‏داھى مۇستاپا كامالنىڭ ئەتراپىغا شۇنداق توپلاندى. ‏
‏                                      --- پروفېسسور م. ‏زاژتى فرانس ‏
شىۋىتسىيە:‏
ئۇ بولمىغان بولسا زامانىۋىي تۈركىيە بولمايتتى. ئۇنىڭ سايىسىدە ‏تۈركلەر، ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ‏نەتىجىسىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، ئەمەلىيەتتە ‏دۇنيادا ئىنتايىن ئۈستۈن بولغان شان – شەرىپىنى ‏تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدۇ.‏
‏                                       --- «نيا داگلىت ‏گېزىتى»‏
شىۋىتسارىيە:‏
تۈركىيىنى ياراتقان ، تارىخىمىزنىڭ بۇ ئەڭ بۈيۈك ئادىمىگە  چوڭقۇر ھۆرمەت ‏بىلەن ئىگىلىپ ‏تازىم قىلىمەن .‏
‏                                            --- ‏مورف ‏
ئۇ پەقەت بىر ئەسكەرلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۇ ئەسىردە قايتا ‏كإرۈشكە مۈمكىن بولمايدىغان ‏بىر داھى ئىدى.‏
‏                                           --- ‏سېكرېتان  ‏
ياپونىيە:‏
ئاتاتۈركنىڭ تۈرك تىلى ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋە دىن بىلەن ‏سىياسەتنى بىر بىرىدىن ‏ئايرىپ، تۈرك مىللىتىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى ‏ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قاتتىق ‏ھەيران قېلىۋاتىمىز.‏
‏                                 --- ھاياتو ئىكېدا، سابىق ‏باش ۋەزىر
ئۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە دىققەتنى تارتىدىغان بىر كىشى. ئۇ ‏ھەربىي سۈپىتى بىلەن بۈيۈك، ‏لېكىن دۆلەت ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ‏تېخىمۇ بۈيۈك.‏
‏                                   --- «ياپونىيە ۋاقىت ‏گېزىتى» ‏
‏    (مۇستاپا كامال) يۈزيىلدىن بېرى كىچىك ئاسىيادىن يىتىشىپ چىققان ئەڭ بۈيۈك ‏رەھبەر.‏
‏                                    --- «ياپونىيە ‏يىلنامىسى»‏
شەرق ۋە غەرپتە، يەنى تۈركىيىنىڭ سىرتىدا مۇستاپا كامالغا ‏بىرىلگەن باھالارنى مۇشۇ يەردە ‏ئاخىرلاشتۇرىمىز. مەزكۈر ماقالىنىڭ ‏مەقسىتىمۇ دەل تۈرلۈك دۆلەتلەردە مۇستاپا كامالغا بىرىلگەن ‏باھالارنى ‏كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قانداق  تەسىر پەيدا ‏قىلغانلىقى ۋە ‏تارىختا قانداق ئوبراز تىكلىگەنلىكى ھەققىدە ئۇيغۇر ‏جامائىتىگە ئۇچۇر بىرىشتىن ئىبارەت. ‏ھەقىقەتەن، 20 – ئەسىردە ئۆز ‏مەۋجۇتلىقى، تارىخىي شان – شەرىپى، مىللىي غۇرۇرى، ئەۋلاد ‏ئىستىقبالى ‏ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەرقانداق بىر مىللەت ‏مۇستاپا ‏كامالنىڭ ئىنقىلابىنى ئۈگەندى، تەتقىق قىلدى، مۇستاپا كامالدىن ‏ئەقىل ۋە جاسارەت ئالدى، ‏شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتىنى ۋە ھۆرمىتىنى ‏ئەڭ سەمىمىي تىللار بىلەن ئىزھار قىلدى. ئۇنىڭ ‏رەقىپلىرى، ئۇنى ‏كۆزىتىپ تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ داھىلىرى، سىياسىي ۋە ھەربىي ئەرباپلىرى، ‏‏مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى زاتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى ۋە قايىللىقىنى ‏يۇشۇرۇپ قالالمىدى. بۇ ‏باھالاردىن ھەر قانداق بىر كىشى شۇنداق يەكۈن ‏چىقىرىشقا ھەقلىقكى، مۇستاپا كامال تۇغما تالانت، ‏كىشىلىك سۈپەت، ‏مەنىۋىي قىياپەت، ئىلمىي سالاھىيەت، ھەربىي ماھارەت، سىياسىي ‏قابىلىيەت ۋە ‏مىللىي مەسئۇلىيەت جەھەتتىن دۇنيانىڭ تۈرلۈك جايلىرىدىكى ‏ھەر قانداق بىر دەۋرداشلىرىدىن ‏ئۈستۈن تۇرىدىغان بۈيۈك ئىنسان ئىدى.ئۇ ‏كىشىلىكىدىكى نۇقسانسىزلىق ۋە ھوقۇق ئىشلىرىدىكى ‏مۇكەممەللىكى  بىلەن ‏مىللىي توپتىن، مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن ۋە تارىخىي دەۋردىن ھالقىپ، ‏‏دۇنياۋىي ۋە ئەبەدىي قىممەت تىكلىگەن ۋە ئۆز ئوبرازى ئارقىلىق تارىخقا ‏مىللىي داھىلارنىڭ ‏‏«ئۈلگىلىك تىپى»نى تەقدىم قىلغان بۈيۈك زات ئىدى . ‏
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ قويۇشنى زإرۈر تاپتۇقكى، مۇستاپا كامال ‏ئاتاتۈركنى كاتتا ئۇتۇقلارغا ۋە ‏ئالەمشۈمۈل شۆھرەتكە ئىرىشتۈرگەن ئەڭ ‏ئاساسلىق ئامىل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۈكسەك مىللىي روھ ‏‏-- تۈرك روھى ‏ئىدى. ھەقىقەتەن،  تۈرك ئىرقىنىڭ تارىختا تۈرك مىللىي روھىنىڭ  ھوقۇق، ‏ھەربىي ۋە ‏ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۈيۈك كەشپىياتلىرى سۈپىتىدە ‏ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان مىللىي ‏ئۇتۇقلىرى ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ‏ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغانىدى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتساق، ‏ئالپ ‏ئەر تۇڭانىڭ پەزىلىتى، باتۇر(ئوغۇزخان)نىڭ دۆلەتچىلىك چۈشەنچىسى، چىچى ‏‏(قۇتئۇش)نىڭ ‏غۇرۇر تۇيغۇسى، ئاتتىلانىڭ مىللىي روھى، تۇنيوقۇقنىڭ ‏سىياسىي پاراسىتى، سۇتۇق (بۇغراخان) نىڭ ‏مەنىۋىي ئۇلۇغلىقى، ئالپ ‏ئارسلاننىڭ بۈيۈك ئىنسانچىلىقى ۋە فاتىخ(مۇھەممەدⅡ‏) نىڭ ھەربىي ‏تالانتى ‏‏20 – ئەسىرگە كەلگەندە مۇستاپا كامالنىڭ ۋۇجۇدىدا يەنە بىر قېتىم نامايەن ‏بولدى . مانا ‏شۇنداق كۈچلۈك مىللىي روھ مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ قەھرىمان ‏مىللىتى ئۈچۈن ھەر قانداق كۈچتىن ‏ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر قورالغا ‏ئايلانغان. مۇستاپا كامال مىللىي روھنىڭ باياناتى ‏سۈپىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ‏‏«ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق مىنىڭ خاراكتېرىمدۇر»؛ «بىزنىڭ مىللىتىمىز ‏ۋەتىنى ‏ئۈچۈن، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پىداكار بىر خەلقتۇر»؛ ‏‏«مىنىڭ ھاياتتىكى ‏بىردىن بىر پەخرىم، بايلىقىم تۈركلىكتىن باشقا نەرسە ‏ئەمەس»؛ «بۈيۈك نەرسىلەرنى بۈيۈك مىللەتلەر ‏يارىتىدۇ»، «بىزنىڭ باشقا ‏مىللەتلەردىن ھېچبىر كەم تەرىپىمىز يوق. بىز جەسۇر، ئەقىل – ‏‏پاراسەتلىك، تىرىشچان، يۈكسەك مەقسەت ئۈچۈن جان بىرىشنى بىلىمىز»؛ ‏‏«بىزنىڭ مىللىتىمىز ‏قەدىمىي تارىخقا ئىگە... تۈرك بالىسى ئەجدادىنى ‏تونىغانسىرى ۋۇجۇدى كۈچ – قۇۋۋەتكە تولىدۇ»؛ ‏‏«تۈركنىڭ كۈچى ۋە پاراسىتى ‏يەڭمىگەن ۋە يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق يوق»؛«تۈركنىڭ غۇرۇرى، ‏شەرىپى ‏ۋە قابىلىيتى ئىنتايىن يۈكسەك ۋە بۈيۈكتۇر»؛«بىر مىللەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ‏مەۋجۇتلىقىنى ‏ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىمىسا ، باشقىلارنىڭ ئويۇنچىقى ‏بولۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ»؛ «مەن ياشىيالىشىم ‏ئۈچۈن مۇتلەق ھالدا مۇستەقىل بىر ‏مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولۇشىم كىرەك. مىللىي ئىستىقلال مىنىڭچە ‏ھايات ‏مەسىلىسىدۇر »؛ «مىللەت زۇلۇم ۋە ئىستىبداتلىق ئاستىدا ۋەيران بولىدۇ. ‏ئەركىنلىك بولمىغان ‏بىر مەملىكەتتە پەقەت ئۆلۈم بىلەن يوقىلىشلا بار. ‏ھەرقانداق تەرەققىياتنىڭ ۋە ئازادىلىكنىڭ ئانىسى ‏ئەركىنلىكتۇر»؛ «تۈرك تىلى ‏تۈرك مىللىتىنىڭ يۈرىكىدۇر ۋە مىڭىسىدۇر. تۈرك دېمەك تىل دېمەك»؛ ‏‏«بىلىش ‏كىرەككى، مىللىي خاسلىقىنى بىلمىگەن مىللەت باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ‏ئايلىنىدۇ». مۇستاپا ‏كامالنىڭ بۇ خىتاپلىرى ئۆزىنى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ‏ئەزاسى دەپ بىلىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى ‏ئۈچۈنم، تارىخقا، مىللەتكە، ‏ۋەتەنگە ۋە ئىستىقبالغا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. ‏
بىز بۈيۈك مىللىي روھقا ئىگە مۇستاپا كامالنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تۈركىيىدە ياراتقان كاتتا ‏تارىخىي ئۇتۇقلىرىدىن ئىرىشكەن تەسىراتىمىز ‏سۈپىتىدە شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى، مۇستاپا ‏كامال پۈتكۈل تۈرك ‏ئىرقىنىڭ ئىپتىخارىدۇر. ئىنسانىيەت ئالىمى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ‏ئىستىبدات ‏ئاستىدا خورلانغان مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىي نىجاتكارى، ‏تۇيغۇسى ئاينىتىلغان بىچارە ‏مىللەتلەرنىڭ غۇرۇر بۇلىقى، ھاياتلىقى ئۈچۈن ‏تايانچى ئىزدەۋاتقان ئاجىز مىللەتلەرنىڭ كۈچ ‏مەنبەسى، تەقدىرى پاساڭ ‏قىلىنغان ئىگىسىز مىللەتلەرنىڭ ھاياتلىق يىلتىزى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ‏‏مەدەنىيەتسىزلەشتۈرۈلگەن غېرىپ مىللەتلەرنىڭ ئىستىقبال يۇلتۇزى. ‏پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىمۇ ‏ئۇنىڭغا پەقەت تەشەككۇر ئېيتىشقىلا ھەقلىق.‏






ئۈستىگە قايتىش
ghalip
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 92
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 163
يازما: 3
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
ھەجەپ بەك ماختىۋېتىپتىغۇ بۇ ئادەمنى!!!!!!دېمىسىمۇ ماختاشقا لايىق زادى!





ئۇيغۇرچىلىق!
ئۈستىگە قايتىش
idil
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 80
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 166
يازما: 5
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
قېنى،مۇستاپا كامالنى «يەھۇدىي»،«ئىسلامنىڭ دۈشمىنى»،«ئاقچى-كۆكچى» دېگەن نوچىلار بۇ تېمىنى كۆردىڭلارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە مۇستاپا كامال ۋە تۈركىيەنى سىلەر قانچىلىك چۈشىنەتتىڭلار؟!

ئۈستىگە قايتىش
bidar-qutlan
ئەزا
Rank: 2


رەت نۇمۇرى: 150
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 67
يازما: 7
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
«بىر مىللەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ‏مەۋجۇتلىقىنى ‏ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىمىسا ، باشقىلارنىڭ ئويۇنچىقى ‏بولۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ»؛
«تۈرك تىلى ‏تۈرك مىللىتىنىڭ يۈرىكىدۇر ۋە مىڭىسىدۇر. تۈرك دېمەك تىل دېمەك»؛ ‏‏
«بىلىش ‏كىرەككى، مىللىي خاسلىقىنى بىلمىگەن مىللەت باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ‏ئايلىنىدۇ».
نەقىش قىلىپ كۆچۈرىۋالىدىغان گەپلەر.

ئەسكەرتىش: تەستىق كودىنىڭ زادى قانچىلىك رولى بار؟ (ئادەمنى ئارتۇق ئەۋارە قىلىشتىن باشقا)

ئۈستىگە قايتىش
ilterish
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
Rank: 8Rank: 8


ئۆمۈرلۈك شەرەپ   ئىلغار باشقۇرغۇچى   تەشۋىقات ئەلچىسى  
رەت نۇمۇرى: 84
نادىرلىرى: 10
جۇغلانما : 1387
يازما: 132
كۆرۈش ھوقوقى: 150
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ئورنى: شىنجاڭ-قەشقەر
ھالىتى: توردا يوق
تەستىق ئېلىۋېتىلدى، ئەمدى ئاۋارە بولمايسىز، خۇش كەپسىز بىدار ئەپەندى، مۇنبىرىمىز سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.





كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
ئۈستىگە قايتىش
oyunqi
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 70
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 163
يازما: 2
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
راستىنلا ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ

ئۈستىگە قايتىش
sadaa
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 209
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 3
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-2
ھالىتى: توردا يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باشقۇرغۇچىلار،.
مەن بۇ ماقالىنى كۈپرەك ئۇقۇرمەن ئۇقۇپ قالسا، دىگەن ئۈمىتتە << ئىزدىنىش تورى >> غا ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قۇيدۇم. تۇغرا چۈشەنگەيسىلەر.

  ھۈرمەت بىلەن : سادا

ئۈستىگە قايتىش
ijadiyet
مۇنبەر قۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


ئۆمۈرلۈك شەرەپ  
رەت نۇمۇرى: 86
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 1907
يازما: 41
كۆرۈش ھوقوقى: 200
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سادا ئەپەندى!
پېقىر سىزنىڭ بۇ تېمىنى ئىزدىنىشقا نېمە مەخسەتتە چاپلىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن.بىراق،مۇنبىرىمىزنىڭ ياكى ئاپتورنىڭ تەستىقىسىز بۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بولمايتى.بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنىڭ يەنە يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.سىزمۇ تۇغرا چۈشەنگەيسىز.
                                                                                              ھۆرمەت بىلەن: ئىجادىيەت





راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
ئۈستىگە قايتىش
sadaa
ئەزا
Rank: 2



رەت نۇمۇرى: 209
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 64
يازما: 3
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-5-2
ھالىتى: توردا يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
رەھمەت، باشقۇرغۇچى!

بىرىمىز ئۇ خىل كۆز - قاراش، يەنە بىرىمىز بۇ خىل كۆز - قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقىمىز. بىزنى بەك خوشال قىلىدىغىنى ___ ئاخىرىدا پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا سۈيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىمىز !!!

ئۈستىگە قايتىش
ijadiyet
مۇنبەر قۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9


ئۆمۈرلۈك شەرەپ  
رەت نۇمۇرى: 86
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 1907
يازما: 41
كۆرۈش ھوقوقى: 200
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-4
ھالىتى: توردا يوق
سادا ئەپەندىم،نىيىتىڭىزنىڭ دۇرۇسلىقىدىن ناھايىتى خوش بولدۇم.مېنىڭچە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى سۆيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئەلۋەتتە خىلمۇ خىل كۆزقاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغىنى ياخشى،لېكىن ھەر بىر كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ چېكىنى ئىگىلەش ناھايىتى مۇھىم. بۇ يەردە مەلۇم ئۆلچەم بولۇشى كېرەك.بۇ ئۆلچەم پەقەت بىر،ئۇ بولسىمۇ مىللەتكە پايدىلىق بولۇش ياكى بولماسلىقى!زادى نېمىنىڭ مىللەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكى دەل بىز ھەر خىل كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ئويلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل.مېنىڭچە ،سىز مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىز.





راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 22:07
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى