ماۋزۇسى: تۈركىستاندا جەدىتچىلىك ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى
yusupjan
كۆمۈش ئەزا
Rank: 3Rank: 3


رەت نۇمۇرى: 74
نادىرلىرى: 8
جۇغلانما : 276
يازما: 35
كۆرۈش ھوقوقى: 30
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-2
ھالىتى: توردا يوق
تۈركىستاندا جەدىتچىلىك ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى

تۈركىستاندا جەدىتچىلىك ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى

(ئۆزبېكىستان)بايمىرزا ھايىت

تەرجىمە قىلغۇچى:يۈسۈپجان ياسىن

بايمىرزا ھايىت ئإزبەك تۈركلىرىدىن يىتىشىپ چىققان مەشھۇر ئالىم ۋە سوۋيېتولوگ.
ئۇ 1917-يىلى 12- ئاينىڭ 17-كۈنى ئإزبەكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى نەمەنگان ۋىلايىتىنىڭ يارقورغان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھايىت مىرزا مەھمۇت مىرزائوغلى، ئانىسىنىڭ ئىسمى رابىي. شۇ يىلى بۇ ئائىلە كىۋەزدىن مول ھۇسۇل ئالغاچقا، بۇنى ھايىتنىڭ خاسىيىتى دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا باي، مۈلۈكدار دېگەن مەنىدە بايمىرزا دەپ ئىسىم قويغان.
بايمىرزىنىڭ بالىلىق چاغلىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ۋە بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى كۈچلىرىنىڭ قانلىق ھەرىكەتلىرى تولغان مەزگىللەر ئىدى. بايمىرزا تۇغۇلۇشتىن بەش كۈن بۇرۇن قوقان ۋىلايىتى تۈركىستان مۇختارىيات جۇمھۇرىيىتى ئىلان قىلىنغان ئىدى. لېكىن، بايمىرزا 57 كۈنلۈك بولغاندا تاشكەنتىكى سوۋېت رۇس ئارمىيىسى ياش تۈركىستان مۇختارىيات جۇمھۇرىيىتىنى يۇقاتتى. رۇسلار ۋە ئەرمەنلەردىن تەشكىل تاپقان رۇسىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى پەرغانە ۋادىسىدا مىسلى كإرۈلمىگەن تىز سۈرۈتتە ھۇجۇمغا ئإتۈپ قىرغىنچىلىق قىلغاندا بايمىرزىنىڭ ئائىلىسى لەھمىدە يۇشۇرۇنۇپ جېنىنى ساقلىغان.
بايمىرزىنىڭ باشلانغۇچ ئۇقۇش باسقۇچى 1923-يىلى مەھەللە مەكتەپلىرىدىكى دىنىي تەربىيە بىلەن باشلانغان. بىر يىلدىن كېيىن جەدىت مەكتىپىگە كىرگەن بايمىرزا بۇ مەكتەپنىڭ 4- سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1928- يىلى نەمەنگان ۋىلايىتىدىكى مەركىزى تەلىم -- تەربىيە تېخنىك مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ مەكتەپنىڭ جەمىئىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىغان ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان <<بىزنىڭ پىكىر>> دېگەن تام گېزىتىنىڭ تەھرىرىلىكىنى قىلىش بىرلىكتە بۇ گېزىت ئۈچۈن مەخسۇس ماقالىلارنى يازغان. 1932-1933 - يىللاردا يەر ئاستى مىللەتچى زىيالىلاردىن سۇلايمان چولپان، غاپۇر غۇلام، سافىزادە ۋە رافىق مإمىن قاتارلىق مەشھۇر شائىرلار بىلەن تۇنۇشقان. بولۇپمۇ چولپان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى. بۇ شائىرلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن شېئىر كىچىلىكىگە، يەنى چىنار ئاستى قەھۋەخانا يىغىلىشىغا بايمىرزامۇ تەكلىپ قىلىنغان. بۇ يىغىلىش بايمىرزىدا تارىخ ۋە مىللەت ئېڭى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە مەسلەك، غۇرۇر، مېتود ۋە تەدبىر يىتىلدۈرۈش رولىنى ئوينىغان.
1933-يىلى بايمىرزا ھايىتنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش دەۋرىدۇر. مۇشۇ يىلى ستالىن <<خەلق دۈشمىنى>> دېگەن نامدا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ۋە ئىلغار زىيالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىنىمۇ تەل تۈركۈس يوقاتقان ئىدى.  1934-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بايمىرزا ھايىت ئاۋۋال ئەندجان ۋىلايىتىدىكى سۇغۇرىش( دېھقانچىلىق)مەكتىپىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن قوقان ۋىلايىتىدە تىببىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن روھىنى قىزىتمىغان بۇ مەكتەپلەرنى تاشلاپ، 1920-1921- يىللاردا تۈركىستان سوۋېت مۇختار جۇمھۇرىيەتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ئۇستابايېفنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ تارىخ فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۈنۋېرسىتىت سىكرېتارىياتىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىدە ھايىتوۋىچ ماھمۇدوف دېگەن فەمىلە قوللىنىلغان. رۇس مەدەنىيەت زوراۋانلىقىنىڭ سېسىق ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان بۇ فەمىلە بايمىرزىنىڭ  ۋۇجۇدىدا قاتتىق يىرگىنچ ۋە نەپرەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان. بۇ فامىلىدىن 1939-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قوبۇل قىلىنغان چاغدا قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن فامىلىسى يەنە ھايىتوف قىلىپ ئإزگەرتىلگەن. ھايىتوف دېگەن فامىلىدىن 1942 - يىلى تۈركىستان قىسمى(تۈركىستان لېژيونى) غا قاتناشقاندىن كېيىن ئاندىن خالاس بولغان.
بايمىرزا ھايىت 1937-يىلى تاشكەنت ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ تارىخ بإلۈمىنى تاماملىغان. شۇ چاغلاردا بايمىرزىنىڭ يىتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئإزبەكىستان مىللىي ئىتتىخات پارتىيىسىنىڭ باشلىقى فەيزۇللاھ خوجايېف، ئإزبەكىستان كومېنستىك پارتىيىسىنىڭ سېكرېتارى ئەكمەل ئىكرام ۋە داڭلىق شائىرلاردىن ئابدۇلرائىف فېترات ۋە سۇلايمان چولپان قاتارلىق كىشىلەر ئاللىقاچان يوقىتىلغان، ھەتتا مەكتەپلەردە دەرس ئۈتىدىغان مۇئەللىملەرمۇ قالمىغان ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا سوۋېت ھإكۈمىتى ئالى مەكتەپلەردە تىز سۈرەتلىك ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى نىزامى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئۈچ ئايلىق بىر كۇرۇسقا قاتناشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن. بايمىرزا ھايىتمۇ ئاۋۋال تۇروقورغان رايۇنىدا، كېيىن سېر دەرياسى بويىدىكى جاماجوي ۋە سايرام يېزىلىرىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاخىرىدا رايونلۇق مائارىپ مودىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ جەرىياندا تاشكەنتكە بېرىپ ئۈنۋېرسېتىتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بإلۈملىرىنىڭ ئىمتىھانىسىغا قاتناشقان. 1939-يىلى تاشكەنت ئۈنۋېرسېتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بإلۈمىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىزىل ئارمىيىگە چاقىرىتىلغان. بايمىرزا ھايىت قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن مايور ئۈنۋانى بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلغان. 1940-يىلى يازدا بايمىرزا ھايىت قوماندانلىقىدىكى تانكا قىسمى پولشانىڭ بيۇلاستۇك شەھرىگە كىرگەن. شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى بايمىرزا ھايىت ئۇرۇشتا يارىلانغان. 1941-يىلى 7- ئاينىڭ 2-كۈنى گېرمانلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن.  شۇ يىلى 7- ئايدىن تاكى 10- ئايغىچە سوۋېت ئەسىرلىرى پولشانىڭ سلۇتسكتىن  چنېستاخوف شەھرىگە يإتكەپ ئاپىرىلغان. چنېستاخوف ئەسىرلەر لاگىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركلەردىن(ئەزەرى، تۈركمەن، ئإزبەك، تاتار، باشقىرىت، ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە قازاق قاتارلىقلار) 360 مىڭ ئەتراپىدا ئەسىر توپلانغان. سوغۇق، ئاچلىق ۋە كىسەللىك تۈپەيلىدىن ئەسىرلەردىن ھەر كۈنى بىر قانچە يۈز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. نەتىجىىدە بۇ يەردە ئإلگەنلەرنىڭ سانى  330 مىڭغا يەتكەن. 1941- يىلى 12- ئايدا چنېستاخوف ئەسىرلەر لاگىرىغا رۇس بولمىغان مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھەيئەت كەلگەن. بۇ ھەيئەتنىڭ مەقسىتى ئەسىرلەرنى تىزىملاپ چىقىپ ئۇلارنى كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىشلار ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىش ئىدى. شۇ ئايدا بايمىرزا ھايىت گېرمانىيىدە تۇرىۋاتقان تۈركىستان مۇختارىيات جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى مۇستاپا چوقاي بىلەن كإرۈشكەن. مۇستاپا چوقاينىڭ ياردىمى بىلەن بايمىرزا ھايىت 1942-يىلى 3- ئاينىڭ 15-كۈنى ئەسىرلەر لاگىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان. گېرمانىيە تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تۈركىستان قىسمىنىڭ مەركىزى ۋارشاۋا شەھرىگە يېقىن بىر يەردىكى لېگىنونوۋا شەھرىدە ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن بايمىرزا ھايىت قاتارلىق 254 كىشى قىسىمنىڭ 2- باتالىئونىنى تەشكىل قىلغان. بېرلىندىن ۋەلى قەييۇمخان كېلىپ ئۇلارنىڭ تۈركىستان پېدائىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. گېرمانىيە قۇماندانلىرى بولسا ئۇلارنى ھەر كۈنى ئون سائەت ھەربىي مەشققە سالغان تەربىيىلىگەن. ئۇلارغا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن دەرس ئإتۈلگەن. 1942-يىلى 8- ئايدا ۋەلى قەييۇمخان مىللىي تۈركىستان بىرلىك كومېتىتىنىڭ تەشكىل تاپقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغاندىن كېيىن، بايمىرزا ھايىت مۇشۇ كومىتېتتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرلىنگە چاقىرتىلغان ۋە شۇ يىلى 1- نۇيابىردىن باشلاپ بۇ كإمىتېتتە ئىشلىگەن. 1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈنۋانى پولكوۋنىڭ دەرىجىسىگە كإتۈرۈلۈپ ھەربىي مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغان. 1944-يىلى بۇ كومىتېتنىڭ ھەربىي بإلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ھەم ئاشۇ كومىتېتنىڭ ھەم گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىغا قاراشلىق تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1945-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان مەزگىللەردە ئۇ چېخسلوۋاكىينىڭ مارىئېنباد دېگەن شەھرىدە شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان شەھەر قوغداش قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئإتىگەن ئىدى. ماينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر پولكى ۋەلى قەييۇمخان بىلەن بايمىرزا ھايىتنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى مارىئېنباد شەھىرىنىڭ تۈرمىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن بايمىرزا ھايىت ئەركىنلىككە قۇيۇپ بىرىلگەن، ۋەلى قەييۇمخان بولسا نۈرنبېرگ سوتىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.
ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىدە يەرلىشىپ قالغان بايمىرزا ھايىت 1947-يىلى مۈنستېر-- ۋېسفالېن ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن. 1950- يىلى <<تۈركىستان مىللىي ھإكۈمەتلىرى>> دېگەن ئەسىرى بىلەن پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى باشلانغان. تەتقىقاتى ئاساسەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى تۈركلەرنىڭ سىياسىي، تارىخى ۋە دىنى مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بايمىرزا ھايىت <<20- ئەسىردىكى تۈركىستان>>، <<سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تۈركىستان مىسالىندىكى شەرق سىياسىتى>>، <<تۈركىستاندا سوۋېت رۇس ئمپېريالىزمى ۋە كولونىيالىزمى>>، <<تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى>>، <<ئەسىر تۈركلەر>>، <<كومىنېست كولونىيالىزمى ئالدىدىكى تۈركىستان>>، <<ياۋرو -- ئاسىيا مەركىزىدىكى تۈركىستان>>، <<تۈركىستان رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا>>، <<رۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۈركىستان ۋە ئىسلام>> ۋە <<تۈرك دۇنياسىدا رۇس ئىمپېرىيالىزمىنىڭ ئىزلىرى>> ۋە <<باسمىچىلار>> قاتارلىق سەككىز كىتاپ، 13 كىتاپچە ۋە 260 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى يورىتىش ئۈچۈن بۈيۈك تإھپە قوشقان. بايمىرزا ھايىتنىڭ ئەسەرلىرى ئومۇمەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشنى تېما قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر رۇس – تۈرك مۇناسىۋىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيالدۇر. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ 1971- يىلى گېرمانىيىدە نېمىسچە، 1975- يىلى تۈركىيىدە تۈركچە نەشىر قىلىنغان <<تۈركىستان رۇسىيە بىلەن جوڭگو ئوتتۇرىسىدا>> دېگەن ئەسىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇر تەرىپىدىن قايتا تولۇقلىنىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى 1995- يىلى تۈركىيە تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن <<تۈركىستان دإلەتلىرىنىڭ مىللىي ئىنقىلاپ تارىخى>> دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان «تۈركىستاندا جەدىتچىلىك ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى»دېگەن بۇ ماقالە ئۇنىڭ 1987 – يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى تۈركلۈكنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ بەزى مەسىلىلىرى>>(ماقالىلار توپلىمى)دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قۇيىدىغان بىر مەسىلە باركى، بۇ ماقالىدىكى <<تۈركىستان>> ئىبارىسى سوۋېت ھإكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى، <<تۈركىستانلىقلار>> ئىبارىسى بولسا يەنە سوۋېت ھإكۈمرانلىقىدىكى تاتار، ئەزەرى، تۈركمەن، ئإزبەك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك قەۋملىرىنى كإرسىتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز.
بايمىرزا ھايىت كإپ قېتىم چەتئەللەردىمۇ مۇھىم لېكسىيىلەرگە، دەرس ئإتۈشكە ۋە ئىلمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ 1986- يىلى نۇيابىردا ۋە 1987-يىلى ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۈنۋېرسېتىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن پەن- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا <<تۈركىستان تارىخىغا كىرىش>> دېگەن تېمىدا دەرس ئإتۈشكە چاقىرىلغان. يەنە ئەنقەرەدىكى ھاجە تەپە ئۈنۋېرسىتىتىدە، ئىستانبۇل ئۈنۋېرسىتىتىدە، ئەنگلىيىدىكى لوندۇن ئۈنۋېرسىتىتىدە، ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۈنۋېرسىتىتىدە دەرس ئإتكەن. 1988-يىلى 12- ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە غەربىي ئاسىيا تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ تەكلىۋى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بايمىرزا ھايىتنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە نەچچە مىڭ بەتلىك ماقالىلار، نۇرغۇن ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيىلىرى يېزىلغان. تۈرك ئالىمى ئەرول جىھانگېر ئۇنىڭغا ئاتاپ << يېقىنقى دەۋر تۈركىستان تارىخى مەنبەلىرى ۋە بايمىرزا ھايىت >> دېگەن تېمىدا بىر كىتاپ يازدى. بايمىرزا ھايىت دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىلمى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى ئىدى.
1991-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئإزبەكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بايمىرزا ھايىت ئإزبەكىستان پارلامېنتى مەدەنىيەت كومېسيونى ۋە تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتۇر ئاخمادئالى ئاسقاروفنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئإزبەكىستانغا تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1992- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ئإزبەكىستان ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئايرىلغىنىغا 52 يىل بولغان ئانا ۋەتىنىگە كەلگەندە، ناھايىتى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغان، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىدا كىشىلەر <<خۇش كەلدىڭىز باتۇر يىگىتىمىز، ئاتىمىز>> دېگەن ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ ھېيىت تەنتەنىسىگە چإمگەن. بىر ئإمۈر رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى تەتقىق قىلغان بايمىرزا ھايىت ئإزبەكىستاندا سإزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ئإزبەكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ يەنىلا سابىق سوۋېتلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر خىل ئاتالمىش مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى، ئإزبەكىستاننىڭ ھەقىقىي مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن سوۋېتلەرنىڭ نامى ئإزگەرگەن بۇ سىياسىي جەندىسىنى كىيمىگەن يېڭى بىر ئەۋلاتلارنىڭ ھوقۇق بېشىغا چىقىش كىرەكلىكىنى تەكىتلىكەنلىكى ئۈچۈن زۇڭتۇڭ كېرىموفنىڭ بۇيرىقى بىلەن 7- ئاينىڭ 25- كۈنى مەجبۇرىي ھالدا چېگىردىن چىقىرىۋىتىلگەن.
ئەللىك يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنتايىن قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋە دۇنيا تۈركولوگىيە ۋە سوۋيېتولوگىيە ساھەسىدە بۈيۈك بىر نۇپۇز ئىگىسىگە ئايلانغان بايمىرزا ھايىت 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى گېرمانىيىنىڭ كإلىن شەھرىدە 89 يېشىدا ۋاپات بولدى.
                       تەرجىمە قىلغۇچىدىن



تۈركىستاندا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى(زامانىۋىيلىشىش، يېڭىلىنىش ھەرىكىتى) ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەت مەسىلىسىدىكى مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ يېڭى شەكىلدىكى كإرۈنىشى ئىدى. جەدىتچىلىك ھەرىكىتى يېڭى ئۇسۇلدىكى تەلىم-- تەربىيىنى مەركەز قىلغان ياۋروپا مەدەنىيىتىدىن ئإگىنىش ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىپ ئۇنى مىللىي مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. زىيا گإكئالپنىڭ قارىشىچە، <<زامانىۋىيلىشىش دېگەنلىك ياۋروپالىقلارغا ئوخشاش ئۇرۇش پاراخوتى، ماشىنا ۋە ئايروپىلان ياساپ (بۇلارنى) ئىشلىتىش دېگەنلىكتۇر. زامانىۋىيلىشىش شەكىل ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتىن ياۋروپالىقلارنى دوراش ئەمەس،(1) تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ئېقىمىمۇ زىيا گإكئالپنىڭ بۇ ئىپادىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كإرۈلگەن مەدەنىيەت كإرىشى ئەسلىدە 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن تەلىم – تەربىيىنىڭ ئاساسىي پراگراممىسى توغرىسىدىكى بەس -- مۇنازىرىنىڭ زاماننىڭ چۈشەنچىسى بىلەن دەۋرنىڭ شەرتى شەكلىدىكى كإرۈنىشى ئىدى. تۈركىستاندىكى يېڭىلىنىش جەرىيانى تەلىم – تەربىيىنى يېڭى ئۇسۇلدا تەشكىل قىلىش ئارزۇسى بىلەن باشلاندى.
تۈركىستاندىكى، بولۇپمۇ بۇخارا شەھرىدىكى مەدرىسلەردە ئوقۇتۇش پرىنسىپى مەسىلىسىدە ئالىم -- ئإلىمالار ئوتتۇرىسىدا 200يىلدىن كإپرەك داۋاملاشقان بىر بەس -- مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇخارا مەدرىسلىرى 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر بۈگۈنكى چۈشەنچىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتېت خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بارلىق پەنلەر ئوقۇتىلاتتى. 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئېچىنىشلىق ئەھۋال باشلاندى. تۈركىستاندىكى بۇخارا خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇللاخان بۇخارادا ھەشەمەتلىك بىر مەدرىس ياساتقان ئىدى. ئۇ 1587-يىلى بۇ مەدرىسكە بىر شەيخۇل ئإلىما(ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى) تەيىنلەش ئۈچۈن ئالىم – ئإلىمالارنى بىر ئىلمىي مۇنازىرە ئإتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئابدۇللاخاننىڭ بۇيرىقى بويىچە مۇدەررىسلەردىن بۇخارالىق مۇخسار مەۋلىۋى سەدرىددىن بىلەن شىرازىدىن كەلگەن مۇساپىر مۇدەررىس مىرزاجان شىرازى ئوتتۇرىسىدا دىنىي ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەر باشلىنىدۇ. شىرازى مۇنازىرە جەرىيانىدا ئإزىنىڭ قاراشلىرى ئارقىلىق ئىلاھىيەت تەلىماتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇخارالىق مۇدەررىس سەدرىددىن بولسا مەدرىس تەلىم – تەربىيىسىدە دىنىي ئىلىملەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋىي پەنلەرنى ئۇقۇتۇشنىڭمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەجلىسكە ئىشتىراك قىلغان مۇدەررىسلەر ئابدۇللاخاننىڭ ئالدىدا شىرازىنىڭ قاراشلىرىنى كۈچلۈك كەلدى، دەپ بىكىتىدۇ. خان ئإزىنىڭ نامىدىكى مەرىسكە شىرازىنى شەيخۇل ئإلىما قىلىپ تەيىنلەيدۇ. خاننىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ مەدرىس باشقا مەدرىسلەرگە نىسبەتەن ئىمتىيازلىق ھېساپلىناتتى. شىرازى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مەدرىس دەرس جەدۋىلىدىكى دۇنياۋى پەنلەرنى ئۇقۇتۇشنى چەكلەيدۇ. بۇ خىل تەدبىر باشقا مەدرىسلەرگىمۇ تەسىر كإرسىتىدۇ. 10-12يىل مەدرىستە ئوقىغان ئۇقۇغۇچىلار پەقەت دىنىي ئىلىملەرنىلا ئإگىنىدۇ. لېكىن، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، تارىخ، سىياسەت ۋە ئەدەبىيات پەنلىرىدىن تامامەن خەۋەرسىز قالىدۇ.(2)
مىرزاجان شىرازىنىڭ مەشھۇر بۇخارا مەدرىسىدە يۈرگۈزگەن دۇنياۋى پەنلەرگە قارشى ئإچمەنلىك ھەرىكىتى 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر يالغۇز بۇخارا خانلىقىنىڭ مەدرىسلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىستان مەدرىسلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئإرنەك بولدى. مەدرىسلەر ئىلگىركى دەۋردىكى ئومۇمىي بىلىملەر مەركىزى بولۇشتەك رولىنى يوقاتتى. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بۇخارادىكى بەزى مەدرىسلەردە دىنىي دەرسلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي ئارۇز، ئىلمىي قاپىيە، ئىلمىي تەۋارىخ، ھېكمىيەت، تەبىئەت، ئىلمىي ھېساپ، ئىلمىي مۇنازىرە قاتارلىق دەرسلەر ئۇقۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن تەسىر پەيدا قىلالمىدى.
بۇخارا مەدرىسلىرىدىكى مۇدەررىسلەر مىرزاجان شىرازى دەۋرىدىن بېرى مەدرىسلەردىكى دەرسنىڭ مەزمۇنى مەسىلىسىدە ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىغا ئايرىلدى. ئەمما، شىرازى تەرەپدارلىرى يەنىلا دىنىي دەرسلەرنى ئۇقۇتۇشنى ئالغا سۈرەتتى. ئۇلارغا قارشى ئۇرۇندىكى مۇدەررىسلەر بولسا دىنىي دەرسلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى پەنلەرنىڭمۇ ئۈگىتىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. 19- ئەسىردە بارلىق مەدرىسلەردە مۇتەئەسسىپلىك ھإكۈمران ئورۇندا تۇردى. بۇ خىل پىكىر ئېقىمى تۈركىستاننى روھ چۈشكۈنلۈكلىرىنىڭ تۇمانلىرى ئىچىگە سإرەپ كىردى. ئەمما، 20- ئەسەرگە قەدەر بىر بإلەك مۇدەررىسلەر مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە بارلىق پەنلەرنى ئۈگىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەلەپلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. 19- ئەسىردە سەمەرقەندلىك ئەبۇ سائىد، ئەندىجانلىق دامۇللا فازىل، ۋابكەنتلىك مإمىن خوجا، بايسۇنلۇق موللاھ خۇدابەردى ۋە قازانلىق شەھابىددىن مەرجانى قاتارلىق ئالىملار مەدرىسلەردە شىرازىدىن بۇرۇنقى ئىلمىي مۇھىتنى ھېمايە قىلىدىغان ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىدى.
تۈركىستاندا تەلىم – تەربىيە مۇنازىرىلىرى داۋام قىلىپ 19- ئەسىرگە كەلگەندە، بۇ مەملىكەت رۇسلارنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىدى. رۇسلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياۋروپا مەدەنىيىتىمۇ تۈركىستانغا كىرىشكە باشلىدى. 19- ئەسىردە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلاھات ئارقىلىق زامانىۋىيلىشىش ئېقىمى ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇردى. بۇ چاغدا تۈركىستاندا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، قىرىم، ئەزەربەيجان، قازان، ھىجاز ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلاش ئىدىيىسى تارقىلىۋاتاتتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى مۇستاپا رەشىد پاشانىڭ ئىسلاھات غايىسى، قىرىملىق ئىسمائىل گاسپىرالى ئەپەندىنىڭ، ئەزەربەيجانلىق مىرزا فەتالى ئاخۇنزادەنىڭ ۋە قازانلىق شەھابىددىن مەرجانىنىڭ غايىلىرى ھاجىلار، مەكتۇپلار، ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر ۋاسىتىسى بىلەن تۈركىستاندىكى ئىلغار كىشىلەرگە ئىلھام بىرىشكە باشلىغان ئىدى.(3)
تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ ياۋروپا تېخنىكىسىنى ئۈگىنىشنىڭ زإرۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى قوقان خانى ئالىمخاننىڭ قېرىندىشى سەبىر مۇھەممەد ھېكىمخان رۇسىيە، تۈركىيە، ھىجاز، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، 1843-يىلى يازغان ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەقەت بىر خىل مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەينى دەۋردە تۈرك- ئىسلام دەۋاسىنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە بۇ دەۋانىڭ مىللەتكە بىلدۈرۈلۈش مەنىسىگىمۇ ئىگە ئىدى. مىللىي ۋە سىياسىي ھإرلۈك ئارزۇلىرىنىڭ يېڭىلىنىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئەسلىدە بۇخارالىق بولسىمۇ، سىبىرىيىدە يەرلىشىپ قالغان قادى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم(1853-1940) دېگەن كىشى ئىدى. ئۇ تۈركىيىدە، مەككىدە ۋە ياۋروپا دإلەتلىرىدە ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋە بۇ مەملىكەتلەردىكى ئىدىيە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىش تەشەببۇسىدا بولغان. ئىبراھىم 1895-يىلى ئىستانبۇلدا چولپان يۇلتۇز دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان كىتابچىسىدا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى رۇس ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. (4) ئىسمائىل گاسپىرالى ئەپەندىمۇ 1881-يىلى يازغان بىر كىتابچىسىدا <<رۇس ھاكىمىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەپ بولدى>>)5( دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇزۇن يىل مەككە، ئىستانبۇلدا تۇرغان ۋە ئإمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۈركىستاننىڭ چإگۈچەك(چإچەك) شەھرىدە ياشىغان شائىر ۋە تارىخچى مۇرات رەمزى(1845-1935)1908-يىلى ئورېنبورگ شەھرىدە نەشىر قىلىنغان <<تەلقىف ئەل ئاخبار>> دېگەن ئەسىرىدە رۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۈركلەر ئۈچۈن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدى.(6)جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋەكىللىرى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ياش ئەۋلاتلارنى ياۋروپا بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەشنى نىشان قىلغان ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار تەرپىدىن قۇرۇلغان ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرى 1890-يىلى پەرغانە ۋادىسىدا، 1892-يىلى سەمەرقەند شەھرىدە ئېچىلدى. سەمەرقەند ۋە بۇخارا شەھەرلىرىدىكى بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىدا ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ ئالاھىدە تإھپىسى بار. ئۇ 1893-يىلى بۇخارا ۋە سەمەرقەند شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى سەمەرقەند جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى مەركىزى بولۇش رولىنى ئوينىدى. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئإتۈش كېرەككى، رۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۈركلەر ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ ئىسمى قاراقۇل(رۇسلار تەرىپىدىن پىرژېۋالىسكىي دەپ ئاتالغان) شەھرىدە قۇرۇلغان ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپىگە نام قىلىپ قويۇلدى. بۇخارا شەھرىدىكى تۇنجى جەدىت مەكتىپى موللا چوراباي تەرىپىدىن 1890-يىلى ئېچىلدى. 1900-1915-يىللار ئارىسىدا تۈركىستان گوبىرناتورلۇقىدا 80گە يېقىن ئورۇندا، بۇخارا ئەمىرلىكىدە 57 ئورۇندا يېڭى ئۇسۇلدىكى مەكتەپلەر ئېچىلدى. 1918-يىلى يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىستاندا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان ئۇسۇلى جەدىت مەكتىپىنىڭ سانى 328 كە يەتتى.(7)
<<دەستلەپكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پراگراممىسى زامانىۋىي (يېڭى) مەكتەپ ۋە زامانىۋىي بىلىم ئىدى.>> شائىر سەدرىددىن ئەينىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان تۈۋەندىكى شېئىرىدىن جەدىتچىلىكنىڭ شۇ دەۋردىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ:
مەكتەپسىزلىك بىزنى قىلدى ياپ – يالىڭاچ،
مەكتەپسىزلىك بىزنى ئەتتى تالان-- تاراج.
مەكتەپسىزلىك تۇران ئىلىنى ئإلتۈردى ئاچ،
كإزۈڭنى ئاچ، بۇ خورلۇقتىن مەكتەپكە قاچ.(8)
دېمەك، دەستلەپكى جەدىتچىلەرنىڭ ئۇچرىغان زور قىيىنچىلىقى مەكتەپ مەسىلىسى بولدى. جەدىتچىلەر قالاقلىق ۋە غەپلەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال تىز ۋە ئاسان ئوقۇپ-- يېزىشنى ئۈگىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. مەكتەپلەردە ئىسلام ئاساسلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇغراپىيە، تارىخ، تۈرك تىلى، خىمىيە، فىزىكا، ھېساپ بىلىملىرىمۇ سإزلىنەتتى.
تۈركىستاندىكى ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ياۋروپادىكى ئوقۇتۇش سىستېمىسىدىن ناھايىتى ئارقىدا قالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان تاۋاللاھ دېگەن شائىر يازغان بىر شېئىردا تۈۋەندىكىدەك كىنايە ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
سىزنىڭ بالا ئوقۇيدۇ كىتاپقا قاراپ،
بىزنىڭ بالا ئوقۇيدۇ ئاسمانغا قاراپ.
ئېلىپ كىلىڭ ئايرۇپىلانىڭىزنى،
لەگلىكىمىز بىلەن بەسلەشتۈرىمىز.
ئېلىپ كىلىڭ ماشىنىڭىزنى،
قوقان ھارۋىسى بىلەن چېپىشتۇرىمىز.
ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرى تۈركلەر ئىچىدىكى باي كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلدى. مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا مەدرىستە ئوقۇغان، ياۋروپا ۋە باشقا تۈرك مەملىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئىدىيىلەردىن گېزىت- ژورناللار ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغان ئىلغار كىشىلەر ئىدى. يېڭى ئۇسۇلدا دەرس ئإتۈش مېتودىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن تۈركىستاندىن قىرىمغا ئوقۇتقۇچىلاردىن ۋەكىل ئەۋەتىلدى. مەكتەپلەردە تۈرك تىلى گرامماتكىسىنى ئاسان ئۈگىتىش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر قارى(9)1901-يىلى <<ئەدەبىي ئەۋۋەل>> ۋە <<ئەدەبىي سانى>> دېگەن كىتاپلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى.(10) جەدىتچىلەر ئەرەپ يېزىقىنى ئاسان ئۈگىنىش ۋە تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەرەپ يېزىقىدىكى فەتھە، كەسرە ۋە زەممە قاتارلىق ھەرپ بەلگىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا <<ئا>>، <<ئۇ>>، <<ئى>> ھەرپلىرىنى تولۇقلىدى. ئۇلار بۇ يېزىققا تۈركلەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى <<ڭ>> ھەرپىنىمۇ قوشتى. تۈركىستاندا يېزىق مۇشۇ خىل ئۇسۇل مەيدانغا كەلدى.
تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى يېڭىلىنىش ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە نەشىر قىلىنغان كىتاپ- ژورناللاردا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىرىشتى. جەدىتچىلەر 1905-يىلىدىن باشلاپ <<تەرەققىيات>>، <<خۇرشىد>>، <<شإھرەت>>، <<ئاسىيا>>،<<بۇخارايى شەرىف>>، <<تۇران>>، <<سەمەرقەند>>، <<سادايى پەرغانە>>، <<سادايى تۈركىستان>>، <<قازاق>> ۋە <<بالاپان>> دېگەن گېزىتلەرنى، <<ئەينەك>>، <<ئىسلاھات>> ۋە <<يۇرت>>دېگەن ژورناللارنى نەشىر قىلدى. بۇ گېزىت – ژورناللار تۈركىستاندا جەدىتچىلەر مەتبەئەسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەسىس قىلىنغانلىقىنى كإرسىتىپ بىرىدۇ. تەبىئىي ھالدا جەدىتچىلىكنىڭ گېزىت – ژورناللىرى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشالمىدى. پەقەت سەمەرقەندنىڭ مۇفتىسى مەھمۇد خوجا بەھبۇدى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي ژورنال <<ئەينەك>> 1913-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە داۋاملىق نەشىر قىلىندى. جەدىتچىلىك گېزىتلىرى تۈركىستانلىقلارنى دەۋرنىڭ يېڭى شارائىتلىرىغا قاراپ ئىش كإرۈشكە دەۋەت قىلاتتى. مەسىلەن، 1914-يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان <<سادايى تۈركىستان>> گېزىتىنىڭ 1- سانىدا تۈۋەندىكىدەك ئىدىيە بايان قىلىنغان ئىدى:<<بىز تۈركىستانلىقلار ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ نە زامانغا، نە شەرىئەتكە قاراپ ئىش كإرەيلى، نە تارىختىن ئىبرەت ئالايلى. شۇ جاھالەت مۇقەددەس ۋەتىنىمىز ۋە مېھرىبان ئانىمىز بولغان تۈركىستانغا قارىتا بىر خىل خىيانەت دەپ ھېس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ گېزىتنى نەشىر قىلدۇق.(11)
تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئإزىنىڭ ئەدەبىياتىنى يارىتىشقىمۇ ئۈلگىردى. جەدىتچىلىك ئەدەبىياتى بىلەن تۈركىستان ئەدەبىيات تارىخىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. جەدىتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ 1937-يىلىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى شائىر ۋە ئەدىپلىرى ئارىسىدا تإۋەندىكى ئەرباپلار ئالاھىدە شإھرەت قازاندى. ئۇلار موللا نەپەس، زىنخارى، ئەۋلىياقۇلى، مىسكىن قىلىچ، كامىل خارەزمى، مۇھەممەد ئاخۇن خوجا(مۇقىمى)، زاكىرجان فۇرقەت، مۇفتى مەھمۇد خوجا بەھبۇدى، ئىبراھىم قۇنانباي(ئاباي)، مىرياقۇپ دولات، ئابدۇلرەئۇف فىكرەت، ئاشۇرئەلى زاھىرى، تاۋاللاھ، ئۇبەيدۇللاھ زەۋقى، ئابۇلھەمىد سۇلايمان(چولپان)، ئاۋاز ئۇلار، ئابدۇللاھ، ئەۋلانى، ھەمزە ھەكىمزادە نىيازى، سەدرىددىن ئەينى، ئابدۇللا قادىرى(جۇلقۇنباي)، موللا قىلىچ، مۇختار ئەۋېز، قاسىم تىنىستان، ماغجان جۈمەباي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.
شۇنى تىلغا ئېلىپ ئإتۈش كېرەككى، جەدىتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرى مىللەتنى جاھالەتكە قارشى تۇرۇش سېپى ئېچىشقا ۋە ئىستىقلال(مۇستەقىللىق) يولى ئىزدەشكە چاقىردى. جەدىتچى شائىرلار تىياتىر(سەھنە) ئەسەرلىرىگە ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلدى. بەھبۇدىنىڭ <<پەدەرى قۇش>> ناملىق تىياتىر ئەسىرى جەدىتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ سەھنە قىسمىغا يول ئاچتى. بەھبۇدىنىڭ قارىشىچە، ئوقۇمىغان، نادان قالغان بالا دادىسىنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتىكى جەدىتچىلىك تىياتىر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە ئابدۇللا فىكرەت ئالاھىدە رول ئوينىدى. فىكرەت تىياتىر ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسىنى تۈركىستان تارىخىدىن ئالغان ۋە <<تارىخنى سإزلىتىش>> ئارقىلىق ياشلارنى تۈركىستاننىڭ مىللىي تۇرمۇشىغا باغلاش ھەرىكىتىدە بولغان.
جەدىتچىلىك ئەدەبىياتى بۈگۈنكى تۈركىستان ئەدەبىياتىغىمۇ تەسىر كإرسەتتى. ئەپسۇس بۈگۈنگە قەدەر جەدىتچىلىك ئىدىيىسى ۋە ئەدەبىياتى دۇنيانىڭ ھىچقانداق بىر يېرىدە تۈركولوگلار تەرىپىدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى.
جەدىتچىلىك ھەرىكىتى چار رۇسىيە ۋە بۇخارا ئەمىرلىكى ھإكۈمىتىنىڭ كونتروللىقى ۋە دۈشمەنلىك سىياسىتى ئاستىدا داۋام قىلدۇرۇلغان بىر ھەرىكەت سېپى ئىدى. چار رۇسىيە جەدىتچىلەردىن قاتتىق قورقاتتى. چۈنكى، جەدىتچىلىك ياشلارنى مىللىي تەربىيە ئارقىلىق رۇس ھإكۈمىتىگە قارشى سەپەرۋەر قىلىدىغان نىشانغا يېتەكلەيتتى. بۇخارادا ۋە تۈركىستاندا مۇتەئەسسىپ دىندارلارمۇ جەدىتچىلىكنى ئىسلامغا قارشى بىر ھەرىكەت شەكلىدە كإرەتتى. بۇخارا ئەمىرى ۋە ئۇنىڭ ھإكۈمىتى جەدىتچىلىكنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىگە ئايلاندى. بۇخارا ئەمىرلىكىدە جەدىتچىلىكتىن قورقۇش كەيپىياتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قەيەردە بىر جەدىتچىنى ئۇچرىتىپ قالسا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى سىزىپ قالسا ، ئۇنى شۇ يەردە دەرھال ئإلتۈرىۋىتەتتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇخارا ئەمىرلىكىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىمۇ تىز سۈرەتتە داۋاملاشتۇرۇلدى.
تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت كۈرىشى تۈركلەر ئارىسىدا 1917-يىلىغا قەدەر ئىككى خىل ئېقىمنى ھاسىل قىلدى. يەنى ئىلغار كىشىلەر جەدىتچىلىك ۋە قەدىمىيچىلىك گۇرۇھلىرىغا بإلۈندى. ھەر ئىككىسىنىڭ قورقۇنچلىق دۈشمىنى رۇس ھإكۈمىتى ئىدى. لېكىن، قەدىمىيچىلەر بۇنى چۈشەنمەيتتى. قەدىمىيچىلەرنىڭ تەسىرى زور ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ جەدىتچىلىك توسىۋالغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىدىيىۋىي ئېقىم بولۇشتەك ماھىيەتكە ئىرىشىپ بولغان ئىدى. لېكىن، جەدىتچىلىك 1910-يىلىغا قەدەر بىرەر تېشكىلات قۇرۇپ چىقالمىدى. رۇسلار مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلمايتتى. شۇڭا، جەدىتچىلىك ھەركىتى بىر تەشكىلات خاراكتېرىگە ئىرىشەلمىدى. جەدىتىزمنىڭ كإزگە كإرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان خەيرۇللاھ خوجانىڭ پىكرىگە كإرە، <<جەدىتچىلىك ھەرىكىتى 1910-يىلىدىن كېيىن تۈرك ۋە ئىران ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، پۈتكۈل مۇسۇلمان شەرقىنىڭ ئويغىنىشىغا باشلىشى بىلەن بىر تەشكىلات خاراكتېرىنى .(12)
مۇستەملىكە تۈركىستاندا جەدىتچىلىك 1917-يىلىغا قەدەر بىر تەشكىلات شەكلىنى ئالالمىدى. لېكىن، يېرىم مۇستەقىل ھالەتتە تۇرىۋاتقان بۇخارا ئەمىرلىكىدىكى جەدىتچىلەر 1910-يىلى مەخپىي ھالدا <<جەمئىيەتى- تەربىيەئى ئەتفال>> دېگەن بىر تەشكىلاتنى قۇردى. بۇ جەمئىيەت 1911-يىلى ئىستانبۇلدا تۈركىستان(بۇخارا)دىن ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئابدۇلرەئۇف فىكرەت، ئوسمان خوجا)خوجا ئوغلى(، ئابدۇلئەزىز غۇلجائى، مۇقىمىددىن بەگجانى ۋە سادىق تاشۇر ئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت ئارقىلىق <<بۇخارا مەرىپەت جەمئىيىتى>> نى قۇردى. بۇ جەمئىيەت تۈركىستان ۋە بۇخارا ئەمىرلىكىدىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەمچى بولاتتى. جەمئىيەتنىڭ 17 ماددىلىق نىزامنامىسى، ئەزالىق شەرتى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بىرەتتى.(13)بۇخارادىكى <<جەمئىيەتى- تەربىيەئى ئەتفال>> ئىستانبۇلغا 1911-يىلى 15نەپەر، 1912-يىلى 30 نەپەر ئوقۇغۇچى ئەۋەتتى.(14)رۇسىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۈركىستان جەدىتچىلىرى 1917-يىلىغا قەدەر <<مەرىپەت ۋە بەرىكەت جەمئىيىتى>>نى قۇرۇپ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
رۇسىيىدە 1917-يىلى پارتلىغان ئىنقىلاپتىن كېيىن، تۈركىستان جەدىتچىلىرى مۇنەۋۋەر قارىنىڭ رەھبەرلىكىدە <<شۇرايى ئىسلام>> دېگەن تەشكىلاتنى قۇردى. بۇ تەشكىلات ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى تۇنجى ۋە ئاشكارا تەشكىلات ئىدى. <<شۇرايى ئىسلام>> بىر تەرەپتىن مەدەنىي ھەرىكەتلەرنى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە جانلاندۇرۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستاننىڭ تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشى توغرىسىدىكى قاراشنى تەرغىپ قىلدى. رۇس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۇركىستان جەدىتچىلىرى بۇخارا ئەمىرلىكىدىكى جەدىتچىلەر بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلايدۇ. جەدىتچىلەر ئإزىنىڭ <<شۇرايى ئىسلام>> تەشكىلاتى ئارقىلىق تۈركىستاننى ھېچ بولمىغاندا <<مىللىي مۇختارىيات>> ھوقۇقىغا ئىرىشتۈرۈشكە تىرىشتى. بولشىۋىك رۇسلار 1917-يىلى نۇيابىردا تاشكەنت شەھرىدە تۈركىستان ئۈچۈن سوۋېتنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىستان مىللىي زىيالىلىرى ۋە رۇسىيىگە قارشى بارلىق كەسپىي خادىملار قوقان شەھرىگە توپلاندى ۋە 1917-يىلى دېكابىردا تۈركىستان مىللىي مۇختارىيات ھإكۈمىتىنى قۇردى. بۇ مۇختارىيات تۈركىستاننىڭ تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشىغا ئاساس بولدى. <<شۇرايى ئىسلام>> تەشكىلاتى رۇسىيە بولشىۋىزمىغا قارشى مىللىي دإلەتچىلىك غايىسىنى جىددىي ئىپادىلەپ، ئالدى بىلەن <<تۈركىستان ئإلىمالار جەمئىيىتى>> بىلەن بىرلىكتە قوقان شەھرىدە تۈركىستان مۇختارىياتىنى ئىلان قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. سوۋېت تارىخچىلىرىنىڭ پىكرىگە كإرە، <<جەدىتچىلەر تۈركىستاننى رۇسىيىدىن ئايرىپ چىقىش خىيالىدا بولغان ئىدى.(15)شۇرايى ئىسلام>> تەشكىلاتى 1920- يىلى سوۋېت ھإكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەندى.(16)
سوۋېت رۇسىيە ھإكۈمىتى 1917- يىلىدىن ئىتىبارەن جەدىتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش تاكتىكىسىنى قوللانماقچى بولدى. جەدىتچىلەر چار رۇسىيىدىن قۇتۇلغىنى ئۈچۈن مەمنۇن ئىدى ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدا مىللىي مەدەنىيەت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. جەدىتچىلەرنىڭ <<تۈرك ئىلى>>، <<تۈرك سإزى>>، <<ئۇلۇغ تۈركىستان>>، <<ئەل بايرىقى>>، <<چولپان>> ناملىق گېزىتلىرى 1918-يىلى ياز ئايلىرىغا قەدەر مىللىي ئارزۇلىرىنى بايان قىلالىدى. جەدىتچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان سوۋېت رەھبەرلىرى، ھەتتا <<كوممۇنىزم تۈركىستاندا جەدىتچىلىك يولى بىلەن مەيدانغا چىقتى>> دىدى(17). سوۋېت رەھبەرلىرى جەدىتچىلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گېزىتلىرىنى چەكلىدى. ئۇلار 1918-يىلىدىن باشلاپ ئإزىنىڭ روھىنى ئىپادىلەيدىغان 10 خىل گېزىت نەشىر قىلدى. جەدىتچىلەر بولسا سوۋېت گېزىتلىرى ئارقىلىق ئإزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى.
بۇخارا ئەمىرلىكى بىلەن خىۋە خانلىقىدىكى جەدىتچىلەر(بۇلار ياش بۇخارالىقلار ۋە ياش خىۋەلىكلەر دەپ ئاتىلاتتى) ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى ياش تۈركلەر ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر بإلىكى بۇخارا ئەمىرلىكى بىلەن خىۋە خانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇمھۇرىيەت قۇرۇش مەقسىتىدە ھەتتا سوۋېت بىلەن قۇراللىق ھەمكارلىق ئورناتتى. سوۋېت – كوممۇنىزم تۈزۈمى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسىدە جەدىتچىلەر ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. بىر گۇرۇپپا جەدىتچىلەر سوۋېت بىلەن بىرلىكتە يېرىم مۇستەقىل ھالەتتىكى بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا نارازى ئىدى. لېكىن، بىر قىسىم جەدىتچىلىك رەھبەرلىرى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بۇخارا بىلەن خىۋە خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش تەرەپدارلىرى بولدى. سوۋېت رۇسىيە ئارمىيىسى 1920-يىلى بۇ ئىككى خانلىقنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىدە جەدىتچىلەرگە تاياندى، جەدىتچىلەرمۇ ئۇلارغا ۋاسىتە بولدى. (18)
سوۋېت مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن جەدىتچى ئاپتورلار 1919-يىلىدىن باشلاپ ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلىپ كەتتى. مىر ياقۇپ خۇلات، ماغجان جۈماباي، ئابدۇرەئۇف فىكرەت، ئابدۇلھەمىد سۇلايمان(چولپان) قاتارلىق شائىرلار ئىدىيىسىنى(مەيدانىنى) ئإزگەرتمەي، سوۋېت مەدەنىيەت ئىدارىلىرىدە مىللىي مەپكۈرە ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئإز ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. جەدىتچىلەرنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تەسىرى بار شائىرلىرىدىن سەدرىددىن ئەينى، ھەمزە ھەكىمزادە(نىيازى)، ئابدۇللا ئەۋلاتى ۋە سەكەن سايغۇللەن قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى ۋە باشقا ھەرىكەتلىرى سوۋېت كوممۇنىزم روھىنى ئىپادىلەش رولىنى ئويناشقا باشلىدى.
سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تۈركىستاندىكى رەھبەرلىرى 1930-يىلىغا قەدەر جەدىتچىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە پائالىيەتلىرىگە يول قويدى. لېكىن، 1934-يىلىدىن باشلاپ جىددى ھالدىكى <<ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش>> شۇئارى ئاستىدا جەدىدىزم مەپكۈرەسىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىدە بولدى. جەدىتچىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھايات كىشىلىرىنىڭ زور بىر قىسمى سوۋېت دإلىتى، كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە مەدەنىيەت مۇئەسسىسەلىرىدە 1937-يىلىغا قەدەر ئىشلىيەلىدى. سوۋېت ھإكۈمىتى بۇلارنى نازارەت ئاستىدا ئىشلەتتى، لېكىن ھاياتىغا چېقىلمىدى.
سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ 1937-1939-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان <<دإلەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئورگانلىرىنى خەلق دۈشمەنلىرىدىن ۋە مىللەتچىلەردىن تازىلاش>> سىياسىتى نەتىجىسىدە جەدىدىزمنىڭ سوۋېت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان بارلىق ۋەكىللىرى قولغا ئېلىندى. بۇلارنىڭ كإپچىلىكى <<ترويكا>>(ئۈچ كىشىلىك مەخپىي سوت)نىڭ قارارى بىلەن ئېتىپ ئإلتۈرۈلدى.
دېمەك 1939-يىلى تۈركىستاندا جەدىدىزم ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقان يىلى ھېساپلىنىدۇ. جەدىتچىلىك كوممۇنىزم ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى ئاستىدا مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللىي دإلەت ھاياتىغا ئىرىشىش يولىدىكى ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. جەدىتچىلىك ھەرىكىتى تۈركىستاندىكى ئىدىيىۋى ھايات تارىخىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە داۋاملىشىشقا مەجبۇر باشلىدى. جەدىدىزمغا خاتىمە بىرىش مەسىلىسىدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئېنسىكلوپېدىيىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:<< جەدىدىزم سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشىدە سىياسىي پارتىزانلىق(باندىتىزم) شەكلىنى ئالدى.... جەدىتچىلەر چەتئەل جاھانگىر ھإكۈمەتلىرىنىڭ جاسۇسلىرىغا ئايلىنىش رولىنى ئوينىدى.... جەدىدىزم ئاخىرى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزىم غەلىبىسىدىن كېيىن يوقىتىلدى(19)
سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ جەدىدىزمنىڭ سىياسىي پارتىزانلىق شەكلىنى ئالغانلىقى ۋە چەتئەل ئۈچۈن جاسۇسلۇق رولىنى ئوينىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرى تإھمەتنىڭ بىر كإرۈنىشىدۇر.
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بەزى ئاشكارا پائالىيەتلىرىنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىستانلىق ئىلغار كىشىلەر ئارىسىدىكى جەدىدىزم روھىدىن كېيىنكى كۈنلەرگىچە قۇتۇلالمىدى. تۈركىستانلىق بەزى تارىخچى ۋە ئەدەبىياتچىلار 1956-يىلىدىن كېيىن جەدىدىزم ئىلمىنىڭ بىر تارىخىي ۋەقە سۈپىتىدە قارىلىشى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلىرى بولسا ئاشكارا ھالدا جەدىدىزم ئارزۇسىنى – غايىسىنى قوغداش ئىستىكىدە بولدى. كوممۇنىزم ھاكىمىيىتى بۇلارغا قارشى سەپ ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئإزبەكىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى شەرەف راشىدوف ھاكىمىيەتنىڭ تەلەپلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:<< بەزى كىشىلەر ستالىننىڭ شەخسكە چوقۇنىشقا قارشى كۈرەش بىلەن بىرلىكتە جەدىتچىلىك ۋە ئۇنىڭ غايىسىنىمۇ ھېمايە قىلىش ئىستىكىدە بولماقتا. بىز بۇنىڭغا خەيخاھلىق قىلمايمىز ۋە يولمۇ قويمايمىز. شەخسكە سېغىنىش دەۋرىدە بەزى جەدىتچىلەر ۋە ئۇلارغا يېقىن مۇئەللىملەر، يازغۇچىلار ۋە گېزىتچىلەر بېسىم ئاستىغا ئېلىندى. كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇلار كەچۈرۈم قىلىندى. ئەمما، ئەكسىيەتچى ۋە ئەكسىلئىنقىلاپچى بولغان جەدىدىزم كەچۈرۈم قىلىنمىدى. پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم جەدىتچىلىكنىڭ ئاساسىي غايىسى ئىدى. كىمكى جەدىتچىلىكنى ھېمايە قىلىش ھەركىتىدە بولسا ئۇ دۈشمەننى ھېمايە قىلغان بولىدۇ.(20)
بۈگۈنكى تۈركىستاندا جەدىدىزم يوق. پەقەت سوۋېت ھاكىمىيىتىدە جەدىدىزم ۋەھىمىسى مەۋجۇت. جەدىدىزم مەپكۈرەسىنىڭ قالدۇرغان تەسىرى بار. تۈركىستاندا ئإز دەۋرىنىڭ جەدىتچىلىرى شائىر ئابدۇللاھ ئاۋلانى تىلىدىن <<ئويغان ئەي مىللەت ئۇيقىدىن، ھەسرەت چېكىمىز>> دەيتى. بۈگۈنكى زىيالىلار مىللەتنىڭ ئويغانغانلىقىنى سېزىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنى ئورنىدىن تۇرۇشقا چاقىرماۋاتىدۇ، لېكىن مىللەتنى مۇستەقىللىقنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ.


ئىزاھلار:
(1)زىيا گإكئالپ:<<تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق ۋە زامانىۋىيلاشماق>>، تۈرك مەدەنىيەت نەشرىياتى، 12-بەت، 1974-يىلى، ئىستانبۇل.
(2) سەدرىددىن ئەينى: << بۇخارا ئىنقىلابى ئۈچۈن ماتېرىياللار>>، 9- 10-بەتلەر، 1926-يىلى، موسكۋا.
(3)نىكولاي خانىكوف:<<بۇخارا خانلىقى ھەققىدە بايانلار>>، 220-،221 - بەتلەر، 1843-يىلى، پېتىربورگ. ئەرجۈمەنت كۇرات:<<رەشىد پاشا>>، <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>،9 -توم،701- ،705-بەتلەر.
Ediqe Kirimal:<< Der mationale Kampf der krimturken>> ,Emsdetten/West,1962،9-12.
سائىد ئاھمەد جەفەر:<<گاسپىرالى ئىسمائىل ئەپەندى>>، 248-بەت، 1948-يىلى، ئىستانبۇل. مۇستەجىپ ئۈلكۈسال:<<قىرىم تۈرك تاتارلىرى>>،144-،155-بەتلەر، 1980-يىلى، ئىستانبۇل. ھۈسەيىن بايقارا:<<ئەزەربەيجاندا يېڭىلىنىش ھەرىكىتى >>، 148-،170-بەتلەر، 1966-يىلى، ئەنقەرە. ئاكدېس نىمەت كۇرات: <<قازان تۈركلىرىنىڭ مەدەنىي ئويغىنىش دەۋرى>>)1917-يىلىغا قەدەر(، 103-، 106-بەتلەر، 1969-يىلى، ئەنقەرە.
(4)ئاكدېس نىمەت كۇرات: <<قازان تۈركلىرىنىڭ مەدەنىي ئويغىنىش دەۋرى>>)1917-يىلىغا قەدەر(، 103-، 106-بەتلەر، 1969-يىلى، ئەنقەرە.
(5)مۇستەجىپ ئۈلكۈسال:<<قىرىم تۈرك تاتارلىرى>>، 146-بەت، 1980-يىلى، ئىستانبۇل.
(6) ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:<<بۈگۈنكى تۈرك ئىلى)تۈركىستان( ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى تارىخى>>،1-توم،542-بەت، 1942-1947-يىلى، ئىستانبۇل.
(7) ك.ئې. بېنىدرىكوف:<<تۈركىستاندىكى مىللىي مائارىپ تارىخىنىڭ ئۇچېرىكلىرى>>، 260-،262-بەتلەر، 1960-يىلى، موسكۋا.
(8)ي.ت(تاھىر چاغاتاي):<<تۈركىستاندا تۈركچىلىك ۋە خەلقچىللىق>>، 2-توم،24 -بەت، 1954-يىلى، ئىستانبۇل.
(9) مۇنەۋۋەر قارى توغرىسىدا تۈۋەندىكى ئەسەرلەرگە قاراڭ:<<ياش تۈركىستان>> ژورنىلى، پارىژ -- بېرلىن،1934-يىلى 54-سان. بايمىرزا ھايىت<<تۈركىستان رۇسىيە بىلەن جۇڭگۇ ئوتتۇرىسىدا>>،245-،246-بەتلەر، 1975-يىلى، ئىستانبۇل. ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:<<بۈگۈنكى تۈرك ئىلى)تۈركىستان(ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى تارىخى>>،1-توم، 335-،357-،362-،406-،503-،506-،520-بەتلەر، 1942-1947-يىلى، ئىستانبۇل. بايمىرزا ھايىت :<<مۇنەۋۋەر قارىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە ئىسلاھاتى>>،1952- يىلى، 76-سان، 14-،17-بەتلەر. ئىبراھىم يارقىن:<<تۈركىستاندا ئويغىنىش>>، <<تۈرك مەدەنىيەت تەتقىقاتلىرى>>، ئەنقەرە،1965-يىلى،1-2-سان، 161-،172-بەتلەر.
(10) مۇنەۋۋەر قارىنىڭ بۇ ئەسىرى مەۋلانە ئەزەم ھاشىمى تەرىپىدىن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھرىدە 1965-يىلى قايتىدىن نەشىر قىلىندى.
(11)<<تۈرك يۇرتى>>،ھىجىرىيە 1335-يىلى، 4-توم،2175-بەت.
(12)خەيرۇللاھ خوجايېف:<<بۇخارا ئىنقىلابىغا دائىر>>،6-بەت، 1926-يىلى، تاشكەنت.
(13) نىزامنامىنىڭ رۇسچە تەرجىمىسى ئۈچۈن ئا.ئارسانى، خ. گابدۇللانىڭ <<رۇسىيىدىكى پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزمنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى>>دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ، موسكۋا،1931-يىلى، 133-،134-بەتلەر. ئىستانبۇلدىكى جەمئىيەت نىزامنامىسىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى بۈگۈنگە قەدەر قولغا چۈشىرەلمىدۇق.
(14) سەدرىددىن ئەينى:<<بۇخارا ئىنقىلابى ئۈچۈن ماتېرىياللار>>، 87-بەت.
(15)ب.گ.غاپۇرۇف:<<تاجىك تارىخى>>، 451-بەت، 1949-يىلى، موسكۋا.
(16)بايمىرزا ھايىت :<<تۈركىستان رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا>>، 301-بەت. <<سوۋېت رۇس ئىمپېرىيالىزمىنىڭ تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ئىزلىرى>>، 60-بەت، 1965-يىلى، ئوتېرىئود/ نېئىدىرلاند.<<تاشكەنت كوممېنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى>>،95-بەت،1958-يىلى، تاشكەنت.
(17)ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:<<بۈگۈنكى تۈرك ئىلى)تۈركىستان(ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى تارىخى>>،1-توم، 10-بەت، 1942-1947-يىلى، ئىستانبۇل.
Helene Carered- Encosse, Reforme et Revolution chez les Mosolmans de’l impire Russe, Bukhara,1867-1924, Pars, 1966,244-266.
بايمىرزا ھايىت:<<بۇخارا ۋە خىۋە مۇستەقىللىقىنىڭ يوقىتىلىش تارىخى توغرىسىدا بەزى مۇلاھىزىلەر>>،1967-يىلى، 12-،19-بەتلەر.
(18)<<سوۋېت چوڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى>>، 14-توم،199-بەت.
(19)<<شەرق ھەقىقىتى>>گېزىتي، تاشكەنت، 1962-يىلى،1-ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى سانى. كۈزېتوۋچى(بايمىرزا ھايىت)نىڭ <<نىمە ئۈچۈن جەدىتچىلىكتىن قورقىدۇ>> دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ. <<مىللىي تۈركىستان>> ژورنىلى،1963-يىلى 94-سان، 28 -،30-بەتلەر. <<شەرق يۇلتۇزى>>ژورنىلى، تاشكەنت،1980-يىلى، 8- سان،100 -بەت.
(20)<<شەرق ھەقىقىتى>> گېزىتي، تاشكەنت، 1962-يىلى،1-ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى سانى. كۈزېتوۋچى(بايمىرزا ھايىت)نىڭ <<نىمە ئۈچۈن جەدىتچىلىكتىن قورقىدۇ>> دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ. <<مىللىي تۈركىستان>> ژورنىلى،1963-يىلى 94-سان،28 -،30-بەتلەر.

ئۈستىگە قايتىش
irtish
يېڭى ئەزا
Rank: 1



رەت نۇمۇرى: 946
نادىرلىرى: 0
جۇغلانما : 24
يازما: 19
كۆرۈش ھوقوقى: 10
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2008-2-6
ھالىتى: توردا يوق
شىنجاڭدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە تۈركىستاندىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.گەرچە شىنجاڭدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ۋە سەۋىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا(تۈركىستان)نىڭكىگە يەتمىسىمۇ،لېكىن بۇ ھەرىكەت پۈتكۈل يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز.

ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-6 23:41
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى