ماۋزۇسى: گۆكتان: سەن ( تۈركچە-ئۇيغۇرچە)
aypalta
ئالى ئەزا
Rank: 4


ئىجاتچان ئەزا   ئالاھىدە تۆھپە  
رەت نۇمۇرى: 140
نادىرلىرى: 2
جۇغلانما : 789
يازما: 142
كۆرۈش ھوقوقى: 50
خەتلەتكەن ۋاقىت: 2007-4-8
ھالىتى: توردا يوق
گۆكتان: سەن ( تۈركچە-ئۇيغۇرچە)

سەن

نە كېچىلەرنى، نە كۈندۈزلەرنى كۆردۈم،
ئەڭ ۋاز كېچىلمەس قەسەملەردىن ياندىم.
سەن كەبىنى كۆرمىدىم، ھېچكىمنىمۇ سۆيمىدىم،
يالغۇزلا قالدىم ئەمدى، كۈلۈشنىمۇ ئۇنۇتتۇم.

سەن ۋاقتىدىن بەك كېيىن كەلگەن،
سەۋدالىق بىر ياغمۇر كەبى سەن.
تارام- تارام كۆزلىرىمدىن.
سەن ئەسەبىي شائىرلارنىڭ
تىتىرىگەن مىسرالىرىدا يېزىلغان پەرىسەن.
پەنجىرىلەر ئۈستىدە قۇرۇپ كەتمەكتە
سەندىن قالغان گۈللەر،
كۆلەڭگەڭ كۆزلىرىمدە، يىغلىماقتىمەن.
پەنجىرىلەر ئۈستىدە قۇرۇپ كەتمەكتە
ئاشۇ گۈزەل يىللار
كۆلەڭگەڭ كۆزلىرىمدە، بىز ئۈچۈن يىغلىماقتىمەن.

كۈن تۇغقاندا، باشقا بىر شەھەرنىڭ
سەھەر پەيتىدە بولىمەن.
ھەر كىشىنىڭ بىر ھېكايىسى بولىدۇ،
مېنىڭمۇ مانا مۇشۇنداق.
بۇ سەھەر پەنجىرەڭگە باق،
بۇ چوڭ شەھەرنى ساڭا تاشلاپ كەتتىم.
باشقا بىر شەھەرنىڭ سەھىرىدىن،
باشقا بىر دىلدا، ئەلۋىدا!



sen



Ne geceler ne gündüzler gördüm,
En vazgeçilmez yeminlerden döndüm.
Görmedim senin gibi, sevmedim hiç kimseyi,
Yapayanlizim şimdi unuttum gülmeyi.

Sen vaktinden çok sonra gelen,
Sevdali bir yağmur gibisin.
Çizil çizil gözlerimden.
Sen çildirmiş şairlerin
Titreyen misralarinda, bahsettiği O perisin.
Pencereler önünde çürürken,
Senden kalan çicekler,
Hayalin gözlerimin önünde, hala ağliyorum.
Pencereler önünde çürürken,
O güzelin yillarin
Hayalin gözlerimin önünde, bize ağliyorum.

Güneş doğduğunda başka birşehrin
Sabahinda olacağim.
Her insanin bir öyküsü vardir ya,
Benimki de böyle işte
Bu sabah pencerene bak,
Bu koca şehri sana biraktim.
Başka bir şehrin sabahindan,
Başka bir dilde elveda.


بۇ يەردىن ئاڭلاڭ:
http://www.youtube.com/watch?v=2xEzk3uHmN8


ئۈستىگە قايتىش
 



نۆۋەتتىكى ۋاقىت رايونى GMT+8, ھازىرقى ۋاقىت 2009-6-4 01:23
新ICP备07000889号

Powered by Discuz! 5.5.0  © 2001-2007 Comsenz Inc چۆكمە تازىلاش ئالاقىلىشىڭ - ئىجادىيەت مۇنبىرى Archiver - يانفۇن شەكلى