سىز ھازىرچە زىيارەتچى
كىرىش
|
باش بەت
|
خەتلىتش
|
ئەزا
|
مەلۇمات
|
ياردەم
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
سەھنە ئەسەرلىرى
» «پۇلۇمنى بېرىۋەت» (شۇ ناملىق ئېتوتنىڭ سى
‹‹ ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما ››
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
بېسىپ چىقىرىش
|
تەۋسىيە قىلىش
|
زاكاس قىلىش
|
ساقلاش
ماۋزۇسى: «پۇلۇمنى بېرىۋەت» (شۇ ناملىق ئېتوتنىڭ سى
تۈمەن
ئەزا
رەت نۇمۇرى: 96
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 176
يازما: 20
كۆرۈش ھوقوقى: 20
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-5
ھالىتى: توردا يوق
1- قەۋەت
چوڭ
ئوتتۇرا
كىچىك
قورال ئىشلىتىش
يازغان ۋاقتى 2007-4-5 20:02
ماتېرىيالى
مەھەللىسى
قىسقا ئۇچۇر
دوستلۇشۇش
«پۇلۇمنى بېرىۋەت» (شۇ ناملىق ئېتوتنىڭ سى
پۇلۇمنى بېرىۋەت
) ئىتوت(
ئاپتورى: ئابدۇرېھىم راخمان
رىژىسسور: جۈرئەت ئابدۇۋايىت
سەھنىدە رېژىسسورنىڭ يۆلەنگۈچ ئورۇندۇقى، بىر دانە تېلېۋىزور، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر يوغان سۇپا، گىلەم، بىر تال كىچىك جوزا، قەدىمىي سىياھ قۇتىسى ۋە بىر تال ياغاچ قەلەم.
روللاردا:
رېژىسسور – راھىلە ۋەلى ئاباكوف
ئا مۇئاۋىن رېژىسسور – ئەنۋەر ئابلىز
ب ئارتىس – ئابدۇرېھىم راخمان
سەھنىگە مۇئاۋىن رىژىسسور لىككاڭشىپ مېڭىپ چىقىپ توختايدۇ، كەينىدىن ئارتىس يەنى مۇئاۋىن رېژىسسورنىڭ دوستى مېڭىپ كېلىپ يېنىدا توختايدۇ. مۇئاۋىن رېژىسسور باشلىرىنى تولغاپ گاللىرىنى قىرىشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن دوستى يۈگۈرۈپ چىقىپ مېنرال سۈيىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىرىدۇ – دە، مۇئاۋىن رىژىسسورغا تەڭلەيدۇ.
مۇئاۋىن رېژىسسور كەمسىتكەندەك قىلىقلارنى قىلىدۇ.
ب: ئاداش مانىڭغا قول قويۇۋەتسەڭ بوپتىكەن؟
ئا: ۋاي چىشىمغا تەگمەي تۇرە ۋاي .....
ب: يەنە بىر قېتىم دەيمەن مانىڭغا قول قويۇۋېتە دەۋاتىمەن؟
ئا: (بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارغا قارىۋېتىپ)
سەتلەشمىگىن – بىر مۇنچە ئادەم تۇرسا نىمانداق قىلىدىغانسەن، ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مېھمانلار، نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!
بئادەم: (ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارغا قارىۋېتىپ يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ)
ئاداش، ئۇنداق قىلما، مانىڭغا قول قويىۋەت بولامدۇ؟
ئا: ۋاي- ۋۇي، ھېي، نېمانداق رودىپايدەك نېمىسەن ھېي ...
ب: ھېي ئاداش، سەن مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭ سەنمۇ رودىپاي بوپ قالاتتىڭ ئادوش، مەن ساڭا 10000 كوي پۇلنى بەرگىلى قاچان ئويلاپ باقە؟! 1 ئاي بولدى، 1 ئاي، ھېي، بوپتۇ پۇلنىغۇ بەرمە بوپتۇ، ئەمدى ماۋۇ ھۆججەتنى تەييار يېزىپ ئەكىلىپ ئىمزايىڭنى قويۇۋەت دېسەممۇ ئۇنىمايسىنا، مەقسىدىڭ نېمە؟
ئا ئادەم: قارا ئاداش، مەن پۇلۇڭنى بەرمەيمەن دېمىدىم، چوقۇم بېرىمەن. ماۋۇ ھۆججىتىڭگىمۇ قول قويمايمەن، دېمىدىم، چوقۇم قويىمەن. بۈگۈن قول قويساممۇ قويىمەن، قويمىساممۇ قويىمەن شۇنداققۇ؟ دېمەك: بۇ پۇلنى بەرسەممۇ بېرىمەن، بەرمىسەممۇ بېرىمەن شۇنداقمۇ؟
ب ئادەم: قارا ئاداش، 10000 يۈەن پۇل دېگەن ئاز پۇلمۇ ئاداش، ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس، دېمەك مەن بۇ پۇلنى چوقۇم بېرىمەن، سەن چوقۇم ئالىسەن، ئالماي قويمايسەن، دېمەك پۇل بولمىسا بېرەلمەيمەن، سەنمۇ ئالالمايسەن شۇنداقمۇ؟
ب ئادەم: ۋاي – ۋۇي، قۇمغۇ سەن ھۇي قۇم .... (چىك – چىك)
ئا ئادەم: ماڭا قارا، ئەمدى پۇلنىڭ گېپىگە كەلسەك قارا، دېمەك؛
ب ئادەم: توختا .. توختا ... توختا ... ھېي ئەتىگەن ياقى سەن پۇلنىڭ گېپىنى قىلماي ئېغىلدىكى ئېشەكنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقانمۇ ھېي؟
ئا ئادەم: توختا ... توختا ...
ب ئادەم: توختىغىلى يېرىم كۈن بولدى، قىلە گېپىڭنى .....
ئا ئادەم: ماقۇل، ماقۇل، مانداق گەپ بۈگۈن مۇشۇ يەردە بىر فىلىم ئىشلىمەكچى ياق چىقماقچى. شۇڭا ئۇلار ماڭا بىر مۇنچە پۇل بەرمەكچى. مەن بۇ پۇلنى ئېلىپ نېمە ئىش قىلىمەن؟ سېنىڭ پۇلۇڭنى قايتۇرىمەن. نېمە دەپ قايتۇرىمەن؟
ب ئادەم: مەندىن ئالغاندىن قايتۇرىسەندە.
ب ئادەم: ھەببەللى، شۇڭا قايتۇرىمەن.
دېمەك ئاداش ھازىر سېنىڭ بۇ ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس، ئادەم تېپىش مۇھىم ئادەم... بۇ ئادەم تېپىلسا ماۋۇ مەيدان كۆرۈنىشىنى چاققانراق ئېلىۋەتسەك، ماۋۇ فىلىممۇ تېزراق تۈگىسە، مەنمۇ تېزراق پۇلنى ئېلىپ، ساڭا بېرىۋەتسەم دەيمەن ئاداش!
ئەگەردە ئادەم تاپالمىسام دېمەك بۇ كۆرۈنىشنى ئالالمايمەن، بۇ كۆرۈنۈشنى ئالالمىسام.........
ب ئادەم: پۇلنى ئالالمايسەن؟...........
ئا ئادەم: پۇلنى ئالالمىسام........
ب ئادەم: ماڭا بېرەلمەيسەن........
ئا ئادەم: ھەببەللى .........
ب ئادەم؛ قوپە ..... لاتىغىلاپ (ھېي سەن بۇنداق گەپتىن نەچچىنى دەپ بولدۇڭ؟ نەچچە كىنو ئىشلەپ بولدۇڭ؟ بېرەمەن دەپ قانچە قېتىم دەپ بولدۇڭ؟ مەن ساڭا دەپ قوياي، بۈگۈن مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ سەن كىنونى ئىشلەپ بولساڭپۇلۇڭنى ئېلىپ ئاندىن كېتىمەن. مەن ساڭا دەپ قوياي.)
(دەل شۇ چاغدا ئا ئادەمنى يانفونى سايرايدۇ)
ئا ئادەم: ۋەي... ۋەي... رېژىسسور ھە مەن مانا مانا ھازىرلا بارىمەن. مانا – مانا ....
(تېلېفوننى قويىدۇ) ئاداش مۇنداق قىلايلى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سەن ماڭا ماسلىشىپ بەرسەڭ بۈگۈنكى بۇ كۆرۈنۈشنى تۈگىتىۋېتەيلى، قانداق، ئاندىن مەن پۇلنى ئېلىپ پۇلۇڭنى بېرىۋېتەي. بىللە ئوينىشىپ بەرگىن ئاداش قانداق؟
ب ئادەم: ماڭ – ماڭ مەن رول ئويناپ باقمىسام يا، ئويناشنى بىلسەممۇ ئويناپ بەرمەيمەن.
ئا ئادەم: ئۇنداق بولسا مەن ھازىر بازارمۇ – بازار، كوچىمۇ – كوچا، مەھەللىمۇ – مەھەللە ئايلىنىپ ئادەم تېپىپ كەلمىسەم بولمايدۇ ئاداش بولمىسا پۇلۇڭنى قايتۇرالمايمەن قارا، ئۆتە ماياققا ئادەم تاپاي.
ب ئادەم: سەن ئادەم تېپىپ بولغۇچە يۈرەمدىن كەينىڭدىن، ماڭە ۋاي....
ئا ئادەم: ئاداش ئوغۇل بالىمۇ؟
ب ئادەم: ھەئە ...
ئا ئادەم: ئۇنداق بولسا ئاداش مەن بىر تېپىشماق ئېيتاي، تاپالىساڭ بولدى ماۋۇ ھۆججەتكە قول قويۇپ بېرەي، ئەگەردە تاپالمىساڭ سەن ماڭا ماسلىشىپ ماۋۇ رولنى ئوينىشىپ بېرىسەن، تاللا ....
ب ئادەم: (بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ) موللا تاپقاق بولمىسام مەن يا ياق .....
ئا ئادەم: ئاداش بولدى مېنى ئاۋارە قىلماي يولنى بوشات، ۋاقتىم ئاز قالدى. مەن دەرھال ئادەم تاپمىسام بولمايدۇ ... ئۆتە ماياققا ....
ب ئادەم: دەپباقا – ھە بولدى دەپباقە .. ئاڭلاپ باقاي .
ئا ئادەم: ھېساب ئەمىسە ھە؟ پىلنى توڭلاتقۇغا سېلىش ئۈچۈن قانچە باسقۇچ كېتىدۇ؟ باشلاندى ....
(ب ئادەم سۇئالنى ئاڭلاپلا ھېسابلاشقا باشلايدۇ)
ب ئادەم: جاۋاپ؛ ھە! توختا ... ھىم... مانداقچۇ، ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، پاچىلاپ، سېلىپ ... ھە توغرا 4 باسقۇچ كېتىدۇ.
ئا ئادەم: خاتا، 3 باسقۇچ، ئاچىسەن، تىقىسەن، ياپىسەن. سۇئال؛ زىراپىنى سېلىش ئۈچۈن قانچە باسقۇچ كېىتدۇ؟
ب ئادەم: (قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ) 3 باسقۇچ، ئاچىسەن، تىقىسەن، ياپىسەن.
ئا ئادەم: خاتا، 4 باسقۇچ، ئىشىكنى ئېچىپ، پىلنى ئېلىۋېتىپ، زىراپىنى تىقىپ، ياپىسەن، تامام.
(ب ئادەم گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالىدۇ. رىژىسسور ياندىن چىقىدۇ)
رىژىسسور: ھە قانداق قىلدىڭىز؟ تاپتىڭىزمۇ؟ ئەتىگەندە ئەرتىس تېپىپ كېلەي دەپ چىقىپ كېتىپ كېلىشىڭىز ھازىر، بۇنداق قىلسىڭىز بۇ فىلىمنى قانداق ئىشلەپ بولغىلى بولىدۇ؟ مۇئاۋىن رىژىسسور ۋاقىت، ۋاقىت، ۋاقىت كۆز قارىشىڭىز بولۇشى كېرەك ....
ئا ئادەم: شۇنداق رىژىسسور، مەن ئەتىگەندە گۇرۇپپىدىن ئايرىلغان پېتى مەھەللىمۇ –مەھەللە ، تار كوچىمۇ – تار كوچا، پىرقىراپ يۈرۈپ پۇتۇم ئۈزۈلۈپ قالاي دىدى قاراڭ!
رىژىسسور: ھە بولدى، نەق گەپنى قىلىڭ !
ئا: رىژىسسور ........... تاپتىم مانا بۇ مېنىڭ ئاغىنەم ئىسرائىل نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئوينىغان پىشقەدەم ئارتىس ئۇرامسىز، چاپامسىز جىملا تۇرىدىغان گۇي دە بۇ.
رىژىسسور: ھە بوپتۇ، ماۋۇ مەيدان كۆرۈنىشىنىڭ ۋەقەلىگىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
ئا: ھازىرلا، بىردەمدە چۈشەندۈرۈپ قويىمەن رىژىسسور.
رىژىسسور: تېزراق بولۇڭ مۇئاۋىن رىژىسسور ۋاقىت ۋاقىت ....
(مۇئاۋن رىژىسسور ب ئادەمگە بىر تەرەپتىن ۋەقەلىكنى چۈشەندۈرگەچ يەنە بىر تەرەپتىن تەييارلانغان رولدىكى كىيىملەرنى كەيدۈرۈشكا باشلايدۇ)
ئا: ماۋۇ كىيىمنى كىيە ھە.. قار ئادىشىم بۇ مەيدان ۋەقەلىك مۇنداق: سەن مەندىن 10000 تەڭگە پۇل قەرز ئالغان لېكىن سەن تېخى قايتۇرمىغاچقا مەن سېنى چاقىرتىپ كېلىپ، پۇلنى سۈيلىمەكچى، لېكىن سەن پۇلنى بېرەلمىگەچكە، مەن سېنى ھۆججەتنى بىرنى يېزىپ بېىرشكە چاقىرىتتتىم، بىلدىڭمۇ؟
(بۇ گەپلەرنى قىلغان مۇئاۋىن رىژىسسور كىيىملىرىنى كېيىشكە باشلايدۇ)
سەن بىچارە بولۇپ تۇرۇپ كېتىسەن، ئىتتەك ھېجىيىپ دېگەندەك ۋەقەلىك ئاداش، بىر چاڭ چىقىرۋېتەيلى ئاداش قانداق؟
ب: توختا مەن ساڭا قەرز تېخى بىچارە تۇرۇپ كېتىمەن دەپ قوي...
ئا: ياق .. ياق.. ئاداش ماۋۇ فىلىمىدىكى ۋەقەلىك مۇشۇنداق يېزىلغان ئاداش.
رىژىسسور: ھە بولدىمۇ؟ باشلامدۇق ، باشلىمامدۇق؟
ئا: ھە بولدى، بولدى، باشلايلى رىژىسسور... ئاداش ئۇنداق بولسا مەن سېنى چاقىرىمەن، شۇنىڭ بىلەن باشلاپ كېتىمىز جۇمۇ، داۋاي....
رىژىسسسور: ئارتىس تەييار بولدى، ھەر قايدسى تارماقلار دىققەت . 1 .. 2 ... 3 ... ok
ئا: توختاخۇن كىرگەي.....
(ب ئادەم ھېچنىمە ئاڭلىمىغاندەك جىملا تۇرىدۇ)
ئا: توختاخۇن كىرگەي....
(ب ئادەم ئا ئادەمگە بىر قارىۋېتىپ، يەنە ئالدى كەينىگە قارىۋېتىپ جىملا تۇرىدۇ)
رىژىسسسور: قانداق گەپ بوپكەتتى بۇ ھە؟!
سىزگە دەۋاتىمەن نىمۇ، موگودەك تۇرىسىزغۇ، چاقىرغاندىن كېيىن، خوش بىگىم دەپ كىرىپ، تىزلىنىسىز، يالۋۇرىسىز. ئۇقتىڭىزمۇ؟ دېققەت، يەنە بىر قېتىم.
ئا: ئاداش، ئەمدى بىلدىڭمۇ؟
ب: كىمۇ توختاخۇن دىگەن؟ (بىر ئاز خاپا بولغاندەك)
ئا: سەن كالۋا ... فىلىمدىكى ئىسمىڭ... بولە چاققان..
رىژىسسور: 1.. 2 ... 3.. باشلاندى.
ئا: توختاخۇن كىرگەي....
ب: خوش بىگىم.
ئا: مەن سىلىگە بېرىپ تۇرغان 10000 تەڭگە يادىلىرىدىمىكىن؟
(نىمە قىلارىنى بىلەي قاراپ تۇرىدۇ، ئا ئادەم ھە دە دەپ ئىشارەت قىلىدۇ)
ب: ھە شۇنداق بىگىم، شۇنداق بىگىم...
ئا: ئۇنداقتا بۇ 10000 مىڭ تەڭگىنى قا چان قايتۇرالىكىن؟
ب: (سەل تۇرۇپ كېتىپ) مازلاشمىغىنە، مازلاشمىغىنە، ھېي.. كىم ؟ كىمگە بېرىپ تۇردى؟ ئويلاپراق گەپقىلە؟
رىژىسسور: ھەي، ھەي.. سىنارىيەدە نەدە ئۇنداق گەپ بولىدۇ، سىنارىيىدە يېزىلغان گەپنى قىلمامىسز ھە!
ئا: ئاداش، باياتىن مەن ساڭا دەپ بەرگەن گەپلەرنى دە، ئارتۇق گەپلەرنى قىلما! ئوقتۇڭمۇ؟
بولە، يەنە بىر...
رىژىسسور: يەنە بىر كېلەيلى! 1.. 2.. 3.. باشلاندى!
ئا: توختاخۇن كىرگەي!
ب: خوش بىگىم!
ئا: ئۆزلىرى مەندىن ئالغان ھېلىقى مەندىن ئالغان 10000 تەڭگە يادىلىرىدىمىكىن؟
ب: شۇنداق بىگىم، شۇنداق.
ئا: ئۇنداقتا 10000 تەڭگىنى قاچان قايتۇرىلىكىن؟ توختاخۇن؟
ب: كالا قويلارنى سېتىپ، پۇل كىرگەندە بېرەي دىگەن بىگىم!
ئا: (ئۈستەلگە قاتتىق بىرنى ئۇرىدۇ) ماڭا قايلىسىلا توختاخۇن ھازىر ئۇرۇق تۇغقانلارمۇ پۇل بەرسە ھۆججەت يېزىپ بېرىشىدۇ. مەن سىلى بىلەن ھېچ ئۇرۇغ – تۇققاندارچىلىق يوق تۇرۇپ 10000 تەڭگە بېرىپ ياردەم قىلدىم.ئەمدىلىىكتەبۇنداق دېگەنلىرى نېمىسى ھە! ۋاقتىدا قايتىاسلا ياخشى بۇلارمىكىن بولمىسا قازىخانىدا كۆرۈشۈپ قالمايلى يەنە ھە!
رىژىسسور: ھە ياخىشى بۇلۇۋايىدۇ ..........داۋاملىق .......بۇلۇڭ !!!.....
ب : بىگىم .... ئۇنداق قىلمىسلا ئۇتۈنۈپ قالاي ئۆيدە چوڭدىن –كىچىكىچە ھەممىسى ماڭغىلا قاراشىلىق ئۆتۈنۈپ قالاي 10000 كويدىگەن ئاز پۇلمۇ ئاداش قايتۇرۇپ بەرسەڭ (دىگەن پېتى بېرىپ ئاغىنسىنىڭ پۇتىغا ئسىلىپ .) مال ئىگشىدىن ئوغرى كوچلۈك دىگەن مۇشۇدە –مانا ھە.....(دەپ بوپلام ھۆكرەپ يىغلاشقا باشلايدۇ........)..(ئا. ئادەم بولسا ب. ئادەمنى تپىپشىكە باشلايدۇ .بۇنى كۆرگەن رىژىسسور قاتىتىق ھەيران قىلىپ .)
رىژىسسور: توختاپ تۇرىڭە ، سىز ھەقىقەتەن ياخىشى ئويناۋاتىسىز لىكىن ئۇ زامانلاردا ئاداش –پاداش دىگەن گەپلەر يوققۇ ئۇنى كىرگۇزۋالماڭ .لېكىن سىزنىڭ بەگگە قەرىز بولغان بىئەپ بىچارە بۇلۇۋاتقان بۇ ھىسىياتلىرىڭىز ئنىتايىن توغرا ياخشى چىقىۋاتىدۇ ھە ....ياخىشى
ب: چىقىدۇ رىژىسسور.سىز مۇ مەندەك باشىقىلارغا 10000كوينى بېرىپ ئالالماي بېقىڭە ،ئەلۋەتتە ياخىشى چىقىدۇ ....(ھەممە نىمە چىقىدۇ )
رىژىسسور: بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟
(بۇ چاغدا ئا. ئادەم بىئەپ بۇلۇپ تۇرۇپ قالىدۇ .)
ب: قاراڭ مەن بۇنىڭىغا 10000مىڭ يۈەن پۇل بېرىپ قۇيۇپ ھازىرغىچە ئالالماي يۈرۈيمەن .
(رىژىسسور بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالىدۇ .ۋە بىر نېملەرنى ئويلاپ تۇرۇپ كېتىپ قالدۇ . ئا. ئادەم ب.نى تارتىپ )
ئا: ماۋۇ قىلغىنىڭ قاملاشمىدى .......
ب: ھە .سېنىڭ بەرمىگىنىڭ بەك قاملاشىتى ......
ئا: (ئا. ئادەم ئۇنى يانغا تارتىپ بىر نېملەرنى دىمەكچى بۇلدۇ .)ھېي .....
رىژىسسور: مۇئاۋىن رىژىسسور بۇ ياققا كېلىڭ .قاراڭ سىز ئۇچىڭىزدىكى
ئا: كىيىمنى بۇ بالىغا بېرىپ .ئۇنىڭ كىيمنى سىز كىيىڭ بۇلۇڭ ......
ئا: مەن ئاۋۇ كىيمنى ...بۇ قانداق بوپ كەتتى .
رىژىسسور: مېنىڭ دىگنىم ھىساپمۇ –سىزنىڭمۇ ؟بۇلۇڭ چاقان نۇر قالماي قىلىپ بۇگۈن بۇ كۆرۇنۇشىنى ئالالماي قالىساق ئشىڭىز چاتاق بۇلۇڭ (رىژىسسور ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرىدۇ .ئا ۋە ب. لاربولسا بىر –بىرىگە ئا.كىيمنى سالغاچ ب.غا گەپ قىلدۇ .)
ئا: بۈگۇن ماۋۇ قىلىغنىڭنى ئۇنتۇپ قالما ھە ؟
ب: (نىمقىلارنى بىلمەي رىژىسسورغا قاراپ ) رىژىسسور........(ئا. دەرھال ب.نىڭ ئاغزىنى توسۇۋالىدۇ ۋە ب.نىڭ كىيملىرىنى ئالىدۇ .)
ئا: خەپ توخۇنىڭ پوقى ھېي ....(ب. ئا نىڭ ئەپتىنىڭ يامانىراق تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ يەنە رىژىسسورغا قارايدۇ .)
ب: رىژىسسور------( رىژىسسورنىڭ قارىشى بىلەن بىرگە ئا.دەرھال ب.غا دوپىپىسنى كىيگۈزگەن بۇلۇۋالىدۇ ئا. جىلى بۇلۇپ چىككىگە يىتېىدۇ )
رىژىسسور: موئاۋىن رىژىسسور بولدىمۇ .ھە سىز مۇ كېلىڭ ھازىر مۇنداق گەپ ئىككىڭلار ئەمدى ئالمشىپ ئوينايىسىلەر مۇئاۋىن رىژىسسور سىز بۇنىڭدىن 10000تەڭگە ئالغان بۇلۇڭ ھە .ئەمدى سىز مۇئاۋىن رىژىسسورغا 10000 تەڭگە بېرىپ تۇرغان بۇلۇڭ .....
ب: بېرىپ تۇرغان ئەمەس ،بەرگەن راس .
رىژىسسور: ھە بولدى ،پەقەت رولىڭلارلام ئالماشىتى باشقا ۋەقەلىك يەنە ئۆز پېتىم بۇلىدۇ ،بىلىدىڭلارمۇ ؟ (ئا-ب.لار بېشنى لىڭشىتىدۇ .) ھەر قايىسى ئورۇنلار دىققەت ماۋۇ مەيدان كۆرۈنۈشنى ئەڭ ئاخرقى بىر قېتىم ئالمىز . 1 . 2 . 3. باشلاندى
ب: (ب. ئادەم بەگنىڭ رولىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئا. قاراپ يۇقۇرى ئاۋازدا ) توختاخۇن كىرگەي ...ھەي كىرگەي
ئا: (ئا. ناھايىتمۇ خاپاچىلىقتا ) خوش بېگىم ........
ب: (ب. نىڭ خوشاللىقى ئىچ –ئىچىگە پاتماي قالىدۇ.) قا..قا..قا.... ھېي سېنىڭ مۇيۇندا مۇكۇنىڭ بۇلىدىكەن ھە قەلەندە.......
رىژىسسور: (بوش ئاۋازدا گەپ قىستۇردۇ .) تېكىستىن چەكنەپ كەتمەڭ !
ب: (رىژىسسورغا قارىۋىېتىپ ) ھېي بېشىڭنى كۆتىرە .ماڭقارا.ماڭقارا مەندىن ئالغان 10000(تىڭگلا ) (كوي) (يۇقىرى ئاۋازدا ) يادىلىرىدىمىكىن
رىژىسسور: ئنىتايىن ياخىشى ........جاۋاپ بېرىڭ ؟....
ب: يادىلىرىدىمكىن ؟
ئا.بىچارىلەرچە جاۋاپ بېرىدۇ .) شۇنداق بېگىم .......
رىژىسسور: ھە ياخىشى ..........
ب: خوش ،بۇ پۇلنى قاچان قايتۇرلىكىن ؟
ئا: كالا-قويلارنى سېتىپ پۇل قىلىپ .ئاندىن 4-ئايدا مائاش قوشامش .شۇنىڭ بىلەن بىراق بېرەي دېگەن بېگىم .
ب:سېنىڭ كالا-قويلىرىڭ بولسا مەندىن 10000( پۇل ) قەرىز ئېلىپ ئولتۇردىغان نىمۇ مۇ سەن ھە .سېنى ئۇرۇپمۇ دەردىم چىقمايدۇغۇ مېنىڭ ئۇرۇپ . ئۇرۇپ .ئازگەپقىل قەلەندەر .بۈگۇن بىر بولسا پۇلنى بەر ،بولمىسا ماۋۇ ھۆججەتكە قول قوي بۇلە......
رىژىسسور: ياخىشى ....يالۋۇرۇڭ ئەمدى .بۇلۇڭ ......
ئا؛ ئۇنداق قىلمىسىلا بېگىم ئۇتۇنۇپ قالاي ...ماڭغا ئازىراق مۆھلەت بەرسىلە مەن چوقۇم بىر ئامال قىلىپ بېرىۋىتېىمەن ئاخىرقى قېىتىم بىر پۇرسەت بېرىڭ بېگىم
ب.: قاچان ؟
ئا: (يەنە جىم ئولتۇرۋالىدۇ )
ب: بۇياققا كەل دەرھال .ھۆججەتكە قول قوي بولمايدىغان بولسا ....
رىژىسسور: بېرىڭ ھۆججەتكە قول قويۇڭ . (ئا. ئادەم بىردەم رىژىسسورغا بىردەم ب.غا قارايدۇ .) (رىژىسسور بىلەن ب ئادەم ئىككىسى توخىتىماي سۇيلەشكە باشلايدۇ .)
ب: مانا ئالە قەلەمنى ما يەرگە ياز .( دەپ قوينىدىن ئەسلىدىكى ھۆججەتنى ئېلىپ قۇيۇپ .ئۈستەلدىكى ھۆججەتنى ئېلىۋېتىدۇ .ئا بولسا بۇنىڭىغا دىققەت قىلماي رىژىسسورغا قاراپ تۇرىدۇ .
رىژىسسور: قول قۇيۇڭ تېز .....
ب: بۇلە .......( ئا . شۇنچىلىك تەسلىكتە ئامالسىز قول قويىدۇ.)
رىژىسسور: ھە ياخىشى بولدى .
ب: قا قا قا ...( دەپ كۇلگەن پىېتىم ئورنىدىن تۇرىدۇ .) چىم .ئەمدى بولدى .ئەمدى بولدى ....ئالەمە. ماتارىڭنى كىم كەيىسە كەيسۇن .(ئۇچىسدىكى كىيىملەرنى سالىدۇ .) ئالە ماۋۇ دوپپاڭنى ئشىم ئاخىرى پۇتتى .خەير-خوش مۇئاۋىن رىژىسسور،
رىژىسسور: توختاڭ !!!
ئا: ئاداش توختا-توختا ،يەنە بىر كۆرۈنۈش بار تېخى تۇگىمىدى .
رىژىسسور: شۇنداق ھەي يىگىت
ب: ئاخىرى بار شۇنداقمۇ ؟خوش ئەمدى ئاداش مەن ساڭا بىر پۇرسەت بېرەي مەن بىر تېپىشماق ئېيىتاي ئەگەردە تاپالساڭ فىلىمىڭلارنىڭ ئاخىرىغا قاتنشۋېتمەن .ئەگەر تاپالمىساڭ ماۋۇ ھۆججەتنى كۆردىڭ ھە ؟ چىم ......... سۇئال :ھايۋاناتلار پادىشاھى شىر :تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۇزمەكچى بۇلۇپ پۇتكۈل ھايۋانلارنى يىغىپتۇ لېكىن بىر ھايۋان كېلەلمىگەن قايىسى : (بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ رىژىسسورمۇ تەمىتىرەپ تەڭ كىرشىدۇ .) ( ئا. ئادەم بولسا جاۋاپنى ئويلاپ كىرىشىپ كەتكەن ئىدى .)
رىژىسسور: ھە تاپىتىم ...جاۋاپ : بېلىق سۇدا بولغاچقا كېلەمىمدى ؟
ب: خاتا.
ئا: جاۋاپ : ( ؟ )
ب: خاتا :جاۋاپ :زىراپە . توڭلاتقۇدا بولغاچقا كېلەلمىدى .خەير-خوش .( ئىككىسى ھەيران قىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ .)
رىژىسسور: ھەي ............؟
ئا: ھەي ..........؟
بېلەتلىك
سودا
| تارتۇقلۇق |
پائالىيەتلىك
تىزگىن تاختا باش بېتى
شەخسى ماتېرىيالنى تەھرىرلەش
جۇغلانما سودىسى
ئاممىۋى ئەزا گورۇپپىسى
دوستلار قاتارى
مەھەللە باشقۇرۇش
ئاساسى ئەھۋال
سەھىپە قاتارى
تېما قاتارى
يازما تەرتىۋى
جۇغلانما تەرتىۋى
توردىكى ۋاقتى
باشقۇرغۇچىلار
نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 01:36
新ICP备07000889号
Powered by
Discuz!
5.5.0
© 2001-2007
Comsenz Inc
چۆكمە تازىلاش
ئالاقىلىشىڭ
-
ئىجادىيەت مۇنبىرى
Archiver
-
يانفۇن شەكلى