[h5]ئىككى تەستەك[/h5]
قۇربانجان توختى ئازىق
يېقىندىن بۇيان نېمە بولدۇمكىن تاڭ ، دەرسخانىغا كىرىشنى ئويلىساملا بېشىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى . مانا ئىككىنجى سائەتلىك دەرسكىمۇ كىرىدىغان چاغ بولدى . ماتىرىيالىمنى كۆتۈرۈپ ، ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۆزۈمگە ئارتۇق كېلىۋاتقان تېنىمنى سۆرىگىنىمچە سىنىپقا كىردىم . دەرس ئۆتۈۋاتاتتىم ، بىردىنلا ئوقۇغۇچۇم ئادىل كەپسىزلىك قىلىپ دەرسخانا كەيپىياتىنى بۇزدى . ئۇنى ئىما بىلەن ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم – دە ، نېمە مەزمۇن ئۈستىدە دەرس سۆزلەۋاتقىنىمنى سورىدىم . ئۇ بىلمىدى ، جىيلە بولۇپ قايتا-قايتا سورىۋىدىم ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ ماڭا قارىدى . ئاچچىقىم كەلدى-دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر تەستەك سالدىم . ئادىلنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى . بىر سائەتلىك دەرس كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى .
دەرستىن چۈشۈپ نەچچە سائەتكىچە كۆڭلۈم پەرىشان يۈردۈم . ئۆزۈمنىڭ ئاچچىققا پايلىماي ، ئوقۇغۇچۇمغا بىر تەستەك سالغىنىمدەك ئېغىر قىلمىشىم مېنى تولىمۇ ئازاپلايتتى . « ئۇنىڭدا گۇناھ بولغان تەقدىردىمۇ ، ئەسلى ئۇنى ئۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى » دەپ پىچىرلىدىم ئىچمدە ئۆز - ئۆزۈمگە . « ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىسام بولارمۇ ؟» ، « ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ ، گۇناھىمنى تونۇمىسام بولامدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارغا لىللا بىر قارارغا كېلەلمەي بەكلا قېينالدىم . ئاخىرى ، دەرستىن چۈشۈپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا ئادىلنى چاقىرىتىپ ئىشخانامغا ئېلىپ كىردىم . ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ تۇراتتى .
__ ئادىل ، ئەكەل قولۇڭنى ، - ئادىلنىڭ ئوڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇنىڭ قولىدا ئۆز تەستىكىمگە قاتتىق كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم . ئۇقۇغۇچۇم ماڭا قاراپ ھەيران قالدى .
__ ئەمدى ، ئىككىمىز تەڭلەشتۇق . دەرسىخانىدا سېنى بىر تەستەك بىلەن ساۋىدىغان ئىدىم ، ئەمدى سەن ماڭا بىر تەستەك سالدىڭ . شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى رەنجىشلەر تۈگىسۇن . ئەمما ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قال : مېنىڭ ساڭا سالغان بىر تەستىكىم سېنىڭ مېنى كۆزگە ئېلماي دەرسخانىدا كەپسىزلىك قىلغىنىڭ ، دىققىتىڭنى يىغىپ دەرس ئاڭلىمىغىنىڭغا بېرىلگەن جازا . سېنىڭ ماڭا تەككەن بىر تەستىكىڭ مېنىڭ ساڭا مەسئۇل بولمىغان ، يېتەكلىمىگەنلىكىم ئۈچۈن بېرىلگەن جازا . بۇنڭدىن كېيىن ، ساڭا چوقۇم مەسئۇل بولىمەن ، سېنى ياخشى ئوقۇغۇچى قىلىپ تەربىيلەيمەن . سەنچۇ ؟
ئۇ جاۋاپ بىرىشكە ئۈلگۈرمەيلا ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى . ئىچىمدە مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يىغلاپ كەتتىم . مەن تېخى تۈنجى قېتىم بۇنداق كۆرۈنۈشنى رېئاللىق سەھنىسىدە ئويناپ باققان ۋە كۆرۈپ باققان ئىدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ياش مەڭزىنى بويلاپ مېنىڭ يۈرىكىمگە ئېقىۋاتاتتى . ئۇنىڭ يىغىسىدىن ماڭا بەرگەن چىن ۋەدىلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك بولدۇم .
ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى . ئادىل ئۆزگەردى . مەن ئۇنىڭغا ھەركۈنى دېگۈدەك كۆيۈنۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ ماڭدىم ، ئۇمۇ جاپاغا چىداپ تېرىشتى . نەتىجىدە ئۆگىنىش ، ئەخلاق ، ئىنتىزام جەھەتلەردە خېلى ئالغا بېسىپ قالدى . مەن ئۇنىڭدىن سۆيۈندۈم ، ئۇ مەندىن مەمنۇن بولدى .
ھەرقېتىم ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە مانا بۇ « ئىككى تەستەك » ھەققىدىكى كەچمىشلىرىم يادىمغا كېلىدۇ . ھاياتتا ئادەملەرگە مانا مۇشۇنداق «تەستەك» لەرنىڭ تىگىپ تۇرغىنى ياخشى ئىكەن . ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋىلىپ ، باشقىلارغا بوي بەرمەسلىك ئۆزىنى مەڭگۈ نادانلىق ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ قويغانغا باراۋەر . ئادەمنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش . دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۆزىنى يېڭىش ئۈچۈن ھەقىقىي كۈچ-قۇدرەت كېتىدۇ . ھاياتلىقتا سېلىنغان ئاشۇنداق «تەستەك»لا كىشىنى سەگەكلەشتۈرۈپ ، ھەممىنى شۇنداقلا ئۆزىنى تېپىشقا ئىمكان بىرەلەيدۇ . ئەمما ، «تەستەك» نى ئۆز قولىڭىز بىلەن ياكى باشقىلار قولى بىلەن سېلىش بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق ، خالاس .